نۇرلالە |
2014-05-16 18:30 |
« ساداقەت » ھېكايىسىنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمى توغرىسىدا
« ساداقەت » ھېكايىسىنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمى توغرىسىدا 7,.3'cCL^ bXx2]E227 قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە ئاتاقلىق يازغۇچى زۇردۇن سابىرنىڭ « ساداقەت » ھىكايىسىنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمى – تىلى، قۇرۇلمىسى، پىرسۇناژلار خارەكتىرى ۋە ھازىرقى جەمىئىيىتىمىزدىكى ئىجابىي رولى توغرىسىدا نوقتىلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ. bg =<) s ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ساداقەت، بەدىئىي ئۈنۈم، ئىجابىي رول. LE'8R~4.< « ساداقەت » ئاتاقلىق يازغۇچى زۇردۇن سابىرنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ھېكايىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ھېكايىدە يېزا تۇرمۇشى ئاساس، شەھەر تۇرمۇشى قۇشۇمچە قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. مىرا بوۋاينىڭ ھالال جۈپتىگە بىر ئۆمۈر سادىق بولىشى، ھۆرلىقانىڭ سۆيگەن يارىنى « ئۆلۈپ كەتتى » دەپ خەۋەر كەلگۈچە چىن ئەقىدە بىلەن ساقلىشى، يارىنىڭ بولسا كۆڭۈل، پۇل، مەنسەپنىڭ كەينىگە كىرىپ ئاخىرى مۇھاببەتتىنمۇ، ئىللىق ئائىلىدىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ]ZbZ] ھېكايە تۆۋەندىكىدەك بەدىئىي ئۆنۈمگە ئىگە قىلىنغان: ++d%D9*V< 1. پېرسۇناژلار خاراكتىرىنى يارىتىش جەھەتتە: cl'#nLPz; يازغۇچى پېرسۇناژلارنى سوبيىكتىپ پەرىزىگە بېقىندۇرىۋالماستىن بەلكى ئۇلارنى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، پېرسۇناژلارغا مايىل بۇلۇپ، پېرسۇناژلارنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. پېرسۇناژلارنىڭ پىسخىك دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى يۇرۇتقان. ri]"a?Rm ئاپتۇر ھېكايىدە مىرا بوۋاي بىلەن يارىنى ھەر قايسى جەھەتلەردىن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى، پىسخىكىسى، تۇرمۇش ئادىتى، ياشاش مۇھىتى قاتارلىق ئىنچىكە دېتاللارغىچە جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن. Z
ZMz0^V 2. باش تېمىنى ئىپادىلەش جەھەتتە : m?@0Pf}xa يازغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغىتىشنى مەقسەت قىلىپ ۋەقەدىن كۆرە ئىدىيىنى ئاساسلىق مەقسەت قىلىشقا ئالاھىدە كۈچىگەن. شۇڭا بۇ ئەسەر ئوقۇرمەنلەرگە پەلسەپىۋىي مەنە ئاتا قىلىپ چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ ھەمدە ھېكايىدىن ھالقىتىپ تېخىمۇ چوڭقۇر مەنە دېڭىزىغا شۇڭغۇتىدۇ. ھېكايىدە ئاپتۇر مىللىي ئەنئەنىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان مېھىر – مۇھەببەت، ۋاپا – ساداقەت، كۆيۈمچانلىقنى ئولۇغلاش بىلەن بىرگە ۋاپاسىزلىق، ئاتا-ئانىغا كۆيۈنمەسلىك، ھوقوق- ئابرۇينى دەپ ئادىمىيلىكنى دەپسەندە قىلىشتەك ئىدىيىۋىي چوڭقۇرلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىدىيە قاتلىمىنىڭ تىرەنلىكى ۋە يۈكسەكلىكىنى نامايەن قىلغان. Y\e8oIYu7 3. ھېسسىياتنى ئىپادىلەش جەھەتتە: @ uF$m/g ھېسسىيات-پروزا ئەسەرلىرىدىكى مۇھىم ئۆلچەمنىڭ بىرى. KiaQ^[/q مەزكۇر ھېكايىدە سوژىت قۇرۇلمىسىدىن تاكى پېرسۇناژلارنىڭ تەقدىر-قىسمىتىگىچە، پېرسۇناژلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن تاكى مۇھىت تۈزۈلىشىگىچە ھەممىسى ھېسسىياتنى چۆرىدەپ راۋاجلاندۇرۇلغان. #cF ?a5 مۇۋاپىق سىڭدۈرۈلگەن ھېسسىيات ئەسەرنى ئىنسانىي مۇھاببەتكە تويۇندۇرىدۇ. $ lC*q ھېكايىدىكى تىراگىدىيەلىك تۈس يەنى يارىنىڭ ئۆمۈرلۈك بەخىتسىز قىسمىتى دەسلەپتە ئوقۇرمەنلەردە نەپرەت تۇيغۇسى ئويغاتسا، ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا ھېسداشلىق تۇيغۇسى ئويغىتىدۇ. &l | |