查看完整版本: [-- ئادەم بەدىنىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى بەش چوڭ چەك --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> ئادەم بەدىنىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى بەش چوڭ چەك [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-05-15 22:45

ئادەم بەدىنىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى بەش چوڭ چەك

f%|S>(   
ئادەم بەدىنىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى بەش چوڭ چەك z5vryhX_Z  
yBe/UFp+  
يۈ ۋېن SW; b E  
IRU2/Ycg  
جاپپار رۇسۇل تەرجىمىسى X 
YiJu48J  
ئادەم بەدىنىنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى قانچىلىك؟ Q|1bF!#(1  
G 6, 8Xwk  
ئامېرىكىنىڭ ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماك داننى 1920-يىلىدىن بۇيانقى تۈرلۈك يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىلىرىنىڭ دۇنيا رېكورتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئوخشاش قانۇنىيەتكە بوي سۇنغاندا نەتىجىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىپ بارىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاياللارنىڭ يۈز مېتىرغا يۈگۈرەش نەتىجىسى 1977-يىلى مۇقۇملىشىشقا قاراپ ماڭغان، ئەرلەرنى قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرەش نەتىجىسى بولسا يەنىلا يۇقىرىلاپ بارغان، لېكىن ناھايىتى تېزلا ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن-يۈز مېتىرلىق 9.48 سېكۇنتلۇق رېكورت، پەقەت يامايكىلىق ئۇچار ئادەم بورت ساقلاپ كەلگەن دۇنيا رېكورتىدىن 0.1 سېكۇنت ئاز بولغان. ئىنسانىيەتنىڭ سۈرەت چەكلىمىسىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل تەنھەرىكەتچىنىڭ كۈچى ۋە ئېغىرلىق نىسبىتى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىكەن، يەنە مەلۇم نۇقتىدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان مۇسكۇل ۋە تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان قول-پۇتنىڭ ئەۋزەللىكى ئېشىپ كەتكەن ئېنېرگىيەنىڭ سەرپىياتى بىلەن يېيىشىپ كېتىدىكەن. E\zhxiI  
I;v`o{  
ئادەم زادى قانچىلىك بىر نەرسىنى ئەستە ساقلىيالايدۇ؟ PGKXzp'  
Hj\~sR$L-  
1986-يىلى، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار كىشىلەرنىڭ سۈرەت ۋە ئۇچۇر كۆرگەن ۋاقتىدا قانچىلىك ئۇچۇر سەزگۈسى ۋە ئاغزاكى ئۇچۇرنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قانچىلىك تېز سۈرئەتتە ئۇنتۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلغان. مۆلچەر ھېسابلاش ئارقىلىق، قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۆمرىدە تەخمىنەن 125 مىگابايتلىق ئۇچۇرنى ساقلايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. توغرا تەرتىپ بويىچە بىر قاتار ئۇزۇن ساننى خاتالاشماي توغرا ئەستە ساقلاش ئۇچۇر ياكى سۈرەتنى ئەستە ساقلاشقا قارىغاندا تېخىمۇ تەس ئىكەن. نۆۋەتتىكى دۇنياۋى ئەستە ساقلاش چېمپىيونى، جۇڭگولۇق لۈ چاۋ 2005-يىلى 67 مىڭ 890 خانا چەمبەر كونستانتىنى يادلىغان. لۈ چاۋ 40 مىڭ خانىلىق چەمبەر كونستانتىنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن تەخمىنەن مىڭ سائەت سەرپ قىلغان. Pc7: hu  
w!}1oy  
ئادەم بەدىنى قانچىلىك تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ yd72y'zi  
2mUu3fZ  
ئادەمنىڭ يادرولۇق بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃37. ئەگەر ھەم زەي، ھەم شامال چىقىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ℃20 لۇق مۇھىت تېمپېراتۇرىسى ھەددىدىن تۆۋەن مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پەقەت يادرولۇق بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃2 تىن چۈشۈپ كەتسىلا ھەددىدىن تۆۋەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى پەيدا قىلىدۇ-ئادەم ئالدى بىلەن سېزىمىنى يوقىتىشقا باشلايدۇ، ئاندىن يۈرەك رېتىمى نورمالسىزلىشىدۇ، تەخمىنەن ℃24 قا چۈشكەندە يۈرەك سوقۇشتىن توختايدۇ. بىر ئادەم مۇزدەك ئېقىندا 80 مىنۇت قاپسىلىپ قالغاندىن كېيىن قۇتقۇزۋېلىنغان، بۇ بىر مىسالدا ھەرىكەتلىنىۋاتقان مۇزدەك سۇ ئادەم بەدىنىنى سوۋۇتۇپ، نەپەس توختاش، يۈرەك سوقۇشى توختاش، چوڭ مېڭە ئاساسىي جەھەتتىن ئوكسېگىنغا موھتاج بولماسلىقتەك دەرىجىگە كەلتۈرۈپ قويغان، بۇنداق بولغاندا ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتى بولىدىكەن. PNKT\yd  
'y?|shV{]  
ئادەم يېمەي-ئىچمەي قانچە ئۇزاق ياشىيالايدۇ؟ tFaE cP  
Q: O>kCDV  
نەزەرىيە جەھەتتىن، ئادەم بەدىنىدىكى ماي، ئاقسىل ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى خوراپ تۈگىگەندە، ئادەم بەدىنى ئېنېرگىيە خوراپ تۈگەش سەۋەبلىك خىزمەتتىن توختايدۇ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئۆلىشى ئېنېرگىيىنىڭ پۈتۈنلەي خوراپ تۈگىشىنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئەگەر بەدەندە يېتەرلىك بولغان سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن B زاپاس ساقلانغان ماينىڭ ماددا ئالمىشىشىغا ياردەم بەرسە، سېمىز ئادەملەر تېخىمۇ ئۇزاق ياشىيالىشى مۇمكىن. #mhD; .Wg  
\+3Wd$I  
ئەڭ ئۇزاق تاماق يېمەسلىك رېكورتىنى ساقلاپ كەلگۈچى-ئېرلاندىيەلىك ئاشلىق ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگۈچى دانج دۇرت بولۇپ، ئاشلىق ئېلان قىلىپ 73 كۈندىن كېيىن ئۆلگەن. ۋىتامىن ۋە سۇ تولۇقلىغان ئەھۋال ئاستىدا، كىشىلەر بىر نەرسە يېمەي بىر يىل ياشىيالايدىكەن. ZZU8B?)  
&fW=5'  
ئادەم ئۇخلىماي قانچە ئۇزاق بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ `4H9f&8(  
-FN6sNvIh  
1963-يىلى 17 ياشلىق ئامېرىكىلىق لەندى كاتنا ياراتقان 264 سائەت ئۇخلىماسلىقتەك رېكورت ھازىرغىچە ئىلىم-پەن ئىسپاتلىغان ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئۇخلىماسلىق ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەرياندا، لەندى كاتنادا كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، خاتىرىسىدە مەسىلە كۆرۈلۈش ۋە دىققەت نەزىرىنى يىغالماسلىق، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش، گەپ-سۆزى مۈجمەل بولۇش ھەمدە خىيالى تۇيغۇ پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئۆلۈشكە سەۋەب بولۇش خاراكتېرلىك ئائىلىۋى ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئېرسىيەت كېسىلى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئۇخلىمايدىغان ۋاقتىنىڭ ئەڭ زور چەككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئەڭ ئاخىرىدا بىمارنى ئۇخلاش ئىقتىدارىدىن ئەھرۇم قىلىپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە جېنىنى ئالىدىكەن. Ue#yDTjc  
مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى J7ekIQgR  
g] 

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-05-18 13:27
شۇنداق ياخشى بىلدۈرگىلەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت !

گۈلنىھال 2014-05-18 19:07
‏بەزى قۇرلارنى ئوقۇپ مەنمۇ ھەيران قالدىم ، شۇنداق ياخشىكەن !


查看完整版本: [-- ئادەم بەدىنىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى بەش چوڭ چەك --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled