查看完整版本: [-- تۇللۇق3-يىللقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى سەمىگە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> تۇللۇق3-يىللقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى سەمىگە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرلالە 2014-05-15 17:58

تۇللۇق3-يىللقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى سەمىگە

i\Pr3 7 "  
تۇللۇق3-يىللقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات تەكرارىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش 52MCUl  
توغرسىدا ئويلىغانلىرىم N=Uc=I7C  
%bXsGPB  
       نۆۋەتتە،ئالىي مەكتەپكە ئىمتھان بىردىغان تۇللۇق3-يىللق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات تەكرارىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئنتايىن مۇھىم بىر خىزمەت بۇلۇپ قالدى . ئۇ بىر تەرەپتىن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات تەپەككۈرىنى ئۇرغۇتۇپ،ئىمتھان نۇمۇرنى يۇقۇرى ئۆرلتشكە تۈرۈتكە بولسا ،يەنە بىر تەرەپتىن شەھەرلەردىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارلىشىپ ئوقۇيدىغان ياكى خەنزۇ يولداشلار بىلەن ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللي ئوقۇغۇچىلار بىلەن يېزلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇمۇر پەرقىنى ئازايتىشنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلگە ئايلانماقتا . Yq J]7V\  
       ھەريىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتھان بىردىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە يېزا ئوقۇغۇچىلىرنىڭ خەنزۇ تىلدىكى نۇمۇرى شەھەر ئوقۇغۇچىلردىن خېلى تۈۋەن شۇڭا يېزا ئوقۇغۇچىلرنىڭ ئومۇمى نۇمۇرىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈپ، خەنزۇ تىلى نۇمۇرىنىڭ ئاجىزلىقنى تولدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملىك ئۇسۇللىردىن بىرى – تىل-ئەدەبىيات نۇمۇرىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشتۇر.  تىل-ئەدەبىيات تەكرارنى ياخشى ئېىلپ بېرىش ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە p'80d:  
ئەھمىيەت بىرشكە تىگىشلىك بولغان ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەتىگە مۇناسۋەتىلىك مۇھىم خىزمەتتۇر Q 
     تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ بىر نەچچە  قېتىملىق  تەكرار   ئېىلپ   بېرىش جەريانىدا   ھېس قىلغان تەجىربىلىرىمنى كەسىپداشلارغا  سۇنماقچىمەن. y^G>{?Tha  
1.مۇۋاپىق بولغان تەكرارلاش ماتىريالى بۇلۇش كىرەك .يەنى ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردا ئورتاق پايدىلندىغان ،ئەڭ مۇۋاپىق بولغان  ئومۇممي تەكرار ماتىريالدىن بىر پارچە ،ھەر قايسى مەزمۇنلار بويىچە تۈزۈلگەن سۇئاللار توپلىمدىن بىر پارچە ،«تەقلىدى ئىمتھان سۇئالىرى» توپلىمدىن بىر يۈرۈش بۇلۇشى ،ئۇنۇڭدىن باشقا تەكرار  قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىدا بۇنىڭدىن ئېلگىركى ئۈچ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتھان سۇئالىدىن بىر  نۇسخىدىن بۇلۇشى كېرەك.  g#qNHR  
  2.تەكرارنى تۇللۇق1-يىللىق دەرسلىكدىن باشلاپ دەرسلىك مەزمۇننى ئاساس قىلىپ يەتكۈزۈش كىرەك . r4?b0&Xq  
  3.بەزى مەسللەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى ،ئالدىنقى ۋە كىيىنكى مەزمۇنلارغا باغلنىشلىق تەرەپلىرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ،ئەڭ ئاددى يول بىلەن ئىشلەش ئۇسۇللىرنى خۇلاسىلەپ چىقىش كىرەك. zP&q7 t;>  
4.تەقلىدى ئىمتىھان سۇئاللىرنى ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىغا ئىككى ئاي قالغاندىن +zsZNJ(U  
تارتىپ باشلاش،ھەپتىسىگە ئىككى نۇسخىدىن جەمئى 15نۇسخا ئەتراپىدا سۇئال ئىشلەپ تۈگتىش كىرەك.  w;+ br  
5.ئىمتىھان ۋاقتىنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگۈتۈش كىرەك. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان SX+4 HJB  
سۇئالىدا تاللاش 10دىن 13كىچە،بوش ئۇرۇن 10دىن 12گىچە،تەھلىل قىلىش 25نۇمۇر ئەتراپىدا ،كۇنۇكمە ئىشلەش 20نۇمۇر ئەتراپىدا،يېزىقچىلىق 55نۇمۇر بۇلۇپ ،جەمىئى بەش چوڭ سۇئال 150نۇمۇر ،150مىنۇتتىن تەركىپ تاپقان .دېمەك ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر مىنۇتتا بىر نۇمۇر ئېلىش ئۆلچەم قىلىنغان . ئەمما بەزى ئۇقۇغۇچىلار ۋاقىتنىڭ كۆپرەكىنى تاللاش سۇئالىغا سەرىپ قىلۋېتىپ ،باشقا سۇئالدا نۇمۇر ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. j#VIHCz lr  
6)ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خەت سۇپىتى ،ئىملاسىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. Us-A+)r*!  

tawpek 2014-05-22 16:13
بۇنى تولوقسىزدىكى ئوقوغۇچىلارغىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ بىر خۇلاسە قىلىپ بىرەي. xmr|'}Pt[  
ZJ(rG((!  
تەشەككۇر  بۇ  خىل ئىزدىنىشلەر سەل يىتەرسىز ئىدى

ھاتەھاتەم 2014-05-23 10:16
ياخشى ئۇسۇللاركەن. l6 7KJ  
مېنىڭچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەييارلىقىنى تولۇق1-يىللىقتىن باشلىسا ياخشى بولامۇ دەپ سىناپ بىقىۋاتىمەن.

مەلىكەبېلقىس 2014-06-26 17:31
ياخشى ئۇسۇللار ئىكەن .مەنمۇ سىناپ باقاي.

رۇسلان 2014-06-27 09:44
ياخشى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.ئەجرىڭىزگە رەخمەت!


查看完整版本: [-- تۇللۇق3-يىللقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى سەمىگە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled