查看完整版本: [-- ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ مەنىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ مەنىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرلالە 2014-05-15 17:48

ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ مەنىسى

ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى مۇنداق ئىكەن: Wo7F  
ئومۇمىي ئاتالغۇ بولغان«مۇقام» __ ئورۇن، دەرىجە، دائىرە دېگەن مەنىگە ئېگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 12مۇقامنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا مەنىلىرى بار ئىكەن. *r=:y{!Yd  
1-«راك مۇقامى» __ ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش. a_ `[Lj  
2-«چەبىيات مۇقامى»__ نەپىس، گۈزەللىكنى سېغىنىش. gx&Tt  
3-«مۇشاۋىرەك مۇقامى»__ راستلىق، چىنلىق، توغىرلىققا تەلپۈنۈش. ) :\xHR4  
4-«چارگاھ مۇقامى»__خەلقنىڭ ئاسايىشلىققا، تاڭغا، گۈزەل ھاياتقا بولغان تەلپۈنىشى. j~+>o[c  
5-«پەنجىگاھ مۇقامى»__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى «بۇزرۇك مۇقامى» بولۇپ، ئۇلۇغلۇق، يۈكسەكلىككە تەلپۈنۈش. 2 A\,-*pc  
6-«ئۆزھال مۇقامى»__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى«كۆجەك مۇقامى»بولۇپ، كىچىك پېئىللىق . qOUqs'7/]  
7-«ئەجەم مۇقامى»__«ئەجەم» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، شۇ دەۋىردە ئەرەبلەر ئۇيغۇرلارنى ئەجەم دەپ ئاتىغان. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ناخشا-مۇزىكىسىنى ئەزىزلەش مەقسىتىدە ئەرەبلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىغان بۇ سۆزىنى ناخشا-مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللانغان. AN24Sf'`  
8-«ئوششاق مۇقامى»__ئاشىقلار، پىدائىيلار ، ئاشىقلار ساداسى. @E-\ J7 yh  
9-«بايات مۇقامى»__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى ساباھان بولۇپ، ئەسلەش دېگەن مەنىسى بار ئىكەن. ھازىرقى مەنىسى ياد ئېتىش، يورۇقلۇقنى ئىزدەش. Z0*ljT5|  
10-«ناۋا مۇقامى»__ جاسارەت، كۈچ-قۇۋەت. %^8^yZz  
11-«سىگاھ مۇقامى»__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى« پەسىللىك مۇقامى»بولۇپ، ئارىسلاننى ھەيران قالدۇرۇش دېگەن مەنىدە ئىكەن. سىگاھنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى«شىگاھ»بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى غەپلەتتىن ئويغىتىش، غەرەتلىنىش. KLL;e/Gf  
12-«ئىراق مۇقامى»__دەريا قىرغىقىنىڭ ئۆرۈلۈشى دېگەن مەنىسى بار بولۇپ، خەلقنىڭ قاينام-تاشقىنلىق روھى . 3T e^  
ئۇيغۇر 12 مۇقامى جەمئىي 268 ئاھاڭ(نەغمە)، 2700 مىسرادىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنى باشتىن-ئاخىر ئۇلاپ ئورۇنلاشقا 24 سائەت كېتىدۇ. 5i-Rglo  
     ~>:Z6Le@   
T 
^kgBa27  
hTM[8 ~<^  

بىلگەيار 2014-05-15 20:55
ياخشى ماتىريال ئىكەن.

گۈلنىھال 2014-05-15 21:26
‏ياخشى تىمىكەن ، رەھمەت سىزگە !

tutya 2014-05-16 20:47
ناھايىتى ياخشى تىما بۇپتۇ...پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى تىما ئىكەن....باشقۇرغۇچىلار نادىرلاپ قۇيساڭلار بۇپتىكەن

ھاتەھاتەم 2014-05-20 16:53
ياخشى تېما.نۇرغۇن ئادەم بۇ تېما توغرىسىدا ماتېريال سورىغان ئىدى.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ مەنىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled