查看完整版本: [-- ئەقىللىق ئانىنىڭ نەسىھىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئەقىللىق ئانىنىڭ نەسىھىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2014-05-15 12:58

ئەقىللىق ئانىنىڭ نەسىھىتى

ئەقىللىق بىر ئانا قىزىنى ئەرگە بەرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكىچە نەسىھەت قىلغان ئىكەن: A -8]4p::  
Z5wQhhH  
-ھەي قىزىم، بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ. باشقا بىر ئادەمگە يارۇ ھەمراھ بولدۇڭ. سەن ئۈچۈن بەخت-ئامەت تىلىگۈچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۇشبۇ نەسىھەتلەرنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇتقايسەن ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلىنارسەن. 2.{ 
^pfM/LQ@  
قىزىم، ئېرىڭ دۇنيا سەپىرىدە ساڭا ھەمراھ، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى، شادلىقتا بىلە شادلانغۇچى ھەمراھ بولۇش ئۈمۈدى بىلەن سېنى قۇبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسەن، ئۇ ھەرۋاقىت سەندىن رازى بولۇپ ياشىسۇن. [CV0sYEA  
l:#'i`;   
قىزىم، تېز كۈنلەردە ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسەن، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرىنى، بولۇپمۇ قېيناناڭ، قېيناتاڭنى ھۆرمەت قىل. ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ، ئۆز ئاتاڭدەك كۆر، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇغقانلىرىڭ ھېسابلا، قېينانا-قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل. مۇشۇ يېڭى تۇغقانلىرىڭنىڭ مىجەز-خۇلقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىل، ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان، چۈنكى بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. سەندىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار، ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنار. بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقتىن قالار ۋە ئاخىر كېسەل بولۇپ قالار. ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد، تىنىچ بولۇشىغا مۇھتاج. ئائىلىدە ئازىراق قايغۇ بولسا، ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتەر. 5(Q-||J  
C<^ S$  
قىزىم، ئېرىڭدىن ھېچقانداق سىرىڭنى يوشۇرما. ئېرىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭگە قارشى گەپ قىلما، چىرايىڭنى تۈرمە. ئەرلەر خوتۇنى تەرىپىدىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازىراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس. ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا، ئۇنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇت. قىزىم، ئېرىڭ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول. ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلما. ئېرىڭنىڭ مېلىنى ئاسىراپ تۇت، ئىسراپ قىلما. r|3u]rt  
VF7H0XR/k5  
قىزىم، ئۆيۈڭ رەتلىك، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن، بالىلىرىڭنى ئېرىڭگە ئامراق، ئېرىڭنى بالىلىرىڭغا كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىش. ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ. 73nmDZO|  
] 
قىزىم، بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق، تەدبىرلىك خوتۇنلار ئۈچۈن ئېغىر ئىش ئەمەس. ئەقىللىق خوتۇنلار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەنمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى ئۆز ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ. قىزىم، بەزى ۋاقىتتا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇنىڭ ئەيىبلىرى ھەققىدە ئازىراق سۆزلە. r9-)+R J  
o3OJI_ v &  
قىزىم، ئائىلە ھەرۋاقىت نېمەت ئەمەس، بەزى چاغلاردا زەھىرى، تىكىنى بولىدۇ. ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغوقچىلىق چۈشسە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن سۆزلە، قىزىرىشما؛ چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە، ھۆرمەت قىل، ئۇ ھەرقانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر. yN}<l%  
Lg6>\Z4  
قىزىم، بالاڭ بولسا ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسرا، مەكتەپكە بارغۇچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىل، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈر. /q`f3OV"  
lWU? R  
ئاياللار توغرۇلۇق ئۇلۇغلارنىڭ ھېكمەتلىرى D4+OWbf6  
Tr HUM4  
‘           ئىنسانلار دۇنياسىنى تۈزەتمەك زۆرۈر بولسا، ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىلەرنى گۈزەل خۇلققا ئىگە قىلىش بىلەن o6:p2W  
[#2z=Xg  
تۈزىتىڭلار، ئائىلە تۈزەلگەندىن كېيىن دۇنيا تۈزىلەر. 55x.Q  
qIgb;=V  
‘           بىر كىشى ئۆي سېتىپ پۇلىغا شۇنداق بىر ئۆي ئالمىسا، پۇلىنىڭ بەركىتى بولماس. I[v~nY~l`  
p \,PY  
‘           ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە مەرھەمەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قارىسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار 2ISnWzq;  
fYZ)5xnj  
قىلىشسا، پۈتكۈل گۇناھلىرى بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. 9xUAfU  
ئاياللارغا ئەڭ قىممەتلىك كىشى ئۆزىنىڭ ئېرى، ئەرلەرنىڭ قىممەتلىك كىشىسى ئانىسىدۇر. 1x4{~g\  
*.NVc  
مەزكۇر يازما تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىننىڭ <<ئىلمى ئەخلاق>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ كىتابنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2006-يىلى8-ئايدا نەشر قىلغان. OX)[?1m8  

بابۇر0725 2014-05-15 19:55
ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدىغان ھېكمەتلەركەن ھارمىغايسىز

ئەكبەرنىياز 2014-05-17 23:20
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

مەرىپەت0999 2014-05-21 16:55
ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بىرقانچە كۈن مۇنبەرگە كىرمىسەم،ئاجايىپ ئېسىل يازمىلارنى يوللاۋىتىپسىلەر-ھە!خەندان يازمىڭىزغا بارىكاللا!!!!!

tawpek 2014-05-22 00:04
ئادىمىيلىك يىتىلدۈرىدىغان تېمىلارغا بولغان ھەۋىسىڭىز باشقىچىكەن. z}> q/!q  
>l<`)4*H  
0X.(BRI~6p  
سۆيۆندق  سىزدىن، ئادىمىيلىك ھەممىنىڭ ئاۋۋىلى. cym 
,".1![b  
?Xdb%.   
دۋاملىق سۇنۇپ  تۇرۇڭ

مەلىكەبېلقىس 2014-06-17 23:53
ياخشى تېما ئىكەن ، قىزىمىزدىن بۇرۇنراق ئۆزىمىزمۇ قوبۇل قىلساق بولغىدەك.

ئارزۇيۇم 2014-06-19 16:31
ayallar biiwelixka tegixlik mohim tima ikan gK_^RE9~  
sizga taxakkur

ئەكبەرنىياز 2014-08-16 22:35
ئېسىل تېمىلارنى قانچە قېتىم ئوقۇسىمۇ ئادەمنىڭ ئوقۇغۇسى كېلىپلا تۇرىدىكەن . يەنە بىر قېتىم رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- ئەقىللىق ئانىنىڭ نەسىھىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled