گۈلنىھال |
2014-05-14 23:13 |
«دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دىكى خەرىتە (دائىرە) ھەققىدە ئۇنىۋېرسال
: `D[0 «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دىكى خەرىتە (دائىرە) ھەققىدە ئۇنىۋېرسال مۇلاھىزە _RG!lmJV ra\Moy ـــــــ ئەنۋەر سەمەد قورغان ــــــ $Xf1|!W%a% SX)giQLU t59"[kQ مەھمۇد كاشغەرىي سىزغان خەرىتىنىڭ ئـۇيـغـۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى D*+uH;ws Ojj:YLlY> «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» يالغۇز تـۈركىي تىللىرىنىڭ سېلىشتۇرما لۇغىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۆپ خىل ئىلىملەرگە چېتىلىدىغان ياكى كۆپ خىل پەنلەر بويىچە قىممىتى بار بولغان ئۇنىۋېرسال قامۇستۇر. «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دىكى كۆپ خىل پەنلەر بويىچە قىممەتنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغان بىر نۇقتا دەل ئەسەرگە قىستۇرۇلغان خەرىتە (دائىرە) نىڭ كارتوگرافىيىلىك (خەرىتەشۇناسلىق) قىممىتىدۇر. *z4n2" 1980 - يىلى 8 - ئايدا نەشر قىلىنغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» نىڭ ئـۇيـغـۇرچە نۇسخىسىدا مەھمۇد كاشغەرىي سىزغان خەرىتە ئـۇيـغـۇر ئىلىم ساھەسىگە مەلۇم بولغاندىن كېيىن، «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تەتقىقاتلىرىدا بۇ خەرىتە ئۈستىدە خېلى بىر مەزگىلگىچە ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلمىدى. قىسمەن خەنزۇ تەتقىقاتچىلىرى (مەسىلەن، جاڭ گۇاڭدا) «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك› ئەسىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە بۇ خەرىتىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى ھەققىدە دەسلەپ بولۇپ بەزى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2003 – يىلى ئارسىلان مامۇت ۋە تاشقىن جاببارلار «قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى» ژورنىلىنىڭ 2003 - يىللىق 1 – سانىدا «‹تـۈركىي تىللار دىۋانى› نىڭ كارتوگراپىيىلىك قىممىتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ خەرىتە ھەققىدە دەسلەپ بولۇپ بەزى چوڭقۇر مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزدى. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، خۇددىي «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تەتقىقاتى بىر قەدەر يۈزەكىي سەۋىيىدە توختاپ قېلىۋاتقىنىغا ئوخشاش (بۇ يەردە «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىكى تىل مەسىلىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ بەك يۈزە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇلدى.)، ئۇنىڭدىكى خەرىتە ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارمۇ دېگەندەك چوڭقۇر بولماي كەلدى. بولۇپمۇ خەرىتىدىكى ھەر بىر يەر – جاي ئىسىملىرىنىڭ تولۇق تەرجىمىسى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ۋاھالەنكى، مەزكۇر خەرىتە ئـۇيـغـۇرلارنىڭ جۇغراپىيە ئىلمى ۋە خەرىتەشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئىزدىنىشلىرىنىڭ دەسلەپكى سەمەرەسى بولۇش سۈپىتىدە، شۇ ھەقتە ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىش تولىمۇ مۇھىمدۇر. 1Sox@Ko مەھمۇد كاشغەرىي شىمالدا سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى ھاۋزىسى، يەتتە سۇ ۋادىسى، ئىلى ۋادىسى، ئالتاي تاغلىردىن جەنۇبتا سىرىلانكا ۋە ھىندىستانلارغىچە، شەرقتە چىن، ماچىن ۋە بىر قاتار ئـۇيـغـۇر شەھەرلىرىدىن تارتىپ غەربتە ئەرەب زېمىنلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىنلەرنى 10 يىلچە كېزىپ تەكشۈرۈپ، ئەشۇ يۇرتلارغا تارالغان تـۈركىي تىللىق قەۋملەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتى، ... قاتارلىقلارنى خاتىرىلەپلا قالماستىن، يەنە ئەشۇ يۇرتلارنى ”دائىرە“ دەپ ئاتالغان بىر خەرىتە شەكلى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن. مەزكۇر خەرىتە يالغۇز ئـۇيـغـۇرلارنىڭ خەرىتىچىلىك تارىخىدىلا ئەمەس، مۇھىمى ئۇ دۇنيا خەرىتىچىلىكى تارىخىدا ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتىدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم ئىلىم ساھىبلىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىدە ئەسەردىكى خەرىتىنى تەرجىمە قىلىپ ئـۇيـغـۇر ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى. ئەمما ئەشۇ خەرىتىلەرنىڭ ئـۇيـغـۇرچە تەرجىمىسىدە بەزى نۇقسانلار ھېلىھەم ساقلانماقتا. «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ سۈپەتلىك، سەۋىيىلىك بولۇشى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مەزكۇر خەرىتىنىڭ مۇكەممەل تەرجىمە نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تولىمۇ مۇھىمدۇر. بۇ ماقالىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىكى خەرىتە ھەققىدە تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتا بويىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ: gd'#K~? -o\$.Q3 1. «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دىكى خەرىتىنىڭ كارتوگراپىيىلىك قىممىتى: .+3= H@8h `Z]Tp1U «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دىكى خەرىتە ھازىرقى زامان كارتوگرافىيە ئىلمى نەزىرى بىلەن قارىغاندا بىر قەدەر مۇكەممەل خەرىتە بولۇپ سانىلىدۇ. ئېلىمىز ئالىمى جاڭ گۇاڭدا «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە مەزكۇر خەرىتە ھەققىدە توختىلىپ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» نىڭ مۆجىزە خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنىڭ بىرى ئۇنىڭدىكى يۇمۇلاق خەرىتە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز خەرىتىسىدە ئەينى دەۋردىكى تـۈركىي تىللىق قەبىلە، مىللەتلەر ھەم باشقا خەلقلەرنىڭ ناملىرىنى ۋە يەر - جاي ئىسىملىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ زېمىن يۈزىدە تارقىلىش ئەھۋالىنى ئەينى دەۋر ئەھۋالى بويىچە سىزىپ چىققان ھەمدە بەزى خەلق ۋە جايلارنىڭ ئورنى ھەققىدە «دىۋان» نىڭ تېكىست قىسمىدا ئىخچام ئىزاھ بەرگەن. «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دە زېمىننىڭ شەرقىي يېرىم شارىنىڭ كۆپ قىسمى يۇمۇلاق دائىرىگە ئېلىپ سىزىلغان؛ پۈتۈن ئاسىيا قىتئەسى ۋە ياۋروپا قىتئەسى شۇنداقلا ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمى خەرىتىگە كىرگۈزۈلگەن؛ شەرقتە ياپونىيەدىن غەربتە ئىسپانىيەگىچە، شىمالدا سىبىرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىن جەنۇبتا ھىندى ئوكيانغىچە بولغان دائىرىدىكى ئۆز دەۋرىدە مەۋجۇد بولغان دۆلەت ۋە شەھەرلەر، قۇملۇق ۋە تاغلار، ئاساسلىق دەريا ۋا دەريالار كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى مەلۇم بولمىغان دەۋردە سىزىلغان خەرىتىلەر ئىچىدە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى بىر قەدەر تولۇق بولغان خەرىتىدۇر. خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن يەر ناملىرى جەمئىي 105 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 60 تىن كۆپرەك دۆلەت ۋە شەھەر، تۆت دالا (ياماك دالىسى، باشقىرت دالىسى، باسمىل دالىسى ۋە تاتار دالىسى)، تۆت يۇرت (چۇمۇل يۇرتى، قايلار يۇرتى ۋە ئىككى يەردىكى قىپچاقلار يۇرتى)، بەش دەريا (ئېرتىش دەرياسى، ئىلى دەرياسى، ئىدىل دەرياسى، ئامۇ ۋە سىر دەريالىرى)، تۆت دېڭىز (كاسپىي دېڭىزى، ھىندى ئوكيان، ئۆلۈك دېڭىز ۋە نامى ئېنىق بولمىغان يەنە بىر دېڭىز)، ئۈچ تاغ (ئۆتۈكەن تېغى، قاراچۇق تېغى ۋە سەرەندىب تېغى)، بەش جايدىكى قۇملۇق، بىر سېپىل (ئىسكەندەر سېپىلى)، بىر تاغ ئېغىزى (خازار ئېغىزى)، بىر جىلغا (يەمار جىلغىسى)، شۇنداقلا ياۋايى ھايۋانلار ياشايدىغان ھەمدە بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەمىزاد ياشىمايدىغان ئافرىقىدىكى قۇملۇقلار ۋە شىمالىي قۇتۇپ رايونلىرى بار. ھەتتا ئىسلامىي رىۋايەتلەردىكى ئادەم ئەلەيھىسسالام ھىندىستاندىكى بىر تاغقا ئەرشتىن چۈشكەن دېگەن قاراش ۋە ئىسكەندەر سېپىلى توغرىسىدىكى رىۋايەت ئاساسىدا، ئادەم ئەلەيھىسسالام چۈشكەن جاينى ۋە ئىسكەندەر سېپىلىنىڭ ئورنىنىمۇ كۆرسەتكەن. ھەتتا جۇڭگو ئەفسانىلىرىدە مەۋجۇد بولغان ئاياللار دۆلىتى دېگەن بىر جاينىمۇ ئەسكەرتىپ قويغان. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەھمۇد كاشغەرىي سىزغان خەرىتىگە كىرگۈزۈلگەن ھەممىلا جايلار كىتاب تېكىستىدە ئىزاھلىنىپ كېتىلگەن ئەمەس، شۇنداقلا كىتابتا خاتىرىلەنگەن يەر - جايلار پەقەت خەرىتىگە كىرگۈزۈلگەنلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. خەرىتىدە كىتاب تېكىستىدە تىلغا ئېلىنمىغان بىرمۇنچە يەر نامى ئۇچرايدۇ. خەرىتىنىڭ يەنە بىر كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا مۇئەللىپ ئۆز دەۋرىدىكى ئىلىم ئەھلىنىڭ دۇنيا يۈزىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشىدەك ئەھۋالغا مۇۋاپىق ھالدا، زېمىن يۈزىدىكى بارچە قىتئەلەر، دېڭىزلار، تاغ - دەريالار، ... نى خەرىتىدە تىزىپ كۆرسىتىشتىن كۆرە، ئۆزى ئىگىلەپ ئالغان زېمىنلار ۋە ئۇلاردىكى مۇھىم دۆلەت، شەھەر، قەبىلە - قەۋملەر ۋە دېڭىز ھەم تاغۇ - دەريالارنى نۇقتىلىق تىزىپ كۆرسىتىشكە، ھەمدە ئۇلارنىڭ زېمىن يۈزىدىكى جۇغراپىيىلىك ئورنىنى توغرا ئىپادىلەشكە ئېتىبار بەرگەن. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز يۇرتىغا بولغان سۆيگۈ ھېسسىياتى بىلەن، مۇسۇلمان ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسلىرىنىڭ زېمىننىڭ مەركىزىنى مەككە دەپ تەسۋىرلەيدىغان خەرىتەشۇناسلىق چۈشەنچىسىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا، ئۆزى سىزىپ چىققان خەرىتىنىڭ مەركىزىي قىسمىغا ئـۇيـغـۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن بولغان كاشغەر، بالاساغۇن، قۇچۇ، بەشبالىق، چانبالىق، سۇلمى، ياركەند، چەرچەن، خوتەن، كۇچا، ئىسپىجاب، شاش، ..... قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇسۇلمان جۇغراپىيەشۇناسلارنىڭ زېمىننى يەتتە ئىقلىمغا بۆلۈپ تەسۋىرلەش ئۇسۇلىنى قوللانماي، زېمىن يۈزىدىكى مەۋجۇد قۇرۇقلۇق، سۇ (دېڭىز ۋە دەريا) لارنى ئۆ تەسۋىرى بويىچە سىزىپ چىققان، شۇنداقلا بەزى يۇرتلار ئارىلىقىدىكى مۇساپىنى پەرسەخ ياكى ئايلىق يول بىرلىكى بويىچە ھېسابلاپ خاتىرىلەپ قالدۇرغان. K7}EL|Kx «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشغەرىي مەزكۇر خەرىتىنى باغدادتا ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە كىتاب يېزىش مەزگىللىرىدە تۈزۈپ چىققان. ۋەھالەنكى 11 - ئەسىردىكى باغداد ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ئىدى. بۇ چاغدا باغدادتا بىر قىسىم مۇسۇلمان جۇغراپىيەشۇناسلار ئۆز ئەسەرلىرىدە دۇنيانىڭ ياكى زېمىننىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ئىدى. دېمەك، «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىكى خەرىتىنىڭ سىزىلىشىدا ئەشۇ دەۋردىكى جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى مەلۇم دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىدا شەك يوق ئىدى. ئەمما، «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىكى خەرىتە باشقا خەرىتىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىر قاتار ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگىدۇر. مەھمۇدتىن ئىلگىرى زېمىننىڭ خەرىتىسىنى بىر قەدەر تولۇق سىزىپ چىققان جۇغراپىيە ئالىملىرىدىن قەدىمكى يۇنان جۇغراپىيەشۇناسى كلاۋدىئۇس پتولېمىي Claudius Ptolemy 85~165?))، تـۈركىي تىللىق خەلقلەردىن يېتىشىپ چىققان ماتېماتىكا ئالىمى ئەبۇ مۇسا ئەل خارازىمىي (780~ 850)، ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسى ئىبنى ھەققەلىيلەر بار بولسىمۇ، ئەمما مەھمۇدنىڭ خەرىتىسى يۇقۇرىقى ئالىملار سىزىپ چىققان خەرىتىلەردىن بەزى جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە. يەنى، ئالدى بىلەن، بۇ خەرىتىدە ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن يۇنان دەۋرىدىكى ۋە ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى بەزى خەرىتىلەردىكىدەك ئەفسانىۋىي تەركىبلەر ئازراق. يەنە بىر تەرەپتىن مەھمۇد كاشغەرىي ئۆتكەنكى دەۋرلەردىكى خەرىتىلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا، ئۆز خەرىتىسىدە دېڭىز - ئوكيانلارغا كۆپ ئورۇن بەرمەي، ئادەم ياشايدىغان جايلارنى سىزىشقا كۆپرەك ئېتىبار بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇمۇلاق «خەرىتە» نىڭ ئەتراپىنى يېشىل رەڭدە بوياپ سىزىش ئارقىلىق، زېمىن ئەتراپىدا دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ بارلىقىدىن دالالەت بەرگەن. ]#]m_+} Z «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىكى خەرىتىدە زېمىننىڭ يۈزى بۆلەكلەرگە بۆلگەندە، ئاپتور ”... زېمىنى“، ”... يېرى“، ”... دۆلىتى“ ياكى ”... دۆلەتلىرى“، ... يۇرتى“، ”... دالىسى“، ”... ۋادىسى“ دېگەندەك ناملارنى قوللىنىپ، شۇ يەرلەرنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، بەلكى مىللەت ياكى قەبىلە تەۋەلىكىنى ئىشارە قىلغان، شۇنداقلا دەريالارنى ئاتىغاندا ”ئىلى ۋادىسى“، ”ئىتىل ۋادىسى“ دېيىش ئارقىلىق، شۇ دەريالانىڭ ئېقىنى ئەتراپىنىمۇ كۆرسەتكەن. خەرىتىدە ئوتتۇرىسى سېرىق رەڭدە بويالغان يۇمۇلاق قارا چەمبەرلەر ھەم شەھەرلەرنى كۆرسىتىشكە، ھەم دۆلەتلەرنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇنى ئەينى دەۋردىكى خەرىتەشۇناسلىقنىڭ بىر خىل يېتەرسىزلىكى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا ئەينى دەۋردىكى دۆلەتلەر ئىچىدە شەھەر - قەلئە بەگلىكلىرىمۇ ھەم ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى چوڭ دۆلەتلەرمۇ بار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەھمۇدنىڭ بۇنى سىياسىي مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان زېمىن بىرلىكلىرىنى چىقىش قىلىپ ئوخشاش بەلگە بىلەن ئىپادە قىلغانلىقى دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا ئەرەب تىلىدىكى ” بـلـد “ ياكى ” بـلاد “ نىڭ ھەم دۆلەت، ھەم شەھەر دېگەن قوش مەنىسىنىڭ بارلىقىدەك ئەھۋالدىن كېلىپ چىققان نەتىجە دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ! *\)7D يۇقۇرىقىلاردىن سىرت، «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىكى خەرىتە كارتوگراپىيە ئىلمى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىلمىيلىككە ئىگە. بۇنىڭ ئىپادىلىرى شۇكى: (gBP`*2 (1) «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دىكى خەرىتىدە تۆت تەرەپ ئۇقۇمى ئېنىق. «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىكى يۇمۇلاق خەرىتىنىڭ تۆت ئەتراپىغا شەرقى، جەنۇب، غەرب ۋە شىمال دەپ ئايلانما شەكىلدە خەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خەرىتە ئىچىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ جايلاشقان جۇغراپىيىلىك يۆنىلىشلىرىدىمۇ خاتالىق يوق. ئەمما ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەھمۇد كاشغەرىيدىن بۇرۇنقى جۇغراپىيە ئالىملىرىدىن بەزىلەر زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزغاندا، زېمىن يۈزىنىڭ مېرىدىئان ۋە پاراللېللارغا ئايرىلغان خەرىتىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەسىلەن، يۇنان ئالىمى پتولېمىي بىلەن ئەرەب ئالىمى ئەل خارازىمىيلەر ئەشۇنداق خەرىتىنى سىزىپ چىققان ئىدى. كاشغەرىي خەرىتىسىدە ھازىرقى زامان خەرىتەشۇناسلىقىدىكى زېمىن يۈزىنى مېرىدىئان ۋە پاراللېل بويىچە بۆلۈش ئۇسۇلىنى قوللانمىغان، ياكى ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسلىرى ئىشلىتىپ كەلگەن زېمىن يۈزىنى يەتە ئىقلىمغا بۆلۈش ئۇسۇلىنىمۇ قوللانمىغان. باشقا خەرىتىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مەھمۇد كاشغەرىي سىزغان خەرىتىنىڭ بىر كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىكى - ئۇنىڭدا تۈرلىك ئىقلىم ۋە بەلباغلارنى شۇنداقلا دېڭىز - ئوكيان، ... غا ئوخشاش ئادەمسىز رايونلارغا خەرىتىدىن كۆپ ئورۇن بەرمەي، ئادەم ياشايدىغان جايلارنى گەۋدىلەندۈرۈش، جۈملىدىن تـۈركىي تىللىق قەۋملەرنىڭ زېمىن يۈزىدىكى جايلىشىش ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش بولغان. \UFno$;mA (2) نىسبەت ئۇقۇمى ئېنىق. مەھمۇد كاشغەرىي ھەر قايسى جايلارنىڭ ئارىلىقىنى پەرسەخ (بىر پەرسەخ 6.24 كلومېتىرگە تەڭ.) ۋە ئايلىق يول بىرلىكى بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈپ ھېسابلاپ، خەرىتە يۈزىگە چۈشۈرگەن. شۇڭا خەرىتىدىكى ھەر قايسى شەھەر ياكى دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىقىنى ماسىشتاب بولمىغان ئەھۋالدىمۇ نىسبەتەن توغرا قىياس قىلغىلى بولىدۇ. xB:,l'\G (3) توغرا شەرتلىك بەلگىلەر بار. «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىكى خەرىتىنىڭ تۆت بۈرجىكىگە قىزىل سىياھ بىلەن ”يېشىل: دېڭىز“، ”كۆكۈچ: دەريا“، ”قىزىل : تاغ“ ۋە ”سېرىق: قۇملۇق“ دەپ يېزىپ قويۇلغان بولۇپ، مۇناسىپ ھالدا خەرىتىدىكى دېڭىزلار يېشىل رەڭ بىلەن، دەريالار كۆكۈچ رەڭ بىلەن، تاغلار قىزىل رەڭ بىلەن، قۇملۇقلار بولسا سېرىق رەڭ بىلەن ئىپادىلەنگەن. بۇ ھازىرقى زامان خەرىتەشۇناسلىق ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ توغرا ۋە ئىلمىي ئىش، شۇنداقلا مەھمۇد كاشغەرىيدىن ئىلگىرىكى جۇغراپىيەشۇناسلار سىزىپ چىققان خەرىتىلەردە يوق بىر ئىشتۇر. پتولېمىينىڭ خەرىتىسىدە گەرچە رەڭ ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما زېمىن ئاقۇش رەڭدە، دېڭىزلار سۇس كۆك رەڭدە ئىپادىلەنگەندىن سىرت، قالغان جايلىرىدا رەڭلەرنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىلىرى ئېنىق ئەمەس. بىر قىسىم كىشىلەر مەھمۇد كاشغەرىي سىزىپ چىققان خەرىتىدىكى رەڭلەرنى كېيىنكى كىشىلەر ھازىرقى زاماننىڭ خەرىتىچىلىك بىلىملىرى بويىچە تولۇقلاپ بويىغان بولۇشى مۈمكىن، دېگەندەك بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۈمكىن. بۇ مەسىلىدە شۇنداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇكى، ئالدى بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي زامانى مەدەنىيەت جەھەتتە خېلى تەرەققىيات بارلىققا كەلگەن دەۋردۇر. بۇنداق دەۋردە مۇپەسسەل بىر قامۇسنى تۈزگەن ھەم دۇنيا خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ئىلىم ئىگىسىگە ئكز خەرىتىسىفگە رەڭ بېرىش ئانچە قىيىن ئىش بولمىسا كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ كىتابە رويابقا چىققاندىن تارتىپ 20 – ئەسىردە ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغانغا قەدەر ئارىلىقتا مەزكۇر ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ياكى باشقا ترەپلەردىكى مەزمۇنىغا كېيىنكى كىشىلەرنىڭ بىر نەرسە قىستۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق. «دىۋان» نىڭ تېكىست قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەر ۋە دۆلەتلەر، قەبىلە – قەۋملەر ۋە باشقىلار ھەققىدىكى خاتىرىلەر مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ خەرىتىنى سىزىپ چىققانغا لايىق كۆپ بىلىم ئىگىسى، جۈملىدىن جۇغراپىيە ئىلمىدىن تولۇق خەۋىرى بار شەخس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مۇناسىپ رەۋىشتە، مەھمۇد كاشغەرىي سىزغان خەرىتىدە شەھەر ۋە دۆلەتلەر، قۇملۇقلار، تاغلار ۋە دەريا - دېڭىزلار رەڭ جەھەتتە بىر بىرىگە ياخشى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، زېمىن يۈزىدىكى يۇقۇرىقى تۆت خىل تىپىك جۇغراپىيىۋىي ھادىسىلەرنىڭ بىر بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن ھالىتى ئەقىلغە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا، خەرىتىدە رەڭ جەھەتتىكى ماسلىق، مۇرەككەپلىك ئىچىدىكى ئېنىقلىق، گۈزەللىك ئۆلچىمى بويىچە نەپىسلىكتەك ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىپ چىققان. مۇشۇلارغا ۋە ھازىرقى زاماندىكى مۇكەممەل خەرىتىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ خەرىتىسىنى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن خېلى سەۋىيىلىك ۋە توغرا خەرىتە دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. uy\<t (4) «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىكى خەرىتە يۇمۇلاق سىزىلغان بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭدىن زېمىن يۇمۇلاق دېگەن مەنا چىقمىسىمۇ، شۇنداقلا مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دە زېمىننىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىگە مەلۇم بولغان زېمىنلارنى تولۇق يۇمۇلاق دائىرە ئىچىگە ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۆز دەۋرىدە يەر يۇمۇلاق قارىشىنىڭ تىكلىنىپ بولغانلىقىدىن، ھېچبولمىغاندا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يەرنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن دالالەت بېرىدىغان بىر ئەھۋالدۇر. XOzPi*V** ئېنىق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ خەرىتىسى بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ مۇكەممەل يەر خەرىتىسىدۇر. ئۇنى مۇكەممەل دېيىشىمىزدە يۇقۇرىقى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتقاندىن باشقا، مۇھىمى ئۇنىڭدىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن گىرىك جۇغراپىيە ئالىمى كلاۋدىئۇس پتولېمىينىڭ كىتابىدا يەر يۈزىنىڭ پاراللېل ۋە مېرىدىئانلارغا بۆلۈنگەن ئىزاھى ۋە خەرىتىسى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەرىتە يوقاپ كەتكەن، پەقەت 1482 – يىلىغا كەلگەندە مەلۇم بىر ئالىم تەرىپىدىن ئۇنىڭ كىتابىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن، مەزكۇر خەرىتە قايتا سىزىپ چىقىلغان. ئەمما پتولېمىينىڭ خەرىتىسىنى «دىۋان» دىكى خەرىتىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلىك ئەمەس. يەنە بىرى مەھمۇد كاشغەرىيدىن سەل بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى مۇسا ئەل خارازىمىيمۇ يەر يۈزىنىڭ پاراللېل ۋە مېرىدىئانلارغا بۆلۈنگەن خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى زامان خەرىتەشۇناسلىقىدىكى ئۆلچەملەر بىلەن قارىغاندا، مەھمۇدنىڭ خەرىتىسى يەنىلا كۆپ جەھەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ فارس ئالىمى ئەبۇ رەيھان بىرۇنىينىڭ خەرىتىسىدىن كۆپ ئارتۇقتۇر. zR
h1 %j=dKd> 2. «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دىكى خەرىتىدىكى يەر ناملىرىنىڭ تەرجىمىسى مەسىلىسى: / _v5B> N( E\ «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» نىڭ 1980 - يىلى نەشر قىلىنغان ئـۇيـغـۇر تىلىدىكى نۇسخىسىدا ئۇنىڭدىكى يۇمۇلاق خەرىتە قىستۇرۇلغان، ئەمما ئۇنىڭ ئـۇيـغـۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى بېرىلمىگەن. «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» نىڭ 2002 - يىلى 2 - ئايدا نەشر قىلىنغان خەنزۇچە نەشرىدە مەزكۇر خەرىتىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى قىستۇرما قىلىنغان. خەرىتىنىڭ بۇنىڭدىكى تەرىجىمىسىدە تەرجىمانلار خەرىتىدىكى يۇرتلارنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلغاندىن بشقا، بەزى يەر ناملىرىنى خەنزۇچىگە ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلماستىن، بەلكى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ترانسكىرپىسىيە قىلىپ قويغان. يەنە بەزى يەر ناملىرىنىنىڭ ھەن خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىنى ھەم لاتىنچە ترانسىكىرپىسىيىسىنى بەرگەن. ئەمما خەرىتىنىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسىدا يەنىلا بەزى نۇقسانلار ساقلانغان. بىز بۇ ھەقتە توختالمايمىز. يېقىنقى مەزگىلدە بىر قانچە ئىلىم ساھىبى «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىكى خەرىتىنىڭ ئـۇيـغـۇرچە تەرجىمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەرىتىنىڭ ئوخشىمىغان تەرجىمە نۇسخىسىنى بەزى ژورناللاردا ئېلان قىلدى. مەسىلەن، مۇھەممەد ئەلى قاتارلىقلار «قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى» ژورنىلى (2003 - يىللىق 1 - سان) دا ئېلان قىلغان ئـۇيـغـۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. ئەمما خەرىتىنىڭ بۇ تەرجىمىسىدىمۇ كۆپ خاتالىقلار ساقلانغان بولغاچقا، بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى (ئەنۋەر سەمەد قورغان) «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دىكى خەرىتىنى ئـۇيـغـۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىۋېلىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىر قەدەر توغرا ئويغۇرچە تەرجىمىسىنى ھازىرلاپ، «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2004 - يىللق 5 - سانىدا ئېلان قىلدى. شۇنداقتىمۇ مەزكۇر خەرىتە ئەسلىدە ئەرەب تىلىدا بولغانلىقى، شۇنداقلا بەزى يەر ناملىرىنىڭ زىيادە تۇتۇق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭدىمۇ بەزى يەر جاي ناملىرىنىڭ تەرجىمىسى دېگەندەك توغرا بولماي قالغان. يەنە بىرى، مەزكۇر خەرىتىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ۋە ئىككى خىل ئـۇيـغـۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىدا ئەينى بىر يەر نامىنىڭ ئۈچ خىل تەلەپپۇز قىلىنىشىدەك ئەھۋالمۇ ئۇچرايدۇ. دېمەك، مۇشۇنداق پەرقلەرنى ھەر خىل يەر ناملىرىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى تەلەپپۇز قىلىنىش شەكلىنى تەكشۈرۈش ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» نىڭ باشقا مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرىدىكى خەرىتىدىكى يەر ناملىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق توغرىلاشقا توغرا كېلىدۇ. %KNnss} «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» كە كىرگۈزۈلگەن خەرىتىدىكى كۆپ قىسىم يەر ناملىرى ئىلىم ساھەسىگە تونۇشلۇق بولۇپ، بۇ يەر ناملىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھەققىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تىمۇ ئېنىق ئىزاھ بار. بىراق نامى ئىزاھلانمىغان بەزى يەر ناملىرىنىڭ توغرا شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ نىسبىي ئورنىنى بېكىتىش «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» نىڭ جۇغراپىيەشۇناسلىق ئىلمى بويىچە قىممىتىنى تولۇق تونۇشتا ئەھمىيەتلىك ئىش بولسا كېرەك. شۇ مەقسەددە بىز تۆۋەندە مەزكۇر خەرىتىدىكى بەزى يەر ناملىرىنىڭ توغرا تەرجىمىسى ۋە نىسبىي ئورنى ھەققىدىكى پىكىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. (:2:_FL x*}j$n( Oa «خەرىتە»دىكى بەزى يەر ناملىرىنىڭ تەرجىمىسىگە ئىزاھ: @i&LKr8 K"VphKvR
ئىككى ئىراق: بۇ «دىۋان» دا ئەرەبچە ”ئىراقەين“ (الىراقين) دەپ ئېلىنغان. قەدىمكى جۇغراپىيىلىك ئاتاش ئۇسۇلى بويىچە، ئىراق چېگرىسى ئىچىدىكى كۇفە بىلەن بەسرە شۇ نام بىلەن ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ”ئىككى ئىراق“ ئىراقنىڭ ئەرەبلەر ئولتۇراقلاشقان تۈزلەڭلىكلىرى بىلەن ئەرەب بولمىغان مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان تاغلىق يەرلىرىنى كۆرسىتىشكىمۇ ئىشلىتىلگەن. مۇناسىپ ھالدا مەھمۇد كاشغەرىي مەزكۇر يەر نامىنى ئىشلەتكەن. شۇڭا خەرىتىنىڭ تەرجىمىسىدە مەزكۇر ئىبارە ئەسلىگە سادىق ھالدا ”ئىككى ئىراق“ دەپ تەرجىمە قىلىندى. 7^'TU=ss_ سىجىستان: «دىۋان» دىكى خەرىتىدە ”سىجىستان“ دېگەن يەر نامى ئۇچرايدۇ. بۇ يەنە بەزى تارىخىي ۋە جۇغراپىيىۋىي كىتابلارنىڭ شەرھلىرىدە ”سىكىستان“، ”سىستان“ دەپمۇ ئېلىنغان. بۇلاردىن ”سىستان“ دەپ تەلەپپۇز قىلىنغىنى خاتادۇر. ”سىكىستان“ بولسا ياۋروپا ئاپتورلىرىنىڭ كىتابلىرىدىكى ئاتىلىش ئۇسۇلىدۇر. بۇ يەر قەدىمدە ئىران بىلەن ئافغانىستانىڭ بىر بۆلەك زېمىنىنى كۆرسىتەتتى. بۇنىڭ مەركىزى نەسرئاباد ئىدى. ,0NVb7F;k خۇزىستان: خەرىتىدە ”خۇزىستان“ دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۆلەت سىزىلغان. بۇ قەدىمدە تـۈركىي قەۋملەردىن تـۈركمەنلەر بىلەن فارسلار ئولتۇراقلاشقان بىر رايون ئىدىن. ھازىر بولسا ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خۇزىستان ئۆلكىسىنى كۆرسىتىدۇ. (f5!36mz فەرەڭ: «دىۋان» دا بۇ يەر نامىنىڭ ئەرەبچىسى ”ۋەرەڭ“ (ورنك) دەپ يېزىلغان. بىز بۇنى ”فەرەڭ“ دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ دەپ قارايمىز. چۈنكى، «دىۋان» دا مەھمۇد كاشغەرىي ئارىسىدا قاتتىقراق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ”ۋاۋ“ ( و) تاۋۇشىنى ئۈستىگە ئۈچ چېكىت قويۇلغان ”ۋ“ ھەرپى بىلەن يازغان. بۇنى ”ف“ يېقىن تەلەپپۇز قىلىش مۈمكىنچىلىكى بار بولغاچقا، شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ ياۋروپانىڭ ئەڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋەجىدىن، بىز ئۇنى ”فەرەڭ“ دەپ تەرجىمە قىلدۇق. بۇ ئەسلى فارسچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ تار مەنىدە فرانسىيىنى، كەڭ مەنىدە بولسا ياۋروپانى كۆرسىتىدۇ. «دىۋان» دىكى فەرەڭ فرانسىيىنى كۆرسەتسە كېرەك. &>0=v ئۇچ: بۇ يەردە ”ئۇچ“ ئۈچتۇرپاننى كۆرسىتىدۇ. ئۇچ ھەققىدە «ھۇدۇدۇل ئالەم» دىمۇ ئالاقىدار مەىكى ئاتىلىشى بولۇپ، بۇنى ئـۇيـغـۇر تىلىدىكى ئادەت ۋە بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ بويىچە 5p"n g8nR سەيھۇن: «خەرىتە» گە كىرگۈزۈلگەن ”سەيھۇن“ سىر دەرياسىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئاتىلىشى بولۇپ، بۇنىمۇ ئـۇيـغـۇر تىلىدىكى ئادەت ۋە بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ بويىچە ”سىر دەرياسى“ دەپ ئېلىش مۇۋاپىقتۇر. ?H eC+=/Z جەيھۇن: «خەرىتە» گە كىرگۈزۈلگەن ”جەيھۇن“ ئامۇ دەرياسىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئاتىلىشى بولۇپ، بۇنىمۇ ئـۇيـغـۇر تىلىدىكى ئادەت ۋە بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ بويىچە ”ئامۇ دەرياسى“ دەپ ئېلىش مۇۋاپىقتۇر. (*7edc"F مەغرىب ۋە ئەندەلۇسىيە: «دىۋان» دىكى خەرىتىنىڭ غەرب چېتىدە ”مەغرىب، يەنى ئۇ ئەندەلۇستۇر“ (اراگي المغاربە و ھي اندلس) دېگەن ئەرەبچە سۆز بار. بۇ يەردىكى مەغرىب تار مەنىدە ھازىرقى ماراكەشنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدە ئەرەب جۇغراپىيەشۇناسلىرى نەزىرىدىكى زېمىننىڭ ئەڭ غەرب چېتى بولغان جايلارنى، جۈملىدىن ماراكەش ۋە ئەرەبلەر ئىسلامنى كېڭەيتىش مەزگىلىدە بويسۇندۇرغان جەنۇبىي ئىسپانىيەنى كۆرسىتىدۇ. $EW31R5h قەيرۇۋان: خەرىتىدە ”قەيرۇۋان ۋە باشقا جايلار“ دېگەن بىر بۆلۈك زېمىن سىزىلغان. قەيرۇۋان ھازىرقى تۇنىس تەۋەسىدىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختا فاتىمىييە قاتارلىق بىر قانچە سۇلالىنىڭ پايتەختى بولغان. Sd'
uXX@ ھەبەشلەر دۆلىتى: خەرىتىدىكى ھەبەشلەر دۆلىتى ھازىرقى سومالىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى تارىخىي مەنبەلەردە بۇ يەنە ”ھەبەشىستان“ دەپمۇ ئاتالغان. wfM$JYfI بەربەرلەر دۆلىتى: «دىۋان» دا كۆرسىتىلگەن مەزكۇر دۆلەت ھازىر مەۋجۇد ئەمەس. مەزكۇر يەرنىڭ خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن ئورنى ۋە ھازىرقى سومالىنىڭ شىمالىدىكى ئەدەن قولتۇقىغا تۇتىشىدىغان بىر شەھەرنىڭ نامىنىڭ بەربەرە بولۇشىغا ئاساسلانغاندا، «دىۋان» دىكى بەربەرلەر دۆلىتى ئەنە شۇ سومالىي تەۋەسىدىكى بەربەرە شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ. Namw[TgJ LT!B]y «دىۋان» دىكى ئېنىقسىز بەزى يەر ناملىرى: '?E^\\"* Wd~aS
z9 «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» دىكى خەرىتىگە بەزى يەر ناملىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار ئىچىدە بەزىسى «دىۋان» ئىچىدە ئىزاھلانمىغان، بەزىسى بولسا ئىزاھلانغان. مەسىلەن، «دىۋان» دىكى خەرىتىدە ئۇچرايدىغان ”كەلىم“، ”ئاياللار دۆلىتى“، ”يەفەنچ“، ”ۋەجەنكار باشى“ (؟)، ”نەزەل“، … قاتارلىقلار. بۇلار بۇنىڭدىن كېيىن چوڭقۇرلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك» تەتقىقاتى داۋامىدا ئېنىقلانغۇسى. Kpz>si?CL ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ~;aSX1
/#
0@C[9 پايدىلانمىلار: s VY=~cVkzS 1. مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981 -، 1984 - يىلى نەشرى، ئـۇيـغـۇرچە، 1-، 2-، 3- توملار. SK;f#quUQ 2. مۇھەممەد ئەلى قاتارلىقلار تەييارلىغان «خەرىتە» نىڭ ئـۇيـغـۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى، «قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى» ژورنىلى 2003 - يىللىق 1 – سان. 5w}xjOYIjV 3. جاڭ گۇاڭدا: «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تـۈرك› ئەسىرى توغرىسىدا»، تاھىرجان مۇھەممەد تەرجىمىسى، «بۇلاق» ژورنىلى، 2002 –4 3i>$g3G 4. ئارسىلان قاتارلىقلار: «‹تـۈركىي تىللار دىۋانى› نىڭ كارتوگرافىيىلىك قىممىتى»، «قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى»، 2003 - يىللىق 1 - سان، ئـۇيـغـۇرچە. pRMM1&H [0/ ?(i| مەنبە: ‹‹ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹تـۈركىي تىللار دىۋانى› ›› ماقالىلەر توپلىمى، مىللەتلەر نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى @VxBURZ?
|
|