查看完整版本: [-- مانا بۇ ھەقىقىي بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجرىبە خۇلاسىسى...بۇژغۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> مانا بۇ ھەقىقىي بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجرىبە خۇلاسىسى...بۇژغۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2014-05-12 13:24

مانا بۇ ھەقىقىي بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجرىبە خۇلاسىسى...بۇژغۇن

ELgae1  
|`(? 
مانا بۇ ھەقىقىي بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجرىبە خۇلاسىسى >NOYa3  
تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن ,^+R%7mv  
1)ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل مەكتەپ بولماستىن،بەلكى );uZ4PNK/?  
  ئوقۇتقۇچى ۋە ھەر بىر ئائىلىدۇر. o4[2`mT  
2) ئەگەر ئائىلە تەربىيىسىدە مەسىلە كۆرۈلسە،ئوقۇغۇچى مەكتەپتە بىر قەدەر جاپالىق ئۆتىدۇ. SJ [@fUxO)  
نەتىجىدە ئۇ ئوقۇغۇچى مەكتەپنىڭ«مەسىلە بار ئوقۇغۇچىسى»غا ئايلىنىپ قالىدۇ.ئوقۇتقۇچىلارمۇ kN9sug^  
بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەستىن بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىدۇ ياكى چەتكە قاقىدۇ. eRx[&-c  
3)نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ ئانسى بولسا-ئادەتتە ئىشلارنى پىلانلىق،نىشانلىق ۋە تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىدىغان؛ھەركىتى چاققان ھەم توغرا بولغان؛ئۆي ئىشلىرىنى پۈتۈن مېھرى + $a:X  
بىلەن قىلىدىغان پەزىلەتلىك بولۈشى؛دادىسى بولسا-ئەستايىدىل،تەرتىپلىك،ئەدەپلىك،مېھرىبان 5G ]#yb74  
،ئىشچان،مۇناسىبەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۈشى مۇمكىن،شۇڭا،بالىسىنىڭمۇ نەتىجىسىمۇ ئەنە شۇنداق ياخشى چىقىدۇ.ئوقۇتقۇچى بۇنداق ئائىلىنىڭ پەرزەنتىدىن،بۇ پەرزەنتنى شۇنداق ئەقىللىق تەربىيەلەشكە ماسلاشقان ئەنە شۇنداق ئاتا-ئانىلاردىن پەخىرلىنىدۇ،سۆيۈنىدۇ.  ISnS;  
4)نامراتلىق ئەڭ ياخشى تەربىيەلەش مەنبەسىدۇر.لېكىن،قانچە نامرات بولسا بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شۈنچە پايدىسىزدۇر.ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىنى نورمال بىلىم ئېلىش ئارزۇسىنى قاندۇرغىدەك ئەڭ ئادەتتىكى ماتىريال بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىشى،ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش مۇھىتىنى   [aS)<^  
نامراتلىق ئېچىدە قالدۇرماسلىق كېرەك.ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىقىنى ئايىماسلىق كېرەككى،ھەرگىزمۇ كەمسىتمەسلىك كېرەك،بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ شۇنداق 8(_g]u#B;  
نامرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالغىنىدىن ئوڭايسىزلىنىپ يۈرگىنىنى ئاز دەپ،مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارمۇ "g:&Ge*X  
ئۇلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلمىساق،بىر ياخشى نوتىنى نابۇت قىلىۋىتىمىز،بۇ بىرىپ بىر پۈتۈن mV(x&`Cx  
مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. <:{[Zvl'k  
5) بايلىقمۇ يەنە بىر خىل ئەڭ ئالىي تەربىيەلەش مەنبەسىدۇر.غەرپلىكلەرنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا:«بىر ئاقسۆڭەكنى تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ تىرىشچانلىقى +$= Wms-z  
كېتىدۇ...ئۆزئارا قاتلاملىق ئىرسىيەت قالىدۇ...».لېكىن،ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك تەربىيەلەش مەنبەسى-ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا مۇھتاج.ئەگەردە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك تەربىيە ئۇسۇلىغا ئىگە بولمىسا، باي ئائىلە ئەكسىنچە،بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاپەت h7]]F{r5  
ئېلىپ كىلىدۇ. yoY)6cn@  
6) بىلىمسىز،مەدەنىيەتسىز ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇتقۇچى بولماسلىق كېرەك.بەزىلەر يۇقۇرى مەلۇماتقا ئىگە.لېكىن،مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ،ئەگەردە ئاتا-ئانا بولغۇچى،ئوقۇتقۇچى تۇرمۇشنى چۈشەنمىسە،باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى بىلمىسە،ھەتتا ئۆز بالىسىغىمۇ ،ئوقۇغۇچىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا،ئۇ ھەر قانچە چوڭ مەرتىۋىگە ئىگە بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا مەدەنىيەتسىز قارىلىدۇ. !6/IKh`J  
7) ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ كۆرۈشى كېرەك،چۈنكى،پەرزەنت تەڭرىنىڭ بىز ئىنسانلارغا تاپشۇرغان ئىسىل ئامانىتىدۇر.لېكىن،ئاتا-ئانا بولغۇچى ۋەبىلىم Isgk  
بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارشىنى ئۇنتۇلۇپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ.ناۋادا ئاتا-ئانا بولغۇچى ۋەبىلىم بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىلار ھەر كۈنى دېگۈدەك بالىلارىنىڭ كەينىگىلا كىرىۋىلىپ،ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئائىلە تۇرمۇشىنى ئۇنتۇلۇپ قالسا،بۇنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان يامان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا rH:X/i;D  
مۇستەقىللىق ئېڭىنىمۇ يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. 0o=)&%G  
8) ئاتا-ئانا،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى روشەنكى،ئەشۇ ئوماقلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ،خاراكتېرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا،ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ftqW3VW  
9)بالىلارنى ئالدى بىلەن بىلىم نوقتىسىدىن ئەمەس، «ئادىمىيلىك نوقتىسىدىن ھەقىقىي ئادەم» q4ko }jn  
قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالىساق،مانا بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ كاتتا شان-شەرىپىدۇر...بۇنىڭدا؛؛ئۇلار بىلەن تەڭ پىكىر يۈرگۈزۈش،ئۇلار بىلەن تەڭ چىنىقىش،ئۇلار بىلەن تەڭ ئويۇن ئويناش،ئۇلار بىلەن تەڭ پىلانلاش،ئۇلار بىلەن تەڭ پىلاننى ئىجرا قىلىش ھەم سىلىشتۇرۇپ باھالاشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. `6sQlCOnF  
10) مەيلى ئوقۇتقۇچى بولسۇن ياكى ئاتا-ئانا بولسۇن،بالىلارغا بىر ئىشنى تاپشۇرۇشتىن ئاۋۋال،ئۆزلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش كېرەك...بۇ ئاجايىپ كاتتا ئۇنسىز سىڭىپ كىرىش تەربىيىسىدۇر.....! -*l[:5m  
11) بالىلارنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستى بولۇڭكى،ھەرگىزمۇ ئۇلار نەزىرىدىكى «ساپاسىزلار»دىن `oWjq6  
بولۇپ قالماڭ. QGj5\{E_  
_NnO mwK7  
 +5mkMZ  
قەلەم تەۋرەتكۈچى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپتىن:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن v~cW:I  
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى  Ph{+uI  

ozqan 2014-05-12 16:08
قىممەتلىك تەجىربىلەركەن ، تۇرسۇن مۇئەللىم ... ھارمىغايسىز .

ھاتەھاتەم 2014-05-12 16:59
ئەگەر ئائىلە تەربىيىسىدە مەسىلە كۆرۈلسە،ئوقۇغۇچى مەكتەپتە بىر قەدەر جاپالىق ئۆتىدۇ. NmF2E+'  
نەتىجىدە ئۇ ئوقۇغۇچى مەكتەپنىڭ«مەسىلە بار ئوقۇغۇچىسى»غا ئايلىنىپ قالىدۇ.ئوقۇتقۇچىلارمۇ   =ApT#*D)o  
بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەستىن بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىدۇ ياكى چەتكە قاقىدۇ ناھايتى توغرائېيتىلغان.ئوقۇغۇچىنىڭ كانداق بولۇشى ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

tursun 2014-05-13 10:23
rahmat...!silarga.....!

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-05-13 14:36
      ئوستازنىڭ ھارماس،ئىزدىنىشچان روھى بىز ئۈچۈن ئۈلگە .مەزكور تېما ئۇقۇتۇش ئەمىليىتىگە يىقىن ،كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان تېما ئىكەن . ئوقۇغۇچى ۋە ئۈگۈنۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تەتقىق قىلىش ھەربىر مائارىپ خىزمەتچىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ،تۇرسۇن مۇئەللىم بىزگە ئۈلگە تىكلەپ بىرىپتۇ ،ھارمىغايلا ئوستاز !

سەئىدىيە 2014-05-13 23:50
ياخشى تىما ئىكەن . رەخمەت.

kok-sultan 2014-05-14 11:15
تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەنە بىر نەزەريىۋى پەللىگە كۆتۈرۈپ يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.

ئاچچىقگۈل 2014-05-16 09:33
ئەئىلە مۇھىتىدىن ئېيتقاندا،ئاتا-ئانا دەرقەمتە تەربىيىلىگەن بالا بىلەن،ئانىسى ياكى دادىسى بىلەن ياشىغان بالىلارنىڭ خاراكتېرىدە مەسىلىلەرگە بىر تەرەپلىمە قاراش خاھىشى ئېغىرراق بولىدۇ. xd<68%Cn  
بولۇپمۇ ئوغۇل بالىلارغا ئاتىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار ئاتىلاردىن جاسارەتنى،مەردانىلىقنى،تەۋەككۈلچىلىكنى ئۆگىنىدۇ. \O~7X0 <W  

ئاچچىقگۈل 2014-05-16 09:46
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىش،ئادا قىلىشنى ئائىلىنىڭ بىرىنچى كۈنتەرتىپىگە قويۇشى  كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، رېستۇرانچى باينىڭ ئوغلىنىڭ ھاجەتخانىدا  ئوكۇل يىڭنىسىنى بەدىنىگە سانچىغانچە قېتىپ قېلىشى،فېسسورنىڭ  باشقۇرالمىغان بالىسىنى كارۋاتقا باغلاپ بېقىشقا مەجبۇر بولۇشى،داڭلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ئەر-ئايال زىيالىلارنىڭ ئوغلى قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ،تۈرمىگە تاشلىنىشى...دەك رىئاللىق ئالدىدا ئاندىن ھوشىنى تاپىدۇ، كېچىكىدۇ. 6"(&lK\^  
.ئۇنداق ‹‹كاتتا››لار--دەردنى يەتكىچە تارتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە  ئەۋلاد ئەمەس،ئاپەت تەقدىم قىلىدۇ.

ئاچچىقگۈل 2014-05-16 09:47
فروفېسسورنىڭ--دېمەكچى. ) LG/n  
ئىملا خاتالىقى كېتىپتۇ،كەچۈرۈڭلار.

ئەكبەرنىياز 2014-05-17 23:43
ئاچچىقگۈلنىڭ دېگەنلىرىمۇ ئورۇنلۇق . ئۇستازنىڭ قەلەملىرىگە يەنىمۇ بەركەتلەر يار بولغاي !!!

32094 2014-05-18 00:00
«ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك تەربىيەلەش مەنبەسى-ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا مۇھتاج.ئەگەردە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك تەربىيە ئۇسۇلىغا ئىگە بولمىسا، باي ئائىلە ئەكسىنچە،بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاپەت ئېلىپ كىلىدۇ.» مەن بۇ پىكىرىڭىزنىڭ تۇلىمۇ توغرا ئىكەنلىگىنى قۇۋۋەتلەيمەن.بىزدە بايلار كۆپ،ئەمما ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا ئىگە ئاتا-ئانىلار ئاز...

tawpek 2014-05-18 00:09
قۇرۇق دەبدەبىدىن خالى ئەمەلىيەتتىن ئىلىنغان تەجرىبە خۇلاسىسى بولوپتۇ. I}X8-WFB  
 G r)+O  
~U|te_l  
بالىسى مەكتەپتە ئوقويدىغان ھەر بىر ئاتا-ئانا، ھەر بىر تەربىيلىگۈچى ئۇستاز ئىشخانىسى ۋە ئۆيىنىڭ تېمىغا ئىسىپ قويغۇدەك خۇلاسىكەن بۇ. ;g9+*$Gw  
~EBZlTN  
B06/mKZ7  
ئاپىرىن سىزگە،

مەۋجۇدە 2014-05-18 22:17
بىز ئۈچۈن ئۈلگە رەھمەت


查看完整版本: [-- مانا بۇ ھەقىقىي بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجرىبە خۇلاسىسى...بۇژغۇن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled