查看完整版本: [-- «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-05-12 12:58

«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا

                «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا 4r. W:}4:  
g= C 
                                ئوسمان ھەمەر 6b/b} vl  
S0+zq<  
(ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى 2011-يىللىق ماگىستىرانتى) %)9]dOdOk  
vy@Lu cB  
قىسقىچە مەزمۇنى: «قۇتادغۇبىلىك» 11-ئەسىردىكى يېتۈك نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقى، گۈزەللىكى، مەزمۇنغا باي، پاساھەتلىكلىكى نامايان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئەسەر قۇرۇلمىسىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ تەھلىل قىلىنىدۇ. sPg6eAd~?  
&%X Jf~IQ  
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: «قۇتادغۇبىلىك»؛ تىل ئالاھىدىلىكى؛ ئۇيغۇر H040-Q;S'  
A fN   
{,FeNf46  
«قۇتادغۇبىلىك» داستانى 11-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەھنىسىدە، شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەھنىسىدە چاقنىغان يېگانە يۇلتۇز بولۇپ، تىلى ئىنتايىن گۈزەل، پاساھەتلىك، ئاددىي، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ جەزبىدارلىقىنى ھەقىقىي نامايان قىلغان. Ro]IE|Fv  
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىمى، بۈيۈك مۇتەپەككۇرى، پەيلاسوپى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان بۈيۈك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىكى يازما ئەدەبىياتىدىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن تۇنجى بەدىئىي ئەسەر، 11-ئەسىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ، بولۇپمۇ 11-ئەسىر ئۇيغۇر بەدىئىي تىلىنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى. قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ھايات بىلەن ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيەنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە ئىپادىسى.  hu(K!>{  
بۇ ئەسەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئۆتكەن مەزگىلدىكى روھىي  ھالىتى، مىللىي پىسخىكىسى، ھايات ئىنتىلىشلىرى، ئەخلاق پەزىلىتى، ئىلىم-مەرىپەتكە بولغان تەشنالىقى، ئىدىيە ۋە قاراشلىرى، ئېستېتىكىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرى، پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ۋە تەبىئەت، قانۇن، دۆلەت قاتارلىق تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئىخچام، چۈشىنىشلىك تىللار بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بايان قىلىنغان پىكىرلىرىنىڭ ئىنچىكىلىكى، تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى، شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە مەزمۇننىڭ موللۇقى بىلەن بىزنى پۈتمەس-تۈگىمەس مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تەمىن ئەتتى. پۈتكۈل ئۇيغۇر تىل-مەدەنىيەت تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىدە زور تەسىر قوزغىدى. 5?L:8kHsH  
بۇ ئەسەردە كۈنتۇغدى ئىلىك، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش، ئۇدغۇرمىش قاتارلىق تۆت ئاساسىي ئوبرازنىڭ دىيالوگى ئارقىلىق قانۇن، ھاكىمىيەت، دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار، ئەدەپ-ئەخلاق، مائارىپ، تىل-ئەدەبىيات قاتارلىق ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىشلىق بولغان مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئۆتكۈر تىل بىلەن دەل جايىدا، ناھايىتى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. پۈتكۈل ئەسەردە تىلنىڭ رولى، ئوخشىمىغان مۇھىتتا تىلنى قانداق ئىشلىتىش، كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە كەيپىياتىغا قاراپ قانداق سۆزلەش، قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كونكرېت تەھلىل قىلىنغان. ئاپتور بۇ جەرياندا تىل تاللاشقا، تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سۆزلەرنى مۇۋاپىق، تەسىرلىك، ئىخچام ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەسەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگەن. |D`b7h  
تۆۋەندە بۇ داستاننىڭ تىل ئالاھىدىلىكى بىرقانچە نۇقتىدىن شەرھلىنىدۇ: k*3_) S -  
1. ئەسەر تىلىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى qb> r\bc  
1) داستان تىلىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل ئەسەر باشتىن- ئاخىر سوئال-جاۋاب شەكلىدىكى دىيالوگ ئاساسىدا قانات يايدۇرۇلغان. مۇشۇنداق چوڭ ھەجىملىك داستان مەزمۇنىنى تۆت پېرسوناژنىڭ دىيالوگى ئىچىگە يىغىنچاقلاش ئەسەر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى، ھەر كەسىپ، ھەر ساھە توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئاشۇ تۆت پېرسوناژغا سىڭدۈرۈپ، ئاشۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق روياپقا چىقارغان. liw 9:@+V  
   ئېلىگنىڭ ئايتولدىغا سوئالى: cvV?V\1f  
1010  ئېلىگ ئېيتتى : ئۇقتۇم بۇ سوزنىڭ بارىن، 199hQxib:  
      يەنە بىر سوزۇم بار، يوشۇرماي دىگىن: EXW 6yXLV  
1011  ئىشىتمەك كېرەك كىمدىن سوزنىڭ چىنى، 7! b)'W?  
      بولۇر سوزنى كىمگە دېسە، ئېيىت مۇنى. :KV,:13`D  
ئايتولدىنىڭ ئېلىگكە جاۋابى: 7{+Io  
1012  بۇ ئايتولدى ئېيىتتى: بىلىم ئەھلىدىن- ?9zoQ[  
       ئىشىت سوز، بىلىمسىزگە ئېيىتقىن كېيىن. )' x/q  
1013  كېرەك سوزنى چوڭدىن ئىشىتمەك كېرەك، M,_^hm7  
       كىچككە دېگۇلۇك، ئۇ قىلسۇن كېرەك. Ca5Sc, no  
يۇقىرىدا كىملەرنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىش، كىملەرگە يەتكۈزۈشتەك نەسىھەت خاراكتېرىدىكى سۆزلەر ئېلىگ بىلەن ئايتولدنىڭ دىيالوگى ئارقىلىق سوئال-جاۋاب شەكلىدە ناھايىتى جانلىق قانات يايدۇرۇلغان. `uNvFlP  
2) ئەسەر تىلىنىڭ نەزمىي ئۇسۇلدا قانات يايدۇرۇلىشى. بۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى يەنە بىر مۇھىم ئۇتۇقى ھېسابلىنىدۇ. t-eKruj+  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەردە ئىككىلىك شەكلىنى قوللىنىپ، ئۆتكۈر پىكىرلىرىنى نەزمىي شەكىلدىكى مىسرالار ئارىسىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن. ئەسەر نەزمىي شەكىلدە يېزىلغاچقا، ئەسەر تىلىنىڭ ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئەسەر مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئېنىق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. داستاننىڭ مىسرالىرى قاپىيە جەھەتتىن ئىنتايىن ماسلاشقان بولۇپ، شېئىرىي پۇراق كۈچلۈك، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، تاللاش، تاۋلاشتىن ئۆتكەن سۆزلەر ئەسەر تىلىنى تېخىمۇ گۈزەللىككە، پاساھەتلىككە ئىگە قىلغان. nl)_`8=  
84 باب 6645 مىسرادىن تەركىب تاپقان دىداكتىك ئەسەرنى نەزمىي ئۇسۇلدا روياپقا چىقىرىش مۇئەللىپتىن ئىنتايىن يۇقىرى تىل سەنئىتى تەلەپ قىلىدۇ. نەزمىي شەكىل ئەسەر تىلىنىڭ يەنە بىر مۇھىم قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. gJFR1  
ئاپتور ئەسەرگە ئاددىي، چۈشىنىشلىك، گۈزەل، يېقىملىق سۆزلەرنى تاللاپ، مىسرالارنى ماسلاشتۇرۇپ، مەزمۇننى جىپسىلاشتۇرۇپ، مۇكەممەل نەزمىي قۇرۇلما يارىتىشتا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. مەسىلەن: Ax5mP8S  
150. بىلىم بەردى ئىنسان زورايدى بۈگۈن، blRY7  
ئەقىل بەردى شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن. rmY,v  
152. بىلىمنى بۈيۈك بىل، ئوقۇشنى ئۇلۇغ، yPf?"W  
بۇ ئىككى يۈكسەلتۇر قۇلنىمۇ تولۇق. XAjd %Xv<  
154. ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بولۇر، /_NkB$&  
بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك تاپۇر. ?60>'Xj j  
155. ئەقىللىق ئۇقار ئول، بىلىملىك بىلۇر، Hnfvo*6d.e  
بىلىملىك، ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر. =}~NRmmF  
156. بىلىم مەنىسىنى بىل، بىلىم نېمە دەر، xL9:4'I  
بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسەل بولسا ئەر. P#AAOSlLV  
157. بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر، /6Y0q9  
داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۈر. W;^Rx.W  
يۇقىرىقىلاردىن، مۇئەللىپنىڭ نەزمىي ئۇسلۇبتا ئەسەر يېزىشتا ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيە ياراتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئاپتور سۆزلەرنى ناھايىتى جىپسىلاشتۇرۇپ، قاپىيە جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇپ، نەزمىي ئەسەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئاھاڭدارلىقنى يارىتىپ، ئەسەردىكى شېئىرىي پۇراقنى كۈچەيتىپ، ئەسەر تىلىنىڭ يارقىن، چۈشىنىشلىك، يېقىملىقلىقىنى ئاشۇرغان. A|2 <A !  
2. ئەسەر تىلىدا قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر H":/Ckok  
ئەسەر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى ئەلۋەتتە ئەسەردە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ئامىللارنىڭ، ئىدىيوم، ماقال-تەمسىللەرنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. _o\>V:IZ  
ئەسەردە ئاپتور چوڭقۇر مەنىلىك ئىدىيوملارنى، ماقال-تەمسىللەرنى كۆپلەپ قوللىنىش بىلەن بىرگە، سىمۋول، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، سۈپەتلەش، سېلىشتۇرۇش، رىتورىك سوراق، تەنە (كىنايە) قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ رولىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئەسەر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئەسەردىكى سىمۋول بىلەن جانلاندۇرۇش پۈتكۈل ئەسەرنىڭ جېنى بولۇپ، سىمۋول ئارقىلىق بىزگە ئادالەت، ئەقىل- پاراسەت، دۆلەت، قانائەت توغرىسىدا بىلىم بەرگەن: PoJmW^:}  
1) سىمۋول. ئاپتور ئەسەردە ئادالەت بىلەن ھەققانىيەتنى، بەخت-سائادەت بىلەن ئامەتنى، ئەقىل-ئىدراك بىلەن پەم-پاراسەتنى، سەۋر-تاقەت بىلەن قانائەتنى ئۆزىنىڭ غايىسى سۈپىتىدە، سىمۋولىستىك جانلاندۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ئەخلاققا ياتىدىغان ئابستراكت چۈشەنچىلەرنى ئادەملەشتۈرۈپ، كۈنتۇغدى، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش، ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت تۆت پېرسوناژنىڭ سوئال-جاۋابلىرى بىلەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق ئۆز غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۈنتۇغدى ئادالەتكە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: F|,6N/;!W  
809. قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن، R|-6o)$  
ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ كىشىن. i[PvDv"n  
817. كېرەك ئوغلۇم ئولسۇن، يېقىن تۇغقىنىم، #epy%>  
يولۇچى، ئۆتكۈنچى، بىرەر قونىغىم. J@]k%h  
818. ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا، CT*, 
بۆلەكچى بولماسمەن ھۆكۈم ئالدىدا. 3n48%5  
يۇقىرىقى مىسرالاردا كۈنتۇغدىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئادالەت، قانۇن، باراۋەرلىك توغرىسىدا توختىلىپ، پادىشاھنىڭ ئادالەتپەرۋەر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. W)4QOS&  
ئەسەردىكى ۋەزىر ئايتولدى بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان بولۇپ، ئالىم بۇ ئارقىلىق بەخت- سائادەتنىڭ قارارسىزلىقى، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ بىردىن بىر يولى گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مەسىلەن: LchnBtjn  
666. بۇ ئەردى كۆرسەتمەك ئۆزۈمنى ساڭا، euQ.ArF  
دېمەك مەن تۇراقسىز، ئىشەنمە ماڭا. |B^G:7c  
668. گۈۋەنمە بۇ بوش بەختكە قۇتلۇق كىشى، 8)wt$b  
ئىشەنمە بۇ بەختكە ئاتاقلىق كىشى. Y*LaBxt Q  
703. تاۋازۇلۇق ئولسۇن مېنى تاپقۇچى، O#_b7i  
كىچىك پېئىل سۆزنى يۇمشاق قىلغۇچى. xf,5R9g/  
710. تۇراقسىز بەختكە شۇلاردۇر كىشەن، ]Pc^#=(R0  
مۇشۇ خىلدا باغلانسا قاچماس، چۈشەن. <@uOCRb V  
بۇ مىسرالاردا ئايتولدىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئادەم كىچىك پېئىل، مۇلايىم، كەمتەر بولغاندا بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. +=@^i'  
ئۆگدۈلمىش ئەقىل-پاراسەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇ يۈكسەك ئەقىل-پاراسەتكە ۋە بىلىم ئارقىلىق دۆلەت ۋە پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان ئوبراز. ئودغۇرمىش بولسا قانائەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ھەممىدىن مۇرەككەپ ئوبرازدۇر، ئۇ چوڭ ئالىم، دانىشمەن، پەيلاسوپ بولسىمۇ، رېئال دۇنيادىن قول ئۈزۈپ، زاھىتلىق يولىنى تۇتقان ئوبرازدۇر. >wON\N0V_  
ئاپتور مانا مۇشۇنداق سىمۋولىستىك ئوبرازلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئادالەت، ئادىل قانۇن، ئىلىم-پەن، ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن باشقۇرۇش ھەققىدىكى ئىلغار قاراشلىرىنى نامايان قىلغان. :J_oj:0r"f  
2) جانلاندۇرۇش. جانلاندۇرۇش «قۇتادغۇبىلىك»تە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىدۇر، بۇ ۋاسىتە ئابستراكت چۈشەنچىلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇش ھەمدە ئەسەرنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇشتا چوڭ رول ئوينىغان. مەسىلەن: )najO *n  
86. بۇلۇت گۈكىرەپ چالدى خان دۇمبىغىن، |H)cuZ  
چېقىن چاقنىدى، تارتتى خاقان تۇغىن.  mw$ Y  
100. تۇرار بەخت ئىشىكتە خىزمەتكە كېلىپ، >%%=0!,yX  
قىلاي دەپ بىر خىزمەت ئۈمىدلەر قىلىپ. 4iX-(ir,  
6211. قۇياش يەرگە پاتتى، يوشۇردى يۈزىن، W Ox_y,  
پەلەك باشلىدى ئىستىمەكنى ئىزىن. )c<6Sfp^B  
6215. يوشۇردى يۈزىن يەرگە رۇمى قىزى، v548ysE)  
جاھان مەڭزى بولدى ئۇزەڭگى يۈزى. w9&#~k]5  
6221. ئېرەنتىر ئىندى يەرگە يېقىن، Z5)eREi=  
قۇياش باش كۆتۈردى ئۇ چاچتى نۇرىن. K&`Awv  
بۇ مىسرالاردىكى «بۇلۇت دۇمباق چالدى، بەخت خىزمەتكە كەلدى، قۇياش يۈزىنى يوشۇردى، جاھان مەڭزى، قۇياش باش كۆتۈردى» قاتارلىق سۆزلەردە جانلاندۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە ئوخشىتىش بىلەن بىللە قوللىنىلىپ، ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. @)0 Y~A )  
3) سۈپەتلەش. ئاپتور ئەسەردە سۈپەتلەشتىنمۇ دەل جايىدا پايدىلىنىپ، ئەسەرنىڭ تىل گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن : Lo` F  
22. بېزەتتىڭ يېشىل كۆكنى يۇلتۇز بىلە، Wc4vCVw  
يورۇتتۇڭ قارا تۈننى كۈندۈز بىلە. ~[ 18q+,  
43. ئىدى ئۇ مۇلايىم، قىلىقى سىلىق، RaNeZhF>M  
ھايالىق قولى كەڭ، سېخى، رەھىملىك. +VOb  
67. قۇرۇغان ياغاچلار كىيىندى يېشىل، TA;,>f*  
بېزەندى يىپۇن ھال، سېرىق، كۆك، يېشىل. |5ONFd e"0  
بۇ مىسرالاردىكى «يېشىل كۆك، قارا تۈن، مۇلايىم، سىلىق، ھايالىق، قولى كەڭ، سېخى، رەھىملىك، قۇرۇغان ياغاچ، يېشىل، ھال» قاتارلىقلار سۈپەتلەش بولۇپ، ئەسەر تىلىنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرغان، بۇ سۈپەتلەشلەر تىلنىڭ جەزبىدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. Oxa5Kfpa  
4) ئوخشىتىش. ئەسەردە ئوخشىتىشنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئەسەر تىلىنى چۈشىنىشلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. مەسىلەن: -Enbcz(B  
288. ئەقىلدۇر چىراقتەك قاراڭغۇ تۈنى، Xp^$ E6YFy  
بىلىم - ئۇ يورۇقلۇق، يورۇتقاي سېنى. <.$,`m,  
297. ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي، .0 X$rX=  
ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئۇچۇملا لاي. LDX y}hm)  
494. تونۇشسىز كىشىنى بىر قارىغۇ سانا، ua:9`+Dff  
يول ئازسا ئەگەر قارىغۇ سۆكمە يانا. Hdna{@~  
693. تىرىكلىك دىگەن ئۇ شامالدەك كېتەر، Lax9 "xI  
قاچار، تۇتسا تۇرماس، ئاڭا كىم يېتەر. HE9. k.sS  
يۇقىرىقى مىسرالاردا «ئەقىلنى چىراغقا، ئەقىلسىز ئادەمنى بىر ئۇچۇم لايغا، تونۇشى يوق كىشىنى قارىغۇغا» ئوخشىتىش ئارقىلىق ئەسەر تىلىنى چۈشىنىشلىك، ئېنىق، روشەن قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. (2n3exx  
5) سېلىشتۇرۇش. «قۇتادغۇبىلىك» تە يۈسۈپ خاس ھاجىپ سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنىمۇ كەڭ تۈردە قوللىنىپ، ئەسەر تىلىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. مەسىلەن: \XZU'JIO  
155. ئەقىللىق ئۇقار ئول، بىلىملىك بىلۇر، T@2f&Un^  
بىلىملىك، ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر. Lx9hq7<  
157. بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر، f J,8g/f8  
داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۈر. c`Lpqs`  
199. بەك ئازدۇر بىلىملىك، تولا بىلىمسىز، #sozXza\G  
ئەقىلسىز تولادۇر، ئەقىللىق ئەزىز. 5<0Yh#_  
200. بىلىمسىز بىلىملىككە بولدى يېغى، ',v0vyO8  
نادانلار ئالىمغا قارشى ھەر چېغى. B{=,VwaP_  
يۇقىرىقى مىسرالاردا بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز، ئەقىللىك بىلەن ئەقىلسىز، نادان بىلەن ئالىم سېلىشتۇرۇلۇپ، بىلىمنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. y0W`E/1t  
دېمەك، «قۇتادغۇبىلىك» پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئابىدىسى. جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر. شۇنداقلا دۇنيا تىل- مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق بولۇپ، مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ياكى تىل ئۇسلۇبى جەھەتتىن بولسۇن بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. 9 u6 g  
پايدىلانمىلار: JJ= ~o@|c  
[1] يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» [M]، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 1-نەشرى. WoN]eO  
[2] مەمتىمىن يۈسۈپ، ئابلىمىت ئەھەت، بارىجان زەپەر: «ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە - قۇتادغۇبىلىك»[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  1999-يىلى 12-ئاي نەشرى. oD|+X/F K  
[3] سەمەت تۇرسۇن: «ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى» [M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 3-ئاي 1-نەشرى. "1\RdTw  
ce-m)o/  
مەنبە : يازغۇچىلار تورى .

ياسىنجان510 2014-05-12 22:19
گۈلنىھالنىڭ ئېسىل تېمىنى  تاللاپ يوللىغىنىغا رەھمەت.بۇ تېمىنى قىممەتلىك تېما دەپ قارايمەن.

maaripqi 2014-05-13 15:51
ياخشى تىما ئىكەن، ساقلىۋالدىم، يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

بابۇر0725 2014-05-13 21:06
بەكمۇ مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىپسىز ھارمىغايسىز

tawpek 2014-05-17 23:11
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى ئوقوپ ھىكمەتلەرنى خاتىرەمگە كۆچۆردۆم دەپ تاسلا  قاپتىكەنمەن بىر پۈتۈن  كىتاپنى  كۆچۆرۆپ چىققىلى

گۈلنىھال 2014-05-17 23:24
tawpek:ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى ئوقوپ ھىكمەتلەرنى خاتىرەمگە كۆچۆردۆم دەپ تاسلا  قاپتىكەنمەن بىر پۈتۈن  كىتاپنى  كۆچۆرۆپ چىقق .. (2014-05-17 23:11) 
!c($C   
قىزغىنلىقىڭىزغا بارىكاللا !

ھاتەھاتەم 2014-05-26 12:23
گۈلنىھالنىڭ ئېسىل تېمىنى  تاللاپ يوللىغىنىغا رەھمەت   

گۈلنىھال 2014-05-26 22:38
ھەممىڭىلارغا رەھمەت !


查看完整版本: [-- «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled