查看完整版本: [-- قۇتادغۇ بىلىگ ۋە تۈركى تىللار دىۋانى ھەققىدە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> قۇتادغۇ بىلىگ ۋە تۈركى تىللار دىۋانى ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nadiraay 2014-05-12 00:23

قۇتادغۇ بىلىگ ۋە تۈركى تىللار دىۋانى ھەققىدە

يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» 7i.aZ2a%  
ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: _wCSL.  
تەگۈردى ماڭا ئەلىگ ئەلگە ياشىم،     Je,8{J|e  
قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم. 9lv 2  
ئوقۇر ئەمدى ئالتىمىش ماڭا كەل تەيۇ، p<4':s;*  
پۇسۇغ بولماسا باردىم ئەمدى نارۇ. whCv9)x  
(ماڭا تەككۈزۈپ قولىن ئەلىك يېشىم، 2+PIZ6=hN  
قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسىدەك بېشىم. odDt.gQXU  
مېنى قىچقىرىپ ئاتمىش ئەمدى دەيدۇ كەل، d yd_dK/  
بارۇرمەن ئەگەردە يەتمىسە ئەجەل.) h%%'{^>~  
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇشۇ بېيىتلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىۋاتقان چاغلاردا دەل ئەللىك ياشلارغا كىرىپ قالغانلىغىنى قىياس قىلىش مۇمكىن. LKa_ofY  
يىل ئاتمىش ئەردى تورت يۇز بىلە، 5 *_#"  
تۆكەل ئون سەككىز ئايدا ئايدىم بۇ سۆز. xpz Jt2S  
دىگەن مىسرالارغا قارىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ كىتاپنى ھىجىرىيىنىڭ 462 – يىلى (مىلادى 1069 – يىللار) جەمى 18 ئايدا يېزىپ تۆگەتكەن. ئەمدى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغاندا، بېيىتتا ئۆزىنىڭ 50 ياشلاردا ئىكەنلىگىنى ئېيتقانلىغىغا قاراپ، ئۇنىڭ تەخمىنەن مىلادىنىڭ 1019—1020 – يىللىرى بالاساغۇندا توغۇلغانلىغىنى بىلەلەيمىز. ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى بالاساغۇندا يېزىشقا باشلاپ قەشقەردە تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇنى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئېلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان. 1a<~Rmcil  
تاتىغ ئەردى بارچە يىگىتلىك ئىشىم، J3=jC5=J4  
ئاغۇ قىلدى ئەمدى ماڭا يەر ئاشىم. ?=/l@d  
(يىگىتلىكتە تاتلىق ئىدى ھەر ئىشىم، ئوغا قىلدى ماڭا يەر ئېشىم) e 6*=Si}V  
قايىڭ تەگ بودىم ئەردى ئوق تەگ كونى تۇز، sZc 
ياتەگ ئەگرى بولدى ئەگىلدىم تۇگىتتم. ":OXs9Yg  
(قېيىندەك بويۇم ئوقتەك ئىدى تۈز، يايدەك ئەگرى بولدى، پۇكۇلدۇم ئېگىلىپ.) #/T)9=m  
بۇنىڭدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خېلىلا ئۇزۇن يىل ياشىغانلىغىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. *h Ur E  
ئەسەرنىڭ نامى ۋە بىر قانچە نۇسخىلىرى WVZ\4y  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ نامى ھەققىدە بۇ ئەسەرنىڭ 351 – بېيىتىدە مۇنداق دەيدۇ: Ab`Gb  
كىتاپ ئاتى ئوردۇم قۇتادغۇ بىلىك، Uu ,Re  
قۇتاد سۇ ئوقىغىلىقا تۇتسۇ ئەلىگ. {PZe!EQ  
(كىتاپقا «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئات قويدۇم، ئوقۇغان كىشىنى قۇتلۇق قىلسۇن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتسۇن.) 95}"AIi  
ئالىملار «قۇتادغۇ بىلىگ» ياكى «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەر خىل ئىزاھلاپ كەلدى. قەدىمقى تۈركچە «قۇت» سۆزى «قۇتلۇق»، «مۇبارەك»، «مۇقەددەس»، «بەخت» مەنىسىدە، «بىلىك» ياكى «بىلىگ» بىلىم دىمەكتۇر. دۇنيا ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا «قۇت» سۆزىنى «بەخت – سائادەت» مەنىسىدە چۈشىنىپ، «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن سۆزنى «بەخت – سائادەت بىلىمى» دىسە، بەزىلەر «بەختلىك قىلغۇچى بىلىم»، «پادىشاھلارغا لايىق بىلىم» دەپ ئىزاھلاشتى. رەشت رەھمىتى ئارات «قۇتادغۇ بىلىك» نى «ئادەمگە ھەر ئىككى دۇنيادا بەخت – سائادەتلىك (قۇتلۇق) بولۇش يولىنى كۆرسەتكۈچى بىلىم» دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى. rie1F,  
«قۇتادغۇ بىلىك» قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى بىلەن مەسنەۋى شەكلى ۋە ئارزۇ ۋەزنىدە يېزىلغان بولۇپ، جەمى 6645 بېيىت، 13 مىڭ 290 مىسرادىن تەركىپ تاپقان، 85 بابقا بۆلۈنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان نۇسخىسى تېخىچە دۇنيادا تېپىلمىدى. قۇتادغۇ بىلىكنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن نۇسخىلىرى ئەسەر يېزىلغان ۋاقىتتىن بىر قانچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن كۈچۈرۈلگەن، بۇلار ۋېنا، قاھىرە، پەرغانە نۇسخىلىردىن ئىبارەت.  m{~r6@  
(ئا) ۋېنا نۇسخىسى. بۇ نۇسخا مىلادىنىڭ 439 – يىلى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھىرات شەھىرىدە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، 1474 – يىلى ئىستامبۇلغا كەلتۈرۈلگەن؛ 1796 – يىلى ئاۋسترىيىلىك ھامىر پورۇگىستاك ۋېناغا ئېلىپ بېرىپ، ۋېنا كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرغان، ھازىرغىچە شۇ يەردە ساقلانماقتا. 19 – ئەسىردە ۋېنگرىيىلىك شەرقشۇناس ئا. ۋامبىرى ۋە رۇس ئالىملىرىدىن ۋ. رادلوۋلار بۇ ئەسەرنى تۇنجى قېتىم تىرانسكرىپسىيىسى ۋە بىر قىسىم تەرجىمىسى بىلەن دۇنياغا ئېلان قىلغان. so;aN'{6@  
(ب) قاھىرە نۇسخىسى. بۇ نۇسخا ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، جەمى 8500 بېيت، بۇ نۇسخىنى قاھىرە خدىۋلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ نېمىس مۇدىرى دوكتۇر مۇرىتز 1896 – يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى. كېيىنكى دەۋرلەردە تۈركىيە تىل جەمىيىتى بۇ نۇسخىنىڭ فاكسىمىل نۇسخىسىنى تۈركىيىگە ئېلىپ بېرىپ، 1943 – يىلى نەشىر قىلدى. [X|P(&\hQd  
(ت) پەرغانە نۇسخىسى. بۇ نۇسخا 445 بەت، 6095 بېيت بولۇپ، ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، 1914 – يىلى زەكى ۋەلىدى توغان پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىن تاپقان. p?Y1^/   
«قۇتادغۇ بىلىك» 82 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق: [* Lh4K  
1 –، 2 –، 3 – باپلاردا تەڭرىگە، مۇھەممەت پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭ چارىيالىرىغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ 4 – باپتا بۇغرا خانغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ 5 – باپتا يەتتە سەييارە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ سۆزلىنىدۇ؛ 6 – باپتا ئادەمنىڭ ھۆرمىتى، چۈشەنچىلىرى بىلىمدىن پەيدا بولىدىغانلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 7 – باپتا تىلنىڭ ئارتۇقچىلىغى، پايدا – زىيىنى سۆزلىنىدۇ؛ 8 – باپتا كىتاپ ئىگىسى ئۆزىنىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ؛ 9 – باپتا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە تەربىيە – نەسىھەتلەر سۆزلىنىدۇ؛ 10 – باپتا ئىلىم ۋە پاراسەت، پەزىلەتنىڭ پايدىسى سۆزلىنىدۇ؛ 11 – باپتا كىتاپنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتۇرنىڭ قېرىغانلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 12 – باپتا قىلىق – ھەركەتنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى سۆزلىنىدۇ؛ 13 – باپتىن 79 – باپقىچە ئەسەردىكى 4 ئاساسىي پىرسۇناژ: كۈن تۇغدى (پادىشاھ)، ئاي تولدى (ۋەزىر)، ئۇگدۇرۇلمىش (ۋەزىر ئوغلى)، ئۇغۇرمىش (ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى) قاتارلىق 4 پىرسۇناژنىڭ سۆھبىتى سۆزلىنىدۇ؛ 80 – باپتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆتكەن ياشلىغىغا ئېچىنىپ قىلغان پۇشايمانلىرى سۆزلىنىدۇ؛ 81 – باپتا زاماننىڭ بۇزۇلغانلىغى ۋە دوستلارنىڭ ۋاپاسىزلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 82 – باپتا ئالىم ئۆزىگە نەسىھەت قىلىپ، ئۆزرە تىلەيدۇ؛ ئۆز ئەسرىنىڭ توغرىلىق (ئادالەت)، سائادەت (بەخت)، ئەقىل، قانائەتتىن ئىبارەت تۆت ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغانلىغىنى بايان قىلىدۇ. ئالىم بۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تۈركچە ئىسىم قويغان؛ توغرىلىققا «كۈن تۇغدى» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ ئورنىغا قويغان؛ سائادەتكە «ئاي تولدى» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىر ئورنىغا قويغان؛ ئەقىلغا «ئۇگدۇرۇلمىش» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئورنىغا قويغان؛ قانائەتكە «ئۇدغۇرمىش» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى قىلىپ ئالغان. ئالىم دۆلەتنى تۈزەش ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا ئائىت سىياسەت، قانۇن، جەمىيەت، ئەخلاق، ئەقىل، قانائەت ھەققىدىكى پەلسەپىلىك كۆز قاراشلار ۋە تەشەببۇسلارنى تۆت شەخسنىڭ ئۆزئارا سوئال – جاۋاپ شەكلىدىكى سۆھبىتى ئارقىلىق ئوبرازلىق بايان قىلىپ، خەلق ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتنىڭ قانداق بولۇش لازىملىغى، دۆلەتنى بىلىم، ئەقىل، پاراسەت ۋە ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرغاندا، ئۇنىڭ روناق تاپىدىغانلىغى، ھەممە ئىشتا بىلىم، ئەقىل، پاراسەت ۋە ئەخلاقنى يېتەكچى قىلىشنىڭ زورۇرلىگى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ ئەخلاق – پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولۇشىنىڭ لازىملىغى، خەلقنىڭ دۆلەتكە ۋە دۆلەت ئەرباپلىرىغا قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ خەلققە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ لازىملىغى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرسەتكەن. مەسىلەن: 7Ev~yY;N  
1459 – بېيىت: ئەسسىز ئوڭدى ئورما ئاي ئىلچى بوگۇ،  A/9 wr  
ئەسسىز بولسا بولماز ئاۋۇنۇغ يىگۇ. N7|ctO  
(ئەي مەملىكەتنى ئىدارە قىلغۇچى ھاكىم! يامان تەرتىپ ئورناتما، يامان قانۇن بىلەن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغىلى بولمايدۇ.) Xs4`bbap  
1411 – بېيت: ئاي ئەلىگ قاتىغلان ئۆزۈڭ ئەدگۇ بول، dme_Ivt  
بەگى ئەدگۇ بولسا، بۇدۇن ئەدگۇ ئول. Zvc{o8^z  
ئەي ھۆكۈمدار، ئۆزەڭ ياخشى بولۇشقا تىرىشقىن، بېگى ياخشى بولغان ئەلنىڭ خەلقىمۇ ياخشى بولىدۇ.) wuPx6hCl  
1458 – بېيت: تورۇ ئەدگۇ ئۇر ئاي تورۇ بەرگۈچى، AtSEKpKc  
تورۇ ئولدى ئىسسىز تورۇ ئۇرغۇچى. TtHqdK L  
(ئەي قانۇن تۈزگۈچى، ياخشى قانۇن تۈز، يامان قانۇن تۈزگەن ئادەم تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن بولىدۇ.) LcQ\ d*  
1367 – بېيت: بەلا كۇچ يېرىندە سەن ئەدگۇ قىلىن، ^;L;/I[-  
بۇدۇنۇغ سەۋىندۇرگىل ئەلگىن، تىلىن. X[R/j*K  
(سەن خەلقنى بالا – قازادىن ساقلا، ياخشىلىق قىل، قولۇڭ، تىلىڭ بىلەن ئۇلارنى خوش قىل.)  0N md*r  
2969 – بېيت: نەچە بەگ ئۇلۇغ بولسا ئەسلى بەدۇك، hS<+=3  
تاپۇغچى بىلە بولدى ئاتى بەدۇك. <~'\~Zd+  
(بەگنىڭ ئەسلى قانچىلىك ئېسىل، ئۆزى قانچىلىك ئۇلۇغ بولسۇن، ئۇنىڭ نامى خىزمەتكارلىرى بىلەنلا مەشھۇردۇر.) DvU(rr\p  
1435 – بېيت: ئۆزۇڭ مەڭگۇ بەگلىك تىلەسە تۇجى، _E3*;  
تورۇ قىل بۇرۇندىن كۆتۈرگىل كۇچى. :dK/}S0  
(ئەگەر داۋاملىق ۋە ئەبىدى بەگلىكنى خالىساڭ، ئادالەتتىن ئايرىلما، خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئېلىپ تاشلا.) VGkwrS;+I  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنى تۈزەشتە دۆلەتنى ئىلىم – ئەقىل بىلەن باشقۇرۇش لازىملىغىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش لازىملىغىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: >o sY?9  
6608 – بېيت: بىلىرمەن تەسەسەن بىلىگدىن يىراق، 4;x{@Ln  
بىلىگىسىزگە ساندىڭ بىلگىلى ئارا. tv5G']vO\  
(«بىلىمەن» دىمە، سەن تېخى بىلىمدىن يىراق، A?=g!(wB  
بىلىملىكلەر ئارىسىدا سەن بىلىمسىزلەردىن بىرى.) -b8Vz}Y  
6605 – بېيت: بىلىگ بىل ئۆزۇڭگە ئورۇن قىل تورە، O$+0 .  
بىلىگ بىلسە ئۆزكە ئەدى بەرگ تۇرا. 7' ]n_-fu  
(بىلىم ئال، ئورنۇڭ تۆردە بولىدۇ، بىلىم ئادەم ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر قالقاندۇر.) ( w}iEm\b  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئاسترونومىيە بىلەن ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگىنىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يۇلتۇزچىلارنىڭ دىلى ئاي، كۈنلەرنىڭ ھىساۋىنى بىلىدۇ. ئەي ئىنسان! مۇنداق ھىساپ بەك لازىمدۇر. بۇنى ئۆگەنمەكچى بولساڭ، گىئومېتىرىيە ئوقۇ، ئاندىن ساڭا ھىساپنىڭ ئىشىگى ئېچىلىدۇ. كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە ھەممە كەسىرلەرنى تولۇق ئۆگەنگىن ..... يەتتە قات ئاسماننىڭ سىرلىرىنى يەردە ياتقان غازاڭدەك پىششىق بىل، ئالگېبرا ئۆگەن.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ «بۇ دۇنيا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، بەخت پەقەت جەننەتتىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ» دىگەن كۆز قاراشلارغا ئۆز پىكرىنى ئېيتىپ، «ئادەملەر ئارىسىغا بېرىش لازىم»، «قولغا كەلگەن ۋاقىتنى زادىلا بىكارغا ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ»، «ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىن ئالىدىغان مەنپەئەتى ئەنە شۇ»، «جاپا بولماي، ھالاۋەت بولۇش مۇمكىن ئەمەس»، «ئادەملەر ئۈچۈن تاماق، كىيىم لازىم، بۇ ھاياتلىقنىڭ زورۇرىيىتى»، «قالغان ئۆمرۇڭنى ئەمدى بىكارغا ئۆتكۈزمە»، «سەۋر قىلساڭ، جاپا سەن ئۈچۈن نىمەتلىك بولىدۇ»، «ياخشىلىق تىلەشتىن ياخشىلىق قىلغان ئەۋزەل» دەپ، كىشىلەرنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشقا، بەخت يارىتىشقا ئۈندەيدۇ ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا مۇھەببەت باغلاشقا چاقىرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى جەمىيەت تەرەققىياتىدا دىخانلار، چارۋىچىلارنىڭ جەمىيەتنىڭ بايلىغىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىگى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇلارسىز (دىخاننى دىمەكچى) ئىش پۈتمەس. ئۇلارغا كۈيۈمچان بول، ئۆزۈڭ ئۈچۈنلا ئىش قىلما» دەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ نوقتىنى شۇ دەۋردىلا تونۇپ يەتكەن. 8HDYA$L  
ئاپتۇر تىجارەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سودا – تىجارەت ئەھلى بىلەن ئارىلاش، ئۇلارغا ئوچۇق چىراي بىلەن ياخشى سۆز قىلغىن. سودىگەر تىجارەت قىلىپ غەرپ ۋە شەرقنى ئايلىنىپ، سېنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسەڭنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ بولمىسا، شىمالىي ياۋروپا توقۇلمىلىرى قانداق كېلەتتى. سودىگەرلەر دۇنيانى ئايلانمىغان بولسا، ئۈنچە – مەرۋايىتلارنى كىم كۆرەتتى. شۇڭلاشقا سودىگەرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل.» تىۋىپلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇلارنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت، ئەزىز كۆر، ھېكىملەر پۈتۈن كىسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. داۋالاش ۋاستىسى بىلەن كېسەللىك ساقىيىدۇ. ھېكىملەر كېسەلنى كۆرۈپ ئىلاج قىلىدۇ.» ئالىملار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملار خەلققە يول كۆرسىتىدۇ، بۇلاردىن ئازدۇر – كۆپتۇر بىلىم ئۆگەن. ئالىملارنىڭ بىلىمى خەلق ئۈچۈن.» j#rjYiYKy  
شائىرلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شائىرلار قىلىچتىن كەسكىن بولىدۇ. ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش كېرەك»، «ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى سىنچىلاپ كۆزەتسەڭ، ئۇلار دېڭىزغا چۆمگەن كىشىلەرگە ئوخشاش گۆھەر، ئۈنچە، ياقۇت چىقىرىدۇ». ]c4?-Vq%u  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت تەشكىلاتىدىكى خادىملار (تاپۇغۇچى) دا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەر توغرىسىدا سۆزلەپ: «بۇنداق خادىملار ئىناۋەتلىك كىشىلەردىن بولۇشى، سەمىمى بولۇشى، ئەخلاقلىق بولۇشى كېرەك. ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىدىغان ئادەملەرنى ھەرگىز ئۆزەڭگە يېقىن يولاتما» دەپ يامان ئىستىللارنى قاتتىق سۆككەن. }rRf4te  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەگ ئۈستىدە توختىلىپ: «بەگ دۆلەتنىڭ باش ۋەكىلى، بەگنىڭ قانداق بولۇشى دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. بەگ بەگلىك ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆگىنىدۇ. بەگ تىز پۈكمەس ئالپ (قەھرىمان)، جەسۇر، قابىل بولۇشى كېرەك. بەگدە مۇشۇ خىسلەتلەر بولسا، ئاندىن خەلق ئىشىنى ياخشى ئىدارە قىلالايدۇ»، «ياخشى پادىچى ئۆز قويلىرىنى بۆرىدىن ئاسرايدۇ، ياخشى خىسلەتلىك بەگمۇ خەلقنى ئاپەتتىن ساقلىشى لازىم. خان باغۇ – بوستانلارنى سۇغارغۇچىغا، خەلق گۈلگە ئوخشايدۇ. گۈل سۇغا قېنىپ باراقسان ئېچىلسۇن» دەيدۇ. ئەمەلدار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تاپۇغۇچى – ئەمەلدارلارنىڭ بېشىدۇر، ئاندىن قالسا سۇ بېشى (ھەربى قوماندان) دۈشمەننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتمەسلىگى، تىز پۈتمەسلىگى، بېشىدىن قەھرىمانلىق سەرگۈزەشتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇشى، كۈچلۈك، قەتئى، شەخسىيەتسىز، دادىل، باتۇر، تەمكىن بولۇشى لازىم. ئۆزىگە پەقەت بىر ئات، كىيىم – كېچەك ۋە قورال – ياراق قالدۇرۇشى لازىمكى، ئوغلۇم، قىزىم، خوتۇنۇم دەپ مال توپلىماسلىغى، سۈيۈم، بېغىم دەپ ئالتۇن – كۆمۈش توپلىماسلىغى كېرەك. ZCVwQ#Xe+  
كۆر، ئارسلان بولۇ بەرىسە ئىتقا باشى، ]?tC+UKb  
ئىت بارچە ئارسلان بولۇر ئۆز تۇسى. o."k7fLB  
قالى بولسا ئارسلانغا ئىت باشى، ]zK'aod  
ئول ئارسلان بولۇر بارچە ئىت ساقشى.» IYAvO%~  
(قاراڭلاركى، بىر ئارسلان، ئىتقا باش بولسا، ھەممە ئىتلار ئارسلاندەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئىت بىر ئارسلانغا باش بولسا، ھەممە ئارسلان ئىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.) >U .  
شائىر يەنە، قوشۇننى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا لايىق بايلىق ئاجرىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلنى بېيىتىش، جەڭدە ئەسىرگە چۈشكەنلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش لازىملىغىنى ئېيتىدۇ. دۆلەتنى باشقۇرۇشتا: «ئۈچ نەرسە يەنى ئوڭ قولىدا قىلىچ، سول قولىدا مۇكاپات بېرىلىدىغان نىمەت بولۇش، ئاغزىدا تاتلىق سۆز بولۇش كېرەك» دىگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ. .LMOmc=(  
يىغىپ ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار جەمىيىتىدىكى ھەر قايسى سىنىپ ۋە ھەر قايسى تەبىقىلەر ھەققىدە بىر – بىرلەپ توختىلىدۇ. دۆلەت ئىدارىلىرىدىكى خادىملار ئۈستىدە يۈرگۈزگەن مۇھاكىمىسىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دەيدۇ: wiHGTaR  
«ساڭا بەگلىك نىسىپ بولسا، بىلىمىڭ بىلەن ئىدارە قىل، ts|dk%  
يابغۇ – تېگىن بولساڭ، قولۇڭدىن كەلگەنگە قەدەر ۋاپادار بول، GL- r;  
ئارمىيە قوماندانلىغىغا نىسىپ بولساڭ، دۈشمەننى بىل ، ھۇشيار تۇر، d|Q_Z @;JF  
ساڭا ۋەزىرلىك نىسىپ بولسا، ئادىل بول، ناھەق ھۆكۈم چىقارما، *!p#1fE  
ئۆگە⑧لىك ئورنىغا ئېرىشسەڭ، ھۆكۈمدار خاتالاشقان بولسا يول كۆرسەت، T#:n7$M|?A  
ھاجىپ بولساڭ، پارە ئالما، قۇل، يىتىملەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، F `cuV  
ھۆكۈمدارلار كاتىۋى بولساڭ، سىر ساقلاشنى بىل.» :^H#i:4  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈركى خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى، ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلىرى ئارقىلىق يۈكسەك دەرىجىگە كۆتىرىدۇ. بۇ قاراخانىلار جەمىيىتى ئىدىئولوگىيىسىنىڭ ۋە مەدىنى ھاياتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى نامايەن قىلغان بۇنداق بىر نادىر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىخارىدۇر! ImZ!8#  
2- بۆلۈم «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدا W2 p&LP  
11 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان دەۋر قاراخانىلار مەدەنيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى) ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. شۇڭا بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇيغۇر تىلىدا بىر قانچىلىغان ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ ئەسەرلەردىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرى ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ قىممەتلىك يەنە بىر ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى» دۇر. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەردە ئەرەپلەرنىڭ تۈركى تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن، سۆز – ئىبارىلەرگە ئەرەپ تىلى بىلەن ئىزاھات بەرگەن. «تۈركى تىللار دىۋانى» (تۆۋەندە «دىۋان» دەپ ئالدۇق) دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ئىنسكلوپىدىيىلىك لوغەت دەپ ھىساپلانغان «كاڭشى لوغىتى» دىنمۇ كۆپ ئىلگىرى تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسەر مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمقى يادىكارلىقلار ئىچىدە بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.  p; k7\7  
ئىلىم دۇنياسى «دىۋان» نى تىلشۇناسلىقتا تەڭداشسىز ئەسەر دەپ ھىساپلىماقتا. «دىۋان» مۇندىن 1000 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن تۈكى تىللىرى قامۇسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا ئالاقىدار ئىنتايىن مۇھىم مارتىرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى چوڭ ئىنسكلوپىدىيە دىيىشكە بولىدۇ. ^;[|,:8f7L  
«دىۋان» دا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا تۈركى تىللارنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرى، گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، ھەر بىر جاينىڭ دىئالېكتىكىلىق پەرقلىرى ۋە ئۇلارنى ئىپادىلەشتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرى بايان قىلىنغان. «دىۋان» دا كەلتۈرۈلگەن ئۆرنەكلەر، جۈملە، ماقال، تەمسىل، بېيىت، شېئىر، پارچە، داستانلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق قەدىمقى دەۋردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى تىللىرىنىڭ تىل تۈزۈلۈشى، قەدىمقى تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرى، قەبىلىلەرنىڭ ئىسمى ۋە جايلاشقان يەر ناملىرى، ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىش جەريانلىرى، يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، ئۆي جابدۇقلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ئېتنوگراپىيىلىك قىممەتلىك مەنبەلەر قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار جەمىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ماتىرىيالدۇر.  
مەھمۇت قەشقەرى توغرىسىدا 6Rcl HU  
«تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتۇرى مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ئۆتكەن مۇتەپەككۇر ئالىمى. gdKn!; ,w#  
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھاياتى ھەققىدە قولىمىزدا ماتىرىيال كەم. ئەمما، «دىۋان» نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسمىنى «مۇھەممەت ئوغلى ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرى» دەيدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى مەھمۇت، دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەت ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلەلەيمىز. q o^PS  
مەھمۇت قەشقەرىمەھمۇت قەشقەرى قەشقەرنىڭ ئەينى زاماندىكى يېزىلىرىدىن ئوپالنىڭ⑨ ئازىق كەنتىدە توغۇلغان، قەشقەردە ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. zFpM\{`[g  
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قاچان توغۇلغانلىغى ۋە قانچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىگى ھەققىدە «دىۋان» دا بايان قىلىنغان قاراخانىلار خانلىغىنىڭ خانلىق شەجەرىسىدىكى مەنبەلەرگە قاراپ شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم، يەنە بىر ئوغلى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇكېرىم، سۇلايماننىڭ ئوغلى ھارۇن (ئەلى ھەسەن) ئىبنى سۇلايمان ھىجىرىيىنىڭ 302 – يىلى، مىلادىنىڭ 992 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپ قادىرخان بۇ مەزگىلدە، ھېچ بولمىغاندا، 20 ياشلاردا بولۇشى كېرەك. يۈسۈپ قادىرخان خېلى ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرگەن بىر ئادەم بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 423 – يىلى، مىلادىنىڭ 1032 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنى 60 ياشلاردا ۋاپات بولغان دەپ ھىساپلىساق، ئۇ، ھېچ بولمىغاندا، مىلادىنىڭ 971—981 – يىللىرىدا توغۇلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان ئۇرۇشلاردىن كېيىن خوتەننى ئىشغال قىلغانلىغىنى بىلىمىز. ئۇ قەشقەردە «ناسىر دەۋلە قادىرخان» دىگەن ئۇنۋان بىلەن، ھېچ بولمىغاندا، ھىجىرىيىنىڭ 396 – يىلى، مىلادىنىڭ 1005—1006 – يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ يەركەندىمۇ تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 407 – يىلى، مىلادىنىڭ 1016—1017 – يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. ئىككىنچى ئوغلى مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ بەك كىچىك ئەمەس ئىدى. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەھمۇت ئىبنى يۈسۈپ ھىجىرىيىنىڭ 449 – يىلى، مىلادىنىڭ 1057—1058 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپنى ھىجىرىيىنىڭ 327 – يىلى، مىلادىنىڭ 991—992 – يىللىرىدا توغۇلغان دەپ قىياس قىلساق، ھۈسەيىن ھىجىرىيىنىڭ 400 – يىلى، مىلادىنىڭ 1010—1011 – يىللىرىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا، مەھمۇت ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ توغۇلغان يىلى تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 442 – يىلى، مىلادىنىڭ 1028—1029 – يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئايانكى، مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەرنى يازغان مەزگىلدە تەخمىنەن 40 ياكى 50 ياشلاردا بولغانلىغى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 8kA2.pIk  
مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىلارنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەردىكى «ساچىيە» كۇتۇپخانىسىدا، سەمەرقەنت ۋە بالاساغۇنلاردا، كېيىنكى چاغلاردا باغداتتىكى مەشھۇر كۇتۇپخانىلاردا ئەرەپ، پارىس ۋە تۈركى تىللاردىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغان ۋە چوڭقۇر بىلىم ئالغان. |2'u@<(Z/  
مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتىن ئاۋال ئىلى ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى ئامۇ دەريا، سىر دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان پۈتۈن ماۋرا ئۇننەھر ۋە ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئوغۇز، تۈركمەن، ياغما، چىگىل، قارلۇق، قىپچاق، باسمىل، چومۇل، تۈركەش، ياباقۇ قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە تىل پەرقلىرى ئۈستىدە جاپالىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دۇنياۋى قىممەتكە ئىگە بولغان بۇ ئەسەرنى مەيدانغا چىقاردى. ئاپتۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن – ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.»⑩ qS.TVNZ  
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتا ۋە تەتقىق قىلىشتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، ئۇنى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە بىر خىل ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا «ئەبىدى يادىكار» قىلىپ قالدۇرغان. تارخخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» دىن باشقا يەنە «تۈركى تىللىرىنىڭ نەۋھىگە ئائىت جەۋھەرلەر» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىمۇ يازغانلىغى مەلۇم. ئەمما بۇ ئەسەر بىزنىڭ قولىمىزدا يوق. : 
«دىۋان» نىڭ يېزىلغان ۋاقتى @_ Q  
مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىش ئۈستىدە توختىلىپ «بۇ كىتاپنى ھىجىرىيە 464 – يىلى جۇمادىيەل ئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا يېزىشقا كىرىشىپ، 4 قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوبدان تەھرىرلەپ چىققاندىن كېيىن، 466 – يىلى ھىجىرىيىدە تاماملىدىم» دەيدۇ. ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ سۆزىدىن قارىغاندا، «دىۋان» نىڭ 1 – نۇسخىسى ھىجىرىيىنىڭ 464—466 – يىللىرى (مىلادى 1072—1074 – يىللار) دا يېزىلغان بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 467 – يىلى (مىلادى 1075 – يىلى) دا قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، پۇختا تەھرىرلىگەندىن كېيىن، باغداتتىكى ئابباسىلار خەلىپىلىگىنىڭ 27 – خەلىپىسى بولغان ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرىللاغا تەقدىم قىلغان.  
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشى توغرىسىدا GiH<6<=  
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشىدىكى سەۋەپ توغرىسىدا تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. پىرىتساك: «مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا نىمە سەۋەپ بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىگى پەقەت ئاشكارىلانمىغان، تۈرك ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ساياھەتلەرنىڭ سەۋەپلىرى سۆزلەنمىگەن. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشتىن ئىلگىرىكى ۋەقەلەر تولۇق ئېچىلمىغان» دەپ قارايدۇ. byrK``f  
سالچۇقىلار دەۋرىدە باغدات ئەرەپلەر بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى بولغانلىغى ئۈچۈن، سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە بىرەر مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولغانلارنىڭ باغدات ۋە مىسىرغا كۆچۈپ بارغىنىدەك، ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلغانلارنىڭمۇ مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە بېرىشى تەبىى ھال ئىدى. شۇ دەۋرلەردە باغداتتىن باشقا بۇخارا، قاھىرە ۋە شام قاتارلىق بىر مۇنچە شەھەرلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار باغداتتەك ئەھمىيەتلىك ئەمەس ئىدى. "?r=n@Kv  
باغداتقا توپلانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ ئەرەپ دۇنياسىغا نىسبەتەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، پۈتۈن سىياسى، ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قولىدا ئىدى. Q+ tUxa+  
مەھمۇت قەشقەرى باغداتقا بارغان ۋاقىت سالچۇقىلار سولتانى مەلىكشاھنىڭ تەختتىكى ۋاقتى بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇنى تۇركان خاتۇن قاراخانىلار خانى تاۋغاچ بۇغراخاننىڭ قىزى ئىدى. بۇ خاتۇن رەسمى سىياسى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلارغا كۆپىنچە تۈركلەردىن ۋالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيتتى. بۇنداق ئوبېكتىپ سەۋەپ تۈپەيلىدىن، تۈركى خەلقلەرگە تېخىمۇ يېقىنلىشىش ۋە ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش نىيىتىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ۋە ئەرەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ زور كۆپچىلىگى ئۈچۈن، تەبىى ھالدا، ئۇيغۇر تىلى (خاقانىيە تىلى) نى ئۆگىنىش زورۇرىيىتى توغۇلدى. ,dZ&i! @?  
تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قاراخانىلار دۆلىتىدە ھىجىرىيە 447—448 – يىللىرى (مىلادى 1056—1057 – يىللىرى) سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئەڭ چوڭ خان (ئارسلان خان) سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئىنىسى ھەم خانلىق شىرىگى بولغان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپكە قارشى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت ھوقۇقىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان. ئىككى ئوتتۇرىدىكى جەڭدە ئارسلان خان سۇلايمان ئبنى يۈسۈپ مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشىدۇ. بۇغراخان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا ئالىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە ئىبنولئەسىر ئۆزىنىڭ «تارىخى كامىل» دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «15 ئايدىن كېيىن، بۇغراخان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ چوڭ خاقان (ئارسلان خان) بولۇپ، دۆلەت ھوقۇقىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېگىنگە تۇتقۇزدى. ئۇنى دۆلەتنىڭ نامزات خانى دەپ ئېلان قىلدى، لېكىن، بۇغراخاننىڭ (ئارسلان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپنىڭ) 2 – خوتۇنىدىن تۇغۇلغان كىچىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ خوتۇن ھۈسەيىن چاغرى تېگىننىڭ نامزات خانلىققا تەيىلەنگەنلىگىگە نارازى بولۇپ، بۇغراخان (سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ) غا قەست قىلدى، ئۇنى ۋە پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ بىر نەچچە ئەزاسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ قېرىندىشى ئارسلان خان ئىبنى قادىرخان (سۇلايمان يۈسۈپ) نىمۇ بوغۇزلىۋەتتى. مەھمۇت ئىبنى ھۈسەيىن يەنى مەھمۇت قەشقەرى مۇشۇ قىرغىندىن ئامان قالغان بىر قانچە كىشىنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا قېچىپ چىقىپ خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بېرىپ، بۇ جايلاردا 10 نەچچە يىل يۈرۈپ ئاخىرى باغداتقا كېلىپ قالدى. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا تۈرك دۇنياسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.» 93+p~?  
قاراخانىلار دەۋرىدە تۈركى خەلقلەرگە ئورتاق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئەنئەنىسىنى ساقلىغان ھالدا شەكىللەنگەن يېزىق تىلى ۋە ئەدىبى تىل بار ئىدى. مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتا ئۆز دەۋرىدىكى ئەدىبى تىلنى ئاساس قىلدى. ئۇ خاقنىيەنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسى (قەشقەر رايونى) دىكى خەلقلەر سۆزلىشىدىغان ئورتاق تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ فونېتىكا – گىرامماتىكا قائىدىلىرنى ئېنىق چۈشەندۈردى. قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدە ياشىغىچى خەلقلەرنىڭ تىلىنى ئومۇمى تىلنىڭ ئاساسىي دەپ ھىساپلاپ، ئۇنىڭغا «خاقانىيە تىلى» دەپ نام بەردى. خاقانىيە تىلى ئەڭ ساپ ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى بولۇپ، ئۇ قەدىمقى ئۇيغۇرچە 24 ھەرپتىن تۈزۈلگەن؛ بارلىق خاقانلار، سولتانلارنىڭ كىتاپ، خەت – چەكلىرى قەدىمقى زاماندىن شۇ كەمگىچە، قەشقەردىن تارتىپ چىن ۋە ھەممە تۈرك شەھەرلىرىگىچە مۇشۇ يېزىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن. A3jT;D9Y %  
مەھمۇت قەشقەرى خاقانىيە تىلىنىڭ ئەرەپ تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىغى ئۈستىدە توختالغاندا، تۈركى تىلىنىڭ ئەرەپ تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرسەتكەن ئىدى.  
«دىۋان» نىڭ مەزمۇنى XX])B%*  
«دىۋان» تىلشۇناسلىق كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغان ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭغا ھەممە ساھەدىن مەلۇمات بېرىلىپ، ناھايىتى كەڭ مەزمۇن بىلەن بېيىتىلغان. =Y;w O8  
(ئا) ئەدەبىيات ~ R: =zGDV  
«دىۋان» بىزگە قاراخانىلار ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ياخشى مەلۇمات بېرىدىغان مەنبەلەردىن بېرىدۇر. ئۇنىڭغا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، مەدىنى ھاياتىنى، كۆرەش پائالىيىتىنى، ئەقىل – پاراسىتىنى، ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق بايان قىلىدىغان 242 پارچە (1 – جىلدىدا 117 پارچە، 2 – جىلدىدا 48 پارچە، 3 – جىلدىدا 77 پارچە) ئەدىبى پارچە ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، قوشاق، تەمسىل، ھىكمەتلىك سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن. «دىۋان» غا كىرگۈزۈلگەن شېئىر، قوشاق، ماقال – تەمسىللەر ئۆزىنىڭ يېقىملىقلىغى، گۈزەللىگى، رەڭدارلىغى ۋە مەزمۇنىنىڭ موللىغى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. \KpSYX1  
(1) ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرى dDeImSeV  
«دىۋان» دىكى ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرى تەبىئەتنى، جەمىيەتنى ئۆزگەرتكۈچى، ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقنى ياراتقۇچى ئەمگەكچى خەلقنىڭ پائالىيىتى، روھىي قىياپىتى ۋە سەيلە – تاماشاسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: Q8^fgI|  
يىگىتلەرىك ئىشلەتۇ، w)u6J ,  
يىغاچ يەمىش ئىرغاتۇ. sp VE'"^  
قۇلان كېيىك ئاۋلاتۇ، 2G4OK7x  
بەزرەم قىلىپ ئاۋنالىم. k&kx%skz  
(يىگىتلەرنى ئىشقا سېلىپ، مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغاتتۇرۇپ، ياۋا ھايۋانلارنى ئوۋلىتىپ، بايرام قىلىپ كۆڭۈل ئاچايلى.)⑪ Ba]J3Yp,z  
«دىۋان» دىكى بۇ خىل ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرىغا ئىپتىدائى جەمىيەتكە دائىر ماتىرىياللار سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قوشاقلار ئەدىبى قىممىتى جەھەتتىنلار ئەمەس، بەلكى ئۇزاق زامانلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى، ئىپتىدائى جەمىيەتنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. V6.w=6:`X  
(2) جەڭ قوشاقلىرى H$j`75#u?-  
«دىۋان»دىكى جەڭ قوشاقلىرىدا قاراخانىلار تېرىتۇرىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قاراخانىلار ھاكىمىتىنى مۇستەھكەملەش، كىچىك خانلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىچكى بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىشتىكى جەڭ – ئۇرۇشلار ۋە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشتە ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا غەيرى دىندىكىلەر ئۈستىدىن قىلغان غازاتلار، خوشنا ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان جەڭ، ئۇرۇشلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. BRu/pyxG  
ئالپلار ئارىغ ئالقىشۇر، RkW)B^#  
كۈچ بىر قىلىپ ئارقاشۇر. Ul41R Ny)  
بىر بىر ئۇزە ئالقىشۇر، gp/_# QVWC  
ئەزگەرمەزىپ ئوق ئاتار. lM 
(باتۇرلار بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى، كۈچنى توپلاپ ئۆز كىشىلىرىنى قوللاشتى، مەدەت بېرىپ بىر – بىرىنى ئالقىشلاشتى، ئۆلۈمدىن قورقماي ئوق ئېتىشتى.)⑫ cc"L> XoK  
...................................... =h#3D?b0n  
تەلىم باشلار يۇۋالدىمات، <`~zKFUQ[  
ياغى ئاندىن ياۋالدىمات. 5tIM@,.I/  
كۈچى ئانىڭ كەۋەلدىمەت، 7xmyj y%c  
قىلىچ قىنقا كۈچۈن سىغدى. \; b) qB  
(باتۇرلارنىڭ باشلىرى تېنىدىن جۇدا قىلىندى، شۇڭا دۈشمەننىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچى ئاجىزلاشتى. قىلىچلار يۈزىگە قاتقان قاننىڭ كۆپلىگىدىن قىنىغا تەستە سىغدى.)⑬ Q|^TR__  
(3) مەرسىيە قوشاقلىرى ~m]sJpW<"  
«دىۋان» دىكى مەرسىيە قوشاقلىرى قايغۇ، ئۆلۈم ھادىسلىرى يۈز بەرگەندە ئېيتىلىدىغان مەرسىيىلەر. «دىۋان» دا چوڭ سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان ئىككى مەرسىيە بار: بۇنىڭ بىرى قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلانغان مەرسىيە، يەنە بىرى نامى كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇرۇشتا ۋاپات بولغان تارىخىي شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان مەرسىيىلەر. مەسىلەن: sw(dd01a 7  
ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ، qrFC4\q}  
ئېسىز ئاژۇن قالدىمۇ. @Gs*y 1  
ئۆزلەك ئۇچىن ئالدىمۇ، NW. 
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر. UeG$lMV  
(ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟ _L6WbRu|  
يامان دۇنيا قالدىمۇ؟ e$k ]z HlQ  
پەلەك ئۈچىنى ئالدىمۇ؟ AC=/BU3 
ئەمدى يۈرەك تىتىلۇر.)⑭ U&fOsx?"  
............................... 't$(Ruw  
ئۇلىشىپ ئەرەن بورلەيۇ، Md \yXp  
يىرتىپ ياقا ئۇرلايۇ. xw*T? !r=V  
سىقىرىپ ئۇنى يۇرلايۇ، U!:Q|':=h  
سىغتاپ كۆزى ئۇرتۇلۇر. \*}JdEHB  
(ئەرلەر بۆرىدەك ھۇلىشىپ، >EFjyhVE  
ياقا يىرتىپ ۋاقىرىشىپ. '_^  
ئۈنىنىڭ بېرىچە چىقىراپ، پەريات چىكىپ، *p;Fwj]  
ئۆكسۈپ كۆزنى ئۇرتىلەر.)⑮ (ئاپراسىياپنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن) c9\jELO  
بۇ خىل مەرسىيىلەردە تىپىك تارىخىي شەخسلەرنىڭ خەلق يولىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ جەڭدە ۋاپات بولغانلىغىغا چوڭقۇر قايغۇ – ھەسرەت ئىپادىلەنگەن. x+zz:^yHYf  
(4) مۇھەببەت قوشاقلىرى =T)4Oziks  
قاراخانىلاردىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن مۇھەببەت قوشاقلىرى شۇ دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ساپ – سەمىمى ئەخلاقىنى، سۆيگۈ – ھىسىياتىنى، شۇ دەۋردىكى كىشىلىك ۋىجدان ۋاپادارلىغىنى تېما قىلغان. بۇ قوشاقلار «دىۋان» يېزىلىشتىن بۇرۇن خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان مۇھەببەت قوشاقلىرىدۇر. مەسىلەن: }&d@6m]  
باردى كۆزۈم يارۇقى، G#ov2  
ئالدى ئۆزۈم قونۇقى. 6P=6E   
قاندا ئەرىنج قانىقى، _tZT  
ئەمدى ئۇدىن ئۇزغۇرۇر. 5V&3m@d0aq  
(كۆزۈمنىڭ يۇرۇغى كەتتى، vn@9Sqk  
جېنىمنى ئالدى. F}P+3IaE  
ئۇ قەيەردە بولغاي، q3\ YL?  
ئەمدى ئۇيقۇدىن ئويغىنار.)⒃ Qvh: hkR  
كۆز نۇرۇم (سۆيگەن يارىم) كەتتى، ئۇ مىنىڭ روھىمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى. ئەمدى ئۇ قەيەردىكىن؟ ئۇنىڭ پىراقىدىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ. tz-, |n0  
............................. smQ 
بولنار مەنى ئۇلاس كۆز،          (ئۇۋلار مېنى خۇمار كۆز Sw<@u+Z;%  
قارا مەڭىز قىزىل يۈز.              قارا خاللىق قىزىل يۈز.   ; F% 3b47  
ئاندىن تامار تۇگەل تۇز،         تامار ئاندىن تۇگەل ئۇز،   p9k' .H^:_  
بولناپ يانا ئول قاچار.              ئوۋلاپ يەنە ئۇ قاچار. )⒄ MG 
قارا مەڭلىك قىز يۈزلىرىدىن گۈزەللىك تېمىپ تۇرىدىغان خۇمار كۆز مېنى ئەسىر قىلىدۇ، ئەسىر قىلىدۇ – دە، يەنە قېچىپ كېتىدۇ. X(Gp3lG  
(5) پەندى – نەسىھەت قوشاقلىرى HV@ C@wmg  
«دىۋان» دا يېزىلغان پەندى – نەسىھەت قوشاقلىرى شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائى ئەخلاق قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ قوشاقلاردا كىشىلەر ئەجداتلارنىڭ ئېسىل خىسلەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىشقا، ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈشكە، چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئىلىم – پەن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىنغان ۋە تەييارتاپلىق، يالغانچىلىقنىڭ ئىنسانغا زىيانلىق ئىكەنلىگىنى تەسۋىرلىگەن. 6qQdTp{i  
بىلگە ئەرىگ ئەزگۇ تۇتۇپ سۆزىن ئېشىت، ]ovP^]]V  
ئەرزەمنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سورا. .}Va~[0j  
(بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ، سۆزىنى ئىشت، [%'yHb~<  
پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر.)⒅ Mz,G;x}  
(ب) تىبابەتچىلىك {2Jo|z  
«دىۋان» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تىببى ئىلمى، تىبابەت تارىخى ئۈستىدە بىزنى مول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش، تەبىئەت ۋە كىسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ھەر خىل داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئىجات قىلغان ئىدى. «دىۋان» مۇشۇ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، تۈركى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانلاشقان رايونىنىڭ ئاب – ھاۋاسى، يەر – سۈيى، خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، غىزالىنىشى، بۇ جايلاردا ئۆسكەن ھەر خىل ئۈسۈملۈكلەر، ئوت – چۆپ، مەدەن، دورا – دەرمەك بايلىقلىرى، شاراپ تەييارلاش ئۇسۇللىرى، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىلمى توغرىسىدا ماتىرىيال بېرىدۇ. C&Rv$<qc  
شۇ دەۋردە خەلق ئىچىدە پەيدا بولغان كېسەللىكلەردىن قان بېسىمى كېسىلى، موخۇ كېسىلى، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى، بەزگەك، ئاق كېسەل، ئىچ ئۆتكۈ، زۇكام، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، چاپلاشقاق كېسىلى، قۇساق ئاغرىغى، قېرىندا سېرىق سۇ يىغىلىش كېسىلى، سېرىق چىچەك كېسىلى، ئۆسمۈرلەرنىڭ تىرنىغىغا ئاق داغ چۈشۈش كېسىلى، كېزىك كېسىلى، ئاياللارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈش كېسىلى، تاز، قىچىشقاق كېسىلى قاتارلىق ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالىغانلىغى، قۇساق ئاغرىغىنى ئىگىر بىلەن داۋالىغانلىغى، «ئاكىت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دورىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى داغنى داۋالىغانلىغى بىر بىرلەپ بايان قىلىنىدۇ. يەنە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا ھەسەل، زەپەر، سىغۇن ئوت (مېھرىگىيا)، قوداي يېغى، ئىپار ۋە ھايۋان، ئۇچار – قانات ھەمدە ھەر خىل ئۈسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىلغانلغى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن تۈركى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىگە خاس تىببى ئىلىمنىڭ بولغانلىغى، بۇ ئىلىمنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن تاللاپ قوبۇل قىلىپ، ئۆز تىببى ئىلمىنى بېيىتقانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز. 9?$Qk0jc  
«دىۋان» دا يەنە ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ كالىندارچىلىغىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئەڭ قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپلا يىللارنى موچەل بىلەن ھىساپلاش ئۇسۇلىنىڭ تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقانلىغىدىكى تارىخىي پاكىتلارنى بىزگە يېىپ قالدۇرغان. 8."B  
قاراخانىلار دەۋرىدە ئاسترونومىيە خېلىلا تەرەققى قىلىپ، ئاسماندىكى سەييارىلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەتقىق قىلىش باشلانغان. شۇ چاغدىكى ئاسترونوملار ناھايىتى نۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇپ، بىزنى ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدا مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. «دىۋان» دا بۇ ھەقتىمۇ ياخشى مەلۇمات بېرىلگەن. g{wOq{7V  
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» قاراخانىلار خانلىغى دەۋرىدە بىزگە قالدۇرۇلغان مەدىنى مىراس بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە بارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ ئۇزاق تارىخىي ئۆتمۈشىنى تىل ۋاستىسى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن ئۆچمەس تارىخىي ھۆججەتتۇر. ,TL 8`  
4 – بۆلۈم «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» توغرىسىدا Lk y<L96  
قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىك»، «تۈركى تىللار دىۋانى» دىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەشھۇر بولغان نادىر ئەسەر «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» («ھەقىقەت ئىشىگى») دىگەن ئەسەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن. [?z`XY_-  
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ ئاپتۇرى ئەھمەت يۈكنەكى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرى ياشىغان ئۇيغۇر ئەدىپ. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەرنى قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىلغان دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ئاساسىدىكى ۋەز – نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئەسەر جەمى 14 باپ، 484 مىسرا (كىتاپقا ئىلاۋە قىلىنغان 3 پارچە شېئىر بىلەن 512 مىسرا) دىن تەركىپ تاپقان. ئالدىنقى 5 بابى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن مەسنىۋى (ھەر بىر كوبلىتى ئىككى مىسرالىق شېئىر)، كېيىنكى 9 بابىنىڭ ھەر بىر مىسراسى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن. 1 –، 2 –، 3 – مىسرالىرى قاپىيىلىشىپ كېلىدىغان روبائى شەكلىدە يېزىلغان. كېيىن، دۇنيا ئالىملىرىدىن بىر قانچىلىرى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىلاۋە قىلغان مىسرالىرىنى قوشقاندا، بۇ ئەسەر جەمى 512 مىسرادىن تەركىپ تاپقان داستان ئىكەنلىگىنى تېپىپ چىقتى. m,YBk 
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە قەدىمقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمىر ئارسلان خوجا قاراخان تەرىپىدىن بۇ ئەسەرگە يېزىلغان ئىلاۋىدە، ئەسەرنىڭ قەشقەر تىلى (خاقانىيە تىلى) دا يېزىلغانلىغى ئېيتىلغان. l*e Ja38  
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» غا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ ئەسەر چاغاتاي تىلى (چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى) بىلەن يېزىلغان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە تۈركى تىللار ئىچىدە تۇتقان ئورنىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. Fo\* Cr9D  
«خاس ھاجىپ» خاننىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسى، خاس مەسلىھەتچى دىگەن مەنىدە. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا بۇ سۆزنىڭ قەدىمقى تۈركچىسىى «تاپاگۇ» يەنى سەلتەنەت تايانچىسى، دۆلەت تۈۋرۈگى، ئەڭ ئىشەنچلىك كىشى دىگەن بولىدۇ دەپ ئىزاھلىغان. X0a)6HZ{  
⑧ ئوگە – تېگىندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئەمەلدار، مەسلىھەتچى. )LOV)z|}  
⑨ «ئوپال. بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى.» «تۈركى تىلار دىۋانى»، ;1x(~pD*o  

mamatjan74 2014-05-12 02:02
«تاپاگۇ» ئەمەس «تايانغۇ» دۇ؟!

nadiraay 2014-05-13 10:15
بەلكىم شۇنداقتۇ، مەنمۇ بارىنى يوللىدىم.

بابۇر0725 2014-05-13 21:08
بەكمۇ ياخشى ماتېرىيالكەن رەھمەت سىزگە

tawpek 2014-05-17 22:42
ھەقىقەتەن ئىسىل ماتىرىيال بوپتۇ، CpGy' Ia  
a8w/#!^34  
TmEJ!)*  
ساقلىۋالدىم. h85 kQ^%  
i:/Ws1=q  
r,8~qHbOT  
مەھمۇت قەشقەرى  بىلەن قۇتلۇق شەۋقىنىڭ قانداشلىقى ئىسپاتلانغان بىر ماتىرىيال كۆرەەندەك قىلغانتىم


查看完整版本: [-- قۇتادغۇ بىلىگ ۋە تۈركى تىللار دىۋانى ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled