tursun |
2014-05-08 13:10 |
ئۆملۈك بىلەن ياشنايدۇ-ھايات...بۇژغۇن
ئۆملۈك بىلەن ياشنايدۇ-ھايات
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلسا تەبىئەتنىڭ ناۋادا، ئېشىپ بارار كۈنسايىن تەبىئەتنىڭ غەزىۋى. «ئۆزەم تاپقان بالاغا ،نەگە باراي داۋاغا؟» -دېگەن بىلەن تۈگىمەس،ئىنسانلارنىڭ كۆز يېشى.
جىمىي جانلىق،مەۋجۇدات ھاياتلىققا تەشنادۇر، مۇھىت -سۆيگەن ئىنسانغا كائىناتمۇ ئاشنادۇر. چىن ھاياتلىق،ساپ مۇھىت تەبىئەتنىڭ ئۇز خالى، كىملەر ئاڭا قىلسا قەست،جىنايەت ھەم گۇناھتۇر.
چۈمۈلىنىڭ يولىنى توسۇپ قويساڭ ناۋادا، يېڭى بىر يول ئېچىشقا ئۇرۇنىدۇ ھەرياندا. ئۇنىڭغىمۇ قىممەتلىك،تەڭرى بەرگەن ھاياتلىق، ياشار شۇڭا ئۆم-ئىناق،يۈرسىمۇ ھەر تاماندا...!
بولالمىسا ئىنسانلار چۈمۈلىدەك ئۆم-ئىناق، ھاياتلىقى-مەنىسىز،نامسىز كېتەر ھەر قاياق. چۈمۈلىنىڭ روھىيدەك ئۆملۈك روھىي بولسىدى... ياشنار ئىدى ھاياتى،يۈرسىمۇ يالىڭئاياق...!
ئۆملۈك بىلەن ياشنايدۇ چىن ئىنساننىڭ ھاياتى، شۇندا ئەل-يۇرت،ۋەتەنگە ئەزىز ھايات-ماماتى...!
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى |
|