قەلبىنۇر4 |
2014-05-07 13:45 |
قىزىلمۇچنىڭ 4 چوڭ پايدىسى
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، لازا تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى ئاز بولۇپ قالماستىن يەنە قورساق ئېچىشنى تىزگىنلەش رولى، مۇسكۇلنى چېڭىتىش، ئەقلىي-زېھنىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كەيپىيات تەڭشەش رولى بار.
سىنا پەن-تېخنىكىسنىڭ 17-فېۋرال خەۋىرى: ئامېرىكا MSNBC تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋەر بېرىشىچە، ئامېرىكىدا ئاستا-ئاستا قىزىلمۇچ يېيىش ئېقىمى كۆتۈرۈلۈپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر «قىزىلمۇچ ساغلام يېمەكلىكتۇر» دېگەن قاراشقا دىققىتىنى قارىتىشقا باشلىدى. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى ئاز بولۇپ قالماستىن يەنە قورساق ئېچىشنى تىزگىنلەش رولى، مۇسكۇلنى چېڭىتىش، ئەقلىي-زېھنىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كەيپىيات تەڭشەش رولى بار. قىزىلمۇچ يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشلەر،مەززىلىك تەم بىلەن ھۇزۇرلىنىشتىن باشقا يەنە بەدەن ساغلاملىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تۆۋەندە لازىنىڭ 4 چوڭ پايدىسى سۆزلىنىدۇ: بەدەن ئەۋرىشىملىكىنى ساقلايدۇ. «ئەنگىلىيە تروفولوگىيە ژۇرنىلى» دىكى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاماق يېگەندە تاماققا ئىككى قوشۇق قۇرۇق قىزىلمۇچ تالقىنى قوشۇپ يېگەن ئاياللارنىڭ سوقۇلغان قىزىلمۇچ قوشمىغان ئاياللارغا قارىغاندا، سۈمۈرىدىغان ئىسسىقلىق ۋە ياغ مىقدارى ئاز بولىدۇ. ئەگەر سىز ئاچچىق يېمەكلىك يېيەلمىسىڭىز ناشتىدا ئازراق قىزىلمۇچ قىيامى يېيىشتىن سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. مۇسكۇلنى چېڭىتىدۇ. ئامېرىكا جەنۇبىي كارولېنا ئۇنۋېرسىتىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قىزىلمۇچنىڭ تەركىبىدىكى زەرچىۋە پىگمېنتى مۇسكۇلنىڭ زور مىقداردا ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار ئىكەن. شۇڭا زور مىقداردا ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن ئازراق قىزىلمۇچ قىيامى يېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز قىزىلمۇچ يېيىشكە ئادەتلەنمىگەن بولسىڭىز، لازا قىيامىنى نان ياكى ھور ناننىڭ ئارىسىغا ئېلىپ يەپ سىناپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا بايقىشىچە، قىزىلمۇچنىڭ تەركىبىدىكى زەرچىۋە پىگمېنتى چوڭ مېڭىنىڭ «چوڭ تازىلاش» ئېلىپ بېرشىغا ياردىمى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن تاماق ئەتكەندە گاڭپەن ياكى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئىچىگە ئازراق سوقۇلغان قىزىلمۇچ ياكى كەررى پاراشوكى ئارىلاشتۇرۋەتسىمۇ بولىدۇ. كەيپىياتنى ياخشىلاش. ئامېرىكا نىيۇيورك ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كاپزائىتسىن ئېغىز بوشلۇقىنىڭ «ئاغرىق سېزىمچانلىق» نى ئۇرغۇتۇپ، چوڭ مېڭىگە بىر خىل ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ ئادەمگە ياخشى كەيپىيات ھاسىل قىلىدىغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددا ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ خىل ماددا قىزىلمۇچنىڭ غىدىقلىنىشچانلىقىنى پەسەيتىپلا قالماي يەنە كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ ۋە ياخشى كەيپىياتقا ئىگە قىلىدۇ. ئەگەر سىز كەيپپىياتىڭىزنى ياخشىلىماقچى بولسىڭىز، سالات ياكى شورپىغا ئازراق قىزىلمۇچ قوشۇپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
|
|