查看完整版本: [-- گۈلنىھال : يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارغا باھا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> گۈلنىھال : يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارغا باھا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-05-06 11:04

گۈلنىھال : يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارغا باھا

يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارغا باھا z?gJHN<  
'PO1{&M  
~]yqJYiid^  
R1 wd Q8q  
ل. ې ھۆگبېرىي +Rh'VZJs  
DMf9wB  
شىۋىتچىدىن تىۋىش تەرجىمىسى au7BqV!uL  
?3|ZS8y  
J\{)qJ*jp  
xHs3  
ل.ې . ھۆگبېرىي – شىۋىتسىيىلىك مىسسيونېر . ئۇ شىنجاڭغا ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ئۈچ قېتىم كەلگەن بولۇپ ، تۇنجى قېتقم 1894- 1900 –يىلغىچە ، ئىككىنچى قېتىم 1903- 1909–يىلغىچە ، ئاخىرىقى قېتىم 1911-1916- يىلغىچە تۇرغان . ئۇ يەنە روسىيە ، ئىرانلاردىمۇ مىسسونىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان .         –تەرجىماندىن K:Ap|F  
F-R`'{ ka  
dHu]wog  
Y.73I83-j  
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ھازىرقى قۇرۇلمىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، كۆپ مەنبەلىك ، ئۆز-ئارا بىرىككەن گەۋدە بولۇپ ، ھەرقايسى تەركىبلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان . شۇڭا بىر پۈتۈن مىللەتكە تەۋە بولغان مىللىي خاراكتىرىنى مۆلچەرلەپ چىققىلى بولمايدۇ . مەن پەقەت ئۆزۈم كۈزەتكەن بىر قانچە نۇقتىلاردىن ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشقا تىرىشتىم . B8nXWi  
lfKknp#B/O  
ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتىرىگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ ، تەلۋىلىك ، قارىغۇلارچە ئىشىنىش ئىدىيىسى ئۇلاردا نابۇت قىلىش رولىنى بەكرەك ئوينىغان ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىكى بارلىق ئاكتىپ ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش خاراكتىرىنى نەپسىدىن بوغۇپ ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسلى بولۇشقا تېگىشلىك تەپەككۇر قىلىش ، مۇشتاقلىق ، ئىنتىلىش قاتارلىق ئىنكاسلارنى ھىچقانداق مەپتۇنلىقى ياكى قىزغىنلىقى بولمىغان ، بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتى بولمىغان بىر ماھىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان . بۇ ئاللاھغا چوقۇنۇش يولىدىكى ئۆزىنى ئاتىغان ئوت كەبى قىزغىنلىق ئىچىدىكى كۈرەش بولماستىن بەلكى ناھايىتى قاشاڭ ، چېكىدىن ئاشقان ، قانائەتچان بىر خاراكتىر بولۇپ ، ئۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن .بۇ خىل خاراكتىر ئۇلارنىڭ يۇرۇش –تۇرۇشى ۋە مۇھىتىدا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ . ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرەر كىشىنىڭ ئۆز قايغۇسىنى ناھايىتى چوڭقۇر ئىپادىلىگەنلىكىنى ، بىرەر كىشىنىڭ يۇز بەرگەن تىراگېدىيەگە نىسبەتەن چۆچۈگەنلىكىنى ، بىرەر كىشىنىڭ خۇشاللىققا ئۇچرىغاندا ئۆز مەمنۇنلىقىنى كۆڭغل قېتىدىن چىقىرىپ قاقاقلاپ كۈلگىنىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ . ئۆز جۈملىسىدىن بۇ خىل ھادىسىلەر بالىلارغىمۇ تەسىر قىلغان بولۇپ ، ئۇلار كىچىكىدىنلا شۈكرى قىلىش ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلىنىدۇ . ئۇلار ھەرقانچە زور خوشاللىق ۋە بەخىتكە يولۇققاندىمۇ يەنىلا ئۆز خۇشاللىقىنى كۆز بىلەن كۆرۈنگىدەكلا ئىپادىلەپ قويىدۇ ھەم بۇ خىل ھىسىيات قىسقىلا بىر پەيىت داۋاملىشىدۇ .ئۇلار پەقەت ئاللاھ باي ۋە كەمبەغەلنى يارىتىشقا قادىردۇر . بەندىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئۆزگەرتىش كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ .بۇ خۇددى ئىگىسىنىڭ بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزۇپ ماڭغان ، ئىگىسى ھەددىدىن زىيادە نېسىم سالسىمۇ زۇۋان سۈرەلمىگەن ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ياراتقان تىلى تۇرۇپمۇ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك ماجالى يوق ئىدى . t.zSJ|T_&O  
_+. t7q^  
ئۇلار قارىماققا دىنغا تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىنلا ئېتىقاد قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى . بۇ بەندىلەر ئۆزىنى قايرىپ قويۇپ ، ئەتتراپىدىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرىنى بەكرەك ئويلىشاتتى .ئۇلارنىڭ پاكلىق ۋە ناپاكلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى تولىمۇ ئەخمىقانە ئىدى ، مەسلەن ، بىرەرسى 14 خىل ئايەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بەزى سويۇق تاماكا قالدۇقلىرىنىڭ چىشلىرى ئارىسىغا كىرىپ قالغىنىنى بايقىسا ياكى تامچە يېشى ئېقىپ كەتسىمۇ ، ئۇلار بۇ نامازنى بۇزدى دەپ بىلىپ ، باشقىدىن باشلاپ ئوقۇيدۇ . ئۇ خىل قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ قويغان كىشى چوڭ ئالدامچى ۋە يالغانچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بۇ خىل ئىدىيىلەر ئۇلاردا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوخشاش خاراكتىرنى شەكىللەندۇرگەن بولۇپ ، بۇ خىل خاراكتىرنىڭ كەينىدە ئۇلار ھېچقانداق ئىشنىڭ تېگى –تەكتىنى سۈرۈشتۇرمەيدىغان ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتلىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشتىن مۇستەسنا ھالدا ، پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئادەت بولۇپ شەكىللەنگەن ئىشلارغىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ قالغان . بۇ خۇددى ئۇلارنىڭ يەر تېرىش ئۇسلۇبىغا ئوخشاش.ئۇلار ئۈچ چى چوڭقۇرلۇقتا يەر كولايدۇ ، ئوخشاش ئۆلچەمدىكى يەرگە ، ئوخشاش مىقداردىكى ئۇرۇق سالىدۇ .بۇ خىل ئۇسۇل ئەۋلاتتىن –ئەۋلاتقا شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ، ھىچكىممۇ ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۇپ ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرمىگەن . .SsIU\[)  
z~BB|-kp1  
بۇ خىل ئىسلام دىنىدىنمۇ ھالقىغان جاھىل كونسېرۋاتىزىملىق ئۇلاررنىڭ قان –قېنىغا ئورناپ كەتكەن بولۇپ ، ھاياتىي كۈچىنى ئۆلتۈرۈپ ، بارلىق تەتقىقات ، ئىزلىنىش ، ئىلگىرلەشنى چەكلەپ قويغان . L=p.@VSZ  
UtutdkaS  
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىمانسىزلارغا قارشى ئىدىيىسىمۇ ئانا سۈتى بىلە ن تەڭ كىرگەن بولۇپ ، بۇ ئۇلارنى باشقا مىللەتلەردىن ئۆگىنىش ، قوبۇل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان . zPmVECS  
<|8 l;  
ئۇلار ئەگەر بالىلار بۇ خىل قائىدىلەرگە دىققەتسىزلىكتىن ئەمەل قىلالماي خاتالىق ئۆتكۈزۇپ قويغىنىدا ئۇلارنى «بۇرنۇڭنى ياكى قۇلىقىڭنى كىسىمەن»دەپ قورقىتىدۇ .ئۇلار كۆپىنچە دىنىي ئەقىدە ۋە جازالاش مىتودلىرى ئارقىلىق بالا تەرربىيلەيدۇ. X1-s,[j'  
{)[i\=,`{  
ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر خاراكتىر ئالاھىدىلىكى ئۇلاردا راسىت گەپ قىلىش ئادىتى كەمچىل .بالىلار كىچىكىدىنلا خاتالىقنى تونۇشقا ۋە ئاتا –ئانىلارنىڭ كەچۈرىشىشگە ئېرىشىشىكە ئۆگىتىلمەيدۇ .ئاتا –ئانىلار بولسا ، «ئۇلار تېخى كىچىك ، ئىش ئۇقمايدۇ »دەپلا مەسلىنى ھەل قىلىدۇ .پەقەت ئاللاھغا بولغان دۇئا –تىلاۋەتلا بارلىق گۇناھ ، خاتالىقلارنى چېغىدا ئاخىرەتتىكى جازادىن قورقۇپ :«ئاللاھ ،كەچۈرگەيسەن گۇناھىمنى » دەپ ۋارقىراپ تۇرۇپ ،يەنە قول سالىدۇ . <,GHy/u\  
ZMe|fn  
ئۇيغۇرلاردىكى ئائىلە مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ ، ئاتا –ئانىلار ۋە  بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە ئۆز –ئارا ياردەم بېرىش پەزىلىتى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن بولسا كېرەك . ئۇلار قېرىنداش ۋە ھەمراھلىرىنى چوڭ كۆرىدۇ ، مېھماندارچىلىقى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك . H>r-|*n  
d5%*^nMpY  
ئەر –ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتە ،مۇھەببەت ھەر ئىككىلا تەرەپتىن ئىشەنچى ۋە ھۆرمەتنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ ، قارىماققا ئۇلاردا پەقەت جىسىي تاررتىش كۈچىلا ئۆز –ئارا ئۇلارنى باغلاپ تۇرغان ئاساسىي كۈچتەك قىلاتتى . 0 mQ3P.9  
2mO#vTX4  
بۇ خىل كىشىلەر ئاسان غەزەپلىنىپ ئاسان ئاچچىقى يانىدىغان كىشىلەر ئىدى . ئۇلاردا يەنە ھالى چوڭلۇق ، قىززىق  قانلىق تەرسالىقمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ ، ئۇلاردا سەۋر – تاقەت كەمچىل ئىدى .كۆرگەن كىشى ئۇلارنىڭ ھاياتى مۇشۇنداق ئۆتۈپ كىتەرمۇ دەپ ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئۆمرىدىن ئەندىشە قىلىپ قالاتتى .ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلار بولغاندا ، ئۇلار چىرايلىق ۋە ياسىداق گەپلەر بىلەن ماختاشقا ناھايىتى ماھىر كىلىدۇ . '2tEKVb  
F:g{rm[  
ئۇلاردا يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ھالقىغان بىر خىل چۈشىنىش تەس ھىسىيات بولۇپ ، ئۇلار بارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرگە ۋە تۈركلەرگە ئاجايىپ قىزىقاتتى . ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ  40-50 يىل ياشىسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنى ئۇ يۇرتتا « ياتلار» دەپ ھىسابلايدۇ . شۇڭا باشقا دىندىكىلەرگە قارسى قوزغىلاڭ ۋە جەڭلەردە ئۇلار ئاسانلا سەپكە قوشۇلۇپ ياۋلارغا قارشى تۇرالايدۇ . =tNiIU  
$.1'Ym  
ئۇيغۇرلار قورقۇنچاق ، يۇرەكسىز دادىل ئەمەس ھەم ئۇلاردا ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز . ئەگەر بىرىگە ھوقۇق تېگىدىغان بولسا ، ئۇ دەرھاللا رەھىم – شەپقەتسىز ۋە باشقىلارنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ . غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۇ چوقۇم كۈل ئىچىدە كېتىۋاتقان سازاڭ قۇرتىدەك ئۆمىلەپ مېڭىشى كېرەك ئىدى . nnNg^<[k3  
nc~d*K\!  
بايلار ھامان كەمبەغەللەرنى ئانىي تاپاتتى .دەۋا –سوراقلاردا بولسا ،قازى پارىنى كىم كۆپ بەرسە شۇنىڭ گىپىنى راسىت قىلاتتى .تەسىرى چوڭ كىشىلەر ئۆز ئىمتىيازىغا تايىنىپ ، ساختا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈچىلەرنى يىغالايتتى . PoJyWC  
f ti|3c  
ياۋروپالىقلاردا خىزمەتكارلار خوجايىننىڭ خەير-ساخاۋىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خوجايىنىغا بولغان سادىقلىقنى ئىش –ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ ، ھەرگىزمۇ شۇ ئائىلىدىكى ئۆي ھايۋانلىرىنى ئۆزىگە كۆندۇرۋالغانلىقى بىلەن خوجايىنىنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ . ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا ، خىزمەتكار كۆز بوياپ ، ئامال بار ئىشنى ئاز قىلىپ ، باشقا ئۇسۇللار بىلەن خوجايىننىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۇرۇشنى ئويلايدىغانلار كۆپرەك . F\R}no5C  
E`n`#=xKR  
بۇلاردا بىرەر ئەسۋاپ توغرىسىدا كەشىپ قىلىش ، ياخشىلاش ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇش مەۋجۇت ئەمەس . ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ياكى مەدەنىيەت تېمىلىرى ئۈستىدە چۇڭقۇرراق ئويلۇنۇش ئەھۋاللىرى ئاز ئۇچرايدۇ .ئۇيغۇرلار كۆرىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىتاپلار ئەرەپچە  ۋە پارىسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ، دىن ، پال سېلىش ۋە سېھرىگەرلىك تېمىلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن . @%nUfG7TQ  
_0q~s@-  
ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتمۇ بوستانلىقلاردىن باشقا قالغىنى قۇملۇق ، چاڭقاق يەر ، تاقىر تاغلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ خاراكتىرىمۇ شۇ تەرىقىدە ھاياتىي قۈچى ئاجىز بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن . Q3%# o+R>  
 RhNaYO  
مېنىڭ بۇ زېمىندىكى پۈتكۈل مۇساپەمدە ، مەن يەنە شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئۇيغۇرلار تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەمدۇ ياكى خالىمامدۇ ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا گۈل تېرىپ تەبىئەتكە ھۆسىن قوشقىنىدىن باشقا ، مەن شۇ جەرياندا بىرەرسىنىڭ توختاپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانغىنىنى ياكى تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئون قەدەم ماڭغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم . K_|~3 g  
';\gR/L  
     ئۇلارنىڭ يازغا تەلپۈنىشى – كۆمۈرنىڭ دەردىدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن بولسا ،كۈزگە تەلپۈنىشى – مول –ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ، دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇشى ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس ، چارچىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى . |id79qY7g  
vZeYp  
يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئىچىدە ئاكتىپ تۈردىكى خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرى . بۇ پەقەت بىر ياۋرۇپالىقنىڭ كۈزىتىشىدىكى خاراكتىر ئالاھىدىلىكىدۇر . Y-3[KHD  
مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى .

ياسىنجان510 2014-05-06 13:22
   ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر،قىممەتلىك تارىخىي ماتىريال بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

لاچىن 2014-05-06 20:25
    ھەي، نېمە دەيمىز. مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ يا توغرا ياكى خاتا دېيەلمەيلا قالدىم. @4_rxu&  
    راست سۆزلەش كامچىل، ; 
    يەنە،- بۇلاردا بىرەر ئەسۋاپ توغرىسىدا كەشىپ قىلىش ، ياخشىلاش ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇش مەۋجۇت ئەمەس. دېگەن سۆزىمۇ مېنى قاتتىق ئويغا سېلىپ قويدى. GSGyF  
    يەنە،- ئۇلارنىڭ يازغا تەلپۈنىشى – كۆمۈرنىڭ دەردىدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن بولسا ،كۈزگە تەلپۈنىشى – مول –ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ، دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇشى ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس ، چارچىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. دېگەن سۆزىمۇ قاتتىق تەسىر قىلدى. 1 ;\]D9i  
    ئەمما بۇلار گۈل تېرىشتىن باشقا تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەيدۇ دېيىشى مەنچە خاتا.  
    ئەمما بۇ تېما مەنچە بىلىم ئادەملىرىمىز تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغىدەك تېما ئىكەن. HJfQ]p'nK2  
    

ئەكبەرنىياز 2014-05-06 22:21
ھەقىقەتەن ئېسىل تېمىكەن ، كۆپ رەھمەت گۈلنىھال !!!

ۋارىس60 2014-05-07 00:43
بىر خىرىستىئان مىسسىئونىرىنىڭ [x;(cISK1  
  بىر ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مىللەتكە بەرگەن باھاسىنى ئاۋۋال ئۇلارنىڭ دىنى ئېتقادىدىن باشلاپ سۆز ئاچقاندىكى مەقسىدىنى بىمە دەپ چۈشەنسەك بۇلار؟  ‹‹ ئۇلارنىڭ ئېتىقادى قارىغۇلارچە ›› دېگىنىنى نىمە دەپ چۈشەنسەك بۇلار؟...

ئوتلۇق12 2014-05-09 17:59
بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھىسسىياتىم باشقىچىلا بولۇپ قالدى. قانداقلا بولمىسۇن تېما يوللىغۇچىغا رەخمەت !

tawpek 2014-05-15 18:12
ۋاي توۋا، 9@:BK;Fi  
To3^L_v"  
;tJWOm  
كۈلەيمۇ يىغلايمۇ، h,^BC^VU9-  
>BBl 7  
100  يىل ئىلگىرىكىدىن ئەمەس  ھازىرقى ئەھۋالىمىزدىن مۇشۇنداق خۇلاسە چىقارسىمۇ يەنە رەددىيە بەرمىكىمىز تەستەك قىلىدۇ جۇمۇ. 3pB}2]  
lK0s=4c{  
ئاجايىپ  بىر ئىسىل تېما بىلەن ئۇچراشتۇرۇپسىز.

گۈلنىھال 2014-05-15 20:41
ئۇلارنىڭ يازغا تەلپۈنىشى – كۆمۈرنىڭ دەردىدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن بولسا ،كۈزگە تەلپۈنىشى – مول –ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ، دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇشى ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس ، چارچىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى . ... ',GV6kt_k  
+=7:4LFOL  
[u`6^TycP  
‏بۇ ئەسەر مېنى شۇنچىلىك ئازاپلىدى ،  بۇ مىسسىئونىرنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى خاتامۇ ؟  لىكىن ھەممىسىمۇ توغرا ئەمەس ، بەزى ئابزاسلار ،  ( يۇقرقىدەك ) ئادەمنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلغاندەك بىلىنىدىكەن ... BWh }^3?l  
^-h ErsK  
لىكىن ،  بىر دىنسىزنىڭ دىگەنلىرى  ‏بولسىمۇ ئادەمنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ ...

گۈلنىھال 2014-05-15 20:42
‏ئۇ ئۇيغۇرلارنى ھوزۇرلىنىشنىمۇ بىلمەيدىغان دەپ ئويلايدىكەن -  ھە ؟ } #Doy{T  
F)S PaC4  
‏ توۋا .... +6l]]*H  
 Qqc]aVRF  
‏بېشىنى يىگۈر ...


查看完整版本: [-- گۈلنىھال : يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارغا باھا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled