查看完整版本: [-- قەدىمكى خوتەننىڭ ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> قەدىمكى خوتەننىڭ ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-05-06 10:52

قەدىمكى خوتەننىڭ ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى

قەدىمكى خوتەننىڭ ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى nu 
b,Vg3BS  
uVn"'p-  
    خوتەن ئۇزۇن تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ ، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغان . <_N 
ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن شۇغۇللانغان ئەمگەك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوۋچىلىق خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ، خېلى مۇھىم ئورۇن يۇتۇپ كەلگەن ؛ ئوۋچىلىق ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەييار نېممەت بولغان ھايۋانلارنى ئوۋلاشنى تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەنبەسى قىلغان ئىگىلىكتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئىنسانلار تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئەمگەك تېخنىكىسى تۆۋەن ۋە قورال سايمان ئاددىي بولغاچقا ، كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەييار ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىش بىلەنلا كۈن كەچۈرەتتى . ئۇ چاغدا ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى يېغىشتىن باشقا ئوۋچىلىق قىلىش ، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىگە ئىگە بولۇشتىكى ئەڭ ئاساسلىق پائالىيەت ئىدى . t.`&Q|a  
خوتەن ئۇيغۇرلىرىمۇ يىراق قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپلا ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرگە ئوخشاش قاراقۇرۇم ، ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى ئارىلىقىدىكى پايانسىز زېمىندا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىپ بېقىش ، كۆپەيتىش يولى بىلەن چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ ئىگىلىكنى يۈكسەلدۈرگەن. /eO :1c  
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، خوتەن ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشلەردە بايقالغان نىيە ، كېرىيە، لوپ قاتارلىق جايلاردىكى كونا ۋە يېڭى تاش قورال دەۋرىگە تەئەللۇق دەپ قارىلىۋاتقان ئالتە ئورۇندىكى قەدىمكى ئىزلاردىن ، كونا ۋە يېڭى تاش قورال دەۋرى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ، تاشنى يونۇش ، چوقۇش ئۇسۇلىدا ياسالغان تاش قوراللار ، تاش مېغىزى ، تاش ياپراقچە ، كېسىش قورالى قاتارلىق قوراللار يىغىۋېلىندى ؛ بولۇپمۇ يېقىندا شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىن 77 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كەڭسۇلاق (باشقانسۇرا)دەيدىغان جايدىن تاش قورال دەۋرى ئىزىنى تاپتى . ئۇزۇنلۇقى 2000- 3000 مېتىر كېلىدىغان خارابە ئىزىدىن 173 دانە تاش قورال يېغىۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇششاق تاش ياپىراق ، قىرغۇ قۇراللىرىۋە تاشتىن ياسالغان يا ئوقى بېشى قاتارلىقلار بار . يىغىۋېلىنغان تاش قوراللارنى كۆزىتىش ، تەھلىل قىلىشقا قارىغاندا ، بۇ خارابە ئىزى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ياكى ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ ئۇششاق تاش قورال خارابە ئىزى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ . t3// U #  
خوتەننىڭ قەدىمكى زامان ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنى بىر قەدەر روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ماتېرىيال قىياتاش سۈرەتلىرىدىكى ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىققا دائىر كۆرۈنۈشلەردۇر . قاراقۇرۇم تېغى ئىچىدىن خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرىنىڭ ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق دەۋرىدىن تارتىپ ، ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىش دەۋرىگە قەدەر بولغان ئۇزۇن تارىخى دەۋردىكى ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىجتىمائىي پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىياتاش سۈرەتلىرى بايقالدى . ئۇلار سانجۇ قىياتاش سۈرەتلىرى ، كېيىك تۈز قىياتاش سۈرەتلىرى ، ۋە كەڭغاز قىياتاش سۈرەتلىرىدىن ئىبارەت . سانجۇ قىياتاش سۈرەتلىرىدە تەنھا بىر ئوۋچىنىڭ ئوقياسىنى مەلۇم ھايۋانغا چەنلەپ ئوق ئۈزۈۋاتقان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى بىلەن بىر نىقابلىق ئادەمنىڭ ئاتنى يېتىلەپ مېڭىۋاتقان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى سۈرەتلەنگەن . بۇ كۆرۈنۈش ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياۋا ئاتلارنى ئوۋلاپ ، قولغا كۆندۈرۈپ سەپەردە ، ئوۋدا ، مال بېقىشتا ، يۈك توشۇشتا ۋە يول يۈرۈشلەردە ئىشلىتىپ ، قاتناش ئېھتىياجىنى قامدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . NlG~{rfI  
كېيىك تۈز قىياتاش سۈرىتىدە ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان يەتتە خىل ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى سىزىلغان بولۇپ ، بەزى سۈرەتلەردە ھايۋانلارنىڭ سەزگۈر، شاش ياۋايى خۇسۇسىيەتلىرى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن بولسا ، ئادەم سۈرەتلىرىدە ئادەملەرنىڭ ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان . كەڭغاز قىياتاش سۈرىتىدە ئاساسەن بىر تاغ تېكىسىنىڭ قوتانغا كىرىۋاتقان ھالىتى ، قوتاننىڭ ئالدىدىكى دەريانىڭ باش تەرىپىدە ، ئوتتۇرىدا ئۈچ تاغ تېكىسىنىڭ ئوتلاۋاتقان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن . بۇ سۈرەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىپ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئايلاندۇرۇش دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىپتىدائىي ئوۋچىلىقتىن قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەپ ئوتخور ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ قولغا ئۆگىتىش ، كۆندۈرۈش ۋە بېقىپ كۆپەيتىش ئارقىلىق چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ . بۇ قىياتاش سۈرەتلىرى 1953- يىلى غەربىي شىمال مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ ، تارىخشۇناس ۋە ئارخېئولوگلار ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەم دېگەندە بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئىلگىرى ئويۇلغانلىقىنى ، كېيىنكى تولۇقلانغان ۋاقتىنىڭ 7 – ئەسىرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشمەكتە . : [r/ Y  
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلار ۋە قۇم ئاستىدا قالغان ئىپتىدائىي شەھەر – قەلئە ، خارابىلەردىن گۇما ناھىيىسىدىكى غازى غوجام مازىرى ، قىزىل تام قۇملۇقى ، قاراقاش ناھىيىسىدىكى زاۋا بوستانلىقى ، خوتەن ناھىيىسىدىكى مىلىك ئاۋات قەدىمكى شەھەر خارابىسى ، سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقى ، ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرى ، ئودۇنتات قەدىمكى شەھەر خارابىسى ، كېرىيە كۆكيار قېيماشېھىدان خارابىسى ، قاتارلىق قەدىمكى خارابىلەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق دەۋرىدە ئىشلەتكەن تاياق - توقماق ، نەيزە ، ئاي پالتا ، مىس ، تۆمۈر قاتارلىق ھەر خىل مېتال بۇيۇملاردىن ياسالغان ئوق بېشى ، قومۇشتىن ياسالغان ئوق سېپى ۋە ئوقدان ، ئوقيا خالتىسى قاتارلىقلار تېپىلدى . 1994 – يىلى 10- ئايدا جۇڭگو- فرانسىيە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكى ئارخېئولوگلاركىرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا «يۇمىلاق قۇم كونا شەھەر خارابىسى»نى بايقىدى ، بۇ شەھەر نۆۋەتتە شىنجاڭدا بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى قەدىمكى شەھەر . بۇ شەھەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن قوي، تۆگە، ئات، شەك، كالا، ئىت قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى بايقالدى. بۇ مۇشۇ زېمىندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ ئۆي ھايۋانلىرىنى ئېغىل – قوتانلاردا كۆپلەپ بېقىپ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇنلانغانلىقىنى ئىسپاتلىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، بۇغا ، توشقان ، قۇش سۆڭەكلىرىنىڭ تېپىلىشى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇنلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . نۇرغۇن تۆگە سۆڭىكىنىڭ تېپىلىشى كىشىلەرنىڭ تۆگىنى قاتناش قورالى ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 – ئەسىردە خوتەن دائىرىسىدىكى ئودۇن ، ئۇزۇنتات ، نىيە ، روڭلو ، چىرا ، گۇما قاتارلىق بەگلىكلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدىن تېرىقچىلىق جەمئىيىتىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى جەھەتتە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ ، قوشۇمچە چارۋىچىلىقنى يولغا قويغان بولۇپ ، چارۋىچىلىقتا ئات ، كالا ، قوي ، تۆگە، ئېشەك ، قوتاز ئاساس قىلىنغان . « شىزاڭ تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە : «خوتەن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ رايونلاردا ئوت – چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ ، دول ، ھاڭكى قاتارلىق ناھايىتى ياخشى چارۋىچىلىق رايونى ئىدى» . «ياخشى ئات ، تۆگە ، قېچىرلىرى بار.»دەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان ..... r&/M')}?Lw  
~EL3I  
مەنبە : « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ?-Zl (uX  

ياسىنجان510 2014-05-06 23:49
قىممەتلىك تارىخىي تېما بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2014-05-06 23:50
نېمىدىگەن ئېسىل تېما بۇ ، گۈلنىھالنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

بابۇر0725 2014-05-13 21:10
قىممىتى بەكلا يۇقىرىكەن

tawpek 2014-05-15 12:40
سانجۇ قىياتاش سۈرەتلىرىدە تەنھا بىر ئوۋچىنىڭ ئوقياسىنى مەلۇم ھايۋانغا چەنلەپ ئوق ئۈزۈۋاتقان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى بىلەن بىر نىقابلىق ئادەمنىڭ ئاتنى يېتىلەپ مېڭىۋاتقان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى سۈرەتلەنگەن . بۇ كۆرۈنۈش ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياۋا ئاتلارنى ئوۋلاپ ، قولغا كۆندۈرۈپ سەپەردە ، ئوۋدا ، مال بېقىشتا ، يۈك توشۇشتا ۋە يول يۈرۈشلەردە ئىشلىتىپ ، قاتناش ئېھتىياجىنى قامدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . 9 {wRqY  
7 x'2  
"Ccy j/  
بۇ سانجۇ يىزىسى دەل مىنىڭ كىندىك قىنىم تۆكۆلگەن ئانا ماكانىم بولوپ، يۇقارقى سۈرەت تاش  ھەققىدە مەلۇماتىم ھەقىقەتەن يىتەرسىز ئىدى،   تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر. eaC%& k  
4*ZY#7h  
FUarI5#fwF  
ئۇ سۈرەت تاشتىن يۇقارقىلارنىلا كۆرىۋالغىلى بولوپلا قالماستىن جايلىشىش ئورنى ۋە سۈرەتتىكى يەنە بىر تەپسىلاتلارغا قارىغاندا  ئۇنى بىر يول خەرىتىسىمىكىنمۇ دەپ قالىمەن. " Lh&s<[  
$g^D1zkuDT  
چۈنكى ئۇ سانجۇ يىزىسىدىن كەشمىر، لاداخ   دىگەندەك يەرلەرگە بارىدىغان يول ئىغىزىغا جايلاشقان.  بۇدا بارسام ئۇن سۈرەت تاشنى رەسىم تارتىپ تەۋپىقداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇناي. <.mH-Y5i  
`BQv;NtP  
d[>HxPwo  
يىپەك يولىنىڭ ئاخىرقى تۈگىنىگە جايلاشقان،  ياشقا چوڭلاردىن سورىسام  ئۇ يولنى يىپەكنىڭ يولى دەيدىكەن. gW,hI>  
ESNI$[`  
رەھمەتلىك دادام چوڭ دادىسىغا ئەگىشىپ شۇ يولدىن ئۆتۆپ كەشمىردىن تۇز ئەكىرەرمىشكەن. n>?D-)g  
#1/~eIEY  
=#/Kg_RKL  
گۇما ناھىيىسىدىكى غازى غوجام مازىرى ، قىزىل تام قۇملۇقى ، 1_zG  
HeO:=OE~>  
~L"$(^/  
مەن ئاۋۇ خارابىيلىكتىن كۈندە نەچچە كىسىپ ئۆتۆپ ئىشقا بىرىپ كىلىمەن. لىكىن خارابىيلىك تارىخىنى ھەقىقەتەن  ئۇقمايدىكەنمەن. 0muC4  
QJ3#~GYNr  
ھازىر ئۇ خارابىيلىكنىڭتوپىسىنى توشوپ كولاپ تىگىدىن سۇ چىقىرىۋەتتى، داۋاملىق توپىسىنى يۆتكەپ شىغىللىققا تۆكۆپ يەر ئىچىۋاتىدۇ. ;U|(rM;  
%(1O jfZc  
@QQ%09*  
قارىغاندا ئۇيەرنى كولاش مەخسىتى توپا ئىلىشلا ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟ y>EW,%leC  
Byc;r-Q5V  
يەنە نىمىلەرنى تاپقاندۇ؟


查看完整版本: [-- قەدىمكى خوتەننىڭ ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled