查看完整版本: [-- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارغا ھەقسىز قوللانما --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارغا ھەقسىز قوللانما [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەرك 2014-05-05 22:24

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارغا ھەقسىز قوللانما

ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا جاۋاب››دېگەن قوللانمىنى تۈزگەن، بۇ قوللانما ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىمتىھانغا ئالاقىدار كىشىلەرگە ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن. vLO&Lpv  
b%t+,0s|  
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، قوللانمىغا‹‹ئالاقىدار سىياسەت ۋە قانۇن-نىزاملار››،‹‹تىزىملىتىش، سىياسىي تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش››،‹‹ئىمتىھان خىزمىتى››،‹‹مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قائىدىسى››،‹‹ئارزۇ تولدۇرۇش››،‹‹ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى››،‹‹ئالاھىدە كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش››،‹‹فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى››دىن ئىبارەت سەككىز مۇھىم نۇقتىغا مۇناسىۋەتلىك 113مەزمۇن كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. ?_`0G/xl  
#' hLb  
ئىگىلىشىمچە،‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا جاۋاب››قوللانمىسى ھەقسىز تارقىتىلىدىغان بولغاچقا، كىتابخانىلارغا سېلىنمايدىكەن، ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىدىن ئالالايدىكەن. 2>\\@ 1  
مەنبە:http://uyghur.xjedu.gov.cn/jyy/zyyw/2014/68788.htm

ئارزۇ228 2014-05-06 09:47
   بەك ياخشى بولۇپتۇ، بۇ قوللانما ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدىكەن.

ئەكبەرنىياز 2014-05-08 22:53
ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ ، ھەقسىز بولغىنى تېخىمۇ ياخشى بوپتۇ ! كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارغا ھەقسىز قوللانما --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled