查看完整版本: [-- مېنىڭ مۇئەللىمىم---ماھى تەرجىمىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> مېنىڭ مۇئەللىمىم---ماھى تەرجىمىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2014-05-01 08:53

مېنىڭ مۇئەللىمىم---ماھى تەرجىمىسى

   P=KOw ;bs  
مېنىڭ مۇئەللىمىم .^,fw=T|1  
مويەن O)\xElu  
E{wVf_K  
گۈلباھار مۇھەممەد ماھى تەرجىمىسى 9P{5bG0o8  
|>j=#2  
بۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېزىپ بولغان ھەم نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېزىۋاتقان بىر تېما.بۇ تېمىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسياتى بىلەن تولغان بولىدۇ،ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.ئەمما ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياخشى-ناچارلىرى بولغانغا ئوخشاش مۇئەللىملەرنىڭمۇ ياخشى ناچارلىرى بولىدۇ.قىسقىغىنە مەكتەپ ھاياتىمدا،مېنى ئوقۇتقان مۇئەللىملەرنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ياخشىلىرىمۇ، ناھايىتى ناچارلىرىمۇ بار ئىدى.ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىملەرنىڭ ناچارلىقىغا بولغان  تەسىراتىم چۈشەنمەسلىكتىن بولغانىكەن، ھازىر تەبىئىيلا چۈشىنىپ قالدىم. A;SRm<,  
مەن بەش ياشتا مەكتەپكە كىرگەن ئىدىم.بۇ شەھەردە بالدۇر ھېسابلانمىسىمۇ،ئەمما يېزىدا ئۇنداق ئەمەس ئىدى.بۇ ئەلۋەتتە ئاتا-ئانامنىڭ مېنى بالدۇرراق مائارىپ تەربىيىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئەقىل بۇلىقىمنى ئېچىش ئۈچۈن ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە.ئاساسلىق سەۋەپ بولسا ئۇ ۋاقىتتا يېزىمىزدىكىلەر  دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جىياۋ خې دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ،دېھقانلارنىڭ ھەممىسى يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىغا ئايلانغانىدى.بىزدەك ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارمۇ شەھەرلىك بالىلارغا ئوخشاش بالىلار باغچىسىغا كىرىپ،شۇ يەردە يەپ،شۇ يەردە ئۇخلايدىغان بولغانىدۇق.بالىلار باغچىسىدىكى نەچچە ئايال مۇئەللىم دائىم ئاشلىق نورمىمىزدىن تۇتۇپ قالاتتى، بىزنى ھەربىيلەرچە تۈزۈم بىلەن باشقۇراتتى.ئاشلىقتىن قۇرساقنىڭ غولدۇرلاشلىرى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي يۈزنىڭ ئىششىپ قېلىشلىرى دائىم دېگۈدەك كۆرىلىپ تۇرىدىغان ئەھۋال ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانام مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. مۇشۇنداق قىلغاندا  مېنىڭ ئاشلىق نورمام ئائىلەمگە تەقسىم قىلىپ بېرىلەتتى.ئەلۋەتتە تەن جازاسىدىنمۇ قۇتۇلۇپ قالدىم. AH`tk Pd  
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ۋاقتىمدا مەن تېخى ئېغى يوق ئشتان كېيەتتىم،يىغلاڭغۇ ئىدىم. دەرستىن چۈشكەندە ئۆيۈمگە قاراپ چاپاتتىم.سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ياش پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئەڭ كىچىكى مەن، ئەڭ چوڭىغا ساقال چىقىپ قارىدىغان ئىدى.ماڭا تەسىر قالدۇرغان تۈنجى مۇئەللىم بولسا بويى ناھايىتى ئېگىز، بوي-بەستى زىلۋا ،دائىم دېگۈدەك تولا يۇيۇلغانلىقتىن ئاقىرىپ كەتكەن كۆك كىيىم كېيىۋالىدىغان،بەدىنىدىن بىر خىل ئالاھىدە خۇشپۇراقلىق سوپۇن پۇرىقى تارقىلىپ تۇرىدىغان بىر ئايال مۇئەللىم ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى مىڭ شىيەنخۈي ئىدى. ئۇنىڭ ئىسىمدە قېلىشىغا شۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن قاملاشمىغان بىر ئىش سەۋەپچى بولغان ئىدى:پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەيدانغا يىغىلىپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىياسى دوكلاتىنى ئاڭلاۋاتاتتۇق.مەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالدىدا تۇراتتىم.بېشىمنى كۆتۈرسەملا ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرەلەيتتىم.ئۇ كۈنى قۇرسىقىم ئاغرىپ، تەرىتىم قىستاپ،ھاجەتخانىغا بېرىشقا پېتىنالماي ،بەدىنىمنى ئۇيان-بۇيان لىڭشىتىپ كەتتىم،بەك قىستاپ كەتكەنلىكتىن بولالماي: " &p\pR~  
-مۇدىر،ھاجەتخانىغا بېىپ كېلەي،-دېدىم.ئەمما ئۇ ماڭا قىلچىمۇ پەرۋا قىلمىدى،قارىغاندا گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك تۇراتتى.كېيىن مەن راستىنلا زادى بەرداشلىق بېرەلمەي ،بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن ھاجەتخانىغا قاراپ يۈگۈردۈم.بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن يۈگۈرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن : Sn7.KYS  
-ئىشتىنىمغا چىقىرىۋەتتىم،-دەپ ۋارقىرىدىم.مەن بۇ قىلىقىم ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتنى ئەلۋەتتە بىلمەيتتىم،كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، شۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچەيلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكىدەك كۈلۈپتۇ، مۇدىردەك تۆمۈر ئادەممۇ كۈلۈپ كېتىپتۇ.مېنىڭ بىلىدىغىنىم مىڭ مۇئەللىمنىڭ كەينىمدىن ھاجەتخانىغا كىرىپ، ھەممە يېرىگە ھەرپ يېزىلغان بىر رەسىمنى قاتلاپ ئېغىمغا قىستۇرۇپ قويۇپ،ئاندىن ئۆيۈمگە كەتكۈزىۋەتكىنىلا ئىدى.ئون نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن،مەن ئۇنىڭ ئايالىم بىلەن بىر كەنتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدىم.ئايالىمنىڭ ئېيتىشىچە ئايالىم ئۇنى مىڭ ھامما دەپ ئاتايدىكەن.مەن ئۇنىڭدىن: >+#TsX{  
-ئۇ ھامماڭ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ باققانمۇ؟-دەپ سورىدىم.ئايالىم: `S;pn+5  
-ھاممام سىزنى ماختىدى،-دېدى.مەن: bnB}VRal  
-مېنى نېمە دەپ ماختىدى؟-دەپ سورىدىم.ئايالىم كەسكىنلىك بىلەن: fCx~K'UWn  
-ئۇ سىزنى ئەقىللىق،چېچەن بولۇپلا قالماي يەنە تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلاتتى دەپ ماختىدى،-دېدى، H{p+gj^J  
ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان 2-مۇئەللىممۇ ئايال بولۇپ،ئۇنىڭ بويى ئىنتايىن پاكار،ئىسمى يۈ مىڭ شى خۈي ،ياقا يۇرتلۇقلاردەك تەلەپپۇزدا گەپ قىلاتتى. ئۇ مېنى 1-يىللىقتىن تارتىپ 3-يىللىققىچە(ئۆزۈممۇ نەچچە قېتىم 1-يىللىقتا ئوقىغانلىقىمنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن)، ھەرپ تونۇتۇشتىن باشلاپ، رەسىمگە قاراپ خەت تونۇشقىچە ئوقۇتقانىدى.30يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى.ئۇنىڭ قوللىرىنى تون بەلگىسى بويىچە سوزۇپ ماڭا ھەرپ ئۆگىتىۋاتقىنى ھېلىھەم ئېسىمدە.بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ كومپىيوتىردا يېزىقچىلىق قىلىشىم قانداقتۇر بەش سىزىقلىق خىەت شەكلىنى ئۆگەنگىنىمدىن ئەمەس، بەلكى يۈ مۇئەللىمنىڭ مېنىڭ ئاساسىمنى پۇختا تىكلىگەنلىكىدىن ئىدى.يۈ مۇئەللىمنىڭ يولدىشى گومىنداڭنىڭ ئاۋىئاتسىيە خادىمى بولۇپ، ئاڭلىماققا ئادەمنىڭ تېنى شۈركۈنگەن بىلەن، لېكىن ئۇ ناھايىتى مۇلايىم، چىقىشقاق ئادەم ئىدى.ئۇ ئاكامنى ئوقۇتقان بولۇپ، ھەممىمىز ئۇنى لى مۇئەللىم دەپ ئاتايتتۇق.كەنتتىكى ھەممەيلەن ئۇنى شۇنداق ھۆرمەت قىلاتتى.مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە، تاملارغا قىزىل سىر بىلەن ئۈزۈندە يېزىش تازا ئەۋج ئالغاندا، مەكتەپتىكى ئىسيانچى مۇئەللىملەر سىزغۇچ،ياپىلاق موي قەلەمنى قوللىرىغا ئېلىپ، بەت لايىھىلەپ، كاتەكچىلەرنى سىزىپ، يېرىم كۈن ھەپىلىشىپ بېقىپ بىر خەتمۇ يازالمىدى.كېيىن ئۇلار لى مۇئەللىمنى تارتىپ چىقىپ يازدۇردى.ئۇ قەلەمنى قولىغا ئېلىپ،كەيشۇ چوڭ خېتىنى تامغا راۋۇرۇس قىلىپ شۇنداق بىر يېزىۋىدى،ھەتتا ئىنقىلاپچىلارمۇ ئۇنىڭغا قايىل بولۇشۇپ كەتكەنىدى.يۈ مۇئەللىمنىڭ ئوغلى بىلەن يېشىمىز ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى،مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئوينايتتىم.ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن بىر خىل ئالاھىدە مېھرىم بار ئىدى.مەكتەپكە بېرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۇلارنىڭ ئۆيىگە خىجل بولماستىن بېرىپ ئويناپ يۈردۈم.ئون نەچچە يىلدىن كېيىن،يۈ مۇئەللىم ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر دوختۇرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان كىچىك ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كەتتى.ئۇنى يوقلاپ كېلىدىغان پۇرسەت نەچچە قېتىم كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما كەينىگە سۆرەۋېرىپ، راستىنلا ئۇنى يوقلاپ بېرىشقا جابدۇنغاندا،ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۇ ئالەمگە كېتىپ قاپتۇ.شاگرىت ئىنىمنىڭ دىيىشىچە،ئۇ ھايات چېغىدا "ھېكايىلەر ئايلىق گېزىتى"گە بېسىلغان سۈرىتىم ۋە ماقالەمنى كۆرۈپتىكەن.بۇ ۋاقىتتا ئۇ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغىلى خېلى ئۇزاق بولغاچقا ،ئەس ھوشى تازا جايىدا ئەمەس بولسىمۇ،ئەمما مېنى بىر كۆرۈپلا تونىۋاپتۇ.شاگرىت ئىنىم ئۇنىڭدىن مېنىڭ قانداقراق يازغىنىمنى سورىسا،ئۇ ناھايىتى ياخشى يېزىپتۇ دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن. 4)v\Dc/9i  
بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنتالمايدىغان 3-مۇئەللىم بولسا،بىزگە پەقەت يېرىم ماۋسۇملا تەنتەربىيە دەرسى ئۆتكەن، ئائىلە كېلىپ چىقىشى ناھايىتى ياخشى ۋاڭ چاۋ سوڭ ئىسىملىك ئەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، مۇناسىۋېتىمىزنى بەك يېقىن دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ مەن ئەڭ ناچار ۋاقتىمدا ياخشى گېپىمنى قىلغانىدى.ئۇ ئىنقىلاۋى قۇربانلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ،بۇنداق ئائىلە كېلىپ چىقىشى ئۇ يىللاردا خۇددى ئالتۇندەك كۆزنى چاقنىتاتتى.ئادەتتىكى كىشىلەر مۇشۇنداق ئائىلە كېلىپ چىقىشى بولسا،كۆرەڭلەپ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدۇ،ئەمما ۋاڭ مۇئەللىم بولسا ناھايىتى كەمتەر ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ،ئازراقمۇ كۆرەڭلىمەيتتى.ئۇنىڭ بويى پاكار بولسىمۇ ، ئەمما بەدەن سۈپىتى ياخشى ئىدى.بەك تىز يۈگىرەيتتى،ئېگىزگىمۇ ناھايىتى ياخشى سەكرەيتتى.ئۇنىڭ بىر مېتىر70سانتىمېتىرلىق توساقتىن سەكرەپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ھازىرمۇ ئېسىمدە.بۇ بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپىدە ئاسانغا چۈشمەيتتى.چۈنكى مەن بىر ساۋاقدېشىمغا مەكتەپ تۈرمىگە، مۇئەللىملەر قۇلدارلارغا،ئوقۇغۇچىلار قۇللارغا ئوخشايدۇ دېگىنىمگە، مەكتەپ ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن ئىدى. ئاڭلىشىمچە ئۇلار دەسلەپتە مېنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا ئاپىرىپ بەرمەكچى بولۇشۇپتىكەن، يېشىمنىڭ كىچىكلىكىدىن تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ قۇتۇلۇپ قاپتىمەن.مۇشۇ ئىشتىن كېيىن مەن مەكتەپتە نامى چىققان ئەسكى ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدىم.ئۇلار مېنى ئىدىيىسى ئەكسىيەتچىل،ئەخلاقى ناچار،قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمايدىغانلارنىڭ تىپىدىن دەپ تونۇيتتى.مەكتەپتە قانداق  يامان ئىش يۈز بەرسە، تۈنجى بولۇپ گۇمانلىنىدىغىنى مەن ئىدىم.بۇ تەسىرنى يۇقىتىش ئۈچۈن، مەن ئامالنىڭ بارىچە ياخشى ئىشلارنى قىلدىم.قىش كۈنلىرى مۇئەللىمگە ياردەملىشىپ مەشكە ئوت ياقتىم،ئەتىيازدا توشقان بېقىشىپ بەردىم،مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن،ئۆيۈمدىكى ئىشلارنى قىلماي،نامرات ئائىلىلەرگە سۇ توشۇپ بەردىم.ئەمما تىرىشچانلىقىم ئۈنۈم بەرمىدى.مەكتەپ ۋە مۇئەللىملەر مېنى ساختا قىياپەتكە كىرىۋالدى دەپ قاراشتى. ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى---ئۇ چاغدا مەكتەپتە چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ھەممەيلەن سىنىپتا ئۇخلايتتى،چوڭراقلار بېشىنى ئۈستەلگە قويۇپ،كىچىكلەر ئورۇندۇقتا يېتىپ،سومكا ياكى ئاياغلىرىنى ياستۇق قىلىپ  ئۇخلايتتى.شۇ يىلى كەنتتە بىر خىل ياغاچ ساپما ئاياغ مودا بولغان بولۇپ، ماڭغاندا ئاۋازى بەك قاتتىق چىقاتتى.ئاتاممۇ ماڭا بىر جۈپ ياساپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنى كىيىپ سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلسەم،ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ بوپتۇ.مەن ئايىغىمنى سېلىۋېتىپ، قولۇمدا كۆتىرىپ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ سىنىپقا كىردىم.بۇ ئىشنى ۋاڭ مۇئەللىم كۆرۈپ قاپتىكەن.ئۇ ئاستاغىنە كەينىمدىن سىنىپقا كىرىپ، مېنى چاقىرىپ چىقىپ،سىنىپقا كىرگەندە نىمىشقا ساپما ئايىغىمنى سېلىۋەتكەنلىكىمنى سورىدى.مەن ساۋاقداشلىرىمنى ئويغىتىۋېتىشتىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپ، ھېچنىمە دېمەي كىتىپ قالدى.كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام،ۋاڭ مۇئەللىم يىغىندا بۇ ئىشنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، مېنىڭ ئەمەلىيەتتە خاراكتېرىمنىڭ ناھايىتى ياخشى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپتۇ.بارلىق مۇئەللىملەرنىڭ ھەممىسى مېنى ئەسكىلىكىدىن تۈزەلمەيدۇ دەپ قارىغاندا،ۋاڭ مۇئەللىم كىچىككىنە بىر ئىش ئارقىلىق مېنىڭ ئىچكى دۇنيارىمدىكى ئاق كۆڭۈللۈكنى بايقاپتۇ ھەمدە يىغىندا مېنىڭ ياخشى گېپىمنى قىپتۇ. بۇ ئىش قاچاندا يادىمغا يەتسە  ناھايىتى تەسىرلىنەتتىم.كېيىن، مەكتەپتىن توختاپ،ئۆيگە قايتىپ بىر پادىچى بالىغا ئايلاندىم. كالا-قويلارنى قوغلاپ يۈرگەندە مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولدا ۋاڭ مۇئەللىمنى ئۇچرىتىپ قالسام،قەلبىم ھەمىشە ئاجايىپ تۇيغۇغا چۆمۈپ، يۈزۈم قىزىرىپ سالاملىشىپ قوياتتىم،ئاندىن يەرگە قارىغىنمچە ئۆتۈپ كېتەتتىم.كېيىن ۋاڭ مۇئەللىم ناھىيىگە يۆتكىلىپ كىرىپ كەتتى.مەنمۇ ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ،پاختا پىششىقلاش زاۋۇتىدا ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ ئىشلىدىم.بىر قېتىم، ناھىيىدىن ئۆيگە قايتىدىغان يولدا، ۋېلىسىپىت مىنىپ ئۆيىگە قايتىۋاتقان ۋاڭ مۇئەللىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ۋېلسىپىتىنىڭ ئارقا چاقىنىڭ يىلى بەكلا بوش بولۇپ، ئۆزىمۇ كۈچەپ ناھايىتى تەستە مېڭىۋېتىپتىكەن، ئەمما ئۇ يەنىلا مېنى ئارقىسىغا چىقىرىۋېلىپ، نەچچە ئون چاقىرىم يول ماڭغانىدى.ئەينى چاغدا ۋېلسىپىت ئىنتايىن قىممەت مۈلۈك بولۇپ، كىشىلەر ۋېلسىپىتىنى خۇددى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەكلا ئاسرايتتى.ۋاڭ مۇئەللىمدەك ئاشۇنداق مەرتىۋىلىك ئادەم ۋېلسىپىتىنىڭ چاقىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش خەۋپىگە قارىماي،مەندەك بىر ئاددى ئادەمنى ئېلىپ نەچچە ئون چاقىرىم يول ماڭغانىدى.بۇنداق ئىشنى ئادەتتىكى ئادەملەر ھەرگىز قىلالمايدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ مۇئەللىمنى كۆرۈپ باقمىدىم،ئەمما كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايى ۋە ئۇنىڭ بىر مېتىر 70سانتېمىرلىق توغرا كالتەكتىن سەكرەپ ئۆتۈۋاتقان تېتىك قىياپىتى  دائىم كاللامدا لەيلەپ يۈرىدۇ. A' dt WD  
"ئوقۇرمەنلەر"ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. c9r2kc3cy{  
«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»نىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان 0fi+tc 30  

ياسىنجان510 2014-05-01 12:51
ئەھمىيەتلىك ،تەربىيىۋى قىممىتى يوقۇرى ئەسەركەن رەھمەت سىزگە.

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-05-01 14:18
تەرجىمىڭىز بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ ،تەربىيۋى ئەھمىيىتىمۇ ناھايىتى زوركەن .تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت !

ozqan 2014-05-04 10:48
ياخشى  ئەسەركەن ، نادىر تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ،  باشقا ئىجادىيەتلىرىڭىزنىمۇ سېغىندۇق ... 0D$+WX  
يوللاپ تۇرارسىز .

erkamil 2014-05-04 17:51
باشلانغۇچتىكى ئۇقۇتقۇچۇم بۇ يىل 80گە ئۇلاشتى،  بۇگۇن چۈشتە يۇزنى- يۈزۈمگە يىقىپ سالاملاشتى،چۈنكى مىنىڭ بۈگۈنۈم ئۇنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى. + w GE  
مويەن نىمە ئۈچۈن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپپاتىغا ئېرىشتى، سەۋەپ ئۇ راست گەپ قىلالايدۇ، پىتتىن سۈيدۇككىچە ھەممىنى يازالايدۇ ئەمەسمۇ.

ماھى 2014-05-05 20:56
دوستلارنىڭ رىغبەتلىرىگە تەشەككۈر. يېقىندىن بېرى سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، ئىجاد مېۋىلىرىمنى ۋاقتىدا سۇنالمايۋاتىمەن، ئالدىڭلاردا كۆپ خىجىلمەن.

ئەكبەرنىياز 2014-05-09 00:56
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى ئەسەركەن ، كۆپ رەھمەت !!!

tawpek 2014-05-11 23:47
ئەركامىلنىڭ قارىشىغا قوشولىمەن، نوبىل ساھىبىنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ بىر كۆرۆپ قوياي سەپ قانچىلىك توملىقىغا قارىماي بىر پارچە تەرجىمە قىلىنغان كىتابىنى سىتىۋالغانتىم. q w|M~vdm  
C2ToT\^  
تەپسىلاتلارنىڭ تەپسىلىيلىكىگە قاراپ سەۋىيەم تۆۋەن كەلدىمۇ تازا ھۇزۇرلىنالمىدىم. D95$  
|]r# IpVf  
ئۇ راست گەپ قىلالايدۇ، پىتتىن سۈيدۇككىچە ھەممىنى يازالايدۇ


查看完整版本: [-- مېنىڭ مۇئەللىمىم---ماھى تەرجىمىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled