bostan |
2014-04-30 10:51 |
بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟
بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟ S^)r,cC zx(j6 «بەخت» دېگەن سۆز كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بەختنىڭ چېكى، مىزان ئۆلچەملىرى، شۇنداقلا مۇقىم بىر قېلىپى بولمايدۇ، ھەمدە ئۇ ھەر خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ دائىرىسى كەڭ ۋە تۈرلىرى خىلمۇ-خىل، ھەم نىسبى بولىدۇ. پەقەت مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولۇشىلا بەختتىن دېرەك بەرمەيدۇ. v\-"NHl جەمىيىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەر، بولۇپمۇ بەزى ئاياللار «بەخت»نىڭ ئىچىدە تۇرۇغلۇق بەختنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەي، تەڭرىدىن، ئۆزىدىن، باشقىلاردىن ۋە خىزمىتىدىن ھەتتا جەمىيەتتىن ئاغرىنىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. =
k3O4gE7 ئاياللار توققۇز-ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ئاچچىق تولغاق يەپ پەرزەنتلىك بولىدۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بوۋىقىنىڭ ئوماق-تاتلىق كۈلكىسىنى كۆرۈپ تاتلىق-چۈچۈك گەپلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۆمرى يار بەرسە بالىلىرىنىڭ ياراملىق چوڭ بولۇپ بالىلىق بولغىنىنى، نەۋرىلىرىنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىنى كۆرۈدۇ، ھەمدە بالىلىرىنىڭ خىزمەتنى خاتىرجەم ئىشلىشى ئۈچۈن نەۋرىلىرىنى باقىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇنىنى …… كۆرۈدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەخت ئەمەسمۇ؟. نەۋرە باقسا بالىلىرى خاتىرجەم خىزمەت قىلىدۇ، بۇ بالىلىرىنىڭمۇ بەختى ھەم ئۆزىنىڭمۇ بەختى ئەمەسمۇ؟. ئاياللارنىڭ يولدىشىنى ۋە بالىلىرىنى قوللىغىنى ئۆزىنىڭمۇ بەختى ھەم ئۇلارنىڭمۇ بەختى ئەمەسمۇ؟. قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىپ، خىزمەتنى نورمال داۋاملاشتۇرۇش، ھەمدە تىجارەتنى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرۈشمۇ بىر بەخت ئەمەسمۇ؟ 94APjqV6' يىغىپ ئېيتقاندا، پەرزەنت كۆرۈش، بالىلارنى ئەخلاقلىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش، بالىلىرىنىڭ چوڭ بولۇپ جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم بولغىنىنى كۆرۈش ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىنى كۆرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەختتىن دېرەك بىرىدۇ. .ET;wK دىمەك بەختنىڭ ئۆلچەم مىزانلىرى، دائىرىسى ۋە تۈرلىرى خىلمۇ-خىل ھەم ناھايىتى كۆپ. ئەڭ ئاددىسى كىتاپ ئوقۇش، ۋە ياكى باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكمۇ بىر خىل بەخت، چۈنكى كىتاپ ئوقۇش بەدىلىگە ئۆزىڭىزگە ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرگە ئېرىشەلەيسىز. باشقىلارنى ھۆرمەتلەش بەدىلىگە ئۆزىڭىزمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايسىز. ?%Y?z]L# ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل بەخت، بىراق تېخىمۇ بەختلىك ياشاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. چۈنكى بەختنى ھەركىم ئۆزى يارىتىدۇ. 7gVWu" قىسقىسى، ئەجىر-مىھنەتنىڭ بەدىلىگە كەلگەن بەختنىڭ ھەممىسى ئانىلارغىلا ئەمەس، ئائىلىدىكى ھەممەيلەنگە مەنسۇپ بولىدۇ. چۈنكى بۇ بەختنى ئائىلىدىكى ھەممەيلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن ئەمەسمۇ. شۇڭا بۇ بەختتىن ھەممەيلەن ھوزۇرلىنىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. بەزى ئاياللار ئائىلىدە جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋېلىپ، ئۆزىنى «بەختسىز» دەپ قارايدۇ. بىراق شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، «جاپانىڭ تېگى راھەت». مانا بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان ھېكمەتلىك سۆزدۇر. 7v,>sX تارىختا قەدىمدىن بۇيان نۇرغۇن ئانىلىرىمىز ئاچ يالىڭاچلىق، يوقسۇزلۇق، جەبرى-جاپالىق كۈنلەردە ياشاپ ئۆتكەن ھەم ئۇلار ئۆزى ساۋاتسىز بولسىمۇ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئائىلىدىكى رولىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە پەرزەنتلىرىگە بولغان تەنقىد-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پەرزەنتلىرىگە ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەن ھەم ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا تەسەللى بىرىپ، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرۇپ ئانىلارغا خاس خىسلىتىنى نامايەن قىلغان. ئەينى زاماندىكى مانا مۇشۇنداق ئانىلىرىمىز ئۆزى ساۋاتسىز ھەم ئاددى ئانىلار بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا «ھەقىقى ئانىلار» ھېساپلىنىدۇ.
g~B@=R ھازىرقى جەمىيىتىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەمىيىتىمىزدىكى بەزى بىلىملىك ئانىلارمۇ ئەنە شۇ قىيىن مەزگىللەردە ياشىغان ساۋاتسىز ئانىلاردەك ھەممىگە كۆڭۈل بۈلۈپ كېتەلمەيدۇ ھەتتا ئۆز تۇرمۇشىنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ھازىر ئېچىۋېتىلگەن ئۇچۇر دەۋرى بولغاچقا ھەممە ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئەركىنلىشىپ، جەمىيىتىمىزدىكى ياشلارلا ئەمەس بەلكى بەزى چوڭلارنىڭ ئائىلىسىمۇ ۋايران بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە شۇ ئائىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارغا، ياشلارغا ۋە ئائىلە قۇرۇپ بولغان پەرزەنتلەرگە بېسىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى بىر ئائىلىدە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىسى قايتا تۇرمۇشلۇق بولۇپ تۆت كىشىگە كۆپىيىدۇ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ بېسىمى ئېغىرىشىۋاتقانلىقتىن پەرزەنتلەر بۇ تۆت كىشىگە تەڭ ئېتىبار بىرەلمەي قالىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ـــ ھەر بىر ئائىلىدىكى ھەممەيلەن بىر-بىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈزۈتۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بىرىشى، بىر-بىرىنى تولۇقلىشى، بىر-بىرىنى قوللىشى، بىر-بىرىنى ئاسرىشى، ئۆزئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ ئىمكان قەدەر ئائىلىسىنى بۇزماسلىقى كېرەك. BB%(!O4Dl ئەگەر سىز غۇرۇرلۇق ئەركەك بولسىڭىز، ئايالىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، ئايالىڭىزغا كۈيۈنۈڭ، ئائىلىڭىزنى قەدىرلەڭ ھەم ئائىلىڭىز ئۈچۈن قۇربان بىرىشنى ئۆگۈنۈۋېلىڭ. VBH[aIW ئەگەر سىز ھەقىقى ئايال بولسىڭىز ئائىلىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ياخشى كۆرۈڭ ھەم سىزمۇ ئائىلىڭىز ئۈچۈن قۇربان بىرىشنى ئۆگۈنۈۋېلىڭ. p +T&9 مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئەگەر سىز شۇنداق قىلالىسىڭىز تۇرمۇشتىن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق تاپالايسىز ھەم باشقىلارغىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلالايسىز، شۇنداقلا ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بولىسىز. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ بەختى ئەمەسمۇ؟. x.^vWka( دىمەك بىر ئائىلىنىڭ بەختى شۇ ئائىلىدىكى ھەممەيلەنگە مەنسۇپ بولىدۇ. YAPD7hA ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ئىناقلىققا تولغان ئائىلىنىڭ بولۇشى تېپىلغۇسىز بەخت. توغرا، دۇنيادا تۇغما ئەقىللىق ئادەممۇ بولمايدۇ ھەم تۇغما دۆت ئادەممۇ بولمايدۇ. بىراق مەيلى ئەر ياكى ئايال بولايلى ئەقلىمىزنى ۋە ئەجرىمىزنى شۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەم شۇ ئائىلىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى ئۈچۈن سەرىپ قىلمىساق، بىز قانداقمۇ ئاتا-ئانىغا ئوخشايمىز؟. I!(yU A0]o/IBz مەنبە: ئۆزەم |
|