نۇرقىز |
2014-04-29 18:58 |
مىنىڭ ئاتام
مىنىڭ ئاتام UQ ~7,D`=# (نۇرقىز ) J6)&b7 JmR)
g مېنىڭ دېھقان ئاتام eqL~h1^Co مېنىڭ ئاتام ئاددى بىر دېھقان، دېھقان بولغاندىمۇ سېپى ئۆزىدىن ‹تومپاي› دېھقانلارنىڭ بىرى. ‹تومپاي›دىسەن تازا بىلىمسىزكەن دەپ قالماڭ.....مېنىڭ كىتاپقا ئامراق بولىشىم، يىزىقچىلىققا قىزىقىشىم، تارىخقا قىزىقىشىم، ئەدەبىي-سەنئەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكىم 30 يىل ئوقۇتقۇچى بولغان ئاپامدىن ئەمەس ئەنە شۇ ئاددى دېھقان ئاتامدىن قالغان. ئېسىمنى بىلسەم ئاتام قارا چىراق يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇيدىكەن، شىئېر يازىدىكەن، بىز ئۈچ بالا ئاپام بىلەن قوشۇلۇپ ئاتامنىڭ ئوقۇپ بەرگەن كىتاپلىرىنى ئاڭلايتۇق، بۇرۇنلىرىمىزنىڭ تۆشۈكلىرى قاپقارا بولۇپ كېتەتتى، ياكى بولمىسا يازنىڭ ئايدىڭ كۈنلىرى ئۈزۈم باراڭلىق ئاستىدا ،نان ياققان كۈنلىرى تونۇر بېشىدا ئولتۇرۇپ ئاتامنىڭ ئەسكەرلىككە قاتناشقان چاغلاردىكى ھېكايىلىرنى زوق-شوق بىلەن ئاڭلايتتۇق. ئەجەپ كۆڭۈللۈك ئىكەن شۇ چاغلار.....، شۇ ۋاقىتلاردا ئاتامدىن قەۋەت سۆيىنىپ كېتەتتىم، مەھەللىدىكى بالىلارغا:«قاراڭلار،مېنىڭ ئاتام دىگەن ئەسكەر بولغان،قورال تۇتقان،كىتاپ ئوقۇيالايدۇ »دەپ ماختىناتتۇق. ئەمما گۆدەكلىكتىن بولسا كېرەك، كەچتە ئۆيگە كېلىپ قويلارنى بېقىش ، ئوت ئەكىلىش، كالا سۇغىرىش ئىشلىرىنى ئۈچ بالا بۆلۈشۈپ قىلساقمۇ ئىشتىن بىزار بولۇپ كەتكەن ۋاقىتلاردا، ئاران بىر كېلىدىغان يەكشەنبىلىك ئارىمىمىزدا بازارغا بارالماي بىزنىڭ ئارام ئېلىشىمىزغائۈلگۈرتۈپ تەييار قىلىپ قويغان ئۆرۈك تېرىش، باشاق تېرىش ئىشلىرى، قوناق ئوتاش، خامان تېپىشقا ياردەملىشىش، قويلىرىمىزنى مەھەللە سىرتىدىكى ئوتلاققا ئاپىرىپ بېقىپ كېلىش ئىشلىرى تەس كېلىپ ئاپامغا :«ئەجەپ سەنمۇ مەكتەپتىكى باشقا مۇئەللىملەرگە ئوخشاش مالمىغا تەگمەپتىكەنسەن،قارىغىنە.....ئاتاممۇ مۇئەللىم بولغان بولسا قوي باقماي،يەر تېرىماي جاپا تارتمايتتۇق» دەپ ۋايسايتتۇق، بۇ ۋاقىتتا ئاپام كۈلۈپ قوياتتى ،ئاتام بولسا «ھېچ يەردە ئەجىرسىز يەيدىغان ئىش يوق»دەپلا قوياتتى. -UPlQL مانا.... kUdl2["MZ مەنمۇ 40 ياشقا ئۇلىشىپ ئانا بوپتىمەن،ئەمما ھازىرغا قەدەر ئاتامنى جاپا تارتمىغان ھالەتتە كۆرەلمەپتىمەن...قاچانلا قارىسام كىيىملىرى توپا پېتى.....ھىېلى قويلارغا ئوت بېرىۋاتقان،سەيلەرنى يۇمشىتىۋاتقان،ئۈزۈملۈككە سۇ قويىۋاتقان ھالەتتە....، Vo\RtM/6{ مانا ،مەنمۇ ھازىر 19يىللىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ قاپتىمەن، لىكىن ئويلاپ باقسام تىپىك بىر دېھقان ئوقۇتقۇچى ئىكەنمەن،بۇنىڭغا يولدۇشۇمنىڭ دېھقان ئىكەنلىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئەمەس ئىكەن، 40 يىلغا يېقىن ئاددى ،ئەمما مەنىلىك ياشىيالشىم، شۇنچە تاللاش پۇرسەتلىرى ئىچىدىن دېھقانغا ،دېھقان بالسىغا مەيلىم چۈشۈپ دېھقاننى تاللىشىم، مەكتەپتىكى خىزمەتلەرنى تۈگۈتۈپ ئائىلىدە پىشقان دېھقان ئايال سۈپىتىدە بولىشىم ئاشۇ دېھقان ئاتامنىڭ مەندىكى قايتا نامايەندىسى ئەمەس دەپ كىممۇ ئېيتالسۇن؟ r*'X ]q|L+ دىمىسىمۇ ئۆيۈم ئاشۇ ئاتامنىڭ ئۆيىدەكلا،..مەكتەپتىن كەلسەم قويلىرىم مەرەپ تۇرىدۇ، قويلارغا يەم-خەشىەك ئوت بېرىش 5-يىللقىتا ئوقۇيدىغان ئوغلۇمنىڭ ۋەزىپىسى،توخۇلارغا دان بېرىش،ئۇۋىدىن تۇخۇم يىغىش بەش ياشلىق قىزىمنىڭ(ئەلۋەتتە مەن قاراپ تۇرىمەن)،ئوغلۇم مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمغا ئوخشاشلا دادىسىنىڭ سۇ تۇتىشىغا ياردەملىشىدۇ،دادىسى ئېتىز بېشىدا،مەن بولسام ئوغلۇم بىلەن سۇ ياقلايمەن..بۇ ۋاقىتلاردا چارچاش ھېس قىلمايمەن. كەڭرى كەتكەن كېۋەزلىكلىرمىزگە قارىسام ھەممە ھاردۇقۇم چىقىدۇ ،شەنبە يەكشەنبە دەم ئېلىشتا ئوخشاشلا كېۋەزلىكلىرىم بىلەن بولىمىز، تەڭ ئوغۇت چاچىمىز، ھەتتا كىچىككىنە قىزمىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خىزمەت تەقسىماتى بار. بەزىدە ئوغلۇمنىمۇ مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمدەك ‹ئاپا سەن نىمىشقا كادىرغا تەگمىگەن › دەپ سوراپ قالارمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن،لىكىن ئىدىيەمدە تەيارلىقىم بار ،مەن بۇ ۋاقىتتا ئاپامغا ئوخشاش كۈلۈپ قويماستىن ‹قارىغىنە،مەنمۇ، داداڭمۇ دېھقاننىڭ بالسى، ئاشۇ دېھقان مېنىڭ بارلىقمىنى بەرگەن، شۇڭا مەن دېھقاننى تاللىغان› دەپ جاۋاپ بېرىمەن ... fDn| o" >t/P^fr_F مېنىڭ ئەسكەر ئاتام {ZS-]|Kx ئاتامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە 60-يىللاردىكى ئەسكەر ئىكەن، شۇ ۋاقىتلاردا ھەتتا كوماندىرئىكەنتۇق،ئاتامدىكى چىدامچانلىق ، كەسكىنلىك، ئاددى-ساددىلىق ، مىننەتسىزلىك بەلكىم شۇ چاغدىن قالغاندۇر دەيمەن....دىمىسىمۇ ئاتام بەكلا ئاددى-ساددا ، توقچىلىق ، باياشاتچىلىق مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئاددى-ساددا كىينىدۇ، بەزىدە ‹جېنىم ئاتا، كىيىملىرىڭ بولغاندىكىن تۈزۈكىرەك كىيىنسەڭ بولمامدۇ ؟› دەپ كېتىمەن، بۇ ۋاقىتلاردا ئاتام ‹شۇ ھېلى قوتانغا كىرىدىكەنمەن› يا بولمىسا ‹ھازىر ئېتىزدىن كەلگەن ›دىگەن گەپنىلا ئاڭلايمەن، شۇ ئاتامدىكى چىدامچانلىقنى دىمەيلا قوياي، ھازىرغىچە يۈرەك پارىلىرى بولغان ئۈچ بالىسىىنڭ چوڭى،ئۆزى بىلەن تەڭ چوڭ بولغان رەھمەتلىك ئاكامنى كۆمۈپ قويغاندا( اللاھ،ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي) بوزلاپ يىغلاپ كەتكەننى دىمىسەم كۆزىدىن بىرەر تامچە ياش چىققاننى ئەسلىيەلمەيمەن..،لىكىن بىلىۋاتىمەن ، بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، شۇ ئاتامنىڭ يۈرىكى ھازىرغىچە يىغلايدۇ،لىكىن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇش سۇپىتى بىلەن ھازىرغىچە ئۇزاق يىل ئەقىلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبى ۋە ئاكامنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى سەۋەبى بىلەن تولا يىغلاپ كېسەلچان بولۇپ قالغان،بەزىدە كىچىك بالىدەك ئورۇنسىزئىشلارغا چېچىلىپ نەتىنجىسىنى پۇخادىن چىققۇچە يىغلاش بىلەن ئاياقلاشتۇرىدىغان ،شۇنىڭ بىلەن ئىچىنى بوشىتىۋالىدىغان ئاپامنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىپ يەنە بىزنىڭ يۆلىنىدىغان تېغىمىز بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ... `>1"v9eF بەزىدە ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىلغان سۆرەتتىكى ،پاگۇنلىرى پاقىراپ تۇرىدىغان، ھەربىي فۇرما كىيىپ قورال تۇتقان ھالەتتە تۇرغان جەڭگىۋار يگىتنىڭ ئالدىمدا تۇرغان جاپادىن بەللىرى مۈكچەيگەن،چىشلىرى قالمىغان، چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئاشۇ ئاتام ئىكەنلىكىگە ئۆزەممۇ ھەيران قالىمەن،ئۇ زوق-شوق بىلەن ئەينى يىللاردىكى ئەسكەرلىك ھاياتنى سۆزلەپ بەرگەندە باشقىچە روھلىنىپ كېتىدۇ، ئەسكەرلىك ھاياتىدىكى، (قايتا تەربىيە›گە چۈشكەندىكى خاتىرسىنى ۋاراقلايدۇ، ھەر بىر تېمىسى ‹يولداش ماۋجۇشى شۇنداق دەپ تەلىم بېرەتتى› دەيدىغان سۆز بىلەن باشلىىندىغان بۇ خاتىرسنى بەزىدە مەن باللىرىمغا ئوقۇپ بېرىمەن، بۇ ۋاقىتلاردا ئاتام چىشسز كومۇك ئېغىزلىرىنى ئېچىپ چىن دىلىدىن كۈلىدۇ، ئوغلۇمنىڭ ۋە ئىنىمنىڭ ئوغلىنىڭ چوڭ بولغاندا چوڭ دادامدەك ئەسكەر بولىمەن› دىگەن ئارزۇسى دەل ئاتامنىڭ شۇلارغا قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقى، بۇ نەۋرىلەر نىڭ شۇ ئارزۇسىنى ئاتام قانچە قېتىملاپ ئاڭلىغاندۇر؟ ‹چوڭ بولغاندا نىمە بولىسەن؟ دەپ بەرسەڭ نۇر ياساپ بېرىمەن، كانكى ياساپ بېرىمەن› دەپ ئاڭلىغان ئاشۇ گەپلەردىن بەلكىم ئاتام ياشلىق ئارمىنىىنى، ياشلىقىنى قايتا كۆرىدىغاندۇر؟ H(^O{JC]y! ئاتامنىڭ ئەسكەرلىكتىن ئەكەلگەن يەنە بىر ئادىتى ئىشتاننى يۇقىرى باغلاش، كەمەرنى چىڭ بوغۇش.... VK*2`Z1 تولا دەيتتۇق ‹ئاتا ئىشتىنىڭنى سەل پەس باغلىساڭ بولمامدۇ؟ قارا ، بېلىڭنى چىڭ بوغۇپ سۇپۇرگىگە ئوخشاپ قاپسەن› ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ دەيدىغىنى ‹ئەركەك دىگەن بەلنى مۇشۇنداق باغلاش كېرەك، ھازىرقى باللارغا قارىغىنە، ئىشتىنى ھازىر چۈشۈپ كېتىدىغاندەك، قانداق بوپ كېتىۋاتىدۇ بۇ جاھان› دەپ رەددىيە بېرىدۇ، لىكىن ھازىرغىچە يالۋۇرۇپمۇ، بەزىدە زاڭلىق قىپمۇ ئىشقىلىپ بۇ ئادەتتىن تەزدۈرەلمەي ئاخىرى ئاغنى ئۇزۇن قىلىپ ئىشتان تىككۈزۈپ بېرىدىغان بولدۇق، ئاتامنىڭ جاھىللىقى ئاخىرى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى، شۇنداق، ئاتام ئەنە شۇنداق جاھىل ، كەسكىن ئىدى....بۇمۇ ئاشۇ يىللاردىكى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى يۇرت ئۈچۈن، خەلقى ئۈچۈن ئاتاشقا تەييار تۇرۇپ ئەسكەر بولغان ئاتامنىڭ روھىيىتى ئىدى. web=AQ5I4 ئۆتكەن يىلى ئاتام شۇ ۋاقىتتىكى سەبداشلار يىغىلىشىغا(قىرىق يىللىق) بېرىپ كەلدى، قايتىپ كەلگەندە شۇ ۋاقتىندا چۈشكەن سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ئائىلىدىكى ھەممەيلەن ھەيران قالدۇق، سۈرەتتىكى بىر-بىرىدىن سالاپەتلىك ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە جاپادىن چىرايلىرىنى قورۇق باسقان ، ھەممىدىن قېرى كۆرۈنگەن دوپپا كەيگەن ئاتام ئىدى، سۈرەتنى كۆرۈپ بوغۇزۇم ئاچچىق بولۇپ ئاتامنىڭ ئالدىدا يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن لېۋىمنى چىڭ چىشلىۋالدىم، سۈرەتنىڭ ئاخىرىدىكى ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى كۆرگەندە بولسا كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم، چۇنكى شۇ سەبداشلار ئىچىدە بىردىنبىر كەسپىگە ‹دېھقان› دەپ يېزىلغان مېنىڭ ئاتام ئىدى.. سەبداشلار ئىچىدىن نازىرلارمۇ، ئاللىقانداق ئىدارىنىڭ ئىدارە باشلىقلىرىمۇ ئىشقىلىپ ھەممىسى ئەمەل تۇتقان ئىدى. پەقەت ئاتاملا دېھقان ئىكەن، بۇ ۋاقىتتا ‹ئاتا، قارىغىنە سەن ئۇۋالچىلىق تارتىپسەن، قارا...قارا سېنى› دىيەلدىم، ئەمما ئاتام بۇ سۆزۈمنى چۈشەنمىگەندەك قىلچە ئاغرىنىش تۇيغۇسى يوق ، تېخى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ‹راست شۇنداقكەن، سەبداشلار مېنى كۆرۈپ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى، تېخى يىغلىشىپ كەتتى، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى كوماندىرىنىڭ دېھقان بولۇپ قالغىنىغا، ھەممدىن قېرىپ كەتكىنىگە بەكلا ھەيران قالدى› دىدى، ۋە ‹قاراڭلار، ھەممىسىدىن مەن قېرى بولغان بىلەن ھەممىدىن مەن تېتىك ئىكەنمەن، ئۇلارنىڭ بىرى قان بېسىمى، يەنە بىرى يۈرەك دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر خالتا دورىلار بىلەن بېرىپتۇ، تېخى مەن بۇرۇنقىدەكلا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم› دېدى، بۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ چىرايىدا شۇنچىلىك بىر پەخىىرلىنىش، يەنىلا ئۇلارغا كوماندىر سۈپىتىدە يېتەكچىلىك قىلالىغىنىدىن سۈيۈنۈش تۇيغۇسىلا بولۇپ قىلچە ئاغرىنىش تۇيغۇسى يوق ئىدى، `eIX*R شۇنداق، ئاتامنىڭ شۇنچىلىك مىننەتسىز، ئۆزىنىڭ دېھقان بولۇپ قالغىنىدىن، سەبداشلىرىدەك ئاللىقانداق باشلىق بولالمىغىنىدىن ئاغرىنىش تۇيغۇسىنىڭ ئەكسىچە پەخىرلىنش تۇيغۇسى ماڭا يەنە بىر قېتىم ھەقىقى دەرسلىك بولغان ئىدى. ;"
'`P[ شۇنداق، ئاتام ئەنە شۇنداق ئاددى، ئەمما مەنىلىك ياشىدى، ھاياتىمدا ئاتام توغىرسىدا تۇنجى قېتىم قەلەم تەۋرىتىشىمكەن، شۇنداق بولغاچقىمىكىن، ئىچىمدىن شۇنچىلىك نۇرغۇن گەپلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئاتام توغىرسىدىكى بۇ يازمامنى شۇنداق دەپ ئاخىرلاشتۇردۇم، ;n00kel$ ‹قەدىرلىكىم، ھاياتلىق تۈۋرۈكۈم ئاتام، ئاللاھىم سېنى بىز بىلەن تەڭ ياشاپ بىللە قېرىشقا نېسىپ قىلسۇن، گەرچە ئۆزۈڭ قېرىپ كەتكەن بولساڭمۇ ،روھىيىتىڭ ھازىرقىدەك مەڭگۈ قېرىمىسۇن، تېخىمۇ نۇرانە چاقناپ، بىزنىڭ، ئەۋلاتلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك ماياك، چىرىقى بولۇپ قالسۇن...... -uqJ~g D #q9jFW8 )}9Ef"v| 2013-يىل سەپەر ئېيىنىڭ 9-كۈنى LtJ$ZE^GB
|
|