bostan |
2014-04-29 12:54 |
تارىختىكى مەشھۇر كىشىلەر
تارىختىكى مەشھۇر كىشىلەر lD'^6 3s?ZyQy 1. مەھمۇت قەشقەرى (1008-1105): بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس. شاھانە ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى. ئۇ خان جەمەتى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت، قەشقەردە مەدرىسە ئېچىپ مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما 97 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئالىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇتۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى 2008-يىلىنى «مەھمۇد كاشغەرى يىلى» يىلى قىلىپ بىكىتكەن. nVr V6w 2. يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1018-1085): قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە (880-1212) مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم) ناملىق زور ھەجىملىك داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۈيۈك بىر ئابىدە تىكلىگەن شائىر. ئۇنىڭ بۇ دېداكتىك داستانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور بىلىم مەنبەسى ئارقىلىق كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان. cuI&Q?+c} 3. فارابى (870-950): بۇ «شەرق ئارستوتېلى» نامى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى پۈتكۈل ھاياتىنى، بارلىق زېھىن-قۇۋۋىتىنى ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر، مول ۋە ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئوتتورا ئەسىر جاھان ئىلىم-پەن مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئوتتورا ئەسىردە شەرق دۇنياسىنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، بەلكى غەرپ دۇنياسىنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن. q,_EHPc 4. ئەلىشىر نەۋائى (1441-1510): شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى ھىراتتا تۈغۇلغان ۋە يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «خەزائىنۇل مەئانى» ناملىق دىۋانى بىلەن «خەمىسە» ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. dNCd-ep 5. سۇلتان سەئىدخان (1490-1533): يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، شائىر سۇلتان سەئىدخان ئىستېداتلىق، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغانلىقتىن، يەكەن خانلىقىدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن. سۇلتان سەئىدخانمۇ ئۇيغۇر ۋە پارس تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. ئەمما دەۋرىمىزگە كۆپ يېتىپ كېلەلمىگەن .سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قىلىنغان بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە 43 يېشىدا ۋاپات بولغان. :?}>Q 6. ئۆمەر ھەييام (1040-1123): نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى. ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مالىك شاھ ھۇزۇرىدا، ۋەزىر نىزامىمۇلىك ھامىيلىقىدا «مالىك شاھ ئاسترونومىيىلىك جەدۋىلى» نى ئىشلەپ، سالجۇقىيلار كالېندارىنى تۈزگەن. ئۇ «ھېساب مەسىلىلىرىنىڭ يېشىلىشى ۋە ئىسپاتى» «ئارفىمېتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە كۆپلىگەن ئۆتكۈر پىكىرلىك رۇبائىيلارنى يېزىپ، خەلق قەلبىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان. ~[kI![ 7. سەئىدى (1203~1292): ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر پارس شائىرى. ئۇ «بوستان» ۋە «گۈلىستان» ناملىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونوشلۇق. سەئىدى ئۈچ ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسىدىن يېتىم قېلىپ نامراتلىق ئىچىدە چوڭ بولغان ۋە دەرۋىش بولۇپ، يىگىرمە يىللىق سەرگەندانلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن. سەئىدى ئاخىرقى ئۆمرىدە شىراز شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاددىي بىر كەپىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. /XA*:8~! 8. برۇنى (973~1044): ئەبۇ رەيھان ئەل برۇنى خارازەمدە تۇغۇلغان، كېيىن غەزىنىگە كۆچۈپ بارغان ھەمدە كۆپ يىل ھىندىستاندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. «ھىندىستان تەزكىرىسى»، «قەدىمكى يادىكارلىقلار»، «مەسئۇدى ئاسترونومىيىسى ۋە مۇنەججىمىشۇناسلىقى قائىدىلىرى» ... قاتارلىقق ئەسەرلەرنى يازغان . ئۇ ئوتتورا ئەسىردە يەر شارىنىڭ مېرىدىئان ۋە پاراللېل گرادۇسلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال توغرا ئۆلچەپ چىققان ئالىم بولۇپ قالغان. [z*1#lj S 9. زەلىلى (1672~1745): تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئوخشىتىشلىرىنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۇسلۇپ ياراتقان شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان نامايەندىلىرىدىن بىرى. شائىرنىڭ بەزى مىسرالىرىدىن ئۇنى تەخمىنەن 17 ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى يەكەندە تۇغۇلغان دەپ ئېيتىشىقا بولىدۇ، ئەمما شائىرنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈپ، قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. «سەپەرنامە» داستانى شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرىدۇر. (LMT ' 10 . خاراباتى (1638~1730): شائىر مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى ئاجسۇدا ياشىغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق مال-مۇلكىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىپ، ئاشىق سۈپەت كۈن ئۆتكۈزگەن، ھەمدە ئۆزىنىڭ جاھالەتلىك دەۋرانغا قارشى شىكايەتنامىسى بولغان «كوللىيات مەسنەۋىخاراباتى» ناملىق توپلىمىنى ئىشلەپ چىققان. شائىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلق ئۇنى ھۆرمەتلەپ ھەيۋەتلىك «ھاجى خاراباتى خانىقاسى» نى بىنا قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق ئەسلەپ كەلگەن. EMxMJ= 11. نىزامى (1141~1209): كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئوتتورا ئاسىيا ئېپىك داستانلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شائىر نىزامى گەنجىۋى ئوتتورا ئاسىيانىڭ گەنچ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىسلام مەدرىسسىدە بىر نەچچە يىل مۇدەررىسلىك قىلغاندىن سىرت، كۆپ ۋاقتىنى ئىجادىيەتكە سەرپ قىلغان. ئۇ يېزىپ چىققان «خەمسە» شەرقنىڭ ئەڭ قىممەتلىك داستانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شائىر ئەلىشىر نەۋائىمۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. 0W_u"UY$c 12.فىردەۋسى (934~1020): «شاھنامە» ناملىق شاھەنە ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى، مەشۇھر ئىران شائىرى، تولۇق ئىسمى ئوبۇلقاسىم فىردۋسى. ئۇ بۈگۈنكى ئىران چېگرىسى ئىچىدىكى خۇراسان ئوبلاستىدا دۇنياغا كەلگەن. فىردەۋسىنى ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئۆز يېرىدە پاتقۇزمىغان بولسىمۇ، ئۇ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. خەلقنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن. «شەھنامە» نى ھەرخىل نۇسخىلىرى ۋە پارچىلىرى ھەرقايسى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى ۋە مىللەتلىرىنىڭ تىلىرىغا تەرجىمە قىلىنغان . +.rE|)BPy 13. تەجەللى (1850~1930): ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئىككى دەۋرنى، يەنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەززەت قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە 80 يېشىدا ۋاپات بولغان. تەجەللى يېتىلگەن شائىر ۋە تېۋىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان. ئۇ كۆپ تىللىق شائىر بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس، پارس، ئەرەب ھىندى تىللىرىدىمۇ شېئىر يېزىپ پۈتكۈل ئوتتورا ئاسىياغا تونۇلغان. 90-s@a3B-j 14. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1923~1995): «ئىز»، « ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم، يازغۇچى، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار بولغان بولسىمۇ، ئېگىلمەس-سۇنماس روھى بىلەن ئوڭۈشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ناھايىتى ئېسىل مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. @k# xr 15. ئابدۇقادىر داموللام (1924-1862): بىر مەرىپەتپەرۋەر ئالىم، تەرەققىيپەرۋەر زات، تونۇلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، شائىر ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشىقىرى (تەخەللۇسى غاز) ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يېڭى ئىلىم-پەن ئارقىلىق خەلقنى نادانلىق، جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلغان. شۇ دەۋرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ناھايىتى كۆپ دەرسلىكلەرنى تۈزگەن. نەتىجىدە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىكى، ساتقىنلارنىڭ ققول سېلىشى بىلەن ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن. hBifn\dFr 16. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (1933~1995): «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ھېلىھەم ئېلىن قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسەرلىرى ئاز ئەمەس. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن خەلقئاراغا تونۇشلۇق ئالىم بولۇپ، بىلىمخۇمار ئەۋلادلىرى قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ. bj_/ 17. مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى (1901~1937): ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىلى، ئوت يۈرەك شائىر مەمتىلى توختاجى (تەخەللۇسى تەۋپىق) ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ قىسقىغىنا 36 يىللىقى ھاياتىدا ئۆز خەلقىنىڭ مائارىپى ۋە ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان. ناھايىتى كۆپ بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ بېشىغا چىققان قانخور جاللات شېڭ شىسەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى كۆپدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 2T@?&N^OD 18. لۇتبۇللا مۇتەللىپ (1922~1945): ئوت يۈرەك شائىر، ئىنقىلابىي جەڭچى، «يىللارغا جاۋاپ»، «خىيالچان تىلەك» قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ (تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى) ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت توققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، ۋەتىنى، خەلقىگە قالدۇرپ كەتتى. ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. zz 19. موللا زەيدىن (1815~1881): مەشھۇر خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىن لۇكچۈندە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىڭ تىغ ئۇچى ۋاڭ، غوجىلارغا قارىتىلغان بولغاچقا، ئوردىن سەككىز قېتىم قوغلانغان. ئەپسۇسكى، ئۇ ھەجۋىي قوشاق، چاقچاقلىرى ئارقىلىق قازىكالانلاردىن ۋاڭ-غوجىلارغىچە، ئالدامچى سوپىلاردىن چالا موللىلارغىچە پاش قىلىپ ئەمگەكچى خەلقنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. موللازەيدىن چاقچاقلىرى ھېلىھەم خەلقىمىز ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. Po.by~| 20. زوردۇن سابىر (1937~ 1998): «ئانا يۈرت»، «ئىزدىنىش»، «ئۇنتالمايمەن گۈلسارە»، «ئاۋرال شاماللىرى»، «ئاتا»، «خىرە دېرىزە»، «دولان ياشلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى، زوردۇن سابىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكىسىنى قېزىشقا، قويۇق مىللىي تۇرمۇش پۇرىقىنى چىقىرىشقا ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. 6\VZ6oS 21. ئابلىز نازىرى (1925~ 1994): تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1945-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «سىڭلىمغا» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن «كۆڭلۈم سەندىدۇر»، «ئالتاي پارتىزانلىرى خاتىرىسى»، «مۇجۇلغان يۈرەكلەر»، «مۇڭلۇق ئالچۇق»، «چېچەك پەسلى» قاتارلىق كۆپىلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت قۇشۇلنىنى تەشكىللەش، تەربىيىلەش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. u@`y/
,PX 22. ئابلىز ھاجى (1911~1987): يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئۆمرىنى سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان پېشقەدەم ئارتىس ۋە رېژىسسور ئابلىز ھاجى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1942-يىلى «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، «قانلىق داغ» «غېرىب-سەنەم» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئۆزى رول ئېلىپ زور شۆھرت قازانغان. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر سەنئەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە قازانغان نەتىجىلىرى سەنئەتخۇمارلار قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ. r;>.*60AT 23. ئەبراباي (1860~ 1938): 1930-يىللارنىڭ بېشىدا قەشقەر شەھىرىدە 12 سىنىپلىق دارىلئېتام مەكتىپى سېلىپ، سەككىز سىنىپقا يېتىم قىزلارنى قوبۇل قىلىپ، بالىلارنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى. پۈتۈن شىنجاڭغا نامى تارالغان مەرىپەتپەرۋەر زات ئەبراباي «يوقسۇلارنى يىغىپ قوزغىلاڭ قىلماقچى» دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنىپ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. mgodvX 24. ئەخمەتجان قاسىمى (1914~1949): «ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى» نىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى. زۇلۇمغا، ئېزىلىشكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان ئەزىمەت ئوغلان ئەخماتجان قاسىمى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن قورقماس جەڭچىلەرنىڭ سەركىسىدۇر. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، مائارىپى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ. #/_ VY. 25. ئەلقەم ئەختەم (1922~ 1995): شائىر ئەلقەم ئەختەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ «ئۈمىد دولقۇنلىرى»، «كۈرەش دولقۇنلىرى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تىلىنىڭ يېنىكلىكى، رىتىمىنىڭ جۇشقۇنلۇقى بىلەن قەلبلەردە ئىشەنچ بېغىشلاپ بىزنى يۈرەكلىك ئلاغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ. i'1MZ%. 26. ئەلائىددىن خوتەنى (1150~1222): قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۈيۈك تېببىي ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان تىببىي ئۇستاز ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى ئۆز دەۋرىدە نامى تارىم ۋادىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگە قەدەر تارقالغان شەخس بولۇپ، ناھايىتى كۆپ تېببىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ كۈچلۈك موڭغۇل خانى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ياد ئېتىلمەكتە. vfc,{F=Q 27. ئەمەت ئۆمەر (1987~1916): ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان ئاتاقلىق خەلق سەنئەتكارى ئەمەت ئۆمەر ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدىكى نادىر تىياتىرلارغا رېژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئۆزى رول ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بۇجەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدا مۇستەھكەم ئاساس سېلىپ بەرگەن. U]9k,# 28. ئەمەت ھاجى (1882~ 1944): كېسەللەرنى تونۇش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى مول بىلىمى، شىپالىق رېتسىپلىرى بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئەمەت ھاجى كېرىيە ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۆز زامانىسىدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك تېۋىپ بولغان. «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى» نىڭ 1-تومىنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇنىڭ خەلقپەرۋەر روھى، بىلىمخۇمارلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ. >9yy91H 29. ئەمەتجان ئەھمىدى (1931~1997): «باھارغا مەدىيە» (6-1)، «ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا» قاتارلىق كىتاپلارنىڭ مۇئەللىپى، تونۇلغان مۇقام تەتقىقاتچىسى ئەمەتجان ئەھمىدى 1978-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تېگىشلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ساھەسىدە تۆھپىسى مەڭگۈ يادلىنىدىغان شەخسىكە ئايلاندى. a6;5mx 30. ئارسىلان (1950~ 1996): «ئاھ، مېنىڭ خەلقىم» ، «يۇلتۇزلار يۇرتى»، «كىندىك قېنىم تامغان ماكان»... قاتارلىق داستان، شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئىقتىدارلىق شائىر ئارسىلان ئۆز ئەسەرلىرىدە باشتىن-ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى مۇھىم ئورۇندا قويغان بولوپ، ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ ئەنئەنىۋىي تېمىنى تېخىمۇ بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئەۋلادلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ,# %I$ 31. ئېلىخان ھەززىتىم (1887~1989): «ئۇيغۇر تېبابەت ئاناتومىيىسى»، «ئالدىمىزدىن ئۆتكەن تەكرار كېسەللىك دورىسى»، «تېبابەتچىلىكنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى، يېتىلگەن ئۇستاز تېۋىپ ئېلىخان ھەززىتىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان بولۇپ، ئوردو، پارس، ئەرەپ، تۈرك تىللىرى ۋە يېزىقلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۈكسەك بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغان. 102 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بۇ پېشۋانى كېيىنكى ئەۋلادلار ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ. 7mtg
32. ئەزىروف قاسىم (1924~ 1994): «ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى» نىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، ناھايىتى كۆپ جەڭلەرنىڭ شاھىدى گېنېرال ئەزىزوف قاسىم قورال ئېلىپ جەڭ قىلىدىغان جەڭچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەربىي ئىلىم تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ يازغان «مارشالنىڭ نەسىھىتى»، «ئۇرۇش ۋە قوماندان»، «جەڭ شەمشىرى»، «قىساس خەنجىرى» قاتارلىق ئەسەرلەر كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا قالدۇرۇلغان ئېسىل مىراستۇر. گېنىرال ئەزىزوف قاسىم خەلق قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ. #3A|Z=,5 33. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف (1915~1970): گېنىرال مايور مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 20 يېشىدىلا كۈرەش جەڭچىسى قابىل تەشكىلاتچى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئۇنىڭ گومىنداڭنى شىخودىن قوغلاش جېڭىدىكىى باتۇرلۇقىنى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن شىددەتلىك ئوقلارغا پەرۋا قىلماسلىقتەك قەيسىرانە روسىنى ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ. x,fL656t 34. غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى (1916-1994): پۈتۈن ئۆمرىدە 50 يىلدىن ئاتۇق ۋاقىتنى تېبابەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان غوجا باۋۇدۇن جامالىدىن ھاجى راك قاتارلىق قىيىن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپ ئىزدىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇدۇم بولۇپ قالغۇسى. l 3 jlKB 35. ئابدۇلھىمىت يۈسۈف (1924~ 1944): مول بىلىملىك، چوڭقۇر پىكىرلىك ئالىم، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەخلاق-پەزىلەت ئىگىسى، نۇرغۇن تارىخىي، تېببىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق بىلىمى بىلەن يۇقىرى شۆھرەت ۋە ئىناۋەتكە ئېرىشكەن. بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشىلىرىنى گۈللەردۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئۆزىنى بېغىشىلاپ بۇ ساھەگە بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. *55unc 36. ھەمدەم بەگ ھاجى (1980~1938): 1933-يىلى قوزغالغان جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ھەربىي ئىلىمدە يېتىلگەن ئىستېداتلىق ئەرباپ، پۈتۈن ئۆمرى جەڭ ئىچىدە ئۆتكەن ئەل ئوغلى ھەمدەم بەگ ھاجى ھەر قانداق جەڭدە مەغلۇپ بولماسلىقى بىلەن خەلق ئىچىدە چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە نائىل بولغانىدى. ئەپسۇسكى جاللات شېڭ شىسەي ھەمدەم بەگ ھاجىنى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىرى قاتارىدا قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە نامەلۇم. /Ba/gq0j 37. غازىبار (مىلادىدىن ئىلگىركى 3-4 ئەسىرلەر): «ئەپلاتۇن بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۆتكەن» دەپ قارىلىۋاتقان قەدىمكى داڭلىق ئۇيغۇر تېۋىپى غازىباي خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ «غازىباينىڭ ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى» ناملىق مەشھۇر كىتابنى يازغانلىقى مەلۇمدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غازىباينىڭ بۇ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەر ئالغان. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيىدىن 3-4 ئەسىر ئىلەىرىلا ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەت ئىلمىگە غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. \l`{u)V 38.خېۋىر تۆمۈر (1922~ 1992): «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسە»، «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، «تاڭ ئالدىدا»... قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى پەزىلەتلىك كەمتەر، تىرىشچان، يازغۇچى خېرىر تۆمۈر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ئېسىل مىراسلىرى ئۇيغۇر ئەدەنىياتى غەزىنىسىدە مەڭگۈلۈك پارلاق چاچىدۇ. 2(Aw 39. غېنى باتۇر: ئۆزىنىڭ چەكسىز كۈچتۈڭگۈرلۈكى، ھەققانىيەتپەرۋەرلىكى، ئۇرۇشتىكى باتۇرلۇقى، قەھرىمانلىقى بىلەن خەلق ئارىسىدا ھەر خىل ئەپسانىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بولغان غېنى باتۇر 40-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ناھايىتى مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان. ئۇ 1953-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى بولغان. 1956-يىلنىڭ ئاخىردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن، 90-يىللاردا ئالمۇتادا ۋاپات بولغان. =F
%lx[9Ye 40. خوجىنىياز ھاجى (1889~1938): شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجى ئۇنتۇلغۇسىز چوڭ ئىشلارنى قىلغان. ئۇ قوزغىغان قوزغىلاڭنى دەۋرىمىز قەدىرلەيدۇ ھەمدە تارىخ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىباھا ئالتۇن بەتلىرىدىن ئورۇن بېرىدۇ. خەلقىمىز خوجىنىياز ھاجىدىن ئىبارەت ئازاتلىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، ۋەتەن بىرلىكىنى قوغدىغۇچى مىللىي قەھرىماندىن مەڭگۈ پەخىرلىنىدۇ. 8Dn~U:F/? 41. نىيازى (1780~1865): موللا مۇھەممەت نىياز بىننى ئابدۇلغەفۇر خوتەننىڭ چىرىيە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ تىرىشچانلىق بىلەن بىلىم ئىگىلەپ، كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارنى ھازىرلاپ، ھاياتلىقىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. «قىسسەسۇل غەرايىپ»، «دىۋانى نىيازى» ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرىدۇر. ئۇ يەنە تەرجىمە ساھەسىدىمۇ خېلى نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، «تارىخى رەشىدىي» نىڭ تەرجىمىسى بۇنىڭ تىپلىك مىسالى. 62K#rRS 42. بايا رەھىم مەشرەپ: ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە بىر ئۆمۈر ئازاپلىق ئىزدىنىپ ئۆتكەن ئەلەملىك شائىر، ئىسيانكار مۇتەپەككۇر، ئۆزبېك، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن بۈيۈك نامايەندە بايا رەھىم مەشرەپ 20 يىلغىچە داۋاملاشقان سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلاپ ئاجايىپ ئېسىل شېئىرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىدە، ئېيتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھالەت ۋە ئادالەتسىزلىكنى شەپقەتسىز پاش قىلغىنى ئۈچۈن بەلخ ھاكىمى مەھمۇدخان تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. C;.,+(G 43. ناقىس (1843~1922): يېقىنقى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى بىر قاتار بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن تاشقىرى بەكمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان قىزقارلىق ھەم كۈلكىلىك ھەزىللىرى بىلەنمۇ يۈكسەك ھۆرمەت ۋە شەرپكە ئېرىشكەن تالانتلىق ئەدىپ، «دىۋانى ناقىس» نىڭ مۇئەللىپى، «گۈلزار بىنىش» ناملىق شېئىرىي روماننىڭ ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگۈچىسى ناقىسنىڭ نام-شەرىپى تىلدىن-تىلغا كۆچۈپ ئەدەبىي يادلانغان ھالدا ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى مۆتىۋەر ئەدىبلەر قاتارىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ. *dPbV.HCl 44. نەزەر خوجا (1887~1951): ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەرىپەتپەرۋەر زات، تارىخچى، يازغۇچى، شائىر ۋە قەدىمكى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى نەزەر خوجا (تەخەللۇسى ئۇيغۇر بالىسى) پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم-مەرىپەتكە، مائارىپقا ئاتىغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر زاتلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ يازغان ماقالە، ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە شېئىرلىرى « يورۇق ساھىللار » دېگەن نامدا توپلام قىلىپ نەشر قىلىنغان بولۇپ، قىممەتلىك مىراسقا ئايلىنىپ قالدى. ZcQu9XDIt 45. تۆمۈر سىجاڭ (1886~1933): قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ ئىلھامى بىلەن بۇ ئىنقىلابقا ماسلىشىپ كۇچاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن تۆمۈر ئېلى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، «سىجاڭ» لىق مەنسىپىگە تەيىنلەنگەن. تۆمۈر سىجاڭ گەرچە قورقماس بولسىمۇ، ئەمما قارا كۈچىگە تايىنىپلا ئىش كۆرمەكچى بولغاچقا، ناھايىتى كۆپ ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ تۆمۈر سىجاڭنىڭ خەلق ئىنقىلابىدا ئوينىغان رولى ناھايىتى چوڭ بولغان. Bhd)# P 46. ئوسمان قاسىم (1920~ 1944): قەشقەر بەشكېرەمدە تۇغۇلغان. ناھايىتى كۆپ ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى يادقا ئېلىپ، ئافراسىياپ، قاراخان، سۇتۇق بۇغراخان، ئافاق خوجا ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشى بىلەن مەتبەئەگە ئېلىنغان «ئافرات خاقان ۋە توققۇز قىز» ناملىق رىۋايەت چوڭ تەسىر قوزغىغان. ھەر خىل رىۋايەت توپلاملىرىغا ئۇ سۆزلەپ بەرگەن رىۋايەتلەر كىرگۈزۈلگەن. ئۇ يەنە خېلى كۆپ ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان. &|~7` 47. ناسىر بەگ (1891~1979): 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەرجىمانلىق بىلەن تونۇلۇپ، خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشقان ناسىر بەگ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ياشىغان قابىلىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. گەرچە ئۇ ياڭ، جىن، شېڭ، ۋە گومىنداڭدىن ئىبارەت تۆت خىل ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلق ۋە ئادالەت تەرەپتە تۇرۇشنى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلغان. #e|o"R;/` 48. ئابدۇللا داموللا (1898~1940): توقسۇندا تۇغۇلغان. 1933-يىلى تۆمۈر سىلىڭ قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا، ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن. كېيىن خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە بولۇپ، قوشۇننىڭ ھەربىي تەمىنات مەسئۇلى بولغان ۋە شېڭ شىسەينىڭ چاقىرتىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك مائارىپ نازىرى، ئۆلكىلىك مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۆلكىلىك تەمىنات نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ئىشلەپ، خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىللە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن. 5M0Q'"`F: 49. تىيىپجان ھادى (1922~1989): يازغۇچى ۋە تارىخچى، «پالۋان كەلدى»، «چورۇق ھېكىم»، «ئۆچكەدۆڭدە لاۋۇلدايدىغان مەشئەللەر» نالىق ھېكايىلەرنىڭ، «ئىلى گۇڭ بەگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى» ناملىق تارىخى ماقالىلەرنىڭ مۇئەللىپى تىيىپجان ھادى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ يېزىقچىلىق قىلىشتىن ئىنقىلابى ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ تۆھپە قوشقان، ئەپسۇسكى، «ئىلى تارىخىدىن ئىزلار» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى تاماملىيالماي دۇنيادىن ئۆتكەن. alaL/p{O 50. مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى (1914~1990): مول تارىخىي بىلىمگە ئىگە تاىخشۇناس ۋە تەزكىرىشۇناس، «قەشقەردىكى يادىكارلىقلار»، «تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا»، «ئابدۇقادىر داموللا ئۆلتۈرۈلگەن پاجىئەلىك كېچە» قاتارلىق بىر يۈرۈش تەتقىقات ۋە ئەسلىەم خاراكتېرىگە ئىگە ئېسىل ماقالىلىرى بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى (ئىشقى) بىلىمخۇمار ئەۋلادلار قەلبىدىن مەڭگۈ يادلىنىدۇ. _SAM8!q4, 51. روزى ھاجىم (1860~1962): ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر زات روزى ھاجىم ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، ئۇ ھەرخىل خەلق قوزغىلاڭلىرىغا قاتناشقاندىن سىرت، ئۈرۈمچىدە « ئەنتەرىيە مەكتىپىنى ئېچىپ ئەۋلاد تەربىيلەشكە كۈچ چىقارغان. ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرى جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇپ، تارىخ سەھىپىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان. Y 3BJ@sqz 52. تۇرسۇن ئايۇپ (1947~2003): جۇڭگودىكى تۈركولۇگىيە ساھەسىنىڭ مەشھۇر ئەربابى، تۇركولوگىيىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئالىمى، پروفېسسور، «ئوغۇزنامە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق بىر تالاي مۇھىم ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى. تارىخشۇناس زات تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. خەلقىمىز بۇ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى چىن قەلبىدىن ئەيسلەيدۇ. D_DwP$wSo 53. موللا بىلال (1823~1900): ⅩⅨ ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەنقىدىي رېئالىزىم ئاساسچىلىرىدىن بىرى، «غەزەليات» ناملىق دىۋاننىڭ، «غازات دەرمۈلكى چىن»، «چاڭموزا يۈسۈپجان»، «نۇزۇگۈم» قاتارلىق داستان-قىسسەلەرنىڭ مۇئەللىپى موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىمى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. شائىرنىڭ پۈتۈن ھاياتى نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھەمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەما بولۇپ قېلىپ، ياركەنت شەھىرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن. موللا بىلال خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ مۆتىۋەر ئورۇندا ياشايدۇ. aDF@AS 54. بىلال ئەزىزى (1921-1945): ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىققا ۋە مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى سەھنىسىگە ئۆز نامىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر بىلال ئەزىزى خوتەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، «ياش ئۈچقۇنلار ئىتتىپاقى» نى قۇرغان ۋە ئالدىنقى مەسئۇللىرىدىن بولغان . ئەپسۇسكى، دوستلىرى لۇتبۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 1945-يىلى 18-سېنتەبىردە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ چاغدا ئۇ ئاران 24 ياشتا ئىدى. 4v\HaOk 55. مۆجىزى (ⅩⅧ ئەسىر): «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۇزىكىچىلار تارىخى) ناملىق رىسالىسى بىلەن تونۇلغان موللا نېمەتۇللا ئوغلى موللا ئىسمەتۈللا (مۆجىزە) خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق. ئەمما «تارىخىي مۇسقىيۇن» ناملىق »قېدىرخان يەركەندى» ناملىق قېدىرخان يەركەندى، ئاماننىساخان توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ ئەسەر مۆجىزىنىڭ نامىنى كەڭرى تارقىتىپ شۆھرىتى كۆتۈرۈپ كەلمەكتە. .~f )4'T 9 56. جامالىدىن ئاقسارايى (ⅩⅨ ئەسىردە ئۆتكەن): ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تەجرىبىلىرىنى توپلاش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە داۋالاش ئەمەلىيىتىدىن ھاسىل قىلغان بىلىملىرى ئاساسىدا «كىتابى تىپ ئاقسارايى» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان، تېبابەتچىلىك ئىلمى ساھەسىدە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن مۆتىۋەر ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى قاراقاش ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ ئالىمنىڭ ئەسىرى ھىندىستاندا 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن. :y-;V 57. موللا شاكىر (1805~ 1870): ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچىسى، موللا شاكىر «زەفەرنامە» ناملىق داستانى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ ھاياتى ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاندا ئۆتكەن بولۇپ، ھاياتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات يوق. ئەمما، «زەفەرنا» داستانى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ۋە تارىخىي قىممىتى بىلەن ئەۋلادىلىرى قەلبىدە ئۇ مەڭگۈ ھايات. J:@gmo`M;V 58. موللا ئىسلام (شاڭزۇڭ ـــ 1890~1960): 1943-يىلى دەسلەپتە 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن تۈزۈلگەن پارتىزان ئەترىتى تەشكىل قىلىپ، گومىنداڭغا قارشى كۈزۈشكە ئاتلانغان موللا ئىسلام ئالتاي، تارباغاتاينى ئازاد قىلىشتا ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ، پارلاق نەتىجە ياراتقان ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن بىر ھەربىي خەنجەر، بىر ئالتۇن ئۇچلۇق قەلەم تەقدىم قىلغان. موللا ئىسلامنىڭ خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى خەلق مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ. E(~7NRRm 59. ھاشىم ھاجى (1869~1952): شىنجاڭ، ئوتتورا ئاسىيا، ھەتتا ئەرەپ يېرىم ئارىلى قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردە دارۋازلىق سەنئىتى بىلەن نام قازانغان. ئايىمخان ھاجى، سىدىق ئاخۇن... قاتارلىق پەرزەنتلىرىنى مۇقامچىلىق ۋە دارۋازلىقتا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەربىيلىگەن مەشھۇر سەنئەتكار. ئۇ خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، كىچىكىدىن دارۋازلىق سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلاپ، ئۇنى بىر ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلغان. نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ بۈگۈنگە يېتىپ كېلىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. {rc3`<% 60. لۇتفى (1366~1465): ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ⅩⅤ ئەسىردىكى يېتەكچى نامايەندىسى مەۋلانا لۇتفى ھىراتتا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بىر يىل كەم بىر ئەسىرلىك ھاياتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان. ئۇنىڭ «گۈل ۋە نەۋرۇز» ناملىق داستانى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. لۇتفىغا نەۋائى «ئۆز دەۋرىنىڭ مەلىكۇل كەلامى» (سۆز پادىشاھى) دەپ نام بەرگەن. لۇتفى ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى نامەلۇم. 4z 61. ئابلىمىت ھاجىيوف (1917~1933): ئاتۇش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى 9-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتىنىڭ شۇجسىى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. ئۇ كېيىنمۇ ھەرخىل مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەپ 76 يېشىدا ۋاپات بولغان. b Hr^_ogN 62. ئەسئەت ئىسھاقوۋ (1912~1976): پېشقەدەم زىيالى، رەھبەر ئەسئەت ئىسھافوۋ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە «شىنجاڭدا تىنچلىق، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى، ۋاقىتلىق مەسئۇلى قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ، كىرىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇ پ، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى. ئەپسۇسكى، ئۇ «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ۋاپات بولدى. >(RkoExO/ 63. غېنى كېرىموف (1922~1949): غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، 1949-يىلى 8-ئايدا ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان. ئۇ دەسلەپتە ئۈمىد مەكتىپىدە ئوقۇپ، يەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. L`nW&;w' 64. ھۈسەيىنبەگ (1899~1934): ئىقتىدارلىق جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىيون ھۈسەيىنبەگ ئۆز مەتبەئەسى بىلەن 1919-يىلى كۈزدە «ھۆر سۆز» گېزىتىنى چىقارغان. «ئىلى سەنىمى» نى رەتلەپ ھازىرقى ھالغا كەلتۈرگەن. 1927-يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن «ھۈسەينىيە مەكتىپى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتورا مەكتەپ) نى سالدۇرغان... بۇ مەرىپەتۋر زات ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئوينىغان غايەت زور رولى بىلەن ئەۋلادلىرى قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا. Qt.*Z;Gs 65. ئەنۋەر ناسىرى (1914~1946): شائىر ئەنۋر ناسىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ. شائىرنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە سان جەھەتتىن كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ناھايىتى قىممەتلىكتۇر. ئۇ ئىلغار ئىدىيىلىك شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «مېنىڭ دەسلەپكى ئۇستازىم ئەنۋەر ناسىرى ئىدى» دەپ تەرىپلىشىگە ئېرىشكەنىدى. f;'*((
66. ئولبۇلخەيرى (1934~1944): «ئاماننىساخان»، «نەسىردىن ئەپەندى»، «بەخت ناخشىسى»، «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «يول باشلىغۇچى»، «غېرىب-سەنەم »، «رەنانىڭ تويى».... قاتارلىق كىنولاردا رول ئېلىپ خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. كىنو، تىياتىر ئارتىسى ئوبۇلخەيرى ئۆمۈر بويى تىياتىر ۋە كىنو سەنئىتى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان. ئۇ ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ. 8jz>^.-o 67. ئابدۇراخمان ھاۋاز (1935~1993): «ئانارخان»، «يايلاقتىكى بۈركۈت»، «قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن»، «يول باشلىغۇچى»، «غېرىب-سەنەم» قاتارلىق كىنو فىلىملىرىدە ۋە بىر مۇنچە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە باش رول ۋە ئاساسلىق روللارنى ئويناپ، خەلق قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئابدۇراخمان ھاۋاز 1980-يىلى نەشر قىلىنغان «جۇڭگو كىنوچىلىرى» ناملىق چوڭ تىپلىق كىنو لۇغىتىدە بىردىن-بىر ئۇيغۇر كىنو ئارتىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان. -}6ew@GE 68. نېمشېھىت (1906~1972): ھازىرقى زمان ئۇيغۇر ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى، «ۋەتەن مۇھەببىتى»، «شېئىرلار»، «يۈرەك سۆزى»، «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى ئەرمىيا ئېلى سايرامى ھەققىقىي ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، يېڭى دەۋرنىڭ كۈيچىسى بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى قەلب تۆرىمىزدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ. 9lq5\ tL- 69. ئەھمەت زىيائى (1913~1989): ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن بىرى، پېشقەدەم شائىر، تالانتلىق درامماتورگ ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى 1947 -يىلى «توزىماس چېچەكلەر»، «لاداخ يولىدا كارۋان»، «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» قاتارلىق كىتاپلارنى نەشر قىلدۇرۇپ زور شۆھرەت قازانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ناھايىتى شانلىق ئىز قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۇشقۇن ھېسسىيات، باي تەسەۋۋۇر ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە كەيپىياتى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇرچاچىدۇ. q1rj!7 70. سەيپىدىن ئەزىزى (1915~2003): «سۇتۇق بۇغراخان»، «ئۆمەر داستانى» قاتارلىق رومان، ئەسلىمىلەرنىڭ مۇئەللىپى، كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى سەيپىدىن ئەزىزى قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭ ئېلىپ ماڭالىغان بىردىن-بىر مەسئۇلىيەتچان رەھبەر، تېرىشچان يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن روشەنلىككە، بەدىئىيلىك جەھەتتە مۇكەممەللىككە ئىگە. ئۇنىڭ رەھبەرنىڭ خىزمىتىدە تۇرۇپمۇ قەلەمنى تاشلىمىغان ئېسىل خىسلىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆرنەك بولۇپ قالغۇسى. yY#h1 71. زۇنۇن قادىرى (1912~1989): «غۇنچەم، «گۇلنىسا» «ماغدۇر كەتكەندە»، «شەپقەت ھەمشىرى» قاتارلىق ئوپېرا ئەسەرلەرنىڭ ئىجادچىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى، تالانتلىق يازغۇچى ۋە دارامماتورگ زۇنۇن قادىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئىدىيە ھەم بەدىئىيلىك جەھەتتە يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا ئىنقىلابىي رېئالىزمنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، خەلقمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. $@Vn+|
Ix 72. قۇربان ئىمىن (1914~ 1992): «تارىم غەزەللىرى»، «قەشقەر ئاۋازى »، «مېنىڭ ناخشام» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى قۇربان ئىمىن ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ھارماي--تالماي ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئارزۇ ۋەزىنىنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىدە شېئىر، داستانلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكىل جەھەتتە كۆپ خىللىقىغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى چۈشىنىشلىك، ئاممىباپ، مىللىي پۇرىقى قويۇق بولغاچقا، خەلق ئىچىگە تېزلا ئۆزلىشىپ كەتكەن. +
?)7l 73. تۇردى سامساق (1923~1992): «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «بەش تال ئوق»، «ئۆچمەس يۇلتۇزلار» قاتارلىق ئېسل ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى، ئەدەبىياتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى تۇردى سامساق خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان يازغۇچىدۇر. ئۇ ئىجادىيەتنى كۇرەش دەپ تونۇغان بولۇپ، ھەر بىر جۈملە يازمىسىغا ناھايىتى مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئۆزىگە خاس ئورۇنغا ئىگە بولغان. Z1
fY' f 74. ئابدۇكېرىم خوجا (1928~1988): ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر ۋە پىشقان ژۇرنالىست، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى، «باھار ناخشىسى»، «تۇپراق، باھار ۋە مەن» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇكېرىم خوجا لىرىك ھېسسىيات بىلەن مول پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى يۈغۇرۇپ، كىشى قەلبىنى تىترىتىدىغان ئىدىيىۋى كۈچ ھاسىل قىلىدىغان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. خەلقىمىزنىڭ ئۇنىڭ مول، جاپالىق مەنىۋىي ئەمگەكلىرىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ. w+6P x# 75. جاپپار ئەمەت (1929~1999): ئىزدىنىش روھىغا باي، سەمىمىي، پەزىلەتلىك شائىر، ژۇرنالىست جاپپار ئەمەت 40 نەچچە يىللىق ئەدەبىي ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈرى بىلەن دېگۈدەك شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە ھەر خىل تېما ۋە ئۇسلۇپ بىلەن ئوخشاشمىغان ئىدىيىۋى مەزمۇنلارنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە «قامچىلاش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش» ئىبارەت جەڭگىۋار روھ سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ھەم ئىلھاملاندۇرىدۇ. Vit-)o{zr 76. پەتتارجان مۇھەممىدى (1930~1984): خېلىلا جاپالىق ئەجىر قىلىپ بىر قەدەر قەلىمى پىشقان ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنىنى تەشكىللەش، ئۈمىدلىك ھەۋەسكارلارنى بايقاش، قوللاش ۋە ئۆستۈرۈش جەھەتتە مەلۇم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. سىياسىي لېرىكىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان «ئۆمۈر چېچەكلىرى» ناملىق توپلامنىڭ مۇئەللىپى پەتتارجان مۇھەممىدى گەرچە بەك كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەنىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھىپىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك. 0`E G-Hw 77. قەييۇم تۇردى (1936~1999): «كۇرەشچان يىللار»، «جىمجىت جۇڭغارىيە» قاتارلىق رومانلارنىڭ مۇئەللىپى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، ئىقتىدارلىق ۋە مول ھوسۇللۇق يازغۇچى قەييۇم تۇردى ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەھنىسىدىن مۇناسىپ ئورون ئالغان. ئۇ ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چوڭقۇر ياد ئېتىلىدۇ. LAC&W;pJ" 78. مەھمۇت مۇھىتى (1887~1944): قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن قوزغالغان تۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى، مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئىنىسى مەھمۇت مۇھىتى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى شۆھرەتلىك شەخسىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىدىيسىىگە ۋارىسلىق قىلىپ، 6-شىنىڭ شىجاڭى بولۇپ قەشقەردە تۇرغان ۋاقتىدا، قەشقەر يېڭى زامان مائارىپى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، دىنىي مەدرىسلەرنى ئىلاھ قىلغان، خەلقىمىز بۇ ئوغلاننى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ. "mQp#d/' 79. مەخسۇت مۇھىتى (1885~1931): «مەخسۇتىيە مەكتىپى» ناملىق زامانىۋىي مەكتەپ سېلىپ، بارلىق چىقىمنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەرىپەتپەرۋەر مەخسۇت مۇھىتى خەلقىمىز ئەڭ پەخىرلىنىدىغنا ئوغلانلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 1931-يىلى قۇلۇمدا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ جەڭ قىلغان. ئەپسۇس شېڭ شىسەي ۋە ئاق ئورۇس ئەسكەلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئوق تېگىپ قۇربان بولغان. مەرھۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ تېنىنى لۇكچۈن شەھىرىنىڭ سىرتىدىن، بېشىنى تۇرپان شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن تېپىپ كېلىپ ئاستانىگە دەپنە قىلغان. بۇ چاغدا ئۇ ئاران 46 ياش ئىدى. B .y}S 80. سادىر پالۋان (1798~1871): ئىلى ۋىلايىتىدە پارتلىغان مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى، جىگەرلىك، قورقماس ئەزىمەت سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئاقىل-پارسىتىگە تاينىپ ئاجايىپ ئۈنۈملۈك جەڭلەرنى قىلغان. ھەتتاكى ئۇ كېچىسى بىر توپ ئۆچكىنىڭ مۈڭگۈزىگە شام يېقىپ، قۇيرۇقىغا پوجاڭزا چېگىپ ھەيدەپ بېرىپ چىلپەڭزى ئامبىلىنى تەسلىم قىلغان. خەلقىمىز ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ بۈگۈنگە قەدەر سۆيۈپ ئوقۇپ يادلاپ كەلمەكتە. ) p>
Cf_[. 81. تۆمۈر خەلىپە (1891~1913): 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زالىملارغا، مۇستەبىتلىككە ئېزىلىشكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان جەسۇر بوران قۇشى تۆمۈر خەلىپە ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى، قىلغان شىددەتلىك جەڭلىرى بىلەن تارىختا ئۆچمەس سەھىپە قالدۇرغان. ئۇ قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پىلتىسىگە ئوق يېقىپ بەرگەن بولۇپ بۇ قوزغىلاڭ پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان قوزغىلاڭغا ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئۆتكۈز ئەپەندى يازغان «ئىز» رومانىدا تۆمۈر خەلىپىنىڭ يۈكسەك ئوبرازى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەنگەن. PE5*]+lW. 82. قاھار جېلىل (1943~1994): «قىساس»، «ۋاقىت ئۇنتۇلدۇرالامدۇ»، «مېھرىبان»، «تەقدىرنى كىشىلەر يارىتىدۇ» قاتارلىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان قاھار جېلىل ئۆز ئەسەرلىرىدە پاكلىق، سەمىمىيلىك، گۈزەللىك، ئىناقلىق، مېھرىبانلىق قاتارلىقلارنى ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن. ئۇ ئەسەرنى ۋەقە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت قېلىپقا چۈشۈپ قالماي، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەڭگۈ قىمممىتىنى يوقاتماي، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە پارلاق نۇر چاچىدۇ. MiZ 83. روزى سايىت (1944~2001): «جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس»، «ئاھ، مېنىڭ مىللىتىم»، «دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش»... قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنىڭ ئىجادچىسى، خەلقنىڭ يىغىىسغا يىغلاپ ھال-مۇڭ بولغان شۆھراتلىك خەلق شائىرى روزى سايىت ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقىقىي شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان ئەدىبتۇر. خەلقىمىز ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدۇ، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى كۆز قارىچۇغىدەك ئاسراپ سۆيۈپ ئوقيدۇ ھەمدە مۇشۇنداق شائىرى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. Gy\]j 84. مۇساباي (1809~1895): ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە زور شۆھرەت قازانغان كاتتا باي ـــ مۇسۇباي، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخستۇر. ئۇ ئىلىدا كۆن خۇرۇن زاۋۇتى قۇرۇپ 200 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىنى چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلغان. ئۇ بالىلىرىنىڭ پەننىي مەكتەپ ئېچىشىغا ئىلھام بەرگەن. ھەم «پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي، بىلىمنىڭ خوجايىنى بولۇڭلار» دېگەن ۋەھىيەتنى قالدۇرۇپ، دۇنيادىن كەتكەن. sgOau\E 85. ھاجى نۇرھاجى (1929~2001): تونۇلغان تارىخ تەتقىقاتچىسى، قاراخنىيلار تارىخي ھەققىدە سىستېمىلىق تەتىقات ئېلىپ بېرىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كلەتۈگەن تارىخشۇناس، «قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەنرىڭ مۇئەللىپى ھاجى نۇرھاجى ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئوبرازىنى قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ. =Xvm#/ 86. قۇتلۇق شەرقى (1876~1938): ۋەتەنپەرۋەر ئالىم، داڭلىق تارىخشۇناس، ئىلىم-مەرىپەتنى خەلقنى ئويغىتىش ۋە قوزغىتىشنىڭ ياخشى قورالى دەپ ھېساپلىغان دېموكراتىك زات قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ ئۆز ھاياتىدا خەلقنى ئويغىتىش يولىدا پۈتۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ «ئەركىن ھايات» ناملىق گېزىتنى نەشر قىلىپ جەڭگىۋار شېئىرلارنى، «قەشقەر تارىخى» ناملىق يېرىك ئەسىرىنى يېزىپ قالدۇرغان. ئالىمننىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىدىن ساراسىمىگە چۈشكەن شېڭ شىسەي ئۇنى پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. f+9WGNpw 87. تۇردى ئاخۇن (1881~1956): «باھارىم چىمەنزارىم» قاتارلىق 30 نەچچە ناخشىنىڭ ۋە بىر نەچچە نەغمىنىڭ ئىجادچىسى، «12 مۇقام» نى چوڭ نەغمە، داستان ۋە مەشرەپلىرى بويىچە ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ ساپ ساقلىغان مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ مۇقامچىلىقىمىزغا قوشقان زور تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكا بولمىغان بولسا 12 مۇقام بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى شۆھرەتكە ئېرىشەلمىگەن، يەنى سىستېمىلاشتۇرۇپ رەتكە سېلىنمىغان بولاتتى. Y-bTKSn 88. تېيىپجان ئېلىيوف (1930~1989): ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور ئابرۇي قازانغان ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىياتشۇناس تىيىپجان ئېلىيوف «شەرق ناخشىسى»، «تۈگىمەس ناخشا»، «تۆھمەت قۇربانى» قاتارلىق توپلاملارنىڭ مۇئەللىپىدۇر. ئۇ يېڭى ھايات ۋە پارلاق كېلىچەكنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى بولۇپ، يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن كۆپ مەھسۇلاتلىك شائىر .ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناھايىتى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سالماق ئورۇن تۇتىدىغان ئەدەبىي مىراسقا ئايلانغان. FaCW +9B 89. موللا مۇسا سايرامى (1826~1917): يۇرتىمىزنىڭ ⅩⅨ ئەسىردىكى تارىخنى يورۇتۇپ بېرىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مەشھۇر ئەسەر «تارىخي ھەمىدىي» ... نىڭ مۇئەللىپى مۇللا مۇسا سايرامى ئۆز دەۋرىنىڭ تونۇلغان تارىخچىسى بولۇپ يېتىشكەن. ئۇنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە «تەزكىرە تۇل ئەۋلىيا»، «دەربايان ئەسھابۇل كەھف»، «دىۋان مەسنەۋى»، «سالامانمە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. h[u@UGK% 90. ياسىن ھاجى خۇدابەردى (1917~1990): «بىز باسقان يوللار»، «ھايات ساداسى» قاتارلىق كىتابلىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىمىزدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان ياسىن ھاجى خۇدا بەردى ئاتۇشتا تۇغۇلغان بولۇپ، 1939-ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. 1980-يىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ رايونىمىز ئەدەبىي مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تېگىشىك تۆھپىلەرنى قوشقان.
K6-)l
isf 91. سەلەي سۇناي (1906~ 1992): پەيزاۋات ناھىيىسە تۇغۇلغان مەشھۇر سۇنايچى سەلەي سۇناي داڭلىق خەلق سەنئەتكارى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋىي چالغۇ ـــ سۇناي چېلىشتىكى داڭقى يىراق-يېقىنلارغا تارالغان. ئۇ كېيىنچە يالغۇز سۇنايچىلا ئەمەس، بەلكى قولىغا چىققانلا چالغۇنى سايرىۋېتىدىغان «بىرگە ماھىر، كۆپ قادىر» سەنئەتكار بولۇپ تونۇلغان. تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ، ئەجىر يەردە قالمايدۇ. مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى سەلەي سۇنيانىڭ نامى خەلق ئېغىزىدا داۋاملىق ھۆرمەتلەنمەكتە. zgz!"knVx 92. سەيدۇللام توختى (1941~2000): ئاتاقلىق ئىسكىرپكا ماھىرى، داڭلىق دراما ئارتىسى، خەلق سۆيىدىغان مەشھۇر ناخشىچى سەيدۇللام توختى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 50-يىللاردىلا «قارا دەيدۇ»، «ئامان بولسۇن»، «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» قاتالىق خەلق ناخشىلىرىنى ئوقۇش بىلەن داڭق قازانغان. سەيدۇللام توختىنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى سەنئەت بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ سەنئىتىمىزگە قوشقان ئۇلۇغ توھپىلىرى خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ساقلانغۇسى. }j2;B 8j 93. قۇددۇس غوجامياروف (1918~؟): «نۇزۇگۈم»، «سادىر پالۋان» ناملىق ئوپېرالارنىڭ، «چىن تۆمۈر باتۇر»، «ئازادلىق ناخشىسى» قاتارلىق سىمفونىيىلەرنىڭ ئىجادچىسى، سوۋېت ئۇيغۇر كەسپىي مۇزىكا ئاساسىنى سالغۇچى، س س س ر دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ لائورىئاتنى قۇددۇس غوجامياروف مىللىي تىياتىرنىڭ بەرپا بولۇشىغا غايەت زور ھەسسە قوشقانلىقى ۋە بۇ يولدا نۇرغۇن جىسمانىي ۋە زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلغانلىقى بىلەن ئاجايىپ يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن. h! uyTgq 94. غېنى ھارۋىكەش (1885~1964): غېنى ھارۋىكەش يار كەنتتە تۇغۇلغان. ئۇ دادىسىدىن كىچىكلا يېتىم قىلىپ، پۇل تېپىپ بېيىغاندىن كېيىن قازاقىستاندا بىر ئۇيغۇر مەكتىپى ئاچقان. ئۇزۇن ئوتمەي غۇلجىغا كېلىپ 1919-يىلى 15 مۇ يەر سېتىۋىلىپ «روشەن» نامىدىكى پەننى مەكتەپنى سالغان. 1976-يىلى بۇ مەكتەپ غۇلجا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ «روشەن» مەكتەپ ۋە 16-ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ تەسىس قىلىنغان. مەرىپەت مەشئېلىنى ئېگىز كۆتۇرگەن خەلقنىڭ ئەلسۈيەر ئوغلانى غېنى ھارۋىكەش خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ. qCI7)L` 95. ئابدۇراخمان مۇھىتى (1910-1957): 1932-يىلى قوزغالغان مەخسۇت موھىتى، مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ۋە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ئابدۇراخمان مۇھىتى تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇ ھاياتىدا «ئاستانە ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى»، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ خەلقچىل ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاردا ئىشلەپ، شۇ چاغلاردىكى ۋەزىيەت ئۇچۇن تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغان. خەلقىمىز بۇ ئوغلاننى مەڭگۇ ئەسلەيدۇ. F?tWx+N<{ 96. ئىسمايىل ھاجى (1867-1950): خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكەن تونۇلغان شائىر ۋە ماھىر خەتتات ئىسمايىل ھاجى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەن باغلاپ تۇرغۇچى ئەدىبتۇر. گەرچە ئۆز ئەسەرلىرىنى تۈپلەپ توپلام قىلىپ قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا «يېغىۋىلىش»قا ئۇچراپ خېلى كۆپ قىسمى نابۇت بولغان ۋە يوقالغان. شۇنداقتىمۇ شائىرنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان شېئرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل مېراسلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ. 'm`}XGUBS 97. ھاجى نۇرھاجى (1929-2001): تونۇلغان تارىخ تەتقىقاتچىسى، قارخانىيلار تارىخى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تارىخشۇناس، «قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ھاجى نۇرھاجى ئۈستۇنئاتۇش يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى بىر ئۆمۈر سەرپ قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئوبرازلارنى قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرى مەڭگۇ قەدىرلىنىدۇ. c_ncx|dUs 98. ئابدىخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان. 1933-يىلى جاللات شىڭسىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ئالى جاناپ غايە، يۈكسەك تالانت، ئىگىلمەس سۇنماس قەيسەر ئىرادىگە ئىگە ۋەتەنپەرۋەر شائىر. ئۇ ئۆزخەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىگە «ئۇيغۇر» دىگەن تەخەللۇسنى قوللۇنۇپ نۇرغۇن جەڭگىۋار ئىشلارنى قىلغان، ھەم نۇرغۇن جەڭگىۋار شىئېرلارنى يازغانبولۇپ، «باردۇر» دىگەن شىئېرىدا: جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە كۆپ جاپا باردۇر، ئېيتىڭچۇ بۇگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر. ئەجداتلار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنمايمىز، قېلىپ غەپلەت جاھالەتتە كۆزيۇمۇپ پو ئاتقانىمىز باردۇر. دىگەن. ئۇ يەنە «ئويغان»دىگەن شىئىرىدا: ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان ھالىڭ خەتەر، سەندە مال يوق ئەمدى كەتسە جان كىتەر. بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ، ئاھ! سىنىڭ ھالىڭ خەتەر ھالىڭ خەتەر!، دېگەن. ~C^:SND7 مەنبە: بەشكىرەم مائارپ تورى x5MS#c!7 hsrf 2Xw[ مەن تولۇقلاپ قويغان مەزمۇن تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: r@C~_LgL) 99. ئابدۇللا روزى (1945-1920) ws9IO ?|&G 100. ھوشۇر ئېلى: 1931-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان، ئۇ جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش رەسساملىق، خەتتاتلىق ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پېشقەدەم خەتتاتلار جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى. ئۇ خەلق پۇلىدىكى «جۇڭگو خەلق بانكىسى» دېگەن ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان.
4j=K3m u#EcR}=] ئەسكەرتىش: بىر قىسىم كىشىلەرنى مەشھۇر دىگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. |
|