查看完整版本: [-- مىېھرىما: شىنجاڭدىكى قەدىمقى ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> مىېھرىما: شىنجاڭدىكى قەدىمقى ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-04-29 10:47

مىېھرىما: شىنجاڭدىكى قەدىمقى ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى

log{jF  
شىنجاڭدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى Ixm< wKwW#  
5 %kt;ODS  
[P)'LY6F  
# 'G/&&<  
aWek 
w[\*\'Vm0  
L q8}z-?  
,@%1q)S?A  
ئېلزابېللا خورۋاس (ئامېرىكا) Lx,"jA/  
ZgF-.(GV  
VJBVk8P  
lxj_ (Uo  
|M#b`g$JO,  
گەرچە جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ رايۇنىدا موڭغۇل ئېرقىغا تەۋە بولمىغان ‹‹ئورا كۆزلۈك›› ۋە ‹‹قاڭشارلىق›› ئاھالىلەرنىڭ ياشاۋاتقانلىقى نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگولۇقلار بۇ رىياللىقنى قەدىمكى چاغلاردىلا تونۇپ يەتكەن ھەمدە جۇڭگولۇق مۇتەخەسىسلەرمۇ بۇ ئاھالىلەر ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى. mfFC@~|g  
جۇڭگولۇق ئارخېئولوگلار شىنجاڭدىن يېڭىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ سۆڭەك ۋە مومىيالىرى ئۈستىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. ئەڭ بۇرۇنقى موميا ۋە سۆڭەكلەر، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى، لوپنۇرغا يېقىن كېلىدىغان ‹‹قەدىمكى قەبرىلەر جىلغىسى››(گۇمۇگۇ)دىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ يىل دەۋرى مۇندىن 3800 يىل ئىلگىرى دەپ قىياس قىلىنماقتا. u$[ '}z0:  
ئىنسانلارنىڭ قالدۇق ئىزلىرى يەنە بۇ رايۇننىڭ باشقا مۇھىم تارىخىي ئىزلىرىدىنمۇ بايقالدى. تاڭرىتاغ تىزمىسىدىكى ئالار جىلغىسى قەبرىستانلىقىدىن(2000-2700)،قۇمۇل تالبۇلاقتىكى يانبۇلاق قەبرىستانلىقىدىن(3100-2500)،كروران قەدىمىي شەھرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن (1300)،تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇپ قىرغىقىغا جايلاشقان لوپ ناھىيەسىدىكى ‹‹سانپۇلا›› قەبرىستانلىقىدىن(2200)،پامىر ئىگىزلىكىدىكى ‹‹شياڭشياڭباۋ›› قەلئەسى قەبرىستانلىقىدىن(2800-2500)،ئېلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىكى ‹‹تۇدۇن›› مازارلىقىدىن(2400-1800) بۇنداق قالدۇق ئىزلار بايقالدى. جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى ئىنسانشۇناس،پروفېسسور خەن كاڭشېن بۇ قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ئادەم سۆڭەكلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى ۋە ئۆزى بايقىغان، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، ئەھمىيەتلىك تېپىلمىلارنى كۆپلىگەن ماقالىلىرىدە شەرھىيلەپ ئۆتتى. ur={+0 y  
خەن پروفېسسورنىڭ تەتقىقات نەتىنجىلىرىگە ئاساسەن،بىز شىنجاڭنىڭ خەن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى قەدىمقى ئاھالىسى ھەققىدىكى قىياسلارغا ۋە ئىرقىي مەنبەسىگە ئائىت دەسلەپكى خۇلاسىنى چىقىرالايمىز. \2-!%i,  
1)ئارخېئولوگلار تېخىچە شىنجاڭدىن قەدىمقى تاش قورال دەۋرىدىن قېلىپ قالغان ئىشەنچىلىك قالدۇقلارنى بايقىمىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايۇندىكى ئاھالىلەر قەدمقىي ئىنسانلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئۆز دائىرسىگە ئالغان بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس.بۇنىڭدىن شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىكى ئاھالىسى كۆچمەنلەردۇر. ps"crV-W  
2)بىز ‹‹قەدىمىي قەبرىلەر جىلغىسى››دىن قېزىۋېلىنغان 3800 يىل ئىلگىرىكى ئادەم سۆڭىكىنى تەجىرىبە قىلىپ ئېرىشكەن نەتىجىگە ئاساسلىنىپ، شۇنداق ئىشەنچ قىلالايمىزكى، مۇشۇ دەۋىردە ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، بەلگىلىك قەدىمكي ئالاھىدىلىككە ئىگە كاۋكاز تەركىبىدىكى كىشلەر بۇ رايۇنغا يىتىپ كېلەلىگەن. ئىنسانشۇناسلار بۇ ئىرقىي تۈرنى ‹‹ياۋروپاسىمانلار›› دەپ ئاتىشىدۇ.بۇ يەردە ئېيتىلۋاتقان ياۋروپا سۆزى ئىنسانشۇناسلىقتىكى ئاتالغۇ بۇلۇپ،ئادەتتىكى مەنىدىكى ياۋروپادىن پەرىقلىنىدۇ. بۇ خۇددى ئىنسانشۇناسلار خەنزۇلارنى موڭغۇل تۈرىگە ئايرىغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ موڭغۇللاردىن پەرىقلىنىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئىش. GBu&2}  
‹‹قەدىمىي قەبرىلەر جىلغىسى››دىن قېزۋېلىنغان ئادەم سۆڭەكلىرىنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۈلۈش مۇمكىن:سۆڭەكلەرنىڭ بىر قىسمى ئاندرونوۋو مەدىنيىتىگە تەۋە سۆڭەكلەرگە ئوخشىشىپ كىتىدۇ. قالغان يەنە بىر گۇرۇپپا سۆڭەكلەر مەلۇم جەھەتتە ئافاناسىيىۋو مەدىنيىتىگە تەۋە سۆڭەك قالدۇقىلىرىغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ.ئاندرونوۋو مەدىنيىتى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا، شىمالىي سېبىرىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق رايۇنلاردا مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 2000-يىلدىن 1000-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا شەكىللەنگەن مەدىنيەت، ئافاناسىيىۋو مەدىنيىتى بولسا،جېنىس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە ئالتاي ۋادىلىرىدا شەكىللەنگەن مەدىنيەت،ئىنسان قالدۇقلىرىغا ئائىت بۇ ئىككى مەدىنيەتنىڭ شىنجاڭ ۋە قوشنا رايۇنلاردا مەۋجۇت بولغانلىقىغا قاراپ،شۇنداق ھۆكۈم چىقىرالايمىزكى،‹‹قەدىمىي قەبرىلەر جىلغىسى›› كىشلىرى دەل مۇشۇ ئىككى مەدىنيەت-ئاندرونوۋو ۋە ئافاناسىيىۋو مەدىنيىتىنىڭ ئەجدادلىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.گەرچە كۆچمەنلەرنىڭ بۇ رايۇنغا كۈچۈپ كەلگەن ۋاختى ئۈستىدىىكى تەتقىقات تېخى چوڭقۇر ئېلىپ بىرىلمىغان بولسىمۇ،ئەمما شۇنى كىسىپ ئېيتالايمىزكى، ‹‹قەدىمىي قەبرىلەر جىلغىسى›› ئاھالىسى قەدىمقى ياۋروپا ئىرقىنىڭ بىر تارمىقىدۇر،يەنى بىزگە ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان ئەڭ بۇرۇنقى ھەم شەرققە جايلاشقان ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇق ئاھالىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. +`kfcA#pi  
3)مىلادىيدىن بىرنەچچە ئەسىر ئىلگىرى،بەلكىم ئۇنىڭدىمۇ ئىلگىررەك،باشقا بىر تۈركۈمدىكى كاۋكاز تەركىبىدىكى كىشلەر غەربىي جەنۇبىي شىنجاڭغا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرىپ كەلگەن.ئۇلارنىڭ ئىرقىي تەركىبى ئوتتۇرا دېڭىزلىكلەرگە يېقىنلىشىپ كىتىدۇ، شۇنداقلا ھىندى-ئافغان تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇلار غەرىپتىن شەرققە قاراپ يۆتكەلگەن، كىيىنچە بىر تارمىقى تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنى بويلاپ داۋاملىق شەرققە قاراپ يۆتكەلگەن ھەمدە لوپنۇرغا بېرىپ،بۇ يەرگە ئۆزلىرىدىن بۇرۇن كۆچۈپ كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ياۋروپاسىمانلارغا سىڭىشىپ كەتكەن.قالغان بۆلەكلىرى تارىم ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىنى بويلاپ داۋاملىق كۈچۈپ،تەڭرىتاغ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن. bM_Y(TgJ  
4)يەنە بىر غەرپ ئىرقىي تۈرىگە كىرىدىغان ئادەملەرنىڭ قىسقا باش سۆڭىكى ئېلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىن ياكى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي قىسىملىرىدىن بايقالغان بۇلۇپ،ئۇلار مىلادىيدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ئىنسانلار سۆڭىكى دەپ قارالماقتا.بۇ تەرتىپ پامىر-پەرغانە تۈرىگە بەك يېقىن بۇلۇپ،مەلۇم جەھەتتە ياۋروپاسىمانلار بىلەن باغلىنىشى بولغان مەركىزىي ئاسىيا،ئېفراتىس-تىگرىس تۈرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بەزى ئىنسانشۇناسلار بۇ تۈرنى ياۋروپاسىمانلارنىڭ موڭغۇل تىپىدا قالدۇرغان ئىزى-ئىرقىي ئېلېمېنىت ئالاھىدىلىكى بۇلۇپ،ئۇزۇن مۇددەت باش سۆڭىكى قىسقىراش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ نەتىنجىسى دەپ قارىسا،بەزىلەر ياۋروپاسىمانلار بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزلىقلارنىڭ ئىرقىي ئارلىشىپ بىرىكىشنىڭ نەتىنجىسى دەپ قارىماقتا. K6@QZc5.!  
5)موڭغۇل تەركىبى بۇ رايۇندا مۇنىڭدىن 3000 يىل ئىلگىرى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىررەك پەيدا بۇلۇشقا باشلىغان.بۇ خارابىيلەردىكى بۇ خىل ئىرق تىپىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ ئىگىلىرى ئۇلارنىڭ خەن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى ياشىغانلىقنى ئاز دىگەندىمۇ %20 چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ.باش سۆڭەكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇن بۇلۇپ،ھازىرىقى شەرقىي تىبەت كامپاسلىرىغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ.بىراق ئاز بىر قىسمى قىسقا،لېكىن كەڭ باش سۆڭەكلىك قۇرۇقلۇق تىپىدىكى موڭغۇللارنىڭكىگە ئوخشايدۇ.موڭغۇل تەركىبى ئاساسەن شەرقىي شىنجااڭنىڭ قۇمۇل ئەتىراپلىرىدا كەڭ ئۇچۇرايدۇ.بۇنىڭغا ئاساسەن، 20 نەچچە ئەسىر ئىلگىرى شەرققە قاراپ كېڭەيگەن غەربلىكلەر سان ۋە دائىرە جەھەتتىن غەرىپكە كېڭەيگەن شەرقلىكلەردىن ناھايتى كۆپ ۋە كەڭرى دىيىشكە بۇلىدۇ.موڭغۇللارنىڭ شەرقتىن غەرپكە قاراپ چوڭ دائىرىلىك كېڭىيىشى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىلگىرى باشلانغان ئەمەس.بۇ،ھون ۋە تۈركلەرنىڭ زىمىنىنىڭ كېڭىيىشى غەرپكە قاراپ چوڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،دىگەن يەكۈنگە ئۇيغۇنلىشىدۇ. {2R b^K  
جۇڭگۇنىڭ تارىخي كىتابلىرىدىن شىنجاڭنىڭ ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ قەدىمكى ئاھالىسى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلارغا ئىرىشەلەيمىز.مەسىلەن،‹‹شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى››نىڭ 97-جىلىدىدا ‹‹گاۋچاڭ(ھازىرقى تۇرپان)نىڭ غەربىدىكى ئەللەرنىڭ كىشىلىرى ئورا كۆز ھەم قاڭشارلىق›› دەپ خاتىرلەنگەن.بۇ خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسى ئارخېلوگىيلىك بايقاشلار بىلەن ئۆز-ئارا ئۇيغۇن كىلىدۇ.بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۈتۈش زۆرۈركى،بارلىق ئىرقىي تۈرلەر بىلەن كاۋكاز ئالاھىدىلىكلىرى ئىلگىرىكى غەربىي ياۋروپا ئىرقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۇلار ئاسىيادا ياشاپ تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ،تەبىئىي خاراكتىرىدىمۇ پەرقلەر مەۋجۇت.شۇڭا شۇنداق قىياس قىلالايمىزكى،بۇ ئىرىقلارنىڭ كىلىش مەنبەسىنى غەربىي ياۋروپا دىيىش ھىچقانداق ئاساسقا ئىگە ئەمەس. QOlm#S  
ئۇنداقتا،قەدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرى قەيەردە؟ناھايتى كۆپ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ بۇ رايۇندا بار بۇلۇپ،شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر،قازاق،ئۆزبىك ۋە تاتارلارغا سەپسېلىپ باقساق بۇلىدۇ.ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىنىق كاۋكاز ئالاھىدىلىكى بار.شۇڭا نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمقى ئاھالىلەر،دەل بۇ كىشلەرنىڭ قەدىمقى ئەجداتلىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. rK)So#'  
قەدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسى بىلەن قەدىمقى غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىسا،ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھازىرقى ياۋروپادا ياشاۋاتقان كىشلەر بىلەن تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان تېما.مەركىزىي ياۋروپادا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم كىشلەر ئىرقىي جەھەتتە قەدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسىگە ئوخشىشىپ كىتىدۇ،ئۇلار دەل ھونگىريىلىكلەردۇر. %CfJ.;BDNE  
ھونگىرىيە تۈزلەڭلىكى پاننونىئان نامىدىكى رىم ئىمپىريىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى ئىدى.374- يىلى ھونلار غەرپكە كۆچۈپ،شىنجاڭدىن بۇ يەرگە كىلىپ،بۇ جايدا قۇدرەتلىك ھون ئىمپىريىسىنى قۇرغان.567-يىلى كوچمەن ئاۋارلار،يەنى جۇرجانلار شىمالىي جۇڭگۇدا بىردىنلا كۈچلىنىپ،قۇدرەت تېپىپ،ھەتتا پاننونىئانغىچە يېتىپ بارغان.896-يىلى باشقا بىر قەبىلە- ماگيارلار شەرقتىن بۇ رايۇنغا كۈچۈپ كىلىپ ئولتۇراقلاشقان.بۇ ماگيالار دەل ھونگىرىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئەجدادى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. Km8btS]n  
ھونگىريىلىك ئارخېلوگ لىپتاك پال 9-ئەسىردىكى ھونگىرىيە قەبرىستانلىقىدىن قېزۋېلىنغان ئادەم سۆڭەكلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا،شۇ ۋاقىتتىكى ئومومىي ئاھالىنىڭ %24نىڭ تۇرانىئان ئىرقىي تۈرىگە،%20نىڭ پامىر تۈرىگە،%2-3نىڭ ئاسىيا تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى.بەزى ئىنسانشۇناسلار،تۇرانىئانلار-ئاندرونوۋو ۋە موڭغۇل گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئىرقىي بىرىكىشى ئاساسىدا پەيدا بولغان دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. پامىر تۈرى بولسا شىنجاڭدىكى مۇھىم قەدىمقى ئىرق.شۇنداقلا ئىلگىرىكى ئاسىيالىقلارمۇ ئاسىيادا پەيدا بولغان ياۋروپا ئىرقى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى،9- ئەسىردىكى ھونگىريىلىكلەر،قەدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە. a)MjX 
ھونگىرىيىلىك ئىنسانشۇناس خېنكې گايئولا ھازىرقى ھونگىرىيىلىكلەرنىڭ ئىرقىي تۈرى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق،ھازىرقى ھونگىريىلىكلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر،قازاقنى ئۆزئىچىگە ئالغان تۈركىي تىللىق كىشلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن،دىگەن نەتىنجىلەرگە ئىرىشتى. :7D&=n)  
ھونگىريىلىكلەر،ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار بىلەن ئالاھىدىلىك جەھەتتە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كىتىدۇ.ئەگەر بىر ھونگىريىلىك ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم كوچىسىدا پەيدا بۇلۇپ قالسا،ئۇنى چوقۇم ئۇيغۇر ياكى قازاق دەپ قاراش،شۇنداقلا بىر ئۇيغۇر ياكى قازاق بوداپېشىت كوچسىدا پەيدا بۇلۇپ قالسا،ناھايتى ئىشەنچىلىك ھالدا ئۇنى شۇ يەرلىك ھونگىر دەپ قاراش مۇمكىن. S6h=} V )  
ھونگىرىيە خەلىق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭى جۇڭگۇدىكى باشقا بىر تۈرك ئىرقىي گۇرۇپپىسىغا تەۋە يۇگۇرلارنىڭكىگە شۇنداق ئوخشايدۇ.يۇگۇر ۋە ئۇيغۇرلار قەدىمقى خۇيخۇيلارنى مەنبە قىلىپ تەشكىللەنگەن.شۇڭا بىز ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىدىن ۋېنگىرىيە تونىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان تونلارنىمۇ ئىزلەپ تاپالايمىز.بەزى ۋاقىتتا بۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۈرمەك ناھايتى تەسكە توختايدۇ. sVZb[|zSri  
ھونگىريىلىكلەرنىڭ تىلىدىكى 400 دىن ئارتۇق سۆزنىڭ مەنبەسىنى تۈركىي تىلدىن تېپىشقا بۇلىدۇ.مەسلەن،مەيلى ھونگىرلار ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن،‹‹ئالما››نى ئوخشاشلا ‹‹ئالما›› دەپ ئاتايدۇ.‹‹كۆك›› سۆزىنى ھونگىرلار ‹‹كېك››،ئۇيغۇرلار ‹‹كۆك›› دەپ،‹‹سېرق›› سۆزىنى ھونگىرلار ‹‹سارغا››،ئۇيغۇرلار ‹‹سېرق›› دەپ ئاتايدۇ. ~&Ca C  
بەزى ھونگىرىيە خەلىق چۆچەكلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋارىيانىتلىرى بار.بەزىلىرى ئوخشاش قۇرۇلما ۋە تەسۋىرلەرگە ئىگە، ھونگىرلار، ئۇيغۇرلار،قازاقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش دىن ئېتىقادىدىن بەھرىمان بولغان. sD1L P  
ھونگىرىيىلىكلەر،تارىختا خۇددى ئۇيغۇر،قازاقلارغا ئوخشاش شامان دىنىغا ئېتقاد قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە بىز شامانىزىمنىڭ ئىزلىرىنى بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن بايقىۋالالايمىز. RU,f|hB 4  
بىرونىزا دەۋرىدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ شەرقىي ئىرق ۋە غەربىي ئىرقنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم مەركىزى بولغان.خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، شەرق ۋە غەرپ ئارىسىدىكى تېخىمۇ مۇھىم بولغان مەدىنيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە ئايلانغان.تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئىنشانشۇناسلىق نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ،قەدىمقى شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ ئىرقى ئالاھىدىلىكى ۋە مەدىنيىتىنى تەتىقىق قىلىش- شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ مەنبەسىنى ۋە ئىزىنى ئىزدىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ. }IC$Du#  
مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى     1997-يىل 1-سان

ياسىنجان510 2014-04-29 14:48
قىممەتلىك يارىخىي ماتىريال ئىكەن ئەجرىڭىزگە رەھمەت. تېمىنى  بەك ياقتۇردۇم.

بابۇر0725 2014-04-29 22:43
پايدىلنىش قىممىتى بەكلا يۇقىرىكەن

بابۇر0725 2014-04-29 22:44
ھارمىغايسىز .

ئەكبەرنىياز 2014-04-29 23:25
ھەقىقەتەن ئېسىل  تېما ئىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

مىېھرىما 2014-04-30 13:02
ھەممىڭلارغا رەھمەت

ئارزۇ228 2014-04-30 18:42
   شىنجاڭنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بەك ئېسىل تېما يوللاپسىز،  بەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، رەخمەت سىزگە.


查看完整版本: [-- مىېھرىما: شىنجاڭدىكى قەدىمقى ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled