查看完整版本: [-- لىرىكا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> لىرىكا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ozqan 2014-04-29 00:11

لىرىكا

لىرىكا
  
سەن ئەسلى قەلبىمگە ئۇۋا سالغان قۇش ،
ئۇچتۇڭغۇ خوش دېمەي ، قەيەرگە كەتتىڭ ؟
يۈرەككە   سانجىلار  ، ھىجران تىغلىرى ،
كۆڭلۈمنى  ئاھ ، گۈلۈم ھەجەپ زار ئەتتىڭ .

خىيالىم سەن تامان قاققاندا قانات ،
بەختىمنىڭ  چولپىنى نۇرلىنار ئىدى .
چوغلانسا  ۋۇجۇدۇم ئۈمىدلەر بىلەن ،
ناز قىلىپ بىر ئىللىق تولغىنار ئىدى .

باھارىم  سەن ئىدىڭ ، ناھارىممۇ ھەم ،
چىغىر يول ۋىللىقلاپ كۈلەتتى سەندە .
مۇقەددەس توپىنى سۆيسەم ئاھ چىمدىپ ،
سەن باسقان قەدەمدىن ئۈنەر ئەقىدە .

مەن گويا كۆكسۈڭدە بالقىغان تىنىق ،
مەن گويا ئىسمىڭمەن ساڭا خاس ئەبەت .
قايتامسەن ، ئىللىسا قۇياشلىق ئالەم .
باھار بوپ يارالسام قەلبىڭدە پەقەت .

تارىم 2014-04-29 14:13
       بەك ياخشى چىقىپتۇ

تىلداش 2014-04-29 18:55
ئۆزقاننىڭ ۋىلىقلاپ تۇرغان ھېسلىرىنىڭ ئىزغىرىنلىرىدا ‹‹قۇش›لارنىڭ پەيلىرى نەلەرگە  كەتكەندۇ...؟

‹‹باھار بوپ يارالسام قەلبىمدە پەقەت››،
تىنىقلار ھىد ئالار چېچەكلەر تامان.
كەتسىمۇ قۇشلىرىم ئۇۋىسى قالدى،
ئۈمىدلەر باشكىلاپ سايرىشار ھامان.

مەنىلىك ئىنتىمىلىرىڭىز سۆيۈنگەن دىللار نەغمىلىرىڭىزنىڭ داۋامىنىڭ بەركەتلىرىگە تەشنادۇر
...

ئەكبەرنىياز 2014-04-29 23:28
ھەقىقەتەن ئېسىل لېرىكا !
باھارىم  سەن ئىدىڭ ، ناھارىممۇ ھەم ،
چىغىر يول ۋىللىقلاپ كۈلەتتى سەندە .
مۇقەددەس توپىنى سۆيسەم ئاھ چىمدىپ ،
سەن باسقان قەدەمدىن ئۈنەر ئەقىدە .

بولۇپمۇ بۇ مىسرالار بەكلا ياخشى چىقىپتۇ !!!

بابۇر0725 2014-04-30 00:04
مەن گويا كۆكسۈڭدە بالقىغان تىنىق ،
مەن گويا ئىسمىڭمەن ساڭا خاس ئەبەت .
قايتامسەن ، ئىللىسا قۇياشلىق ئالەم .
باھار بوپ يارالسام قەلبىڭدە پەقەت
بۇ مىسرالار بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ

مىېھرىما 2014-04-30 13:52
بەكلا ئېسىل چىقىپتۇ. سىزگە رەھمەت .

قەلەم قۇۋىتىڭىزگە ئاپىرىن . سىزگە ئامەت يار بولسۇن !!

ياسىنجان510 2014-04-30 14:21
ئىستېتىك زوق ئاتا قىغۇچى ئېسىل لېرىكا ئىكەن .سىزگە رەھمەت.

ئۇيغۇر 2014-06-28 18:44
ئۆزقاننىڭ قىلالمايدىغان ئىشى يوق ئوخشايدۇ جۇمۇ؟ شېئىر دىگەننىمۇ قالتىس يېزىۋېتىدىكەن ئەمەسمۇ. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.


查看完整版本: [-- لىرىكا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled