دىلمۇك |
2014-04-28 18:49 |
تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتىن ياردەم سورايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى : Nfl5tI$U: تولۇق ئوتتۇرا يىللىقلاردا يولغاقويۇلغان يېڭى دەرس ئىسلاھاتى تەلىۋى بويىچە ئېلىپ بىرىلىۋاتقان تەتقىقات خاراكتىرلىك ئۈگۈنۈش پائالىيىتىدە مەكتىۋىمىز يىللاردىن بۇيان ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىمىز بويىچە بىر بۆلەك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولدۇق. بىراق يەنىلا ئەسلى تەلەپتىن يىراق تۇرماقتا. سەۋەپ – بۇ جەھەتتە مەيلى مەكتەپ بولسۇن، ياكى مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلاردا بولسۇن چۈشەنچە دىيەرلىك ئەمەس. مەن ئىككى يىل ئاۋۋال قۇمۇل ،پىچان قاتارلىق ئورۇنلارغابارغان ۋاقتىمدا ئۇ يەردىكى مەكتەپلەرنىڭ بۇجەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ راستىنلا كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. بىز مۇشۇ مەۋسۈمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈش ، بۇ تەرەپتە قىزىقىشى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا توغرا بولغان بىر نىشان بەلگىلەش، ئۈلگە ئېلىش مەقسىتىدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى كۆرۈنەرلىك بولغان مەكتەپلەردىن بىردىن ئىككىگىچە بولغان مەكتەپكە بىرىپ تەجرىبە ئىگەللىمەكچى ئىدۇق. تەۋپىق مۇنبىرىگە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى مەكتەپلەردىن ئوقۇتقۇچىلار بار . شۇڭا ماڭا ياردەملىشىپ بۇ جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان مەكتەپلەردىن ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويۇشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن. 9.Sv"=5gz ھۆرمەت بىلەن : دىلمۇك 2014-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 91FVe
|
|