查看完整版本: [-- «گۇناھكار ئېشەك»تىن«گۇناھكار مۇئەللىم»گە  نەزەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> «گۇناھكار ئېشەك»تىن«گۇناھكار مۇئەللىم»گە  نەزەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

arkzat 2014-04-28 09:01

«گۇناھكار ئېشەك»تىن«گۇناھكار مۇئەللىم»گە  نەزەر

\fA{sehdL  
     «گۇناھكار ئېشەك»تىن«گۇناھكار مۇئەللىم»گە  نەزەر ? 5C'9 V  
3A#Tn7  
           ئەخمەتجان ئابدۇللا 2c9?,Le/;  
Y2H-D{a27  
          (سېلىشتۇرما خاتىرە) g68p9#G  
PVCoXOqh  
تۈنۈگۈن كەچ دەرس تەييارلاۋىتىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى «گۇناھكار ئېشەك» دېگەن قىسقا مەسەلنى قايتا ئوقۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم. {MUB4-@?F$  
مەسەل مەزمۇنىدا:«بىر ئورمانلىقتا نۇرغۇنلىغان ھايۋاناتلارنىڭ ياشايدىغانلىقى؛ گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئوتخور ھايۋانلارنى يەپ تۈگىتىپ ھەددىدىن ئاشقانلىقى؛ كىيىن ئورمانلىقتىكى جانلىقلار تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، ھالى خارابلىشىپ ئۇسال ئەھۋالدا قالغاندا ئورماندىكى شىر، يولۋاس، بۆرە، ئىشەك قاتارلىق ھايۋانلار بىر يەرگە يېغىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ جازاسىغا ئۇچراش سەۋەبىنى تېپىپ گۇناھنىڭ زادى كىمدە ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاش ھەققىدە كېڭەش ئاچقانلىقى... ئاخىرىدا شىر، يولۋاس، بۆرە قاتارلىق گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئەتراپىدىكى جانلىقلارنى يەپ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلىقىنى بۇزغانلىق گۇناھلىرى كۈچلۈكلەرنىڭ بىرى-بىرىنىڭ ئاقلىشى بىلەن گۇناھ ھېساپلانماي بىچارە ئىشەكنىڭ قاتتىق ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن يول بۇيىدىكى بىر-ئىككى تۇتام ئوت-چۆپنى يەپ سالغانلىقى ئورماننىڭ مۇشۇ ھالغا كېلىپ قېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارىلىنىپ ياۋاش گۇناھكار ئېشەكنىڭ ياۋۇز  شىر، يولۋاس، بۆرە تەرىپىدىن يەۋىتىلگەنلىكى... بايان قىلىنغان.». 2-&EkF4p'  
دەرس تەييارلىقى قىلىش ئۈچۈن ئەلبەتتە ئوقۇغاننى تەھلىل قىلىش، ئەسەر مەزمۇنىنى ئەمەلىيەتكە باغلاش كېرەك ... d=!:UB  
ئويلىنىش ئىچىدە قاچان ئۇخلاپ قالغانلىقىم ئىسىمدە يوق. لېكىن، ئۇشبۇ مەسەلنىڭ تەسىرىدىنمىكىن كىچە كۆرگەن مۇنۇ چۈش ھېلىغىچە يادىمدا. bF)G+IH  
« بىر كۈنى يېزا مائارىپ رەھبەرلىكى مەكتەپلەردە باشقۇرۇشنىڭ قالايمىقانلىشىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ كۈنسىرى تۈۋەنلەپ كەتكەنلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپلەرنىڭ تەلىم- تەربىيەسىدىن نارازى بولغانلىقى ، مەكتەپلەردە خىزمەتلەرنىڭ بۇ خىل پالەچ ھالغا چۈشۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى زادە كىمدە ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ، مەسىلىنىڭ تۈپ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىش  ئۈستىدە مەكتەپنىڭ ياچېيكا سېكرېتارى، مەكتەپنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ بۇغالتىرى، ئىلمىي مۇدىر، سىنىپ مۇدىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىسى قاتناشقان بىر قېتىملىق مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ.  >@ t  
ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى سۆز باشلاپ مەكتەپ خىزمىتىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى دەپ مۇنداق دەپتۇ: +n3I\7G>  
-يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش، ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كىتەلمىدىم. شۇڭا مەكتەپلەردە تەرتىپ قالايمىقانلىشىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى تۈۋەنلەپ كەتكەن بولىشى ئىنىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا  كۆڭۈل بۆلۈشۈممۇ دېگەندەك ياخشى بولمىدى. =W(*0"RM  
مۇھاكىمە قاتناشچىلىرى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تەڭلا چۇقۇرشۇپ كېتىپتۇ: ITu19WG  
-بۇنى قانداقمۇ ئۆزلىرىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك دېگىلى بولىدۇ. ھاياتلىق ھەممىدىن مۇھىم، كونىلار «ساغلام تەندە، ساپ ئەقىل» دەپتىكەن. سالامەتلىكلىرى ئەسلىگە كەلسە مەكتەپ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان يېڭى-يېڭى ئەقىل، چارىلەر تېپىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارغا پارتىيە-ھۆكۈمەت ئايدا مائاش بەرسە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھاجەتسىز... مەكتەپتە 80-90 ئادەم تۇرسا بىر سېلىنىڭ يوقلىقلىرى ئوقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بىزچە بۇ ئىشلار مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ  تۈۋەنلەپ كىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز... "L~(%Nx3  
ئىككىنچى بولۇپ مەكتەپنىڭ ياچېيكا سېكرېتارى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ  تۈۋەنلەپ كىتىشىگە تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارىغان ھەمدە ئۆزىدە ساقلانغان مۇنۇ بايانلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ: ,pNx(a  
-مېنىڭ سىياسىي ئاڭلىقلىقىم بەك يۇقىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزەم سەل ئېھتىياتچان بولغاچقا مەكتەپلەردە سىياسىي خىزمەتلەرنى ئاساس، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قۇشۇمچە ئۇرۇندا قۇيۇپ كەپتىمەن. ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىشكە سەل قاراپتىمەن... i`,FXF)  
-ياقەي، مەكتەپلەردە سىياسىي خىزمەتنىڭ چىڭ تۇتۇلىشى ئوقۇتۇشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ساپاسى ئۆسسە دەرس جەدىۋىلى بولغاندىكىن ئوقۇتۇش دېگەن ئۆز يولىدا ئايلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرسە...چىقسا.... pwUXM?$R  
ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن-بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ مەكتەپنىڭ ياچېيكا سېكرېتارىنى تەڭلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپتۇ. $6"sRI6u  
-مەن،- دەپ گەپ باشلاپتۇ ئىلمىي مۇدىر:- ئۆزۈم ئوقۇتۇشتىكى باش مەسئۇلىيەتچى تۇرۇقلۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئادىل باشقۇرۇشنى كۈچەيىتمەي، ئۆز يېقىنلىرىمغا يان بېسىپ خىزمەتتە ناھەقچىلىق پەيدا قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىغا سۇغۇق سۇ سەپتىم. بەزى ئوقۇتقۇچىلارغا يۇقىلاڭ بانا- سەۋەپ بىلەن ئايلاپ-ئايلاپ رۇخسەت بىرىپ خىزمەتتىكى ياۋاشلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى ئاشۇرۋەتتىم. شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار خىزمەتتە ھارغىنلىق ھىس قىلىپ خىزمەتتىن رايى يانغانمىكىن....ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشىنىپ قېلىپ كۆزۈم ئاجىزلىشىپ قالغاچقا ياخشى ئىشلىگەن بىلەن ياخشى ئىشلىمىگەننى ئىنىق پەرق ئىتەلمىدىم.-دەپتۇ. +n^M+ea;  
ئىلمىي مۇدىرنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا مەكتەپ مۇدىرى سۆز باشلاپتۇ: J8i;E 4R  
-ئىلمىي بۆلۈمنىڭ خىزمىتى مەكتەپتىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەت. سىزنىڭ جاپايىڭىزنى بىر پارتىيە- ھۆكۈمەت،بىر بىز بىلىمىز. ئادەم كۆپ جايدا ھەممە ئىشنى تولۇق ئادىل قىلىمەن دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى چىقسا، كىسەل بولسا رۇخسەت سۇرايدۇ. ئۇلارنىڭ كىسەل بولىدىغانلىقىنى پارتىيە- ھۆكۈمەتمۇ ئىتراپ قىلىپ  داۋالىنىش كارتىسى بىجىرىپ بەرگەنغۇ... بۇ ئىش مەكتەپتىكى ئوقۇتۇشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇنداقمۇ شۈجى... مەكتەپ مۇدىرى ياچېيكا سېكرېتارىغا قاراپتۇ. ياچېيكا سېكرېتارىمۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ پىكىرىنى تەستىقلاپ بېشىنى لىڭشىتىپتۇ. d/_D|ivZ=  
تۆتىنجى قېتىمدا مەكتەپ بۇغالتىرى سۆز ئاپتۇ: yan^\)HZ  
- بۇ ئىشتا مېنىڭ مەسئۇلىيتىم سەل ئېغىرمىكىن دەيمەن. مەن مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قارارى بۇيىچە ئوقۇتۇشقا چۈشكەن راسخۇتلارنى ئوقۇتۇشقا ئىشلەتمەي، مېھمان كۆتۈش، ساياھەت، مەكتەپ ھويلا تاملىرىنى سۇقۇش دېگەندەك باشقا چىقىملارغا يۆتكەپ ئىشلەتتىم. ئۆتكەن يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ئۈچۈن ئېلىپ چىقىدىغان مۇكاپات بۇيۇملىرىنى ھازىرغىچە نەخلەشتۈرۈپ بىرەلمىدىم . يەنە...  "'4  
-مەكتەپ دېگەندە دەرسلىك كىتاپ ھەقسىز بىرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئايدا مائاش ئالىدۇ. پۇل دېگەننى ئاشۇنداق مۇھىم ئىشلارغا خەجلەيدىغان گەپ. بىرەر قېتىم خىزمەت خۇلاسىسى قىلمىغانغا نېمە بوپتۇ. ھېچقىسى يوق... "GMU~594  
يېزىدىكى مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرنىڭ يۇمشاق تەلەپپۇزدا ئېيتىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يىتىپتۇ. oU|G74e6  
سۆزلەش  نۆۋىتى سىنىپ مۇدىرى بىلەن دەرس ئۇقۇتقۇچىسىغا كەپتۇ-دە، زال ئىچى قاينىغان قازانغا سۇغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كېتىپتۇ: ^m z9sV  
-مەن،-دەپ گەپ باشلاپتۇ سىنىپ مۇدىرى ھۇدۇققىنىدىن قۇلىدىكى سىنىپ يوقلام خاتىرسىنى ئاران تۇتۇپ :- مېنىڭ ئۆتكەن ئايدا سالامەتلىكىم ياخشى بولالماي بىر قېتىم دورا ئىچىش سەۋەبى بىلەن چۈشلۈك گېمناستىكا ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ يېنىدا تۇرالمىغان ئىدىم... شۇ سەۋەپلىك... $Ivjcs:  
  -مانا مەسىلە دېگەن مۇشۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىدا تۇرماي نەدە تۇرىدۇ. ئوقۇتۇش خىزمىتى دېگەن گېمناستىكىدىن باشلىنىدۇ. گېمناستىكا رەتسىز، جانسىز ئوينالسا ئوقۇتۇش قانداق بولماقچى. شۇڭا مەكتەپتە خىزمەت قالايمىقان، ئىش ئاقمايدۇ. ھە، ماۋۇ مەسىلىنى چوڭ قىلىپ يېزىپ قۇيۇڭلار،.. ھېلى بىر تەرەپ قىلىمىز.- يېزىدىكى مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرنىڭ قۇپال ئاۋازىدىن چۈچۈپ كەتكەن مەكتەپ مۇدىرى ئالدىراپ قۇلىغا قەلەم ئاپتۇ. *73gp  
-ھە، مالىم سۆزلىسىلە ئۆزلىرىچا،- دەپ سۇراپتۇ يېزىدىكى مائارىپقا مەسئۇل رەھبەر قۇلىدىكى تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ. \D|IN'!D  
قۇلىدىكى تاپشۇرۇق دەپتەرلەرگە باھا سۆزى يېزىۋاتقان مۇئەللىم ئېغىر تىلىنى ئۆمەللەپ سۆز باشلاپتۇ: 8xB-cE  
- مەن بۇ يىل 45 ياشقا كىردىم. 25يىلدىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىش مەسىلىسىدە بۇ ماۋسۇمدا دەرس مىقدارىم سەل كۆپ 18سائەت بولغاچقا ئۆتكەن ھەپتە دەرس جەدىۋىلىنى خاتا كۆرۈپ 8-يىللىق 2-سىنىپنىڭ چارشەنبە 3-سائەتتىكى دەرسىگە ئۈچ مىنۇت كىچىپ كىرگەن ئىدىم. بۇنى ئىلمىي مۇدىر بايقاپ 10يۈەن مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەققى ئالغان. مېنىڭچە بۇ سەۋەنلىكىم مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن. رەھبەرلىك ئالدىدا بەك خىجىل مەن.... E0]h|/A]  
- مانا مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى تېپىلدى. مەكتەپتە خىزمەتلەرنىڭ قالايمىقانلىشىپ، سۈپەتنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە مانا مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلار سەۋەپچى. ھېي مالىم ئويلاپ باقسىلا، سېلى ئۈچ مىنۇت كىچىكتىم. 10 كوي بەردىم دېگەن بىلەن ئىش تۈگىمەيدۇ. شۇ سىنىپتا 50نەپەر ئوقۇغۇچى بار دەيلى، سېلى ئوقۇغۇچىنى ئۈچ مىنۇت ئەمەس 150مىنۇت يەنى ئۈچ سائەت بىكار قويغان گەپ. oD@jtd>b%  
مەكتەپ دېگەندە ئوقۇتۇش ئاساس تۇرسا ھەممە مالىم مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا ئوقۇتۇش سۈپەت ئۈسەمدۇ...بولدى، مۇزاكىرە يىغىنى تۈگىدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئەتە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان بۇ ئىككى تۈرلۈك مەسىلىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بىر تەرەپ قىلىنىش لايىھىسىنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يوللاڭلار. DE\bYxJ  
مۇلاھىزە يىغىنى شۇنداق ئاخىرلىشپتۇ. ئەتىسى مەكتەپ رەھبەرلىكى يىغىن ئېچىپ يۇقىرىقى سىنىپ مۇدىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىسىنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلغانلىق ھەققىدە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە دوكلات يوللاپتۇ: t_>bTcsU  
«مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ‹ئا› بىلەن ‹ب› خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ مەكتەپنىڭ نورمال باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تۈۋەنلىتىۋېتىشتەك يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا ئۇلارغا تۈۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى: ,)rZAI  
1. مەزكۇر ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قىلمىشى ئېغىر، كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتى چوڭ بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلار ئالدىدا ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ؛ 2. يىللىق مۇكاپات مائاشى بىرىلمەيد؛ 3. يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتىسىز قىلىنىدۇ؛ 4. ئۈنۋان دەرىجىسى تۈۋەنلىتىلىدۇ....» P A6KX5  
مانا چۈش كۆرۈپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئويغۇنۇپ كېتىپتىمەن. ئىككى كۈندىن بىرى بېشىم سەل ئاغرىپ كۆز ئالدىم غۇۋالىشىپلا تۇرىدۇ. بىر قۇلۇقۇمدا ھېلىقى «گۇناھكار ئېشەك»نىڭ نالىسى، يەنە بىر قۇلۇقۇمدا بىچارە «گۇناھكار ئۇقۇتقۇچى»نىڭ قاقشىشى....ئېسىت!...نېمە ئامال... jxnQG A  
بۈگۈنمۇ يەنە دەرس تەييارلاش ئۈچۈن ئاستا كىتابنى ئاچتىم. نەق «پالتا سېپى» دېگەن مەسەل ئېچىپتۇ. ئالدىراپلا كىتاپنى ياپتىم. چۈنكى، «پالتا سېپى» غا ئائىت يامان چۈش كۆرۈشتىن ھەممىمىز ئەنسىرەيمىز ئەمەسمۇ...   U EEBWzH  
7j 
    (    ئاپتور: قاراقاش ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ) ;!>Wz9  
c,EBF\r8*  
مەنبەسى: http://arkzat.com/forum.php?mod=viewthread&tid=146

خەندان 2014-04-28 17:20
ئالدى بىلەن سىزگە كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن ، شۇڭا بىزدىكى ساختىلىق مەڭڭۇ ئاشكارلانمايدۇ پەقەت بىزنىڭ يۇرۇكىمىزلا بىلىدۇ ، ئەمدى گەپ يوقاپ كەتكەن ئايرۇپىلاننىڭ خەۋىرىنى ھەرگىز كۆرۇپ قالماڭ ، چۇنكى چۇشڭىزگە كىرىپ قىلىپ سىزدىن ئايرىلىپ قالمايلى.

akkax 2014-04-28 17:21
  قايسى كۈنى ئۈندىداردا مۇنداق بىر يۇمۇر كۆرگەنىدىم. P'Q$d+F,  
    بىر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ ئىچىدە كېتىۋىتىپ بىر قانچە يەسلى ئوقۇغۇچىسىنىڭ لايدىن بىر نەرسىلەرنى ياساپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سوراپتۇ: *ZSdl 0e  
- نېمە ياساپ ئوينىشىۋاتىسەن ؟ ;$j7H&UNQj  
- شوجاڭ ياشاپ ئويناۋاتىمىژ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالىلار. rd|uz4d  
- لايغا نېمە قېتىشتىڭ ؟ - دەپ سوراپتۇ يەنە مەكتەپ مۇدىرى. w[Gh+L30=5  
- تەزەك ( تېزەك) قاتتۇق ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالىلار. ~89P[$6  
- ئان ... ئەمدى شوجاڭ ياساشما! - دەپ ۋاقىراپ كېتىپ قاپتۇ مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئايلىنىپ يەنە كەلسە بۇ بالىلار يەنە بىر نەرسە ياساۋاتقان ئىكەن. قىزىقىپ يەنە سوراپتۇ: U $&hZ_A  
- ئەمدى نېمە ياسىشىۋاتىسەن ؟ ?0 *8R K  
- تىل مەلىمىمىزنى .?C%1a&_l  
- تېزەك قېتىشتىڭمۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ مەكتەپ مۇدىرى. :y]Omp  
- قاتمىدۇق. قاتساق شوجاڭ بوپ قاغۇدەك ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالىلار. hi =XYC,  
C@y8.#l  
[ Mg8/Oy  
   ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرۇنقى( « لېيىغان بۇلاق » ۋە باشقا ئەسەرلەرگە ئاساسلانغاندا) - ھازىرقى ئەھۋالى يۇقىرى - تۆۋەن باشلىقلارنىڭ مالىيى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىغۇچىسى، سودىگەرلەرنىڭ مەسخىرە ئوبىيكتى بولۇشتىن ئارتۇق بولمىغان. Eq% @"-m o  
  ئوقۇتقۇچى بولمىغانلار ئوقۇتقۇچىنىڭ قەدرىگە يەتمىسە ۋە دەردىنى چۈشەنمىسە كېرەك.

tawpek 2014-04-28 17:41
تېمىنى ئوقوپ ھۇزۇرلىنىۋىتىپ 5 مىنۇت ئالدىدا ئوقوغان قولومدىكى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ سانائىل ھەرفىيەلەر ۋە ئۇنىڭ يازغان بالىلر چۈچەكلىرى ھەققىدىكى ئىككى پارچە ماقالىدىكى ئەخمەتجان ئابدۇللا بىلەن ئەسەر مۇئەللىپىنىڭ ئىسمىنىڭ ئوخشاشلىقىنى كۆرۆپ قولومدىكى خوتەن مائارىپىنىڭ 2013- يىللىق 3-  سانىدىن 1981- يىلى تۇغۇلغان ئەخمەتجاننىڭ بىر كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۆپ سۈيۈنۈپ  كەتتىم. tqPx$s  
{MAQ/5  
0XwHP{XaO  
تەشەككۇر ئەرىكزات مۇئەللىم،    مۇمكىن بولسا ئەخمەتجاننىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش  پۇرسىتى ياراتقايسىز.

ۋارىس60 2014-04-28 18:47
قەلەم تۇتىدىغان قولغا ئۆتسە باشقىچە نىمە ھە!!  تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

ozqan 2014-04-28 21:29
بەك ئەمەلىي يېزىلغان ھېكايىكەن ،«گۇناھكار ئىشەك ' بىلەن گۇناھكار سىنىپ مەسئۇللىرى ھەم دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ھەقىقەتەن ئوخشاپ قاپتۇ ... js^ ,(CS  
  مەكتەپلەردە گۇناھكارى شۇ ئوقۇتقۇچى ... گۇناھكارى شۇ سىنىپ مەسئۇلى .

uzqak 2014-04-28 21:35
«پالتىنىڭ سېپى ئۆزىدىن»  دېگەن  چۈشنى بىر كۆرىۋېتىڭچۇ، ئايرىملىقتىن ئومۇملۇقنى ، جەمئىيەتنىڭ كىچىك كارتىنىسى بولغان مەكتەپتىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن پۈتۈن جەمئىيەتتىكى مەسىللەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرگىلى بولىدىغان بۇنداق ياخشى چۈشنى كۆرىۋەتمەي! NE8 jC7  
بۇ چۈشنى مەن كۆرۈپ باقايمۇ يا؟ =rA~7+}  

بابۇر0725 2014-04-28 23:30
مائارىپتا ساختىلىق قىلىش مىللەتنى دەپسەندە قىلىپ قۇللۇققا مەھكۈم قىشتۇر .ماھىيەتتە كۆپىنچە ئىشلاردا ياخشىچاقلىق قىلىپ ئۆزىمىزنى ۋە مائارىپىمىزنى ئالدايمىز ؟؟؟؟

ئايزىبا 2014-04-29 19:10
,y 2$cO_>  
كىچىك ۋاقتىمدا مەھەللىمىزدە تېلېۋىزور يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان چاغلاردا بىر تېلېۋىزىيە فىلىمى كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا يېزىدىكى بىر مۇئەللىمەنىڭ كەچۈرمىشلىرى سۆزلىنەتتى، يېزا سېكرىتارى «بوينى قاتتىق مۇئەللىمە» نى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن «ئەگەر گېپىمگە كىرسەڭ مەرتىۋەڭنى ئۆستۈرۈپ يېزا مەركىزىدىكى ماگىزىنغا پىركازچىك قىلىپ قويىمەن» دەييتى، تالاي يىللار ئۆتتى، شۇ كۆرۈنۈش، شۇ گەپ پەقەت ئېسىمدىن چىقمىدى....

ئەكبەرنىياز 2014-04-29 23:52
چۈش دېگەنمۇ ئاجايىپ بولىدىكەن !؟

رەيھان 2014-04-30 11:42
ھازىر ئادەم چۈشۈم دېگۈچە ئوڭىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار بەك كۆپ. بىراق بۇ يۇقارقى ئەسەرنى يېزىشتىكى بىرئ >L;eO'D  
ۆزگىچىلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ. باش چوڭ بولسە پۇت - قولغا ئارام يوق.يۇقۇرىنىڭ بېسىمىدا تۆۋەندېكىلەر جاپا چېكىۋاتىدۇ. بەش ئچكىگە بىر تىككە 'دېگەندەك ئەمەلدارلار كۆپ ئۇلارنىڭ ئەمىلى بىر ھەپتىدى 7-8 سائەتكە باراۋەر. قالغان ئوقۇتقۇچىلار يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان گەپ.

ھاتەھاتەم 2014-05-05 11:52
چۇش بىلەن چۇش ئوخشىمايدىكەن .بەزىلەر مىللىت توغرىسىدا چۇش كورسە ،بەزىلەرئەمەل چۈشى كۆرىدۇ،يەنە بەزىلەر پۇل چۈشى كۆرىدۇ.بىزدىكى ساختىلىق قاچامنۇ تۈگەر.


查看完整版本: [-- «گۇناھكار ئېشەك»تىن«گۇناھكار مۇئەللىم»گە  نەزەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled