查看完整版本: [-- كەچقۇرۇندىكى غەلىتە خىيال...بۇژغۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۈرۈمچى تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇرلىرى -> كەچقۇرۇندىكى غەلىتە خىيال...بۇژغۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2014-04-28 01:49

كەچقۇرۇندىكى غەلىتە خىيال...بۇژغۇن



كەچقۇرۇندىكى غەلىتە خىيال


ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


(3)

سۆيگۈم كىلۇر دادام قولىغا،
كۆز ئۈزمەستىن قاراپ يولىغا.
چارچىسىمۇ بىزگە بىلدۈرمەي،
يەڭ شىمايلاپ چۈشەر ئورمىغا.

يۈكسەك ئارزۇ ئۈنىڭ سىردىشى،
ساقسىز ئانام ئۇنىڭ دىلكىشى.
چاي بىلەن نان توشار دادامغا،
بولسىمۇ گەر ئۆيدە كۆپ ئىشى...!

باش قويىمەن ئانام باغرىغا،
دادام ئىشتىن قايتىپ كەلگىچە.
دادام ئورما ئورۇپ يانغىچە،
بولۇپ كېتەر گاھىي بىر كېچە.

شۇنداقتىمۇ ئانام ئىككىمىز،
ئىشىك ئالدىدا ئۇنى ساقلايمىز.
ئانام بىلەن ئاينى سەيلە قىپ،
دادام كەلگىچە كىرپىك قاقمايمىز.

چۆچەك ئىيتىپ بەزىدە ئانام،
خىيالىمغا بولاتتى ھەمراھ.
چۈشلىرىمگە بولۇشۇپ مەست خۇش،
يۇلتۇزلارمۇ بولاتتى سەيياھ...!

دادام كەلدى تەرلەرگە چۆمۈپ،
پىشانەمگە سۆيدى يىنىشلاپ.
ئانام بىلەن مېنى بىر ھازا،
قۇچاقلىدى،ئىللىق باغاشلاپ.

قاداق باسقان ئىشچان قولىغا،
سۆيىۋالدىم ئاستا ئاۋايلاپ.
خەير-خوش دادا،ئەمدى ئۇخلاي دەپ،
كېرىپ كەتتىم ئۆيگە تايتاڭلاپ...!

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى

تىلداش 2014-04-28 11:45
گۈزەل ئۆزگۈلۈك تۇيغۇسى بېرىدىغان نەزمىڭىز كىشىنى تەسەۋۋۇر يېتىلەكلىرىنىڭ كەينىگە سېلىپ،‹‹شۇنداق دەۋرلەر ››ئەستىلىكلىرىنى ھىدلىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىكەن.
ئېنىقكى ‹‹ئورما پۇرىقى››نى ھىدلاش پۇرسىتىگە نائىل بولالمىغانلار بۇخىل ‹‹خىيال مەنزىڭىز››دىن ھوزۇرلىنالمايدۇ...
________________________
شۇنداقتىمۇ ئانام ئىككىمىز،
ئىشىك ئالدىدا ئۇنى ساقلايمىز.
ئانام بىلەن ئاينى سەيلە قىپ،
دادام كەلگىچە كىرپىك قاقمايمىز.
  بۇ كۇبلىتنىڭ تۇراقلىرىنى قايتا ماسلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولارمۇ...؟

tursun 2014-04-29 13:06
بولىدۇ.....رەھمەت تىلداش....!

ھەدىيە 2014-04-29 16:13
بولىدۇ.....رەھمەت تىلداش....!

مىېھرىما 2014-05-01 11:52
سۆيگۈم كىلۇر دادام قولىغا،
كۆز ئۈزمەستىن قاراپ يولىغا.
چارچىسىمۇ بىزگە بىلدۈرمەي،
يەڭ شىمايلاپ چۈشەر ئورمىغا.

dadamni aslatti bu xeirigiz . tinimsiz yax tokup kattim . dunyada dadidinmu /ulug insan bolmaydikan .

sizga rahmat.

tursun 2014-05-04 16:47
مەنمۇ شۇنداق....رەھمەت سىلەرگە.....!زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى ئەشۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر تۈنۈگۈنكىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ.....5-ئاينىڭ 4-كۈنى بولسا  مەكتەپ ئىچى قايناپ كېتەتتى...ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا دىگۈدەك بىردىن ئەڭ چوڭ دۆلەت بايرىقى تىگەتتى..
مەيداندا «4-ماي»ياشلار بايرىنى تەبرىكلەپ،سىنىپلار ئارا پاراتتىن ئۆتۈش بولىغان بولسا،
ئوقۇغۇچىنى كۆرگىلى بولمايتتى،كۆكتە قىپقىزىل دۆلەت بايرىقى تولىمۇ ئەركىن پەرۋاز قىلاتتى...
ئاجايىپ ئىش.....بۈگۈن ئومۇمەن دەرس ئوقۇدۇق......

ئەكبەرنىياز 2014-05-06 21:51
شىئېرىڭىز بىلەن‹‹ ئاشۇ چاغلار››غا كېتىپ قاپتىمەن ئۇستاز ، ئىجادىيەتلىرىڭىزگە يەنىمۇ بەركەت تىلەيمەن !!!


查看完整版本: [-- كەچقۇرۇندىكى غەلىتە خىيال...بۇژغۇن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled