tursun |
2014-04-28 01:03 |
مەن ۋە مائارىپ(23)...بۇژغۇن
مەن ۋە مائارىپ(23)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
1) دەرسىخانىدا بالىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى بىلەن قارشىلىشىشى 45مىنۇتلۇق دەرسنىڭ ئىگىسى بولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ماھارىتى ۋە سەنئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەيدىغان ئوقۇتقۇچى بولمىسا كېرەك،سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇستاز بولغۇچى سەۋەنلىكىنى ئۈستىگە ئىلىپ،تۈزىتىشتە ئۈلگە بولالىسا،شاگىرتلىرىمۇ ئورۇنسىز قارشىلىشىشتىن خىجىللىق ھېس قىلىشىدۇ.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۇسۇلىدۇر. 2) ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن يالغان سۆزلەش،ئۆز گىپىدىن تىنىۋىلىش-بالىلارغا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا يامان ئادەتلەرنى سىڭدۈرۈشنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن كۆز ئالدىدىكى بالىلىرى ئالدىدا قىلچىلىكمۇ يالغان سۆزلىمەسلىك،قىلغان گىپىگە كاللا كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ تولۇق ئىگە بولۇش لازىمدۇر. 3) بالىلارنى قىل،دېگەن ئىش بېشىدا ئۇستاز بولغۇچى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزى باش بولۇپ تۇرۇشى،بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك،بۇ بالىلاردا ئەمەلىي ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشتە «ئۈلگىنىڭ كۈچى»نى تولۇق نامايەن قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. |
|