查看完整版本: [--
ئىشەك
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
باشقا ئىجادىيەتلەر
->
ئىشەك
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
شاتۇر
2014-04-27 22:26
ئىشەك
ئىشەك ئىلگىرى ناخشىچى بولغانىكەن، ئەمما ئاۋازى يېقىمسىز بولغاچقا ئاڭلىغۇچىلارغا ياقماپتۇ ھەم ھېچكىم ئۇنى ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلماپتۇ. كۆپچىلىك ئۇنىڭغا: « سەندىن ئۆتۈنۈپ قالايلى، ناخشا ئېيتمىغىن، بىزنى ئارامىمىزدا قوي ! » دەپتۇ. قىزىق يېرى شۇكى ،بۇ ئىش ئىشەكنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقىرىپتۇ. تۈلكە : « ئىشەكنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار ، ئىشىم ئوڭغا تارتسا، كۆپ پۇل تاپالايمەن دەپ ئويلاپ، بىرپىلاستىنكا شىركىتى قۇرۇپ ئىشەكنى ناخشىچىلىققا تەكلىپ قىپتۇ. ئىشەك بۇ ئىشتىن ئىنتايىن سۈيۈنۈپتۇ .
_eq$C=3Ta
تۈلكە كۆپ پۇل خەجلەپ ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئۇزاق يىللىق ناخشىچى قاغىنى ئىشەكنىڭ ناخشىسىغا باھا بېرىشكە تەكلىپ قىپتۇ. قاغا :«ئىشەكنىڭ ناخشىسى خەلق سەنىتىگە تەۋە ئاممىباب ئۇسلۇپقا ئىگە ئىكەن، ئاۋازىمۇ تەبىئىي ئىكەن، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسا، كۆڭۈل شادلىققا تولۇپ ئىستىتىك زوق ئالغىلى مۇھىمى ساقلىقىنى ساقلاپ ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ» دەپ باھا بېرىپتۇ. قاغىنىڭ ئىشەكنىڭ ناخشىسىغا بەرگەن باھاسى ھايۋاناتدۇنياسىدا زور تەسىر قوزغاپتۇ، ھايۋانلار ھەرخىل پىسخىك ھالەتتە ئىشەكنىڭناخشىسىنى ئاڭلاپتۇ.
$V`1<>4
ئىشەك گۈللۈك كىيىم كىيگەن، تاقىر باش ھالەتتە مەيدانغا چىقىپتۇ. ئۇ ھېلى ئۇيانغا ھېلى بۇيانغا مېڭىپتۇ، بەزىدە پۇتلىرىنى شىلتىپ قويۇپتۇ. توز، تىيىن، پىنگىۋىنلار ئۇنىڭ ناخشىسىغا جۆربولۇپ ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ، ئىشەكمۇ يېڭى قىياپەت بىلەن ناخشىسىنى باشلاپتۇ. تۈلكە ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكى باشلىنىشتىن ئىلگىرى چاشقان بىلەن قارا ئېيىقنى كەيپىياتنى كۆتۈرۈشكە ياللىۋالغانىكەن ، شۇڭا ئىشەك ناخشىسىنى باشلىشىغىلا، ئۇلار: «يارايسەن ياشاپ كەت !!! » دەپ ئالقىش ياڭرىتىپتۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بەزى ھايۋانلارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ چاۋاك چاپتۇ. ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ھەممە يەرگە پۇر كېتىپتۇ. تۈلكە يەنە گېزىت، ژورنال مۇخبىرلىرىنى ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنى ماختاپ ماقالە يېزىشقا تەكلىپ قىپتۇ ھەمدە مۇكاپاتلاش چارىسى تۈزۈپ، ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنىماختاپ ماقالە يازغان مۇخبىرلارغا نۇرغۇن كۈمۈش تەڭگە بېرىشكە ۋەدە قىپتۇ . نەتىجىدە كۆپلىگەن مۇخبىر ئەتىدىن - كەچكىچە ئىشەكنىڭ كەينىدىن چىقماي ماقالە يېزىشقا باشلاپتۇ ، ھەتتا ئىشەكنى كۈندە نەچچە قېتىم تېزەكلىگەنلىكىنىمۇ تەپسىلى خەۋەرقىلىنىپتۇ. ئاخىرىدا ئىشەك داڭلىق ناخشىچىغا ئايلىنىپتۇ. تۈلكە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن پايدا ئاپتۇ ھەمدە داڭلىق پىلاستنكىچى، رېژىسسور بولۇپ قاپتۇ .
ezL1,GT
شۇنىڭدىن كىيىن ھايۋانات دۇنياسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ چولپانلارنى يېتىشتۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپتۇ . بۇ «چولپان » لارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئەسلى قانداقلىقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماپتۇ.
خەندان
2014-04-28 17:11
ناھايىتى ئەھمىيىتى بار مەسەل يوللاپسىز ، سىگە رەھمەت .
گۈلچىمەن
2014-04-30 08:13
جەمئىيەتتىكى تېتىقسىزلىقلارنى ئۇستىلىق بىلەن قامچىلاپسىز. سىزگە ئاپىرىن.
ئۇيغۇر
2014-05-01 23:08
ئالامەت مەسەلكەنغۇ بۇ. تېلۋىزوردىكى بىر تۈركۈم ئىشەكلەر بۇنى كۆرسە ھاڭرىيالماس بولۇپ قالغۇدەك ...
ئەكبەرنىياز
2014-05-06 21:38
ئاجايىپ ئېسىل چىقىپتۇ ، مۇشۇ بىر قىسىم ناخشىلارنى ئاڭلىغاندىن ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى سەل يېقىملىق ئاڭلىنامدىكىن دەپ قالىدۇ كىشى . ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ بەركەتلەر يار بولغاي !!!
tawpek
2014-05-06 22:52
بىر كىتاپنىڭ ئىلانىدىن بىر ناخشىنىڭ، بىر يازغۇچىنىڭ تەشۋىقاتىدىن بىر ناخشىچىنىڭ يامان بوپ كىتىۋاتىدۇ ھازىر
,#W>E,UU
\CNv,HUm3
&o%IKB@
مەنبەسى قىنى بۇ ئەسەرنىڭ؟
查看完整版本: [--
ئىشەك
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled