查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-08-02 22:13

ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟

دەرس ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە مۇكەممەللىشىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كۈنسېرى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلاشقان ئوقۇتقۇچىلار ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن، مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: V:AA{<  
  1. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلالايدىغان پىسىخىك ساپا بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشتە ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشى، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. >R\!Qk  
YD5mJ[1t"2  
  2. ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىكى نوقۇل ھالدىكى بىلىم يەتكۈزگۈچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرغۇچىغا ئايلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغايدىغان ھەر خىل ئىقتىدار ۋە ئاكتىپ خاراكتېرنىڭ يېتىلدۈرگۈچىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىش، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئاساس سېلىشى كېرەك. !nF. whq  
  3. ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلىيەلەيدىغان «ماھىرلار»دىن بولۇشى، بۇرۇنقى قېلىپقا سېلىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتەلمەيدىغان نەزەرىيەچىلەرنى تەربىيەلەشتىن، ھازىرقى دەۋردىكى ئۆزگىرىشكە ئاكتىپ تاقابىل تۇرالايدىغان، كونكرېت ئەھۋالغا كونكرېت لايىھە، تەدبىر قوللىنالايدىغان تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. asbFNJG{  
  4 .دەرسخانا مۇھىتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسنى بىر خىل ئۇسۇلدا ئۆتۈۋەرمەستىن، ھەر خىل شەكىلدە ئۆتىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ قانداق مەزمۇنغا قىزىقىدىغانلىقىنى، قانداق بىلىملەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ،« كېسەلگە قارىتا دورا بېرىش»ى، دەرسنى ھەرگىزمۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈنلا ئۆتمەسلىكى كېرەك. d ?,wEfwp  
@ 8SA^u0  
  5 . يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ۋە يېڭى دەرسلىككە يۈزلىنىش، ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن تونۇشۇش ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتتۇر. ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرماي، بۇرۇنقىدەك «ئۆزى سۆزلەپ ئۆزى ئۆگىنىدىغان» ھالەتتە كېتىۋەرسە، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ جانلىق بولۇش، ئوبرازلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنمەيدۇ. ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئۆز كەسپىنى، ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈشى، سەۋرچان بولۇشى، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماسلىقى، ئۆزىنى داۋاملىق تەربىيەلىشى، ۋەتەنگە، مىللەتكە يۈز كېلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. 
G-DOI  
J vtbGPz  
+3-f$/po  
  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى K- TLzoYA  
ov'C0e+o  

hiyali 2010-08-05 18:17
بۇ تىمىدا دىيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرقى مائارىپىمزنىڭ بىزدىن كۇتىۋاتقان ۋە تەلەپ قىلۋاتقان تەلەپلىرى ئىكەن. گەرچە يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى يولغا قويىلغىنىغا خىلى بولغان بولسىمۇ لىكىن دەرىس خانىلاردىكى قولىنلىشى يەنىلا  يىتەرسىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا مەلۇم سەۋەبلەرمۇ بار بىرىنجىدىن: ئوقۇتقىلارنىڭ كونىچە ئوقوتۇش ئەندىزىسىدىن پۇتۇنلەي  قۇتىلالماسلىقى ، كوپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا دەرىس خانىلاردا كونىچە ئوقوتۇش ئۇسسۇلىنى قولىنىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن: بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئونۋىرسال سەۋيىسى توۋەن ، كەسپى سەۋيىسى ياخشى بولسىمۇ لىكىن يىڭى دەرىس ئىسلاھاتنىڭ تەلىۋىدىن تولوق چىقىپ بولالمايۋاتىدۇ. ئۇچۇنچىدىن: ئىككى خىل ئوقوتۇش ئەندىزىسىنىڭ ئۆز ئارا ئارلىشىپ كىتىشى ، كۆپ قىسىم ئۇقۇتقۇچىلار دەرەس خانىدا بۇئىككى خىل ئوقۇتۇش ئۇسسۇلىنى ئاڭسىز ھالدائارلاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ . تۆتىنجىدىن: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار مۇ يوق ئەمەس. S6c>D&Q  
قىسقىسى مەن مۇشۇنداق ھىس قىلىمەن ، قالغىنى كۆپچىلىك مۇزاكىرلىشىپ باقساق. گەپلىرىم ئارتۇقچە بوپ قالغان بولسا ئەپۇ قلڭلار

tawpek 2010-08-05 22:00
خىيالىنىڭ دىگەنلىرى ئىنتايىن ئورونلۇق، *En4~;l  
لىكىن گۇناھنىڭ ھەممىنى ئوقوتقۇچىلارغا ئارتىپ قويوش ئوقوتقۇچىلارغا ئۇۋال قىپ قويغانغا تەڭ. Qy| 6A@  
ئۆزۆمنى ئىپ ئىيىتساممۇ مەن ئوقوتقۇچىلىقتا ئوقومىغان ئوقوتقۇچى، كەسپىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك كەسپى سايايىمدىن گۇمانلانمايمەن. ھەتتا باشقا ئوقوتقۇچىلارنىمۇ ئۇنداق قارىمايمەن. مۇھىمى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىش كىرەك. دەرىس ئىسلاھ بولدى لىكىن دەرىسخانىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ كاللىسى ئىسلاھ بولمىدى ياكى ئۇلارغىمۇ ئامال يوق. DMd&9EsRG  
R nk&:c  
ئىشقىلىپ مائارىپنىڭ ھەممە مىخانىزىملىرى بىردەك ئەمەس. يىڭىچە ئوقوتوش ئۈچۈن ئوقوتقۇچىلارنىڭ جاپالىق كۆپ خىل تەييارلىق قىلىشىغا توغرا كىلىدىكەن، مەن دەل شۇ نوختىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بۇ تور بەتنى ئاچتىم. بىر ھىساپتا مىنى تور بەت ئىچىشقا ئۈندىگەن نەرسىمۇ دەل يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى. بۇ ھەقتە سۆزلەۋەرسەم ئىنكاسىم تىمىغا ئايلىنىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ. DM*u;t{i  
S(hT3MAW  
ئەگەر مائارىپىمىزغا ئازراق كۈچ چىقىرىشنى ئويلاۋاتقانلا بولساق مەن بىلەن ئايرىم پىكىرلەشسەڭلارمۇ بولىدۇ.

gulbar 2010-08-05 23:19
ھازىرقى  بەزى بىر مۇئەللىملەرنىڭ كۇنىگە ۋاي ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئوقوغۇچىلارنىڭ دەردى بىلەنمۇ كارا يوق .

tawpek 2010-08-06 09:56
引用第3楼gulbar于2010-08-05 23:19发表的 : ھازىرقى  بەزى بىر مۇئەللىملەرنىڭ كۇنىگە ۋاي ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئوقوغۇچىلارنىڭ دەردى بىلەنمۇ كارا يوق .
d[Lr`=L;  
ئۆز تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەمەس قوشومچە سىياسى خىزمەتنىڭ ھەلەكچىلىكىدە. ئۆز تۇرمۇشى دەپ كەتكىننى، مەكتەپنىڭ ئۆزى بىزنىڭ يەرشارى شۇ ھازىر.

مىېھرىما 2014-03-20 17:47
ياخشى تىما ئىكەن .كۆپ رەھمەت .

ئەلدىيار 2014-03-27 23:16
بولۇپمۇ 4-سى بەك ياخشىكەن

ھاتەھاتەم 2014-05-05 11:36
ھەر خىل ئوگۇنۇشلەرمۇ كۆپ.بەش كۈننىڭ 3،4تى ئوگۇنۇش بىلەن ئوتىدۇ.لىكىن ئىزچىل ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئوقۇغۇچلارغا كۆڭۇل بولۇدىغان ئوقۇتكۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس


查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled