查看完整版本: [-- ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى تېما ، پىرسۇناژ ۋە پىرسۇناژلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى تېما ، پىرسۇناژ ۋە پىرسۇناژلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-04-25 12:07

ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى تېما ، پىرسۇناژ ۋە پىرسۇناژلار

ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى تېما ، پىرسۇناژ ۋە پىرسۇناژلار مۇناسىۋىتىدىن شەھەر ئەدەبىياتىنىڭ مۈمكىنچىلىگىگە بىر نەزەر vY 0EffZ  
i-.]onR  
AnF"+<  
مۇھەممەد ھوشۇر lN(|EI  
QN4{xf:}S  
|IcA8[  
CF,-l B  
1979–يىلىدىن 2002–يىلىغىچە بولغان 24 يىللىق 288 سان «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان 1434 پارچە پروزا ئەسىرى(بۇنىڭ ئىچىدە ھېكايە 1233 پارچە، پوۋېست 174 پارچە، رومان بۆلىكى 27 پارچە)گە قارىتا تېما ۋە پىرسۇناژ نۇقتىسىدىن تەھلېل ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شەھەرنى يېزىش ئىمكانىيىتىگە قارىتا بىر تونۇش ھاسىللاشنى مەقسەت قىلىدۇق. ojc m%yd  
1979–يىلىدىن2002-يىلىغىچە بولغان «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان 1434 پارچە پروزا ئەسىرىنى تېما ۋە پىرسۇناژ دائىرسىدە ستاتىستىكا قىلغاندا، مۇشۇ مەزگىللەردە ئەڭ كۆپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش—يېزا تۇرمۇشى، ئەڭ جىق تەسۋىرلەنگەن ئوبراز — دېھقانلار ئوبرازىدۇر. بۇنى تۆۋەندىكى ئىككى جەدۋەلدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن: *VUD!`F  
جەدىۋەل : A 24 يىللىق پروزىنىڭ تېما دائىرسى VQ R E ]  
ۋاقت 0?$jC-@k:  
تېما 1979~1986 1987~1994 1995~2002 ئوتتۇرىچە .](~dVp%~  
يېزا تېمىسى %50.1 %47.2 %49.5 %48.9 ;aj4V<@  
شەھەر تېمىسى %31.6 %41.9 %42.4 %38.66 5i0vli /L  
سانائەت تېمىسى %12.2 %4.1 %1.8 %6 /;X+ 
باشقىلار %6.1 %6.8 %6.3 %6.4 !'z"V_x~  
O}-+o1  
جەدىۋەل: B 24يىللىق پروزىىدكى ئالدىنقى بەش خىل ئوبراز 4[lym,8C  
دەۋر &SW~4{n:  
تەرتىپ 1980-1986يىللار 1987–1994يىللار 1995–2002يىللار Z]SUr`Z  
1 دېھقانلار مەمۇرىي ئەمەلدارلار دېھقانلار @@z5v bs'{  
2 مەمۇرىي ئەمەلدارلار دېھقانلار مەمۇرىي ئەمەلدارلار AsfmH-4)  
3 ئىشچىلار خىزمەتچىلەر خىزمەتچىلەر ^2`*1el  
4 ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار @:/H)F^x  
5 خىزمەتچىلەر سودىگەرلەر ستۇدىنتلار or`D-x)+@  
بىز بۇلاردىن يەنە مۇنداق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىمىز. bMB@${i}  
بىرىنچى، 24 يىللىق پروزا ئەسەرلىرىدە يېزا تېمىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مىقدار جەھەتتە ئاساسەن بىر ئىزچىللىقنى ساقلىغان. شۇنىڭغا ماس ھالدا دېھقانلار ئوبرازىمۇ ئەڭ كۆپ تەسۋىرلەنگەن. QKIg5I-  
ئىككىنچى، شەھەر تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئاستا– ئاستا ئېشىش ھالىتىدە تۇرغان، ئەكسىچە سانائەت رايونلىرى تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئازىيىپ بارغان. باشقا تېمىلار تارىخىي، ھەربىي،فانتازىيىلىك تېمىلاردا ئۆزگىرىش ئانچە زور بولمىغان. y-uSpW  
ئۈچىنچى، دېھقانلار ئوبرازىدىن قالسا مەمۇرىي ئەمەلدارلار، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار 24 يىللىق پروزىمىزنىڭ دائىملىق دىققەت مەركىزى بولغان. !8*7{7  
«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2003–يىللىق 1– سانىدا «شەھەر ۋە ئەدەبىيات» ناملىق بىر سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. بۇ سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاساسلىق نۇقتىئىنەزىرى: ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن يېزا تۇرمۇشىنى كۈچەپ يېزىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مۇقامنى ئۆزگەرتىپ، شەھەر تۇرمۇشىغا، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇشىغا دائىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ مەيدانغا كەلتۈرۈش كېرەك. PQrc#dfc |  
بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى، يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ باشقا تېمىدىكى ئەسەرلەردىن جىق بولۇشى مىللىي پروزىچىلىقىمىزدىكى بىر ئومۇمىي ھادىسە. مېنىڭچە، بۇ خىل ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدە تەركىۋىمىزدىكى دېھقانلار نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكىدىن باشقا يەنە مۇنداق ئىككى سەۋەب بولۇشى ئېھتىمال: بىرى ئىجادكارلارنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشى. ئانچە تولۇق بولمىغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، »تارىم«نىڭ دائىملىق ئاپتورلىرىدىن 114 كىشىنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ قىرىق توققۇزى دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن قىرىق ئۈچ پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىك رايونىدا ياشاۋاتقاچقا، ئىجادىيىتىدە تەبىئىيلا بۇنداق رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئۆزىنى تارتالمايدۇ. يەنە بىرى، ئىجادىيەتتىكى «قولايلىق». بۇ خىل تېمىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبەتەن ئوڭاي. گەرچە بۇنداق دېيىش بىرئاز بىمەنىلىكتەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئەڭ بولمىغاندىمۇ بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىز )مەيلى ئۇلار چوڭ شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشسۇن( ئۈچۈن ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق. چۈنكى، شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېزىلارنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋى قىياپىتىدە ھامان مۇئەييەن تۇرغۇنلۇق ۋە تېيىزلىق مەۋجۇت. دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ ئاددىيلىقى، ئاڭ– تەپەككۇرىنىڭ چەكلىمىلىكلىكى ئەسەر تېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى، قېلىپلىشىشى، گەۋدىلىنىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ، شەھەردىكى كۆپ مەنبەلىك، ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ تۇرمۇش مەنزىرىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنى ئاسان ئىگىلىگىلى ھەم خۇلاسىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئىنتايىن ئاز ساندىكى يازغۇچىلىرىمىزلا يېزا تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەشتە ئۆزگىچە يول تۇتقاندىن سىرت،ۆكپلىرىدە كونا مۇقام تەكرارلانماقتا. |~B`[p]5H  
114 ئاپتورنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئەللىك بىر نەپىرى ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %45 تىنى ئىگىلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ زور كەسپىي قوشۇن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمىزدە ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن كۆپ ئەجەبلىنىش ھاجەتسىز. لېكىن، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ پروزىمىزدا دېھقانلاردىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ئوبراز بولۇشى بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. بەلكىم بۇ پەقەت ۋە پەقەت بىزنىڭلا ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر خاسلىقتۇر. ئۇنىڭ بەلگىلىك تارىخىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلىرىدىن باشقا يەنە مۇئەييەن مەدەنىيەت ۋە پسىخىك ئاساسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھادىسىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ;0o% hx  
لېمۇن ۋىليامىس «زامانىۋىلىققا ئىنتىلىش» دېگەن كىتابىدا: «ھازىرقى غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدا پەقەت شەھەرلا بار، شەھەرنىڭ سىرتىدىكىسى ياۋايىلىق ۋە نادانلىق؛ شەھەر قانچىلىك گۈزەل ياكى رەزىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ بولمىسا دۇنيامۇ مەۋجۇتلۇقىدىن قالىدۇ» دېگەنىكەن. ئۇنىڭ بۇ قارىشى بىزگە نىسبەتەن چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ياۋروپا ئەدەبىياتىنىڭ 19– ئەسىردىن بېرى ئىزچىل پارىژ، ۋىنا، لوندون، بېرلىن، پراگا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر تۇرمۇشىنى مەنبە قىلغانلىقىدەك پاكىتنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. ئەگەر مۇشۇ بىرقانچە شەھەر بولمىغىنىدا ھەقىقىي مەنىدىكى غەرب ئەدەبىيات سەنئىتىمۇ يوق بولىدۇ. +ZR>ul-c  
يازغۇچى چيۇ خۇادوڭ يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن:«مېنىڭچە، لۇشۈندىن مويەنگىچە يۈز يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى خەنزۇ ئەدەبىياتىدا، بۇ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىقى يېزا ۋە يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. لېكىن، كەلگۈسىدىكى خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى — شەك شۈبھىسىزكى، شەھەر ئەدەبىياتىدۇر. كېيىنكى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغانلار مۇقەررەركى ئىجادىيىتىدە شەھەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى سىزىپ چىقالىغان يازغۇچىلاردۇر.» O jH"qi  
m U= 3w  
*-&+;|mM  
رايونىمىزدا شەھەر ئاز، ھەقىقىي شەھەر تېمىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تېخىمۇ ئاز. ماقالىمىزدا تىلغا ئېلىنغان «شەھەر تېمىسىدىكى ئەسەرلەر» ئاساسەن ناھىيە بازىرى ۋە شۇنىڭغا يېقىنراق جايلاردىكى مائاشلىقلار قاتلىمىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، چوڭ شەھەر ھەققىدە يېزىلغانلىرى ساناقلىقلا. بىز ئەدىپلىرىمىزنىڭ يېزا– قىشلاق، دېھقان– چارۋىچىلار توغرۇلۇق قەلەم تەۋرىتىشنى ئىنكار قىلمايمىز. بىراق، نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىز شەھەر مەدەنىيىتى يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتكەن بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە قاراپ سىلجىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغىنى، يەنىلا كەڭ زىيالىيلاردىن ئىبارەت، شۇڭلاشقا بۈگۈنكى پروزىمىز يالغۇز ئەمەلدار، ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچى قاتارلىق ئاز ساندىكى كىشىلەر توپىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەدلىيە، قانۇن، ئىقتىساد، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ مول جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئۆزىنىڭ تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىشى، زىيادە مەركەزلىشىش، بىر قۇتۇپقا ئېغىش خاھىشىدىن ساقلىنىشى لازىم. p2hPLq  
2. پېرسوناژلار مۇناسىۋىتى ۋە تېما قۇرۇلمىسى 825 QS`  
جەدىۋەل C : 24يىللىق پروزا ئەسەرلىرىدىكى ئالدىنقى تۆت خىل پىرسۇناژلار مۇناسىۋىتىگە نەزەر 23X-h#w  
ۋاقت C3KAQ U  
تەرتىپ 1979~1986 1987~1994 1995~2002 ئوتتۇرىچە h >A~yDT[  
1 ئاتا–بالا ئەر–خوتۇن ئاتا–بالا ئاتا–بالا Hq|{Nt%Q  
2 باشلىق–پۇقرا ئاتا–بالا ئەر–خوتۇن ئەر–خوتۇن 2BO"mc<#$  
3 ئەر–خوتۇن ئاشىق–مەشۇق باشلىق–پۇقرا باشلىق–پۇقرا %<1_\N7  
4 ئاشىق–مەشۇق باشلىق–پۇقرا ئاشىق–مەشۇق ئاشىق–مەشۇق eC_i]q&o|  
جەمئىي %54 %49 %59 %57 dB8  e  
TV K*l*  
EME}G42KN  
جەدىۋەل D : 24يىللىق پروزىدىكى ئالدىنقى بەش تېما IO"q4(&;P4  
R#Z m[S  
1979~1986 1987~1994 1995~2002 ئوتتۇرىچە eIbz`|%3  
1 سىياسى، ئىقتىسادىي ئەخلاق–پەزىلەت ئەخلاق–پەزىلەت ئەخلاق–پەزىلەت G*g*+D[HM  
2 ئەخلاق–پەزىلەت مۇھەببەت، نىكاھ مۇھەببەت، نىكاھ مۇھەببەت، نىكاھ [ub)`-6 u  
3 مۇھەببەت، نىكاھ خىزمەت ئىستىلى خىزمەت ئىستىلى خىزمەت ئىستىلى {"_V,HmEF+  
4 پارتىيە،خىزمەت ئىستىلى تەربىيە–مائارىپ سىياسى، ئىقتىسادىي سىياسى، ئىقتىسادىي CIQ9dx7>  
5 ئەمگەك سىياسى،ئىقتىسادىي تەربىيە–مائارىپ تەربىيە–مائارىپ h_B  nQZ\  
جەمئىي %81 %83 %83 %78 F 7X ] h  
z[0t%]7l  
بىرىنچى، يىگىرمە تۆت يىللىق پروزا ئەسەرلىرىمىزدە پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاتا– بالا، ئەرخو–تۇن، باشلىق –پۇقرا، ئاشىق– مەشۇقتىن ئىبارەت مۇشۇ تۆت خىل مۇناسىۋەت شەكلى بىز بايقىغان 20 دىن ئارتۇق مۇناسىۋەت تۈرىدە %60 كە يېقىن ئورۇن ئىگىلىگەن. SKJ'6*6  
ئىككىنچى، ئەخلاق–پەزىلەت، مۇھەببەت– نىكاھ تېمىسىدىكى ئەسەرلەرلا پۈتكۈل پروزىمىزنىڭ %50 تىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدۇ. oi%IHX(`  
ئۈچىنچى، ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار مۇناسىۋىتى بىلەن تېما قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن باغلىنىش مەۋجۇت. چۈنكى، جەدۋەل c دىكى تۆت خىل مۇناسىۋەت تېگى– تەكتىدىن ئېيتقاندا، قويۇق ئەخلاقىي تۈسكە ئىگە بولۇپ، پروزىمىزدىكى ئەخلاقىي– پەزىلەت، مۇھەببەت– نىكاھ، تېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. /[|A(,N}{  
دېمەك، ئەخلاقىي– پەزىلەت ۋە مۇھەببەت– نىكاھ مەسىلىلىرى 24 يىللىق پروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي مېلودىيىسىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىكى كۈچلۈك ئەخلاقىي سېزىم ۋە مەركەزلەشكەن تۇرمۇش قارىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلار ئىزچىل ھالدا ئەخلاقىي ئاقارتىشنى ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى بۇرچى ھېسابلىغان ھەمدە ئەر– ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى پۈتكۈل كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يادروسى دەپ ئويلىغان )بۇ ھۆكۈم ئەڭ بولمىغاندىمۇ «تارىم» دا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. بۈگۈنكى پروزا ئەسەرلىرىمىزدە گەۋدىلەنگەن بۇ خىل روھ بىزگە ئىختىيارسىز كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىپادىلەنگەن پەندى– نەسىھەت، ئىشقى– مۇھەببەت تېمىلىرىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ نۇقتىدا بىز بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بىر خىل تارىخىي ئىزچىللىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلساق، يەنە بىر تەرەپتىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ تېما جەھەتتە تېخىچە ئۆز– ئۆزىدىن ھالقىپ چىقالمايۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.  R'aA\k-  
ھازىرقى جەمئىيەت تولۇق ئېچىۋېتىلگەن بىر سېستىما بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە قىممەت قارىشىدا ئاسمان– زېمىن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە. ئىلگىرىكى نۇرغۇنلىغان كونا ئەخلاق رامكىلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. بىزگە دانىشمەنلەرچە نەسىھەت ياكى پاش قىلىش تىپىدىكى ئەسەرلەرلا ئەمەس، بەلكى يەنە ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى، ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە تېخىمۇ تىرەن، تېخىمۇ ئەتراپلىق تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان ئەسەرلەر كېرەك. .;3 7 e  
ZV`o: Gd  
Ki%RSW(_`  
مەنبە : تارىم ژورنىلى .

ھاتەھاتەم 2014-04-27 12:52
ياخشى تېمىكەن.بىزدە سانائەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەر باكلا ئازغۇ.بۇمۇ بىزنىڭ سانائىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى مۇمكىمغۇ ^-K ~y  

ياسىنجان510 2014-04-27 21:14
ئېسىل تېمىڭىزغا رەھمەت ،كۆپ ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولدۇم.

گۈلنىھال 2014-04-27 21:37
ياسىنجان510:ئېسىل تېمىڭىزغا رەھمەت ،كۆپ ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولدۇم. (2014-04-27 21:14) 
uepL"%.@7|  
‏ياسىنجان مۇئەللىم ، ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت !!!

tawpek 2014-05-04 14:04
ئەدەبىيات ئىجتىمائى تۇرمۇشنى مەنبە قىلىدۇ دەپ بىكار ئىيىتمغان. zJMKgw,i*  
e>t9\vN#bx  
قازاندا نىمە بولسا شۇ چىقىدۇ. YeJ95\jf  
) Q=G&  
دىمەك تۇرمۇشىمىزدا نىمە كۆپ سالماقنى ئىگەللىسە شۇ كۆپ ئەكىس ئەتتۈرلىشى تۇرغانلا گەپ. 8"LaP3U  
M{kPEl&Z  
شەھەر قانچىلىك، شەھەردە بىز قانچىلىك، شەھەردە ئەدەبىياتتا تەسۋىرلىنىپ ئوقورمەنگە گۈزەللىك بىغىشلاپ قەلىب تارىنى تىترەتكۈدەك نەرسىلەر قانچىلىك؟ .-|O"H$  
>ATW/9r  
پارىژنىڭ شەھەلىرىدە فىرانسىيە مەدەنىيتى چاقنايدۇ، لىكىن بىزنىڭ شەھەرلەردىچۇ؟ 8 KkpXaz  
@ubz?5  
كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ئەدىلىيە پۇرىقىنى كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇشىدىن تاپالمىسا ئوقوۋاتقان كىتاپ قولىدىن چۈشۈپمۇ كىتىشى مۇمكىنغۇ؟ LX fiSM{o  
heKI<[8l  
مەنچە تۇرمۇشتا پەيدا بولسا پىروزىللىرىمىزغىمۇ چىقىشى مۇمكىن. |i`@!NrFL  
l17ZNDzLU  
يەنە بىرگە قايسى ساھەدىن يازغۇچى جىقراق چىقسا شۇ ساھە تەسۋىرلىنىشى ئىنىق. uJOW%|ZN`  
W*<]`U_.  
شەھەردىن جىقراق چىقسا، مۇئەللىم بىلەن دىھقاندىن باشقا كەسىپتىنمۇ جىقراق چىقسا شۇ ساھەلەردىكى تىپلارنى ئورۇن ئىلىشى مۇمكىن. 4PWr;&  
'/H(,TM  
لىكىن مۇھىمى پۇل تىپىش ئىھتىماللىقى تۆۋەن بولغان بۇ ساھەگە شۇ مۇئەللىم بىلەن دىھقاندىن باشقىلارنىڭ قىزىقىش مەسىىلىسى


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى تېما ، پىرسۇناژ ۋە پىرسۇناژلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled