查看完整版本: [-- ئىستېتىزم دېگەن نېمە؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> ئىستېتىزم دېگەن نېمە؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-04-25 11:51

ئىستېتىزم دېگەن نېمە؟

ئىستېتىزم دېگەن نېمە؟ T9.gs}B0  
{,X( fJ  
ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى AEJm/8,T  
]vrs?  
ئىستېتىزم 19- ئەسىردە ياۋروپادا مودا بولغان ئەدەبىيات- سەنئەتتىكى بىر خىل پىكىر ئېقىمى. ئىستېتىزم «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ سەنئەتنىڭ تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ؛ ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ شەكلەن گۈزەللىكى بىلەن ئىپادىلىنىش ماھارەتلىرىنى قوغلىشىپ، ئىجتىمائىي رولى بىلەن مەنپەئەت مۇددىئالىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. '` "&RuB  
b"V-!.02  
ئىستېتىزم ئەڭ بۇرۇن فىرانسىيەدە بارلىققا كەلگەن. گاۋتىيېر 30- يىللاردىلا «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ نەزەرىيەسى بىلەن ئىجادىيىتى ئەدەبىياتتىكى ئىستېتىزملىق ئاۋانگارتلىققا يول ئېچىپ بەرگەن. 60- يىللاردا فىرانسىيەدە بارلىققا كەلگەن پارنېيىس ئېقىمىدىكىلەر گاۋتيېرنىڭ شېئىردا نوقۇل شەكلىيلىك بىلەن ئوبيېكتىپلىقنى قوغلىشىش خاھىشىنى راۋاجلاندۇرغان. 8a {gEZT,  
Q[^d{e*l  
ئەنگلىيەلىك يازغۇچى ئوسكار ۋىلدى ئىستېتىزم نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان. ئوسكار ۋىلدى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىستېتىزمنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى. ئۇ ئەنگىلىيەدىكى دەللاللىق (مىشچانلىق) پەلسەپىسى بىلەن ساختا ئەخلاققا نەپرەتلىنىپ، شەخسىي ھوزۇر تۇيغۇسىنى قوغلاشقان؛ «سەنئەت مۇستەقىل ھاياتقا ئىگە، ئۇ ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلغان؛ «سەنئەت تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ، بەلكى تۇرمۇش سەنئەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، رېئال تۇرمۇش رەزىل بولىدۇ، پەقەت سەنئەتلا مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە» دەپ قارىغان. ئوسكار ۋىلدى ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق باش تېمىسى مۇھەببەت ۋە ھوزۇر- ھالاۋەت قوغلىشىشتۇر. ئۇ ۋەكىللىك ئەسىرى «دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتى» ناملىق رومانىدا ئۆزىنىڭ چۈشكۈنلۈككە تولغان راھەتپەرەسلىك ئىدىيەسى ۋە «سەنئەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دەيدىغان تەشەببۇسىنى گەۋىدىلەندۈرگەن. (@9-"W  
x$*OglaS  
:gn!3P}p?  
G.8ZISN/  
چاڭ ئەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى mvxvX!t  
!% Md9Mu!o  

ۋارىس60 2014-04-25 13:46
بۇ خىل پىكىر ئېقىمى مەلۇم  مىللەت ئەدەبىياتىغا سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن شۇ مىللەتنىڭ _kfApO )O  
ئەخلاق قارىشى، دىنى ئېتىقادى، تۇرمۇش ساپاسى،مىللى تارىخى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىكى ‹‹غەلۋىر››،‹‹ئەلگەكلەر››دىن ئۆتۈپ ئاندىن ئەدەبىياتىدا كۆرۈنەلىگۈدەك  دەيمەنغۇ.

ئارزۇ228 2014-04-25 18:41
   « ئىستېتىزم» مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان سۆز ئىكەن، لېكىن «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت » دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققان، بۇ ماتىريالدىن ئازراق چۈشەنگەندەك ھېس قىلدىم.

ياسىنجان510 2014-04-25 19:18
رەھمەت گۈلنىھال يازمىڭىز ئارقىلىق  ‹‹سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت›› دەيدىغان ئەدەبىي ئېقىمىنىڭ نېمىلىكىنى چۈشۈنىۋالدىم.

گۈلنىھال 2014-04-26 11:44
‏سىلەرنىڭ ياقتۇرغىنىڭىلاردىن خۇشالمەن ، رەھمەت !

ئەكبەرنىياز 2014-05-02 22:20
نۇرغۇن بىلىم بار ئىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

tawpek 2014-05-04 01:16
مەنمۇ يۇقارقىلار بىلەن ئوخشاش قاراشتا. b8O:@j2  
= fm/l-P@  
يىڭى ئۇقۇمغا ئىگە بولىۋلدىم.


查看完整版本: [-- ئىستېتىزم دېگەن نېمە؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled