查看完整版本: [-- ئۈرۈمچىدىكى ئانا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا نېمە بولدى؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۈرۈمچى تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇرلىرى -> ئۈرۈمچىدىكى ئانا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا نېمە بولدى؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2014-04-25 11:41

ئۈرۈمچىدىكى ئانا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا نېمە بولدى؟





ئۈرۈمچىدىكى ئانا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا نېمە بولدى؟

(كۈزىتىش ۋە بايان)

ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

بىلىم ۋە ئۇچۇر يىڭىلاش-مۇنبەردە مەزمۇت تۇرىۋاتقان ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دائىملىق بۇرچى.
مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئىلغارلارنى ھەم يىللىق«ئەلا»چىلارنى سىلىشتۇرۇپ
باھالىشىنىڭمۇ مۇھىم شەرتى.
ۋاھالەنكى،مېنىمۇ مەكتەپ - شۇ تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىش ۋاقىت چېكى توشقان ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا يۇقۇرىغا يوللىغان بولسىمۇ،تا ھازىرغا قەدەر ھېچ بىر خەۋىرى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن،
بۈگۈن مۇناسىۋەتلىك تەشكىللىگۈچى ئورۇنغا تېلىفۇن بېرىپ ئالاقىلىشىپ كۆرسەم،ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە:-ئانا تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىنىڭ سانى ئاران 4-5كىمۇ يەتمىگەچكە،ئۇيغۇرلاردىن
4چە ئوقۇتقۇچى،قازاقلاردىن 2-3چە ئوقۇتقۇچىنى ھازىرچە خەنزۇلارنىڭ ئەدەبىيات كۇرسىغا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرگە ئوقۇپ تۇرۇڭلار،دەپ ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.باشلانغۇچنىڭكىنى
6-ئايدا تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم…!
ئۈرۈمچى رايۇنىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئانا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا زادى نېمە بولدى؟

گۈلنىھال 2014-04-25 13:19
ئەپسۇسلانغۇدەك ئەھۋالمۇ قانداق ...

ozqan 2014-04-25 13:23
تۇرسۇن مۇئەللىم : قانداق ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلىنىش دائىرسىگە كىرىدىكەن ؟
ئۇنۋان ئالىدىغانلار قاتارىدا  ، ۋاقتى توشقانلار ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم تەربىيەلىنىشنى دېمەكچىمۇ سىز ؟

    مەكتەپلەردە بۇ خىل تەربىيەلىنىشكە پەقەتلا ئۇنۋان ئالىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئېۋەتىۋاتىدۇ ، بىزنىڭ مەكتەپنى مىسالغا ئالساق ، گورۇپپىمىزدىكى 10 ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ ھەممىسى ئۇنۋان ئېلىپ بولغان ، شۇڭا بىزنى مەكتەپ تەربىيەلىنىشكىمۇ ئېۋەتمەيدۇ ، چۈنكى مەكتەپ تەربىيەلىنىشكە ئېۋەتسە ئۇ مۇئەللىمنىڭ مەكتەپتە بولمىغان بىر كۈنىنىڭ دەرسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ ، سىنىپ مەسئۇللىرى مەكتەپتە بىر كۈن بولماي قېلىشىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدۇ ، شۇڭا ئېۋەتمەيدۇ ، ئەسلىغۇ ئۈزلۈكسىز مائارىپ ئۇنۋان ئالىدىغانلارلا تەربىيەلىنىدىغان تۈر ئەمەستى ، ئەھۋال يۇقىرقىدەك بولغاچ ، بارالماسلا بولدۇق .

شۇڭا دېمەكچى ، مەنچە بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  مەسىلىسى ئەمەس  ، ئۈزلۈكسىز تەربىيەلىنىشكە بار دېسە خالىمايدىغان ئوقۇتقۇچى بولمىسا كېرەك ...  ھەپتىدە بىر كۈن ئوقۇغۇچى بولۇش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىش .
مېنى دېسىمۇ جان دەپ باراي دەر بولغىيدىم  ، لېكىن يەنە ئىككىلىنىشىممۇ مۇمكىن ، چۈنكى ، سىنىپىم بار ، سىنىپمىنى بىر كۈن تاشلاپ قويۇپ سىرتتا خاتىرجەم يۈرەلمەيمەن . . .
ئشىقىلىپ سەۋەبلەر كۆپكەن .

tursun 2014-04-25 14:54
بۇ توغرىسىدا بەزىلەر:-ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتسا دېسە،بەزىلەر ھەقىقەتەن بىز ئۇنۋان ئىلىپ بولغان دىيىشمەكتە.يەنە بەزىلەر ئۇنۋان ئىلىشقا تىگىشلىك ئادەملەر بىرىشى كېرەك دەپ قاراشماقتا..ئۆزلۈكسىز مائارىپنىڭ خاراكتىرى-مەڭگۈلۈكتۇر...ئۇ قانداقتۇر ئۇنۋان ئالىدىغانلار قاتنىشىدىغان مائارىپ ئەمەس.ئۆزقاننىڭ ئىيتقانلىرىمۇ ئورۇنلۇق.سىنىپ مۇدىرلىرى،بالا ئىمىتىۋاتقان ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن بىر قىيىن مەسىلە...مېنى دىسە،مەنمۇ ئۇنۋان ئىلىپ بولغان....مەكتەپلەرنى يىل ئاخىرىدا تەكشۈرگەندە :-قانچە نەپەر ئوقۇتقۇچى ئۆزلۈكسىز مائارىپ بويىچە تەربىيىلەنگەن؟دېگەن بىر نوقتا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرىدىكەن.ئوقۇتقۇچىلارنى يىللىق باھالاشتىمۇ بۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كاللىسىنى«بىزمۇ شۈنچە جاپالىق ئىشلىگەن بولساقمۇ،نېمىشكە يەنە
ئەلا باھالىنالمايمىز؟باشقىلاردىن زادى نەرىمىز كەمچىل؟»دەپ بىھۇدە ئاغرىنىدىكەنمىز.ئىلغارلارنى سايلىغاندىچۇ تىخى....؟شۇڭا،ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بۇ مەسىلىگە
مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت نوقتىسىدىن ئىتىۋار بىرىشلىرى زۆرۈردۇر...!

ئارزۇ228 2014-04-25 18:37
«مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت » ھەربىر ئوقۇتقۇچى ياخشى ئويلايدىغان مەسىلە، ياخشى تېما يوللاپسىز، مۇئەللىم ئىشلىرىڭىزلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇيغۇر 2014-04-25 22:24
ياخشى تىما يوللاپسىز مۇئەللىم.« نەگە بارسا قازاننىڭ قولىقى تۆت» دىگەن گەپمۇ توغرا ئوخشايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ شۇنداق.

tursun 2014-04-28 01:52

بۇ ئىشنى ئاددىيلا ئويلاشقا قەتئىي بولمايدۇ...رەھمەت...!

uzqak 2014-04-28 10:55
سانجى ئوبلاست تەۋەسىدىمۇ شۇنداق  ، خەنزۇ تىل - ئەدەبىياتى بويىچە تەربىيلىنىشكە قاتنىشىمىز... ئالدىنقى قېتىم بىر سىنىپتا پەقەت مەن بىر ئۇيغۇر تەربىيلىنىشكە قاتنىشىپتىمەن.( ئۆزلۈكسىز مائارىپتا دەرس ئۆتكىچىلەر تەربىيلىنىشى ).. كۇڭزىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇن سۆزلەنگەن ۋەزخانىلىقلىقلارغا قاراپ ھېلىقى ئېغىزى پىلاستېر بىلەن چاپلانغان ھەجىۋى رەسىمنى ئەسلەپ قالغانىدىم...  ،مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشىمىز ئوخشىمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان تىل - ئەدەبىياتىمىزدىكى خاسلىق پەرقى قاتارلىقلارنى چۈشىنىدىغان ئادەم يوقمۇ ياكى قەدىرلەش تۇيغۇمىز ئاجىزلاشتىمۇ بىلمىدىم...ئۆز- ئۆزۈمگە سۆزلەپ دېگىدەك 15 كۈننى ئاران تۈگەتتىم...

پاراسەت 2014-04-29 19:13
uzqak:سانجى ئوبلاست تەۋەسىدىمۇ شۇنداق  ، خەنزۇ تىل - ئەدەبىياتى بويىچە تەربىيلىنىشكە قاتنىشىمىز... ئالدىنقى قېتىم بىر سىنىپتا پەقەت مەن بىر ئۇ .. (2014-04-28 10:55) 

مەكتەپلەردە ئۇنۋان ئىشى بەك جىددىي بولغاچقا،بىزنىڭ مەكتەپتە كۆڭلىدىكى ئادەملەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ،باشقىلاردىن پىنھان تۇتىدۇ،شۇڭا بىز كۆپىنچە ھا للاردا بىلەلمەي قالىمىز،بەلكىم بەزى مەكتەپلەردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار باردۇر؟

bahadir 2014-04-29 19:35
يولى،پۇلى بارلار ياخشى يەرلەرگە بارىدۇ،
يولى،پۇلى يوقلار مەجبۇرى بىرىۋىرىدۇ.
ئۈنۋانمۇ شۇنداق!!!!

ئەكبەرنىياز 2014-05-02 22:17
ئۆزلۈكسىز تەربىيىگ ھەممىمىزنىڭلا چىققۇسى بار . ئەمما ...

نۇرلالە 2014-05-05 18:09
بۇ ئەھۋال بىزدىمۇ مەۋجۈت


查看完整版本: [-- ئۈرۈمچىدىكى ئانا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا نېمە بولدى؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled