tursun |
2014-04-23 15:53 |
تەبىئەتنىڭ -مېھىرلىك باغرى(2)...بۇژغۇن
تەبىئەتنىڭ -مېھىرلىك باغرى(2)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
تەبىئەتنىڭ مۇڭلۇق كۆزىدىن، ئاققان ياشلار ئايلاندى قارغا. ئاپئاق قاردەك پاك يۈرۈگۈمنى، قارلىق قىلىپ تاشلىدىم يارغا.
قار ئۈستىگە تاشلاندۇق بىر پەس، ئانا تۇپراق بەردى ھارارەت. ھېچ بىر سوغۇق تەگمىدى شۇ دەم، بولغاچ ئۇندا ئوتلۇق مۇھەببەت.
مانا كۆكتە پارلىدى قۇياش، تەبىئەتمۇ قىلمىدى كۆز ياش. قار يۈزىدىن قايتقان كۈچلۈك نۇر، جانلىقلارنى قىلدىغۇ باغاش...!؟
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى |
|