查看完整版本: [-- مەشھۇر سەركەردە-ئوقۇمۇشلۇق تۇنيۇقۇقنىڭ تارىخىي تۆھپىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> مەشھۇر سەركەردە-ئوقۇمۇشلۇق تۇنيۇقۇقنىڭ تارىخىي تۆھپىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2014-04-22 15:43

مەشھۇر سەركەردە-ئوقۇمۇشلۇق تۇنيۇقۇقنىڭ تارىخىي تۆھپىسى




مەشھۇر سەركەردە-ئوقۇمۇشلۇق تۇنيۇقۇقنىڭ تارىخىي تۆھپىسى

(ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات)

  تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

ساۋاقداشلار بىز ئالدىنقى سائەتلىك دەرسىمىزدە ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ،ئەسەر ۋە ئەسەردىكى بىر قىسىم يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش؛«ئۇقۇمۇشلۇق سەركەردە-تۇنيۇقۇق»نىڭ بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشى،غەلبىلىك ئۇرۇش قىلىش جەريانى ھەم بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدىكى
قىممەتلىك بايانلىرى بىلەن تونۇشۇپ چېققان ئىدۇق.
بۇ سائەتتە بىز تېخىمۇ ئىچكىرلەپ،تېكىست بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،«ئۇقۇمۇشلۇق زات»تۇنيۇقۇقنىڭ بىز ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي تۆھپىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى.
1.دۆلەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى كۆرسەتكەن تۆھپىسى.
ئىلتەرىش خاقان دانا بولغانلىقى ئۈچۈن، جەسۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، تابغاچلار بىلەن ئون يەتتە (قېتىم) ئۇرۇشتى، قىتانلار بىلەن يەتتە (قېتىم) ئۇرۇشتى، ئوغۇزلار بىلەن (مۇ) بەش (قېتىم)ئۇرۇشتى. مۇشۇ جەرياندا سۆزچىسىمۇ مەن ئىدىم، دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلغىنىمۇ مەن ئىدىم.
(ئۇنى مەن) قاپغان خاقان (قىلىپ) تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم. كېچىلىرى ئۇخلىماي، كۈندۈزلىرى ئولتۇرماي، قىزىل قېنىمنى ئېقىتىپ، قارا تەرىمنى تۆكۈپ خىزمەت قىلدىم. ئۇزاق مۇساپىلەرگە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتىم. كۈزەتمە تۇرلىرىنى (ھەر يەرگە) ياساتتىم. يانغان دۈشمەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلدۈردۈم.
خاقان بىلەن ئىستىلالار قىلدىم. تەڭرى ھىمايە قىلسۇن، بۇ تۈرك خەلقى ئارىسىدا ساۋۇت-دۇبۇلغىلىق دۈشمەنلەرنىڭ كېزىپ يۈرىشىگە يول قويمىدىم، (قۇيرىقى) تۈگۈگلۈك (دۈشمەن) ئاتلىرىنى چاپتۇرمىدىم.
ئىلتەرىش قاغان تىرىشمىغان بولسا (ئىدى)، مەن ئۆزۈم تىرىشمىغان بولسام (ئىدىم) دۆلەتمۇ، خەلقمۇ  يوق بولغان بولاتتى. (قاپاغان خاقان) تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن، دۆلەت يەنە دۆلەت بولدى، خەلق يەنىلا خەلق بولدى.
ئۆزۈم قېرىدىم،ئۇلۇغ بولدۇم. ھەر قانداق يەردىكى خاقانلىق خەلقلەردە مېنىڭدەك ئادەم بولىدىكەن،ئۇلاردا ھېچقانداق بەختسىزلىك بولمايدۇ.تۈرك بىلگە خاقان ئىلىگە مەن بىلگە تۇنيۇقۇق بۇ مەڭگۈ تاشتىكى پۈتۈك-
لەرنى يازدۇردۇم.ئىلتەرىش خاقان تىرىشمىغان بولسا،ئۇ يوق بولغان بولسا،مەن ئۆزۈم-بىلگە تۇنيۇقۇق تىرىشمىغان
بولسام،شۇنداقلا مەن بولمىغان بولسام.قاپاغان خاقان ۋە تۈرك سىر خەلقى تۇپرىقىدا دۆلەت ۋە ئادەمزات،خەلق
بولمىغان بولاتتى.
   ئىلتەرىش خاقان ۋە مەن-بىلگە تۇنيۇقۇق تىرىشقانلىقى ئۈچۈن،قاپاغان خاقان ۋە تۈرك سىر خەلقى مۇشۇنداق
بەختلىك ياشاپ قالالىدى.
   تۈرك بىلگە خاقان تۈرك سىر خەلقىنى،ئوغۇز خەلقىنى باقماقتا...
بېرىنجى شەخس«مەن»نىڭ تىلى بىلەن بايان قىلىنغان بۇ جۈملىلەردىن بىز ئۇقۇمۇشلۇق تۇنيۇقۇقنىڭ كېچە-
كۈندۈز ئەل-يۇرتنىڭ غېمىنى يەيدىغان،دۆلەت باشقۇرۇشتا تەدبىرلىك ھەم قابىلىيەتلىك؛راست سۆزلۈك،چۇڭقۇر
پىكىرلىك،يىراقنى كۆرەر ئۇلۇغ تارىخىي شەخس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
2.ھەربىي ئىستراتىگىيە جەھەتتىكى قوشقان تۆھپىسى.
....ئەسىر«تىل»كەلتۈرۈلدى،ئۇنىڭ سۆزى مۇنداق ئېدى:-يارىس تۈزلەڭلىكىدە ئون تۈمەن قوشۇن تەخ بولدى.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان بەگلەرنىڭ ھەممىسى:-يانايلى،ساپ نومۇس ئەلا(شەرەپلىك مەغلۇپ بولغان ياخشى)دېيىشتى
مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق ئۇلارغا:بىز ئالتاي تېغىنى ئېشىپ،ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ بۇ يەرگە كەلدۇق.كەلمىگىمىز
قىيىنغا چۈشتى،كەلگىنىمىزنى ئۇلار تۇيمىدى.بىزگە تەڭرى ئوماي(ئىنسانلارغا سۇ ۋە تۇپراق ئاتا قىلغۇچى)،
مۇقەددەس يەر،سۇ ياردەم قىلىۋاتسا،نېمىشقا قاچىمىز؟ئۇلارنىڭ ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن نېمىشقا قورقىمىز؟
ئادىمىمىزنىڭ ئازلىقى تۈپەيلى يېڭىلىپ قالاتتۇقمۇ؟-تېگەيلى دېدىم.تەگدۇق،يېڭىپ چىقتۇق،ئىككىنچى كۈنى
ئۇلار يەنە كەلدى.ئۇلار ئوتتەك قىزىپ كەلدى،ئۇرۇشتۇق.ئۇلارنىڭ ئىككى قاناتتىكىلىرى بىزنىڭكىلەردىن يېرىمدەك
كۆپ ئىدى.تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقۇپ كەتمىدۇق.ئۇرۇشتۇق.تاردۇش شاد
جەڭگە قاتناشتى.بىز يېڭىپ چىقتۇق.خاقانىنى قولغا چۈشۈردۇق.ئۇلارنىڭ يايغۇ(ئەمەلدارى)ۋە شادى(مەنسەپدار)
ى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈلدى.ئەللىكچە ئادىمىنى قولغا چۈشۈردۇق.شۇ كېچىسى ھەر قايسى قەبىلىلەرگە ئەلچى
ئىبەرتتۇق.قەدىمكى ساكلار،تاجىكلار،تۇخارلار ۋە سوغدىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن بىزگە ئەل بولدى،يۈكۈندى.
بۇ پارچىدىن بىز مەشھۇر سەركەردە،ھەربىي ئىستراتىگىيىچى-تۇنيۇقۇقنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر،خەلق بىلەن
ھايات-ماماتتا بىرگە بولغان،تەشكىللەشكە ماھىر،جاپا-مۇشەققەتلەرنى ئەقىل-پاراسەت نۇرى بىلەن يېڭىپ
كەلگەن،يۇقۇرى ماھارەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز.
3.يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى تارىخىي تۆھپىسى.
تۈرك بىلگە خاقان ئىلىگە مەن بىلگە تۇنيۇقۇق بۇ مەڭگۈ تاشتىكى پۈتۈكلەرنى يازدۇردۇم.-دەيدۇ.
شۇنداق،ئەدىپ تۇنيۇقۇق(682-734-) 52يىللىق ھاياتىدا-ئىلتەرىش قاغان،قاباغان قاغان،بىلگە قاغانلارغا
مەسلىھەتچى بولۇپ،بۇ ئۈچ خانلىقنى قۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىدىن ئىبارەت ھايات پائالىيتىنى تەرجىمىھال
شەكلىدە يېزىپ تونۇشتۇرغان.
  بۇ«مەڭگۈ تاش»-تارىخىي ھۆججەت،نەسەپنامە شۇنداقلا قەدىمقى تۈرك خەلقلىرىنىڭ قەھرىمانلىق داستانى
بولۇپ،قەدىمكى تۈرك تىلىدا يېزىلغان.قوللىنىلغان جۈملىلىرىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئاددىي جۈملىلەردۇر.
مۇتەپەككۈر،ئەدىپ ئۇقۇمۇشلۇق تۇنيۇقۇق يەنە بۇ مۇھىم ئەسىرىنى ئۆزى باش بولۇپ،تۈنجى قېتىم ئالدىن
تەييارلانغان تاشقا چەكتۈرۈپ،مىلادى 716-يىلى كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ تىپىشى ئۈچۈن
ئابىدە قىلىپ تىكلىگەن.بۇ« مەڭگۈ تاش» ئازغىنە كەم 13ئەسىردىن بۇيان ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋە بەدىئىي
قىممىتىنى يوقاتماي كەلدى.دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى ئالىملار بۇنىڭدىن سۆيۈندى،پەخىرلەندى
   بىز بۇ «بۈيۈك ئابىدە» ئارقىلىق ئۇلۇغ ئەدىپ تۇنيۇقۇقنىڭ يېڭىلىق يارىتىش،شۇ ئارقىلىق تىل ۋە تىل-ئەدەبىيات،تارىخ،مەدەنىيەت جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئاجايىپ تۆھپىلىرىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايمىز.
يۇقارقى پاكىتلاردىن بىز «مەڭگۈ تاش»لارنىڭ ئىجادچىسى «ئۇقۇمۇشلۇق تۇنيۇقۇق»نى يېڭىلىق يارىتىش
جاسارىتىگە ئىگە يىراقنى كۆرەر مۇتەپەككۈر،مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تۆھپىكارى ،دەپ ئېيتالايمىز.



ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى:  تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


2014-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى



tursun 2014-04-22 15:44

كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى
(تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش)
1.)پايتەختى- ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدىكى ئورقۇن دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدىكى ئۆتۈكەن تېغىغا جايلاشقان.قەبىلەباشلىقى-تۈمەن«ئېل قاغان(بۇمىن قاغان)»ئېدى.كۆك تۈرك خانلىقى(552-744)ھۆكۈم سۈرگەن،
2.)ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى(744-840)ھۆكۈم سۈرگەن.ئۇلارنىڭ باشلىقى-قۇتلۇق بويلا ئۆزىنى«قۇتلۇق بىلگە كۈل قاغان»دەپ ئىلان قىلغان.
قۇرىقارلار،تۇۋالار،قىرغىزلار،قارلۇقلار ۋە نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئەل بولدى.بۇ دەۋردە بۇ خانلىققا قاراشلىق ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەر بولسا«توققۇز ئۇيغۇر»«توققۇز ئوغۇز»دېگەن ناملار بىلەن ئاتالدى.بۇلارنىڭ ئېچىدە يەنىلا «ئۇيغۇر قەبىلىسى »ھۆكۈمران ئورۇندا ئېدى.
بۇ جەرياندا قۇتلۇق قاغان(مىلادى679-691-يىللىرى)،قاباغان قاغان(مىلادى691-716-يىللىرى)،بىلگە قاغان‹موغۇلىيان قاغان›(مىلادى716-734-يىللىرى) قاتارلىق ئۈچ نەپەر قاغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى تۇنيۇقۇق بۇ خانلىقنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
شۇڭا «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»نى كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ «نەسەپنامىسى»دىيىشكە بولىدۇ.چۈنكى«تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»مىلادى716-يىل ئورنىتىلغان.1897-يىلى موڭغۇلىيىنىڭ ئولانباتۇر شەھرىدىن 60كلومېتىر يىراقلىقتىكى بايىن چوقتۇ دېگەن يەردىن تېپىلغان


گۈلنىھال 2014-04-22 17:50
مۇشۇنداق ئېسىل تىمىلىرىڭىز بىلەن نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىمىزنىڭ سەرخىللىشىغا كۈچ قوشۇۋاتقانلىقىڭىزغا رەھمەت !

ئەكبەرنىياز 2014-04-22 22:11
ھەقىقەتەن ئىزدىنىشلىق تەتقىقات بوپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

لاچىن 2014-04-23 02:17
    مەن بۇ تېمىنى ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم. بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز.
    ئىنكاسىڭىزدا، «قۇتلۇق بىلگە كۈل قاغان»دەپ ئىلان قىلغان. دەپسىز
    قۇتلۇق بىلگە قاغان 683- 684- تۇغۇلغان بولۇپ، 734- يىلى ئۆلگەن.
    كۈل تىگىن 684- 685- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 731- يىلى ئۆلگەن.
    بولۇپ، بۇلارنىڭ قۇتلۇق بىلگە ئاكىسى، كۈل تىگىن ئىنىسى. يەنى مەن بۇلارنى ئىككى ئادەم دەپ بىلىمەن.

http://tr.wikipedia.org/wiki/Bilge_Ka%C4%9Fan
http://tr.wikipedia.org/wiki/K%C3%BCl_Tigin

tursun 2014-04-23 09:54
رەھمەت لاچىن....بەك خوش بولدۇم بەرگەن ئىزاھاتىڭىزدىن....!

رەيھان 2014-04-23 16:25
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت تۇرسۇن مۇئەللىم بىزنى نۇرغۇن بىلىمەە ئىگە قكىلدىڭىز

پاراسەت 2014-04-24 17:04
لاچىن:    مەن بۇ تېمىنى ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىقتىم. بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز.    ئىنكاسىڭىزدا، «قۇتلۇق بىلگە كۈل قاغان»دەپ ئىلان  .. (2014-04-23 02:17) 

يازغانلىرىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ،لېكىن تۇنيۇقۇقنى مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئىجادچىسى دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ،چغنكى ئەڭ بۇرۇنقى مەڭگۈ تاشلار 5-6-ئەسىرلەرگە مەنسۇپ.مەسىلەن تېرخىن مەڭگۈ تېشى،چۇرىن مەڭگۈ تېشى دېگەندەك

tursun 2014-04-25 10:06
ياق..ياق...تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئىجادچىسى ئەمەس...تۇنجى بولۇپ،ئۆزى يازغان
تەرجىمىھالنى 716-يىلى ئۆزى باش بولۇپ ،تاشقا چەكتۈرگەن...پاراسەت...رەھمەت...!

ozqan 2014-04-25 10:17
مۇشۇنداق نادىر بولغان دەرس پايدىلانمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ...

gulhan 2014-04-27 10:45
ئەجرىڭىزدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلاندىم. رەھمەت،قېرىندىشىم.

ئۇدۇنقىز 2014-04-27 10:59
مۇشۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى ئزدەۋاتاتتىم   ، رەخمەت مۇئەللىم  

tawpek 2014-04-29 20:56
مەن بۇ دەرىسنىڭ تۇنجى سائەتلىكىنى بۈگۈن ئۆتۆپ چىققانتىم


پايدىلىنىش ماتىرىيالىدىمۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ تۇنجىسى بولوپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەڭگۈ تاش  تىكلەش ئەنئەنىسىگە يول ئاچقان   دەپ  باركەنغۇ.


قارىغاندا ئۇ ئۇقۇم خاتاكەندە.

دەرىسنى خاتا ئۆتۆپ چىقتىممۇ نىمە؟ئەتىلا تۈزتىۋىتەي ئەمدى.


查看完整版本: [-- مەشھۇر سەركەردە-ئوقۇمۇشلۇق تۇنيۇقۇقنىڭ تارىخىي تۆھپىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled