查看完整版本: [--
مۇنبەر باشلىقىمىز ئۆزقان(ئامىنە بارات)قا بىلەت تاشلايلى!
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
ئۈرۈمچى تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇرلىرى
->
مۇنبەر باشلىقىمىز ئۆزقان(ئامىنە بارات)قا بىلەت تاشلايلى!
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
tawpek
2014-04-21 23:53
مۇنبەر باشلىقىمىز ئۆزقان(ئامىنە بارات)قا بىلەت تاشلايلى!
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك شەھەر دەرىجىلىك پەن باشلامچىلىرىنىڭ نەخ مەيدان دەرسىنى توردا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق باھالاش ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بولوپ بۇ پەن باشلامچىللىرى قاتارىدا تەۋپىق مۇنبىرىمىزنىڭ يولباشچىسى ئۆزقان ( ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23- ئوتتورا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىسى ئامىنە بارات) ھەدىمىزمۇ باركەن
ھەر 10 مىنۇتتا بىر قىتىم بىلەت تاشلاشقا بولىدىكەن
بىلەت تاشلاش ئادىرىسى:
http://www.wlmqedu.com/10000/10060/10002/index.htm
ئۈندىداردا راۋپىق ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشىۋىلىپ يوللانغان مەزمۇنلادىن مۇشۇ تېمىنى ئىچىپ
سول تەرەپ ئاستى تەرەپتىكى
阅读原文
دىگەن خەتنى بېسىپ بىلەت تاشلاش ئورنىغا كىرەلەيسىز
ئازغىنە ۋاقتىڭىزنى سەرىپ قىلىپ دوستلىرىڭىزغىمۇ تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ
ئوتقاشئەرقۇتى
2014-04-22 01:53
بەك ياخشى بوپتۇ ،مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ شان شەرىپىنى كۆرۈش بىز ئۈچۈن شەرەپ .ئامىنە بارات مۇئەللىمنىڭ ئەۋلادلار ئۈچۈن كۆيىۋاتقان ئوتلۇق يۈرىكىگە ،تېخىمۇ زور كۆچ قۇۋۋەتلەر تىلەيلى .باشقىلارنى قوللىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى قولىغىنىڭىز!
گۈلنىھال
2014-04-22 11:32
ئەرقۇتىنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن !
uzqak
2014-04-22 11:54
چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن! بىلەت كەتتى !
تىلداش
2014-04-22 12:53
پۇرسەتلەرگە يۈزلەنگەن جۈرئىتىنىڭ نامايەندىسى بەركەتلىك ئۇتۇقلارغا نائىل بولغاي...
tursun
2014-04-22 13:23
بارىكاللا...تۈنجىسىمۇ مەن ئىدىم،685-بولۇپ تاشلىغىنىمۇ مەن بولدۇم...قۇد بولسۇن...!
ۋارىس60
2014-04-22 13:23
بىر كەتتى ئامىنە مۇئەللىمگە
nefise
2014-04-22 13:29
ئامىنە مۇئەللىمگە ئۇتۇق يار بولغاي!... بىلەتنىغۇ تاشلاۋاتىمەن، ئەمما ماۋۇ سىن فىلىمنى كۆرەلمەي، تىتىلداپ كەتتىم، توپنىڭ بوشلۇقىغا يوللاپ قويساڭلارچۇ؟
nefise
2014-04-22 13:36
ھەي........ ئانا تىلدا ئۆتۈلگەن دەرستىن ئاران 4 سائەت باركەن ئەمەسمۇ؟ 118 سائەت دەرس ئىچىدە..........
nefise
2014-04-22 13:37
ھەممىسىگىلا تاشلايلى، باشقىلارنىڭ بىلەت سانى بەك ئازكەن- جۇمۇ!
ئالىپئەر
2014-04-22 15:30
مەن ئەمدى كۆرۈپتىمەن .بەك خىجىل بولدۇم . ئانا تىل ئۈچۈن سوققان يۈرۈەكلەرگە مۇبارەك بولسۇن.
tursun
2014-04-22 15:34
داۋاملىق تاشلايلى...تاما-تاما كۆل بولىدۇ.....مەيلى تۆت سائەتلىك بولسۇن،مەيلى ئالتە سائەتلىك بولسۇن...تاشلاشقا تىگىشلىك بىلەتنى تىز-تىز تاشلايلى.....تاشلىماقمۇ،ئاتلىماقمۇ
ئاسان ئەمەس...قىنى ھەممىمىز غەيرەت قىلايلى....!
ئارزۇ228
2014-04-22 19:05
ئامىنە مۇئەللىمگە ئۇتۇق يار بولغاي، بېلەت كەتتى.
شەبنەم
2014-04-22 20:50
ئامىنە مۇئەللىمگە ئۇتۇق يار بولسۇن ، شۇ تاپتا ئامىنە مۇئەللىم ئۈچۈن چىن دىلىمدىن خۇش بولىۋاتىمەن ، مىللي مائارىپىمىزدىكى بۇ سەركەردىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئالىي ئۇتۇق تىلەۋاتىمەن ! سىز ئۈچۈن بىر بېلەت كەتتى !!!
ئەكبەرنىياز
2014-04-22 21:06
ئامىنە مۇئەللىمگە ئۇتۇقلار يار بولغاي !!!
قاراخان
2014-04-22 22:39
بۇ تىمىنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن، ھازىرلا بېلەت تاشلاي، ئامىنە مۇئەللىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئايبىكە
2014-04-22 22:39
مانا،ھەر 10 مىنۇتتا بىر بىلەت كەتتى.
قاراخان
2014-04-22 22:40
دەل 1000-بېلەتنى مەن تاشلاپتىمەن.
رەيھان
2014-04-23 12:37
گۈلنىھال
2014-04-23 13:49
ئامىنە مۇئەللىمگە مۇبارەك بولغاي !!!
ئوتلۇق12
2014-04-23 16:46
مەن بىلەت تاشلاش تور ئادرىسىنى چەكسەم ئېچىمايدىغۇ؟
مىھرىبانىم
2014-04-23 17:38
مەنمۇ ئامىنە باراتقا بىر بىلەت تاشلىدىم . مەن بۇ تۆھپىكار ئۇستازغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن . مەن 2012- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستېتىدىكى تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيلەش كۇرسىدا ئامىنە بارات بىلەن بىللە ئوقۇغان ، پىكىرلەشكەن ، ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان . ئىشىنىمەنكى ، ئۇ چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ .
kokxad
2014-04-23 19:04
بۇ ئىش بەكمۇ ياخشى بوپتۇ،بېلەت كەتتى.
gulhan
2014-04-24 13:24
مەنمۇ 5-بولۇپ بىلەت تاشلاپتىكەنمەن. مانا كۈندە نەچچە قېتىم بىلەت تاشلاۋاتىمەن.
بىز ئەڭ ياخشىسىغا بىلەت تاشلىدۇق. ئۇ _ ئامىنە بارات.
ozqan
2014-04-24 16:37
[attachment=762]
koksangun
2014-04-25 11:57
بىلەت تاشلىغۇچىلار دىققەت :
بىلەت تاشلىغاندا ئاستىدىكى 优秀نى تاللاپ يوللاڭلار....
مىېھرىما
2014-04-25 14:07
مۇنبەر ئېچىلماي كۇندە كومدا مانا بۈگۈن تاشلىيالىدىم لىكىن ئۈندىداردا 10 مىنۇتتا بىر بىلەت تاشلاپ قوللاپ كەلدىم . ئامىنە مۇئەللىمنىڭ ئۇتۇق قازىنىشنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن شەرەپ.
سىزگە ئەمەت تىلەيمەن .
مىېھرىما
2014-04-25 14:17
يەنە بىر بېلەت كەتتى
مىېھرىما
2014-04-25 14:18
ئوتلۇق12
:
مەن بىلەت تاشلاش تور ئادرىسىنى چەكسەم ئېچىمايدىغۇ؟
(2014-04-23 16:46)
نۇرمالكەنغۇ نىمىشقا ئاچالمىغانسىز ؟
مىېھرىما
2014-04-25 16:25
بىلەت كەتتى! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
گۈلنىھال
2014-04-25 16:55
ھەممە مۇنبەرداشلا قىزغىن بېلەت تاشلىسا ياخشى بولاتتى ..
قالغانلا ئۇخلاۋاتقانمىدۇ ئەمدى ...
bahwan
2014-04-25 20:55
مەنمۇ ھازىر كۆرۈپتىمەن ئامىنە مۇەللىمگە .ۇتۇق تىلەيمەن
tawpek
2014-04-29 13:09
بىلەت تاشلاش مۇۋەپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، بۇ جەراندا كۈچ چىقارغان تەۋپىقداشلارغا شۇنداقلا قوللىغان بارلىق ئەزىزلەرگە تور بېكىتىمىز نامىدىن تەشەككۇر بىلدۈرىمىز.
بىلەت تاشلاشلا ئەمەس بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ تولوق ئوتتورا تىل-ئەدەبىيات پەن ۋەكىلىنى تاللاش ئىدى، بۇ پەن ۋەكىللىرى ئىچىدە 3 نەپەر تىل ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىسى بولوپ بىرى قازاق مۇئەللىم قالغان ئىككىسى ئۆزقان مۇئەللىم بىلەن ئابدۇقەيۇم توختاجى مۇئەللىم ئىدى.
بىز قارا قويۇق بىلەت تاشلىمىدۇق ئۆزقان مۇئەللىمنىڭ بۇ مۇنبەر ئاقىلىق 4 يىلدىن بىرى رايۇنىمىزدىكى تىل-ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىللىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا قانچىلىك ئەجىر سڭدۈرىۋاتقانلىقىنى تەۋپىقنى ئازراقلا چۈشەنگەن كىشى بولسا تولوق بىلىشى ئىنىق.
ئاخىرقى نەتىجە قانداقلا بولسۇن ئۇ بېكىتكۈچىلەرنىڭ ئىشى.
بىز بولساق قولىمىزدىن كىلىدىغان، ئۆزىمىز ئىتراپ قىلغان بىر يولباشچىمىز ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز قوشساقلا بولاتتى.
بىلەت تاشلاشنڭ قانچىلىك كەسكىن بولوپ كەتكىننى بۇ ئىشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغانلار تولوقى بىلەن بىلىدۇ.
لىكىن مۇنبەر چ چ توپى، ئۈندىدار سۇپىسى ۋە مۇنبىرىمىزدە تولوقى بىلەن تەشەببۇس قىلغان بولساقمۇ قوللاش تازا يىتەرلىك بولمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۆزقاننىڭ يولانمىللىرى ئارقىلىق يۈكىنى يىنىكلەتمىگەن ، تەۋپىقتىن نەپ ئالماق تۈگۈل مۇشۇنداق بىر تور بەتنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان نۇرغۇن ناتۇنۇش قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلە بويچە كۈنلەپ بىلەت تاشلاش كۆرنىشلىرى قەلبىمىزنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالدى.
ئىنتىلىش ھاجىتىمىزدىن چىقىش، ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس بىز ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ئۈچۈن بىغىشلاش ئارقىلىقمۇ مەنە تاپقاي!
32094
2014-05-14 23:38
ھاياجان ئىچىدە كۈتىۋاتقان نەتىجىدىن قايسى ۋاقىتلاردا ۋاقىپلىنارمىز؟
ئەشمە
2014-05-20 13:19
ياشاپ كىتىڭ.
ozqan
2014-06-18 00:32
بۇ بىلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى چىقتى ، شەھەر دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات پەن باشلامچىىسى بوپتىمەن . . .
بۇ شەرەپكە نائىل بولمىغان تەغدىردىمۇ ، ئاشۇ كۈنلەردە مەن ئۈچۈن سائەتلەپ ، كۈنلەپ بىلەت تاشلىغان ، بالىلىرىنى ئۇنتۇپ ، تاماقمۇ يېمەي ، ھەممە ئىشلىرىنى تاشلاپ بىلەت تاشلىغان ،
مېنى نۇرغۇن توپلاردا «چولپانغا ئايلاندۇرغان » ، دوستلىرغا ، ساۋاقداشلىرىغا ، خىزمەتداشلىرىغا ھەتتا ، ئوقۇغۇچىلىرىغا ماڭا بىلەت تاشلىتىش ئۈچۈن «يېلىنغان » ، مېنى ئۆز تۇغقىنى ، قېرىندىشى قاتارى كۆرۈپ ماڭا ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن« قىلچە ئىش كەلسە قىلدەك ، پىلچە ئىش كەلسە پىلدەك »چوڭلۇقتىكى قوللاش بىلەن ھەمدەمدە بولغان ، كېچىلەپ سائەت 12 لەپ بولدى «ئۇخلاڭلار !» دېسەم ئۇيقۇنى كېيىن ئۇخلىۋالىمىز دەپ بەلنى « چىڭ » باغلىغان ، ئۆزى يالغۇز ئەمەس ، ئائىلىسى بويىچە بىرگە ئولتۇرۇپ بىلەت تاشلاۋاتقان كۆرۈنۈشنى ماڭا يوللاپ ، مېھىردىن ئىللىغان كۆڭلۈمدىن ئسسىق ياشلار سىرغىغان ئاشۇ چاغلاردىلا مەن ئاللىقاچان « پەن باشلامچىسى » بولۇپ باھالىنىپ بولغاندىن ئارتۇق ئۇنتۇلغۇسىز ، مۇھەببەتلىك دەقىقىلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ، ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ، ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدىغان چىن دوستلۇقتىن ، كۆڭۈل بولۈشتىن ، قوللاشتىن ، باشقىلارغا روھىي ئوزۇق بېرىشتىن ھوزۇرلىنىپ ، ئۇنىڭ تەسىرىدىن يىغلىۋەتكەن ئىدىم .
دىلكەشلەردىن يىغىلغان ، شىنجاڭنىڭ ھەر يەر ھەر يېرىدىن توپلانغان ، تەۋپىق ئىنىم قۇرغان
« ئۆزقانغا بىلەت تاشلىغۇچىلار » نامىدىكى ئۈنىدىدار توپىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز خەت ھەم يېقىملىق ، جىددىي ئاۋازلار بىلەن بېزەلگەن سۇپىسىدا ئىپادىلىگۈسىز ھېسياتلار ئىچىدە تولغانغان ئىدىم .
ماڭا مانا مۇشۇلارنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئىدى ....
قوللاشلاردىن رەڭلەنگەن دۇنيا ،
يۈرۈكۈمگە قان بېرەر گويا .
قىممىتىنى قىلماقتا بايان ،
«تەۋپىقداشلىق » دېگەن سۆز مانا .
تەۋپىق ئىنىم ، مېىنى قوللىغان ، مەن نامىنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلىۋالغان تەۋپىقداشلىرىم سىلەرگە ئاتاپ « مېنى قوللىغانلار ۋە مەن قوللىغانلار » نامىدا بىر پارچە ئەسەر يېزىشنى ئويلاۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ، بۇ روياپقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇزارتىۋەتكەن بولساممۇ سىلەرگە چىن يۈرىكىمدىن چىققان تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن :
رەھمەت سىلەرگە ....
مەن سىلەردىن باشقىلارنى قوللاشنىڭ ، رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ، كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ، جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆگەندىم ...
تەۋپىق ئىنىم ، تۇسۇن مۇئەللىم ، رىزۋانگۈل ، ئاتەشقىز ، مېھرىما ، گۈلنىھال ، كۆكسانغۇن ، شەيدا ، تۇتىيا ، كەچمىش ،نەسىردىن ، توغراق گۈلى ، زىبا ، ئانار ... ۋە نامى ئاتالماي قالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا يەنە بىر قېتىم چىن مېھىر - مۇھەببىتىمنى يوللايمەن ...
kamalat
2014-08-16 16:39
سىزگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن .
查看完整版本: [--
مۇنبەر باشلىقىمىز ئۆزقان(ئامىنە بارات)قا بىلەت تاشلايلى!
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled