查看完整版本: [--
«تەۋپىق ئىلىم چېيى » ئۆتكىزىش ھەققىدە تەكلىپ
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
كۆڭۇلدىكى سۆز
->
«تەۋپىق ئىلىم چېيى » ئۆتكىزىش ھەققىدە تەكلىپ
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
uzqak
2014-04-21 00:08
«تەۋپىق ئىلىم چېيى » ئۆتكىزىش ھەققىدە تەكلىپ
«تەۋپىق ئىلىم چېيى » ئۆتكىزىش ھەققىدە تەكلىپ
x%B%f`]8
قەدىرلىك مۇنبەرداشلار مۇنبىرىمىز تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساس قىلىنغان ،تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا يېتەكچى رول ئويناۋاتقان مۇنبەرلەرنىڭ بىرى . جەمئىيىتىمىزدە زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن « ئىلىم چېيى » روياپقا كېلىپ ،نەق مەيدان كۆرىنىشى
hZb_P\1X
تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلىرىدە تارقىتىلغاندىن كېيىن بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ئىلم سۆيەرلىكنى ،ئېلىمنى تارقىتىشنى، ئىلىمنى ئۆز ئەمىلىيىتىگە تەدبىقلاشنى مەخسەت قىلغان بۇ پائالىيەتنى رېئاللىقىمىزدا قوللىغان قاتنىشۋاتقان كىشىلىرىمىز خېلى كۆپ. تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئونېۋىرسال ساپاسىنى ئاشۇرۇش دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇ ھەممىمىز بىلىدىغان قائىيدە .لېكىن بۇ مەسلىگە كۆڭۈل بۆلىشىمىزنىڭ يېتەرلىك بولۇش ،بولماسلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. قىسقىسى : كىتاب ئوقۇش ،ئۇنىڭغا بولغان تەسىراتىمىزنى يېزىشنى ئاساس قىلغان « تەۋپىق ئىلىم چىيى » نى مۇنبەردە تەشكىللەپ باقساق دېگەن مەخسەتتە بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
{JLtE{
«ئىلىم چىيى» نىڭ ئېلىپ بېرىلىش تەرتىۋى :
R;LP:,)
1. مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا تۇنجى قېتىملىق ئىلىم چىيىدا ئوقۇلىدىغان كىتابنى تەۋسىيە قىلىش . تاللاش ۋە بىرلىككە كېلىش ( شۇ كىتاب يوقلار سېتىۋالىدۇ )
c:('W16
2. قاتنىششنى خالايدىغانلار مۇشۇ تېما ئاستىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش
2\$oV
3. كىتابنى ئوقۇپ بولۇش ۋاقتىنى بېكىتىش
\;Weizq5
4. ئوقۇغانلىرىدىن تەسىر قىلغان جۈملىلەر ياكى ئويلىغانلىرىنى ۋاقتى چىقسىلا يوللاپ تۇرۇش .
0jfuBj5!
5. شەكلىنى كۆپ خىللىققا ئىگە قىلىپ كۆللېكتىپ ۋە شەخس بويىچە تەشكىللەش . شەخسلەر ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كىتابلار ھەققىدە توختىلىپ باشقىلارنى ئۆزى تەشكىللىگەن «ئىلىم چىيى» غا تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ .
3so%gvY.'
6. ئىلىم چېيىدىن خۇلاسە قىلىش .
z$sGv19pB
يەنە باشقا تەكلىپلەر بولسا يوللىساڭلار دېگەن ئۈمىدتىمەن.
#dHa ,HUk
تەۋەلۇتى ئىنساننىڭمۇ «ئوقۇ ! » بىلەن مەنا تاپتى،
!,PWb3S
كىتاب بىرلە يورۇغان دىل تالاي دىلغا ئىشىك ئاچتى،
t{ >q|0
كىتابسىزنىڭ ھالى خاراپ تالاي قىسمەت يالماپ ئۆتتى.
?JUe uNs9
كىتاب ئوقۇش بىلەن بىرلە روھىڭ ئۇندا ھۆسۈن تاپتى! --- ئۇزچاق
O/LXdz0B
2mU.7!g)
uzqak
2014-04-21 00:18
مەن باشلىۋەتتىم .
<3 uNl
تەۋسىيە قىلىدىغان كىتابىم :
y7<|_:00
1. «ئەدەبىياتنىڭ تۇپرىقى »
c@Is2 9t*
ئاپتورى :خەن زىيۇڭ
OrW
تەرجىمە قىلغۇچى : زاكىرجان سىدىق
`0svy}
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى : 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى
s#MPX3itK
2. «دېموكراتىزىم ۋە مائارىپ »
iRBfx
ئاپتورى : جون دېۋېي
(?];VG
تەرجىمانى :ئابدۇۋاھىد مەتنىياز ئەمىن
8,|k ao:
مەسئول مۇھەررىرى : يالقۇن روزى
{ )Xy%QV
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى : 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى
h`KU\X )A
ۋارىس60
2014-04-21 00:36
قايسى بىر چاغدا ھامۇتجان ھېكىم مۇئەللىم بىلەن دېموكراتىزىم ۋە مائارىپ دىگەن كىتاپ تۇغرىلىق ئازراق پاراڭ ئاڭلىغانتىم . قېنى باشلانغان چاغدا ھايت دەۋىتىڭلار ، ياخشى گەپ بوپتۇ.
yaxar
2014-04-21 12:34
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ، مەن دەرھال كىتاپخانىغا بىرىپ ھەر ئىككى كىتاپنى ئىزدەي
توغراق
2014-04-21 12:48
قاتنىشىش شەكلى تور بەت يۈزىدە بولامدۇ؟
Cyp'?N
مىېھرىما
2014-04-21 13:50
ياخشى پائالىيەت بولغىدەك بۇ !
H# &00 Q[
`2snz1>!j
مەنمۇ بىر ئويلىنىپ كۆرەي. مېنىڭ ۋاختىم يار بەرسە بۇ پاالىيەتنى ئاكتىپ قوللايمەن .
tawpik521
2014-04-21 14:46
دېموكراتىزىم ۋە مائارىپ بولسا مۇشۇ كىتاپ تۇغرىسىدا ئۆتكىزىلسە بەك ياخشى بولاتتى . ھە ماڭا ئوخشاش فىزىكا كەسپىدىكىلەرمۇ قاتناشسا بولامدۇ ؟
]{iQ21`a-
yaxar
2014-04-21 15:09
مىنىڭچە كىتاپ ئوقۇپ پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، كىتاپ مەزمۇنىنى ھەزىم قىلالايدىغان، كىتاپ مەزمۇنى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ۋە مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىرلىشىشنى خالايدىغان ھەرقانداق كەسىپتىكى ئادەم بۇ تەۋپىق ئىلىم چىيىغا قاتناشسا تامامەن بولىدۇ.
شىىرئەلى
2014-04-21 19:25
بەك ياخشى بوپتو مەمۇ قاتنىشاي
gulhan
2014-04-21 19:35
بەك ياخشى بوپتۇ. ئۇزچاق باشلىغان بۇخەيرىلىك ئىشقا مەنمۇ جان دەپ قاتنىشاي.
E3i4=!Y
كىتابنى سېتۋىلىشقا ئالدىراي.
. ^u,.
سىز چاقىرغان چاي بولغاچ ئوقۇپ بولۇش ۋاقتىنى ئەسكەرتىش قىلىسىڭىز.
`g,..Ns-r
#?E"x/$Y6
يەنە باشقا قائىدىلەرنىمۇ...
gulhan
2014-04-21 19:37
بۇ «ئىلىم چىيى» بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئۇزچاق، بىز تۇغۇڭىز ئاستىغا قۇرال بىلەن يىغىلىشقا بەل باغلىدۇق. ئەمدى ئاتلىنىش بۇيرىقى بېرىپ بولدىڭىز جۇمۇ
ozqan
2014-04-21 19:41
ئۇزچاق : پائالىيەت تەشكىللىگىنىڭىزدىن بەك خوش بولدۇم ...
>Q/Dk7 #
بۇ پائالىيەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغۇدەك ، ھەر بىرىمىز شۇ باھانىدە سىز تەۋسىيە قىلغان بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقايلى ئاندىن قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويايلى.
"8/,Y"W"
ئۇنداقتا ئوقۇپ بولغانلار يوللىغاچ تۇرسا ، باشقىلار قاچان ئوقۇپ بولسا شۇ چاغدا يوللىسا ۋاقىتنى ئىككى ھەپتىدە چەكلىسەك قانداق ؟
gulhan
2014-04-21 19:48
مەن ئىككى ھەپتىدە بۇ كىتابنى جىددىي تاپاي ھەم ئۇقۇي
uzqak
2014-04-21 20:19
مۇنبەرداشلارغا رەخمەت! مەن پاراكتىكا قىلىۋاتقان مەكتەپتە كىتاب ئالغان ، ياكى ئوقۇيدىغان بالىلار قول كۆتۈرۈڭلار دېسەم ئاران ئىككى ئوقۇغۇچى قول كۈتۈردى .100 يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىدىن بەكمۇ چۆچۈپ كەتتىم. چىن ئىخلاس بىلەن كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەتنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە باشمۇ قاتتۇرۇپ باقتىم. سىنىپنىڭ كەينىگە كىتاب تىزىپ قويايمۇ دەپمۇ ئويلىدىم. تارىخمىزدىكى تېراگېدىيەلىك كۆرىنىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى كىتاب بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. ئالدىنقى كۈنى بۇلاق بېشى كىتابخانىسىغا بارسام يولداشلار «قۇرئان كېرىم» نىڭ خەنزۇچىسىنى شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇپ كېتىپتۇ. خۇيزۇمىدۇ دەپ سوراپمۇ باقتىم. ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابلارنى ئوقۇپ باقمايلا ئۆلۈمنى كۈتۈۋالدىغانلىرىمىزمۇ نۇرغۇن... قىسقىسى ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان كۆرىنىشلەر كۆپ ...
YWLj?+
مەن كۆرسەتكەن بۇ ئىككى كىتابنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كىتابلار ئۈستىدە يازسىمۇ ياكى تەسىر قىلغان جۈملىلەردىن بىزنى خەۋەردار قىلسىمۇ بولىدۇ . بۇ ئىككى كىتاب ئېلان قىلىنىش ۋاقتى جەھەتتىن يېڭى. خېلى قىلىن شۇڭا ئوقۇشنى خالايدىغانلارغا تەكلىۋىم :
*pq\MiD/
ئەدەبىياتنىڭ تۇپرىقى 548 بەت ، ھەر كۈنى 40 بەتتىن ئوقۇساق ئىككى ھەپتىدە ئوقۇپ تۈگىتىدىكەنمىز. يەنى بىر كىتاب 596 بەت ھەر كۈنى 43 بەتىن ئوقۇساق ئىككى ھەپتىدە تۈگەيدىكەن. لېكىن چۈشىنىش ۋە ئكزىمىزنىڭ بىلىشىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خېلى كۈچ كىتىدىكەن .ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرساق بىر مەۋسۈمدە بىلىمىمىز يېڭىلىنىپ قالغۇدەك ...
CrLrw T
شۇڭا كۆرسىتىلگەن كىتابلارنى ئوقۇش ياكى ئۆزى تاللىغان كىتابلارنى ئوقۇشتا پىلاننى تۈزىۋېلىپ شۇ بويىچە ئىش قىلىش مۇھىممىكىن دىدىم.
.]^?
كىتابنى رەسىمى ئوقۇش ۋاقتىنى كېلەر دۈشەنبە كۈنى يەنى 4- ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن باشلىساق نەچچىلىك ئوقۇساق شۇ مەزموندىن نەچچە قۇر بولسىمۇ بىر تېما ئاستىغا يېزىپ ماڭساق قانداق بولار؟
icg fB-1|i
قوشۇلساڭلار مۇشۇ بويىچە ئىش باشلىساق ... ئۆزۈمچە تېخى دەرسلەرنى مۇھىم نۇقتىلىرى ھەققىدىكى تەھلىلنى يېزىش پائالىيىتى قىلىپ دەرس لايىھەسى تەھلىلىگە ماتېرىيال ئامبىرى شەكىللەندۈرەمدۇق دەپمۇ ئويلىغان ...
#e"[^_C@!
uzqak
2014-04-21 20:24
yaxar
:
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ، مەن دەرھال كىتاپخانىغا بىرىپ ھەر ئىككى كىتاپنى ئىزدەي
(2014-04-21 12:34)
$'v U2L
شۇنداق ئويلاشتۇق . باشقا ياخشاراق تەكلىپ بولسا مەسلىھەت بىلەن قىلارمىز ...
ozqan
2014-04-22 11:06
قوللايمەن ، ئۇزچاق :
-"x$ZnHU
ئۇنداقتا كىتابنى تېزراك تېپىپ ئوقۇپ چىقاي ...
zLQx%Yg!
5P bW[
ئۆزۈمچە تېخى دەرسلەرنى مۇھىم نۇقتىلىرى ھەققىدىكى تەھلىلنى يېزىش پائالىيىتى قىلىپ دەرس لايىھەسى تەھلىلىگە ماتېرىيال ئامبىرى شەكىللەندۈرەمدۇق دەپمۇ ئويلىغان ...
kJU2C=m@e2
l/D} X
بۇ پائالىيەتنى ئالدىمىزدا تەشكىللەرمىز ...
/ {%%"j
گۈلنىھال
2014-04-22 11:19
مېنڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچى بولغۇم بار !
ئەكبەرنىياز
2014-04-22 23:15
ياخشى تەشەببۇس ، مەنمۇ ئاۋاز قوشاي !!!
nadiraay
2014-04-22 23:17
مەنمۇ كىتابخانىغا بېرىپ باقسام بولغۇدەك. دەم ئالغۇدەك ۋاقتىم يوق بولىۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ تىرىشىپ باقاي.
رەيھان
2014-04-24 18:54
بۇ پائالىيەتنىڭ ئېنىق ۋاقتى يوقمىدۇ؟
چوغلۇق1
2014-04-25 11:44
مەنمۇ قاتنىشاي،ۋاقتى قانچىلىك؟ناھىيىلەردە بارمىدۇ بۇ كىتاپ
گۈلچىمەن
2014-04-26 23:01
«دېموكراتىزىم ۋە مائارىپ » بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك. بۇ تەكلىپ بەكمۇ ياخشى بوپتۇ.
گۈلچىمەن
2014-04-26 23:07
ئوجۇـجۇچخلفر ئفرخسخژخمۇ ۆخـفپ ئوجۇيژخغفنلفر بگۆ ئفز
خەندان
2014-04-28 16:48
قاتنىشايلى ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئۇگۇنۇپ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق ،ئازراق ئۆز كەسپىمىزنىمۇ باشلاپ قويايلى.
tawpek
2014-04-28 17:05
مەن ئىزدەپ تاپالماي يەنە ئىزدەپ شۇ كىتاپلارنى، بۇ يەردە بولمىسا ئۇيەردىن بولسىمۇ ئىلىپ تەييار قىلاي.
"b[5]Y{ U
e)ZUO_Q$
قاچان باشلايمىز؟
ئاچچىقگۈل
2014-04-30 12:38
مەن قانداق قىلارمەن؟ ۋاقىرىسام ئۈنۈم يەتمەيدۇ،قارىسام كۆزۈم....
erkamil
2014-05-08 19:19
مىنىڭ پۇلۇم يوق كىتاپ سېتىۋالالمايمەن، كىم ماڭا كىتاپ ھەدىيە قىلىدۇ. مەنمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشاي.
ئارزۇيۇم
2014-05-16 12:59
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ.مەنمۇ ئىزدىنىپ باقاي.
*A< 5*Db:F
2tLJU Z1
otkal
2014-05-16 23:06
بۇ بەك ياخشى تەكلىپ بوپتۇ،.مەنمۇ ئاۋاز قوشىمەن .ئىزدىنىپ كۆرسەك بولغىدەك
نۇرسىمانگۇل
2014-05-25 13:15
natiwan
2014-06-03 11:23
بۇ كىتاپلار تېپىلمايدىكەنغۇ ؟
مەلىكەبېلقىس
2014-06-04 16:23
مەنمۇ قاتنقشىمەن.كىتابنى سېتىۋېلىشقا ئالدىراي،قالغان گەپنى كىتابنى ئوقۇشقا باشلاپ ئاندىن قىلاي.
مەلىكەبېلقىس
2014-06-04 16:24
ھاياجاندا «قاتنىشىمەن » دېگەن سۆزنى خاتا يېزىپ پۇيۇپتىمەن ،ئەپۇ قىلغايسىزلەر.
قايناق
2014-06-30 19:51
مەنمۇ قاتنىشاي تور يۈزىدىمۇ ياكى مەيدان خاراكتىللىقمۇ؟
7/f3Z1g
قارار1
2014-07-19 17:46
ياخشى تەكلىپكەن
查看完整版本: [--
«تەۋپىق ئىلىم چېيى » ئۆتكىزىش ھەققىدە تەكلىپ
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled