查看完整版本: [-- گۈلخان نەسىرلىرىدىن1 --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> گۈلخان نەسىرلىرىدىن1 [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulhan 2014-04-20 01:31

گۈلخان نەسىرلىرىدىن1

باھارىمسەن، ئانا
j>iM(8`t1  
(لېرىك نەسىر) jI%yi-<;  
رابىيگۈل ئىبراھىم ئاسىم
i]v!o$7  
   كىشىلەر گۈل ياشلىقنى، سۆيگۈگە تولغان بەختىيار كۈنلىرىنى باھارغا ئۇخشاتسا مەيلى، مېنىڭ نەزىرىمدە، ئانا، سەنلا باھارغا ئۇخشايسەن. چۇنكى باھار ئۆز قۇياشىدىن ئىللىق نۇرچېچىپ  زىمىستاندىن مۇزلىغان مەۋجوداتقا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلسا، سەن مۇھەببەتلىك ۋۇجودىڭ بىلەن پەرزەنتكە ھاياتلىق بېرىسەن. باھاردا يىشىللىق بىخ سۈرسە، سەندىن ئىنسانىيەت تەۋەللۇت بولىدۇ. باھار ئۈمىد چاچسا قەدەملىرىدىن، سەن مۇھەببەت تۈكىسەن يۈرۈكىڭدىن. كىشىلەر باھارنى ئۈمىد بېغىشلايدۇ دەيدۇ. مەن دەيمەن مۇھەببەت بار ياردە ئۈمىد بار، بەخت بار، ھەممە بار. ئانا مۇھەببىتىلا پەرزەنت قەلبىگە ئۈمىد ئۇرىقىنى چېچىپ پەرۋىش قىلالايدۇ. tj 3p71%  
   پول مەركەز قىلىنغان ھاياتلىق رېتىمىدىكى زىمىستاندىن تۇڭلىغان قايسى بىر پەرزەنت ئانىسىنىڭ رەيھان سېلىنغان ئېشىنى ئېچىپ تۇرۇپ باھار تەپتى ھېس قىلمىغان، زامانىيلىق قىرولىرى قاپلىغان قايسى چۈشكۈن قەلىب ئانىنىڭ مىننەتسىز مۇھەببەت يالقۇنىدا ئېرىپ ئەتىسىگە ئۈمىدلىك باقمىغان دەيسىز. ھەئە، ئانا -باھار. ئۇ پەرزەنت ئۈچۈن مەڭگۈ ئىللىقلىق بېغىشلىيالايدىغان، پەرزەنتكە ئۈمىد ئاتا قىلىلايدىغان. I(.XK ucU  
   قاراڭ، قىش چىللىسىدە تىتىرەۋاتقان ياش ئانا قوينىدىكى باھار ئىللىقلىقىغا چۈمگەن بۇۋاققا؛  تۇرمۇش جودۇنلىرىدا ئۈشۈك تەگكەن ياپراقتەك قورۇلغان تۇل ئانىنىڭ بالىسىغا ئاتا قىلغان كۈيۈمىگە؛ تۇيۇقسىز ۋەقەدە يارىلانغان  ئانىنىڭ قۇرسىقى ئېچىپ يىغلاۋاتقان بۇۋىقى يېنىغا بارالماي قان تۇمۇرىنى بالىسىنىڭ ئاغزىغا تۇتىشىغا. شۇنداق ئانا يۈرىكى باھار قۇياشىدۇر پىداكارلىق بىلەن پەرزەنت ئۈچۈن كۈيىدىغان، ھاياتلىق بېرىدىغان. cW RY[{v  
قۇندۇزدەك چاچلىرى ئاقارغان، نازۇك بەللىرى يادەك ئىگىلگەن بولسىمۇ قېرىلىقتىن ماغدۇرسىزلانغان پۇتلىرىنى ئانىلىق باتۇرلىقىدا يەڭگىل ئېلىپ  قازان قاينىتۋاتقان ئانىلارنى كۆرسىڭىز روھىيىتىڭىزدىكى ھورۇنلۇق قۇرۇتلىرى ئۇجىقار، 80 گە ئۇلۇشۇپمۇ باغرىغا نەۋرىلىرىنى تارتىپ، ئانا ساردەك ئۇلارنى زامانىيلىقنىڭ يات مەدەنىيەت چاچىراندىلىرىدىن قۇغداپ تەربىيلەشلىرىنى بايقىسىڭىز ئادەمدەك ياشاش ئىتقادىڭىز چىڭىيار. ئانىنىڭ ئۆزكۈنلىرىگە شۈكرى قىلىپ مىنەتدارلىققا تۇيۇنغان دۇئالىرىنى ئاڭلىسىڭىز، رازىمەنسىز قۇرغاقلاشقان قەلبىڭىزگە ئەگىز قۇيۇلغاندەك بولار. شۇنداق، ئانا -باھاردۇر، ئىش-ئىزلىرى بىلەن مۇز بولۇپ قاتقان يۈرەكلەرنى شۈررىتىدە ئېرىتىدىغان، پەزىلىتى بىلەن تۇمۇر-تۇمۇرلىرىڭىزدا  ئىنسانىي خىسلەتلەرنى ئۇيغۇتىدىغان .   ~EBZlTN  
   ئانا، جىنىم ئانا! سەنلا مېنىڭ باھارىمسەن! يارالمىشىم مۇھەببەتلىك جىسمىڭنى زېمىن قىلىپ، سەبىيلىكىم قوينىڭنى باغ قىلغان. تاتلىق تىلىم سەندىكى شېرىن سۆز بۇلىقىدىن سۇ ئىچىپ، پەزىلەتلىرىم پەرۋىشىڭدە يېتىلگەن؛ ئادىمىيلىك غۇرور قان-قېنىمغا سۈتۈڭ بىلەن سىڭىپ قىممىتىمنى ئاشۇرغان، مېنى ئەزىز قىلغان . شۇنداق ئانا، ھەر تىنىغىمدا سەن بار ئىكەنسەن. روھىڭ روھىمغا سىڭىشىپ، ئادەتلىرىڭ باھاردا سېلىنغان ئۇرۇقتەك خارەكتىرىمدە گەۋدىلىنىپ مېنى ئادەم قىلغان ئىكەن، شۇڭا مەن باھار قىزى بولۇپ ئەتەمگە ئۈمۈتلۈك باقالايدىكەنمەن. سەن قالدۇرغان ئۇدۇمدا پەرزەنتىمگە باھار بۇلالايدىكەنمەن. rZEu@63  
   ئانا، جىنىمئانا، سەن مېنىڭ كەتمەس باھارىمسەن! گەرچە ھاياتلىق قانونيىتى جىسىمىڭنى ئېلىپ كېتەلىسىمۇ، باھار تەپتى ھېس قىلدۇرىدىغان روھىڭنى ئېلىپ كىتەلمەس. روھىم روھىڭسىز پۈتۈنلىكىنى تاپالماس. سەن مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۈمىد بېغىشلىيالايدىغان، مۇھەببەت بېرەلەيدىغان باھارىمسەن! سەنلا مېنىڭ مەڭگۈلۈك باھارىمسەن! - M]C-$  
Ud](hp"  
مەنبە: شىنجاڭ گىزىتى 2014-يىل 4-ئاينىڭ 13 -كۈنىدىكى سانىدىن)

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-04-20 02:02
گۈلخاننىڭ بۇ لېرىك نەسىرى يۈرەككە تەگدى .ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئاددى ئەمما ،ئەڭ ئۇلۇغ ئىنساندۇر ،كۆپلىگەن  مەدھىيەلەر ئۇلۇغ ئانىغا بولسۇن ،بارچە پەرزەنىتكە ،ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇلۇپمۇ ئانىلارنىڭ رازىلىقىنى ئىلىش نىسىپ بولسۇن !

ياسىنجان510 2014-04-20 10:13
گۈلخاننىڭ ناھايىتى ئېسىل تېمىنى يوللىغىنىغا رەھمەت .ئانىلارغا  بېغىشلانغان تېمىلارنى قانچە تەكرار-تەكرار  ئوقۇساقمۇ يەنىلا ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.

گۈلنىھال 2014-04-20 10:43
‏گۈلخانىم مۇبارەك بولسۇن ، ئوتلۇق لىرىكا يۈرەككىلا بېرىپ  كۆزلەر نەمدەلدى ، يۈركىم شۈررىدە ئېقىپ چۈشكەندەكلا ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم . O:#to  
‏  دىمىسىمۇ  ئانىلار ئۆزنىڭ ئىشچانلىقى  ، ھارماس - تالماسلىقى بىلەن ، بەدەل تۆلەش روھى بىلەن ئۇلۇغلىنىپ كېلىۋاتىدۇ .... Q/< $ (Y  
,xGlWH wrY  
‏ئانىلار پەرزەنتىلەرنىڭ ئۆلمەس باھارى ، ئانىلار پەرزەنتىلەرنىڭ قۇرىماس  يىلتىزى .... $rdA0%;  
_uRgKoiy  
‏ ئېسىل نەسىر بوپتۇ . ئىجادىيىتىىزگە بەرىكەت تىلەيمەن ! [P[syi#]t  
q* m%Fv  

مىېھرىما 2014-04-20 11:15
گۈلخانىڭ بۈ نەسىرى يۈرەك تارەمنى چەكتى!! ;'nu9FU*O  
دۇنيا شۇ ئانلار بولغاچقىلا شۇنچە گۈزەل.ئانلار بالىلارنىڭ مەڭگۈ يۆلەنچۈگى، بۇ نەسىرنى بەكلا ياقتۇردۇم. {4#'`Eejj  
كۆچۈرۋالدىم سىزگە رەھمەت!!!

مىېھرىما 2014-04-20 11:16
گۈلخانىڭ بۈ نەسىرى يۈرەك تارەمنى ەكتى! N>VA`+aFR  
دۇنيا شۇ ئانلار بولغاچقىلا شۇنچە گۈزەل.ئانلار بالىلارنىڭ مەڭگۈ يۆلەنچۈگى، بۇ نەسىرنى بەكلا ياقتۇردۇم. [t ,7H  
كۆچۈرۋالدىم سىزگە رەھمەت!!!

gulhan 2014-04-21 19:30
ئەزىزلەرنىڭ  يازمامغا كۆزيۈگۈرتكىنىگە  تەشەككۈر.

ozqan 2014-04-22 11:08
گۈلخان  ، ئېسىل نەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ، يۈرەك لەرزىگە كەلدى ... N-;e" g  
'@rGX+"  
ھارمىغايسىز ، داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز ...

ئۇيغۇر 2014-04-24 00:37
بەك ياخشى نەسىركەن. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

kok-sultan 2014-04-24 12:23
لىرىك كۈيلەر سەنئەتلىك خاراكتېرگە ئىگە قىلىنسا، ئاندىن ئەسەر كىشىنىڭ قەلب تارىنى چېكەلەيدۇ، رەھمەت سىزگە!


查看完整版本: [-- گۈلخان نەسىرلىرىدىن1 --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled