查看完整版本: [-- ئوقۇتۇش ماھارىتىڭىز كۆپ خىل بولسۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> ئوقۇتۇش ماھارىتىڭىز كۆپ خىل بولسۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەبنەم 2014-04-19 23:42

ئوقۇتۇش ماھارىتىڭىز كۆپ خىل بولسۇن

A#@_V'a8  
@4+#Xd7"  
                                     ئوقۇتۇش ماھارىتىڭىز كۆپ خىل بولسۇن 8 ;g Xg  
C"uahP[Y  
v1G"3fy9  
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ قەدەممۇ -قەدەم چوڭقۇرلىشىشىغا  ئەگىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم  ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ بارغانچە يۇقۇرلاپ بارماقتا . ‹‹ ئۇمىچى يوق مازاردىن شەيخ قېچىپتۇ ›› دىگەندەك ، بىلىمى كونىرغان ئوقۇتقۇچىدىن ئوقۇغۇچىلار قاچىدۇ ئەلۋەتتە . [j,txe?n  
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىن : ‹‹ ھازىرقى دەۋىردە ئوقۇتقۇچى ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ بىلىم فۇندىنى بېيىتىپ ۋە يېڭىلاپ تۇرماي ئۆز مەجبۇرىيتنى ئادا قىلىشى مومكىن ئەمەس ›› دىگەن ئىدى . 6cS>bl  
يۇقارقى ھېكىمەتتىن ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن بىلىم يېڭىلاشنىڭ ، ئۆزلىكسىز ئۈگىنىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس . ئەمما ، ئوقۇتقۇچىدا مول ئۇنۋېرسال بىلىم بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ماھارىتىنڭ بولىشىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر بولماقتا . cDEJk?3+  
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ماھارىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ دەرىسكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرىدۇ ، دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرىدۇ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى دەرىسخانىدىن ، كىتابتىن سىرىتقا باشلاپ چىقىدۇ .ئوقۇتقۇچى ئۆزى بېرىۋاتقان دەرىسنىڭ خاراكتېرى ، دەرس ئۆلچىمىنى پىششىق بىلگەن ئاساستا ئوقۇتۇش ماھارىتىنى يېڭىلاپ تۇرالىسىلا  ئۆزىنىڭ دەرسخانىدىكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرالايدۇ . )Di \_/G  
مەكتىۋىمىزدە بىر ئوقۇتقۇچى  ‹‹ سىزمۇ  مۇخبىر بولالايسىز ›› ناملىق بىر سائەتلىك ئوچۇق دەرسنى مۇنداق ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ماھارىتى ھەممىمىزنى تولىمۇ قايىل قىلدى . G%l u28}D  
بۇ بىر سائەتلىك ئوچۇق دەرسنى ئاڭلاشقا ھەر قايسى ئوقۇتۇش گورۇپپا باشلىقلىرى ، ئىلمىي مودىر ، ئوقۇتۇشقا مەسئول مودىرمۇ كىردى .( خىزمەتدىشىم مودىر ۋە ئىلمىي مودىرنى كىرمەيدۇ دەپ ئويلاپتىكەن ) دەرس ناھايتى تەبئىي ئۆتۈلدى . ئوقۇتقۇچى ئالدىن تۈزۈلگەن دەرس دېتالىدىن مۇخبىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردىكى ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ، ھەرخىل موھىتلاردىكى ئەمەلىي خىزمەت كۆرۈنىشلىرىنى بىرمۇ -بىر كۆرسۈتۈپ ، ئولارنىڭ ئوخشىمىغان موھىتلاردا ئۇچىرايدىغان  ئوخشىمىغان قېيىنچىلىقلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھېس قىلغۇزغان ئاساستا سۆزلەتكۈزدى ،ھەم مۇخبىرلىق خىزمىتىنىڭ جەمىيەتتىكى  ئەھمىيىتى ، رولى ،جاپاسى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىگە چوڭقۇر ھېس قىلغۇزدى . ئاخىردا ئوقۇغۇچىلارنى دەرس ئاڭلاشقا كىرگەنلەرنى مۇخبىر ئورنىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى .ئوقۇغۇچىلار دەسلەپتە ئاددى -ئاددى سۇئالللارنى سورىدى ،بارا-بارا مەكتەپتىكى قىززىق نوقتىلارنى ، ئوقۇغۇچىلار ئۆز مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى سوراپ ،دەرسخانا كەيپىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە جانلاندۇردى . \6I +K"  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئورۇنلۇق سۇئاللىرىغا مەكتەپ مودىرىمۇ ئويلىنىپ جاۋاپ بېرىشقا باشلىدى . ئوقۇغۇچىلار مۇنداق سۇئاللارنى سورىغان ئىدى . A Io|TD5{~  
-    مەكتەپ مودىرى نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىمىز تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە جانلىنىپ ، تەكشۇرگۈچىلەر كەتكەندە يوقاپ كېتىدۇ ؟ داۋاملىق جانلاندۇرۇشقا بولمامدۇ ؟ L5YnG_M&  
-    بىزنىڭ تاپشۇرۇقىلىرىمىز بەكلا كۆپ ، بېسىمىمىز ئېغىر ، ئۇيقۇغىمۇ قانمايمىز، تاپشۇرۇقنى ئازلىتىشقا بولامدۇ ؟ vV?rpe|%  
-    ئاخشىمى ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلار كەچلىك تەكراردىن چىقىپلا يەنە قورسىقىمىز ئېچىپ كېتىدىكەن، مەكتەپنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىك تارقىتىپ بېرەلەمدۇ ؟ 0 C%W&;r0  
-    بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوچۇق دەرس ۋاقتىدا دەرسنى ناھايتى ياخشى سۆزلەيدۇ ،باشقا ۋاقىتتا ئادەمنى بېزار قىلىدۇ ، مەكتەپ مۇدىرى ، سىزنىڭ ھەممە دەرسنى ئوچۇق دەرستەك ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە قۇربىڭىز يېتەمدۇ ؟ ... دىگەندەك سۇئاللار ئىدى . }G 
شۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ، ئۆزلىرىنى تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ مۇخبىرلىرىدەك ئورۇنغا قويۇپ زىيارەت قىلدى .دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ ۋاقىت توشۇپ كەتكىنىمۇ ھېچكىمنىڭ پەرۋايىغا كەلمىدى .ئوقۇتقۇچى دەرستىن چۈشۇڭلار دىمىگەن بولسا ، بەلكىم كىيىنكى سائەتمۇ داۋامىلىشىدىغاندەك ئىدى . zvc`3  
ئوقۇغۇچىلارغا نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش پۇرسىتى يارتىلغاچقا  ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل بولدى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ چاغدىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ، شۇ تېكىستنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن دەرھاللا بۇ ماھارەتنى قوللىنىشى شۇ سائەتلىك دەرسكە جان كىرگۈزۈپ ،ھەممەيلەن رازى بولغان بىر سائەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈلگەن  دەرس بولدى . +k 
مەكتىۋىمىزدىكى يەنە بىر بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى ‹‹ قان يەتكۈزگۈچى پومپا –يۈرەك ›› ناملىق دەرىسنى ئۆتتى . بۇ دەرسنى مەن بىلەن يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بىرگە كىرىپ ئاڭلىدۇق . MTGiAFE  
ئوقۇتقۇچى دەرس باشلىنىش بىلەنلا ئۈچ گورۇپقا ئۈچ دانە قوينىڭ يۈىكىنى تارقىتىپ ، يۈرەكنىڭ تۈزۈلىشىگە دائىر مەزمۇننى بەش مىنۇت ئەتىراپىدىلا سۆزلىدى ، ئاندىن يۈرەكنىڭ پۈتكۈل ئىچكى تۈزۈلىشىنى دوسكىغا سىزىپ بولغاندىن كىيىنلا گورۇپپىلار بويىچە ھەمكارلىشىپ ، يۈرەكنى قولى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ كۈزۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى . ئوقۇغۇچىلار دوسكىدىكى تۈزۈلۈشكە ئاساسەن قولىدىكى يۈرەككە بەلگە سېلىپ ، ئىچكى تۈزۈلۈشلەرنىڭ نامىنى ئاتاشقا باشلىدى .يۈرەك قولدىن قولغا ئۆتۈپ ،ئوقۇغۇچىلار خۇددى تىببىي ئىلىم ساھەسىدە تەربىيلىنىۋاتقان بولغۇسى دوختۇرلاردەك قوللىرىغا كىچىك پىچاق ئېلىپ يۈرەكتىكى سىرلارنى قېزىشقا باشلىدى . |C%Pjl^YkV  
يۇقارقى ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ قوللانغان ماھارىتى ئۆتۈۋاتقان دەرسنىڭ خاراكتېرىگە تولىمۇ ماس كەلگەن بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى تار نەزىرىيەدىن ھالقىتىپ ئەمەلىيەت ئىچىگە ، تار تەپەككۈر كۆلچەكلىرىدىن ھالقىتىپ مۇلاھىزە دېڭىزلىرىغا باشلاپ كىرگەن .ئوقۇغۇچىلاردا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغاپ شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۈنۇمىنى ئاشۇرغان . $4FX(O0Q@  
دىمەك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ماھارىتىنىڭ كۆپ خىللىقى دەرسخانىغا جان كىرگۈزۈپلا قالماي ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇنبەردىكى ھاياتىي كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ . lS^(&<{  
`p kMN  
مەنبە --- ئۆز قەلەم (  ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم )   DmVP  
5BkV aF7Th  
(تورداشلارنىڭ يۇقارقىدەك ئېسىل ماھارەتلىرىنى ئېرىنمەي تونۇشتۇرۇشىنى ئۆمىد قىلىمەن ، ئېسىل ماھارەتلەر مەخپىي قالىمىسۇن ، ئۆز ئارا ماھارەت ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە قارا كۆز ئەۋلادلارغا ئازغىنە بولسىمۇ نەپ بېرەلىسەك ئارمىنىمىز چېچەك ئاچىدۇ  ...) 5F|8?BkOL^  
                                   g$:Xuw1  

رەيھان 2014-04-24 10:57
ھەقىقەتەن ياخشى بىر تەرەپنى كۆرسىتىپ بېرىپسىز. سىز ئېيتقاندەك بىزنىڭ ئوچۇق دەرسلىرىمىز مەكتەپ دەسر ئورۇنلاشتۇرغاندا كۆپىيىپ كېتىدۇ. ۋاقىت ئـتىمۇ جىمىپ كېتىدۇ، يەنى بىرى سىرتتىن دەرس ئاڭلىغۇچىلار كەلسە سايراپ كېتىمىز.

uzqak 2014-04-24 12:03
ياخشى يازمىكەن، ئۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىزدىنىشىگە ئىزچىللىق يار بولغاي! ئوقۇتۇش كۈندىلىك خاتىرىسى يازدىغانلار خېلى كۆپ ئىدۇق ، تۇرۇپلا ھەممىمىزلا يازماس بولدۇق.... يەنە باشلىۋالساق بولارمىكىن. CxhY$%C (L  
«ئۇچۇق دەرس » دېگەن نام خەنزۇلارنىڭ ”公开课 “ ئاتالغۇسىغا ئاساسەن تەرجىمە قېلىنىپ قوللانغان نام. ئەمىلىيەتتە دەرسنىڭ ئۆزى ئۇچۇق بولىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۇچۇقلىقى نوقۇل ھالدىكى باشقىلار كىرىپ ئاڭلاشقا بولىدۇ دېگەن مەنىلىلا ئەمەس ، دەرسلىكنىڭ پىشىقلىنىشى، ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيىتى بىلەن ماسلىشىش ، يېڭىلىق ئېلىپ كېلىشى بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىغا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتەلىشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ . شۇڭا دەرسنى كۈندە «يىپىق » ئەمەس «ئۇچۇق » قىلىش زۆرۈريەت!

ھاتەھاتەم 2014-04-26 18:30
ئۇزچاق دىگىنىدەكدەرسلىكنىڭ پىشىقلىنىشى، ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيىتى بىلەن ماسلىشىش ، يېڭىلىق ئېلىپ كېلىشى بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىغا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتەلىشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ مۇشۇ شارتلەرنى ئوقۇتقۇچىلار ھازىرلاپ تۇرۇشىكېراك

شۈكۈر 2014-04-27 10:12
ھەقىقەتەن ياخشى بىر تەرەپنى كۆرسىتىپ بېرىپسىز.


查看完整版本: [-- ئوقۇتۇش ماھارىتىڭىز كۆپ خىل بولسۇن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled