查看完整版本: [-- غول ھۈجەيرە ھەققىدە قىسقىچە ساۋات --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> غول ھۈجەيرە ھەققىدە قىسقىچە ساۋات [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-04-19 20:26

غول ھۈجەيرە ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

غول ھۈجەيرە ھەققىدە قىسقىچە ساۋات   `nvm>u~[Hq  
بىلگەجان 8euh]+  
'  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!; p&O-]o8  
     «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» يېتىپ كىلىش ھارپىسىدا سۆيۈملۈك «ئانا تىلىم - ئۇيغۇر تىلى» غا بولغان ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن سىلەرگە ئاددى بولسىمۇ تۆۋەندىكى سوۋغامنى ئىلىپ كەلدىم. ئۇيغۇر تىلىدا پەننى بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قىلىش يولىدىكى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، بۇ خىزمەت يۇقىرى پەننىي بىلىم ساپاسى ۋە ئانا تىل سەۋىيىسى تەلەپ قىلىدۇ. باشقا ساھەلەردە يېزىقچىلىق قىلىش قانچىلىك مۇھىم بولسا ئۇيغۇر تىلىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم، ھەتتا بۇنىڭ خەلقىمىزگە ئىلىپ كىلىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولۇشىمۇ مۇمكىن، دەپ قارايمەن. تۆۋەندە مەن پۈتۈن دۇنيا جامائىتى ئورتاق قىزىقىدىغان غول ھۈجەيرە ئۈستىدىكى ئاددىي بىلىملەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بۇ يازمىنى يەنە دۇنياغا داڭلىق غول ھۈجەيرە بىلوگىرى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى - دەيۋىىس تارمىقىدا غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇۋاتقان پرافىسور، دوكتۇر پول نۆفىلېرنىڭ بىلوگى (http://www.ipscell.com/scope-glo ... tion/#comment-23650)غا ئەۋەتتىم ۋە ئۇنىڭدىن 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن بۇرۇن تور بېتىگە ئۇيغۇر بېتىنى قوشۇپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم. بۇ تور بەت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى غول ھۈجەيرىگە قىزىقىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ناھايتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەزمۇننىڭ بۇ تور بەتكە قويۇلۇشى ئۇيغۇر تىلىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ئاز بولسىمۇ رول ئوينىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلى بېتى قوشۇلغاندا مەن بىۋاستە ئۇلىنىشىنىمۇ مۇشۇ يەرگە قويۇپ قويىمەن ھەم ۋاقتى كەلگەندە كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنى قوللاش ئۈچۈن شۇ بەتنى كۆپلەپ چېكىپ قويۇشىنى سورايمەن. يازمامدا ھەر قانداق ئىملا خاتالىقى ساقلانغان بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق بولغاندا دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنىدە بۇ يازمام بىرمۇ ئىملا خاتالىقى ساقلانمىغان ھالاتتە كۆرۈنۈپ تۇرسىكەن، دىگەن ئۈمىدتىمەن。 O' I B|zVq=l~  
غول ھۈجەيرە دىگەن نېمە؟  7z?r x  
ئىنسان بەدىنى كۈندىلىك ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەچچە يۈز خىل ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھۈجەيرىلەر بىزنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزنىڭ كاپالىتى. مەسىلەن، ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن يۈرەك سوقۇپ تۇرىدۇ، مېڭە ئويلايدۇ، بۆرەك قاننى تازىلايدۇ، يەنە بەزى ھۈجەيرىلەر چۈشۈپ كەتكەن تېرىلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، دىگەندەك. غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتى بولسا ئۇلار بەدەندىكى باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. غول ھۈجەيرىلەر بەدەندىكى يېڭى ھاسىل بولۇپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ مەنبەسىدۇر. غول ھۈجەيرىلەر بۆلۈنگەندە ئۆزىگە ئوخشاش ھۈجەيرىلەر ۋە ياكى بەدەندىكى باشقا تىپتىكى ھۈجەيرىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن، تېرە غول ھۈجەيرىلىرى بۆلۈنۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تېرە غول ھۈجەيرىلىرىنى ياكى قارا پېگمىنت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە فۇنكىسىيىلىك تېرە ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.4 K* ]0 V; f/ | ).Ei:/*j  
غول ھۈجەيرىلەر نېمىشقا ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن مۇھىم؟3 o- X# S# Y' a. r1 d N!`8-ap\^  
بىز زەخمىلەنگەندە ياكى كېسەل بولغاندا، بىزنىڭ مەلۇم ھۈجەيرىلىرىمىزمۇ زەخمىلەنگەن ياكى ئۆلگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا غول ھۈجەيرىلەر ئاكتىپلىشىدۇ. غول ھۈجەيرىلەرنىڭ خىزمىتى بولسا زەخمىلەنگەن توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دائىم ئۆلۈپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىلىرىمىزنىڭ ئورنىغا يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىپ سەپلەشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق غول ھۈجەيرىلەر بىزنىڭ ساغلام تۇرۇشىمىز ۋە بالدۇر قېرىپ كەتمەسلىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، غول ھۈجەيرىلەرنى بىزنىڭ «مېكروسكوپتا كۆرگىلى بولىدىغان دوختۇرىمىز» دەپ ئېيتساق بولىدۇ. V`n;W6Q17  
( c; P+ \' v& T! ]  j; z {c3u!} mW  
غول ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟ {4&G\2<^^  
غول ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئالىملار بەدىنىمىزدىكى ھەر قايسى ئەزالاردا ئۆزىگە خاس غول ھۈجەيرىلەر مەۋجۇت دەپ قارايدۇ. مەسىلەن بىزنىڭ قېنىمىزدا «قان غول ھۈجەيرىلىرى» مەۋجۇت بولىدۇ. بىراق، غول ھۈجەيرىلەر يەنە ئىنسان يېتىلىش باسقۇچىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىمۇ مەۋجۇت. ئالىملار بۇ خىل ھۈجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىپ ئۆستۈرگەندە، ئۇلار «تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالىملارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرگە قارىتا ناھايتى ھاياجانلىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بولسا بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ تۇغما خىزمىتى - دەل بەدىنىمىزدىكى بارلىق ئەزا-ئورگانلارنى ھاسىل قىلىش بولغانلىقىدا.  بۇ دىگەنلىك تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى چوڭلار تېنىدىكى غول ھۈجەيرىلەرگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىز بۇ خىل ھۈجەيرىلەرنى «ئالداش» ئارقىلىق نەزەرىيە جەھەتتىن لازىم بولغان بەدىنىمىزدىكى نەچچە يۈز خىل ھۈجەيرىلەرنىڭ خالىغىنىغا ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، بىر قان غول ھۈجەيرىسى پەقەت يېڭى قان ھۈجەيرىلىرىنىلا ھاسىل قىلالايدۇ؛ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى بولسا تېنمىزدىكى قان، تېرە، سۆڭەك، مېڭە، يۈرەك… دىگەندەك بارلىق ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلەر تۇغما ھالدا بەدىنمىزدىكى ھەر قايسى توقۇلما، ھەتتا ئەزالارنى شەكىللەندۈرۈشكە خاس قىلىپ «پىراگروممىلانغان»؛ ئەمما چوڭلار غول ھۈخەيرىلىرى ئۇنداق ئەمەس. بۇ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ كېسەل تەگكەن ئەزالارنى داۋالاشتىكى يوشۇرۇن كۈچىىنىڭ تېخىمۇ زور ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى ئادەتتە تۇغماسلىقنى داۋالاش ئورۇنلىرى ئىشلەتمەي ئېشىپ قالغان بىر نەچچە كۈنلۈك تۆرەلمىلەردىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى ئايرىۋىلىنمىسا بۇ تۆرەلمىلەر بەرىبىر تاشلىۋىتىلىدۇ. .O'S@ %]  
0 d: K% ~( h. O* D0 w! S; v +o)S.a+7  
iPS ياكى ئىندۇكسىيەلەنگەن تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۈجەيرىلەر دىگەن نېمە؟8 v* j5 A3 l! Q/ c" F% I4 { R{kZ KD=  
& ~- T( Z4 L8 N* \' S6 ]- o R3wK@D  
نۆۋەتتە ئالىملار ۋە دوختۇرلار iPS دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى غول ھۈجەيرىلەردىن زور ھاياجانغا چۆممەكتە. بىزنىڭ بۇنچىۋالا ھاياجانلىنىپ كېتىشىمىزنىڭ سەۋەبى بولسا iPS ھۈجەيرىلىرى ئاساسەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرنىڭ بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە، ئەمما ئۇلار تۆرەلمىدىن ئېلىنمىغان. شۇڭا iPS ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەتكەندە ئەخلاق مەسىلىسى كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، iPS ھۈجەيرىلىرى بىمارنىڭ ئۆز تېنىدىكى غول ھۈجەيرە بولمىغان ئادەتتىكى ھۈجەيرىسىدىن ياسىلىدىغان بولغاچقا بىمار بەدىنىگە بۇ خىل ھۈجەيرىلەرنى كۆچۈرگەندە بىمار ئىممۇنىت سېستىمىسىنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇنداق قىلىپ ئادەتتىكى غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈشتىكى يەكلەش مەسىلىسىمۇ ھەل بولغان بولىدۇ. دىمەك، «بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى تەڭ سوقتۇق» دىگەن گەپ.4 I; S* H( ]. r9 P9 }9 F( K _ ;$VH4(BI  
غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىستىقبالى قانداق؟ غول ھۈجەيرىلەر قانداق قىلىپ كەلگۈسىدە دوختۇرلارنىڭ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟" K6 `+ S* V2 G+ o/ u l%.3hId-  
! f8 P+ d& ]: l3 {1 M }8GCO Y  
غول ھۈجەيرىلەر تۇغما ھالدا كېسەل ۋە قېرى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى ئىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، ئالىملار ھەر كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىغا چىن پۈتىدۇ. بۇ يەردىكى كۆز-قاراش بولسا بىز ئاغرىقلارغا غول ھۈجەيرە ياكى غول ھۈجەيرىلەردىن ئىندۇكسىيەلەنگەن ھۈجەيرىلەرنى سېلىش ئارقىلىق، غول ھۈجەيرىنىڭ تۇغما ساقايتىش خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ بىمارنى يەنە بىر قېتىم ساغلام ھاياتقا ئىگە قىلالايمىز. مەسىلەن، بىر يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن ئاغرىغان بىمارغا بىز غول ھۈجەيرىلەرنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق يېتىدىغان نىشانىمىز بۇ غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن زەخمىلەنگەن يۈرەك ھۈجەيرىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت. بەدىنىمىزدە تەبئىي مەۋجۇت بولغان غول ھۈجەيرىلەر چوڭلار غول ھۈجەيرىلىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ بەدىنىمىزنىڭ زەخمىلەنگەن قىسملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر چەكلىك بولىدۇ. يۇقىرىدا مىسال ئالغان يۈرەك تىقىلمىسىغا كەلسەك، بىزنىڭ تېنىمىزدىكى تەبئىي بار بولغان غول ھۈجەيرىلەر بۇنداق چوڭ زەخمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، ئەمما مىليونلىغان غول ھۈجەيرىلەر بىمار تېنىگە كۆچۈرۈلگەندە، ئۇ ھالدا بۇنىڭ ئۈنۈمى نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىمارغا غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئارقىلىق بىمار بەدىنىدىكى تەبئىي بار بولغان غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ناھايتى چەكلىك زەخمىنى ساقايتىش ئىقتىدارىنى ئۇلارنىڭ تەبئىي ئىقتىدارىدىن ھالقىغان ھالدا غايەت زور دەرىجىدە قوزغىتالايمىز. غول ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئومۇملىشىشتىن بۇرۇن، غول ھۈجەيرىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى (غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسمە ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغانلىقتىن) ۋە ئىممۇنىتلىق يەكلەش مەسىلىسى يەنىلا بىزگە جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرماقتا. شۇنداقتىمۇ، غول ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش مېدىتسىنا ساھەسىدە مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن، بەلكىم كەلگۈسى 10-20 يىل ئىچىدە ھەممىمىزنىڭ بىرەر قېتىم غول ھۈجەيرە كۆچۈرگۈزگەن تونۇشلىرىمىز بار بولۇشى ئېھتېمالغا يېقىن، ھەتتا بۇ ئۆزىمىز بولۇپ قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن. غول ھۈجەيرە ئىنسانلار ھازىر يۈزلىنىۋاتقان بارلىق ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۆزىدە ساقلىماقتا، بۇ كېسەللەر بەلكىم راك، يۈرەك كېسىلى، پاركىنسون كېسىلى، كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش، خانتىڭتون كېسىلى، يۇلۇن زەخمىسى، ۋە ياكى سىز بىلىدىغان ساقايماس دەپ قارالغان باشقا كېسەللەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. 1 E, c/ Z3 Y7 u/ `, O4 ]; T4 E Fe%Q8RIh_  
/ j7 F2 z2 p2 {6 m  o/ b3 l >e($T !}Z  
ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا رۇخسەتسىز، خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.$ H( u# l4 i. j. \: }3 ?$ C hZVF72D26  
مەنبە: باغداش مۇنبىرى &`0y<0z  
قاراسۇ بۇ تېمىنى تەستىقلىغان، ۋاقتى: 2014-2-19 15:10 ~4.Tq{  
        مەننە:قاراسۇ  مۇنبىرىدن ow:c$Zq  
~=aGv%vX  

گۈلنىھال 2014-04-20 11:02
‏يېڭى بىلىمكەن ، رەھمەت !

مىېھرىما 2014-04-20 11:45
ياسىنجان ئۇنۋېرسال يازمىلار بىلەن مۇنبەرگە كۆپ ئەجىر قىلىپ كەلدى. بۇ يازمىسىمۇ بەكلا ياخشىكەن. رەھمەت!


查看完整版本: [-- غول ھۈجەيرە ھەققىدە قىسقىچە ساۋات --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled