查看完整版本: [-- گۈلنىھال : ‏‏ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> گۈلنىھال : ‏‏ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-04-19 18:32

گۈلنىھال : ‏‏ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان ؟

          ‏‏ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان ؟ /~_,p,:aP  
F44KbUH  
E3 aj  
                            يالقۇن روزى ? VHOh9|AT  
/\UFJ  
yxL(mt8  
     ئانا دىيارىمىزغانىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلى ۋادىسى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى، يەنى جەدىدچەمائارىپ ھەرىكىتىدىكى ئاۋانگارت ئورۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تارىختا ئىلىۋادىسىدا ئېچىلغان جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى باشقا يۇرتلارنىڭكىگەسېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن ئۈستۈن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، شۇنىڭغا يارىشا 1980-يىللاردىنھازىرغىچە ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاقىدار ماقالە-ئەسلىمىلەرمۇ كۆپلەپ يېزىلىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈكمەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 30 يىلدىن بۇيان يېزىلغان بۇماقالە-ئەسلىمىلەردەئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى چىنلىق ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتىن قايىل قىلارلىقدەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىلمىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ماقالە-ئەسلىمىلەر ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتاماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە، بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. لېكىن 30 يىلچە ۋاقىتئىچىدە بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشتە تەتقىقات دەرىجىسىدە يېزىلغان بىرەر ماقالە-ئەسەربارلىققا كەلمىدى، بۇ توغرۇلۇق يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر بەك بولسا يۈزەكىبايان شەكلىدىلا بولدى. 30 يىلدىن بېرى يېزىلغان ئاشۇ ماقالە-ئەسلىمىلەردەكۆرۈلگەن زىددىيەتلىك بايانلار، خاتا تەپسىلاتلار، ئېگىز-پەس يىلنامىلەر توغرۇلۇقتەنقىدىي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن بىرەر ماقالىنىڭمۇ مەتبۇئاتتا كۆرۈلمەسلىكى، بۇجەھەتتىكى ئىزدىنىشتە ئىلمىي روھنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەربىزدە ئىلمىي روھ يېتەرلىك بولغان بولسا، بۇ ماقالە-ئەسلىمىلەردىكى بايانلارنىڭ قايسىسى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن،يىلنامىلەرنىڭ قايسىسى ئىشەنچلىك، شەخسلەرگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنىڭ چىنلىقئاساسى قانچىلىك؟ دېگەندەك گۇمانىي سوئاللار ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا چىققان بولاتتى.جەرياننى سۈرۈشتۈرۈش، پاكىتنى دەلىللەش ئارقىلىق كۆزقاراشلارنى ئىنكار قىلىش ياكىمۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ئىلمىي پوزىتسىيەمىز ئاجىز بولغاچقا، گويا 30 يىلدىن بۇيانيېزىلغان ماقالە-ئەسلىمىلەرنىڭھەممىسى توغرىدەك، ئىلىدا يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى، شەكىللىنىشىھەققىدىكى بايانلار ۋە يىلنامىلەر، بۇ ھەرىكەتتە باشلامچى بولغان تۆھپىكار بايلارۋە مائارىپچىلارغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسى توغرا قەيت قىلىنىپكېلىۋاتقاندەك ئەھۋال كۆرۈلدى. ئەمەلىيەتتە، خاتالىق ناھايىتى ئېغىر ئىدى. تېخىمۇيامان يېرى، خاتالىق ئىزچىل تەكرارلىنىشتەك بىنورماللىق مەۋجۇت ئىدى. بۇخاتالىقلارغا رەددىيە ۋە تۈزىتىش بېرىش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. بولمىسا، بۇ جەھەتتىكىئىزدىنىش چوڭقۇرلاشمايتتى، سۈپەت كۆتۈرۈلمەيتتى. E9v_6d[  
vUgMfy&  
     مەن خېلىدىن بېرىئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىغا ئائىت ماقالە-ئەسلىمىلەردىكى خاتالىقلارنى بايقاپ كەلگەن بولساممۇ، «ئۇيغۇر يېڭىمائارىپ تارىخى» ناملىق يېزىلىۋاتقان كىتابىمدا تۈزىتىپ ھەم توغرىلاپ كەتسەملابولىدىغۇ، دەپ قاراپ مەخسۇس ماقالە يېزىشنى خىيال قىلمىغان ئىدىم. لېكىن،مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012-يىلى نەشر قىلىنىپتارقىتىلغان زور ھەجىملىك «جەننەت ماكان − ئىلى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ يېڭىمائارىپ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بابىدا ئىلمىي خاتالىقلارنىڭ ئوخشاشلاتەكرارلانغانلىقىنى كۆرۈپ قولۇمغا قەلەم ئېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدىم. uxD$dd?  
I@o42%w2  
    ئىلىدا جەدىدچەئوقۇتۇش تۇنجى قېتىم كىم تەرىپىدىن، قاچان، قانداق باشلانغان دېگەن نېگىزلىكمەسىلە «جەننەت ماكان − ئىلى» ناملىق بۇ كىتابتا پۈتۈنلەي خاتا يېزىلغانىدى.ئەلۋەتتە، بۇ خاتالىق باشقىلارنىڭ ماقالە-ئەسلىمىلىرىدە ئىلگىرى بايان قىلىنغانخاتالىقنى تەكرارلاش شەكلىدە كۆرۈلگەن. 6@geakq  
(2p 
     يىغىنچاقلاپقارايدىغان بولساق، بۇ نېگىزلىك مەسىلە ئوخشاشمىغان ماقالە-ئەسلىمىلەردە بەش خىل بايان قىلىنغان. =.8fES  
+|TFxaVz  
   بىرىنچى خىلقاراش. بىرىنچى خىل قاراش ئىلى يېڭى مائارىپى، يەنى جەدىدچە مائارىپ تارىخىغائالاقىدار تۇنجى ئەسلىمىدە كۆرۈلگەن. مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى يازغان «ئىلىدىكىئوقۇتۇش ئىشلىرى − ئۇسۇلى قەدىم ۋە ئۇسۇلى جەدىد توغرىسىدا» دېگەن بۇ ئەسلىمە 1984-يىلىبېسىپ تارقىتىلغان «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» (1) دا ئېلان قىلىنغان. مۇھەممەتخانكامالى ئەپەندى بۇ ماقالىدا «ئاتىمىز مەرھۇم ئابدۇلمۇتائالى كامالى (خەلپەم)ئىلىغا ئۇسۇلى جەدىدنى ئەڭ بۇرۇن ئېلىپ كىرگۈچىلەرنىڭ بىرى» دېگەن. مۇھەممەتخانكامالى ئەپەندى بۇ ئىشنىڭ جەريانى توغرۇلۇق مۇنداق يازغان: «ئاتام دەسلەپتە موللائېلى ھاجى دېگەن شائىردا، كېيىن شۇ دەۋردىكى مەشھۇر ئىشان ۋە شائىر نىزامىدىن ئاخۇنۇمدائوقۇغان. بۇنىڭدىن سەل كېيىن ياركەنتكە ئابدۇراخمان داموللام دېگەن تاتار ئالىمكېلىدۇ. بۇ كىشىمۇ مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلاپكۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بېرىپ دەرس ئوقۇيدۇ. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاتىمىزمۇ بېرىپدىنىي دەرس ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇراخمان داموللام دىنىي دەرسئوقۇۋاتقانلار كۆپ، سەن ئۇسۇلى جەدىدچە ئوقۇغىن. بۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرگەندىنكېيىن خەلققە ئىلىم-مائارىپ ئۆگەتسەڭشۇنچە ياخشى دېگەن سۆزنى قىلىدۇ. ئاتىمىز داموللامنىڭ سۆزىنى ماقۇل كۆرۈپ جەدىدچەئوقۇيدۇ. بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئوقۇشنى تۈگىتىپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1895-يىلى ئەلاباي مەسچىتىگە چۈشۈپ، بالا يىغىپ 40چە ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتىدۇ. شۇ يازدا غۇلجا شەھىرىنىڭ يۇرت چوڭلىرىنى چاقىرىپبۇلارنىڭ ئالدىدا ئىمتىھان ئالىدۇ.» .{ r %C4q9  
pn-`QB:{h  
   ئىككىنچى خىل قاراش. ئىككىنچى خىل قاراش يۇقىرىقى ئەسلىمىدىن كېيىن، يەنى 1985-يىلى «ئىلىدەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 4-سانىدىكى ئىمىن ئىبراھىم بىلەن ئەيساجان مۇسا يازغان «ئىلىيېقىنقى زامان پەننىي مائارىپى توغرىسىدا قىسقىچە بايان» دېگەن ماقالىدا كۆرۈلگەن.بۇ ئىككەيلەن مەزكۇر ماقالىسىدا مۇنداق يازغان: «مۇسابايېفنىڭ ئىككىنچى ئوغلىباھاۋۇدۇن باي 1870-يىلى ياركەنتكە چىقىپ، تاتارلار ئاچقان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپكەلگەندىن كېيىن، ئىلىدىكى نوپۇزلۇق ئۆلىمالاردىن بولغان ناسىر ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭقوللىشى ئارقىسىدا بەيتۇللا چوڭ مەسچىتى يېنىدىكى دىنىي مەكتەپلەردە ھېساب، ئاناتىل، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، رەسىم، شېئىر قاتارلىق پەننىيدەرسلەرنىڭ قوشۇمچە ئۆتۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. مۇسابايېف تىجارەتخانىسى ۋە باشقامۈلۈكلىرىنىڭ زاكات پۇلى ھېسابىغا 1875-يىلى بەيتۇللا مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ ئوڭتەرىپىگە زالى بىلەن تۆت سىنىپلىق مەكتەپ سالدۇرۇپ، ئۇنىڭ پارتىلىرىنىمۇ ياۋروپاچەياسىتىپ، مەخسۇس پەننىي دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. باھاۋۇدۇن بايبۇ مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرىنىمۇ ئۆزى تاللاپ، مەكتەپ خىراجىتى ۋە مۇئەللىملەرنىڭئىش ھەققىنى ئۆزى تەمىنلىدى. مانا بۇ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇمبولغان تۇنجى پەننىي مەكتىپى.» روشەنكى، ئاپتورلار تىلغا ئالغان «پەننىي مەكتەپ»ئادەت بويىچە جەدىدچە مەكتەپنى كۆرسىتىدۇ. _!Ir|j.A  
l"1at eM3  
    ئۈچىنچى خىل قاراش. ئۈچىنچى خىل قاراش يۇقىرىقى ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئۈچ-تۆت DNy 6Kw  
يىللار ئۆتكەندە، يەنى 1988-يىلى نەسرىدىنناسىرى ئەپەندى يازغان ماقالىدە كۆرۈلگەن. شۇ يىلى «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»(25) دا ئۇنىڭ «ئىلىنىڭ كونا مائارىپ ئىشلىرى ھەققىدە ئەسلىمە» دېگەن ماقالىسىئېلان قىلىنغان. گەرچە ئاپتور ماۋزۇدا «كونا مائارىپ ئىشلىرى» دېگەن بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي جەدىدچە، يەنى يېڭى مائارىپ ئىشلىرى توغرىسىدا توختالغان.ئاپتور ماقالىسىدا قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئېلىدا جەدىدچەمەكتەپنىڭ قاچان، قانداق باشلانغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان. پەقەت «غۇلجاشەھىرىدە دەسلەپتە، 1909-يىلى مۇسابايېفلار قۇرغان ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ يېنىدازاۋۇت ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بىر مەكتەپ ئېچىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىرى سىرتتىنتەكلىپ قىلىندى. بۇ مەكتەپنىڭ شۇ چاغدىكى تەسىرى خېلى زور بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرىبىلەن يەرلىك باي، ئەمەلدارلاردىمۇ قىسمەن ئويغىنىش بولدى. نەتىجىدە مەرىپەتپەرۋەربەزى كىشىلەر، ئويغانغان سودا-سانائەتچىلەر ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭبالىلىرى ئىچىدىكى بىلىم تەشنالىقى كۈچلۈك بولغانلىرىنى تاللاپ، تۈركىيە،ئىستانبول، مىسىر، سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىپ، ئوقۇپكېلىشكە باشلىدى. مەسىلەن، شۇ چاغدا چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئىگىلەپ كەلگەنلەردىنمەسۇم ئەپەندى، ئابدۇراخمان ئەپەندى، جىرجىس ھاجى، ئابدۇللا ئەپەندى، سابىتمۇسابايېف، مىجىت مۇسابايېف، جاۋدەت مۇسابايېف، ئابلەھەت مۇسابايېف قاتارلىقلاربار ئىدى» دېگەن بايانلارنى يېزىپ، جەدىدچە ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ غۇلجىدا قاچاندىنباشلاپ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇنىمۇ بىر خىل قاراش دېيىشكە بولىدۇ. >`=<(8bu  
xJ|_R,>.H  
   تۆتىنچى خىل قاراش. تۆتىنچى خىل قاراش كوللېكتىپ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۈمىد يۇلتۇزى» ناملىقكىتابتا كۆرۈلگەن. غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغابېغىشلاپ تۈزۈلگەن بۇ كىتاب 2001-يىلى بېسىپ تارقىتىلغان. بۇ كىتابتا مۇنداقيېزىلغان: «1875-يىلى ئەتراپىدا ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋەقوللىشى، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەرلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بەيتۇللا مەسچىت يېنىداتۆت سىنىپلىق مەكتەپ سېلىندى ھەمدە بۇ سىنىپلار يېڭىچە پارتا، دوسكىلار بىلەنجاھازىلاندى. ئوقۇغۇچىلار ياش قورامى ۋە بىلىم سەۋىيەسى بويىچە سىنىپلارغائورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دىنىي دەرسلەر بىلەن بىللە تىل، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيەدەرسلىرى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. بۇ مەكتەپ غۇلجىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۆلىما ناسىرئەلەمنىڭ قوللىشى، ۋېلىباي، باھاۋۇدۇن باي، شېرىپىدىن باي قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەربايلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلدى. مەكتەپنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى قازاندائوقۇپ كەلگەن زاھىد ئەپەندى ئىدى. زاھىد ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەكتەپكە‹ئىلى مەكتىپى› دەپ ئىسىم قويۇلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ مەكتەپ 1881-يىلىدىن1883-يىلىغىچە بولغان ‹كۆچ-كۆچ› مەزگىلىدە ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازلاپ، بىر مەزگىليېپىلىپ قالغان بولسىمۇ، 1889-يىلىغا كەلگەندە مۇسابايېفلارنىڭ قوللىشى بىلەن يەنەئەسلىگە كەلگەن ۋە ئىسمىنى ‹ھۈسەينىيە مەكتىپى› گە ئۆزگەرتكەن.» 'fr~1pmx#3  
& ( i_s  
    بەشىنچى خىل قاراش. بەشىنچى خىل قاراش يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تۆت خىل قاراشتىن پەرقلىق ھالدا،يەنە يېڭىچە تەپسىلات بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. بۇ قاراش ئىمىن ئىبراھىم بىلەنئەدھەم ئابدۇمىجىت يازغان «تۇنجى مەرىپەت بۆشۈكى ‐ ‹ئىلى مەكتەپ› توغرىسىدا» دېگەنماقالىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ ماقالە «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» (11) نىڭ 2003-يىلىبېسىپ تارقىتىلغان سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ئىككى ئاپتور مۇنداق يازغان:«ئىلىنىڭ مائارىپ تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن چەتكە چىقىپئوقۇپ كەلگەن، بىلىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسىقورغاس مازارلىق زاھىد ئەپەندىم بولسا كېرەك. ئۇ كىشى 1810-يىلى قورغاس كىچىكمازاردىن غۇلجىغا كېلىپ، بۇ يەردىن قازان شەھىرىگە بېرىپ، ئون نەچچە يىل ئوقۇپ،بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ. ئىلى خەلقى ئۇ كىشىنى قىزغىن قارشىئالىدۇ. ئىلى خەلقى: ‹ئالغان بىلىمىڭىزنى بالىلىرىمىزغا بېرىڭ، بۇ يەردىكىلەرمۇئاق - قارىنى تونۇسۇن› دەپ ئۇ كىشىنى مۇئەللىم بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. نەتىجىدەزاھىد ئەپەندى مەدرىس يېنىدىكى يېڭى تەسىس قىلىنغان مەكتەپكە ئورۇنلىشىپ مۇئەللىمبولىدۇ. بۇ ئىلى رايونىدا قۇرۇلغان تۇنجى مەكتەپ بولغاچقا، كۆپچىلىك بىلەنپىكىرلىشىپ بۇ مەكتەپكە ‹ئىلى مەكتەپ› دەپ نام قويىدۇ. 1827-يىلى ئىككىنچى قەدەمدەزاھىد ئەپەندى بىر چوڭ ئۆيدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنى ئۈچ سىنىپقا ئايرىپ، بىرىگەيۈسۈپ خەلپەتنى، يەنە بىرىگە ئابدۇقادىر خەلپەتنى مەسئۇل قىلىدۇ. يەنە بىر سىنىپقائۆزى مەسئۇل بولىدۇ.» 6PdLJ#LS  
t @vb3  
    ئىلىدا يېڭىمائارىپنىڭ قاچان، قانداق ۋە كىملەر تەرىپىدىن باشلانغانلىقىغا ئائىت يۇقىرىقى بەشخىل قاراشتىن باشقا مەن كۆرمىگەن ياكى ئاڭلىمىغان ئالتىنچى، يەتتىنچى خىل قاراشلاربارمۇ؟ خەۋىرىم يوق. مېنىڭ ئۇچراتقىنىم يۇقىرىقى بەش خىل قاراش. بۇ بەش خىل قاراش1984-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان 20 يىل جەريانىدا بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىققان.بۇ ماقالە-ئەسلىمىلەردىكى يىلنامىغا قارايدىغان بولساق ئىلىدا يېڭىچە مەكتەپنىڭئېچىلغان ۋاقتىنى بالدۇر دېگىنى 1820-يىللار دېگەن بولسا، كېيىن دېگىنى 1910-يىللاردادېگەن. دېمەك پەرق بەك زور. باشلامچىلارمۇ ھەرخىل. نېمە ئۈچۈنكىن «جەننەت ماكان − ئىلى»دېگەن كىتابتا باشقا قاراشلار تىلغا ئېلىنماي ئىمىن ئىبراھىم بىلەن ئەدھەم ئابدۇمىجىتئوتتۇرىغا چىقارغان «بەشىنچى خىل قاراش» تەكرارلانغان. تەكرارلىغۇچىلار بۇ خىلقاراش ئىلگىرىكى قاراشلار تۈزىتىلىپ، تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ئەڭ ئاخىرىدائوتتۇرىغا چىققان، دەپ قارىغانمۇ ياكى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلانغان ۋاقتىنى1820-يىللارغا تاقاپ بايان قىلغانلىقىنى خوپ كۆرگەنمۇ، بۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇ.ئەمما ماڭا ئايدىڭ تەرىپى شۇكى، يۇقىرىقى بەش خىل قاراشنىڭ ھەممىسى ماددىيپاكىتسىز ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېمەك، ھۆججەت، دەلىل يوق. ئىلمىيلىك جەھەتتىنئېيتقاندا مۇھەممەتخان كامالى ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنچى خىل قاراشنىڭ مەلۇمدەرىجىدە ئاساسى بار. باشقا بارلىق قاراشلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى ۋە تارىخىي ئاساسىپەقەتلا يوق. dxK3462  
8q_"aa,`  
   ئۇنداقتا يۇقىرىداكۆرسىتىلگەن بەش خىل قاراش قايسى جەھەتلەردىن پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ؟ j$Wd[Ja+O  
;X )b=  
    بىرىنچى، «ياركەنتشەھىرىدە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن» دېگەن مەسىلە. بۇ قاراش بىرىنچى خىل قاراش بىلەنئىككىنچى خىل قاراشتا ئىپادىسىنى تاپقان. يەنى، بىرىدە ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم1895-يىلى ياركەنت شەھىرىدە ئۇسۇلى جەدىدنى ئۆگىنىپ كەلگەن دېگەن بولسا، بىرىدەمۇساباينىڭ ئىككىنچى ئوغلى باھاۋۇدۇن باي 1870-يىلى ياركەنت شەھىرىدە ئوقۇپكەلگەندىن كېيىن جەدىدچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان دەپ بايان قىلىنغان. ھەقىقەتەنياركەنت شەھىرى شۇ يىللاردا جەدىدچە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان شەھەرمىدى؟ دېگەننىئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭغا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىم مۇرات ھەمرايېف بىلەنئۇيغۇر جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم باشلامچىلىرىدىن بىرى نەزەرغوجائابدۇسەمەتنىڭ بايانلىرىدىن جاۋاب ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. قازاقىستانلىق ئۇيغۇرئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭ يېزىشىچە، «1895 - يىلى ئانتروپولوگ پايسېل ياركەنتشەھىرىدىكى 300 ئۇيغۇرنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە ئىچىدە بىرمۇ ساۋاتلىق ئادەمنىئۇچراتمىغان①.» مۇراتھەمرايېفنىڭ تىلغا ئالغان يىلنامىسى ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم ياركەنتتە جەدىدچەئوقۇتۇشنى ئۆگىنىپ كەلگەن دېگەن ئەسلىمىدىكى يىلنامە بىلەن ئوپمۇئوخشاش. يەتتە سۇئۇيغۇرلىرىدىن بولغان نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت 1911-يىلى «شۇرا» ژۇرنىلىدا ئېلانقىلغان «تارانچىلاردا مۇئەلىم ۋە مەكتەپ مەسىلىلىرى قانداق» دېگەن ماقالىسىدا«تارانچى تۈركلىرىدە مەدەنىيەت نۇرى بولغان چوڭراق كىتابخانا، قىرائەتخانا،خەيرىيە جەمئىيىتى دېگەندەكلەردىن ھېچ قايسىسى يوق. ئۇلارنىڭ نامىمۇ يوق. شۇنداقلامۇنتىزىم مەكتەپ، مەدرىسەگە كەلسەك، بۇرۇندىن قالغان مەكتەپ، مەدرىسەلەر بار دەپئاتالغان يۇرتلار بەك جىق بولۇپ، بۇلاردىن ھەقىقەتتە بىرسىمۇ رەتلىك مۇنتىزىمئەمەس②.» A#KfG1K>  
ds;c\x  
   دېمەك، يۇقىرىقىئىككى نەقىلدىكى ئۇچۇردىن ئۇ يىللاردا ياركەنت شەھىرىنىڭ مائارىپ ئەھۋالىدىنئېيتقاندا، بىراۋلارنى جەدىدچە ئۇسۇلدا تەربىيەلەيدىغان ئىمكانىيەتنىڭھازىرلانمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ياركەنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تارانچىتۈركلىرى» يۇرتلىرىدا كونىچە مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەر بار بولسىمۇ، ئەمما رەتلىك،مۇنتىزىم جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ ئۇ يىللاردا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ;?.w!|6  
E UjA-L(  
   ئىككىنچى، قەدىمچەمەكتەپلەر بىلەن جەدىدچە مەكتەپلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش مەسىلىسى. مەكتەپ دېگەنئۇقۇمدىن قەدىمچە ياكى جەدىدچە دېگەن ئېنىق ئۇقۇمغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.قەدىمچىسىمۇ مەكتەپ، جەدىدچىسىمۇ مەكتەپ. بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەنماقالىلارنىڭ بەزىلىرىدە بۇ ئۇقۇم ئېنىقسىز بايان قىلىنغان. پەننىي دەرس ئۆتۈلسىلاجەدىدچە مەكتەپ ھېسابلانمايدۇ. خۇددى نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت يازغاندەك ئىلىۋادىسىدا قەدىمچە مەكتەپ-مەدرىسەلەردە پەننىي دەرسلەر قىسمەن بولسىمۇ مەۋجۇت ئىدى.19-ئەسىردە ئانا دىيارىمىزدىكى قەدىمچە مەكتەپلەردە قانداق دەرسلەرنىڭ ئۆتۈلۈدىغانلىقىنى ئەنگلىيەلىك س. د. فورسىيسنىڭ كىتابىدىكى ئۇچۇردىن ئېنىقكۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇ 1873-يىلى ھىندىستاندىن ئانا دىيارىمىزغاتەكشۈرۈشكە كېلىپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى يۇرتلارنى تەكشۈرگەندە مۇنداق يازغان:«سەككىز ياشتىن ئون ياشقىچە بولغان بالىلار مەكتەپكە بېرىلىدۇ. ئوغۇل، قىزلارمەكتەپتە ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلغان ئۈستەلدە يانداش ئولتۇرىدۇ. ئوغۇللار ئومۇمەنئىشىك تەرەپتە ئولتۇرىدۇ، قىزلار يەنە بىر تەرەپتە ئولتۇرىدۇ. ئوتتۇرىسى بوشقالىدۇ. ئەڭ بېشىدا ئوقۇتقۇچى ئولتۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن كىتابتىندۇئا-تىلاۋەت ئۆگىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋاراڭشىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا دەرسلىرىنىئوقۇيدۇ. ھەرقايسى شەھەرلەردە نۇرغۇن مەكتەپلەر بار. بۇ مەكتەپلەردە بازارئەتراپىدىكى بالىلار كېلىپ ئوقۇيدۇ. ئادەتتە ئېگىز ئۆيلەرنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكىھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان، كوچىغا يېقىن بولغان ئۆيلەرنى مەكتەپ قىلىدۇ. قىزلار ئونياشتىن ئاشقاندا مەكتەپتە ئوقۇمايدۇ، بىراق ئوغۇللارنىڭ ياش چەكلىمىسى يوق.ئۇلارغا ئوقۇش ۋە يېزىش ئۆگىتىلىدۇ ھەمدە شەيخ سەئىدىنىڭ ‹گۈلىستان› كىتابىدەرسلىك قىلىنىدۇ. ‹ئىسكەندەرنامە› ئازراق ئوقۇتۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئايلىقئوقۇش ھەققى ئۈچۈن يېرىم تەڭگىدىن بىر تەڭگىگىچە ھەق بېرىلىدۇ. مائارىپ مەجبۇرىيئەمەس، بىراق شارائىتى يار بەرگەن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.ئالىي مەلۇماتلىق بولۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن مەدرىسەگە ئۆرلەيدۇ. ئۇلار بۇيەردە ئىلاھىيەت، شەرىئەت، تېبابەت، شېئىرىيەت ۋە تارىخ ھەم بۇنىڭغا قوشۇپيېزىقچىلىق بىلەن ھېساب دەرسلىرىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. فىزىكا پەنلىرى يوقدېيەرلىك بولۇپ ئىلىم ئۆلچەمگە توشمايتتى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئوقۇيدىغىنىئىلاھىيەت ۋە مېتافىزىكا بولۇپ ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىلىملەرگە سەل قارايدۇ.ھەربىر شەھەردە نۇرغۇن مەدرىسە بار ئىكەن»، «ئەمىر (ياقۇپ بەگنى دېمەكچى) نىڭپەرمانى بىلەن يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان نۇرغۇن مەكتەپ، مەدرىسەقايتىدىن كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپتۇ. نۇرغۇنلىرى كارىدورلۇق سېلىنىپ ئەسلىدىكى 20ئوقۇغۇچىدىن 80 ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدىغان ھالەتكە كەپتۇ.③» TAp8x  
SBh"^q  
مانا بۇ بىزگە 19-ئەسىردىكىقەدىمچە مەكتەپ-مەدرىسەلەرنىڭ ئەھۋالىدىن يەتكۈزۈلگەن خېلىلا ئوبيېكتىپ مەلۇمات.ئومۇمەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ مەكتەپ، مەدرىسەلىرىنىڭ ئوقۇتۇشمەزمۇنى ئاساسەن مۇشۇنداق ئىدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئومۇمەن، بۇ خىل مەكتەپ-مەدرىسەلەرنىڭئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە دەرسلىك مەزمۇنى كونىچە ئىدى. @M&qH[tK-A  
+Hk r\  
«جەننەت ماكان − ئىلى» دېگەن كىتابتا، ئىمىن ئىبراھىم بىلەن ئەدھەمئابدۇمىجىتنىڭ «تۇنجى مەرىپەت بۆشۈكى r2G38/K  
‹ئىلى مەكتەپ› توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازغان:«1840-يىللىرى غۇلجا شەھىرىدىن راشىدىن، مەنسۇر دېگەن كىشىلەر يەتتە سۇغا چىقىپزامانىۋى ئىلغار مەكتەپلەردە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىنلا، بۇ مەكتەپتە ھېساب، ئاناتىل، ئەدەبىيات دەرسلىرى قوشۇمچە ئوقۇتۇلىدۇ. 1866-يىللىرىغا كەلگەندە غۇلجىدىنشارائىتى يار بەرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ياركەنت، شەمەي، بۇخارا، تاشكەنت، قازانقاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېڭى پەن-مائارىپ، ھۈنەر-سانائەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپكېلىپ ‹ئىلىدا پەننىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرساق، ئادەملىرىمىزنىڭ بىلىمسەۋىيەسى ئاشىدۇ، مەدەنىيىتى يۈكسىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلىدۇ، خەلقتۇرمۇشى ياخشىلىنىدۇ› دېگەنلەرنى تەشۋىق قىلىدۇ.» 8KMo!p\i  
_:7:ixN[Ie  
بۇ نەقىلدىكى«يېڭى پەن-مائارىپ»، «ئىلىدا پەننىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرساق» دېگەن سۆز-جۈملىلەردىنگەپنىڭ جەدىدچە مائارىپ ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكىبىزدە جەدىدچە مەكتەپ دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا پەننىي مەكتەپ دەپ ئىشلىتىشئومۇملاشقان. شۇڭا ئاخىرىدىكى شەكلى ۋە مەزمۇنى زامانىمىزدىكى گېزىتلەردە كۆپئۇچرايدىغان تەشۋىقات خاراكتېرلىك جۈملىلەرگە ئوخشايدىغان بۇ نەقىلنى ئوقۇغانئادەم قەدىمچە مائارىپ بىلەن جەدىدچە مائارىپ ئىشلىرىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بولسىلا،«بۇ قىلچە ئاساسى يوق بىمەنە مەلۇمات ئىكەن» دېمەي تۇرالمايدۇ. تۇنجى قېتىم، يەنى1985-يىلى «ئىلى يېقىنقى زامان پەننىي مائارىپى توغرىسىدا قىسقىچە بايان» دېگەن ماقالىداكۆرۈلگەن بۇ بىمەنە مەلۇماتنى 2012-يىلى نەشر قىلىنغان كىتابلاردىمۇ ئۆز پېتىئىستېمال قىلىش، بىزنىڭ ئىلمىي ئاشقازىنىمىزنىڭ «ھەزىم» قىلىش قۇۋۋىتىنى كۆرسەتسەكېرەك. بىزدە ئىدراكىي گۇمان ۋە ئىلمىي ئانالىز ئادىتى دېگەندەك شەكىللەنمىگەچكەيۇقىرىقىدەك بىمەنە بايانلارغا تۆۋەندىكىدەك سوئاللار تۇغۇلۇپ باقمىدى: 1840-يىللىرىيەتتە سۇدا ئىلغار مەكتەپلەر نېمە ئىش قىلسۇن؟ 1866-يىللىرى ياركەنت، شەمەي،بۇخارا، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا يېڭى پەن-مائارىپ، ھۈنەر-سانائەت بىلىملىرىنېمە ئىش قىلسۇن؟ مەكتەپ، مەدرىسەلەرنىڭ سەۋىيەسى قەشقەر تەۋەسىدىكى مەكتەپ،مەدرىسەلەرنىڭ سەۋىيەسىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىلى ۋادىسىدا پەننىي مائارىپنىتەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇسىنى كىم ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن؟ 1866-يىلى ياركەنتدېگەن شەھەر يەتتە سۇ تەۋەسىدە مەۋجۇتمىدى؟ H7dT6`<~Y  
14z ?X%  
يۇقىرىقىبايانلارنى يازغان ئاپتورلار بىلەن بۇ بايانلارنى تەكرار ئىشلەتكەن نەقىلچىلەر بۇگۇمانىي نۇقتىلارنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان. جەدىدچە مەكتەپ دېگەن ئاتالغۇنىڭئورنىغا پەننىي مەكتەپ دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن ئاپتورلار بۇ يىللاردا ئوتتۇرائاسىيادا بىرەرمۇ «پەننىي مەكتەپ» نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن خەۋەرسىز بولسا كېرەك.دېمەك، بۇ خاتالىقلار قەدىمچە مەكتەپ بىلەن جەدىدچە مەكتەپنىڭ تارىخىي ئەھۋالىنىۋە پەرقىنى بىلمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەقەللىيسى، ياركەنت شەھىرىنىڭ 1881-يىلىئىلىدىن ۋېلىباي يولداشوف باشچىلىقىدا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، گۇبېرناتوركالپاكوۋىسكىينىڭ بۇيرۇقى، ئىنژېنىر ئابراموفنىڭ لايىھەلىشى بىلەن قۇرۇلۇشقاباشلىغانلىقىنى، 1880-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كىچىك بىر شەھەر ھالىتىگەكەلگەنلىكىنى بىلىشى لازىم ئىدى. 1881-يىلىدىن ئىلگىرى يوق شەھەرنى شىپى كەلتۈرۈشماقالە-ئەسلىمىلەرنى يېزىش توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ يېزىشتىن باشقا نەرسەئەمەس. تارىخچىلىقنىڭ مېتودىدىن ئايانكى، تارىخچىلىق توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇرغا ئىمكانبەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئامىللار تارىخچىلىقنىڭ چىنلىق ئاساسىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. مۇشۇنۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىككىنچى خىل قاراش بىلەن تۆتىنچى خىل قاراشمۇ ئىناۋەتسىز! bZWdd6  
J>8kJCh9g  
ئۈچىنچى،باھاۋۇدۇن باينى 1870-يىللىرى دىنىي مەكتەپلەردە دۇنياۋى ئىلىملەرنىڭ ئۆتۈلۈشىگەتۈرتكە بولغان دېگەن مەسىلە. بۇ ئىككىنچى خىل قاراش بىلەن تۆتىنچى خىل قاراشتاقەيت قىلىنغان. مەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يازغان «نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيەقاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز» دېگەن ماقالەمدە تىلغا ئالغاندەك، 1870-يىللارداباھاۋۇدۇن مۇسابايېف تۇغۇلمىغان ياكى تۇغۇلغان بولسىمۇ ئېغى يوق ئىشتان كىيىپيۈرگەن گۆدەك چاغلىرى ئىدى. ئۇ يىللاردا باھاۋۇدۇن باي ياركەنتتىكى تاتار مەكتەپتەئوقۇپ كەلگەنىدى، دېگەن گەپلەرمۇ قىپقىزىل ئويدۇرما گەپلەردۇر. ماتېرىياللارداباھاۋۇدۇن باي 1851-يىلى تۇغۇلغان دېگەن بايانلار ئۇزاقتىن بۇيان يېزىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،ئىشەنچىسىزدۇر. مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارايدىغانلىقىمنى بىلمەكچى بولغانلارنى«نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز» دېگەن ماقالەمدەئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلارنى ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. بىزنىڭ ئەسلىمە ۋەتارىخقا ئائىت ماقالىلارنى يازىدىغان كۆپلىگەن ئاپتورلىرىمىز باشقىلار دېگەن ياكىيازغان تارىخىي مەلۇمات ۋە قاراشلارنى پاكىت ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتىن دەلىللەپ،تارىخىي جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلىپ، لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، بۇ چاغقا بىزنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخى ھەققىدىكىئىزدىنىشلىرىمىز كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتىن يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنبولاتتى. مىسال ئۈچۈن كۆرسىتىدىغان بولساق ئىلگىرى يېزىلغان بىر قىسىم ماقالىلاردابايان قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك قاپقارا ئويدۇرمىلار «جەننەت ماكان − ئىلى» دېگەنكىتابتا شۇ پېتى تەكرارلانمىغان بولاتتى. قاراڭ: mnL+@mm  
u\Y3h:@u  
«1875-يىلى باھاۋۇدۇن باي بەيتۇللا مەسچىتى دەرۋازىسىنىڭ ئوڭتەرىپىگە زالى بىلەن تۆت سىنىپلىق بىر مەكتەپ سالدۇرىدۇ. مەكتەپنىڭ ئۇستەل-پارتا،ئورۇندۇقلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي ياۋروپاچە ياسىتىپ، بۇ مەكتەپنى پۈتۈنلەي پەننىي دەرسئۆتىدىغان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. باھاۋۇدۇن باي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى تاللاپبېكىتىدۇ. مەكتەپنىڭ خىراجىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆز يېنىدىنتەمىنلەپ تۇرىدۇ. qNi`OVh&  
_F},Wp:Oh  
1896-يىلى چەت ئەللەرنى كۆرۈپ كەلگەن باھاۋۇدۇن مۇسابايېف بەيتۇللامەسچىتى پەشتىقىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى كونا سىنىپلارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىنكارىدورلۇق ئۈچ سىنىپ سېلىپ، ئۇيغۇرچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پەننىي مەكتەپ بەرپاقىلىپ، يەتتە سىنىپ تەسىس قىلىدۇ. بۇ چاغدا بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 200 دىنئاشىدۇ. مەكتەپتە مۇسابايېفلارنىڭ راسخوتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدەئوقۇپ كەلگەن ئابدۇراخمان شادى، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندىلەر ئوقۇتقۇچىلىققىلىشقا باشلايدۇ.» (300-بەت) s;cGf+  
o3JSh=  
بۇ ئىككى ئابزاسباياننىڭ بىرىنچىسىدىكى «1875-يىلى» دېگەن يىلنامىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،«پۈتۈنلەي پەننىي دەرس ئۆتۈدىغان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ، باھاۋۇدۇن بايئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى تاللاپ بېكىتىدۇ» دېگەن جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىدىغانبولساقلا، مەسىلىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىمىز. باھاۋۇدۇن باي ئىلىدىكى ئەڭكاتتا مەسچىد بولغان بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ بىقىنىدا «پۈتۈنلەي پەننىي دەرسئۆتىدىغان مەكتەپ» قۇرسا مەدرىسە ئۆلىمالىرى قاراپ تۇرارمۇ؟ «نېمىشقا دىنىي دەرسئۆتمەيسەن» دەپ سورىماسمۇ؟ ياكى باھاۋۇدۇن باي ئاتىئىزمچىمىدى؟ «باھاۋۇدۇن بايئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى تاللاپ بېكىتكەن» دېگەن جۈملىنى ئوقۇغاندا تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنىڭتۇغۇلۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ: غۇلجىدا 1870-يىللىرى تۈرلۈك پەننىي دەرسلەرنىئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بارمىدى؟ تاللاپ ئىشلەتكۈدەك كۆپ بۇئوقۇتقۇچىلار قايسى دارىلمۇئەللىمىننى پۈتكۈزگەن؟ بۇ دارىلمۇئەللىمىننى كىمقۇرغان؟ بۇ دارىلمۇئەلىمىننىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى كىملەر ئىدى؟ mgMa)yc!dp  
`j8pgnY>5~  
گەپنىڭ قىسقىسى،بۇ بايانلار توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس! N}>[To3  
fcO|0cQ  
ئىككىنچىئابزاستىكى 1896-يىلى غۇلجىدا «ئوتتۇرا دەرىجىلىك پەننىي مەكتەپ» يەنى ئوتتۇرادەرىجىلىك جەدىدچە مەكتەپ بولغان، «بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 200 دىن ئاشاتتى»دېگەندەك بايانلارمۇ كۈلكىلىكتۇر. ئۇ چاغدا غۇلجىدا بۇ سەۋىيە، بۇ كۆلەمدىكىجەدىچە مەكتەپ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئەگەر بار بولسا نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت1911-يىلى يازغان «تارانچىلاردا مۇئەللىم ۋە مەكتەپ مەسىلىسى قانداق» دېگەنماقالىسىدا 1896-يىلىلا ئوقۇغۇچى سانى 200 دىن ئاشىدىغان، يەتتە سىنىپلىق ئوتتۇرادەرىجىلىك جەدىدچە مەكتەپنى «يوق» دېيىشكە تىلى بارمىغان بولاتتى. يۇقىرىقىباياندىكى تارىخىي ئەمەلىيەتكە خىلاپ يەنە بىر مەلۇمات «بۇ مەكتەپتەمۇسابايېفلارنىڭ راسخوتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە ئوقۇپ كەلگەنئابدۇراخمان شادى، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندىلەر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقاباشلايدۇ» دېگەن جۈملىلەردە كۆرۈلىدۇ. ھۆججەتلىك پاكىتقا ئاساسلانغان ھالدا شۇنداقدېيىشكە بولىدۇكى، ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ تۈركىيەگە ئابدۇراخمان شادى،مەسئۇد ئەپەندى، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندىلەرنى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىچىقارغان ۋاقتى 1904-يىلىدۇر. ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە چىقىش جەريانى مۇنداق: {gh<SZsE  
E0AbVa.  
ئىستانبولدائوقۇۋاتقان مەسۇم ئەپەندى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئوسمانلى تىل-يېزىقىدائوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇلھەمىدكە ئىلتىماس سۇنغان. ئىلتىماستا تۆتئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. شۇ بويىچە ئابدۇراخمان شادى قاتارلىقتۆت ئوقۇغۇچى ئىستانبولغا ئوقۇشقا چىققان. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئوقۇشى 1913-يىلى،باشقىلىرىنىڭ ئوقۇشى 1914-يىلى تاماملىنىپ ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇلارقايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن پېداگوگىكامەكتەپتە ئوقۇغان ئابدۇراخمان شادى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. تېببىي مەكتەپتە ئوقۇغانمەسئۇد سەبىرى «ئالتاي دوختۇرخانىسى» دېگەن نامدا دوختۇرخانا ئاچقان. «ئالتاي دوختۇرخانىسى»ئېچىش تەكلىپىنى ئۇنىڭغا 1913-يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا كېلىپ تۆت يىلغا يېقىنمائارىپچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان داڭلىق تاتار مائارىپچى ئابدۇللا بۇبى (1871 ‐1922) بەرگەن. ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئانا ماكانىبولغان ئالتاينىڭ نامىنى قوللىنىشنى قارار قىلغان. ئابدۇراخمان شادى، مەسئۇدسەبىرىلەر تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ 1914-يىلى ئۇدۇل قەشقەرگە كەلگەن.ئۈستۈنئاتۇش ئىكساقتا ئېچىلغان «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن» دە قىسقا مۇددەت دەرسئۆتۈپ، ئاندىن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ ئىشلار ئەينى ۋاقىتتىكى «ھەبىبزادەدارىلمۇئەللىمىن» نىڭ مۇدىرى ئەھمەد كامالنىڭ كىتابىدا تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.قىسقىسى، «جەننەت ماكان − ئىلى» دېگەن كىتابتا يېزىلغان يۇقىرىقى بىر ئابزاسمەلۇمات ھەم باھاۋۇدۇن باي 1870-يىللىرى غۇلجىدىكى دىنىي مەكتەپلەردە دۇنياۋى ئىلىملەرنىڭئۆتۈلۈشىگە تۈرتكە بولغان دېگەن قاراش پۈتۈنلەي ئاساسسىز. ZUkM8M$c  
bYO['ORr @  
تۆتىنچى، جەدىدلىكمائارىپىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە شەكىللىنىش تارىخىنى بىلمەسلىك مەسىلىسى. روشەنكىجەدىدلىك (يېڭىلىق ھەرىكىتى دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، بىزدە جەدىدچىلىك دەپمۇئېلىنىدۇ) ھەرىكىتى تۈركىي خەلىقلەر تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 19-ئەسىرنىڭئاخىرى رۇسىيەگە تەۋە قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى قىرىم تاتارلىرى ئارىسىدا پەيدابولغان. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى فىرانسىيەدە ئىككى يىل تۇرۇپ ياۋروپانىڭ ئىلغامائارىپى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ كەلگەن ئىسمائىل غاسپىرالى (1851 ‐ 1914) نىڭ باغچەساراي شەھىرىدە 1883-يىلى «تەرجىمان» گېزىتىنى نەشر قىلىشى ۋە 1884-يىلى «ئۇسۇلىجەدىد» («ئۇسۇلى سەۋتىيە» مۇ دېيىلىدۇ) ئوقۇتۇش مېتودىنى سىناق قىلىشىنى باشلىنىشمەنبەسى قىلىدۇ. جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تېز ساۋات چىقىرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلبولغاچقا قىرىمدىن باشقا قازان تاتارلىرى ۋە ئەزەربەيجانلىقلار ئارىسىدا تېزئومۇملاشقان. ئەمما 1890-يىللاردا ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيائۆلكىلىرىدىكى سەمەرقەند، بۇخارا، تاشكەنت، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق كاتتاشەھەرلەردە قەدىمچىلىك بىلەن جەدىدچىلىك جىدىلى قاتتىق بولغان. 1909-يىلى ئىسمائىلغاسپىرالى بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ كۈرىشىدىكى كەسكىنلىكنى نەزەردە تۇتۇپ «قەدىمچىلىك ۋەجەدىدچىلىك» دېگەن مۇھاكىمە ماقالىسىنى يېزىپ «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 5-ئايدىكىسانلىرىدا ئېلان قىلغان.④ [bw1!X3  
Kq5i8L=u  
مەشھۇر پېداگوگئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ غەيرىتى بىلەن باشلانغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتى بارغانسېرىنوقۇل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى بولۇشتىن ھالقىپ ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەرىپەتھەرىكىتى بولۇپ شەكىللەنگەن. دىنىي مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمى ۋەمەزمۇنىنىمۇ ئىسلاھ قىلىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ جەرياندا قەدىمچىلىكبىلەن جەدىدچىلىك تەرەپدارلىرى كەسكىن ئېلىشىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن. قەدىمچىلەردىن نامى بىلەن ئىش كۆرۈپ جەدىدچىلىك ئىمانىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئۈممەتلەرنىئاداشتۇرىدۇ دەپ قارىغان. جەدىدچىلەر ياشاش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك، تەرەققىياتيوللىرىنى ئۆگەنمىسەك بىراقلا ھالاك بولىمىز دەپ قارىغان. ئومۇمەن كۈرەشنىڭكەسكىنلىك دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولغان. جەدىدچىلىك تەرەپدارلىرى ئاممىۋى ئاساسىئاجىز يېڭى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. شۇنداقتىمۇ يولىدىن قايتمىغان.جەدىدچىلەر 10 ‐ 20 يىلدەك تىرىشىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەنھەم جەدىدلىك ھەرىكىتىنى تارىخىي ئېقىمغا ئايلاندۇرغان. ئانا دىيارىمىزدىمۇجەدىدچىلىك بىلەن قەدىمچىلىك جىدىلى ئوخشاشلا ئۆتكۈر بولغان. مۇتەپەككۇر جەدىدچىئابدۇقادىر داموللام (1870-1924) قەشقەردىن ئۈچ قېتىم چىقىپ كېتىشكە مەجبۇربولغان. ئەھمەد كامال چېقىمچىلىققا ئۇچراپ قەشقەردە تۈرمىلەرگە قامالغان ھەمۋەتىنىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن. ئابدۇللا بۇبى غۇلجىدا تۇرالماي قازانغا قايتىپ كېتىشكەمەجبۇر بولغان. قەشقەر، ئاتۇش ۋە غۇلجىدىكى ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىمگە ئوخشاشيەرلىك جەدىدچىلەر قەدىمىنى ئاستىلاتقان. ئۇيغۇر جەدىدلىك ھەرىكىتىگە ئۇل سالغانكاتتا شەخس ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ بۇ ئىسلاھات ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىشپوزىتسىيەسىدە پەرق ھەم مەلۇم ئىختىلاپ كۆرۈلگەن. ھۈسەيىن باي ئېھتىياتچان بولۇۋالغان،باھاۋۇدۇن باي دادىل بولغان بولسىمۇ، كۆپ ھاللاردا ئاكىسىنىڭ رايىنى نەزەرگە ئېلىپئىش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا زامانداش جەدىدچىلەرنىڭ خاتىرە ۋە شېئىرلىرىدا بۇئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش دەرىجىسى نەزەرگەئېلىنىپ باھاۋۇدۇن بايغا ئالاھىدە يۇقىرى باھالار بېرىلگەن. مەسىلەن، ئەھمەدكامال، ئابدۇللا بۇبى، ئادىل ھېكمەت بەي قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدە⑤، شەمسىدىنداموللام ئۆز مەرسىيەسىدە باھاۋۇدۇن بايغا بەك يۇقىرى باھا بەرگەن. شۇڭا،جەدىدچىلىك بىلەن قەدىمچىلىك تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى ئاددىي چاغلاشقابولمايدۇ. كونىچە مائارىپتىن يېڭىچە مائارىپقا ئۆتۈش جەريانى ھەممىلا جايدائوخشاشلا مۇشەققەتلىك بولغان. چۈنكى «كونىچە مائارىپتىن يېڭىچە مائارىپقا ئۆتۈشناھايىتى زور ئىسلاھات ھەرىكىتى بولۇپ، كونىلىق بىلەن يېڭىلىق، ئىلغارلىق بىلەنقالاقلىق، مەرىپەت بىلەن خۇراپاتلىق، تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن مۇتەئەسسىپلىكئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كەسكىن ۋە تەكرار ئېلىشىشلار ئارقىلىق بارلىققاكەلگەن.⑥» >#)%/Ti}DU  
zz!jt A  
تارىخىي ئەمەلىيەتمۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، «جەننەت ماكان − ئىلى» نىڭ يېڭى مائارىپ تارىخى توغرىسىدىكىبابى ۋە ئۇنىڭغا مەنبە بولغان كۆپلىگەن ماقالىلەردە ئىلى ۋادىسىدا جەدىدچە ئوقۇتۇشئۇسۇلى ۋە جەدىدچە مەكتەپلەر يۇقىرى ئاممىۋى قىزغىنلىق بىلەن توي بولغاندەكداغدۇغىلىق شەكىلدە ئەمەلگە ئاشقاندەك ھالەتتە يېزىلغان. كىشىنى ئۇيالدۇرۇپقويىدىغان يېرى شۇكى، ئاپتورلارنىڭ بىلمەسلىكى ۋە ئەستايىدىلسىزلىقى سەۋەبىدىنئىلى ۋادىسىدىكى جەدىدلىك مائارىپى (گەرچە پەننىي مەكتەپ ۋە پەننىي ئوقۇتۇشدېيىلگەن بولسىمۇ) مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئاسىيا قىتئەسىدەجەدىدلىك ھەرىكىتى باشلانماستا باشلانغان قىلىپ يېزىلغان. تارىخنى ئەسلەيدىغانبولساق، شۇنى بىلىمىزكى، ياپونىيەدە 1860-يىللىرى قەدىمچىلىك بىلەن جەدىدچىلىك(يېڭىلىق) تەرەپدارلىرى كەسكىن كۈرەش قىلىپ، ئاخىر قانلىق ئۇرۇش بولغان. نەتىجىدە1868-يىلى مىڭجى يېڭىلىققا كۆچۈش ئىسلاھاتىنى پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن ھۆكۈمەتھەرىكىتى سۈپىتىدە يولغا قويغان. جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە 1890-يىللارداخەنزۇ مىللىتىنىڭ سەرخىللىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا بولغانتەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، 1901-يىلى «يېڭى سىياسەت» يولغا قويۇلغاندىنكېيىن، ئاندىن بۇ خىل مىللىي ئارزۇ ھۆكۈمەت ئىرادىسىگە ئايلانغان. نەتىجىدە يېڭىچەمائارىپ تۇشمۇ تۇشتىن يولغا قويۇلغان. رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا 1884-يىلىئىسمائىل غاسپىرالى جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويغاندىن، گېزىت چىقارغاندىنۋە «رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى» دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقاندىن كېيىن بارا-باراجەدىدلىك ھەرىكىتى بىخلانغان. ئالدى بىلەن قازان، ئۇفا، ئورېنبۇرگ شەھەرلىرىدىكىتاتار ۋە باشقىرت مىللىتىنىڭ سەرخىللىرى ھەم ئەزەربەيجان زىيالىيلىرى ئاكتىپئىشتراك قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا، سەمەرقەنت، تاشكەنت قاتارلىقشەھەرلەردە جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا بولغان قىزىقىش تولىمۇ تەستە شەكىللەنگەن.ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى قالاقلىقىغا ئىچى سىقىلغانئىسمائىل غاسپىرالى 1892-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدىكى كونىچە مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇسۇلى جەدىد (ئۇسۇلى سەۋتىيە) ئوقۇتۇش مېتودىنى يولغا قويۇشتوغرۇلۇق چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىستانغا بەلگىلىگەن گېنېرال گۇبېرناتور ئە. ب.ۋىرىۋېسكىيغا (يەنە بىر مەلۇماتتا روزىنباخقا دېيىلگەن) مۇراجەت قىلىپ مەكتۇبيازغان. ئۇ مەكتۇبىدا يەرلىك مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئالتەيىلدا باشلانغۇچ (ئىپتىدائىي) مەكتەپتە بېرىلىدىغان بىلىمنى تەڭشەپ ئىككى يىلدائېلىپبە ئۆگىتىش، قالغان تۆت يىلدا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت بىلىملەرنى ھەمرۇس تىلىنى ئۆگىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىلغار مەدرىسەلەرنىقايتا قۇرۇپ «ئالىي مەدرىسە» گە ئۆزگەرتىپ رۇس تىلى، رۇسىيە قانۇنلىرى ۋەپېداگوگىكا بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇدىغانئوقۇتقۇچىلارنى تەييارلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ھەتتا مەكتۇبىدا ئۆزىتۇرۇشلۇق باغچە سارايدىكى «زەنجىرلى» مەدرىسەسىنى ئودېسسانىڭ سابىق گېنېرالگۇبېرناتورى خ. خ. راپپىنىڭ ياردىمى بىلەن قايتا تەشكىللەپ، ئىلغارلاشتۇرۇپئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرىدىغان «ئالىي مەدرىسە» گە ئايلاندۇرغانلىقىنى مىسال سۈپىتىدەكۆرسەتكەن. تۈركىستاننىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق گېنېرال گۇبېرناتورى ۋىرىۋېسكىيئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ مەكتۇپىنى ئۆزىگە مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان مىسسىيونېر ن.ئوستىروموف بىلەن ك. پ. پابېدىناستىسېۋگە بەرگەن. ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغانۋىرىۋېسكىي ئىسمائىل غاسپىرالىغا جاۋاب خەت يېزىشنى ھاجەتسىز دەپ بىلگەن. بۇنداقبولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە سەۋەب بار ئىدى. =X9fn  
mfG m>U  
 S'\e"w  
چاررۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ، 1867-يىلى تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ تۈركىستان گۇبېرناتورلۇقىنى تەسىس قىلغان. گېنېرال ك. پ. كوۋفمان گۇبېرناتور بولغان. ئۇ يەرلىك ئاھالىنى رۇسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ن. ئى. ئىلمىنسكىي (1822 ‐ 1891) نىڭ قازان تاتارلىرىنى رۇسلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى تۈركىستان رايونىدا تەتبىقلاش ئۈچۈن ئۇنى تاشكەنتكە تەكلىپ قىلغان. ئىلمىنىسكىي ئەرەب، پارس، تۈرك تىللىرىنى ناھايىتى مۇكەممەل بىلىدىغان، «بابۇرنامە» نى 35 يېشىدا رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ قازاندا نەشر قىلدۇرغان تۈركلوگ ئىدى. ئۇ قازان دىنىي ئاكادېمىيەسىنىڭ پىروفېسسورى، تۈركىي خەلقلەرنى رۇسلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى مائارىپ لايىھەسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان، تاتارلارنى رۇسلاشتۇرۇشتا زور تەجرىبە توپلىغان مىسسىيونېر ئىدى. چاررۇسىيە مۇستەملىكە قىلغان تۈركىستان رايونىدا ئېچىلغان «رۇس-تۈرك» مەكتەپلەر ئىلمىنىسكىينىڭ لايىھەىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىدى. چاررۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە قاراتقان مائارىپ سىياسىتى ناھايىتى ئېنىق ئىدى: ۋولگا دەرياسى بويلىرى، ئۇرال، كاۋكاز، قىرىمدىكى تۈركىي خەلقلەر مائارىپى پىروگراممىسىغا سىڭدۈرۈلگەن رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تۈركىستان رايونىدىكى خەلقلەر مائارىپىغا تەدبىق قىلىش ئىدى. بۇ سىياسەت رۇسىيە مائارىپ ۋازارىتىنىڭ 1869-يىلىدىكى نىزامنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ نىزامنامە رۇس مىسسىيونېرلىرىنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى ئىلمىنىسكىينىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدى. بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى رۇسىيەنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسىدە يېڭى مائارىپ سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. بۇ سىياسەت توغرۇلۇق ئامېرىكىلىق جەدىدشۇناس دوكتۇر ئەدىب خالىد «ئوتتۇرا ئاسىيادا جەدىدچىلىك» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان: «مۇستەملىكە مەمۇرىيىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام قانۇنى، ئەمىر-مەرۇپلارغا ئەمەل قىلىشلىرىنى مەنئىي قىلمىدى. كونا مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىڭ پائالىيىتىگە توسالغۇ بولمىدى. ئەكسىچە، ئېتىبار قىلمىدى. مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئېتىبارىدىن چەتتە قالغانلىقى ۋە دۆلەت ياردىمىدىن مەھرۇم بولغانلىقى، ۋەخپە مۈلۈكلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلەر قولىغا ئۆتكەنلىكى باش ھۆكۈمەت نەزىرىدىن ھەم قالدى. ھۆكۈمەت يەرلىك خەلقنى ‹رۇس-تۈرك› مەكتەپلىرىگە جەلپ قىلىش ھەرىكىتىنى تېزلەتتى. چۈنكى بۇ مەكتەپلەردە يەرلىك بالىلار ۋە رۇس بالىلىرى بىرلىكتە تەلىم ئالاتتى. يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشىتىش ئاسان ئىدى، بۇ ئارقىلىق چاررۇسىيەگە سادىق يەرلىك قاتلام تەشكىل قىلىش مۇمكىن بولاتتى. شۇ سەۋەبتىن گېنېرال گۇبېرناتور كوۋفمان مائارىپ تۈزۈمىنىڭ باش مەقسىتى، دىنىي ئېتىقادى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر رۇسىيە ئۈچۈن پايدىلىق بولغان پۇقرالارنى تەربىيەلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.» بېنجامىن. س. لېۋىينىڭ «شىنجاڭ مائارىپى» ناملىق ماقالىسىدىكى بايانىدىن قارىغاندا «1884-يىلىدىن كېيىن، رۇس تىلىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى ئاتالمىش ‹رۇس-تۈرك› مەكتەپلىرىنى ئاچقان. بۇ مەكتەپلەردە يېرىم كۈن رۇسچە ئۆگىنىش، يېرىم كۈن ئەنئەنىۋى مەكتەپلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش يولغا قويۇلغان. بىراق بۇ مەكتەپلەر بەك كۆپ ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەن.⑦» w51l;2$des  
تۈركىستان گۇبېرناتورى ۋىرىۋېسكېي ئىسمائىل غاسپىرالىغا جاۋاب خەت يازمىغاندىن كېيىن ئۇ پاسسىپ ھالدا كۈتۈپ تۇرۇۋەرمەي، مەقسىتىگە يەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان غايىلىك كىشىلەردە بولىدىغان روھ بويىچە دادىل ئىش كۆرۈپ، 1893-يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى تاشكەنتكە كەلگەن. ئۇ يەردىن سەمەرقەنت ۋە بۇخاراغا بارغان. سەمەرقەنتتە جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان تاتار مىليونېر غەنىباي بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. سەمەرقەنتتىكى مېھماندارچىلىقلاردا تەبىئىي ھالدا جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە سۆھبەت بولغان. نەتىجىدە ئىسمائىل غاسپىرالى سىناق قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان. مىليونېر غەنىباي خىراجەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولغان، ئىسمائىل غاسپىرالى ئېلىپبە ۋە ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بولغان. شۇنداق قىلىپ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ بارغان باكۇلۇق ئوقۇتقۇچى سۇلتان مەجىد غەنىزاتنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن سەمەرقەنت شەھىرىدىن 30 غا يېقىن بالىنى يىغىپ بىر سىنىپ قىلىپ ئوقۇش باشلىغان. ئېلىپبە ئۆتۈلۈپ 40 كۈنگىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنىڭ ساۋاتى چىققان. سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، كىشىلەر ئاپىرىن ئوقۇشقان. تاشكەنتلىكلەر ھەتتا بالىلارنىڭ ساۋاتىنى ناھايىتى تېز چىقارغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەكتەپنى «ماشىنا مەكتەپ» دەپ ئاتاشقان. بۇ مەكتەپنىڭ داڭقى ئەتراپقا تارقالغان. مەكتەپنىڭ داۋرىڭى چاررۇسىيە مەمۇرى بولغان مائارىپ باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن بۇ مەكتەپنى قانۇنسىز دەپ دەرھال تاقىغان. بەزى يەرلىك مۇتەئەسسىپ روھانىلارمۇ تەتۈر شامال چىقارغان. قازان شەھىرىدە تۇرىدىغان مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسى كۈچلۈك ن. ئى. ئىلمىنسكىي ئۆزىنىڭ تۈركىستاندا ئىش بېجىرىدىغان مەسلەكدىشى ك. پ. پابېدىناستىسېۋگە يوللىغان مەكتۇبىدا مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن: «ئالىملاردىن ۋە ئۆتە بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاگاھ بولۇڭلار. ئەدەپلىك ۋە ۋۇجۇدى بىلەن دىنغا بېرىلگەن ئاددىي ئادەملەرگە قارىغاندا ئۇلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىڭلار. رۇس بىلىمىنى ئۆگەنمىگەن، رۇسلارنىڭ تىلىنى بىلمىگەن يەرلىك ئادەملەر بىز ئۈچۈن رۇسچە بىلىم ئالغان تاتارغا قارىغاندا ياخشىراق. يامىنى ئۇنى-بۇنى بىلىۋالغانلار، ئەڭ يامىنى ئۇنىۋېرسىتېت تەربىيەسى كۆرگەن كىشىلەردۇر. بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ ئادەملەر رۇس تىلىنى ياخشى بىلمەسلىكىدىن قىزىرىدىغان، ئانچە-مۇنچە خاتا يازىدىغان، گۇبېرناتوردىنلا ئەمەس، ئاددىي مەمۇرلىرىمىزدىن قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.» 2W2T  
دېمەك، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ جەدىدچە مەكتەپلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئارزۇسى مانا مۇشۇنداق ياۋۇز مۇستەملىكىچى سىياسەت ۋە يەرلىك قاشاڭ ئاڭ-ئىدىيە ئىگىلىرى تەرىپىدىن يوققا چىقىرىلغان. ئەمما، بۇ چاغدا ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ھەپتىدە بىر سان چىقىشقا ئۆزگەرتىلگەن «تەرجىمان» گېزىتى ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە كەڭ تارقالغان. ئىلغارلىققا مايىل، ئەمەلىيەتچى، يىراقنى كۆرەر ياشلار «تەرجىمان» گېزىتىدىكى ئاكتۇئال سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، مىللىي ۋە دىنىي خەۋەر، مۇلاھىزىلەرنى ئوقۇپ بارا-بارا جەدىدىزملىق ئاڭغا ئىگە بولغان⑧. ,@/O\fit)  
ئىسمائىل غاسپىرالى «تەرجىمان» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق يازغان: «سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، بىز ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئىش ئىلىم ۋە مائارىپ ئىشىدۇر. ئەڭ مۇقەددەس ئىنتىلىش ئىلىمگە، مائارىپقا ئىنتىلىشتۇر. چۈنكى ئىنساننى ئىنسان قىلغان مېھنەت ۋە بىلىمدۇر. بىلىم مەدەنىي تۇرمۇشقا يېتىش ۋاسىتىسىدۇر. مەدەنىي تۇرمۇش بولسا ئىنساننىڭ ياشاش مەقسىتى ۋە ئۇسۇلىدۇر.» قالاقلىق، نادانلىق ئاسارىتىدە ۋىجدانى پۇچۇلانغان ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ بۇ خىتابلارنى ھاياجانلانماي ئوقۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 1897-يىلى ئىسمائىل غاسپىرالى ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنە بىر قېتىم سەپەر قىلىپ مەھمۇد خوجا بەھبۇدى (1874 ‐ 1919) بىلەن كۆرۈشكەن. دەل مۇشۇ مەھمۇد خوجا بەھبۇدى ئارىدىن ئون يىللار ئۆتكەندە، يەنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەدىدچىلەرنىڭ داھىيسى سۈپىتىدە رول ئوينىغان. شۇ ئۇچرىشىشتا 46 ياشقا كىرگەن ئىسمائىل غاسپىرالى بىلەن 23 ياشقا كىرگەن مەھمۇد خوجا بەھبۇدى ئوتتۇرىسىدا ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان. بەرچىناي جۇدايىۋانىڭ «ئىسمائىل غاسپىرالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەدىدلىك ھەرىكىتى» ناملىق ماقالىسىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ 1898-يىلى قوقەنتتە موللا سالاھىدىن ئەپەندى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان. يەنە بىر ماتېرىيالدا يېزىلىشىچە، 1900-يىلى 2-ئايدا سالاھىدىن ئەپەندى دەپ ئاتىلىدىغان تاتار مۇئەللىم قوقانتلىق ئەلى ئەسقەر ئەپەندىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ مەكتەپ ئاچقان ھەم ئۇسۇلى سەۋتىيە بىلەن بالىلارنى ئوقۇتۇشنى باشلىغان. ئالتە ئاي توشقاندا جامائەت ئالدىدا بالىلاردىن ئىمتىھان ئالغان. جامائەت 8 ‐ 9 ياشلاردىكى بالىلارنىڭ خەت يېزىشنى، كىتاب ئوقۇشنى، ھېساب ئىشلەشنى، جۇغراپىيە ۋە تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ھەم قىرائەت قىلىشنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرۈشۈپ ھەيران قېلىشقان. ئابدۇقادىر شۈكۈرى 1901-يىلى ئاتايىن بۇخارادىن كېلىپ بۇ مەكتەپ بىلەن تونۇشۇپ كەتكەن. ئومۇمەن، چار رۇسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان تۈركىستان رايونىدا، جۈملىدىن تاشكەنتتە ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلىشى تاتار مۇئەللىملەرنىڭ پائالىيىتى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. يەرلىك خەلق تاتار مۇئەللىملەر قوللانغان جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى دەسلەپتە «نوغايچە ئوقۇتۇش» دەپ ئاتاشقان. بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى 1900-يىلى تاشكەنتكە كەلگەن بىر تاتار مۇئەللىم بەش ياغاچ دەرۋازىسىدىكى «نوغاي مەھەللىسى» دە قوللانغان. ئۆزبېكلەر كۆرۈپ ھەيران قالغان. ئۇلارنىڭ كۆرگىنى باشقا نەرسە ئەمەس بەلكى، تاتارچە ئېلىپبەنى قارا تۈنىكە تاختىغا بور بىلەن يازدۇرۇپ ئوقۇتۇش ھەم ئانچە - مۇنچە ھېساب ئۆگىتىش ئىدى. بۇ «نوغايچە ئوقۇتۇش» ئىدى. تۈركىستان گۇبېرناتورلىقى تېررىتورىيەسىدە تۇنجى بولۇپ جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان مەشھۇر ئۆزبېك جەدىدچى مۇنەۋۋەر قارىي ئابدۇرەشىدخاندۇر. ئۇ 1901-يىلى يەرلىكلەردىن تۇنجى بولۇپ تاشكەنت شەھىرىدە جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان. ئارقىدىنلا توقماق شەھىرىدە ئۇسۇلى جەدىد ئوقۇتۇش مېتودىنى قوللانغان بىر مەكتەپ، ئەنجاندا شەمسىدىن داموللا ئاچقان بىر مەكتەپ بارلىققا كەلگەن. 1903-يىلى سەمەرقەندتە ئابدۇقادىر شۈكۈرى ۋە مەھمۇد خوجا بەھبۇدىيلار تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان. شۇنداق قىلىپ جەدىدچە مەكتەپلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە كەڭ ئومۇملاشقان. ئارقىدىنلا گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنغان. دەرسلىكلەر تۈزۈلگەن. جەمئىيەتلەر قۇرۇلغان. مەھمۇد خوجا بەھبۇدى، ئابدۇقادىر شۈكۈرى، مۇنەۋۋەر قارىي ئابدۇرەشىدخان، ئابدۇللا ئەۋلانى، سەدىردىن ئەينى، ھەمزە ھەكىمزادە، ئەبەيدۇللا خوجا، ئابدۇرەئۇف پىترەت، ئەھمەد زەكى ۋەلىدى، پەيزۇللا خوجا، ئوسمان خوجا، چولپان قاتارلىق داڭلىق جەدىدچىلەر ئوخشاشمىغان ساھەلەر بويىچە باشلامچىلىق قىلغان، پىداكارلىق كۆرسەتكەن. \7%#4@;?  
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە جەدىدلىك ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشى مۇستەملىكىچى چار پادىشاھ دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان، چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى تۈركىي خەلقلەر تەپەككۇرىدىكى بۈيۈك ئىنقىلاب ئىدى. بۇنداق تەپەككۇر ئىنقىلابىنىڭ ئاقىۋىتى چارىزمغا پايدىسىز دەپ قارىغان چار پادىشاھ دائىرىلىرى، جەدىدىزم ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن تۈرلۈك قەبىھ سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن ھەم مۇتەئەسسىپ دىن پېشۋالىرىنى كۈشكۈرتۈپ ئىچكى ئىختىلاپنى كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ جەدىدچە مەكتەپلەرنى تاقاش، بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىش، شۇ ئارقىلىق بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان. oR,6esA+6n  
دېمەك، تۈركىي خەلقلەر ھاياتىدا جەدىدچىلىك ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن مەركەز قىرىمنىڭ باغچە ساراي شەھىرى ئىدى. ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن شەخس موسكۋادا ئوقۇغان، فىرانسىيەدە ئىككى يىل ئۆگەنگەن داڭلىق زىيالىي ئىسمائىل غاسپىرالى ئىدى. بارلىققا كەلگەن ۋاقتى 1884-يىلى ئىدى. بۇ بارلىق جەدىدشۇناسلار ئېتىراپ قىلغان ئورتاق قاراش ئىدى. پەقەت بىزلا بۇ ھەقىقەتنى ئۆگەنمىگەن ئىدۇق. شۇڭا يىلنامىلەرنى خالىغانچە قوللىنىپ، جەرياننى خالىغانچە بايان قىلىپ، سەۋەبنى خالىغانچە توقۇپ جەدىدلىك ھەرىكىتىنى گويا بىز باشلىغاندەك تەرىزدە يېزىپ كەلدۇق. ئەمەلىيەتتە، جەدىدلىك ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئاپتورلىرىمىزنىڭ ماقالە-ئەسلىمىلىرىدە بايان قىلىنغىنىدەك ئۇنداق ئادەتتىكى ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. مائارىپتىكى زور ئىسلاھات ھېسابلىنىدىغان جەدىدچە مەكتەپ ئېچىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. جەدىدچە ئوقۇتۇش مېتودى بويىچە تەربىيەلەنگەن ئوقۇتقۇچى بولمىغان شارائىتتا كونا مەكتەپلەرنىڭ خەلپەتلىرىگە تايىنىپلا بۇنداق مەكتەپنى ھەرگىز ئاچقىلى بولمايتتى. !& >`  
ئۇنداقتا ئىلى ۋادىسىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان؟ شۈبھىسىزكى، قىرىمدىن تارقىغان جەدىدلىك مەشئىلىنىڭ ئۇچقۇنلىرى تاتارىستان، ئۇرال، ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە جەدىدچە مائارىپنىڭ ئوچاقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەندەك، ئانا دىيارىمىزدىكى ئاتۇش، غۇلجا، چۆچەكتىن⑨ ئىبارەت ئۈچ يۇرتتا ئوخشاش مەزگىلدە جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئانا دىيارىمىزدىمۇ خۇددى باشقا جايلاردىكىدەك تەرەققىيپەرۋەر بايلارنىڭ ۋە ئىلغارلىققا ئىنتىلىدىغان زىيالىيلارنىڭ رولى چوڭ بولغان. D,ZLo~  
تاتارىستانلىق ئاكادېمىك مىرقاسىم گوسمانوف (ئوسمانوف) نىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئىسمائىل غاسپىرالى» ناملىق ماقالىسىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، قازانلىق ۋەلىشاھ غالىئەكبەرېف دېگەن بىرەيلەن «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1899-يىلى 10-دىكابىردىكى سانىغا بىر خەۋەر يازغان. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۈسەيىن مۇسابايېف 1898-يىلىدا «ئۇسۇلى سەۋتىيە» مېتودىنى ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ شەھىرىدىكى جەدىدچە تاتار مەدرىسەسىگە ئابدۇلكەرىم ئەپەندى دېگەن ئۇيغۇر كىشىنى ئەۋەتكەن. مانا شۇ كىشى ئورېنبۇرگدا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ «ئۇسۇلى سەۋتىيە» بويىچە تەجرىبە ھاسىل قىلىپ، شۇ كۈنلەردە غۇلجا ئارقىلىق قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. بۇ خەۋەرنى يازغان ۋەلىشاھ «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1900-يىلى 16-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا يەنە ماقالە يېزىپ ھۈسەيىن مۇسابايېفنىڭ بۇ ئىشىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي ھۈسەيىن مۇسابايېف يەنە بىر كىشىنى − ھاجى سوپى ئوغلى مەسۇم ئەپەندى دېگەن ئۇيغۇرنى جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئوبدانراق ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن باغچە ساراي شەھىرىگە ئەۋەتكەن. ئەنە شۇ مەسۇم ئەپەندى قەشقەر ۋە غۇلجا شەھەرلىرىدە جەدىدچە توققۇز مەكتەپنىڭ دائىمىي رەۋىشتە ئىشلەپ تۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. «تەرجىمان» گېزىتىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھۈسەيىن مۇسابايېفنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلىپ تۇرغان («تەرجىمان» 1902-يىلى 3-ئاۋغۇست). %z-*C'j5H  
مىرقاسىم گوسمانوفنىڭ ماقالىسىدىكى بۇ بايان بىزگە مەسۇم ئەپەندى قىرىمغا بارغاندا قەشقەر ۋە غۇلجا شەھەرلىرىدە جەدىدچە توققۇز مەكتەپنىڭ دائىمىي رەۋىشتە ئىشلەپ تۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلغانلىقىدەك مۇھىم ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ. قەشقەردىكى جەدىدچە مەكتەپ ئابدۇلكەرىم (كېرەم) ئەپەندى ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە 1899-يىلى كۈزدە جەدىدچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان «ھۈسەينىيە مەكتىپى» نى كۆرسىتىدۇ⑩. غۇلجىدىكى جەدىدىچە مەكتەپلەرنى كىملەر ئاچقان بولۇشى مۇمكىن؟ يۇقىرىقى باياندا كۆرسىتىلگەندەك «ھۈسەيىن باينىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى» ئاساسىدا ئېچىلغانمۇ ياكى غۇلجىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رۇسىيەلىك تاتارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئېھتىياجى بىلەن ئۇلار تەرىپىدىن ئېچىلغانمۇ ۋە ياكى ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم تەرىپىدىن 1895-يىلى ئېچىلغانمۇ؟ مېنىڭچە ئالدى بىلەن ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم 1895-يىلى ياركەنتتىكى ئابدۇراخمان داموللا دېگەن تاتار كىشىدىن جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ كېلىپ غۇلجىدا تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان، دېگەن قاراشنى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ قاراشتا مەن باشتا ئېيتقاندەك مەلۇم دەرىجىدە ئاساس بار. لېكىن بۇ ئاساس بۇ قاراشنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يېتەرلىك ئەمەس. مېنىڭچە بۇ قاراشنىڭ توغرا بولۇشىغا پايدىسىز گۇمانلىق ئىككى نۇقتا بار: (1) ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىمنىڭ غۇلجىدا دىنىي مەكتەپ ئوقۇتۇشىغا ئۇسۇلى جەدىدنى ئېلىپ كىرگەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان قاراش بولسىمۇ مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى ماقالىسىدا «1895-يىلى» دېگەن يىلنامىنى دەلىل-پاكىتسىز ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتور بۇ ماقالىسىنى 1984-يىلى يازغان. ئارىدا 90 يىل ۋاقىت بار، شۇڭا يىلنامىنى بايان قىلغاندا ئىشەنچلىك دەلىل، ئىسپات بولمىسا، ئىشەنچ بىلەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خاتا كېتىپ قېلىش ئەھۋالى ھەر زامان مەۋجۇت. مەسىلەن، مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىمۇ يىلنامىغا ئالاقىدار مۇنداق بىر روشەن خاتالىق كۆرۈلگەن. «1910-يىلى كەشفۇلئەسرار داموللامنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاتارلار ‹نوغاي مەكتىپى› دەپ مەكتەپ ۋە بىر قىرائەتخانا ئاچقان.» بۇ باياندا ئىككى خاتالىق كۆرۈلگەن: بىرى، 1910-يىلى ئەمەس 1914-يىلى دېيىلگەن بولسا توغرا بولاتتى. يەنە بىرى، كەشفۇلئەسرار داموللامنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەمەس، ئابدۇللا بۇبىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دېيىلگەن بولسا توغرا بولاتتى. (2) مۇرات ھەمرايېف بىلەن نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتنىڭ ماقالىلىرىدىكى ئۇچۇرلار ياركەنتنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنىڭ 1895-يىلى ئۇ دەرىجىدە ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. , :#bo]3  
بۇ قاراشنىڭ توغرا بولۇشىغا پايدىلىق مۇنداق ئىككى ئامىل بار: (1) «ئاتىمىز مەرھۇم ئابدۇمۇتائالى كامالى (خەلپەم) ئىلىغا ئۇسۇلى جەدىدنى ئەڭ بۇرۇن ئېلىپ كىرگۈچىلەرنىڭ بىرى» دېگەن ئۇچۇرنى يازغان مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپىتىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئوقۇمۇشلۇق، مۆتىۋەر كىشىدۇر. ئۇ دادىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى يازغان بولۇپ، ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى. (2) ياركەنت شەھىرىدە ھەقىقەتەن ئابدۇراخمان داموللام دېگەن كىشىنىڭ بىر مەزگىل تۇرغانلىقى توغرا بايان قىلىنغان. ئابدۇللا بۇبىنىڭ خاتىرىسىدە ئابدۇراخمان داموللىنىڭ ياركەنتتە ياشىغانلىقىغا ئائىت بىر ئۇچۇر بار. ئابدۇللا بوبى بۇ ئۇچۇرنى 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى غۇلجىغا كېلىپ، تاتارلارنىڭ قىزلار مەكتىپى بىلەن ئوغۇللار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلاپ بىرەر ئاي ئۆتمەي تۇرۇپ، غۇلجىدىكى رۇسىيە كونسۇلى تاتارلار ئۈچۈن ئاقساقاللىققا تەيىنلىگەن فازىلجان ئاقساقال دېگەن كىشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا بايان قىلغان. ئۇ خاتىرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىن بۇرۇن، بىزدىن مۇسابايېفلارغا مۇئەللىم بولۇپ كەلگەن ئابدۇلمۇتەللىپ ئىلكايېفنىمۇ فازىلجان ئەپەندى يولغا سېلىۋەتكەن ئىكەن. مېنىمۇ ئۇ، ئابدۇلمۇتەللىپنى يولغا سېلىۋەتكەندەك يولغا سېلىۋەتمەكچى ئىكەن. لېكىن ئىش ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولمىدى.»، «ئۇنىڭ پۈتۈن مەقسىتى ھەركىمنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ، ئۆزىنى ھەممىدىن بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشتۇر. ئۆزىگە بېقىنمىغان، ئۆزىدىن پازىل بىر ئادەمنى ھەرۋاقىت بار كۈچى بىلەن بوزەك قىلىشقا، يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىپ يۈرىدۇ. ياركەنتتىكى داموللا ئابدۇرەھماننىمۇ ئۇ خاراب قىلغان. پىتنە توقۇپ ئىناۋىتىنى تۆككەن.» #mw !_]  
بۇ ئۇچۇردىن بىز ئابدۇراخمان داموللىنىڭ ياركەنتتە قاچان تۇرغانلىقىنى بىلەلمىسەكمۇ، بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز. 'R79,)|;[  
قىسقىسى، ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم ئىلىدا ئۇسۇلى جەدىد ئوقۇتۇشىنى يولغا قويغان پېشۋا مائارىپچىلاردىن بىرى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما، پاكىت يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاساس كۈچلۈك بولمىغاچقا تۇنجى جەدىدچى دېگەن ئاتاققا نائىل بولالمايدۇ. مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن ئىنكار قىلىشنىڭ ئاساسلىرى تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدىغان كۈچلۈك ئاساس ياكى ھۆججەتلىك پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىققاندا، چوقۇمكى، بۇ ئىككى تەڭپۇڭ قاراشنىڭ بىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. gCb+hQq\  
ئىلىدا مۇنتىزىم يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى بىر قەدەر كۈچلۈك ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىغان قاراش مەسۇم ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. Oh*~+/u}q  
مەسۇم ئەپەندى دېگەن ئىسىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ھازىرقى كىشىلەرگە ئانچە تونۇش ئەمەس. لېكىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بۇ ئادەم ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرىدىكى تۆھپىسى ئەڭ زور پېشۋا مائارىپچىلارنىڭ بىرىدۇر. #f2k*8"eAF  
ئۇيغۇر جەدىدلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار رۇسىيەدىكى تاتار شەھەرلىرىدە سودا قىلىش جەريانىدا جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەڭ بالدۇر تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن 1898-يىلى ئاتۇشتىن كېرەم ئەپەندىنى ئۇرېنبۇرگقا جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن. «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1902-يىلى 3-ئاۋغۇستتىكى سانىغا بېسىلغان خەۋەردىن بىز ھاجى سوپى ئوغلى مەسۇم ئەپەندىنىڭ جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئوبدانراق ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن ھۈسەيىن مۇسابايېف تەرىپىدىن باغچە ساراي شەھىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئەنە شۇ مەسۇم ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا قەشقەر ۋە غۇلجا شەھەرلىرىدە توققۇز جەدىدچە مەكتەپ دائىمىي رەۋىشتە ئىشلەپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلىمىز. مەسۇم ئەپەندى باغچە سارايغا بارغاندىن كېيىن مۆتىۋەر جەدىدچى ئىسمائىل غاسپىرالى بىلەن كۆرۈشكەن. ئىسمائىل غاسپىرالى ئۇنىڭغا يېڭى مائارىپ ئىشلىرىنى پىششىق ئۆگىنىش ئۈچۈن تۈركىيەگە بېرىپ ئوقۇش تەكلىپىنى بەرگەن. چۈنكى بۇ يىللاردا تۈركىيەدە ياۋروپاچە مەكتەپلەر كۆپلەپ ئېچىلىپ يېڭىچە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئالاھىدە يۈكسەلگەن. مەسۇم ئەپەندى ئىسمائىل غاسىپرالىنىڭ تەكلىپى بىلەن باغچە سارايدىن 1902-يىلى 9-ئايدا ئوقۇش مەقسىتىدە تۈركىيەگە بارغان. مەسۇم ئەپەندى تۈركىيەگە بارغاندىن كېيىن 1884-يىلى مەھمەت نادىر بەي تەرىپىدىن قۇرۇلغان «نەمۇنە تەرەققىي مەكتىپى» دە ئوقۇش ئۈچۈن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ مائارىپ باش نازارىتىگە ئىلتىماس سۇنغان. ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى كۆرگەن مائارىپ نازىرى جەلالىددىن سۇلتانلىق باش كاتىپىغا تۆۋەندىكىچە ئىلتىماس سۇنغان: _|#abLh%  
مائارىپ باش نازارىتىدىن سۇلتانلىق باش كاتىپىغا: V| 97;  
غۇلجىدا «مەكتىپى ھۈسەينىيە» مۇئەللىمى بولۇپ، چىندىكى ئىسلام مەكتىپىدە ئۆگەنگەن ۋە كۆرگەن ئىلىمىنى ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىسلامنىڭ ئۆگىتىش ئۇسۇللىرىنى قۇلايلاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن سۇلتانلىقىمىزغا ئەۋەتىلگەن مەسۇم ئەپەندىنىڭ «نەمۇنە تەرەققىي مەكتىپى» گە ئىلتىجا قىلغان ئىلتىماسى ماڭا كەلدى. مەزكۇرنىڭ ئىسلامغا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئۇسۇلدا ئىلىم تەھسىل قىلىشى ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇۋاپىق باشقا بىر مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ھەققىدە پەرمان قىلىپ 1318-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى 1929-نومۇرلۇق مەخسۇس بۇيرۇق بىلەن مەزكۇرنى خەلىپىلىكىمىزگە تەۋە مەخسۇس مۇئەللىم يېتىشتۈرىدىغان «دارىلمۇئەللىمىن» گە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە خەلىپىلىكىمىزنىڭ «مەكتەبى مۈلكىيە⑾» دىمۇ ئوقۇشىغا سۇلتانىمىز ئەمىر قىلسا.  7H  
112 WryS  
        ھىجرى 1320-يىلى جەمادىيەل ئاخىرنىڭ 27 سى Xb%q9Z  
                (1902-يىلى 9-ئاينىڭ 31-كۈنى) cERIj0~  
                        مائارىپ نازىرى جەلالىددىن 6DHK&<=D8  
l/'Gbu ECm  
بۇ قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇردىن بىز مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار غۇلجىدا ئاچقان جەدىدچە مەكتەپ − «مەكتىپى ھۈسەينىيە» نىڭ مۇئەللىمى ئىكەنلىكىنى، «تەرجىمان» گېزىتىدىكى خەۋەردە ئېيتىلغاندەك «جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئوبدانراق ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن» باغچە سارايغا ئوقۇشقا بارغانلىقىنى بىلەلەيمىز. XIl  
ئۇنداقتا، «مەكتىپى ھۈسەينىيە» قاچان ئېچىلغان؟ بۇ سوئالغا ئېنىق بىر نېمە دېمەك تەس. كېرەم ئەپەندى توغرۇلۇق «تەرجىمان» گېزىتىگە بېسىلغان خەۋەردىكى «غۇلجا ئارقىلىق قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن» دېگەن ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ، بەلكىم ئۇرېنبۇرگدا بىر يىل تۇرۇپ جەدىدچە ئوقۇتۇش مېتودىنى پىششىق ئۆگىنىپ كەلگەن كېرەم ئەپەندى غۇلجىدا مەسۇم ئەپەندىگە ئوخشاش بىر نەچچە ياشقا ئۆزى ئۆگىنىپ كەلگەن جەدىدچە ئوقۇتۇش مېتودىنى ئۆگەتكەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. چۈنكى ئۇسۇلى جەدىد مېتودى ئەنئەنىۋى مائارىپ ئۈچۈن زور يېڭىلىق ھېسابلانسىمۇ، ئەمما، ئۆگىنىۋېلىش ئۇنچىۋالا تەس مېتود ئەمەس ئىدى. بۇ كونىچە مەكتەپلەردىكى بوغۇمنى بوغۇمغا قوشۇپ يادلاپ ساۋاد چىقىرىدىغان قىيىن ئۇسۇل، يەنى «ئۇسۇلى ھىجا» مېتودىنىڭ ئورنىغا، تاۋۇشلارنى تونۇش ۋە قوشۇپ ئوقۇش ئارقىلىق ساۋاد چىقىرىدىغان «ئۇسۇلى سەۋتىيە» مېتودىنى كۆرسىتەتتى. بۇ مېتودنى 1810-يىللىرى گېرمانىيەلىك پېداگوگ يوھان فىرېدرىخ ھېربېرت (Johann Friedrich Herbart،1776 ‐1841) ياراتقانىدى. ئەلۋەتتە، جەدىدچە مائارىپ ئۇقۇمى ئۇسۇلى سەۋتىيە مېتودى بىلەنلا چەكلەنمەيتتى. ئۇسۇلى سەۋتىيە مېتودى ئۇسۇلى جەدىد مېتودى ئىچىدىكى بىر مۇھىم ئۇسۇل ئىدى. يەنى تېز ساۋات چىقىرىش مېتودى ئىدى. ئەينى يىللاردا كونىچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار  5-6 يىل ئوقۇپمۇ كۆپىنچىسى يېزىشنى ئۆگىنەلمەيتتى. ئەمما ئۇسۇلى سەۋتىيە مېتودىنى قوللىنىپ يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى. بۇ شۇ يىللاردا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ھەيران قالارلىق يېڭىلىق ھېسابلانغاچقا، ھەر قېتىملىق ئىمتىھان يۇرت جامائىتىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىنىپ كۆرسىتىلگەن. بۇنداق قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. دېمەك، مەسۇم ئەپەندى بەلكىم كېرەم ئەپەندىدىن ئۆگەنگەن بولۇشى ئېھتىمال دېيىشىمىزدىكى سەۋەب مۇشۇ. نېمە ئۈچۈن مەسۇم ئەپەندى كېرەم ئەپەندىدىن ئۆگەنگەن بولۇشى مۇمكىن دەيمىز دېگەندە، كېرەم ئەپەندىنى ئۇرېنبۇرگقا باشقا بىرى ئەمەس، ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. مەسۇم ئەپەندى باشقا بىرىنىڭ ئەمەس ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار غۇلجىدا ئاچقان «مەكتىپى ھۈسەينىيە» نىڭ مۇئەللىمى. بۇ مۇناسىۋەتمۇ بىزنىڭ پەرىزىمىزنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىدۇ. L7C ;l,ot  
مەسۇم ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ كەلگەندىن كېيىن ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار غۇلجىدا مەخسۇس يېتىم بالىلار ئۈچۈن ئاچقان «يېتىملار مەكتىپى» دىمۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. بۇنى بىز تۈركىيەدە چىقىدىغان «سراتىل مۇستەقىم» دېگەن گېزىتنىڭ 1909-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان خەۋەردىن كۆرۈۋالالايمىز. بۇ گېزىتتە يېزىلىشىچە ئىسمائىل غاسپىرالى 1909-يىلى تۈركىيەدە ئېچىلغان، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ مائارىپ ۋەزىرى ئەھمەد مىتھاد ئەپەندى قاتناشقان بىر يىغىندا مەسۇم ئەپەندىنىڭ غۇلجىدا يېڭى مەكتەپ ئوقۇتۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغان. ئەشرەپ ئەدىب بەي بۇ دوكلاتنى خەۋەرگە ئايلاندۇرۇپ ھىجرىيە 1327-يىلى رەجەب ئېيىنىڭ 19-كۈنىدىكى «سىراتىل مۇستەقىم» گېزىتىدە ئېلان قىلغان. ?Ij(B}D  
ئۇنداقتا، ئىلىدا تاتارلار كۆپ تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى سەۋتىيە بويىچە تەسىر كۆرسىتىشىنى نەزەرگە ئالامدۇق - يوق؟ ئۇلار تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن بولسىچۇ؟ دېگەندەك سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل سوئاللارغا بۇنداق مۇمكىنچىلىكنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن تاتارلارنىڭ غۇلجىدا جەدىدچە مەكتەپ ئېچىشى 1900-يىللىرى باشلانغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جەدىدچە مەكتەپ ئېچىشىدەك جانلىق بولمىغان. بۇنى تۆۋەندىكى ئىككى پاكىتتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىرى، «سىراتىل مۇستەقىم» گېزىتىگە بېسىلغان يۇقىرىقى خەۋەردە «باشقا جەھەتتىن چىن مۇسۇلمانلىرى تېخىمۇ بالدۇر ھەرىكەت قىلماقتا» دېگەن جۈملە ئارقىلىق ئاكا-ئۇكا مۇسابايېف ۋە مەسۇم ئەپەندى قاتارلىق ئىلى جەدىدچىلىرىنىڭ جەدىدچە مەكتەپ ئېچىش جەھەتتىكى ئاكتىپ پائالىيەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئېنىقكى، بۇ خەۋەردىكى «چىن مۇسۇلمانلىرى» ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدىكى ئىلى تاتارلىرى تەۋەلىك جەھەتتىن رۇسىيە پۇقرالىرى بولۇپ، ئۇلارنى ئىلىدىكى رۇس كونسۇلى باشقۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئاقساقىلى فازىلجان ئاقساقال دېگەن كىشى ئىدى. يەنە بىر پاكىت، ئابدۇللا بۇبىنىڭ خاتىرىسىدە ئۇچرايدۇ. ئۇ خاتىرىسىدە 1913-يىلى غۇلجىغا ئايالى ھۆسنۈفاتىمەنى ئېلىپ تاتارلار ئاچقان ئوغۇللار ۋە قىزلار مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا كەلگەن چاغدىكى تەسىراتىنى مۇنداق يازغان: «مەن كەلگەن يىلى ئوغۇللار مەكتىپىدە تۆت سىنىپقا بىر مۇئەللىم باركەن. قىزلار مەكتىپىدە بىرمۇ مۇئەللىمە يوقكەن. مەن كەلگەندىن كېيىن سالاھىددىن ئەپەندىنى ئەكەلدۈردۈم. يۈسۈپ قارى، سالاھىددىن ۋە مەن ئۈچ مۇئەللىم بولدۇق. قىزلار مەكتىپىگە ھۆسنۈفاتىمە، يېنىغا ئابدۇللا مۇھسىننىڭ خوتۇنىنى ئەكەلگەنىدى. لېكىن مۇئەللىملىككە يارىمىغاچقا قايتۇرۇۋەتتۇق، تۆت سىنىپتىكى قىزلارنى ھۆسنۈفاتىمە ئۆزى يالغۇز ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولدى. مەنمۇ بىرئاز ياردەم قىلدىم.» ttsR`R1.k  
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غۇلجىدىكى تاتارلار 1913-يىلىغىچە ئوقۇتقۇچى جەھەتتە مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىق تارتقان. ناۋادا ئۇلار غۇلجىدا 1899-يىلى مەكتەپ ئاچقان بولسا، 10 يىللار ئۆتكەندىكى تەرەققىياتى بۇ ھالەتتە بولمىغان بولاتتى. 1913-يىلىغىچە ئۆزلىرىگە ياراملىق مۇئەللىم تاپالماي تۇرغان غۇلجا تاتارلىرىنىڭ مەسۇم ئەپەندىگە ئوخشاش 1899-يىلىلا مائارىپچىلىق ھاياتىنى باشلىغان مۇئەللىمگە ئۇسۇلى سەۋتىيە مېتودىنى ئۆگەتكەن بولۇشى ناتايىن. شۇڭا، مەن ئىلىدا تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ − «مەكتىپى ھۈسەينىيە» 1899-يىلىنىڭ باشلىرى ئېچىلغان، بۇ مەكتەپكە 1898-يىلى ئۇرېنبۇرگقا بېرىپ ئۇسۇلى سەۋتىيە مېتودىنى ئۆگىنىپ كەلگەن كېرەم ئەپەندى ئۈلگە كۆرسىتىپ دەرس ئۆتۈپ بېرىپ، مەسۇم ئەپەندى قاتارلىق تۇنجى جەدىدچى مۇئەللىملەرنى تەربىيەلىگەن دەپ قارايمەن. كېرەم ئەپەندى قەشقەرگە بىكاردىن بىكار غۇلجا ئارقىلىق قايتمىغان بولسا كېرەك. بۇ مەنتىقىي خۇلاسە، مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئىلى مائارىپىدىكى تۇنجى جەدىدچى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. kXwAw]ogN  
قارايدىغان بولساق، مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئىسمى ئىلىدىكى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسىلەن، مەسۇم ئەپەندىنى ماقالىسىدا تىلغا ئالغان كىشى نەسىردىن ناسىرىدۇر. مەن ماقالەمنىڭ باش قىسمىدا «قىممەتلىك ئۇچۇرلار بار» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن «ئىلىنىڭ كونا مائارىپ ئىشلىرى ھەققىدە ئەسلىمە» دېگەن ماقالىدا نەسىردىن ناسىرى مەسۇم ئەپەندىنىڭ نامىنى ئالتە قېتىم تىلغا ئالغان. ئۇ ماقالىسىدا غۇلجىدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىققانلارنى سانىغاندا باشتا مەسۇم ئەپەندىنىڭ نامىنى ئاتىغان. ئۇ ماقالىسىدا يەنە مۇنداق يازغان: «مەسۇم ئەپەندى، ئابدۇراخمان ئەپەندى، جىرجىس ھاجى قاتارلىقلار ئىلى بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ يېنىدا ئىلىم-بىلىم دەرنەك مەكتىپى ئېچىپ، شەھەردىكى بالىلاردىن 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى يىغىپ پەننىي بىلىملەرنى ئوقۇتتى. بۇ مەكتەپ ئىلى يېڭى مائارىپىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.» نەسىردىن ناسىرى ئەپەندى بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار توغرۇلۇق توختالغاندا «غاپپار پالتايوف، ھەسىنىم پالتايوف، ئابدۇللا لوندون، ھەسەن شاڭخەي، ئابدۇرۇپ مەخسۇم، مەقسۇت ھاجىم قاتارلىقلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەشھۇر بىلىم ئىگىلىرى، سودا-سانائەتنىڭ ماھىر يېتەكچىلىرى ۋە يېڭى ئىلىم-مەرىپەت تارقاتقۇچىلاردىن بولۇپ قالغانىدى» دەپ يازغان. e"S?qpJK  
ئەلۋەتتە، مەسۇم ئەپەندىنىڭ جەدىدچە ئوقۇتۇش پائالىيىتى توسالغۇسىز بولمىغان. نەسىردىن ناسىرى ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە بۇ جەھەتتىكى كۈرەش گەۋدىلىك بولغان. بۇنى بىز تۆۋەندىكى بايانلاردىن كۆرۈۋالالايمىز: «چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ كەلگەن ئەپەندىلىرىمىز ياكى دىنىي ئۆلىمالىرىمىز بولسۇن خەلق مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش، پەن ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، بەزى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر يەنە باش كۆتۈرۈپ، ياش ئوغول-قىزلىرىمىزنىڭ پەننىي ئۆگىنىش، ناخشا ئېيتىش، تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشتەك يېڭىلىق ئىشلىرىغا قارشى چىقتى. مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەر يەنە: ‹جەدىدچىلەر كۆپىيىپ كەتتى، دىنىي ئوقۇشىمىزغا زىيان سالدى، تالىپلار دىننى تاشلاپ جەدىدچىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى› دېيىشىپ مەسۇم ئەپەندىنى دەرنەكنى يېپىشقا قىستىدى. مەسۇم ئەپەندى يۇرت مۆتىۋىرى ھەم پاراسەتلىك كىشى بولغاچقا، مەرىپەت ساھەسىدىكى مەسلىكىدىن يانمىدى، بەلكى خەلققە، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن مەدەنىيەت لازىملىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى. كۆپلىگەن ئىلغار زات ۋە ئۆلىمالار مەسۇم ئەپەندىنى قوللاشتى. شۇڭا دەرنەك مەكتەپ ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولۇپ، خېلى كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدى. شۇ چاغدا ئىسمائىل خەلپەت بۇ مەكتەپ ھەققىدە مۇنداق بىر غەزەل ئوقۇپ يۈرگەنىدى: 9p W~Gz  
بۇ مەكتەپ بېغىدا ئېچىلدى گۈل، ئەترە، رەيھان، %GhI0F #  
ئىلى شەھىرىنى خۇشبۇي ھىدى قىلدى خاسىيەتلىك دەۋران.» 7S a9  
ئومۇمەن، مەسۇم ئەپەندىنىڭ نامى 1920-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مائارىپ ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى ماقالىلاردا ئۇچرايدۇ. 1934-يىلىدىن باشلانغان غۇلجىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى دولقۇنىدا بۇ كىشىنىڭ نامى پەقەت تىلغا ئېلىنمايدۇ. قارىغاندا، ئۆمرى ئاخىرلاشقان بولسا كېرەك. BPO5=]W 7  
مەسۇم ئەپەندىنىڭ نامىنى ئابدۇللا بۇبى ئۆز خاتىرىسىدە مۇنداق تىلغا ئالغان: «غۇلجىدا ئېچىلغان ھۆكۈمەت مەكتىپىدە بىر-ئىككى يىل ئىشلىگەن بىر ياپون بولۇپ، ئىنقىلاپ ۋاقتىدا مەكتەپلەر تاقالغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئارقىلىق لوندونغا كەتمەكچى بولغان ئىكەن. لېكىن، تاشكەتتە، ‹ياپون جاسۇسى› دەپ قاراپ، رۇسلار تۇتۇۋېلىپ، ئون ئاي ساقچى نازارىتىدە تۇرغان ۋە ئاخىرى يەنە غۇلجىغا ئەكىلىپ تاشلىغانىكەن. ھازىر بۇ يەردە تۈركىيەدە ئوقۇپ قايتقان مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتىدۇ.» u<edO+  
ئابدۇللا بوبى خاتىرىسىدە بۇ ئۇچۇرنى 1913-يىلى 12-ئايدىكى بىر ئىشقا باغلاپ يازغان. بۇ ئۇچۇردىكى ئىنقىلاب 1911-يىلى 11-ئايدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن «ئىلى شىنخەي ئىنقىلابى» نى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ياپون ئىلىدىكى ياپونىيەدە ئوقۇپ كەلگەن ئوفېتسېر ياڭ زەنشۈ باشقۇرىدىغان يېڭى ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلىنغان بولسا كېرەك. xe!bfzU  
خۇلاسىلىگەندە، مەسۇم ئەپەندى دېگەن بۇ ئادەم خىيالىي ئويدۇرما ئەمەس. ئۇ ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرى باشلانغان چاغدىكى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا كېيىنكىلەر ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاساسەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن. نەسىردىن ناسىرىنىڭ ماقالىسىدىكى بايانلارمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى دېگەندەك قوزغىيالمىغان. 1910-ۋە 1920-يىللاردا ئىلىدا تېخىمۇ يېتىشكەن زىيالىيلار ۋە جەدىدچە ئوقۇتۇشقا ماھىر مۇئەللىملەر بارلىققا كەلگەچكە مەسۇم ئەپەندى گەۋدىلەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن. Q@W/~~N  
مېنىڭ ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى ئىزدىنىشلىرىم ۋە قاراشلىرىم مۇشۇ. مەن بۇ ئىزدىنىشلىرىمنى ئاخىرقى چەك، بۇ قاراشلىرىمنى ئاخىرقى يەكۈن دەپ تۇرۇۋالمايمەن. بۇ تېما ھەممىمىز ئۈچۈن ئوچۇق، پەقەت ئىزدىنىش ئۇسۇلىمىز ئىلمىي تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى، قاراشلىرىمىز پاكىتلىق، لوگىكىلىق بولۇشى شەرت! بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاساسسىز قاراشلارنى «جەننەت ماكان − ئىلى» دېگەن كىتابتىكىگە ئوخشاش تەكرارلاپ كۆتۈرۈپ يۈرۈۋېرىدىغانغا ئەمدى ھېچقانداق باھانىمىز يوق. بۇ تېمىدىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە سەل قاراش ئىلمىي پوزىتسىيە جەھەتتىكى بىپەرۋالىقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. پاكىتنى ھۆرمەت قىلىش، تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن ئىلمىي يەكۈننى قوبۇل قىلىش ئىلمىي ساپاغا بېرىپ تاقىلىدۇ. *dw.=a9  
3`^@ymY  
iOk ;o=  
مەنبە ۋە ئىزاھات: >rd#,r  
① مۇراد ھەمرايېف: «دەۋر سەھىپىلىرى» (ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى توغرىسىدا)، قازاقىستان، ئالماتا. 1972-يىلى نەشرى (كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىنغان كىتاب)، 9-بەت. b#_RZ  
② پ. م. ھەمرايېف تۈزگەن: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خىرېستومانىيا»، (11-سىنىپلار ئۈچۈن)، ئالماتا مەكتەپ نەشرىياتى، 2002-يىلى نەشرى، 49-بەت. ;st0Ekni)  
③ س. د. فورسىيس: «س. د. فورسىيس باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ 1873-يىلى يەكەنگە قىلغان زىيارىتى ھەققىدە دوكلات يەكەن ئەمرى ۋە ئۇنىڭ تېرىتورىيەسىنىڭ تارىخى ھەم جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى»، تاشقى ئالاقە نەشرىياتى، ھىندىستان كالكۇتتا، 1974-يىلى، ئىنگلىزچە نەشرى، 87-، 88-بەت. (فورسىيس يەكەن دېگەندە قەشقەرىيەنى نەزەردە تۇتقان.) (;{X-c}?  
④ «ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ پىكرىي ئەسەرلىرى»، تۈركىيە «ئۆتۈكەن» نەشرىياتى، 2008-يىلى نەشرى، تۈركچە، 273-، 286-بەتلەر. S1 QMS  
⑤ ئەھمەد كامالنىڭ «چىن - تۈركىستان خاتىرىلىرى. شاڭخەي خاتىرىلىرى» دېگەن خاتىرىسى 1997-يىلى، ئادىل ھېكمەت بەينىڭ «ئاسىيادا بەش تۈرك» دېگەن خاتىرىسى 1999-يىلى تۈركىيەدىكى ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئابدۇللا بۇبىنىڭ خاتىرىلىرى 1913-يىلى تاشكەنتتىن يولغا چىقىپ 1917-يىلى غۇلجىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان جەرياننى ئەسلىمە شەكلىدە يازغان خاتىرە بولۇپ، تاتارىستاندىكى ئارخىپتا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىدىن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە دوكتۇرانتلىققا ئوقۇۋاتقان ۋەتەندىشىمىز ئۆمەرجان نۇرى تەرىپىدىن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان. .t "VsY|  
⑥ «ئۈمىد يۇلتۇزى» (غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان كىتاب)، 2001-يىلى بېسىپ تارقىتىلغان. 244-بەت. 981-[ga `Y  
⑦ بېنجامىن . س. لېۋىي: «شىنجاڭ مائارىپى: 1884-1928»، بۇ ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسى بولۇپ، 2006-يىلى ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ياۋروپا-ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتېتىغا ئۇنۋان ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان. بۇ ماقالىدىكى شىنجاڭ جەدىدچىلىك مائارىپى 1980-يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەردىكى بايانلار ئاساسىدا يېزىلغان. ئاپتور ماتېرىياللارنى تەنقىدىي نەزەر بىلەن تەكشۈرۈپ باقمىغاچقا بەك كۆپ ئىلمىي خاتالىقلارغا يول قويغان. l\UjvG  
⑧ يالقۇن روزى: «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىلى 1-سانى. n~^SwOt~;5  
⑨ مالىك چانىشىف (تاتار) ئەپەندى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «جۇڭگو تاتار مائارىپى تارىخى» ناملىق كىتابىدا «چۆچەك شەھىرىدە تۇنجى ئۇسۇلى جەدىدچە تاتار مەكتىپى 1910-يىللاردا ئېچىلغان» (74-بەت) دەپ يازغانىدى. ئەينى زاماندا چۆچەكتە ياشىغان تاتار تارىخچى قۇربان ۋەلىدى خالىد 1905-يىلى قازاندا نەشر قىلىنغان «تاۋارىخى خەمسەئى شەرقى» ناملىق كىتابىنىڭ 751-بېتىدە «چۆچەكتە تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ 1899-يىلى 15-دىكابىردا ئېچىلغان» دەپ يازغان. مەن قۇربان ۋەلىدى خالىد ئەپەندىنىڭ كىتابىدىكى ئۇچۇرنى ئىشەنچلىك دەپ قارايمەن. 2R/|/>T v  
⑩ يالقۇن روزى: «لاي قەلئەنىڭ سىرى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان» دېگەن ماقالىگە قاراڭ. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012-يىلى نەشرى. QOWGQl%!  
⑾ «مەكتەبى مۈلكىيە» 1856-يىلى قۇرۇلغان ھاكىم ۋە مەمۇرىي باشلىق يېتىشتۈرىدىغان مەمۇرىشۇناسلىق مەكتىپى. كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى بولغان. CRb*sfKDL  
Sdq}?-&Sa  
مەنبە: ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2013-يىل 3-سان . =KPmZ,/w  

شىىرئەلى 2014-04-19 19:42
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ياخشى تىما ئىكەن

gulhan 2014-04-20 01:27
تەپەككۈرنى ئاچىدىغان   يوللانمىلىرىڭىزدىن  ياخشى بەھىرلەندىم.

مىېھرىما 2014-04-20 11:31
بۇ تىما قوش يوللىنىپ قالدىمۇ قانداق؟  مەنمۇ نەچچە كۈن بۇرۇن يوللىغاندەك قىلاتتىم.مەزمۇنى ئوخشىمامدۇ يا.

ياسىنجان510 2014-04-20 15:37
ئىلى مائارىپى توغرىسىدىكى يازمىڭىزغا ئالاھىدە رەھمەت.قولىڭىز تالمىسۇن.

گۈلنىھال 2014-04-24 15:53
ئىزدەش كۆزنىكىدىن ئىزدەپ بېقىپ يوللىغانتىم بولمىسا .... HlE8AbEg  


查看完整版本: [-- گۈلنىھال : ‏‏ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled