查看完整版本: [-- نوبېل مۇكاپات ساھىبى گارسىيا ماركوس ۋاپات بولدى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> نوبېل مۇكاپات ساھىبى گارسىيا ماركوس ۋاپات بولدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-04-19 12:21

نوبېل مۇكاپات ساھىبى گارسىيا ماركوس ۋاپات بولدى

1982- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات ساھىبى I^3:YVR&  
گارسىيا ماركۇز ۋاپات بولدى [!"XcFY:a  
qv+R:YYOq  
EESN\_{~.  
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1982- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، كولومبىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى، مۇخبىر گابرىيېل گارسىيا ماركۇز 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەردە مېكسىكىدا 87 يېشىدا ۋاپات بولدى. گارسىيا ماركۇز 1927- يىلى كولومبىيەدە تۇغۇلغان، ھاياتىدا يەنە مۇخبىرلىقمۇ قىلغان. 1982- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «يۈز يىل غېرىبلىق» سېھرىي رىيالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان تىپىك ئەسەر. =x l~][  
4- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى خەۋەرلەردە گارسىيە ماركۇزنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن. مېكسىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گارسىيا ماركۇزنىڭ 1999- يىلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئامېرىكىدا خىمىيەلىك داۋالانغاندىن كېيىن بەدىنىدىكى ئۆسمە كىچىكلىگەن. بۇ يىل 3- ئايدا گارسىيا ماركۇزنىڭ ئۆپكىسى ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىپ قېلىپ، مېكسىكىدا داۋالانغان. دوختۇر ئۇنى قايتا تەكشۈرگەندە بەدىنىدىكى راكنىڭ ئۆپكە، جىگەرلىرىگە كېڭەيگەنلىكىنى بايقىغان. 4- ئاينىڭ 8- كۈنى گارسىيا ماركۇز دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىدە داۋالانغان. k3hkk:W  
گارسىيا ماركۇزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق» (غۇپۇر نۇرىدىن تەرجىمە قىلغان) ناملىق رومانى، «پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ»، «ئالدىنئالا پۇر كەتكەن قاتىللىق دېلوسى» (زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمە قىلغان)، «ئېلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە قىلغان) قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە خېلى كۆپ ھېكايىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. (JZ".En#X  
ئۇنىڭ يەنە يەنە بىر مەشھۇر رومانى «خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت» ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلىدىكى گۈلجەننەت ئىسمايىل ھەدىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرگە تاپشۇرۇلدى، رومان مۇشۇ يىل ئىچىدە نەشردىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. A t9X]t  
ئۇنىڭ يەنە 2011- يىلى نەشردىن چىققان «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ناملىق كىتابىنى قۇدرەت بارات تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تاپشۇردى. «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ناملىق بۇ كىتابنىڭ تۇنجى نەشرىگە گارسىيا ماركۇزنىڭ 22 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى ئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى: يەنى ئۇنىڭ 1944- يىلى 17 يېشىدا گىپاگىرا ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرىدىغان چېغىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن تارتىپ، 2007- يىلى 80 ياشقا تولغان چېغىدا ئىسپانىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىدە پادىشاھ ۋە خانىشنىڭ ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ycpE=fso'  
گارسىيا ماركۇز «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ كىتابىدا: «مېنىڭ نەزەرىمدە نۇتۇق سۆزلەش ــ ئىنسانىيەتكە ۋەدە قىلىنغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش. مەن شۇنچە يۈكسەك شۆھرەت تۈۋرۈكىگە باغلىنىپ قېلىپ نېمىمۇ قىلارمەن؟» دەپ سوئال قويغان. Ps>&"k$T  
ئۇ كىتابىدىكى ئىككىنچى ماقالىسى ـــ «مەن يېزىقچىلىققا قانداق كىرىشىمەن» دە ئۆز نۇتۇقىنى ئاڭلاۋاتقان تاماشىبىنلارغا: «مەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە سەھىنىگە چىقىشقا مەجبۇرلانغان چېغىمدىكىدەك تۇيغۇدا بولىمەن» دەپ يازغان. ئۇ 1970- يىلى «يۈز يىل غېرىبلىق» ناملىق رومانى بىلەن مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلانغان. يەنە مۇشۇ ئەسىرى بىلەن 1972- يىللىق رومۇلو گاللېگوس (Rómulo Gallegos)خەلقئارا رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ: «مەن بۇرۇن ئۆزۈمگە بىرى، ھەرقانداق مۇكاپاتنى رەت قىلىمەن؛ يەنە بىرى، مەڭگۈ نۇتۇق سۆزلىمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن» دېگەنىدى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسى 10 يىلدىن كېيىن ئۆزگەرگەن. ئۇ نوبېل ئەدەبىياتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا چوقۇم نۇتۇق سۆزلىمىسە بولمايتتى. نەتىجىدە «لاتىن ئامېرىكىسى جەمئىيىتى» دە سۆزلىگەن نۇتۇقى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىگە ئايلانغان. نۇتۇق سۆزلەش ــ كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ]+%=@mWYs  
ئۇنىڭ بۇ كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان. گارسىيا ماركۇز چېچىلىپ ياتقان ياكى ئاللىبۇرۇن ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندا: « بۇ نۇتۇقلىرىمنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك شۆھرەتلىك يازغۇچىغا ئايلانغانلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم» دېگەن.

مىېھرىما 2014-04-19 13:46
ياخشى يازمىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت!!

ozqan 2014-04-22 11:09
  گارسىيا مارزكوزنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم ، ۋاپاتىغا قايغۇردۇم ... F#1kZ@ nq  
wAz,vq=x  
قاراخان : ئەجرىڭىزگە رەھمەت ...

tawpek 2014-04-26 17:10
ۋاپاتاتىدىن كىيىن بولسىمۇ ئەسەرلىرىنى ئوقوپ چىقىشقا توغرا  كەلگەن ئوخشايمەن. K#)bjxz  
C~_q^fXJt  
قاراخان يوللىغان ئەسەرلەرنى  بولسىمۇ  تەپسىلى  ئوقوپ  نوبىل  پۇرايدىغان يازمىلاردىن  بىر  ھۇزۇرلىنىپ  باقاي  قىنى


查看完整版本: [-- نوبېل مۇكاپات ساھىبى گارسىيا ماركوس ۋاپات بولدى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled