مامۇتجان |
2014-04-18 15:20 |
شەخسى خۇلاسە
2013 -2014 –ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق خىزمەتلەردىن قىسقىچە خۇلاسە مەن بۇ بىر مەۋسۇم جەريانىدا مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى،مەكتەپ مەمۇرىيىتى،ئىلمىي بۆلۈم ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە يىتەكچىلىكى ئاستىدا خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇم،تۈۋەندە ئىشلىگەن خىزمەتلەر ۋە ئىرىشكەن نەتىجىلىرىمنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە قىلىمەن . 1. سىياسى ئىددىيە جەھەتتە : مەن بۇبىر مەۋسۇمدا پارتىيە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تۇرلۇك سىياسەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ۋە قوللاپ ،ۋىلايەت ۋە مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۇرلۇك سىياسى ئۇگۈنىشلەرگە ۋاقتىدا تولۇق قاتنىشىپ ، ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل ئۇگۇنۇپ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ سىياسى جەھەتتىن تولۇق قۇراللىنىپ ،سىياسى ئاڭ ۋە ھۇشيارلىقىمنى ،سىياسى سەۋىيەمىنى ئۆستۇردۇم . پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەپتىلىك يىغىنىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ئىزچىل خاتىرە قالدۇرۇپ كەلدىم . پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىنى ۋاقتىدا كىچىكتۇرمەي تولۇق تاپشۇردۇم . تۆت ئاساسى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ ، بارىلىق قانۇنسىزدىنى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قارشى تۇرۇپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىغىنى قوغداپ ،تىنىچ ئىتتىپاق تۇرمۇش بەرپاقىلىپ ، موقۇملىققا ،ئىتتىپاقلىققا ۋە تەرەققىياتقا پايدىسىز سۆزھەركەتلەردە بولمىدىم . پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ياخشى ئۇگۇنۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئوقۇتۇش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۇرۇشتە چىڭ تۇرۇدۇم . قانۇن – نىزاملارنى ياخشى ئۇگۇنۇپ ، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتە ، ئائىلىدە سۆزھەركەتتە تەلەپچان بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلگە بولدۇم . خىزمەتلەردە ئاكتىپ ، تەشەببۇسكار بولۇپ ، مەكتەپتە كۇن ئۆتكۇزۇشنىڭلا كويىدا بولمىدۇم . دەرىس ئوقۇتۇشقا بىرلەشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىددىيە-ئەخلاق تەربىيەسى ، ئاممىۋى ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئادەم بولۇش مىزانلىرى جەھەتتە ئەتىراپلىق تەربىيە ئىلىپ بىرىپ ئۆزبۇرچۇمنى ئادا قىلىدىم . 2.ئوقوتۇش خىزمەت جەھەتتە: ئىلمى بۆلۈمنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن تولۇقسىز8-يىللىق2-سىنىپ، 7-يىللىق5-سىنىپۋە تولۇقسىز 7-يىللىق4- سىنىپنىڭ 2-خىل تەييارلىقتا 15 سائەت تىل ئەدەبىيات دەرىسىنى ئۆتۈشنى ئۇستۇمگە ئالغان بولۇپ ، دەرىس ئۆتۈش پىلانىنى ئەستايىدىل تۇزۇپ شۇئاساستا دەرىس تەيارلىقىنى پۇختا قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكىنى رازى قىلارلىق دەرىس ئۆتتۈم ، ھەم سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلەقىلىپ ،ئىككى ھەپتىدە 3 قېتىم تاپشۇرۇق بىرىپ ھەمدە ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ، دەرىسنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇردۇم ، شۇنداقلا دەرىس پىلانىنى تولۇق ئورۇنداپ بولدۇم . ئۆزەمدىكى يىتەرسىزلىكلارنى تۇگۇتۇپ باشقىلارنىڭ ئىلغار ،ياخشى خىزمەت ئۇسلۇبىنى ئۇگۇنىش ئارقىلىق كەسپىي سەۋىيەمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشى ئۇچۇن دەرىس ئاڭلاش ئارقىلىق تەجىربە ئالماشتۇرۇشقا قاتتىق ئەھمىيەت بەردىم ھەمدە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 20سائەتتىن ئارتۇق دەرىس ئاڭلاپ پىلاننى تولۇق ئوروندىدىم . 3.سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى جەھەتتە : (1) ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس ئۆتۈش جەريانىدا ماركىسسىزىملىق بەش قاراش تەربىيەسىنى سىڭدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ سىياسى جەھەتتىكى ئاڭلىغلىقىنى ئۆستۈردۇم . (2) ئوقۇغۇچىلارغا ئاتىزىم تەربىيەسىنى كۇچايتىپ ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ناماز ئوقۇيدىغان ، روزا تۇتىدىغان ۋە ھەرخىل دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان ئىشلارنىڭ يۇزبىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىم . (3) ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن-تۇزۇم تەشۋىقاتىنى كۇچەيتىپ ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى داۋاملىق ئىلىپ بىرىپ ، دۆلەت مۇداپىئە ئىڭىنى كۇچەيتىپ قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدىم . ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىنى ئۇگۇنۇشنى كۇچەيتىپ پىشقەدەم ئۇستازلانى ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ، ياخشى ئىش پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە ئىلىپ باردىم . (4) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئىلىپ بىرىپ ، سەۋەپسىز دەرىستىن قالىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتىم ، ئوقۇغۇچىلار داۋامىنىڭ تولۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلدىم . (5) مەكتەپ ئىچىدە ۋە سىنىپ ئىچىدە ئويۇشتۇرغان تۇرلۇك پائالىيەتلەرگە ئۆزەم يىتەكچىلىك قىلىپ ئاكتىپ قاتناشتۇردۇم . (6) توغرا ، ئىلىمي ساغلام بولغان ئۇگۇنىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇگۇنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردۇم . (7) ئوقۇغۇچىلار ۋە سىنىپ ھەيئەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئۆزئارا چۇشۇنىش ھاسىل قىلىپ دەرىس ئىنتىزامىنى ياخشىلاشقا كۆپ كۇچ سەرىپ قىلدىم . 4.تەشكىلى تۇزۇم جەھەتتە : مەكتەپنىڭ تەشكىلى تۇزۇمىگە بوي سۇنۇپ ، كىيىن كىلىپ بۇرۇن قايتىدىغان ئىشلارنى سادىرقىلماي ، ئىش ئورنى مەسھۇلىيەت تۇزۇمىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلمىدىم . 5.ئىتتىپاقلىق جەھەتتە : ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ ياخشى روھىي كەيپىيات بەرپا قىلدىم .6تىرىشىش نىشانىم: مەن بۇندىن كىيىن خىزمەتلەرنى تىخىمۇ ياخشى ئىشلەپ ،ئۆزەمنىڭ بىر پارتىيە ئەزالىق مەجبۇرىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ ،جاپادا ئالدىدا مىڭىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك تـۆھپەمنى قۇشىمەن.
2013 -2014 –ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق خىزمەتلەردىن قىسقىچە خۇلاسە
تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپىسدىن : مامۇتجان تىلەك 2014-يىل1-ئاينىڭ14-كۈنى
|
|