مامۇتجان |
2014-04-18 14:48 |
ماۋسۇملۇق خۇلاسە
قەشقەر شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنىڭ 2013-2014-ئوقۇش يىلى1-ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى 喀什市23中学语文教研组2013-2014 年第一学期工作总结
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپسى 2014-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۇنى
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنىڭ2013-2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسى ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى: بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا ئوقۇتۇش گوروپپىمىزدا 8نەپەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ (2نەپەر ئەر، 6نەپەر ئايال)، 5نەپەر پارتىيە ئەزاسى، 4نەپەر سىنىپ مۇدىرى. ئومۇمى دەرس سائىتى 113سائەت بولۇپ .ئوتتۇرچە دەرىس سائىتى13 سائەت . بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا ئوقۇتۇش گورۇپپىمىز ھەر دەرجىلىك پارتىكۇم، خەلق ھۆكۇمەتلىرى ،مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى،مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى ،مەمۇرىيىتى شۇنداقلا مەكتىۋىمىزدىكى بارىلىق ئاممۋى كەسىپى تەشكىلاتلارنىڭ بىۋاستە تەشكىللىشى ئاستىدا تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئۆلچىمى ،تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتۇش يىتەكچى پىكىرىنىڭ تەلىۋى بويىنچە ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇپ ،تۆۋەندىكى نەتىجىلەر قولغا كەلتۇرۇلدى. 1.سىياسى ئىدىيە جەھەتتە؛ بىز بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپسىدكى 8نەپەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يىتەكلەپ ،مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۇرلۇك سىياسى نەزىريە ئۆگىنشلەرگە تولۇق قاتناشتۇرۇلۇپ ،سىياسى نەزىريە سەۋىيىمىزنى تىرىپ ئۆستۇردۇق . ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەم تەربىيلەش بىلەن ئوقۇتۇشنى ياخشى بىرلەشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى كوممونىستىك ئەخلاققا ئىگە ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۇچۇن تىرىشتۇق . ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ئىددىيمىز ۋە ئوقۇتۇش ئىستىلىمىزنى داۋاملىق ياخشىلىدۇق . ئىىديە ۋە ھەركەتتە پارتىيە مەركىزى كومتىت بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاپ ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنى پائالىيەتلەرنىڭ مەكتەپ تەلىم –تەربىيە خىزمەتلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق .ئۆز كەسپى ئالاھىدىلىكىمىزگە بىرلەشتۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ، كوللىكتىۋىزىملىق غايە ئىتىقاد تەربىيىسىنى كۈچەيتۇق. ئۆز –ئارا ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك ئىناق، مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تېرىشتۇق. 2. ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتە: بۇ ئۇقۇش ماۋسۇمىدا گۇرۇپپمىزدىكى8 نەپەر ئوقۇتقۇچى ھەر بىر سائەتلىك دەرىسنى ئەتراپلىق ياخىشى تەييارلاپ، يىڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە دەرس ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقى بىلىم بىرىش ئۈچۈن تىرشتۇق. بۇ جەرياندا پىلانسىز، تەستىقسىز، تەييارلىقسىز دەرس ئۆتۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالدۇق. ئىككى ھەپتە بۇرۇن دەرس تەييارلاش ۋە بىر ھەپتە بۇرۇن تەستىقلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پاراللىلار بويىچە دەرس بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە دەرس تەييارلىقنىڭ بىر خىل بولىشغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ھەر بىر ئوقۇتقۇچىدا دەرىسلىك كىتاپ ۋە ھەر خىل پايدىلىنىش ماتىرياللىرى، ئوقۇتۇش ئۆلچىمى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش يولغا قۇيۇلۇپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى دەرسنىڭ ئەملىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋە مەكتەپ شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا 70 سائەت دەرس ئۆتۈلدى. بۇ ئۇقۇش ماۋسۇمىدا گۇرۇپپمىزدىن نۇبىيە ئابدۇلا ،مامۇتچان تىلەك مەكتەپ بويىچە ئىككى سائەت ئۈلگىلىك ئوچۇق دەرس، قالغان 6 نەپەر ئوقۇتقۇچى بىر سائەتتىن جەمئىي 6 سائەت گورۇپپا بويىچە ئوچۇق دەرس ئۆتتى. بۇ ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقلار جارى قىلدۇرلۇپ يىتەرسىزلىكلەر تۈزىتىلىپ، تەجىربە ساۋاقلار يەكۈنلەندى. بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا 2 قىتىم قارا دوسكا ئىشلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىھنى كۈچى قوزغىتىلدى. بىر قىتىم تىل - ئەدىبىيات بىلىملىرى بويىچە ئۇنۋىرسال ئقتىدارىنى سىناش مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىپ، ماھىرلار ئۈچ دەرىجە بويىچە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلاندى. ھەر دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈچ سائەت ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسىپى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا تەشكىللىنىپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى جەمئى 54 سائەت بىلىم ئاشۇردى. ھەر جۈمە كۈنى كۇرژۇك پائالىيتىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى يازغان ماقالە ئەسەرلىرى تۈزىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات دەرىسكە بولغان قىزقىشى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ، يىزىقچىلىق قابىلىيىتى ئاشۇرۇلدى. گۇرۇپپدىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن63 نەپەر ئۆگىنىشتە قىيلىنىپ قالغان ئوقۇغۇچلار يىتەكلەندى ۋە210نەپەردىن ئارتۇق ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار يىتىشتۈرۈپ چىقىلدى. تاپشۇرۇق ئىككى ھەپتىدە ئۈچ قىتىم بىرلىپ ۋاقتىىدا تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىپ، 22615ئادەم قىتىم تاپشۇرۇق بىرىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونسىپىكىنى قەرەرلىك تەكشۇرلۇپ باھا سۆزى يىزىلدى. بۇ ئارقىلىق گۇرۇپ بويىچە تاپشۇرۇق پىلانىنىڭ ئىجىراسى% 98.6 تىن يۇقۇرى بولدى. گورۇپپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ 26سائەت، ئوپتىك دېسكادا 25سائەت، كۆرسەتمىلىك قۇراللىردىن پايدىلنىپ 80سائەت ئەتىراپىدا دەرس ئۆتتى. گورۇپپا بويىچە ھەر بىر ئوقۇتقۇچى 20 سائەتتىن ئارتۇق ئوچۇق دەرس ئاڭلاپ، جەمئى165 سائەت ئوچۇق دەرس ئاڭلىدۇق. ماۋسۇملۇق ئىھتىھان ساغلام ئىلىنىپ، ساغلام خۇلاسە قىلنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. بىز يۇقارقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئاساسدا بۇ ماۋسۇم ئەدەبيات دەرسنىڭ ئۆزلىشىنى%75كە يەتكۈزۈپ پىلان% 98.7 ئورۇندالدى، لايەقەتلىكىنى 86.7% كە يەتكۈزلۈپ. %98.5 ئورۇندالدى. 3. تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ۋە تەشكىلىي تۈزۈم جەھەتتە : بىز بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەشكىلىي تۇزۇم قارىشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتكە، دەرىسكە كىچىكىدىغان، سەۋەپسىز دەرىس قالدۇردىغان كۆپ سورايدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالدۇق. مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ئاممىۋى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتۇق. پائالىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك، نەتىجىلىك بولۇشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.
4.ساقلانغان مەسىلىلەر: ‹1›. ئوقۇتۇش گورۇپپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز-ئارا دەرس ئاڭلاش قىزغىنلىقى يىتەرلىك بولمىدى. ‹2›. ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى ئەتراپلىق،ئەستايىدىل تەييارلاپ، دەرس ئۆتكەن بولسىمۇ، دەرس ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولمىدى. 5. تۈزتىش نىشانىمىز؛ بىز بۇندىن كىيىن تەجرىبە –ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يىتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى –ئىدىيۋى تەربىيە، ئەخلاق تەربىيە سالمىقىنى تىخىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تىخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرىمىز. ئوقۇتۇش گورۇپپا ئەزالىرىغا بولغان تۈرلۇك تەلەپنى يەنىمۇ كۆچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان، جەمىئيەت ئىتراپ قىلىدىغان لاياقەتلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇوپپىسى 2014-يىل 1-ئاينىڭ15-كۇنى
|
|