查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال ئەدىبلەرنى بىلىۋېلىڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال ئەدىبلەرنى بىلىۋېلىڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

bostan 2014-04-18 13:53

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال ئەدىبلەرنى بىلىۋېلىڭ

ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئايال ئەدىبلەر ","O8'$OC  
گۆھەربان ئۆمەر ,v#F6xv8  
AqdQiZ^9  
ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، قەيسەر ئىرادىسى، جاپالىق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ تىللاردا داستان بولغۇدەك شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. گەرچە تارىختا سىياسىي، دىن، ئەخلاق قاتارلىق بەزىبىر ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۈچراپ، نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاياللار بۇ تەقدىرگە تەن بەرمەي ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىپ كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە: hyHeyDO2  
1. ئاماننىساخان (1534-1567): يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس، بويىدىكى قومۇش مەھەللە يېزىسدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيتىگە ئائىت ئۇچۇرلار موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن. ئاماننىساخان 13 يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن 20 يىللىق فېئوداللىق نەسەپ قارىشىنىڭ چەكلىمىسى، جاھالەتچى سوپى-ئىشانلارنىڭ تەقىپ قىلىشلىرىغا قارىماستىن، ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ سىسىتېملىشىشى، مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. ئۇ يەنە خانىم-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقىي جەمىلىيە»، «شۇرۇلقۇلۇپ»(قەلىبلەر كېڭىشى)، «دىۋان نەفىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان، «ئىشرەت ئەنگىز»(خۇشاللىق قوزغاش) دېگەن كۈينى ئىجاد قىلغان. 1567-يىلى تۇغۇتتا ۋاپات بولغان. >{v,H Oxl  
2. ئاخۇن ئاغچا: 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە. ئۇ 1860-يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتىلغان خەلق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدۇراخمان خان غوجا(1833-1863) نىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ ئوغلى ئابدۇراخمان خان غوجا قۇربان بولغاندا، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيلەپ ۋە زامان كۈلپەتلىرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان. 1I=>0 c  
3. ئەسىرى: تەخمىنەن 18-، 19-ئەسىرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە. ئۇنىڭ شېئىرلىرى خوتەندىن تېپىلغان. «باياز»غا شائىرەنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۇلگەن. : aIS>6  
4. ئەنبەرئاتىن (1870-1915): شائىرە ئەنبەر ئاتىن دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 45 يىللىق ھاياتىدا خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ئاسيا يېقىنقى زامان دېموكراتىك شائىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىمىغا زىچ ماسلاشقان رېئالىستىك شائىرە ئىدى. ئۇ قوقان خانلىقى تەۋەسىدە ياشغان. K+s@.D9J  
5. باتىسقان ئانا: تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن. تارىخچىلار ئۇنى غەربىي يۇرت قەۋملىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇرۇق باشلىقى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى تەتقىقاتلار «باتىسقان ئانا» قەدىمكى ھونلارنىڭ خان ئانىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇنى «شى ۋاڭ مۇ»«西王母» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ «ئاق بۇلۇت قوشىقى»، «باتىسقان ئانا كۈيى» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ساقىلىنىپ كەلگەن. 1 +0-VRl  
6. بۈبى زەينەپ: 1660-يىللاردا يەركەن شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىسمائىل حاننىڭ قىزى بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە يەركەندىكى يىشىل مەدىرىستە ئوقۇغان. 1678-يىلى ئاپاق خوجا يەركەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئىسمائىل خاننى جەمەئتى بىلەن ئىلىغا يالاپ ئېلىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۈرۋەتكەن ھەمدە ئەسەرلىرىنى كۆيدۇرۋەتكەن. KBe\)Vs  
7. بۈبى مەسۈم ئەزىزەم: 18-ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرەدۇر. P[G.LO  
8. جىۋا(324-؟): مەشھۇر ئالىم ۋە نومشۇناس كومراجىۋانىڭ ئانىسدۇر. ئۇ قەدىمكى كۈسەندىن بولۇپ، ئۆز ۋاقىتدا قەدىمكى كۈسەن ۋە سانسكرىت تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. تىبابەتچىلىك ساھاسدىمۇ زور شۆھرەت قازانغان. جىۋا «ئىچكى بەش ئەزا توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى يىزىپ چىققان. ~l^Q~W-+  
9. دىلبەر دورغا: 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمدا قاراقاش ناھىيىسىدە ياشاپ ئۆتكەن تەنقىدىي رىئالىزىمچى شائىرە. ئۇنىڭ «مەزلۇملار ئاھى»(ئەرزنامە) ناملىق مۇخەممەس بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. P 
10. دىلشاد بەرنا (1800-1905): ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان شائىرە بولۇپ، تاجىكستان ئۆرە تۆپىلىك. شائىرە 1817-يىلى قوقان خانى تەرىپىدىن ئەسىر سۈپىتىدە قوقەندكە ئىلىپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ ھاياتقا، مۇھەببەتكە، يۇرتىغا بولغان سىغىنىشى، ئىنسانىي خىسلەتلەر كۈيلەنگەن «سەبەتۇل بەشرە»(ئىنسانىي خىسلەتلىرى)، «تارىخىي مۇھاجىران» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. o#^(mGj_.  
11. راھىلە (1860-1917): قەشقەرنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 1885-يىلدىن باشلاپ ئاتۇش ئىكساق پەننىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە ئىزچىل تۈردە قىزلارنى تەربىيلەش بىلەن يېڭى مەكتەپ مائارىپىدا بىردىن-بىر تۇنجى ئايال مائارىپىنى ھاياتىنىڭ مەزمۇنى قىلغان. مائارىپنى كەڭ ئاياللارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئالىي غايىسى قىلىپ ، بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن. ئۇ ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن بولۇپ، «دەلائىلۇ ئىلىم»(ئىلىمگە دالالەت قىلغۇچى) ناملىق كىتابىنى يازغان (بۇ قوليازما ھازىرمۇ ساقلانماقتا). «قۇرئان كەرىم»نى ھۆسىنخەت شەكلى بىلەن تولۇق كۆچۇرۇپ چىققان. &2P+9j>  
12. زەبۇنىسا (1639-1708): ھىندىستاندىكى بابۇرىلار خانلىقى تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇ بابۇر شاھىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، 1639-يىلى دېھلىدا تۇغۇلغان. 70 يىللىق ھاياتىنى يالغۇزلۇق-غىرىبلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. «زەبۇنىسا» شائىرەنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىدۇر. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئەرەب، پارىسچە مەنبەلەردە تىلغا ئىلىنغان. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن. ]RvFn~E!s  
13. زۇلفىيە (كاشغەرى): ئۇ، ئاپئاق خوجا جۇڭغارلاغا قورچاق خان بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ «دىۋان زۇلفىيە» ناملىق لىرىكىلار توپلىمى بولغان. nB &[R  
14. زىلەيخا بىگىم: يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدەبىي تەرجىمان ۋە شائىرە بولۇپ، قەشقەرنىڭ قوغان يىزىسىدىن. ئۇ، ئاپئاق خوجا (1626-1694) نىڭ ئانىسى. ld7B!_b<  
«سىلسىلە تۈز زەھەپ» ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلارعا قارىغاندا، ئۇ، ھاپىز شىرازى قاتارلىق پارىس شائىرلىرىنىڭ شىئىرلىرىنى مۇتالىئە قىلىشتا داڭ چىقارغان. زىلەيخا بىگىمىنىڭ بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرى «باياز»غا كىرگۈزۈلگەن. \C&[BQ\  
15.زۇمرەت: 19-ئەسىردە خوتەن دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ خىلى كۆپ شېئىرلىرى «باياز»غا كىرگۈزۈلگەن. XHh !Q0v;  
16. سۈلئى سۇما: مىلادىيە 4-ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئايال مۇتەپپەككۇر ۋە ئەدىبتۇر. ئۇ يەركەن خانىنىڭ كىچىك قىزى بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىنىڭ تەسرىدە ئۆسۈپ يىتلگەن. كومراجىۋامۇ 357-يىلى كەشمىردىن كۇچاغا قايتىش سەپىرىدە يەرەنگە كىلىپ سۈلئى سۇما بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. لىكىن سۈلئى سۇمانىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن. p9(|p Z  
17. سېمرا قىزى. 18-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇدۇن خانى چىسا سىمرانىڭ قىزى. ئۇنىڭ قەدىمكى خوتەن تىلىدا يىزىلغان «سىېغنىش نەزمىسى» ناملىق شىئرى ھازىر پارىژ مۇزىيىدا «2027»نومۇر بىلەن ساقلانماقتا. :kU- ol$  
18. شياۋ گۈەنيىن (1039-1075): قىتان خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرەدۇر. ئۇنىڭ دادىسى شياۋخۇي (ئۇيغۇرچە ئىسمى خاتىرىلەنمىگەن) قىتان خانلىقىدا ۋەزىر بولغان. شىياۋگۈەنيىن قىتان ئوردىسىدا خانىش بولغان. ئۇ بەرباب چىلىش ۋە شىئىرىيەتتە داڭقى چىقارغان بولۇپ، خىلى كۆپ شېئىرلارنى خەنزۇچە يازغان. شائىرەنىڭ «قەلب ھويلىسغا قايتىش»، «ئۆتمۈشنى ئەسلەش»، «نامدىن جۇدا بولۇش» قاتارلىق ئەسەرلىرى ساقلىنىپ قالغان. !1b4q/  
19. شى لەنلەن باقشى (؟-1332): يۅەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەتتات ۋە شائىرەدۇر. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇجۇلۇق بولۇپ، يۈەن دەۋرى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. شى لەنلەن خەنزۇ تىل يىزىقىدىكى «بۇددا ۋاتامساكا ماخاۋاي»، «لىڭيەن سۇترىسى»، «ئالتۇن يارۇغ»، تىببەت يىزىقىدىكى «پىراجىناغا ئوقۇلغان سەككىز مىڭ مەدھىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆچۇرۇپ چىققان. jY+u OH  
20. گۈەن يۈەنشى قىزى: 14-ئەسىر يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن. بۇ ئۇيغۇر شائىرەنىڭ ئۆز ئىسمى نامەلۇم. ئۇنىڭ دادىسى گۈەن يۈەنشى(كۈن سەۋىنىچ) خەنزۇ ئەدىب. ئوياڭ سۈەن يازغان «گۈەن يۈنشى ھەزىرەتلىرىنىڭ يادنامىسى» ئەسىرىدە: «گۈەن يۈنشىنىڭ بىرلا قىزى بولۇپ، ئۇ بىلىملىك، ماقالە-ئەسەر يازالايدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن. "C/X#y   
21. مۇترىبە: 18-ئەسىردە پەرغانىدە ياشاپ ئۆتكەن قەشقەرلىك شائىرەدۇر. ك بىرۇۋكۇف «تىل-ئەدەبىيات ۋە تارىخ مەسىلىلەر» (1948-يىلى ئالمۇتا) ناملىق كىتابتىكى ماقالىسىدە بۇ شائىرە ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. eJvNUBDSH  
22. نادىرە (1792-1842) ـــ ئۇيغۇر: قوقان خانى ناربۇتابىك زامانىدا ئەنجان ھاكىمى بولغان رەھمان ئائىلىسدە تۇغۇلغان. ناربۇتابىك ئۆلۈپ ھاكىميەت ئۇنىڭ ئوغلى ئالىمقان قولىغا ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمەرخان 1808-يىلى نادىرەنى نىكاھىغا ئالغان. ئۆمەرخان ۋاپات بولۇپ ئۇ تۇل قالغان. 1842-يىلى بۇخارا ئەمىرى نەسۇرۇللاخان قوقانغا قوشۇن تارتىپ كىلىپ نادىرەنى ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۇرۋەتكەن. شائىرەنىڭ «دىۋانى نادىرە» ناملىق توپلىمى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. (Ev=kO  
23. نۇزۇگۇم (1806-،1807-يىللىرى تۇغۇلغان): ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل. قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن چېچەن، نازۈك قىز بولعاچقا باشقىلار ئۇنى «نازۈك» ياكى «نۇزۇگۇم» دەپ ئاتىۋالغان. نۇزۇگۇم 1825-يىلىدىكى قەشقەر حەلقىنىڭ چىرىك چىڭ ئەمەلدارلىرىعا قارشى قوزغىلىڭىعا قاتنىشىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى قەشقەر ئاھالىسىدىن ئون مىڭلىغان كىشنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. پالانغانلار قاتارىدا ئىلىغا كەلگەن نۇزۇگۇمنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرالمىغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۇمرانلىرى ئۇنى سۇلۇن ئەمەلدارىغا سېتىۋىتىدۇ. ياتلارغا حوتۇن بولۇشنى نومۇس بىلگەن نۇزۇگۇم كىچىسى سۇلۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۇرۇپ قىچىپ كىتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۇتۇلۇپ قىلىپ 1827-يىلى دارغا ئىسىپ ئۆلتۇرۇلىدۇ. بۇ ئوت يۈرەك شائىرەنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىق، ۋەتەنپەرۋەلىك روھ بىلەن تولغان شېئىر-قوشاقلىرى خەلقىمىز ئارىسدا كەڭ تارقالغان. ' O+)[D  
24. ھەمراھ بۈۋى: 19-ئەسىردە قەشقەرنىڭ ئاتۇش يىزىسدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىر قىسم غەزەللىرى 1980-يىلى ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلغان. DmA~Vj!a^y  
I)AbH 
ئاپتۇر: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئاساسىي پەنلەر بۆلۈمىدىن(ماگىستىر ئاسپىرانت) @4]} J-3  
مەنبە: ئەلكۈيى تورى csd~)a nb  
***** 6> Z)w}x^  
تۆۋەندىكىسى مەن قوشۇپ تولۇقلاپ قويىدىغان مەزمۇن WcOnv'l,  
NE)Yd7m-  
25. ئىپارخان(1733~1788): ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈلى بولغان لاتاپەتلىك ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان ـــ يۇڭجېڭنىڭ 12-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى يەكەندە تۇغۇلغان. چيەنلۇڭنىڭ 53-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى قازا تاپقان. ئىپارخان ئۆز ئىپپىتىنى جېنىدىن ئېزىز بىلىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، بەزى تارىخىي كىتاپتا، ئىپارخاننىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ «ئەلانۇر خېنىم ياكى مەمۇرى ئەزەم» ئىكەنلىگى يېزىلغان. r?$ V;Z  
ئىپارخان ـــ گۈزەللىكى بىلەن كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلسا، باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسىنى ئويغاتقان. ھەمدە جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل شۇ دەۋردە شىنجاڭدا ئۆتكەن خوجىلارنىڭ بىرى ـــ باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. ئىپارخاننىڭ ئەجدادى شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى تارقاتقان پەيغەبەر ئەۋلادى بۇلۇپ، يەكەندە ياشىغان. "sUjJ|  
بەزى مەنبەلەردە دىيىلىشىچە، ئىپارخاننىڭ دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى ئۇنى تاللاپ ئوردىغا ئەكىرگەن. يەنە بەزى مەنبەلەردە رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىپارخان چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، چيەنلۇڭ خاننىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى قەتئىي رەت قىلغان. تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىپارخان چيەنلۇڭ خاننىڭ بانۇسى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ھەم خان ئۇنى تولىمۇ ھۆرمەتلەنگەن. 2/>u8j  
26. تۇمارىس ـــ تارىخى ئايال قەھرىمان تۇمارىس ئىران شاھى قوشۇن تارتىپ كەلگەندە ئۇنى يېڭىپ، ئۇنىڭ قىلغان يوغانچىلىقى ۋە ھۆرمەتسىزلىكى ئۈچۈن  ئۇنى ئۆلتۈرگەن. o6/"IIso3  
27. ئايخان ئانا (1942-1888): ئەل سۆيەر مەرىپەتچى. يىقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخسلەرنىڭ بىرى. 1933-1934-يىللىرى غولجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگە مەخسۇس يىتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان. خەلق بۇ مەكتەپكە «ئايخان ئانا مەكتىپى» دەپ نام بەرگەن. ئايخان ئانا مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ ئازابى بىلەن كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. L6 IIk  
28. مايمىخان (1830-1812) ـــ غۇلجىدا ياشىغان، ماھىر قوشاقچى، ئەركىنلىك كۈيچىسى. كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى، خەلق سۆيەر روھى بىلەن چوڭ بولغان مايمىخان مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە زۇلۇملارنى پاش قىلىپ قوشاق توقىغان ۋە شىئىر قىلىپ ئوقىغان. 1830-يىلى ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتى ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايمىخان 18 يىشىدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن. BS|$-i5L  
29. مايسىخان: ئۈچتۇرپان ئاقتوقاي باغرىغا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئابىدە قىلىنغان "يەتتە قىزلىرىم" مەقبەرىسى ـــ دەل مۇشۇ ئۇيغۇر قىزى مايسىخاننىڭ مەقبەرىسى بولۇپ، مايسىخان چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. EpCF/i?9:  
30. ئايشەمخان: 1945-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جەنۇبىي يۆنىلش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا، باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، زۇلۇمغا قارشى ئۆزلىكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان. ئارمىيە ئاقسۇدىن چىكىنگەندە قولغا چۈشۈپ قالغان. گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن، بىراق ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن. X-y3CO:&@h  
31. ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى رابىيە: ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق ئەنئەنىسىدە ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپتىدە رابىيە-سەئىدىن تىلغا ئىلىنىدۇ. ئۇلار 18-ئەسىرلەردە ياشىغان رىئال شەخسلەر. ھازىرمۇ رابىيە-سەئىدىن قەبرىسى «ئوشماق مازار» نامى بىلەن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى يامانيار يېزىسى سۈبھاناللا كەنتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. 7ND4Booul  
32. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقات ھەمشىرىسى رىزۋانگۇل 1925-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدا تىرە يۇڭ توقۇمچىلىق قىلىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1922-يىلى رىزۋاگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆچۈپ كىلىپ، 1940-يىلدىن 1943-يىلغىچە ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇپ، غولجىغا قايتىپ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ھەرەمباغ لەڭشاڭ رايۇنىدىكى بىر جەڭدە شىددەتلىك ئۇچۇپ كىلىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا، يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولغان. :Xs3Vh,V  
33. قەمبەرخانىم (1922~1994) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئۇسسۇلچىسى قەمبەرخانىم قەشقەر كونىشەھەرنىڭ ئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۆزبېكىستان، موسكۋا قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئالغان. موسكۋادا ئۇيغۇر كلاسسىك ئۇسۇلى «نىم پەدە» نى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنى تاڭ قالدۇرغان. 1947-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىم تەرىپىدىن ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلانغان. ھازىر ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئۇسلۇبى تەتقىق قىلىنماقتا. بىر ئۆمۈر ئۇسسۇل بىلەن ياشىغان قەمبەرخانىم تا ھازىرغىچە خەلقىمىز قەلبىدە يادلىنىۋاتىدۇ. y!VL`xV  
34. ئايشەم كېرەم (1931~1998) تالانلىق كىنو-تىياتىر، مۇقام چولپىنى بولۇپ، ئۇ كورلا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سەنئەت تالانتى بىلەن «قادىر مەۋلان» «گۈل قىسقان مېنىڭ يارىم» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنداپ، «غۇنچەم»، «غېرىپ-سەنەم» « ئارشىن مال ئالان» ئوپىرالىرى، «رەنانىڭ تويى»، «تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»، «نەسىردىن ئەپەندى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان. nt_FqUJ  
35. شاتگۈل ئۇيغۇر (1960~1987) «رەنانىڭ تويى» فىلىمىدە ياسانچۇق قىز سوفىيەنىڭ ، «ئارتىس بولالمىغان قىز» فىلىمىدە چاقچاقچى شوپۇر قىز ھۆرىيەتنىڭ، «سىرلىق كارۋان» فىلىمىدە بېشىغا كەلگەن تەقدىر تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان ئىككى خىل شارائىتتا چوڭ بولغان ئىككى خىل خاراكتېردىكى قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار ـــ ئاينۇر بىلەن ماھىنۇرنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئارتىس شاتگۈل بەختسىزلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان. SajasjE!^1  
24. دىن كېيىنكىسىنىڭ مەنبەسى: ئۆزەم. )8`i%2i=  
Ei4Iv#Oi`  
ئەسكەرتىش: 24. دىن كېيىنكىسىدىكى ئاز بىر قىسىم ئاياللارنى مەشھۇر دىگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

ئابلىكىميارى 2014-04-23 21:44
ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئايال ئەدىبلەر يوقمۇ دېگەندە ئاماننىساخاندىن باشقىلارنى دېيەلمىگەن ئىدىم. كۆپ خۇش بولدۇم بۇ مەزمۇننى كۆرۈپ. رەھمەت~

tawpek 2014-04-25 21:20
ئىپارخاننىڭ دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى ئۇنى تاللاپ ئوردىغا ئەكىرگەن. >avkiT2  
n-{.7  
\A6 }=  
ياخشى ئىزدىنىش ياخشى تولوقلىما بوپتۇ. n}C0gt-  
VAp  1{  
G!Yt.M 0  
ئىپارخان تۇتۇپ كىىلگەنمۇ تەكلىپ قىلىنغانمۇ؟

bostan 2014-04-28 13:41
tawpek:ئىپارخاننىڭ دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى ئۇنى تاللاپ ئوردىغا ئەكىرگەن. ياخش .. (2014-04-25 21:20) 
kWs:7jiiu  
بەزى مەنبەلەردە دىيىلىشىچە، ئىپارخاننىڭ دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى ئۇنى تاللاپ ئوردىغا ئەكىرگەن. 9$}> O]  
يەنە بەزى مەنبەلەردە رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىپارخان چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن

akkax 2014-04-28 17:04
  ئوبدان ئىزدىنىش بولۇپتۈ. db}lN  
  ئىپارخان بىلەن شاتگۈل مەشھۇر ئەدىبلەر دائىرىسىدە سانالسا چەك - چىگىرىسى ئېنىق بولماي قالدىمۇ قانداق ؟ F!2VTPm9z  
  

bostan 2014-04-29 10:15
ئىپارخان بىلەن شاتگۈل مەشھۇر ئاياللار قاتارىدا سانالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىمىدىن تورداشلار پايدىلانسۇن دەپ، ئۇلارنىمۇ قۇشۇپ بىراقلا يوللىۋەتتىم. توغرا چۈشىنىڭ.

ھاتەھاتەم 2014-05-05 10:53
ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن 2uMSeSx$  
6)FM83zk)K  
faZc18M^1  
ئىپارخان بىلەن شاتگۈلمۇ مگشھۇر ئايال سانالسا بۇلار

akkax 2014-05-05 12:31
  مەشھۇر ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئەدىبەلىرى  ( ئايال ئەدىبلەر )نىڭ پەرقى باردۇ ؟ ZJ[p7XP  
   مەن مەشھۇر ئەمەس، دېمىدىم. پەقەت تەۋەلىك مەسىلىسى يۈز بېرىپتۇ دېدىم.

akkax 2014-05-05 12:34
  باتىسقان ئانا ئۇيغۇرچە ئوماي ئانا دېيىلىدۇ. t3!~=U  


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال ئەدىبلەرنى بىلىۋېلىڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled