查看完整版本: [-- مايسا سەيلىسى ۋە بېدە، يالپۇز، كۆك چامغۇر قاتارلىقلارنىڭ شىپالىق رولى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> مايسا سەيلىسى ۋە بېدە، يالپۇز، كۆك چامغۇر قاتارلىقلارنىڭ شىپالىق رولى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

bostan 2014-04-18 13:50

مايسا سەيلىسى ۋە بېدە، يالپۇز، كۆك چامغۇر قاتارلىقلارنىڭ شىپالىق رولى

مايسا سەيلىسى ۋە بېدە، يالپۇز، كۆك قاتارلىقلارنىڭ شىپالىق رولى vmL0H)q  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي سەيلە-ساياھەت ئادىتىنىڭ بىر تۈرى بولغان مايسا سەيلىسى ـــ قىش كېتىپ، تەبىئەت ئويغىنىپ، يەر يۈزى يېشىللىققا پۈركەنگەن، دەل-دەرەخلەر يېڭى يوپۇرماق چىقىرىپ، گۈل-چېچەكلەر ئېچىلىشقا باشلىغان كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار مايسا سەيلىسىنى «باھار پەسلىنىڭ باشلانمىسى» دەپ قاراپ، باھار قۇياشىنىڭ ئىللىق تەپتىدىن ياشناشقا باشلىغان باغ-ۋارانلارنى ۋە ئېتىز-ئېرىقلارنى ئارىلىغاچ،  باھار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ، ھەمدە تۈرلۈك كۆك مايسىلارنى ۋە ھەر خىل گۈللەرنى دەستە-دەستە قىلىپ، يېقىن كىشىلىرىگە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى باھارغا ساق-سالامەت ئۇلاشقانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئۆزلىرىنى يېنىك ھېس قىلىشىدۇ. O[$ &]>x]]  
مايسا سەيلىسىدە كىشىلەر يەنە يېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان بېدە كۆكى، يالپۇز ۋە باشقا كۆكلەرنى يىغىپ، ئۇنىڭغا باشقا خۇرۇچلارنى قوشۇپ، چۆچۈرە ۋە جۇۋاۋا تۈگىدۇ. چۆچۈرە ياكى جۇۋاۋا پىشىپ تەييار بولغاندا، داستىخان راسلاپ تائامنى ئەڭ ئاۋال شۇ ئائىلىنىڭ چوڭىنىڭ ئالدىغا، ئاندىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ داستىخانغا جەم بولۇشۇپ، «يېڭى ئاش، ئېغىز-بۇرنۇمدىن تاش» دېگەن سۆز بىلەن «بىسمىللا»  ئېيتىشىپ، بۇ تائامغا بىر-بىرلەپ ئېغىز تىگىدۇ، ھەمدە بۇ يېڭىلىقنى بىللە تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قوشنىلارغا بۇ تائامنى بىر قاچىدىن سۇنىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قوشنىلارنىڭ بىر-بىرىگە تۈرلۈك كۆك مايسا، بېدە-يالپۇز چۆچۈرىسى، بېدە-يالپۇز جۇۋاۋىسى، ۋە ياكى گۈل سۇنۇشى ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەئەنىۋىي ئۆرپ-ئادىتىدۇر. }O8$?7j(  
ئادەتتە بېدىنىڭ پەقەت ئۈچ تاللا يوپۇرمىقى بار بولۇپ، يۈرەك شەكىلدە بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 100 مىڭ تۈپ بېدە ئىچىدىن پەقەت بىر تاللا «تۆتقۇلاق» (تۆت يوپۇرماق) لىق بېدىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن، «تۆتقۇلاق» خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدىغان «تەلەينىڭ سىمۋولى» بولۇپ، چىملىقلاردا ئۆستۈرۈلگەن «تۆتقۇلاق»نىڭ ئىلمىي نامىمۇ «بېدە» دىيىلىدىكەن، ھەمدە ئۇ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تۈرىگە كىرىدىكەن. RH~KaV3  
بېدە كۆكىنىڭ شىپالىق رولى wU+-;C5e  
بېدە كۆكى كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. :Fu.S1j$  
ئەتىيازدا بېدە كۆكىنى يەپ بەرسە چاچ چۈشۈش ۋە چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. oF8#gn_  
بېدە كۆكىنى ئېزىپ ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ ئىششىغان جايغا چاپسا ئىششىقنى ۋە ياللۇغنى قايتۇرىدۇ. rISg`-  
بېدە كۆكىنى ئېزىپ، سۇس ئوتتا قۇرۇپ قايماق بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كۈندە يەپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇرىدۇ ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. Z2!O)8  
بېدە كۆكىنى قۇرۇپ چاي دەملەپ ئىچسە قورساقنى ئاچۇرۇپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ ۋە قاندىكى ماينى سېرىيدۇ. z^'3f!:3  
بېدە كۆكىنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە پەي تارتىشىشقا شىپا بولىدۇ. +a 0q?$\  
بېدە كۆكىنى ئېزىپ پىشۇرۇپ، ئۇنىڭغا شېكەر قۇشۇپ يەپ بەرسە بەدەننى قۇۋەتلەپ قاننى كۆپەيتىدۇ. 5R"iF+p4  
بېدە كۆكىنى قاينىتىپ تىندۇرۇلغان سۈيى بىلەن مەقئەتنى يۇيسا قان توختايدۇ. ^`?2g[AA  
قۇرۇتۇلقان بېدە كۆكىنى سۇقۇپ مەلھەم قىلىپ، سۈيىنى بەدەنگە سۈركەپ بەرسە قان بۇزۇلۇشتىن بۇلغان بەدەن قىچىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە تېرىنى پارقىرتىدۇ. _[SW89zk  
بېدە ئۈندۈرمىسىنى تېتىتقۇ بىلەن تەڭشەپ يەپ بەرسە، ئۇرۇق ئادەمنى سەمرىتىپ مەيدىنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىدۇ ۋە دېئابىت كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. `o4alK\  
بېدە، پالەك، كۆك پۇرچاق مايسىسى قاتارلىق كۆكتاتلار بىلەن ئۆرۈك، ئەنبەھ، ماڭگو قاتارلىق مېۋە-چىۋىلەرنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، يېمەكلىك تۈرىدىكى كارۇتىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ۋىتامىن  Aكەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان كۆز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ;n`SF~CU  
بېدە كۆكى ياكى باشقا خۇرۇچلارنى كۆممە قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ، قوناق نان، كۆمەچ، سوقتا كۆمەچ، قوناق قۇيمىقى، قوناق پۆرىسى، قوناق سامسىسى قاتارلىق تونۇر ياكى ئوچاققا يېقىپ پىشۇرىدىغان نان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشتىن باشقا يەنە، بېدە كۆكى، سەۋزە، كاۋا، گۆش قاتارلىقلارنى قىيما قىلىپ قوناق خېمىرىدا ئىتىلىدىغان چۇرا ئېشى، قېتىق سۈزمىسى ياكى خېمىرتۇرۇچ بىلەن قوناق يامىسىدا ئېتىلىدىغان ياما قايناتما ئېشى، قۇناق يامىسى، ئۇماچ، زاڭ، يومدان، مۇنەك قاتارلىق تائاملارنى قازاندا ئېتىپ تەييارلىغىلى بولىدۇ. rlV:% k  
تىكەنلىك بېدە تەركىبىدە كاروتىن كۆپ بولۇپ، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. wA$ JDf)Vg  
بېدە چۆچۈرىسى تەييارلاش ئۇسۇلى: s aY;[bz}  
باھاردا يېڭى بىخ سۈرگەن بېدىنىڭ ئۇچىنى يىغىپ، قايتا-قايتا يۇيۇپ چانايمىز ياكى ئۇششاق قىلىپ توغرايمىز. ئاندىن بېدىنىڭ سۈيىنى سىقىۋېتىپ، بېدىنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېپىپ، ئۇنى نۇقۇتچىلىك چوڭلۇقتا توغرالغان قۇيرۇق مايغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بېدە قىيمىسى قىلىمىز. ۋە چىڭراق خېمىر (خېمىر بەكلا چىڭ بۇلۇپ كەتسە تۈگكەندە خېمىر چاپلاشمايدۇ) يۇغۇرۇپ، ئۇنى كۋادرات شەكلىدە نىپىز يېيىپ جىلىت كىسىپ، ھەر بىر جىلىتقا 25 گىرام ئەتراپىدا بېدە قىيمىسى سېلىپ تۈگىمىز (جىلتىغا قىيمىنى بەك جىق سېلىۋەتسە خېمىرى تىشىلىپ كىتىدۇ). چۆچۈرىنى تۈگۈپ بولغاندىن كېيىن قايناۋاتقان سۇغا ياكى قايناۋاتقان ئاق شورپىغا بىر-بىرلەپ سالىمىز، قازان قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى بىرئاز پەسەيتىپ 10 مىنۇتتەك قاينىتىپ پىشقاندىن كېيىن چىنىگە نورمال سۈيى بىلەن بىللە ئېلىپ ئىستىمال قىلىمىز. قىيمىغا كېتىدىغان خۇرۇچلار: 500 گىرام ئەتراپىدىكى بېدە كۆكىگە 200-250 گىرام ئەتراپىدىكى قۇيرۇق ماينى نۇقۇتچىلىك چوڭلۇقتا توغرايمىز. ئەگەر قىيما قىلىشقا قۇيرۇق ماي ئاز بولغان ئەھۋالدا، شۇ قۇيرۇق ماينى مايلىق گۆش بىلەن بىللە توغراپ، ۋە ياكى مايلىق گۆشنىڭ قارا گۆشىنى ئايرىۋېتىپ ئايرىۋېتىلگەن گۆشنىڭ مېيىنى ئەشۇ قۇيرۇق ماي بىلەن بىللە نۇقۇتچىلىك چوڭلۇقتا توغراپ، چانالغان ياكى ئۇششاق توغرالغان بېدە بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قىيما قىلىمىز. بېدە چۆچۈرىسىگە تەييارلانغان قىيمىنى چۆچۈرىگىلا ئەمەس، جۇۋاۋىغا ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. lFJDdf2:$C  
بېدە چۆچۈرىسى تەييارلاشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى: L"[2[p  
تۇخۇمنى چېقىپ، شاكالنىڭ ئىچىدىكى سۇيۇق ھالەتتىكى تۇخۇمنى چۈچۈگەن ياغدا قورۇۋېتىپ، سوۋۇتۇپ توغراپ، ئۇنى چانالغان ياكى ئۇششاق توغرالغان بېدە بىلەن مۇۋاپىق تۇز قۇشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قىيما قىلىپ چۆچۈرە تۈگىمىز. بۇ خىل قىيمىنى چۆچۈرىگىلا ئەمەس، جۇۋاۋىغا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ياغدا قۇرۇغان تۇخۇم كۆپرەك بولسا جۇۋاۋىنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. J> Z.2  
يالپۇز چۆچۈرىسى j;TXZ`|(  
ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ يېزا-قىشلاقلاردا ئىستىمال قىلىنىدىغان دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە تائاملارنىڭ بىرى ـــ يالپۇز چۆچۈرىسى تەبىئىتى موتىدىلگە تەۋە ئىسسىق بولۇپ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، سۇغۇقنى ھەيدەيدۇ ۋە ئاغرىق كېشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. بولۇپمۇ، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى ۋە قۇرسىغى كۆپۈش، سېسىق كېكىرىش، ئاشقازان مەنبەلىك ئېغىز پۇراش، ئاياللاردىكى ئادەت قالايمىقانلىشىپ مىزاجى ئۆزگىرىش قاتارلىق كېسەللەرگە ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بىراق يالپۇز چۆچۈرىسى سەپرا مىزاج كىشىلەرگە ماس كەلمەيدۇ. يالپۇز چۆچۈرىسىگە قىيما تەييارلاش ئۇسۇلى مۇشۇ تىمىدىكى قىيما تەييارلاش ئۇسۇللىرىغا ئوخشايدۇ. ھەمدە يالپۇز چۆچۈرىسىگە تەييارلانغان قىيمىنى چۆچۈرىگىلا ئەمەس، جۇۋاۋا تۈگۈشكە ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ?q{HS&k  
كۆك چۆچۈرىسى U,Q  
ئەتىياز پەسلىدىكى كۆكنى قايتا-قايتا يۇيۇپ سۈيىنى سىقىۋېتىپ، ئۇنى ئۇششاق توغراپ ياكى چاناپ، چۈچۈتۈتۈلگەن ياغدا چالا قورۇيمىز. ئاندىن قۇيرۇق ياغنى نۇقۇتچىلىك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا تەييارلانغان كۆكنى، سۇ يېغى ۋە كاۋاۋېچىننى سېلىپ  قىيما قىلىمىز. قۇيرۇق ياغنىڭ ئورنىغا قازاندا قورۇۋېتىلگەن تۇخۇم ئارلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. خېمىرغا تۇزنى تېتىغۇدەك سېلىپ يۇغۇرۇپ، خېمىرنى تىندۇرۇپ بولۇپ ئۇنى كۋادرات شەكلىدە نىپىز يېيىپ جىلىت كىسىپ، ھەر بىر جىلىتنىڭ ئىچىگە قىيما سېلىپ چۆچۈرە تۈگىمىز. تۈگۈلگەن چۆچۈرىلەرنى سۈيى قاينىغان قازانغا بىر-بىرلەپ سېلىپ، قايناپ چىققاندا ئوتنى بىرئاز پەسەيتىپ، ئون مىنۇتتەك قاينىتىپ تۇزىنى تەڭشەپ، چىنىگە نورمال سۈيى بىلەن بىللە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرىمىز. چۆچۈرىگە ئاچچىقسۇ، لازا سالسىمۇ بولىدۇ. كۆك چۆچۈرىسىگە تەييارلانغان قىيمىنى چۆچۈرىگىلا ئەمەس، جۇۋاۋىغا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ,azBk`$iQr  
كۆك چۆچۈرىسىنىڭ ئالاھىدىلىگى: jCp^CNbA  
كۆك چۆچۈرىسى سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەپ يېڭى قان پەيدا قىلىدۇ. )i/x%^ca$  
جۇسەيدە جۇۋاۋا تەييارلاش ئۇسۇلى: r7FFZNs!  
جۇسەينى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ سۈيىنى سىقىۋېتىپ، ئۇنى نۇقۇتچىلىك چوڭلۇقتا توغرالغان مۇۋاپىق مىقداردىكى مايلىق گۆش بىلەن، ۋە ياكى ياغدا قۇرۇپ توغرالغان تۇخۇمنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قىيما قىلىمىز. 2%_UOEayU  
يۇقىرىدىكى ھەر خىل قىيمىنى ئارلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ـــ قىيمىغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىشنى، قىيما قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق كاۋاۋىچىن ۋە يۇمشاق زىرە سېلىشنى ئۇنتۇماڭ ۋە ئۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىڭ، ھەم بۇ قىيمىلارنى ئىشلىتىپ، خېمىرتۇرۇچ سېلىپ بولدۇرغان خېمىردا مانتا ئىتىپ سىناپ بېقىڭ. بۇ خىل مانتىدىمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق تەمى بار. AFdBf6/" i  
دېنى قاتمىغان قۇناقتا كۆكۋاش (كۆك چامغۇر) ئېشى تەييارلاش: / LC!|-1E  
خۇرۇچ تەييارلاش ئۇسۇلى: )-\[A<(  
پىياز بىر باش، گۆش 150-200 گىرام ئەتراپىدا، كۆكۋاش(يېڭى كۆك چامغۇر) ئىككى باش، ياغ 30-50 گىرام ئەتراپىدا، چاقما كاۋا 150 گىرام، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە سامساق. m\eYm;R Vj  
ئېتىش ئۇسۇلى: F.$NYr/|y  
(1) قۇناقنىڭ سىرتىنى سۇيۇپ ساقىلىنى پاكىز ئېلىۋېتىپ، قۇناقنى ئۇچىدىن تۈۋەنگە قارىتىپ پىچاق بىلەن قىرىپ قاچىغا ئېلىۋالىمىز، ئاندىن قۇناق مەدىكىدە چالا قالغان قۇناق شىرنىسىنى پاكىز قىرىپ، ئۇنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئەلگەكتىن ئۆتكەن شىرنىسىنى ئايرىم بىر قاچىغا ئېلىۋالىمىز. ئاندىن گۆشنى جىگدىچىلىك چوڭلۇقتا، پىيازنى ئۆزىنىڭ يۈرۈشى بويىچە نىپىز توغراپ، كاۋىنى چاقماق قەندەك، كۆك چامغۇرنى تۆت چاسا، پەمىدۇرنى نىپىز ياپىلاق توغراپ تەييارلايمىز ۋە سامساقنى قىرغاندەك نىپىز توغرايمىز. d: LP8  
(2) قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىغاندىن كىيىن گۆشنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇپ، ئۈستىگە پىياز بىلەن پەمىدۇر سېلىپ قىزارتىمىز. ئاندىن ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندا قىرىۋالغان قوناقنى ۋە كاۋىنى سېلىپ، خۇرۇچلار پىشقاندا كۆك چامغۇر بىلەن سامساقنى سالىمىز ۋە قۇناق شىرنىسىنى تۈكۈپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سالىمىز، ھەمدە خۇرۇچلار قايناۋاتقان قازانغا كىسىۋالغان چۆپنى سېلىپ نورمال ئوتتا 10مىنۇتتەك قايناتساق تاماق تەييار بولىدۇ. V1 O]L 66  
ئالاھىدىلىگى: تەمى مېزىلىك، بەدەنگە سېڭىشلىك. بۇ تاماقلار ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي تاماقلىرى بولۇپ، ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپرەك ئىتىلىدۇ. . {w Czm  
0Q5fX}  
دىمەك، ئۇيغۇرلار يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ياشىغان جۇغراپىيەلىك ئورنى، دىنىي ئېتىقات ۋە ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار ئۆزىگە خاس يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. p^X \~Yibs  
مەنبە: ئۆزەم W8Aii'Q8C/  

tawpek 2014-04-25 21:14
ھەۋەسلىرىڭىز ئۆزگىچىكەن،  تارىخى تېمىللىرىڭىزنى كۆرۆپ سۆيۈنگەنتۇق. /><+[\q4LM  
VtzX I2.2  
ۋاقتىڭىز تىخىمۇ بەركەتلىك بولوپ ئىزدىنىشلىرىڭىز مول ھەم ئۇتۇقلۇق بولغاي.

bostan 2014-04-28 13:26
tawpek:ھەۋەسلىرىڭىز ئۆزگىچىكەن،  تارىخى تېمىللىرىڭىزنى كۆرۆپ سۆيۈنگەنتۇق.ۋاقتىڭىز تىخىمۇ بەركەتلىك بولوپ ئىزدىنىشلىرىڭىز مول ھەم ئۇتۇقلۇق  .. (2014-04-25 21:14) 
#M5pQ&yZy  
تەۋپىق ئەپەندىم، بۇ تىمىنى يوللىغۇچى: بوستان ئەپەندىم ئەمەس، بەلكى «بوستان»نىڭ ـــ ئايالى بۇلىمەن. بۇ تىمىدىكى مەزمۇن ھەرگىزمۇ يولدۇشۇمنىڭ ئۆزگىچە قىزىقىشى ئەمەس. ئۇ ئاياللار توغرىسىدا ھەم تائاملار توغرىسىدا تېما يېزىشنى پەقەت خالىمايدۇ. S\dG>F>S  
مەن 1-ئايدا، خاقانىيەدە تارىخقا دائىر ئاران 7 تېما بارلىقىنى كۆرۈپ، يولدۇشۇمنىڭ باشقا توردىكى نامى بىلەن خاقانىيەگە ئۆزەم تىزىملىتىپ، يولدۇشۇمنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا «يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان پۇللار» دىگەن ماقالىسىنى «كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ» دىمەيلا خاقانىيەگە يوللىغان. ئۇ ماقالىنى گۈلنىھال تەۋپىق تورىغا ئەكەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تەۋپىققىمۇ يولدۇشۇمنىڭ نامىدا ئۆزەم ئەزا بولۇپ، مۇنبىرىڭلاردىكى «يەكەن خانلىقىدىكى پۇللار» دېگەن ماقالىگە يولدۇشۇمنىڭ نامىدا باشتىن-ئاخىر ئۆزەم ئىنكاس يازغانتىم. چۈنكى بۇ ئىككى تورغا يولدۇشۇم ئۆزى تىزىملاتمىدى ھەم پەقەت تېما يوللاپ باقمىدى. بىراق 3 كۈن بۇرۇن، مۇنبىرىڭلاردىكى «يەكەن خانلىقىدىكى پۇللار» دېگەن تىمىدىكى ئىنكاسنى كۆرگەن بىرەيلەن يولدۇشۇمغا «تەۋپىق تورىدا ماقالىڭىزغا ياخشى ئىنكاس چۈشمەپتۇ» دەپ تېلېفون قىپتۇ، يولدۇشۇم ئاندىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتى، يولدۇشۇم ماقالىسىنى ئۈچۈرۋەتمەكچىمۇ بولدى. ئەمدى يولدۇشۇمنىڭ ماقالىسىنى يوللىمايمەن. يولدۇشۇمنىڭ شۇ ماقالىسى ۋە «تارىختىكى مەشھۇر ئاياللار» دىگەندىن باشقا تىمىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم تەييارلاپ يوللىغانتىم. بۇندىن كېيىن ئىمكان بولسا، مۇنبىرىڭلاغا ئاياللارغا ھەم تۇرمۇشقا دائىر ئۆزۈمنىڭ يازمىلىرىمنى يوللاپ بىرىشىممۇ مۇمكىن. چۈنكى مەن ئاددى بىر ھەۋەسكار، خالاس =_=0l+\}  
شۇڭا توغرا چۈشىنەرسىز.


查看完整版本: [-- مايسا سەيلىسى ۋە بېدە، يالپۇز، كۆك چامغۇر قاتارلىقلارنىڭ شىپالىق رولى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled