مامۇتجان |
2014-04-17 17:47 |
ماۋسۇملۇق خۇلاسە
قەشقەر شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنىڭ 2013-2014-ئوقۇش يىلى1-ماۋسۇملۇق ئۇگۇنىشتە قىيىنىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خۇلاسىسى مەكتىۋىمىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش، شۇنداقلا ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىگە بولغان تونۇشى ۋە قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن دەرىسخانىدا ھەممە ئوقۇغۇچىغا يۇزلىنىپ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان نۇقتىلىق يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىلىپ. ئالدىنقى ئوقۇش ماۋسۇمىدا مەكتىۋىمىزدىن تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە لاياقەتسىز ئوقۇغۇچى نەپەر بولۇپ، ئومۇمى ئوقۇغۇچىنىڭ نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلانى يىتەكلەشتە تۆۋەندىكى خىزمەتلەر ئىشلىندۇ. 1.گورۇپپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ بارلىقىنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا بېغىشلاپ ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس نىشان قىلىپ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىلدى . دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرھال ۋە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى بايقاپ چىقىپ،ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىلدى. 2.ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇل قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگنىش ئاڭلىقلىقى ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ روھى پىسخىكىسى جەھەتتىكى توسالغۇلارنى يوقىتىپ،مەن دەرسنى ياخشى ئۆگەنسەملا چوقۇم بىلىمەن ۋە ئالغا باسالايمەن دەيدىغان ئىدىينى يېتىلدۈرۈپ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرلىدى. 3.ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق بىلەن توغرا رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ يېتەكلەيدىغان ھالەت شەكىللەندۈرۈلدى. 4.ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە،جەمئىيەت،ۋە مەكتەپنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ئايرىم يېتەكلەش،ئايرىم تاپشۇرۇق بېرىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان پايدىلىنىش ماتېرياللىرىنى تارقىتىپ بېرىپ ئۈنۈمى يۇقۇرى كۆتۇرۇلدى. يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىن تولۇقسز سىنىپلاردىن 47 نەپەر تولۇق سىنىپلاردىن 16 بولۇپ مەكتەپ بويىچە 63 نەپەر ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىنى يېتەكلەندى.
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسى 2014-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۇنى
قەشقەر شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسىنىڭ 2013-2014-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق ئۇگۇنىشتە قىيىنىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خۇلاسىسى 喀什市二十三中语文教研组 2013-2014 学年第一学期辅导学困生工作总结
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسى 2014-يىلى1-ئاينىڭ15-كۈنى
|
|