گۈلنىھال |
2014-04-17 16:39 |
گۈلنىھال :چىنلىقنىڭ رەھىمسىز يۈزى
چىنلىقنىڭ رەھىمسىز يۈزى W|n$H`;R NNE(jJ`/ anfnqa8 ئاپتورى: قاسىم سىدىق oZl%0Uy?9I uf (_<~ («سالچىلار» رومانىنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى) %,ScGQE
MpJ<. |h K~S*<
? Y"yrc0'&T بەدىئىي ئەدەبىياتتىن، ئەدەبىي تەنقىدتىن يىراقلىشىپ كەتكىنىمگە ئۇزاق بولۇپتۇ. دۇنيادا ئەدەبىيات ھەققىدە قانداق يېڭى نەزەرىيەلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن، قايسىلىرىنىڭ بازىرى چاپ - چاپ، قايسىلىرىنىڭ بازىرى ئۆلۈك ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەرمەن. “شەكىل نەزەرىيەسى”دىن ئىبارەت بىر ئابستراكت دۇنيادا ياشاپ، ئۇنىڭ ئازاب ۋە لەززەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە “سالچىلار” ① ھەققىدىكى تور غوۋغالىرى ۋە كوچا ئوبزورلىرى دىققىتىمنى تارتتى. بۇ غوۋغا ۋە ئوبزورلارنىڭ تۈرتكىسىدە ۋاقىت چىقىرىپ روماننى كۆرۈپ چىقتىم. رومان مېنى ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغان قېرىندىشىم بىلەن كۆرۈشكەندەك تۇيغۇغا چۆمدۈردى. ئۇ مېنى خۇددى شەكىل نەزەرىيەسىدەكلا ھەم ئازابلىدى، ھەم شادلىققا مۇيەسسەر قىلدى. مېنىڭچە، ئازابتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش ئىقتىدارىمۇ كىشىلەرگە قىلىنغان كاتتا مەرھەمەت ئىدى. ?d{O
'&|: kp}[nehF مەن بۇ يازمامدا، ۋاقىت ۋە سەھىپە چەكلىمىسى ئېتىبارى بىلەن ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى، پېرسوناژلار خاراكتېرى، ئىستىلىستىكىلىق مەسىلىلەر دېگەندەك نۇقتىلار ئۈستىدە توختىيالمايمەن. مېنىڭ رومان ۋە تور، كوچا ئوبزورلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ كەلگەن تەسىراتىم شۇكى، بىز ئېستېتىكا، ئېتىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن نەزەرىيەۋى، پەلسەپىۋى مەسىلىلەردە قايتا ئويلانمىساق، ئىستىخىيەنى، ھېسسىياتنى مەنبە قىلغان رېئال قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئىلمىي تەپتىش قىلمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. بىز بەدىئىي ئەدەبىياتتا، سەنئەت ئەسەرلىرىدە ناھايىتى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۆزىنى ئىزدەش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردۇق ۋە كەچۈرمەكتىمىز. كانت ئەخلاق ھەققىدىكى ئادەتتىكى بىلىشتىن پەلسەپىۋى بىلىشكە ئۆتۈش، ئاممىۋى پەلسەپىۋى بىلىشتىن ئەخلاق مېتافىزىكىسىغا ئۆتۈش جەريانلىرى ئۈستىدە توختالغان ②. بىزنىڭنۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەخلاق مەسىلىلىرىنى پەلسەپىۋى جەھەتتىن “ئاممىۋى بىلىش” ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايلا قالماي، بۇ نۇقتىدا سىستېمىلىق ئىزدەنگەن بىرمۇ زىيالىي يوق. “ئەخلاق مېتافىزىكىسى” دىنغۇ ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھەممىگە دېگۈدەك ھېسسىي ياندىشىش، ئەقلىي بىلىشتىن يىراق تۇرۇش، مانا بۇ بىزنىڭ رېئاللىقىمىز. ^&8hhxCPu| %.l={B,i تەن ئېلىش كېرەككى، بىز نەزەرىيە ۋە پەلسەپىۋى نۇقتىدا ئۆزىمىز ھەققىدە مەخسۇسلاشقان ئىلمىي ئىزدىنىش ئېلىپ بارالمىدۇق. بۇنداق ئىزدىنىشنى مۇتلەق يوق دېيەلمىسەكمۇ يېتەرلىك بولمىدى. بەدىئىي ئەدەبىياتقا، سەنئەتكە سېلىنغان ئەقلىي سېلىنمىمىزغا قارىغاندا، نەزەرىيەگە، پەلسەپىگە سېلىنغان ئەقلىي سېلىنما يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلدى. W3\E;C-g0 ئۇيغۇر بەدىئىي ھاياتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىيەۋى ۋە پەلسەپىۋى رېئاللىقى يېتىشىپ ماڭالمايلا قالماي، كېيىنكىسى تېخى ئۆزىنى مۇنتىزىم رەۋىشتە شەكىللەندۈرگىنى يوق. يەنى، ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكى ئۇيغۇر سەنئىتىگە بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىنى بېرەلمەي قالدى، نەتىجىدە كۆپ ھاللار bqp^\yu-E تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ھادىسە كۆرۈلدى: ,9_O4O% {x
_cgsn 1 . بەدىئىي ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى “تالاغا قاراپ قېلىش ھادىسىسى” ,r]H+vWS z/f._Z( بۇنىڭدا ھەررەڭ، ھەر شەكىلدىكى زىيادە تەقلىدچىلىكلەردىن ساقلانغىلى بولمىدى. زامانىۋىلىق، دۇنياۋىلىقلارنىڭ مىللىي سەنئەتتىكى توغرا تەبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلمەي، ئۇ گويا تاشقى دۇنيا تەنقىدچىلىكى دەپ چۈشىنىلدى. بۇ خىل ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەن تەقلىدچىلىك ماھىيەتتە “ئۆزىنى يوقىتىش” يولىدىكى تىرىشچانلىق ئىدى. ئەدەبىيات - سەنئەتتە ژانىر، ئىپادىلەش ۋاسىتىسى، ئىلغار ئىدىيە قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك بولغان قىممەت قاراشلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىمپورت قىلىش ئەدەبىيات - سەنئەتتە “ياساش كەسپى”نى شەكىللەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ “كەسىپ”نىڭ “تاۋار”لىرى بولسا، ئۆزى سادىق بولغان “تاشقى دۇنيا”دىمۇ، ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي توپتىمۇ قارشى ئېلىنىپ كېتىشى ناتايىن. چۈنكى، بۇنداق ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان “ياساش كەسپى”بىر مېخانىك قۇراشتۇرۇش جەريانى بولۇپ، ئۇ ئاپىرىدە قىلغان “تاۋار”لاردا ھاياتىي كۈچ ۋە بەدىئىي جەلپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكى بۇنداق “تالاغا قاراپ قېلىش” ھادىسىسىگە سۈكۈت قىلدى، ھەتتا ئۆزى بىلىپ - بىلمەي، ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتىنى بۇنداق “ئاسىيلىق”قا قۇتراتتى. چەت ئەللەردىن ئۇنىڭ “نەزەرىيەۋى ئاساس”لىرىنى ئېلىپ كىرىپ، بۇ “ئاسىيلىق”قا ئۈمىد ۋە ئىپتىخار بېغىشلىدى. بىز تولىمۇ قىسمەنلىكلەرنى، بەزى زۆرۈرىيەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقىلار ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ، ئەسەر يېزىپ بەرمىسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بىز ھامان ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدەك قاملاشتۇرالمايمىز، ھەركىم ئۆز ناخشىسىنى ئۆزى ئېيتىشى كېرەك، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس تېماتىكىسى بولىدۇ. ?CC.xE Qj_)^3`e 2. ئادەتلەنگەن نەزەرىيەۋى قېلىپلاردىن بىراقلا ھالقىپ كېتىش %7aJSuQN% @-\=`#C** “گۇڭگا شېئىرىيەت” مەلۇم مەنىدە قاتمال، كونسېرۋاتىپ بولغان، ھە دېسىلا “يامان بولىدۇ” دەپ ت−ۇرۇۋېلىپ، سىقىلغان روھنىڭ پارتلىشىنى تەقىپ قىلىدىغان “تەنقىد”دىن ئىبارەت بۇ “قېرى دىداكتىكىچى”غا قىلىنغان خىرىس ئىدى، بۇ “ قېرى دىداكتىكىچى” ئاساسەن ئىستىلىستىكىلىق مەسىلىلەرنى تەكىتلەيدىغان، دەسمايىسى بىر مۇنچە ئىمپورت قىلىنغان “پەرھىز”لەردىنلا ئىبارەت بولغان بىر “بوۋاي” بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چىخوپنىڭ “بىلىكوپ”ىدەك پورتىرېتقا مەھكۇم قىلىش رولىنى ئويناپ كەلگەن. لېكىن بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت بىر تەرىپى، “گۇڭگا شېئىرىيەت”نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رېئاللىقىدىمۇ مەسىلە ئاز ئەمەس. زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىشىپ كېتىش بۇ قېتىمقى شېئىرىيەت ھادىسىسىدىكى تۈپ مەسىلە ئىدى. ئەينى دەۋردىكى بەزى تەنقىدچىلىرىمىز مۇشۇنداق بىر ھادىسىگە سۈكۈت قىلىپلا قالماي، ھەتتا زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىققا يەل بەردى. بۇنداق يەل بېرىش شۇنداق ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردىكى، بۇنداق ئەسەرلەرنى كىتابخانلار بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئاپتور ئۆزىمۇ ئېنىق شەرھلەپ بېرەلمەيتتى. ئۆز پىرىنسىپلىرىنى ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىستىتىكىلىق ئورتاقلىقى ۋە خاسلىقى ئۈستىگە تۇرغۇزمىغان سەنئەت ۋە تەنقىدچىلىك ھامان زىددىيەتكە پاتقان، مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن، ئىجتىمائىي بۇرچ تۇيغۇلىرىدىن ئايرىلغان بولىدۇ. xW5 `.^5 y] D\i5Xv 3 . نەزەرىيە، ئەدەبىي تەنقىد ھامان ئەڭ كەڭ مەنىدە دىداكتىكىلىق، پېداگوگىكىلىق ئەمگەكتىن ئىبارەت. پەرۋىشكارلىق ۋە يېتەكلەش ئۇنىڭ ئاساسىي مېتودى، ئالدىنقى شەرتى بولسا، ئىلمىي ۋە مۇنازىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان “پىروگرامما”دىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. kwT)j(pp< OEjX(F3= ھازىر بۇنداق “پىروگرامما”نىغۇ تاما قىلماي، بىزنىڭ تەنقىدچىلىرىمىز، نەزەرىيەچىلىرىمىز پەرۋىشكارلىققا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلىدىمۇ - يوق؟ دېگەن سوئال ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرسەك بولىدۇ. بىز “نادىر” ئەسەر مەستانىلىقى ۋە چاقىرىقىغا ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلدۇق (ئۆزىمىزدە ئۇنىڭ ئېنىق ئۆلچىمى بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر(، لېكىن پەرۋىشكارلىق بۇرچىمىزنى تولۇق ياكى يېتەرلىك ئادا قىلمىدۇق. مۆجىزە كۈتتۇق، لېكىن جاپالىق، كونكرېت ئەمگەكلەرنى ئىشلىمىدۇق، “ئۈلگىلىك ئەسەر”لەرنى مەدھىيەلەپ ھوشىمىزدىن كېتەي دېدۇق. بۇ ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كونكرېت، جاپا - مۇشەققەتلىك جەريانلار ۋە شەرت - شارائىتلار دىققىتىمىزدىن يىراقتا تۇرۇپ كەلدى. بىز “نادىر”لار ئارقىلىق يېتىلىۋاتقان ياش تالانتلىقلارنى، تالانت ئۇچقۇنلىرىنى مەنسىتمىدۇق ياكى دۇمبالىدۇق، ھەتتا بەزى ھاللاردا ئۇجۇقتۇرۇپتاشلىدۇق. بىز ئەدەبىيات - سەنئەت ئالدىنقى سېپىگە، غەلىبىگە، قەھرىمانغا كۆڭۈل بۆلدۇق. ئارقا سەپكە، ئەدەبىياتنىڭ كېلەچىكىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىدۇق. ئىدىيال مۇكەممەللىكلەر نۇقتىسىدا تۇرۇۋېلىپ، رېئال مۇمكىنلىكلىرىمىزنى دۇمبالىدۇق... ۋەھاكازالار. بىزنىڭ نەزەرىيەچىلىرىمىز، تەنقىدچىلىرىمىز ئۆزى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىشقا تېگىشلىك يەردىن ئۆتۈپ كەتتى. بۇ خىل ئويلىنىشنى يەنە كېچىكتۈرسەك بولمايدۇ. تەنقىدچىلىرىمىز قەھرى - غەزەپلىك گېنېرالنىڭ رولىنى ئېلىۋەرمەي، كۆيۈمچان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رولىنىمۇ ئېلىشى كېرەك، “نادىر” ئەسەرلەرنىڭ ئېلانچىسىغىلا ئايلىنىپ قالماي، نۇقسان ئىچىدىكى تالانت بىخلىرىنى بايقىيالايدىغان ۋە ئۇلارنى پەرۋىش قىلالايدىغان كۆيۈمچان ئەمگەكچىمۇ بولۇشى كېرەك. بەدىئىي ئەدەبىيات گۈلشىنىنىڭ گۈزەل كېلەچىكى ئالدى بىلەن پەرۋىشكە موھتاج! 6O6B8 wdBBx\FP ئەسلىدىكى گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ “ساراڭ” قاتارلىق ھېكايىلىرىدىن باشلىنىپ “قۇم باسقان شەھەر”دە ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن مەمتىمىن ھوشۇرچە ئۇسلۇب بولسا “تالاغا قاراپ قېلىش”نىڭ ئەمەس، ئۇيغۇر ئومۇمىي خەلق ئېستېتىكىسىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. “مەمتىمىن ھوشۇرچە ئۇسلۇب” يېڭى بىر بەدىئىي دۇنيا بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرۇپلا قالماي، ھېلىقى “قېرى دىداكتىكىچى”نىڭ مېڭىسىگە كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالدى. بۇ مۇشتنىڭ زەربىسى شۇنچە ئۇشتۇمتۇت، شۇنچە قاتتىق بولدىكى، ھازىرغىچە بۇ “بوۋاي” ئېسىگە كېلەلمەيۋاتىدۇ. “مەمتىمىن ھوشۇرچە ئۇسلۇب” بىزگە نېمە دېمەكچى ياكى نېمىلەرنى ئۇقتۇردى؟ ئۇ سەنئەتكارلارغا ئېيتماقچىكى، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ “تالاغا قاراپ قېلىش”ىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزىمىزدە بارلىق بەدىئىي ئىجادىي ئىمكانىيەتلەر يېتەرلىك. ئۆزۈڭلارمۇ تونۇيالمايدىغان “بالىلار”نى تەۋەللۇت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار! ئۇ تەنقىدچىلەرگە ئېيتماقچىكى، سىلەر ئۆزىمىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى قېزىپ ئۇنىڭدىن نەزەرىيە ياساڭلار، سىلەر “تالاغا قاراپ” قالساڭلار بىر مۇنچە بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىدىكەنسىلەر. تەييارغا ھەييار بولىدىغان ياكى قۇراشتۇرمىچىلىق بىلەن ئەپلەپ - سەپلەپ جان باقىدىغان خۇيۇڭلارنى تاشلاڭلار! kJf0..J[#< RS}_cm
0 ئۇيغۇر بەدىئىي ھاياتى بىلەن ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكى ئىلمىي ھالدا جىپسىلاشمىسا، نەزەرىيە ۋە بەدىئىي ئەمەلىيەت ئۇيغۇر مەنىۋى ھاياتىنى، نىسپىي ئورتاق بولغان ئۇيغۇر ئېستېتىكىسىنى ئاساس قىلمىسا، تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھالدا نەزەرىيە سەنئەت ئەمەلىيىتىنى قايمۇقتۇرۇش، تەقلىدچىلىككە قىستاش ۋە ئىلمىي ئوربېتىدىن چىقىرىۋېتىش رولىنى ئويناپ قالىدۇ. H@wjZ;R k`N*_/(|n بۇ رومان مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان “مۈگىدەپ” ياتقان، ئۇنتۇلغان ئەدەبىي تەنقىد ۋە سەنئەتكە ئالاقىدار بەزى خاتىرىلىرىمنى ئېسىمگە سالغاندەك قىلىدۇ. لېكىن، مەن بۇ يازمىنى “ئۆلچەملىك” ۋە “مودا” تەنقىد ئەسىرى دەپ قارىيالمايمەن. يازغانلىرىمنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىگە كىتابخانلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر باھا بەرسۇن. ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم: بۇ يازما مېنىڭ “سالچىلار”دىن ئالغان بىۋاسىتە تەسىراتلىرىمنىڭ، “سالچىلار”نىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئېستېتىكا، ئېتىكا ۋە بەدىئىي ئەدەبىيات ھەققىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرىمنىڭ ئەركىن بايانى. 4C_1wk(' P(7el 1 Wll0mtv نۇرغۇن ئادەملەر رېئال تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتقىنىدا كۈندىلىك زۆرۈرى تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە ئەسىر بولۇپ ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش جۇغلانمىلىرىغا زامان - ماكان ۋە بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىسىدىن نەزەر تاشلىيالماي قالىدۇ. شۇڭغىچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى يىغىنچاقلاپ نىسپىي ئابستراكت يەكۈنلەرنى چىقىرىش ئادىتى نۇرغۇن كىشىلەردە يېتىلمىگەن بولىدۇ. ھالبۇكى، چىنلىق سىياھى بىلەن يېزىلغان بىر ئەسەرگە تۇرمۇش، تارىخ، ھايات ھەققىدىكى تەپسىلات ۋە يەكۈنلەر يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. بۇنداق ئەسەر بىزنىڭ ئۆزىمىزنى، تارىخنى، ھاياتنى بىلىشىمىزدە ئەينەكلىك رول ئوينايدۇ. ئۆتمۈشىمىزگە، ھازىرىمىزغا سەپسېلىش، ئۆزىمىزنى تونۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. گەرچە بۇ خىل ئۇچرىشىش تولا ھاللاردا ئازابلىق بولسىمۇ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىشتۇر. چۈنكى، چىنلىقنى ماتېرىيال قىلغان “ئەسەر”دىن ئىبارەت بۇ ئەينەك، ئەپتىمىزنى ئەينەن كۆرسىتىپ، غۇبار ۋە ئازاب مەنبەلىرىمىزدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. جىلۋە - جۇلالىرىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ، بىزنىڭ توغرا يەكۈن ۋە توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىر مۇنەۋۋەر ئەسەرگە قويۇلىدىغان ئەڭ ئالدىنقى شەرت مېنىڭچە پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ چىنلىق! i.On{nB"k a6z0p%sIZ چىنلىق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئالاقىدار كەسىپ ئىگىلىرى، ئېستېتىكا نوپۇزلۇقلىرى نۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى قالدۇرغان. چىنلىق ۋە گۈزەللىك بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان ۋە تولۇقلايدىغان ئېستېتىكا كاتېگورىيەلىرى بولۇپ، ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەنئەت ساھەسىدە، ئۇلارنىڭ “بەدىئىي چىنلىق” ۋە “بەدىئىي گۈزەللىك” دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. “سالچىلار” رومانى مېنىڭدە ئالدى بىلەن “بۇ ئەسەر ئوخشىمىغان دەۋر ئىچىدىكى بىر كەسپىي ساھەنى يورۇتۇش جەريانىدا تۇرمۇش چىنلىقى ۋە بەدىئىي چىنلىقنى ئورگانىك ھالدا مۇجەسسەملەشتۈرۈش يولىدا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن ئەسەر ئىكەن” دېگەن تەسىراتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. RE4#a2 p{GO-gE@ قەھرىمانلىق، گۈزەللىك، ئەخلاق قاتارلىقلار ھەم ئېستېتىكا ھەم ئېتىكا ئۇقۇملىرى بولۇپ، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ. بىر - بىرىگە سىڭىشكەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەكتىدە چىنلىق ئۆزەك سۈپىتىدە جىلۋە قىلغان بولىدۇ. چىنلىقتىن ئايرىلغان ئاتالمىش “گۈزەللىك” ماھىيەتتە خۇنۈكلۈكتۇر. چىنلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلمىغان ئاتالمىش “ئەخلاق”، ماھىيەتتە رىياكارلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتۇر. چىنلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلمىغان ئاتالمىش “قەھرىمانلىق” ماھىيەتتە سۇيىئىستېمالچىلىق ۋە پۇرسەتپەرەسلىكتۇر. بۇ تەشەببۇسلارنى قوبۇل قىلىشتىكى ئالدىنقى شەرت بىزنىڭ چىنلىقنى، چىنلىقنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى قانداق چۈشىنىشىمىزگە، قانداق شەرھلىشىمىزگە باغلىق. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ چىنلىققا دادىل يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزىمۇ مەلۇم مەنىدە قەھرىمانلىقتىن ئىبارەت. x
@oxIXN ~e[qh+ “سالچىلار” رومانىدا، مەيلى ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى بولغان سەمەت نوچى، مەيلى قۇۋان ئەزمە، مەيلى ئۆمەر مەدداھ بولسۇن، مەيلى ھۈسەن بايۋەچچە، ئوسمان ئۇلاغچى ياكى گۈلئايىم بولسۇن، زامانىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پىروتوتىپلىرىنى ئۇچرىتىش تەبىئىي. بۇ پېرسوناژلار ئارقىلىق بىز ئەينى دەۋر كىشىلىرىنىڭ پاجىئەلىرى، تەقدىر - قىسمەتلىرى، ئوي - پىكىرلىرى، تەلپۈنۈشلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق. ,Q Ge=Exn .c<U5/ “سالچىلار” بىر ئەينەك سۈپىتىدە ئەينى دەۋر ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ خېلى كەڭ قاتلىمىنى، بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان بەزى ساھەلەرنى بىزگە روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ پېرسوناژلارنىڭ “لۇغىتى” ۋە “ئارخىپى”دىن، ئۇلار ھەققىدە ئاز بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. مەمتىمىن ھوشۇر بىزگە بۇ رومان ئارقىلىق بەكمۇ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىك ۋە بەكمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەسلىكتىن بېشارەت بەرگەندەك قىلىدۇ. VK*H1EH1 => 'j_| 2 9&^5!R8 بىر مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر ئاز بولمىغان قىممەت قاتلاملىرىغا ئىگە بولىدۇ. قاتلاملارنىڭ ئىپادىلىنىش دەرىجىسىدىمۇ پەرقلەر بولىدۇ. ئوخشىمىغان ساپا، ئوخشىمىغان قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ بىر ئەسەردىن قېزىۋالىدىغان جاۋاھىرات ۋە ئەخلەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. پەقەت پىسخىكىلىق ھۇزۇرلىنىشنىلا قوغلىشىدىغان كىشىلەر، ئۆزىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك مېخانىزملىرىنى غىدىقلىيالمىغان، ھۇزۇرلاندۇرالمىغان ئەسەرنى ياقتۇرۇپ كېتىشى ناتايىن. ھالبۇكى، بۇنداق ئەسەر يەنىلا مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭدا ئاشۇ بىر قاتلاملا مەۋجۇت بولماسلىقى ياكى بۇ قاتلام مەۋجۇت بولسىمۇ، بايامقى شەخس ھېس قىلالىغۇدەك دەرىجىدە يارقىن بولماسلىقى مۇمكىن. دېمەكچىمەنكى، كۆپ قاتلاملىق ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي جەلپ قىلىش كۈچى يۇقىرى، زوقلانغۇچىلىرى (كىتابخانلىرى( نۇرغۇن بولىدۇ. مەن بۇ يەردە بىر ئەسەرگە ھەممە نەرسىنىزورلاپ تىقىش تەلىپىنى قويۇۋاتقىنىم يوق. بارلىق دېتال ۋە تەپسىلاتلار ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە! بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە سەنئەتكار بىلەن زوقلانغۇچى ئوتتۇرىسىدا “لاپقۇتلىشىش” مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە زۆرۈرلۈكى بارغانچە كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماقتا. گەرچە بۇ خىل مۇناسىۋەت مەدەنىيەت تارىخىدا شۇنچە قەدىمىيلىككە ئىگە بولسىمۇ، بىز بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ ئەھمىيىتىنى، مەۋجۇتلۇقىنى نەزەرىيەۋى جەھەتتىن تونۇشقا باشلىغىنىمىزغا ئۇزاق بولمىدى. قاتلاملارنى يارىتىش ئاپتورنىڭ بۇرچى بولسا، قاتلاملارغا چۆكۈش زوقلانغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە پائالىيەت شەكلىدۇر. Txe*$T,( 45%D^~2~F نەق گەپكە كەلسەك، “سالچىلار”دا ئاز بولمىغان قىممەت قاتلاملىرى مەۋجۇت، ئۇلارنى ھېچ بولمىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن: ^o q|^O
_M;{}!Gc&A 1 .بىلىش قاتلىمى. x=W s)&H_Y 4RQ38%> >j `
-W4/7 2 . ئېستېتىك قاتلام. %.uN|o&n ^ 6t"A كۈل چېچىش ئارقىلىق ھاشارات ئۆلتۈرۈش، ئاپپاق غوجا مازىرىدىكى سەيلە... سالچىلىق، سال باغلاش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق، بىز ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئەينى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئەمگەك، تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت شەكىللىرىدىن خەۋەر تاپتۇق. پېرسوناژلارنىڭ دىيالوگ، مونولوگلىرىدىن ئۇلارنىڭ تىل ئادەتلىرى (لۇغىتى(، قىممەت قاراشلىرىدىن، تەلپۈنۈشلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق. بەزى پېرسوناژلارنىڭ كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ئادەتلىرى، پاجىئەلىرى، ئادالەتسىزلىكلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق. ناخشا - قوشاقلار، تۇرمۇش مەنقۇلاتلىرى ۋە ئادەتلىرى يەنە بىزنى كەڭ فولكلور دۇنياسى بىلەن ئۇچراشتۇردى، ۋەھاكازالار. [a^<2V!vMn h=NXU9n%' ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بىزدە مەخسۇس تارىخىي ئەسەرلەر كەم بولۇپ كەلدى. تارىخىي رېئاللىقلار فولكلورلىرىمىزدا، بەدىئىي ئەسەرلىرىمىزدە ئەكس ئېتىپ، بىزنى ئۆتمۈشتىن خەۋەردار قىلدى ياكى بىر يىپ ئۇچى، بىر نىشان تاختىسى سۈپىتىدە كېيىنكىلەرنىڭ قېزىشىغا، تەپسىلىي يورۇتۇشىغا قالدۇرۇلدى. “سالچىلار” ئۆلچەملىك تارىخىي ئەسەر ئەمەس. ئۇ، پېرسوناژلىرى تارىخىي چىنلىق ئىچىدە، كەڭ تارىخىي دېكىراتسىيە ئىچىدە يارىتىلغان بەدىئىي ئەسەر. لېكىن ئۇ بىزگە نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ تېماتىكىلىق مەۋجۇتلۇقلىرىدىن بېشارەت بەردى. “ئاپپاق غوجام سەيلىسى (ھەزرەت سەيلىسى)“ روماندا پەقەت سەمەت نوچى، ئۆمەر مەدداھ قاتارلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىش مۇھىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتقاندا ئاپتور بۇ پېرسوناژلار ئۈچۈن خەلقىمىز ئۇزاق يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر سەيلە پائالىيىتىنى دېكىراتسىيە قىلىپ تاللىغان. ئوخشىمىغان بەدىئىي دىتقا ئىگە ئاپتورلار ئۆز پېرسوناژلىرىغا ئوخشىمىغان دېكىراتسىيەلەرنى تاللىشى، سەمەت نوچى، ئۆمەر مەدداھلارنى ھەزرەتتە ئەمەس، ئاللىقانداقتۇر باشقا مۇھىتلاردا يارىتىشى، مەسىلەن، ھېيتگاھتىمۇ يارىتىشى تامامەن مۇمكىن. “ھەزرەت سەيلىسى” ھەر تەرەپتىن قارىغاندا خەلقىمىزنىڭ ھاياتىدىكى ئەستايىدىل ئويلىشىشقا تېگىشلىك ئىزچىل فولكلور ئادىتى بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئۇنى تاللىشى جايىدا بولغان. “ھەزرەت سەيلىسى” تارىخچىلارنىڭمۇ، ئەدىبلەرنىڭمۇ، سىياسىيونلارنىڭمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭمۇ ۋە باشقىلارنىڭمۇ تېمىسى بولالايدۇ. ئاپتور مۇشۇنداق بىر ئۇنىۋېرسال ۋە مۇھىم تېمىنى زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. “ھەزرەت سەيلىسى”دىن بىز مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىغا ئېرىشتۇق. qX[C% OXoEA a تارىخىي پاكىتلارغا بولغان ھۆرمەت، شۇنداقلا تېماتىكىلىق بېشارەتلەر ئەخمەت ئەپەندىم ۋە غېنى باتۇرنىڭ سالغا چىقىشلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلاردا يەنىلا ئەكس ئېتىدۇ. بىر پۈتۈن روماندا بۇنداق تەپسىلات ۋە بېشارەتلەر يۇقىرىقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، “سالچىلار”نى كۆپ قاتلاملىق ئەسەرگە، ئاز بولمىغان مەخسۇس تېما دالالەتلىرىگە ئىگە ئەسەرگە ئايلاندۇرغان. 4tapQgj24 lcoJ1+`C ئۇيغۇر تارىخى ۋە جەمئىيىتىدىكى تېماتىك قاتلاملاردىن بېشارەت بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ مۇئەييەن مەنىدە ۋە مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا ئەھمىيەتكە ئىگە. روماندا ئاساسىي قەھرىمانلارنىڭ پائالىيەتلىرى، دىيالوگ - مونولوگلىرىدا ئەينى دەۋر خەلق ئېستېتىكىسىنىڭ ئاز بولمىغان ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىمىز. راستچىللىق، مەردانىلىق قاتارلىقلار ھەم ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىمىزدا ھەم گۈزەللىك قاراشلىرىمىزدا ئاساسىي ئۆلچەم بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا سالچىلارغا مۇھەببەت بىلەن سېلىنغان نەزەرلەردىن ئاپتورنىڭ ئېستېتىكىسىدىن خەۋەر تاپىمىز. بىر پۈتۈن روماندىن ئاپتورنىڭ “چىنلىق −− گۈزەللىك دېمەكتۇر” دەپ قارايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس مەن “سالچىلار” رومانى نەشر قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، تور دۇنياسىدا ۋە كوچا - كويلاردا مۇھاكىمە - مۇنازىرىلەرنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ئاڭلىدىم. ئوخشىمىغان ساپا ۋە قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپ، تور دۇنياسىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ تەدرىجىي ھالدا بىر ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قالىدىغانلىقى مۇقەررەرلىك. مەن يۇقىرىقى قۇرلارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، تور دۇنياسىدا “ئىنتېرنېت دۇنيانىڭ مائارىپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتمەكتە” ماۋزۇلۇق خەۋەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ “موسكۋا ۋاقىت گېزىتى”نىڭ 16 - يانۋاردىكى خەۋىرى ئىكەن. دېمەكچىمەنكى، تورغا جىددىي قاراشنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى. ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك، نىسپىي مەنىدە ئەركىنرەك بولغان توردىن ئىبارەت بۇ دۇنيادا ئەركىن پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ھەركىم ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتلىرىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ھەممە ساھەگە، جۈملىدىن بەدىئىي ئەدەبىيات ساھەسىگە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يۈكلەيدۇ. بۇ ھادىسىلەر بىزنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىمىزنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن، “قۇم باسقان شەھەر”دىكى بىغەملەردىن ساۋاق ئېلىپ، ئەتراپىمىزدىكى ھادىسىلەرگە جىددىي نەزەر ئاغدۇرۇشقا ئادەتلىنىۋاتقانلىقىمىزدىن، تەقدىرىمىزنى ئەمدى بىر ياكى بىر قانچە كاتتىلارغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىمىز بەخىرامان يۈرۈۋېرىدىغان بۇ ئادەتلىرىمىزنى دەپنە قىلىش يولىدا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ئومۇمىيلىقتىن ئالغاندا ھەر بىر كىتابخان بىر تەنقىدچى، بىر ئوبزورچىدىن ئىبارەت. “سالچىلار” ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تور ئوبزورلىرى ۋە كوچا ئوبزورلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۈستىدە توختىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. لېكىن، يەڭگىلتەكلىك بىلەن بېرىلگەن مۇئەييەن “پاساھەت”كە ئىگە بەزى باھالار جەلپ قىلىش كۈچىگىمۇ، ئېزىقتۇرۇش كۈچىگىمۇ ئىگە سەۋەبلىك بۇنداق باھالار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈش زۆرۈر. بەدىئىي ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ سەنئەت شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ناتونۇش بولغان بەزى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قىسمەن ئوبزورلىرى (باھالىرى) كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. مەن توختىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان بۇنداق باھالاردا رومانغا “تۆت ئەيىب” بەخشەندە قىلىنغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: }-WuHh# @hOY& 1 .ئاپتور ئىلى سۇلتانلىقى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قاتارلىق ئىلى تارىخىدىكى چوڭ تارىخىي ۋەقەلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن. y;LZX-Z- 0OVxx>
p/x 2 .رومان “قۇم باسقان شەھەر”دەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقماپتۇ، ئاپتور چېكىنىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. 2`h cz*Z/5XH 3 .ئەخلاقى چۈشكۈن كىشىلەرگە مەدھىيە ئوقۇلغان، ئۇلار قەھرىمان، ئوت يۈرەك قىلىپ قويۇلغان. ?s{Pp 9xUAfU 4 .بۇرۇنقى ئەسەرلىرىدىكىدەك قىزىق يەرلىرى كۆپ ئەمەس. (K->5rSU k:kx=K5=4 يۇقىرى باھالاردا بىر قانچە نۇقتىغا سەل قارالغان. بۇ نۇقتىلار: @Vac!A??: FQCz_z 1 .“سالچىلار” رومانىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسىتى، سالچىلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلىغان كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش، نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتونۇش بولغان سالچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى ئەدەبىي نۇقتىدىن سۈرەتلەش، نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت ئەينى ۋاقىتتا “سال”غا ③ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىخچام شېئىرىي كارتېنىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغان بولسا، مەمتىمىن ھوشۇر كونكرېت بىر كەسىپ سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلدى. ئوخشىمىغان ئېستېتىك نەزەرنىڭ ئوخشاش تېماتىك مەسىلىدە ئوخشىمىغان نەتىجە يارىتىدىغانلىقى ئەقەللىي ساۋات. (y!<^Q Mk@%Wuxg2 ئىلى سۇلتانلىقى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قاتارلىق زور ۋەقەلەرنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىنى يارىتىش “سالچىلار” رومانىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەرگە تۇتۇش قىلغان چېغىدىكى تۈپ مەقسەتمۇ ئەمەس. مۇبادا بىز ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئەقەللىي قائىدە - پىرىنسىپلىرىدىن چەتنىگەن ھالدا ئاپتورغا تېما تەلىپىدىن ھالقىپ كەتكەن تەلەپلەرنى قويساق، بۇ بىزنىڭ بەدىئىي ئەدەبىيات ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ چولتىلىقىدىن، ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئەقەللىي بىلىملەرنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. خەنزۇ خەلقىدە “يىلانغا پۇت سىزىش” دېگەن بىر ئىدىيوم بار. “سالچىلار”دىن ئىلى سۇلتانلىقى ياكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىنى تەلەپ قىلىش، ئاپتوردىن بەدىئىي ئىستېدات تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە “يىلانغا پۇت سىزىش”نى تەلەپ قىلىشتۇر. بۇ بىر زىددىيەتلىك مەسىلە. بىر مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىيۇقىرىقىدەك زور تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىنى يارىتىش نىيىتىگە كەلسە، ئۇلارنى مەخسۇس تېما سۈپىتىدە روياپقا چىقىرىشى تەبىئىي. دېمەكچىمەنكى، ئىلى سۇلتانلىقى، “كۆچ - كۆچ”، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدەك زور تارىخىي ۋەقەلەر “سالچىلار”نىڭ سېلىغا سىغمايدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر “ئىلى ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى”، “كۈنلەر شۇنداق ئۆتكەن” قاتارلىق مەخسۇس ئەسەرلىرىدە تارىخقا، رېئاللىققا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى روشەن ئىپادىلىگەن. ئىجادىيەت پىسخولوگىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مەمتىمىن ھوشۇر مۇبادا يۇقىرىقى زور تارىخىي ۋەقەلەرنى يورۇتماقچى بولسا، مەمتىمىن ھوشۇرچە بەدىئىي دىت بىلەن ئۇلارنى مەخسۇس تېما سۈپىتىدە تۇتۇپ، دېتال، تەپسىلات، قۇرۇلما ۋە دېكىراتسىيە (ئارقا كۆرۈنۈش) قاتارلىقلارنى باشقىچە تەشكىللىگەن، مۇز داۋاننىڭ ئىككى تەرىپىدىن “ئىلھام” ۋە “ماتېرىيال مەنبەسى”ئىزدەپ يۈرمەي، باشقا مەنزىللەرنى سەيىر قىلار ئىدى. q;p:)Q" pPNU0]/ 1930-يىللاردىن كېيىنكى تۇرمۇش سۈرەتلەنگەن بۇ ئەسەردە ئاپتور يەنىلا ئەخمەت ئەپەندىم ۋە غېنى باتۇرلارنىڭ سالغا چىقىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تەپسىلات ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى، شۇنداقلا بۇ ئىنقىلابنىڭ قەھرىمانلىرىنى يادىمىزغا سالىدۇ. بىزگە مۇشۇنداق تارىخىي تېمىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. تەسەۋۋۇر كۈچى، بەدىئىي ئىپادىلەش ئىقتىدارى، تارىخىي بىلىمى يېتەرلىك بولغان بىر سەنئەتكار، ئەخمەت ئەپەندىم ۋە غېنى باتۇردىن ئىبارەت يۇقىرىقى ئىككى تارىخىي شەخسنىڭ سالغا چىقىشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي رېئاللىقتىن ئىلھاملىنىپ، خىلمۇخىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بۇ ۋەقە رەسساملارنىڭمۇ، ھەيكەلتىراشلارنىڭمۇ، يازغۇچىلارنىڭمۇ، شائىرلارنىڭمۇ تېمىسى بولالايدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدە، شۇنداقلا مۇشۇ “سالچىلار” رومانىدا زامانىمىزغا بېرىلگەن بۇنداق تېما بېشارەتلىرى ئاز ئەمەس. قارىغاندا، بۇ خىل بېشارەتچىلىك مەمتىمىن ھوشۇر ئېستېتىكىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدەك قىلىدۇ. تېما بېشارەتلىرى مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدىكى پەقەت بىر تەرەپ، ئاساسىي تەرەپ بولسا، زوقلانغۇچىلار بىلەن “لاپقۇتلىشىش” تىپىدىكى ئىدىيە، قاراش، ھېسسىيات قاتارلىقلاردىن ئىبارەت مەنىۋى قاتلام بېشارەتچىلىكىدىن ئىبارەت. بۇ خىل بېشارەتچىلىك، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ “ساراڭ”، “ئالتۇن چىشلىق ئىت” قاتارلىق بىر يۈرۈش ھېكايىلىرىدىن باشلىنىپ “قۇم باسقان شەھەر”دە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. بۇ ھېكايە - رومانلار بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى، بىزگە سىڭدۈرۈلگەن مائارىپ بۇلماقلىرىدىكى “رېئالىستىك ئۇسلۇب” بويىچە يېزىلماي، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەييارلىقسىز، ھېچقانداق ئالدىن تەسەۋۋۇرغىمۇ ئىگە بولماي تۇرغان بىر پەيتتە، يېپيېڭى ئەدەبىي ھادىسە سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، بەدىئىي زىلزىلىسى، ھېلىقى بىز ھەجىلەپ ئۆگەنگەن، ئۇقۇم دائىرىسى تولىمۇ تار بولۇپ قالغان “رېئالىستىك ئۇسلۇب”، “تەنقىدىي رېئالىزم”لارنىڭ رامكىسىنىڭ كونكرېت سەنئەت ئەمەلىيىتى ئالدىدا تولىمۇ چەكلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قويدى. بىز ھازىرغىچە چەت ئەللەرنىڭ نەزەرىيەۋى ئامبارلىرىدىن قورال ئۆتنە قىلىپ بولسىمۇ بۇ ئەسەرلەرنى قانائەتلىنەرلىك باھالىيالمىدۇق. بىز پەقەت بۇ ئەسەرلەرنىڭ “قالتىس” ئىكەنلىكىنىلا تەكىتلىدۇق، ھېس قىلدۇق. ھالبۇكى، بىز كونكرېت ئەسەرلەردىن ئەيىب ئىزدىگەندە تولا ھاللاردا بۇ ئەسەرلەرنى باھالاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان مودا نەزەرىيەلەرنى قورال قىلىۋالدۇق. 1 U|IN= Hp2ysU ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن كېيىن ئىلمىي يەكۈن سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇ يەكۈنلەر، بۇ نەزەرىيەلەر بولسا ئۆزى ئاساسلانغان كونكرېت ئەدەبىي ھادىسىلەرنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئىمكانىيىتى ئىچىدە روياپقا چىققان. شۇ تەرىقىدە ئەدەبىي تەنقىد تىلى، تەنقىد ئەندىزىلىرى، ئۆلچەملىرى بەرپا قىلىنغان. بۇ ئەندىزىلەر كېيىنكى ئىجادىي پائالىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىجابىي رول ئوينىغاندىن باشقا، ئىجادىيلىقىنى بوغۇپ سەلبىي رولمۇ ئوينىغان. چۈنكى، ھەرقانداق بىر نەزەرىيە نىسپىي ئابستراكت يەكۈن ۋە ئەندىزە بولۇپ، تەتبىقلىنىش دائىرىسى چەكسىز بولمايدۇ. لېكىن، ئىنسانىيەتنىڭ كونكرېت ئىجادىي پائالىيەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى ھامان نەزەرىيەۋى ئەندىزىلەرنىڭ رامكىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. قالغان مىساللارنى قويۇپ تۇرۇپ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ يۇقىرىدا نامى زىكىر قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئەسلەپ كۆرەيلى، ئۇلارنى تەنقىدىي رېئالىزم بويىچە، سوتسىيالىستىك رېئالىزم بويىچە ياكى رومانتىزملىق ئۇسلۇب بويىچە ۋە ياكى ھازىر بىزگە ئىسمى مەلۇم بولغان ھەرقانداق بىرەر ئۇسلۇب بويىچە يېزىلغان ئەسەر دېيەلەمدۇق؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبلىرى بار دەپ قاراپ، يۇمۇرلۇق ھالدا “ئەرۋاھ ئېشى ئۇسلۇبى” دەپمۇ تۇرايلى، يەنىلا ئۇلارنى ئىلمىي باھالىيالىشىمىز ناتايىن. سەۋەب زادى قەيەردە؟ سەۋەب شۇ يەردىكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئېستېتىكىسى چەت ئەللەردىن قوبۇل قىلىنغان نەزەرىيەۋى رامكىلار، ئېستېتىكا قېلىپلىرىغا دەلمۇ دەل چۈشمەيدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئارتۇق ياكى كەم يەرلىرى بار بۇ مەسىلىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ئېستېتىكىسى، ئىجادىيەت پىسخولوگىيەسى، قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان يېڭى نەزەرىيە كېرەك. مەن يۇقىرىقى قۇرلارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، سۇلايمان قەييۇمنىڭ “يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىغا ئوچۇق خەت” سەرلەۋھىلىك يازمىسى ④ بىلەن ئۇچراشتىم. “يېڭى نەزەرىيە” تەشەببۇسىدا ئورتاقلىقلىرىمىز بار ئىكەن. تەكىتلەيمەنكى، ئىمپورت قىلىنغان تەييار قوراللارنى ئەندىزە قىلىپ، بىرەر كونكرېت ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەقرىزچىلىك يەنىلا “ئاتام ئېيتقان بايىقى” ب−ولۇپ قالىدۇ ۋە بولۇپ قالماقتا. y6bl&_ aXAV`%b ئۇيغۇر مىللىي ئېستېتىكىسى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان يېڭى نەزەرىيەنى كىم ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بىز ئۆزىمىز. ھازىر كونكرېت بەدىئىي ئەسەرلەرگە باھا يازىدىغان ئادەملەر ياكى مۇشۇنداق شەيدالىققا بېرىلگەن ئادەملەر ئاز ئەمەس، لېكىن شۇنچە كۆپ ئادەم نېمە ئۈچۈن ھە دېسىلا ئەسەر باھالاش قىزغىنلىقىغا بېرىلىمىز - يۇ، يېڭى نەزەرىيە ئۈستىدە ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىزدىنىدىغان بىرەرسى چىقمايدۇ؟ بۇ جىددىي ئويلىشىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئەگەر سىز كونكرېت ئەسەرلەرنى تەييار قوراللار بىلەن تەنقىد قىلىش بىلەنلا بىر ئۆمۈر ياشاپ، يېڭى نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدەنمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى يوقاتقان بولۇسىز، باشقىلارنىڭ كانىيىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇسىز. يېڭىچە ئىجادىي تەپەككۇر نەتىجىلىرىنى دىتلىيالمايدىغان، ئۇلارنى چەكلەيدىغان كونسېرۋاتىپ شەخسكە ئايلىنىپ قالغان بولۇسىز، ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ ياكى غايىڭىزدىكىدەك بولمايدۇ. afVl)2h VM
3~W F|,_k%QP ھەر بىر تەنقىدچىنىڭ قولىدا ئۆزى ئىگىلىگەن ياكى ياقتۇرىدىغان ئۆلچەم، گەز بولىدۇ. ئۇ تەنقىدچى ئاشۇ ئۆلچەملىرى بىلەن بەدىئىي ئەسەرنى ئۆلچەيدۇ، بەدىئىي ئەسەر ئۇنىڭ ئۆلچىمىدىن ھالقىپ كەتسىمۇ، كەم قالسىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ تارتقۇلىقى بار. بۇنداق تەنقىدچىلىك ئەندىزىسى بىلىپ - بىلمەي ئىجادىيەتنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇنىڭدا نۇرغۇن لوگىكىلىق زىددىيەتلەر ئۆزىنى ئاشكارىلىغان ياكى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. خەلقىمىزنىڭ “قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ” دېگەن سۆزىدە چوڭقۇر پەلسەپىۋى ھېكمەت بار. سەنئەتكارنىڭمۇ، تەنقىدچىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ق−ازىنى بار. ھ−ەر ئىككىسى ئۆز قازىنىدىكى “تائام”نى بازارغا سالىدۇ. بۇ مەنزىرىدە، سەنئەتكار گويا تائام ساتقۇچىلارغا ئوخشىسا، تەنقىدچى بازار تەرتىپىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىغۇچى خادىملارنىڭ رولىنى ئالىدۇ. قۇرۇلما جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇنداق ئىككى قاتلامنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇقەررەرلىك بولۇپلا قالماي يەنە زۆرۈر. ئۇلار بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ ۋە ئوينىشى كېرەك. لېكىن چىن مەنىسىدىكى ئىلمىي تەنقىد ئۆلچەملىرى تۇرغۇزۇلمىسا، غايىدىكىدەك نەتىجىلەرنىڭ، غايىدىكىدەك ئاقىۋەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ناتايىن. بىزنىڭ ئۆلچەملىرىمىز كونكرېت ئىجادىي ئەسەرنىڭ، بۇ ئەسەر تەۋە بولغان ئىجتىمائىي توپنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىشى، سەنئەتكارنىڭ “ئۆزى”نىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى چەكلىمەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر تەنقىدچىنىڭ ئۆلچەملىرى زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىشىپ كەتسە، بۇ ھالدا ئۇنىڭ قىلغانلىرى “سۇيىئىستېمالچىلىق تەنقىدچىلىكى” بولۇپ قالىدۇ، يەنى تەنقىدچى تەنقىد ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىندىۋىدۇئال تەنقىد مىزانلىرىنى، ئىندىۋىدۇئال قىممەت قاراشلىرىنى بازارغا سالغان بولىدۇ، بۇنداق تەنقىد ئىلمىي تەنقىد ئەمەس ئەلۋەتتە. A4lW8&rHI 6FYO5=R ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىلمىي تىندىنسىيە ۋە غايىلەرنى باھالاش، كۆرسىتىپ بېرىشكە بولىدۇ، “تەنقىد”لەپ ئۇجۇقتۇرۇش، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. بۇ ئالدى بىلەن شۇ ساھەلەرگە مەنسۇپ بولغان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. “سالچىلار” ھەققىدە تور دۇنياسىدا ۋە كوچا - كويلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرىقى “تۆت ئەيىب” ئالدى بىلەن “ئەيىب” سۈپىتىدە ئىلمىي ئەسەرلەردە ئىسپاتلىنىشى كېرەك. ئىلمىيلىكى ئۆزىگىمۇ گۇڭگا بولغان تەنقىد ۋاسىتىلىرى ياكى تەنقىد دېتاللىرىدىن ئاپىرىدە قىلىنغان تەنقىدىي ئەسەرنىڭ ئۆزى تەنقىدكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بەزىلەر “سالچىلار”دىكى پېرسوناژلارنىڭ ئېغىزىنىڭ يامانلىقى، زىناخورلۇقى، ھاراقكەشلىكى شۇنداق ئېنىق تۇرسىمۇ ئاپتور ئۇلارنى قەھرىمان سۈپىتىدە، ئوت يۈرەك ئىنسانلار سۈپىتىدە مەدھىيەلىگەنلىكىدىن زادىلا مەمنۇن بولمىغان. بۇ “قەھرىمان”لارنىڭ يامان ئۈلگە بولۇش رولىنى ئويناپ پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇنداق ئەخلاقسىز “قەھرىمان”، ئەخلاقسىز “ئوت يۈرەك”، ئەخلاقسىز “شىر يۈرەك”لەرنىڭ قۇم - تۇپراقتەك يامراپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى روشەن ئىپادىلىگەن. بۇ خىل مەمنۇنىيەتسىزلىك، بۇ خىل ئەندىشىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن ساقلانغىلى ۋە ئەجەبلەنگىلى بولمايدۇ. ساقلىنىشقا ۋە ئەجەبلىنىشكە تېگىشلىك بولغىنى بىر قۇتۇپقا ئېغىپ كېتىشتىن ئىبارەت. بۇنداق كىشىلەر ئاپتورنى سىپايىگەرلىك قىلىپ يالغاننى توقۇشقا، ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ “ئەخلاقسىز” بولۇشىغا، رېئالىستىك مېتود بىلەن يېزىلغان بۇ ئەسەرنى ئۇنداق يازماي، رومانتىزملىق ئۇسلۇب بىلەن يېزىشقا، چىنلىقنى ئەينەن يازماي، ئۇنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ھالىتىنى تەسۋىرلەشكە دالالەت قىلغاندەك قىلىدۇ. ئەپسۇس، بۇ تەنقىدچىلەرنىڭ نەزەرىدە ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چىنلىق تولىمۇ بەتبەشىرە بولۇپ، بۇ تەنقىدچىلەر چىنلىقنىڭ ئۆزىدىن ئالالمىغان دەردىنى ئاپتوردىن ئالغاندەكمۇ قىلىدۇ. بۇنداق ئەخلاق قارىشى، بۇنداق گۈزەللىك قارىشىنى پەقەت ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئاپتورلاردىن كۈتىدىغان تەلىپى، “ئاشخانا”گە كىرگۈچىلەرنىڭ ئىشتىھاسىغا بېقىپ قىلغان “تاماق” بۇيرۇتمىسى دېيىشكىلا بولىدۇكى، ئورتاق ئىلمىي تەنقىد مىزانى دېيىشكە ئەسلا بولمايدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر چىنلىقنىڭ بىزنى ئازابلايدىغان رەھىمسىز يۈزىنى بىزگە ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئۇنى ئۆزگەرتىش ئەلۋەتتە مەمتىمىن ھوشۇر ياكى بەدىئىي ئەدەبىيات تەنھا ئورۇنداپ كېتەلەيدىغان ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيەت ئەمەس. مەمتىمىن ھوشۇر بۇ يەردە يەنىلا بېشارەتچىلىك قىلىپ “بىز مانا مۇشۇنداق خەق” دېگەندەك قىلدى. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بۇ “ئەخلاقسىز” كىشىلەرگە بولغان مۇھ−ەببىتى، خەيرخ−اھ−لىقى ھ−ەرگىز ئۇنىڭ “ئەخلاقسىزلىق”نى تەرغىب قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەس، ئەكسىچە مەمتىمىن ھوشۇر بىزگە “تاز بولسىمۇ سېنىڭ داداڭ” دېمەكچىدەك قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ “ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن” دېگەن گېپىدە چوڭقۇر ھېكمەت ۋە چوڭقۇر ئۆزلۈك ئېڭى مەۋجۇت. بىز ھېچ بولمىغاندا بەزى نەزەرىيەۋى ئۇقۇملارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەققىدە ئويلىشىپ باقساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ !
MTmG/^ n
(#| ,QB]y|: باتۇرلۇق، قەھرىمانلىقلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىمىسى بارمۇ - يوق، خەۋەرسىزمەن. ئەگەر ئېنىقلىما بېرىشكە ت−وغرا كەلسە “رېئاللىققا قارشى چىقىش، رېئاللىققا جەڭ ئېلان قىلىش، تەۋەككۈلچىلىك قىلىش، ۋاز كېچىش، قۇربان بېرىش، ئەندىزىگە ئاسىيلىق قىلىش” دېگەندەك تېرمىنلارنىمۇ بۇ ئېنىقلىما ئىچىگە كىرگۈزۈشنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن. e-Pn,j >cTSX ئوخشىمىغان دەۋر ياكى ئوخشىمىغان توپلارنىڭ قاراشلىرىدا خۇددى ئەخلاققا بېرىلگەن ئىزاھلار پ−ەرقلىق ب−ولۇپ كەلگىنىدەك، قەھرىمانلىققا بېرىلگەن ئىزاھات، تەدبىرلەرمۇ پەرقلىق بولۇپ كەلدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىدە رېئاللىققا بولغان ئىسيانكارلىق رەت قىلىنماي، مەركىزىي ئورۇنغا قويۇلىدۇ. رېئاللىق بولسا كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي تەقدىر - قىسمەتلەرگە بولغان ئىسيانكارلىقمۇ، ئائىلە رېئاللىقىغا بولغان ئىسيانكارلىقمۇ، ئىشقىلىپ ھەممە نۇسخىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. روماندىكى ئاساسىي قەھرىمانلار مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر بولماي ئادەتتىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا بىز تارىخىي مىللىي قەھرىمانلىرىمىزغا قويۇلغان تەلەپلەرنى قويالمايمىز. بۇ “سالچىلار”نى بولسا بىر كەسپىي ساھەنىڭ قەھرىمانلىرى، تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي كىشىلەر دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز. ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقى، ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشتا تەۋەككۈلچىلىك قىلالىغانلىقىدا، گەرچە باشقا تاللاشلار يوق بولمىغان ھالەتتىمۇ، خەۋپ - خەتەرگە تولغان بۇ ساھەنى تاللاشتا ئىپادىلىنىدۇ. دېمەكچىمەنكى، دۇنيادا “چاپايۇفچە قەھرىمانلىق”، “پاۋىل كورچاگىنچە قەھرىمانلىق” بولۇپلا قالماي، يەنە “سېيىت نوچىچە قەھرىمانلىق”، “غېنى باتۇرچە قەھرىمانلىق”، “سادىر پالۋانچە قەھرىمانلىق”لارمۇ ئەلۋەتتە بار. قەھرىماننىڭ يارىلىشى بىلەن قەھرىماننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئىككىسى ئىككى ئىش. “غېنى باتۇر”نىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي دېكىراتسىيەدە “غېنى ئوغرى” بولالايدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. %0y_WIjz vtA%^~0 خەلق ئارىسىدا “داۋان ئاتلاپ چىققان ئوغۇل باللا بىز، جۇمۇ” دېگەن گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغانىدۇق، دەرۋەقە خەۋپ - خەتەرگە تولغان مۇزداۋان سەپىرىگە جۈرئەت قىلىشنىڭ ئۆزى بىر قەھرىمانلىق روھتىن ئىبارەت. قارىغاندا بىز قەھرىمانلىق، ئەخلاق ھەققىدىكى ئۆلچەملىرىمىز ھەققىدە قايتا ئويلاشمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتك−ەندەك ت−ۇرىدۇ. ئەت−راپىمىزدا قەھرىمانلىق كۆپ، دارۋازلىق مۇشۇنداق قەھرىمانلىقلارنىڭ بىرى. شۇنىسى ئېنىقكى، قەھرىمانلىق ئالدىدا روھتا مەيدانغا كېلىپ، ئاندىن پۇت - قولدا، چىرايلىرىمىزدا، پوزىتسىيەلىرىمىزدە ئىپادىلىنىدۇ. روماندا تەۋەككۈلچىلىك - قەھرىمانلىق روھى كەمچىل پېرسوناژ بەلكىم قۇۋان ئەزمە بولۇشى مۇمكىن. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك روھىدا قەھرىمانلىق خېلى روشەن ئەكس ئەتكەن. لېكىن، بىز قۇۋان ئەزمىدە زادىلا قەھرىمانلىق ئېلېمېنتى يوق دېيەلمەيمىز. ئۇنىڭ سالغا چىقىشىدا، ئۇستازىغا، دوستلارغا بولغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى قاتارلىقلاردا بۇنداق ئېلېمېنتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. j5Cf\*B4J 3FglzJ ئۆزىنى مەركەز قىلىش، بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزنىڭ تۈپ مىزانىغا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى. ئۇلار قەھرىمانلىق قىلسا پەقەت خۇسۇسىي مەنىدىكى “ئۆزى” ئۈچۈن قىلىدۇ. ئۇلار سىرتتىن ئالىدۇ - دە، ھېلىقى تار مەنىدىكى “ئۆزى”گە بېرىدۇ، ئۆزى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي توپقا بولسا بىر نەرسە بېغىشلىيالمايدۇ. ئۇلاردا قەھرىمانلىقنى ئۈزۈل - كېسىل يوق دېيىشكە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقى مەيلى نېمىنى بەدەل قىلىپ بولسىمۇ تار مەنىدىكى “ئۆزى”نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە “ئېلىش” −− قەھرىمانلىق، “بېرىش” بولسا جىنايەت ۋە زەيپانىلىقتۇر. تارىخ بىزگە شۇلارنى ئەسكەرتكەنكى، تار مەنىدىكى “ئۆزى”نىلا مەركەز قىلىدىغان بۇنداق كىشىلەر، “ئۆزى” ئۈچۈن ھەرقانداق شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدىغان بۇنداق كىشىلەر ھامان ئىجتىمائىي توپنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش ياكى ئۇنىڭغا خىرىس قىلىش رولىنى ئويناپ كەلدى. Jv8JCu"eky \dHdL\f مەمتىمىن ھوشۇر “سالچىلار”دا بىزنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىمىزنى يادىمىزغا سالغاندەك قىلىدۇ. ۋۇجۇدىدا ئادىللىق تۇيغۇسى پۈتۈنلەي ئۆلۈپ كەتمىگەن كىشىلەرگە ئايانكى، بىزنىڭ قەھرىمانلىق ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز بۇرمىلىنىپ كەتتى ۋە بۇرمىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ، بىزنىڭ سالچىلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىق ھەققىدىكى ئەقەللىي ئىستىخىيەلىك مىزانلىرى بۇنداق ئەمەس ئىدى. بىز چىن مەنىسىدىكى قەھرىمانلارنى “ئەقىلسىز”، “زەيپانە”، “مەغلۇبىيەتچى” كىشىلەر دېگەن قاراشقا بارغانچە مايىل بولماقتىمىز. ۋۇجۇدىدا قۇۋان ئەزمىچىلىكمۇ جاسارەت يوق كىشىلەر (ئۇنىڭ سالغا چىقىشىنىڭ ئۆزى بىر قەھرىمانلىق، ئەلۋەتتە( “قەھرىمان”غا ئايلانماقتا. رېئاللىق بىزنى قەھرىمانلىق ھەققىدە قايتا ئويلىشىشقا قىستىماقتا. بىز بۇ نۇقتىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. قەھرىمانلىقنىڭمەۋجۇت تەرتىپلەرگە بولغان ئىسيانكارلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ مەۋجۇت تەرتىپلەر بولسا، يالغۇز سىياسىي دۇنياغىلا مەنسۇپ بولماستىن، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا قەھرىمانلار ئاز ئەمەس. قەھرىمانلىق ياكى قەھرىمانلىق ئېلېمېنتلىرى چۈشىنىلىشى، قەدىرلىنىشى، بايقىلىشى، پەرۋىش قىلىنىشى كېرەك. ھەممە ساھەلەرنىڭ دېگۈدەك ئۆز قەھرىمانلىرى بولىدۇ. سىز پەقەت ئ−ۆزىڭىز تەلپۈنگەن بىرەر ساھەنىڭلا قەھرىمانلىرىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز ئىلمىي ھەم ئادىل بولمايدۇ، ھەممە ساھەگە قەھرىمان كېرەك g9.y`o}c KKRj#m(:! ئەخلاق دېگەن نېمە؟ بۇ ئىنسانىيەت مەڭگۈ ئىزدىنىدىغان سوئال. بىر مەھەل “سىنىپىي ئەخلاق” ⑤ داۋرىڭى بازار تاپتى. مۇئەييەن نۇقتىلاردا دىنىي ئەخلاق ئەڭ ئۇزۇن ۋە ھازىرغىچە نوپۇزلۇق ئورنىدىن ئايرىلىپ باققىنى يوق، ھەتتا دىنىي ئەخلاق ئىنسانىيەت ئېتىكىسىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلدى. ئەخلاقشۇناسلار ئەخلاقنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ناھايىتى نۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى قالدۇردى. ھازىرغىچە ئەخلاقنىڭ مۇكەممەل، ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئېنىقلىمىسى مەيدانغا كەلمىدى. بۇ تېمىنىڭ ۋەزىپىسى ئەخلاق ياكى ئېستېتىكا مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىلمىي نۇقتىدىن مەخسۇس توختىلىش ئەمەس. پەقەت “سالچىلار” رومانىدىكى بەزى پېرسوناژلارنى (پىروتوتىپلارنى ھەم) ئەخلاقسىزلىقتا ئەيىبلەشكە يېتەرلىك ئاساسىمىز بارمۇ - يوق، دېگەن سوئال ئۈستىدە ئانچە - مۇنچە ئىزدىنىپ كۆرۈش. Yma-$ytp f~R`RBZ]9 ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەر ئېتىكا تارىخىدا دەسلەپ شەخسلەرنىڭلا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى دەپ مەيدانغا كەلگەن. تەدرىجىي ھالدا كەسپىي ئەخلاق نورمىلىرىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. مەسىلەن، دوختۇرلۇق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى دېگەندەك. لېكىن ئەڭ مۇھىم بىر ساھە ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي بۇرچلىرىنى نەزەرىيەۋى جەھەتتىن تونۇپ يەتكىنى، تۇرغۇزغىنى يوق، ئۇ بولسىمۇ سىياسىي. سىياسىي ئەخلاقشۇناسلىق −− سىياسىي ئېتىكا تۇرغۇزۇلمىسا ياكى سىياسىي جەھەتتىكى ئەخلاقىي نورمىلار تۇرغۇزۇلمىسا، جەمئىيەتنى “ئەخلاق كىرىزىسى” قاپلاپ كېتىدۇ. ئەخلاق ھەققىدىكى تەشەببۇسلار ئادەم ئالدايدىغان قۇرۇق نەرسىگە، شۇ تۈپەيلى ماھىيەتتە ئەخلاقسىزلىققا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. ئادىللىق، باراۋەرلىك، لەۋزىدە تۇرۇش... قاتارلىق ئەخلاق كاتېگورىيەلىرىنى سىياسىيغا تەتبىقلىماسلىققا كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق باھانىمىز يوق. كەسپىي، خۇسۇسىي، سىياسىي، ئومۇمىي ئەخلاق ئۆلچەملىرى ئۆزئارا ئورگانىك بىر گەۋدە سۈپىتىدە ئۇيۇشالىغاندىلا ئاندىن ئەخلاق كىرىزىسلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سىياسىينىڭ ئەخلاق رامكىسىدىن سىرتتا قېلىشى ئىنسانىيەت بېشىدىن كەچۈرگەن پاجىئەلەرنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. سىياسىي كۆپ ھاللاردا ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە بويسۇنمايدىغان بىشەم نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈنلا گىتلېر مەيدانغا كېلىپ “كىشىنىڭ ھەققى”گە خىرىس قىلالىدى، گىتلېرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئېتىكا، ئېستېتىكا قاتارلىق ساھەلەردە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ق−ولغا كەلتۈرگەن بۇ “پەلسەپىۋى مىللەت”نىڭ يۈزىنى قارا قىلىپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمانىيە گىتلېرغا تىز پۈككىنىدە ھەم چىن مەنىسىدىكى قەھرىمانلىقتىن، ھەم چىن مەنىسىدىكى ئەخلاقتىن ئايرىلىپ قالغانىدى. كانت، گېگىلدەك بۈيۈك مۇتەپەككۇرلار بۇ ۋاقىتتا قەبرىسىنىڭ ئىچىدە يېتىپ تۇرۇپ، قانچىلىك ئازابلانغان بولغىيتتى - ھە؟! بىزمۇ ھازىر دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشتىن باشقا ئەخلاق بىلەن باشقۇرۇش تەشەببۇسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز⑥ . نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ تەشەببۇس بىر سىياسىينىڭ ئەخلاققا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ “سىياسىي ئەخلاقشۇناسلىق”نىڭ زۆرۈرلۈكىدىن دېرەك بەردى. ئارىستوتىلنىڭ “ئادەم سىياسىي ھايۋان” دېگەن تەدبىرىنى مۇئەييەن مەنىدە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە دەپ قارىغان ئەھۋالدىمۇ، “سىياسىي ئەخلاقشۇناسلىق” ئاللىقاچان كۈنتەرتىپكە قويۇلدى. لېكىن زىيالىيلار قاتلىمى بۇ “يېشىل چىراغ”تىن ئىلھاملىنىپ، ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ھازىرغىچە قىلغىنى يوق. مۇبادا سىياسىي ئادەمنى ئەخلاقسىز بولۇشقا مەجبۇرلىسا، سىز قوپۇپ ماھىيىتى ئۆزىڭىزگىمۇ روشەن بولمىغان “ئەخلاق ئۆلچەملىرى” ۋە ئەخلاقىي دەۋەتلەر بىلەن ئازابلىسىڭىز بۇ ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي ھادىسە بولماي قالامدۇ - قانداق؟! چۈنكى، زۇلۇم سېلىش ئەزەلدىنلا غەيرىي ئەخلاقىي ھادىسە دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇ يەردە ئىنسانلار مەلۇم نۇقتىدا ئەخلاقلىق بولغىنى بىلەن دەل شۇ ئەخلاق يەنە بىر نۇقتىدا ئەخلاقسىزلىق بولۇش قىسمىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مېنىڭ بۇ تېمىغا يۇقىرىقىلارنى قىستۇرۇشۇمدىكى سەۋەب، تارىخىي ۋە رېئال شەخسلەرنىڭ ئەخلاقىغا باھا بەرگەندە ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق بولۇشنى ئەسكەرتىش. سېيىت نوچىنىڭ ئەخلاقى بىلەن سۇڭ جاڭنىڭ ئەخلاقى بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە قىممەتكە ئىگە، لېكىن باشقا بىر نۇقتىدىن ئەخلاقسىزلىق بولۇشىمۇ تەبىئىي. دېمەكچىمەنكى، ئورتاق، بىرلىككە كەلگەن ئەخلاق قاراشلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئېلىپ بېرىلغان ئەخلاقىي دالالەت ۋە تەنقىدلەرنىڭ ئىلمىي بولۇشى ناتايىن. يەنى “سالچىلار”نى ئەخلاق نۇقتىسىدىن دۇمبالاشنىڭ ئاساسلىرى يېتەرلىك ئەمەس. مېنىڭ ئېتىكىلىقئۆلچىمىمدە ئەخلاق ئالدى بىلەن ئېلىش ئەمەس، ئەكسىچە بېرىشتۇر. تار مەنىدىكى “مەن”گە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئېلىشنىلا ئويلاش غەيرىي ئەخلاقىي ھادىسە ھېسابلىنىشى كېرەك qir8RPW S#F%OIx vduh5. خەۋپ - خەتەرگە دادىل يۈزلەنگەن بۇ سالچىلارنىڭ قەھرىمانلىقىنى، ھەقلىق رەۋىشتە “قەھرىمانلىق”نى تۈر ۋە قاتلاملارغا ئايرىش ئارقىلىق تېپىپ ئالالايدىغىنىمىزدەك، ئۇلاردىكى ئەخلاقىي جۇلالارنى كۆزەينەك ئالماشتۇرۇپ باقساق روشەن كۆرۈپ يېتەلەيمىز. بۇ كۆزەينەك −− ئەخلاق ھەققىدىكى قاتمال، قېلىپلاشقان، كونىرىغان، ھېسسىي بولغان، رېئاللىقنى مۇپەسسەل ۋە ئادىل كۆزىتىش ئىقتىدارىغا، سىستېمىلىق ئىلمىي نەزەرىيەۋى ئاساسقا ئىگە بولمىغان بوۋا مىراس كۆزەينەكلەرنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلاش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. كىلاسسىك ئېتىكا ئۇقۇملىرى نۇقتىسىدىن نەزەر سالساقمۇ، “سالچىلار”نىڭ پېرسوناژلىرىنى ئەخلاقلىق كىشىلەر دېيىشكە يېتەرلىك ئاساسلىرىمىز بار. مەن ئۇلارنى ھەرگىز ئەخلاقىي جەھەتتە مۇكەممەل كىشىلەر دەۋاتقىنىم يوق. بۇ يەردە “مۇكەممەللىكنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغان، رېئاللىققا ئايلىنالايدىغان نەرسە ياكى ئەمەسلىكىنى ئالدى بىلەن ئويلىشىش كېرەك. دەرۋەقە بۇ سالچىلاردا نۇقسان يوق ئەمەس، ھالبۇكى ئۇلار ئاشۇ نۇقسانلىرى بىلەن چىن گۈزەل ۋە پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئىبارەت. مۇكەممەللىك ھەرقاچان ئىنساننىڭ ئىدېئال دەرىجىسىدۇر. ئىنسان مەڭگۈ ئۆز ئىدېئالىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن مەڭگۈ ئۆز ئىدېئالىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇ بۇنداق مەڭگۈلۈك سەپەردە غايىۋى مەنزىللىرىنىڭ جۈزى ئۆتەڭلىرىدە قونۇپ ئۆتىدۇكى، يەنىلا ئۆز ئىدېئالىنىڭ قورشاۋى ئىچىدە، ئۆز ئىدېئالىغا چەكسىز تەلپۈنۈپ ياشايدۇ. مانا بۇلار ماتېماتىكىدىكى لېمىت ئۇقۇمىنىڭ ئىجتىمائىي ئېستېتىكىدىكى ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت. دېمەك، مۇكەممەللىك قوغلىشىشقا، چاقىرىق قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك نىدا. لېكىن، رېئال ئىنساندىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىش ئىلمىي بولمىغان “ئەدەبىي تەنقىد دونكىخوتچىلىقى”دىن ئىبارەت. بۇ يەردە ۋىناسنىڭ بىر قولىنىڭ يوق بولۇشى ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزەلمىگەنلىكىنى، غەرب دۇنياسىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەلقىنلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ ئۆتسەك كۇپايە. N+zR7`AG8 ?2 سالچىلار سالچىلىقدىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلىغىنىدا، ماماتقا تەۋەككۈل قىلغىنىدا، بەزى ئېتىكاشۇناسلار تەشەببۇس قىلغان “مەجبۇرىيەت ئېتىكىسى”نىڭ ئەخلاق نورمىلىرىنى قانائەتلەندۈرىدۇ. “ئېلىش” ئەمەس، “بېرىش” ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي قارىشى ۋە ھەرىكەتلىرىدە روشەن ئەكس ئەتكەن. ۋاپادارلىق، سادىقلىق، يۈز - خاتىر قىلىش قاتارلىقلار كىلاسسىك ئېتىكا ئۇقۇملىرى، ئەنئەنىۋى ئەخلاق نورمىلىرىدىن ئىبارەت. قۇۋان ئەزمە سەمەت نوچىنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىپ سالغا چىققىنىدا مۇشۇ يۈز - خاتىر قىلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەخلاق دالالىتىنىڭ قۇربانى بولۇشنى تاللىغان. ئۇنىڭ ئۆمەر مەدداھقا بولغان سېغىنىشلىرىدا سادىقلىقتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەخلاق نورمىسىنىڭ نۇرى جىلۋە قىلىدۇ. ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇش، ئادىل ۋە جاسارەتلىك بولۇش ئوخشاشلا ئېتىكىلىق دالالەتلەردىن ئىبارەت. سەمەتنوچىنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن بىز بۇنداق ئەخلاقىي جىلۋىلەرنى كۆپلەپ ئۇچرىتالايمىز . M6lNdK B42qiV2/k .GiQC{@9w “سالچىلار”نىڭ غىدىقلىشىدىن قوزغالغان تەسىرات، كۆز قاراشلىرىم يۇقىرىقىلار بولۇپ، ھاسىلاتلىرىمنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: cE3V0voSw1
`l 1 .مىللىتىمىزنىڭ ئېتىكىلىق، ئېستېتىكىلىق، تېئولوگىيەلىك، پولىتېكىلىق قىممەت قاراشلىرىغا، روھىي، ئىجتىمائىي دۇنياسىغا ئائىت ئىلمىي يەكۈنلەرنى، ئىلمىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئەڭ جىددىي خىزمەت. بۇنداق نەتىجە، بۇنداق يەكۈنلەر بولمىسا ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدچىلىكى ھامان بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمايدۇ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. مىللىي رېئاللىق قىممەت قاراشلىرى جەھەتتىكى خاسلىقنى شەرت قىلىدۇ. خاسلىق −− سەنئەتنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىرى. بىز ئۆزىمىزنىڭ تەنقىد تىلى ۋە تەنقىد ئۆلچەملىرىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىمىز، تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. y*5$B.u`. C:P.+AU"` 2.چەت ئەللەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسى قاتارلىقلاردىن ئىجادىي ۋە تەنقىدىي پايدىلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولماي ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىنسە ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتى، بەدىئىي ھاياتى پىروگراممىلىنىش تەقدىرىگە، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ رەڭدارلىقى ۋە خاسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش خاس قىممەت قاراشلىرىنى تەلەپ قىلىدىغان نەزەرىيەنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ۋە يېتەكلىشىگە موھتاج. نىسپىي مەنىدە “نەزەرىيە ئىنقىلابى” ۋە نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزلىرى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي توپنىڭ بەدىئىي، ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلىرى رېئ−ال−لى−ق−ى ئاس−اسىدا تۇرۇپ، دۇنياۋى “ئىزم”لارنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئەڭ جىددىي خىزمەت قاتارىغا قويۇش كېرەك. ئۇنداق قىلىنمىغىنىدا ئۇيغۇر بەدىئىي ئىجادىيىتى بىلەن ئاتالمىش “ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكى”ئوتتۇرىسىدا ئىككى قارىغۇنىڭ ھېكايىسىدەك كومېدىيەلىك مەنزىرە شەكىللىنىدۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى “باشباشتاقلىق” بىلەن ئۆزى بىلگىنىنى قىلىۋېرىدۇ، تەنقىد بولسا نەۋرىلىرىنى گېپىگە كىرگۈزۈلمەي غۇدۇڭشۇپلا يۈرىدىغان بوۋاي - مومايلارنىڭ كۈنىگە قالىدۇ. e(EXQP2P> w`F4.e 3 .سېتىفىن. ل. كارتىرنىڭ “گۇمانلىق مەدەنىيەت −− ئامېرىكا سىياسىيسى ۋە قانۇنىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا بولغان تەسىرى” دېگەن كىتابىدا ⑦ دىن، ھاكىمىيەت، قانۇن، سىياسى قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان. كارتىر توختىلىپ ئۆتكەن يۇقىرىقى ساھەلەرنىڭ “ئەخلاق” بىلەن بولغان زىچ باغلىنىشقا ئىگ−ە ئىكەنلىكى ئازراقلا تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرگە ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. ئەخلاق دالالەتلىرى ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىشى كېرەكمۇ ياكى زۇلۇممۇ؟ ئورتاق ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي مىزانلارنى چىقىش قىلىش كېرەكمۇ ياكى ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ ساھەسىنىڭ، ئۆز غايىلىرىنىڭ، ئۆز قىممەت قاراشلىرىنىڭ مىزانلىرىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەكمۇ؟ مانا بۇلار بىز ئويلىشىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار. ~LuR)T=%es ^@0-E@ {c
ھازىرقى زامان كىشىلىرى خىلمۇخىل بېسىملار ئىچىدە ياشايدۇ. ئىنسانلارنىڭ فىزىلوگىيەلىك تەلپۈنۈشلىرى روھىي ھاللىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ چەكلىسىمىگە ئۇچرايدۇ. شەخسنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن ئائىلە قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ. ئائىلىۋى ۋاپادارلىقلاردىن ئىجتىمائىي غايىلىرى قۇربان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، مەھەللىۋى ۋاپادارلىقلاردىن دۆلەت ۋە مىللەت قۇربانلىق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دۆلەت ۋە مىللەتتىن پۈتكۈل ئىنسانىيەت قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ، بەندىنى خۇدا قۇربانلىق بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. تەبىئەت ئىنساندىن قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ، مەن ئەخلاقنىڭ ماھىيىتى ئېلىش ئەمەس، بېرىش دېگەندە مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان. ھەممىسى “ئالىمەن” دەيدۇ. “بېرىمەن” دېمەيدۇ. نوقۇل “ئېلىش”نى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش “ئەخلاق”، ماھىيەتتە غەيرىي ئەخلاقىي ھادىسىدۇر. بىز بۇ نۇقتىلار ئۈستىدە ئەستايىدىل، ئىلمىي ئىزدىنىشىمىزكېرەك، ئۇقۇملارنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلىشى ۋە سۇيىئىستېمال قىلىنىشى بىزنى خىلمۇخىل زىددىيەتكە مۇپتىلا قىلىپ، مەنىۋى جەھەتتىن قاتتىق ئازابلاپ تۇرماقتا . A(>kp=~ sTALOL< . “سالچىلار” رومانى مۇئەييەن دائىرىدە دەۋرنىڭ چىنلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ نۇقتىدا رومان چىنلىقنى تەكىتلەپ قەسەم ئىچىدىغان، ئەمما سېپى ئۆزىدىن يالغان بولغان بەزى ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ گۈزەللىك ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلارغا سادىق بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەگەر بۇ روماندا پىرىنسىپال نۇقسان بار دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭ بولۇپ كەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ “ئالىيجاناب” ۋە “تەمكىن”لىكى تۈپەيلى سۈكۈتنى ئەلا بىلىپ كېلىۋاتقان بەزى كەسپىي ساھە ۋە ژانىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىغىمۇ چېقىلىپ قويغانلىقى ئۇنىڭ “نۇقسان”ى بولسا كېرەك. بىزدە ئۆلچەملىك رومان ئەندىزىسى بارمۇ؟ غەربتىن كىرگەن بۇ ژانىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنىلا غەربنىڭ رومانغا قويىدىغان تەلەپلىرىنى ئۆلۈك تەتبىقلىشى كېرەكمۇ؟ مېنىڭچە بۇنداق تەشەببۇس قوللاشقا ئېرىشىپ كېتىشى ناتايىن. بۇ يەردە مۇنداق ئىككى مەسىلە مەۋجۇت: بىرى، غەرب ئۆز رېئاللىقىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئېستېتىك، ئېتىكىلىق نەزەرىيە سىستېمىسىنى تاماملاپ بولغان، پەقەت ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىزدە ئۇنداق ئىلمىي سىستېما شەكىللەنگىنى يوق. بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز تېخى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان بۇنداق نەزەرىيەلەرنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ يەتمىدى، ھېس قىلغانلىرى بولسىمۇ، ئەمگەك قىلىپ ئورتاق قوبۇل قىلغۇدەك بىرەر نەتىجىنى روياپقا چىقارغىنى يوق. قىلىۋاتقىنىمىز غەرب قىممەت قاراشلىرى، ژانىر ئەندىزىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىنى دۇمبالاش، خالاس! ئىككىنچىسى، غەربنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار كەسپىي ساھەلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، غ−ەرب−تە “سالچىلىق” ۋە “س−ال”دەك مۇشۇنداق ئاتالغۇلار ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تۇرمۇش بار دەپ قارىساق، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى غەربنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدە، تارىخىي بايانلىرىدا، پوبلىستىك ئەسەرلىرىدە يېتەرلىك تونۇشتۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ ھالدا بەدىئىي ئىجادىيەتچى ئۆز ئەسىرىدە بۇ تەكرار خىزمەتلەر ئۈچۈن باش قاتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. بىزدىچۇ؟ بىز ئاۋامغا ئانچە تونۇش بولمىغان بىر ساھەنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىنى ياراتماقچى بولساق، بىچارە يازغۇچى ھەممە ساھەنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭ ئورۇنداشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە بولمايدۇ. 7f9i5E1 u LXV, يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئۇيغۇر رومانچىلىقى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىش، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئېنىقلىمىسى ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇش بەكمۇ مۇھىم. سەنئەت كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق ئەسەرلەردە مىللىي، ئارگىنال خاسلىقلار بولىدۇ. سەنئەت پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلا قاراشقا ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك تەبىئىي پەن ساھەسى ئەمەس، سەنئەتتە ئۆزىمىز بولۇشىمىز كېرەك، ھەممە ساھەنىڭ ياكى نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەپ قويۇشقا مەجبۇرلانغان بەدىئىي ئەدەبىيات، مانا مۇشۇنداق “چېپىلغاق” بولىدۇ ۋە شەرتلىك ھالدا “چېپىلغاق” بولۇشى كېرەك! i+z;tF` uJP9J U
D|1pBn.b]' خۇلاسە كالام، “سالچىلار” رومانى ۋە شۇ ۋەجىدىن كېلىپ چىققان تور، كوچا ئوبزورلىرى بىر دەۋر كىشىلىرىنى، بىر ساھەنى، زامانىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتقا بولغان چۈشەنچە ۋە تەلەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇ ئومۇمىي مەنزىرىدە بەك مۇپەسسەل بولمىسىمۇ، ئاپتورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ، پېرسوناژلارنىڭ، زوقلانغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلار ياشىغان دەۋرنىڭ ئەپتىنى كۆردۇق. مەنمۇ مۇشۇنداق بىر تېمىنى ئەركىن مونولوگ شەكلىدە يېزىپ ئۆز ئەپتىمنى نامايان قىلماقتىمەن. مېنىڭچە، ئېستېتىك غايىلەر، مەۋجۇت بولغان ئېستېتىك رېئاللىقلارنى چەتكە قاقمايدۇ، چەتكە قاقالمايدۇ ۋە چەتكە قاقماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ بارىمىز شۇ ئىكەن، ئەينەكتىكى ئەپتىمىز شۇ ئىكەن، ئالدى بىلەن ئاشۇ بارىمىزدىكى ئېستېتىكىلىق، ئېتىكىلىق جۇلالارنى بايقىشىمىز، ئىككىنچى قەدەمدە غايىۋى مەنزىللەرنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. ھالبۇكى، تەشەببۇس قىلىنغۇسى بۇنداق ئېستېتىكىلىق، ئېتىكىلىق مەنزىللەر رېئال تۇرمۇشتا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولغان سىستېمىلىق پەلسەپىۋى چۈشەنچە ئاساسىدا لايىھەلىنىشى زۆرۈر. “سالچىلار” ۋە ئۇنى مەركەز قىلغان زوقلىنىش جەريانى ئەپتىمىزنى ئۆزىمىزگە تونۇتتى. چىنلىقىمىزنى كۆزىمىزگە كۆرسەتتى، مانا بۇ روماننىڭ غەلىبىسى. بىزنىڭ چىنلىقتىن مەمنۇن بولمىغانلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەپتىمىزنىڭ ئانچە نۇرانە ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتنى مەنبە قىلىدۇ، دەرۋەقە چىنلىق راستچىل ۋە روھىمسىز بولىدۇ، ئۇ يۈز - خاتىر قىلىشنى، ئارزۇلىرىمىزغا بېقىپ پەرداز قىلىپ چىقىشنى خالىمايدۇ. بىز يۇقىرىقىچە چىنلىقتىن، رېئاللىقتىن مەمنۇن بولمىغان ئىكەنمىز، ئۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرىنى باسساق بولىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىيات رېئاللىققا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ئەمەس تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئۇ رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى ئەمەس. ھەممىنى بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ بەجا كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىد كۈتۈش، ئەسىر - ئەسىرلەپ ھەرقايسى پەلسەپىۋى تارماقلاردا ئۆزىنى تاپالماسلىق، دىداكتىكلىرىدا ئەقلىي يۈكسەكلىك، مەنتىقىي قۇدرەت بولماسلىق قاتارلىقلار −− مانا بۇ بىزگە خاس رەھىمسىز، لېكىن ئەخمەقلىققا تويۇنغان چىنلىقتۇر Z=vzF0 'e(
`2 v<`1z?dch مەن “سالچىلار”غا ۋە شۇ تۈپەيلى قوزغالغان غوۋغالارغا تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. سەۋەب، ئۇلار مېنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزۈمنى ئەسلىشىمگە تۈرتكە بولدى. يۇقىرىقى تاققا - تۇققا مونولوگلار بۇ ئەسلەشنىڭ خاتىرىلىرىدۇر. ئېھتىمال مەنمۇ بىر “ساراڭ”دۇرمەن. “مەن كىم؟” بۇ بەكمۇ قەدىمى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ يېڭى سوئال بولسا كېرەك. “مەن كىم”نىڭ جاۋابى ئېنىق بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن “كىم بولۇشۇم كېرەك؟”كە ئۆتىمىز!... بەدىئىي ئەدەبىيات ئالدىنقى سوئالنىڭ جاۋابىنى بىزگە تەقدىم قىلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى، كېيىنكى سوئالنىڭ جاۋابى بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ئەپسۇس، زىيالىيلار قاتلىمى، ئالدىنقىسىنىڭمۇ، كېيىنكىسىنىڭمۇ ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئىلمىي جاۋابى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدەنگىنى، تۇتامغا چىققۇدەكنەتىجە قولغا كەلتۈرگىنى يوق! ئەقەللىيسى، بىر مىللەتنىڭ بەدىئىي ئەسەرلىرىنى شۇ مىللەتنىڭ ئورتاق مىللىي ئېستېتىكىسى، پەلسەپىۋى چۈشەنچىلىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ شەرھلىيەلمىگەن، بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ نېمە بولۇشى لازىملىقى، زادى نېمىلىكى قاتارلىق سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب ھازىرلىمىغان ئەدەبىيات تەنقىدىي، سۇيىئىستېمالچىلىق پاتقىقىغا ئاسانلا پېتىپ قالىدۇ! 2-| oN/FD >RxZ-.,a yS7[=S مەنبە: تارىم 2013-6-سان |
|