查看完整版本: [-- 2014ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> 2014ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەرك 2014-04-17 15:03

2014ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى

بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئالتە چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ / = 
M?CMN.Dw  
    رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى يېقىندا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى››(تۆۋەندە ‹‹بەلگىلىمە›› دېيىلدى)نى بېكىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. dQ"W~ig  
q/G5aO*  
    ‹‹بەلگىلىمە››دە ئارزۇ تولدۇرۇش، نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى، تۈركۈم تەسىس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى: )xs,  
O/~^}8TLL  
    بىرىنچى، تولۇق كۇرۇس ئىككىنچى تۈركۈمدە ئارزۇ تولدۇرغاندا پۈتۈنلەي تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ. 2014 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇق كۇرس بويىچە ئىككىنچى تۈركۈمدە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، يەنى تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈمدە ئۈچ ئارزۇ تەسىس قىلىنىدۇ، 1 – ئارزۇسى بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى تەڭداش ئارزۇ گورۇپپىسى قىلىنىپ، يەتتە تەڭداش مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدا ھەر بىر مەكتەپتىن ئالتە كەسىپ تاللىنىدۇ؛ 2 –، 3 – تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرگە تولدۇرىدىغان ئارزۇ نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئارزۇ بولۇپ، ھەر بىر مەكتەپتىن ئالتە كەسىپنى تاللاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. P.P>@@+d  
''YjeX  
    ئىككىنچى، ئالىي كەسپىي(تېخنىكوم) مەكتەپلەرگە ئالدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بىر ئارزۇ كېمەيتىلىدۇ، 2014 – يىلى ئالىي كەسپىي (تېخنىكوم) مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرغاندا، ئالدىنقى تۈركۈمدە ئۈچ مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇش ئىككى مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇشقا كېمەيتىلىدۇ، ئېشىپ قالغان پىلانغا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ. pZn%g]nRD  
B)NB6dCp  
    ئۈچىنچى، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ‹‹قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى››نىڭ تەلىپى بويىچە، قائىدە – تۈزۈمگە خىلاپ ‹‹قوبۇل قىلىش››نى قەتئىي چەكلەيدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋەدىنامىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىكى تەلەپلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئارزۇنى تولدۇرغان ھەم ئالاقىدار سىياسەت بويىچە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن چوقۇم نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالايدۇ، كېلىشىم ئىمزالاشنى سەۋەبسىز رەت قىلغانلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئارخىپ چىقىرىش نومۇر چېكى بۇ مەكتەپنىڭ بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئارخىپ چىقىرىش نومۇر چېكىدىن 20 نومۇر ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدۇ، ئەمما ئوخشاش تۈركۈمدىكى ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىشنى كونترول قىلىش نومۇر چېكىدىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئالىي مەكتەپلەر، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىن پايدىلىنىپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىدىن ھەر قانداق سەۋەب بىلەن دۆلەت بەلگىلىگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىدىن سىرت ھەق ئېلىشىغا بولمايدۇ. .`RC,R`C  
+.uk#K0o  
    تۆتىنچى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈر پىلانى(نامرات رايونلاردىكى خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈر پىلانى) ۋە پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە ھەقسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار پىلانىنىڭ ئارخىپ چىقىرىش تەرتىپى تەڭشىلىدۇ. ‹‹بەلگىلىمە››دە، نامرات رايونلاردىكى خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تولۇق كۇرۇس تۈركۈمىنىڭ پىلانىغا تولۇق كۇرسنىڭ نۆلىنچى – تۈركۈمىدىن كېيىن، 1 – تۈركۈمىنىڭ ئالدىدا ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ؛ ئانا تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار، خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، ‹‹قوش تىل›› سىنىپىدا ئوقۇغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش تولۇق كۇرس تۈركۈمى پىلانىغا ئالاقىدار مەكتەپلەرگە ئادەتتىكى تولۇق كۇرس تۈركۈمىدىن كېيىن ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. ‹‹پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ھەقسىز قوبۇل قىلىپ نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى››دا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس قاتلىمى بويىچە خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ ھەم ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ ئوخشاش تۈركۈمدىكى ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى تەتبىقلىنىدۇ، ئانا تىل، خەنزۇ تىلى، ‹‹قوش تىل›› سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. {HDlv[O%  
1=.?KAXR  
    بەشىنچى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي (تېخنىكوم) مەكتەپلەر تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. ‹‹بەلگىلىمە››گە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باسقۇچىدا نورمال ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، قايتا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا ياكى ئالماشتۇرۇشىغا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ. يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرۇش داۋامىدا، تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى شۇ مەكتەپنىڭ ئالىي تېخنىكومىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ %10ىدىن ئېشىپ كەتكەن مەكتەپلەر، مەكتەپنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ھەم مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك قوبۇل قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن ئالىي تېخنىكوم قاتلىمىدا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار قايتا تولۇقلاپ قوبۇل قىلىنمايدۇ ياكى ئالماشتۇرۇلمايدۇ. قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ قايتىدىن تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئارزۇسىنى تولدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. -/?<@*n  
+.cv,1Vx  
    ئالتىنچى، نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى تەڭشەلدى. 2014 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇسابىقە رايونىدا 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى، مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ كوللېكتىپ تۈرلىرىدە ئالدىنقى ئالتىنچىلىككىچە ئېرىشكەنلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى ۋە نومۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي نومۇرىغا كىرگۈزەلمەيدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ‹‹بەلگىلىمە››گە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (.xjzs.cn www)دىن ياكى ‹‹شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش›› تېڭشۈن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن كۆرسە بولىدۇ. h#nQd=H 
مەنبە: Mr(3]EfgO  
http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-04/17/content_347112.htm

گۈلنىھال 2014-04-17 16:12
مۇشۇنداق مۇھىم ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت !

kok-sultan 2014-04-17 17:17
تولىمۇ مۇھىم ھەم ئەھمىيەتلىك خەۋەركەن

ئەرك 2014-04-21 14:47
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 6K5mMu#4  
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى 7 /XfPF  
'j\mz5#s  
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر (تۆۋەندە قىسقارتىپ ئالىي مەكتەپلەر دەپ ئېلىنىدۇ) گە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تاللىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى» ھەمدە «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2014-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەزكۇر بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى oH(=T/{  
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2014-يىللىق ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە باراۋەر رىقابەتلىشىش، ئادىل تاللاش، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش كېرەك. jt3=<&*Bm  
ئاپتونوم رايون 2014-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا داۋاملىق كۆپ خىللاشقان باھالاش ئەندىزىسىنى قوللىنىدۇ. ئاساسىي ئەندىزە مۇنداق: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى + ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھان نەتىجىسى + ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا بېرىلگەن باھا +يەرلىك ۋە مەكتەپلەر ئىمتىھانى (سىنىقى)» دىن ئىبارەت. يەنى 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى يەنىلا ھەرقايسى تۈركۈملەردىكى ئارخىپ چىقىرىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا ئارخىپ چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا بېرىلگەن باھا، يەرلىك ۋە مەكتەپلەر ئىمتىھانى (سىنىقى) نەتىجىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىلىدۇ. #q6#nfi"  
بىرىنچى، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش "b\@.7".  
1. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش سالاھىيەت شەرتى، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش چارىسىدا ئاپتونوم رايونلوق مائارىپ نازارىتى، ج خ نازارىتى، بىڭتۈەن مائارىپ ئىدارىسى، ج خ ئىدارىسى بىرلىشىپ تارقاتقان «‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملاش خـىـزمىتى بەلگىلىمىسى› نىڭ بېسىپ تارقىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش م ئو [2013] 27-نومۇرلۇق ھۆججەت) ئىجرا قىلىنىدۇ C0CJ;   
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانلاردىن تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى باسقۇچىدا تەلىم-تەربىيە سۈرىكىنى تاماملىمايلا ساختىپەزلىك قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى (جۈملىدىن، مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان، ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئايرىم تەشكىللىگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى. تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى دەپ ئاتىلىدۇ) غا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قاتناشقانلار ۋە دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتىن ۋاقتىنچە توختىتىش چارىسى كۆرۈلگەنلەر، ھەمدە ئىمتىھاندىن توختىتىش سۈرىكى ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتسا بولمايدۇ. \f@obp  
2. تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە ئارزۇ ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش، يىغىش 5RyxVC0<  
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملىتىپ جەزىملەشتۈرگەن ئۇچۇرلار ۋە توردا تولدۇرغان ئارزۇ (تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس بويىچە بىر قېتىمدىلا تولدۇرىدۇ)، تولمىغان پىلانغا تولدۇرغان ئارزۇلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بىردىنبىر تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە ئارزۇ ئۇچۇرلىرى بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە تور ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، بەلگىلىمە ۋە تەلەپ بويىچە مەكتەپ، كەسپنى تاللىشى، تولدۇرغان ئارزۇسىنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان» مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغان مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈمى، پەن تۈرى، نامى، كەسىپ ۋە ۋاكالەت نومۇرى ھەمدە تولدۇرۇش تەلىپى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشى، مەزمۇنى چىن، توغرا بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 20 دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) بۇرۇن تاماملىنىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا تولدۇرمىسا ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ، ئاقىۋەتكە ئوقۇغۇچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. e'.CIspN  
ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى تولدۇرغان تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرلىرى ۋە ئارزۇ ئۇچۇرلىرىنىڭ چىنلىقى ۋە توغرىلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچى خاتا تولدۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. تىزىمغا ئېلىش نۇقتىلىرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تولدۇرۇشىغا تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە مەخسۇس خادىمنى مەسئۇل قىلىشى كېرەك. 9(lcQuE9  
ئالىي مەكتەپلەرگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش، تولمىغان پىلانغا توردا ئارزۇ يىغىش ۋە پاراللېل ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىش ئەندىزىسى قوللىنىلىدۇ. خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار، موڭغۇل تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، قوش تىل سىنىپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن تۈرىدىكى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرگە تولۇق پاراللېل ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىلىدۇ. باشقا تۈركۈملەردە تولۇق پاراللېل ئارزۇ ۋاقتىنچە يولغا قويۇلمايدۇ. ?%$~Bb _  
ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە تولمىغان پىلانغا ئارزۇ تولدۇرۇش مەشخۇلاتى پۈتۈنلەي توردا ئىشلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تور پۇنكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى، كىملىك نومۇرى ھەمدە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىدە بېرىلگەن مەخپىي شىفىر ئارقىلىق ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىدۇ، تۇنجى قېتىم سىستېمىغا كىرگەندە شەخسىي شىفىرىنى ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئاندىن باشقا مەشغۇلاتلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ. HQMug  
ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھەرقايسى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 8 دىن 6-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 20 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) بولىدۇ. ئالاقىدار تۈركۈملەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلارنى تولمىغان پىلانغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ، ئارخىپ چىقارغاندا شۇ قېتىمقى تولدۇرغان ئارزۇ ئۇچۇرلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. * bUOd'vh  
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى، سالامەتلىك ئەھۋالى ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن ئارزۇنى مۇۋاپىق تولدۇرۇشى كېرەك. ئارزۇ تولدۇرغاندا بۇنىڭدىكى خەتەرنىمۇ تولۇق نەزەرگە ئېلىپ، قوبۇل قىلىنماي قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش لازىم. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇنى نامۇۋاپىق تولدۇرۇش تۈپەيلىدىن قوبۇل قىلىنماي قالسا بۇنىڭغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچى ئارزۇ تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم «ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكەن» لىك ئۇچۇرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرۈشى كېرەك. تىزىملاش ئۇچۇرى، ئارزۇ ئۇچۇرىنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جەزىملەشتۈرۈپ بولۇپ، يۇقىرىغا يوللىغاندىن كېيىن، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا يوللىمىغانلار قوبۇل قىلىنمايدۇ. J+}z*/)|#  
3. ھەر دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بولغان سەمىمىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. بولۇپمۇ تىزىملىتىش، ئىمتىھان بېرىش، ئارزۇ تولدۇرۇش، قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئاساسلىق باسقۇچلاردىكى سەمىمىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىشقا ئىلتىماس قىلىش، مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشتا سەمىمىيەت ۋەدىنامىسى ئىمزالاپ، ئۆزى تەمىنلىگەن ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي، توغرا ئىكەنلىكىگە ۋەدە بېرىشى، ئىمتىھانغا قاتناشقاندا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقى، قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن مەكتەپكە ۋاقتىدا بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى كېرەك. 5.DmMG[T^=  
ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپى d|)ARRW  
4. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئاساسى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرى (كىملىك نومۇرى، ئىدىيە-سىياسىي پەزىلىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ياكى باھا سۆزى) سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرى، ئارزۇ ئۇچۇرى، نەتىجە ئۇچۇرى، ئوقۇش سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش ئۇچۇرى، يەرلىك ۋە مەكتەپ ئىمتىھانى (سىنىقى) ئۇچۇرلىرى، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان چاغدىكى سەمىمىيلىك خاتىرىسى (ئىمتىھاندا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ قىسقىچە ئەمەلىي ئەھۋالىنى ھەمدە بىرتەرەپ قىلىنىش نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپى ئۇلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلى ۋە ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىجىسى قاتارلىق قەغەز يۈزىدىكى ماتېرىياللارنىڭ مۇناسىپ قىسىملىرىدىكى مەزمۇنلار بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. ھەربىي مەكتەپلەر (دۆلەت مۇداپىئەسى) گە ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ «ھەربىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدىغانلارنى سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە بەدەن سۈپىتىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» بولۇشى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مەكتەپلىرىنىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىكى تۈرىدىكى كەسىپلىرىگە ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ «جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش، بەدەن سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش جەدۋىلى» بولۇشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىك مەجبۇرىيىتىدىكى مەكتەپلەرگە تىزىملاتقانلارنىڭ «ج خ مەجبۇرىيىتىدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بەدەن سۈپىتىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» بولۇشى كېرەك. .mcohfR  
5. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرى ۋە ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىشى، مۇناسىپ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ynZEJKo  
6. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئۇچۇرلارنى جەزىملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش مەشغۇلات تەرتىپى ۋە چارىسىنى تۈزۈپ چىقىشى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغىلغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇشقا تەشكىللىشى ھەمدە ئومۇملاشتۇرۇش، رەتلەشكە مەسئۇل قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپ ئۇچۇرلىرىنىڭ قەغەز جەدۋەل (كارتا) ياكى مۇناسىپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئۇچۇرلىرى بىلەن بىردەك بولۇشىغا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ تولۇق، توغرا بولۇشىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپ ئامبىرىنى بەلگىلگەنگەن شەكىلدە تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپ ئامبىرى تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. >AY9 F|:  
ئۈچىنچى، سىياسىي-ئىدىيە ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىنى تەكشۈرۈش 7=Pj}x)  
7. سىياسىي-ئىدىيە ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىنى تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىگە قارىلىدۇ. 3 
ئىمتىھان بەرگۈچى تۇرۇشلۇق مەكتەپ ياكى ئورۇن (خىزمەت ئورنى بولمىغانلارغا يېزا-بازار، مەھەللە ئىش باشقارمىسى) ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سىياسى مەيدانى، سىياسىي پوزىتسىيەسى، ئىدىيە-ئەخلاقىغا ئومۇميۈزلۈك باھا بېرىشى ھەمدە باھانىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. a dRIg:2  
باھالاش مەزمۇنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى سىياسى جەھەتتىن تەكشۈرۈش ۋە تەن-سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» دىكى سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش كاتەكچىسىدە تولۇق، توغرا ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەك. جىنايى جازا، ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي جازا ياكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىغانلار قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى، بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇش، ئۆزگىرىش ئىپادىسى قاتارلىق تەپسىلىي يازما ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە بۇلارنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى لازىم. /q,=!&f2  
8. سىياسىي-ئىدىيە ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىنى تەكشۈرۈش خۇلاسىسى «لاياقەتلىك» ۋە «لاياقەتسىز» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. TTbJ9O<43  
9. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار سىياسىي-ئىدىيە، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە لاياقەتسىز ھېسابلىنىدۇ: Om>?"=yDE  
(1) ئاساسى قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي پرىنسىپقا قارشى تۇرغانلار ياكى بىدئەت تەشكىلاتقا قاتناشقانلار؛ %s 9*?6  
(2) دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان، تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەر؛ .Cs'@[Ciy  
(3) مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئائىت سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇپ، تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەر؛ 3)9e-@  
(4) ئامانلىق باشقۇرۇش قانونىغا خىلاپلىق قىلىپ جازاغا ئۇچرىغان، قىلمىشى ئېغىر، خاراكتېرى قەبىھ بولغانلار. 7GG`9!l]D  
تۆتىنچى، سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش 9`5.0**  
10. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلار بىردەك سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى (تۆۋەندە قىسقارتىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈش دېيىلىدۇ)، ئۆزىنىڭ كېسەللىك تارىخىنى ئەينەن تولدۇرۇشى كېرەك. سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەر دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سەھىيە تارماقلىرى، دوختۇرخانا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىر تۇتاش مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدۇ. جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.  
11. سالامەتلىك تەكشۈرىدىغان دوختۇرخانىلار شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتلىرى بەلگىلىگەن ئىككىنچى دەرىجىلىك Aدىن يۇقىرى (ئىككىنچى دەرىجىلىك Aنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوختۇرخانا ياكى مۇناسىپ داۋالاش ئاپپاراتى بولۇشى كېرەك. دوختۇرخانىلار چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردە بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ھەق ئېلىشى لازىم. سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تۆلەيدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە سىياسىي-ئىدىيە جەھەتتە ياخشى، ئىستىلى دۇرۇس، خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، كەسپىي سەۋىيەسى يۇقىرى تىببىي خادىملار تاللاپ تەكلىپ قىلىنىشى كېرەك. ئاساسلىق تەكشۈرگۈچى دوختۇر كاندىدات مۇدىر ۋىراچتىن يۇقىرى (كاندىدات مۇدىر ۋىراچنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) ئۇنۋانغا ئىگە، مەسئۇليەتچانلىقى كۈچلۈك دوختۇر بولۇشى كېرەك. سالامەتلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى قائىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئەگەر خاتا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈلمەي قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ھەتتا يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا، سالامەتلىك تەكشۈرگۈچى دوختۇرخانا ۋە ئاساسلىق تەكشۈرگۈچى دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ. ساختىپەزلىك، كۆز بويامچىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، مەسئۇل كىشىلەر قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان بېرىش، قوبۇل قىلىنىش ۋە مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 2"j&_$#l5X  
سالامەتلىك تەكشۈرىدىغان دوختۇرخانا ياكى مۇناسىپ داۋالاش تارماقلىرى مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى، جوڭگۇ مېيىپلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە تارقاتقان «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا تەن-سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە دائىر يېتەكچى پىكىر» گە ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا مۇۋاپىق، قېلىپلاشقان، توغرا يەكۈن چىقىرىشى ھەمدە ئۇنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. بەلگىلەنمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا چىقارغان خۇلاسىسى ئىناۋەتسىز. جامائەت خەۋىپسىزلىكى، ھەربىي مەكتەپ ۋە دۆلەت مۇداپىئە تۈرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ. m=v.<+>  
ئاساسلىق تەكشۈرگۈچى دوختۇرنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى سىياسى جەھەتتىن تەكشۈرۈش ۋە تەن-سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» گە تولدۇرغانلىرى ۋە ئىمزاسى چوقۇم توغرا، ئېنىق بولۇشى كېرەك. بۇ جەدۋەل سالامەتلىك تەكشۈرگەن دوختۇرخانا تەكشۈرۈپ تامغا باسقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا يوللىنىپ بولغاندىن كىيىن، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىشى ھەمدە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. i_+e&Bjd4j  
سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى بارلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىمتىھان بەرگۈچى تۇرۇشلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئىدارىگە ئىنكاس قىلىشى ھەمدە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئۆزىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سالامەتلىكىنى قايتا تەكشۈرتۈشكە تېگىشلىك ئوقۇغۇچىلار ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا قايتا تەكشۈرتىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچى سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغان كەسىپلەرنى توغرا تاللىشى كېرەك. ھەرقايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەر كەسىپ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلار ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپنى توغرا تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. |nr;OM  
يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار مەكتەپلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا 2014-يىلى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرۈشتە «سالامەتلىك ئەھۋالى قوبۇل قىلغاندىكى ئېلېكترونلۇق ئارخىپىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن بىردەك بولماسلىق» سەۋەبىدىن مەكتەپتىن دەم ئېلىشقا قايتۇرۇلغان، چېكىندۈرۈلگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى يازما مەلۇم قىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تۈرگە ئايرىپ، جەملەپ ۋاقتىدا جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرىغا ئىنكاس قىلىشى، جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتلىرى «ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى» دىكى تەلەپ بويىچە ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. qu]a+cYY  
12. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى شىنجاڭ تېببي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىكى ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرگۈچى دوختۇرخانا قىلىپ بەلگىلىدى. بۇ دوختۇرخانا گۇمانىي قارالغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا ئەڭ ئاخىرقى كېسىم چىقىرىدۇ. [u J<]  
13. ئالىي مەكتەپلەر «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا تەن-سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە دائىر يېتەكچى پىكىر» ئاساسىدا، ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش تەلىپىگە ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا تولۇقلىما بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ. تولۇقلىما بەلگىلىمە مۇۋاپىق، قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى ۋە ئىزاھاتى بولۇشى ھەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىشى كېرەك. w^n&S=E E~  
14. ھەر دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر «مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، سەھىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تەن-سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشتە Bتىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (م ئو ن [2010] 2-نومۇرلۇق ھۆججەت) ۋە «سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن جىگەر فۇنكىسيەسى نورمالسىزلارغا ھۆكۈم قىلىشقا دائىر كونكرېت بېكىتىش ئۆلچىمى ھەققىدىكى ئالاقە» (م ئو م [2010] 22-نومۇرلۇق ھۆججەت) نىڭ روھى بويىچە تەشۋىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. pU,\ &3N  
بەشىنچى، ئىمتىھان ئېلىش S;2UcSsQl  
15. ئىمتىھان خەنزۇ (خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار)، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز تىل-يېزىقلىرىدىن ئىبارەت بەش خىل تىل-يېزىقتا ئېلىنىدۇ. wdV)M?  
يۇقىرىدىكى ئىمتىھان تىل تۈرى ۋە پەن تۈرلىرىدە توردا قەغەز تەكشۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە ئىمتىھان قەغىزى تەييارلىنىدۇ ۋە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. J p%J02  
16. ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر V\FlKC   
(1) ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىدىكى پەن تۈرى K@! hrye  
خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار (خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغان مىللىيلار) نىڭ پەن تۈرى: تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبىئىي پەن)، چەت ئەل تىلى، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن /ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن. بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى ئىنگلىز تىلى، روس تىلى، ياپون تىلى، فرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى، ئىسپان تىلى قاتارلىق ئالتە تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ. ئاپتونوم رايون يەنىلا چەت ئەل تىلى ئېغىزچە ئىمتىھانى تەشكللىمەيدۇ. {l_D+B;  
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ پەن تۈرى: تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبىئىي پەن)، خەنزۇ تىلى، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن /ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن. بۇنىڭ ئىچىدە ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبىئىي پەن)، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن /ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن ئىمتىھان سوئالىدا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى بىر تۇتاش چىقارغان سوئاللار تەرجىمە قىلىنىدۇ؛ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزى چىقىرىدۇ؛ خەنزۇ تىلى سوئالىدا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى سىناش دەرىجە ئىمتىھانى» يەنى «مىللىيلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى» (قىسقارتىلىپ MHKدېيىلىدۇ) نىڭ ئىمتىھان سوئال قۇرۇلمىسى قوللىنىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قوبۇل قىلىنسا، قوبۇل قىلغان مەكتەپ بەلگىلىگەن تىلدا دەرس ئاڭلايدۇ. upJ y,|5  
موڭغۇل تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ پەن تۈرى: تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبئىي پەن)، خەنزۇ تىلى، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن /ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن. بۇنىڭدا ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبىئىي پەن)، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن /ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن سوئالى خەنزۇچە سوئالدىن تەرجىمە قىلىندۇ؛ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ سوئالى ئىشلىتىلىدۇ؛ خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىدا MHKنىڭ ئىمتىھان سوئال قۇرۇلمىسى قوللىنىلىدۇ. i12G\Ye  
قوش تىل سىنىپىدىكىلەر ئىمتىھان بېرىدىغان پەن تۈرى: تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبئىي پەن)، خەنزۇ تىلى، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن /ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن، ئىنگلىز تىلى. بۇنىڭ ئىچىدە ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبىئىي پەن)، ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن ئىمتىھانىدا خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى ئىمتىھان سوئال قەغىزى ئىشلىتىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر خەنزۇ تىل-يېزىقىدا جاۋاب يازىدۇ؛ ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن تۈرىدە، دەرس ئۆتۈلگەن تىل تۈرىدىكى ئىمتىھان سوئال قەغىزى ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە دەرس ئۆتۈلگەن تىل تۈرىدىكى يېزىقتا جاۋاب يازىدۇ؛ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا دەرس ئۆتۈلگەن تىل تۈرىدىكى ئىمتىھان سوئال قەغىزى ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە دەرس ئۆتۈلگەن تىل تۈرىدىكى يېزىقتا جاۋاب يازىدۇ ، ئىمتىھان سوئالىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزى چىقىرىدۇ؛ خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىدا MHKنىڭ ئىمتىھان سوئال قۇرۇلمىسى قوللىنىلىدۇ؛ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھان سوئالىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزى چىقىرىدۇ (150 نومۇر، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش ئىمتىھانى ئېلىنمايدۇ)، ئىمتىھان نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىگە قوشۇلمايدۇ، پەقەت ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىشىغا بېرىلىدۇ (قوش تىل سىنىپىدىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار دېگىنىمىز تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، موڭغۇل تىلى، قىرغىز تىلى قاتارلىق تۆت خىل تىل تۈرىنىڭ بىرىدە سۆزلىنىدىغان، باشقا دەرسلىرىنىڭ بىر قىسىمى ياكى ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا سۆزلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ). Y2 N$&]O{  
2014-يىلى چەت ئەل تىلى /خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارىدىنى سىناش ئىمتىھانى چوقۇم ئىمتىھان بېرىدىغان مەزمۇن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىدا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى بىر تۇتاش چىقارغان، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش ئىمتىھان سوئالىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئىمتىھان سوئالى ئىشلىتىلىدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە يازمىچە جاۋاب بېرىدىغان سوئال 120 نومۇر، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش سوئالى 30 نومۇر)، خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىدا ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش ئىمتىھان سوئالىنى ئۆزئىچىگە ئالغان MHKنىڭ ئىمتىھان سوئال قۇرۇلمىسى قوللىنىلىدۇ (بۇنىڭ ئىچىدە يازمىچە جاۋاب بېرىدىغان سوئال 120 نومۇر، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش سوئالى 30 نومۇر). ئاپتونوم رايون ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەيدۇ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش ئىمتىھان نەتىجىسى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ چەت ئەل تىلى /خەنزۇ تىلى ئىمتىھان نەتىجىسىگە قوشۇلماي، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش يەككە تۈر نەتىجىسى سۈپىتىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىشىغا تەمىنلەپ بېرىلىدۇ پايدىلىنىش ياكى پايدىلانماسلىقنى مەكتەپ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش قىسمىدىن باشقا سوئاللارنىڭ نەتىجىسى 120 نومۇردىن 150 نومۇرغا تەڭشىلىدۇ، تەڭشەش ئۇسۇلى: ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش قىسمىدىن باشقا سوئاللاردا ئېرىشكەن نەتىجىسىنى 1.25 كە كۆپەيتىپ، ئۇلارنىڭ چەت ئەل تىلى /خەنزۇ تىلى ئىمتىھان نەتىجىسى قىلىنىدۇ. $U. 2"  
(2) مەخسۇس تەنتەربىيە، سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە تىزىملاتقانلاردىن ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر I 
بۇ تەنتەربىيە، سەنئەت تۈرى كەسىپ ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ بىر تۇتاش ئىمتىھانىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. c\tw#;\9  
① كەسىپ ئىمتىھانى o$*DFvk  
تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسىپكە تىزىملاتقانلار چوقۇم ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەشكىللىگەن تەنتەربىيە كەسىپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك؛ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرگە تىزىملاتقانلار ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەشكىللىگەن گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك؛ باشقا سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپكە تىزىملاتقانلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ تەلىپى بويىچە مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك. @:!%Z`  
② ئالىي مەكتەپ بىر تۇتاش ئىمتىھانىدىكى پەنلەر 09G]t1!,  
خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار (خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغان مىللىيلار) نىڭ پەن تۈرى: تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبىئىي پەن)، چەت ئەل تىلى. بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى ئىنگلىز تىلى، روس تىلى، ياپون تىلى، فرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى، ئىسپان تىلى قاتارلىق ئالتە تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ. HJ!)&xT  
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ پەن تۈرى: تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبىئىي پەن)، خەنزۇ تىلى. بۇنىڭ ئىچىدە ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبئىي پەن) ئىمتىھان سوئالىدا خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى سوئاللار تەرجىمە قىلىنىدۇ؛ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزى چىقىرىدۇ؛ خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىدا MHKنىڭ ئىمتىھان سوئال قۇرۇلمىسى قوللىنىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قوبۇل قىلىنسا، قوبۇل قىلغان مەكتەپ بەلگىلىگەن تىلدا دەرس ئاڭلايدۇ. |ZCv>8?n  
موڭغۇل تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلارنىڭ پەن تۈرى: تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبئىي پەن)، خەنزۇ تىلى. بۇنىڭ ئىچىدە ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبئىي پەن) ئىمتىھان سوئالىدا خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى سوئاللار تەرجىمە قىلىنىدۇ؛ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايوننىڭ سوئالى ئىشلىتلىدۇ؛ خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىدا MHKنىڭ ئىمتىھان سوئال قۇرۇلمىسى قوللىنىلىدۇ. (ueH@A"9;  
قوش تىل سىنىپىدىكىلەر ئىمتىھان بېرىدىغان پەن تۈرى: تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبئىي پەن)، خەنزۇ تىلى. بۇنىڭ ئىچىدە ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن /تەبئىي پەن) ئىمتىھانىدا خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى ئىمتىھان سوئال قەغىزى ئىشلىتىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر خەنزۇ - تىل يېزىقىدا جاۋاب يازىدۇ؛ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا دەرس ئۆتۈلگەن تىل تۈرىدىكى ئىمتىھان سوئال قەغىزى ئىشلىتىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دەرس ئۆتۈلگەن تىل-يېزىقتا جاۋاب يازىدۇ، ئىمتىھان سوئالىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزى چىقىرىدۇ؛ خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىدا MHKنىڭ ئىمتىھان سوئال قۇرۇلمىسى قوللىنىلىدۇ. OQT i$2  
(3) تەنتەربىيە ياكى سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە تىزىملىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئىجتىمائىي پەن ياكى تەبىئىي پەن تۈرىدىكى باشقا كەسىپلەرگىمۇ تىزىملاتقانلار ئىمتىھان بېرىدىغان پەن تۈرى "xD5>(|^+Q  
خەنزۇ تىلى (خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار)، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، موڭغۇل تىلى، قىرغىز تىلىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە قوش تىل سىنىپىدىكىلەر تەنتەربىيە ياكى سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە تىزىملىتىش بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي پەن ياكى تەبىئىي پەن تۈرىدىكى ئادەتتىكى كەسپلەرگە تىزىملاتماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ بىر تۇتاش ئىمتىھانىدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان پەنلىرى «تەنتەربىيە، سەنئەت تۈرى كەسىپىگە تىزىملاتمىغان ئوقۇغۇچىلار» نىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، بىراق شۇ ئوقۇغۇچى ئارزۇ تولدۇرغان تەنتەربىيە ياكى سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنغاندا ئالي مەكتەپ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى «تەنتەربىيە، سەنئەت تۈرى كەسپىگە تىزىملاتقانلار» ئىمتىھان بېرىدىغان پەن تۈرى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. I RI 
17. مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان (ئاپتونوم رايونىمىز چىقارغان سوئاللارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) سوئالى (جۈملىدىن قوشۇمچە سوئال) پېچىتى ئېچىلىپ ئىشلىتىپ بولۇشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك ئىش تۈرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابى ھەمدە نومۇر قويۇش پايدىلانمىلىرى ئىمتىھان ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك ئىش تۈرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. k_%maJkXp  
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان سوئالى (جۈملىدىن قوشۇمچە سوئال) پېچىتى ئېچىلىپ ئىشلىتىپ بولۇشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخپىي دەرىجىلىك ئىش تۈرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، جاۋابى ھەمدە نومۇر قويۇش پايدىلانمىسى ئىمتىھان ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخپىي دەرىجىلىك ئىش تۈرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. .fY$$aD$4  
ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا تەييارلىغان ئىمتىھان سوئالى (جۈملىدىن قوشۇمچە سوئال) پېچىتى ئېچىلىپ ئىشلىتىپ بولۇشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مەخپىي دەرىجىلىك ئىش تۈرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، جاۋابى ھەمدە نومۇر قويۇش پايدىلانمىسى ئىمتىھان ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مەخپىي دەرىجىلىك ئىش تۈرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. UX'tdB !A  
18. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتلىرى ۋە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان تارماقلىرى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، جامائەت خەۋىپسىزلىكى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىدىكى خادىملاردىن تەركىپ تاپقان مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۆز جايىدىكى ئىمتىھان سوئالىنىڭ بىخەتەرلىكى-مەخپىيەتلىكىگە مەسئۇل بولۇشى، بىخەتەرلىك-مەخپىيەتلىك ساقلاش قائىدە-تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەخپىيەتلىك ساقلاش ئۆيى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن جايلاردا بىردەك ئىمتىھان رايونى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى، دىجۇرنىلىك تۈزۈمى، دەرھال دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك-مەخپىيەتلىك ساقلاش خىزمىتىدە سەۋەنلىك سادىر بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھامان، ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن دەرھال ئاپتونوم رايونلۇق ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بىۋاستە دوكلات قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز جايىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىش دائىرىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. _LZ 442  
19. مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان ۋاقتى جەدۋىلى (بېيجىڭ ۋاقتى) zU};|Zw  
2014-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان ۋاقتى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە بولىدۇ. #kQLHi3##  
ۋاقىت چۈشتىن بۇرۇن چۈشتىن كېيىن VH.}}RS%  
6-ئاينىڭ 7-كۈنى 11:30—9:00 /s`xPxvt  
تىل-ئەدەبىيات 17:00—15:00 n L!nzA  
ماتېماتىكا qk(u5Z  
6-ئاينىڭ 8-كۈنى 11:30—9:00 . J*2J(T,  
ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن / 'MIM_m)H  
ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن 17:00—15:00 W-ECmw(  
چەت ئەل تىلى /خەنزۇ تىلى HLM"dmI   
6-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:30—9:00 4:v{\R  
موڭغۇل تىل-ئەدەبىياتى 17:00—15:00 MT@Uu  
قوش تىل سىنىپى ئىنگلىز تىلى r.zJ/Tk  
mdHC{sp  
20. ئىمتىھان رايونىنى باشقۇرۇش: ھەر قايسى ئىمتىھان رايونى مەسئۇللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئۆز جايىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلى بولىدۇ. ئىمتىھان رايونىنىڭ قارىمىقىدا ئىمتىھان نۇقتىسى، ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ قارىمىقىدا ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان نۇقتىسى بولۇش مەجبۇرىيىتى بار. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرۇش ۋە نازارەتنى چىڭىتىشى كېرەك. ئىمتىھان مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئىمتىھان مەيدانىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى چوقۇم بىر پارتىدا بىردىن قاتار قىلىپ ئولتۇرغۇزۇش كېرەك؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك؛ ئىمتىھان مەيدانى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپىدىكى 100 مېتىر دائىرىدە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ يۈرۈشىنى مەنئىي قىلىش، ئىمتىھان باشلانغاندىن كېيىن، مەيداننى پۈتۈنلەي قامال قىلىش كېرەك. ZpY"P6  
ئىمتىھان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتكەندىن سىرت، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى، مائارىپ ئىدارىلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرىگە ۋە كەسىپكە پىشقان مەسئۇل يولداشلارنى ئاجرىتىپ، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە ئىمتىھان نازارەتچىلىكىگە ئەۋەتىدۇ. -^7n+ QX  
ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. زور مەسىلىلەرنى چوقۇم ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش، ئەھۋالنى يوشۇرماسلىق، كەم قالدۇرماسلىق كېرەك، بولمىسا رەھبەرلەر ۋە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. tt>=Vt '  
21. ئىمتىھان قەغىزى (جاۋاب يېزىش كارتىسى) نى يەتكۈزۈش خىزمىتى: ئىمتىھان قەغىزى (جاۋاب يېزىش كارتىسى) نى توشۇشتىن ئاۋال توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلارنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ، ئاسراپ نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان قەغىزى (جاۋاب يېزىش كارتىسى) نى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى بەلگىلىمە بويىچە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ (جامائەت خەۋىپسىزلىكى ياكى قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى، تۆت كىشىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك)، مەخسۇس ماشىنا (ئىككىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك) بىلەن ئېلىپ قايتىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ ئىمتىھان قەغىزى (جاۋاب يېزىش كارتىسى) نى يەتكۈزۈش مۇساپىسى 500 كىلومېتىردىن ئۇزۇن بولغان ئىمتىھان رايونلىرىغا ھەر بىر ماشىنىغا ئىككىدىن مەخسۇس شوپۇر سەپلەش كېرەك؛ ھىم ماشىنىدا يۆتكەش ھەمدە لاياقەتلىك ئوت ئۈچۈرۈش سايمانلىرىنى سەپەش، ماشىنىلاردىكى GPS نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى ماشىنىغا سېلىۋېلىش ۋە ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتسىز ھەر قانداق نەرسىنى بىرگە ئېلىۋېلىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. بىخەتەرلىك، قوغداش، مەخپىيەتلىك ساقلاش جەھەتتىكى تەلەپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان قەغىزى (جاۋاب يېزىش كارتىسى) نىڭ بىخەتەرلىكى، مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىگە دائىر مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. 6e;.}i  
22. تەنتەربىيە كەسىپ ئىمتىھانى: ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى تارقاتقان «ئاپتونوم رايوننىڭ 2014-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تەنتەربىيە كەسىپ ئىمتىھانى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ئو ك [2013] 25-نومۇرلۇق ھۆججەت) بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. YEqWTB|w  
23. سەنئەت كەسىپ ئىمتىھانى: مائارىپ مىنسىتىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، 2014-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلىرىگە تىزىملاتقانلار بىرتۇتاش ئىمتىھانغا تەشكىللىنىدۇ، سەنئەت تۈرىدىكى باشقا كەسىپلەرگە ۋاقتىنچە بىر تۇتاش ئىمتىھان تەشكىللەنمەيدۇ. كونكرېت يولغا قويۇشتا ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2014-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ئو ك [2013] 23-نومۇرلۇق ھۆججەت) ئىجرا قىلىنىدۇ. e: :H1V  
24. ھەربىي مەكتەپلەر ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش: مائارىپ مىنىستىرلىقى، باش سىياسىي بۇسى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى، شىنجاڭ ھەربىي رايون سىياسىي بۇسى تارقاتقان ئۇقتۇرۇش بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ?Yp: h  
25. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى خىزمەتچىلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى سىياسىي تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە بەدەن سۈپىتىنى تەكشۈرۈش: مائارىپ مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى نازارىتى تارقاتقان ئۇقتۇرۇش بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. `4 A%BKYB  
26. توردا ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار. ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ پەن تۈرى تولۇق، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى مۇكەممەل، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى، ئەسلىھەلىرى ۋە مەيدانى توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى، قامال قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى كېرەك. توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇشى ھەمدە بىر قەدەر مۇقىم بولغان توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرىدىغان تايانچ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تەشكىللىشى كېرەك. توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئالىي مەكتەپلەر ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدىن تاللاپ تەكلىپ قىلىش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى %40 كە يېتىشى كېرەك. توردا قەغەز تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونلۇق توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى نازارەتچى خادىملارنى ئەۋەتىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. j7 D\O  
27. نوپۇسى باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) لەردە بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملار ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدىكى پەرزەنتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىمتىھان بېرىشكە توغرا كەلسە، ئىككى جايدىكى ئىمتىھان سوئالى ئوخشاش بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىمتىھان بەرگۈچى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ھەمدە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىمتىھان بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش ۋە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بېجىرىدۇ. |ldRs'c{  
ئالتىنچى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى u-7/4Y)c  
28. ئالىي مەكتەپلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى» ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى» ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى تۈزىدۇ. .Eg>)  
29. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىغان ئاساسلىق شەكلى. شۇڭا ئۇنىڭ مەزمۇنى ئەينەن، توغرا بولۇشى، بايانى قېلىپلاشقان بولۇشى، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل تارماقلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالغان بولۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشقا بولىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى (ئېلانى) دا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلى ، قاتلىمىنى توغرا ئىپادىلىشى، ئوقۇتۇش ئىجازەتنامىسى ياكى تەستىقلىغان ھۆججەت بىلەن ئوخشاش بولغان مەكتەپ نامىنى قوللىنىشى، قىسقارتىلغان ناملارنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. مەكتەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ ئەينەنلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك. d1#;>MiU  
ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر تورى (http://gaokao.chsi.com.cn) «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش-باشقۇرۇش مۇنبىرىگە (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ، «قۇياش نۇرى» مۇنبىرى دېيىلىدۇ) يوللاپ بولۇشى كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ئىلگىرى تەۋەلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك. D[)g-_3f6<  
30. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق نامى، مەكتەپ ئادرېسى (شۆبە مەكتەپ، مەكتەپ رايونى قاتارلىقلار ئىزاھلىنىشى كېرەك)، قاتلىمى (تولۇق كۇرس، ئالىي كەسپىي مائارىپ ياكى مەخسۇس كۇرس)، مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلى (مەسىلەن، ئادەتتىكى ياكى چوڭلار ئالىي مەكتىپى، دۆلەت ياكى پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپ ياكى مۇستەقىل ئىنستىتوت، ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى ياكى ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى قاتارلىقلار)، رايونىمىزدىن كەسىپلەر بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈش، ئېلىپ قالغان پىلان ۋە ئىشلىتىش پرىنسىپى، كەسىپ بويىچە تەربىيەلەشنىڭ چەت ئەل تىلى تۈرىگە قويغان تەلىپى، سالامەتلىك ئەھۋالىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر، قوبۇل قىلىش پرىنسىپى (مۇناسىۋەتلىك پەن نەتىجىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ياكى قوشۇمچە ئىمتىھان تەلىپى بارمۇ يوق، نومۇر قوشۇلىدىغان ياكى نومۇر تۆۋەنلىتىلىپ ئارخىپى چىقىرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئوخشاش نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئارخىپى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كەسىپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار)، ئوقۇش خىراجىتى ئۆلچىمى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىدىغان مەكتەپنىڭ نامى ھەمدە گۇۋاھنامىنىڭ تۈرى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، تور ئادرېسى ھەمدە بىلىشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ۋە بۇنى ئېلان قىلغان تور ئادرېسىنى يوللىشى كېرەك. fgP_NYfOj  
مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەر تۈزىگەن ئالاھىدە شەكىلدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى، مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىغا زىت بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك. n-{G19?  
31. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ياكى ئۇنى ئېلان قىلىدىغان تور ئادرېسىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. n ||/3-HDj  
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى چۈشەنمەسلىكى تۈپەيلىدىن قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتسە، بۇنىڭغا ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.  `' 5(4j  
يەتتىنچى، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە كەسىپ بويىچە ئايرىلغان `|;R}"R;  
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ?* a:f"vQ  
32. مائارىپ مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان (ياكى ئەنگە ئالغان) ئادەتتىكى ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئالىي مەكتەپلەر دۆلەت تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئىچىدە، مۇناسىۋەتلىك پىلان خىزمىتى تەلەپلىرىگە ئاساسەن مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە كەسىپلەر بويىچە ئايرىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى (يەنى قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەسى پىلانى) نى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مۇناسىۋەتلىك پىلان باشقۇرۇش چارىسى بويىچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى تۈزىدۇ، تەڭشەيدۇ، ئىجرا قىلىدۇ. : \w\K:  
33. ئالىي مەكتەپلەر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج تەھلىلى ۋە مۆلچەرنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەردىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى، قاتلام قۇرۇلمىسى، رايون قۇرۇلمىسىنى ياخشى تەڭشەپ، ئوقۇغۇچى مەنبەسى پىلانىنى ئۆز ئالدىغا ئىلمى، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. k9.2*+vvg  
34. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى دۆلەت بېكىتكەن يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى دائىرسى ئىچىدە ئاز مىقداردىكى پىلاننى ئېلىپ قېلىپ، قوبۇل قىلىش چېكىگە يەتكەن ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ جايلار ئوتتۇرىسىدىكى تەكشىسىزلىك مەسىلىسىنى تەڭشەشكە ئىشلەتسە بولىدۇ. ئېلىپ قېلىنىدىغان پىلان مەزكۇر مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس پىلانى ئومۇمىي سانىنىڭ %1 تىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئېلىپ قالغان پىلانى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇلۇپ، جەملەنگەندىن كېيىن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىنىدۇ. >9(lFh0P  
35. ئالىي مەكتەپلەر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ پىلان تۈزۈشكە دائىر پرىنسىپى،تەلىپى، بىر تۇتاش ئۇچۇر ئۆلچىمى ھەمدە «مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى توردا باشقۇرۇش سىستېمىسى» بىلەن مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە ئۇنى ۋاقتىدا ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارغا يوللىشى كېرەك. keEyE;O}u  
36. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر تۈزگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى جەملەش، تەكشۈرۈشكە ۋە ئۆز ۋاقتىدا مائارىپ مىنىستىرلىقىغا يوللاشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ئاپتونوم رايون ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن بىر تۇتاش ئالاقىلىشىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. z)r)w?A  
37. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئشخانىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى چۈشۈرگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەسىپلەرگە ئايرىلغان پىلانى ۋە ئىزاھاتىنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرىدۇ ھەمدە «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان» مەجمۇئەسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا دائىر پىلان ئۇچۇرىنى جەمىئىيەتكە ۋاقتىدا، ئۆلچەملىك، بىر تۇتاش ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. auqM>yx  
38. پىلان باشقۇرۇش چارىسىگە ئاساسەن، قوبۇل قىلىش پىلانى ئۆلكىلەرگە ئايرىلمىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرىدىن باشقىلىرىدا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئارقىلىق جەملەپ تارقىتىلىشى كېرەك، ئۇنى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەر جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئارقىلىق تارقىتىلمىغان ۋە ئالاقىدار ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ئېلان قىلمىغان پىلاننى بىردەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. "8aw=3A  
39. ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ %3~%2تىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئېتىبار بىلەن قوبۇل قىلىشقا ئىشلىتىدۇ. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات ناھىيىلەردىكى مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ۋە خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قوبۇل قىلىشتا بەلگىلىك ئېتىبار قىلىنىدۇ. z{cIG8z  
سەككىزىنچى، قوبۇل قىلىش =m=`|Bn  
40. ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، پۈتۈنلەي يىراق مۇساپىلىق توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە تەشكىللەيدۇ. ئالىي مەكتەپلەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئۆز جايىدا تۇرۇپ، توردا يىراق مۇساپىلىق قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئىشلىشى لازىم. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى جەزمەن ئۆز ئارا ئالاقىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. <1Vz QH!o  
41. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەمئىي 9 تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ: c.Pyt  
(1) تولۇق كۇرس 1-، 2-تۈركۈملەرنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى (تولۇق كۇرس 0-تۈركۈم): ھەربىي، جامائەت خەۋىپسىزلىكى، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ سەنئەت، تەنتەربىيە كەسىپلىرى ھەمدە باشقا ئالدىن ئايرىم قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى (كەسپى). بۇنىڭ ئىچىدە «ھەربىي، ج خ تۈرىدىكى مەكتەپلەر» بىلەن «باشقا ئالدىن ئايرىم قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى» نى ئارىلاشتۇرۇپ تولدۇرغىلى بولغاندىن سىرت، باشقا تۈرلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ تولدۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ تۈركۈمدە 3 ئارزۇ بولىدۇ، ھەر بىر ئارزۇدا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ؛ ھەربىي، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مەكتەپلىرىگە تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم مەخسۇس تەشكىللەنگەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سىياسىي تەكشۈرۈش ۋە بەدەن سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بولۇشى كېرەك.  [ottUS@  
تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسىپلەرگە تىزىملاتقانلار چوقۇم ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەشكىللىگەن تەنتەربىيە كەسىپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك. ](4V 3w.  
گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرگە تىزىملاتقانلار چوقۇم ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەىتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانى تولۇق كۇرس لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشسە (ئەگەر مەكتەپ ئاپتونوم رايوننىڭ گۈزەل سەنئەت بىر تۇتاش ئىمتىھانى تولۇق كۇرس كەسپىدە لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلار دائىرىسىدە قايتا مەكتەپ ئىمتىھانى تەشكىللىسە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «ئاپتونوم رايوننىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانى تولۇق كۇرس لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشىش ئاساسىدا، يەنە مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىغىمۇ ئېرىشىشى كېرەك)، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك سەنئەت ئالىي مەكتەپلىرى (كەسىپى) نىڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى تولۇق كۇرس كەسىپلىرىگە ھەمدە ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) كەسىپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك سەنئەت ئالىي مەكتەپلىرى (كەسپى) نىڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) كەسىپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇزىكا كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانى لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشسە مۇناسىۋەتلىك سەنئەت ئالىي مەكتەپلىرى (كەسپى) نىڭ مۇزىكا تۈرىدىكى تولۇق كۇرس كەسىپلىرىگە ۋە ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس) كەسىپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ (ئەگەر مەكتەپ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇزىكا كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغانلار دائىرىسىدە قايتا مەكتەپ ئىمتىھانى تەشكىللىسە، ئىمتىھان بەرگۈچى «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇزىكا كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانى لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشىش ئاساسىدا يەنە مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىغىمۇ ئېرىشىشى كېرەك). Funep[rA  
مۇستەقىل تەسىس قىلىنغان تولۇق كۇرس سەنئەت ئالىي مەكتەپلىرى (جۈملىدىن م ئو م [2009] 35-نومۇرلۇق ھۆججەتكە كىرگۈزۈلگەن، مۇستەقىل تەسسىس قىلىنغان 31 تولۇق كۇرس سەنئەت ئالىي مەكتىپى ۋە بۇ مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 13 ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس سەنئەت كەسىپلىرى)، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى نىشانلىق تەربىيىلەش پىلانى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزغا ئۆلكىلەر بويىچە ئايرىلغان سەنئەت تۈرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇنلاشتۇرمىغان باشقا مەكتەپلەرگە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار 1-ئارزۇسىغا شۇ مۇناسىپ ئالىي مەكتەپنى تولدۇرۇشى كېرەك. ad8kUHf  
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن كەسىپ ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان ھەمدە ئەنگە ئېلىنغان بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ مەدەنىيەت پەنلىرى نەتىجىسىنى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بىرىنچى ئارزۇسى بويىچە مەكتەپلەرگە ئۇقتۇرىدۇ. بىرىنچى ئارزۇدىكى مەكتەپلەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئالدىن ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا يوللايدۇ. W\o(f W  
0-تۈركۈمدىكى باشقا تۈرلەرگە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ تەلىپى بويىچە سىياسىي جەھەتتىن ۋە باشقا تەرەپلەردىن تەكشۈرىلىدۇ. @!&\Z[",  
(2) نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانى تولۇق كۇرس تۈركۈمى: مەركەزلەشكەن ئالاھىدە نامرات تۇتاش رايونلار ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش رايونلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپ (كەسىپ) لىرى. بۇنىڭدا 3 ئارزۇ تەسىس قىلىنىدۇ، ھەربىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ. |_8- 3  
خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر تولۇق كۇرس پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش تولۇق كۇرس پىلانىغا تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمدىن كېيىن، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدىن ئاۋال ئارخىپ چىقىرىپ، قوبۇل قىلىنىدۇ؛ مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار، قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر تولۇق كۇرس پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش تولۇق كۇرس پىلانىغا ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈركۈمدىن كېيىن ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ^wCjMi(sj  
ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسى (تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ): ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مۇناسىپ مەكتەپتىن بىرنى ئارزۇسىغا تولدۇرىدۇ، 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇسا بولىدۇ. /i$E|[  
(3) تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم: «985 قۇرۇلۇشى»، «211 قۇرۇلۇشى» مەكتەپلىرى ۋە مۇشۇ تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىشى تەستىقلانغان تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى). بۇ تۇركۈمگە ئىككى ئارزۇ گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچى ئارزۇ گۇرۇپپىسىغا 4 پاراللىل ئارزۇ، ئىككىنچى ئارزۇ گۇرۇپپىسىغا 5 پاراللىل ئارزۇ تەسىس قىلىنغان، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ. 2c@R!*  
(4) تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم: ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى ۋە مۇشۇ تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىشى تەستىقلانغان تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى). بۇ تۇركۈمگە ئۈچ ئارزۇ (گۇرۇپپا) تەسىس قىلىنغان، بىرىنچى ئارزۇ بىرتۇتاش قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى پاراللىل ئارزۇ گۇرۇپپىسى بولۇپ ئۇنىڭغا 7 پاراللىل ئارزۇ تەسىس قىلىنغان، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ؛ ئىككىنچى، ئۈچۈنچى ئارزۇ نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش پىلانىدىكى ئارزۇ بولۇپ، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ. mdR:XuRD"t  
(5) تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى: مۇستەقىل ئىنستىتوتلار (ئەسلىدىكى 2-دەرىجىلىك ئىنىستىتوت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت، تەنتەربىيە تۈرىدىكى تولۇق كۇرس كەسىپلىرى. بۇ تۈركۈمدە 2 ئارزۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ. y.26:c(  
(6) تولۇق كۇرس 3-تۈركۈم: مۇستەقىل ئىنستىتوتلار (ئەسلىدىكى 2-دەرىجىلىك ئىنىستىتوت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ تولۇق كۇرسلىرى ۋە پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى. بۇ تۈركۈمدە 6 ئارزۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2-ئارزۇدىن 6-ئارزۇغىچە پاراللىل ئارزۇ بولىدۇ، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ. ]fI v{[A_  
(7) مەخسۇس كۇرس (ئالىي كەسپىي مائارىپ) تۈركۈمىنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى: ھەربىي، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەنئەت، تەنتەربىيە تۈرى ھەمدە باشقا ئالدىن ئايرىم قوبۇل قىلىدىغان مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى). بۇ تۈركۈمدە 2 ئارزۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تولدۇرۇشقا بولىدۇ. «ھەربىي، جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرى» بىلەن «باشقا ئالدىن ئايرىم قوبۇل قىلىدىغان مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى)» نى ئارىلاشتۇرۇپ تولدۇرۇشقا بولغاندىن سىرت، باشقا تۈرلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ تولدۇرۇشقا بولمايدۇ. h S}?"ST|  
(8) ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 1-تۈركۈم: دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرى، دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئالىي كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرى ۋە مۇشۇ تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىشى تەستىقلانغان ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى. بۇ تۈركۈمدە 5 ئارزۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 2-ئارزۇدىن 5-ئارزۇغىچە پاراللىل ئارزۇ بولىدۇ، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ. kXA o+l  
(9) ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 2-تۈركۈم: باشقا ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى. بۇ تۈركۈمدە 4 ئارزۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 2-ئارزۇدىن 4-ئارزۇغىچە پاراللىل ئارزۇ بولىدۇ، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ. T~7i: 
ئۈچ خىل مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئالىي كەسپىي مائارىپ تۈركۈمى: «ئۈچ خىل مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئالىي كەسپىي مائارىپى» ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئادەتتىكى ۋە چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكوملىرىنى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئالىي كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرى (كەسىپلىرى). بـۇ تۈركۈمدە بىرلا ئارزۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ. 6 uW?xB9  
بىر مەكتەپنىڭ ئوخشاش بىر ئوقۇش تارىخى قاتلىمىغا تەۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى پرىنسىپ جەھەتتىن ئوخشاش بىر قوبۇل قىلىش تۈركۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ ھەقىقەتەن زۆرۈرىيەت بولسا، ئالىي مەكتەپ بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، ئوخشاش بىر مەكتەپنىڭ ئوخشاش بولمىغان كەسىپلىرىنى ئوخشاش ئوقۇش تارىخى قاتلىمىغا تەۋە بولغان ئوخشىمىغان قوبۇل قىلىش تۈركۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ؛ بىراق، ئوخشاش بىر مەكتەپ، ئوخشاش بىر كەسىپ، ئوخشاش بىر ئوقۇش تارىخى قاتلىمىغا تەۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئوخشاش بىر ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) دە ئوخشاش بىر قوبۇل قىلىش تۈركۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەستىقلىغان بىر تۇتاش ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەل بىلەن ھەمكارلاشقان كەسىپلىرى شۇ رايوندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان باشقا كەسىپلىرى بىلەن بىر تۈركۈمگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. 3t5`,R1@t  
ئالىي مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش تۈركۈمى «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان» مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغىنى بويىچە بولىدۇ. W'u6F-$2  
42. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ھەر قايسى تۈركۈملەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كونترول نومۇر چېكىنى بېكىتىدۇ. |} ;&xI  
43. ئالىي مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان قوبۇل قىلىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئارزۇسى بىلەن نەتىجىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. eRc+.m[  
44. ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى «مەكتەپ مەسئۇل بولۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى نازارەت قىلىش» پرىنسىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدا بەلگىلەنگەن پرىنسىپ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. سىياسىي-ئىدىيە، ئەخلاق-پەزىلىتىنى تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان، ئىمتىھان نەتىجىسى شۇ تۈركۈمنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن ھەمدە مەكتەپنىڭ ئارخىپ چىقىرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقنى ۋە قوبۇل قىلىدىغان كەسىپنى مەكتەپ ئۆزى بېكىتىدۇ، شۇنداقلا، ئارخىپى چىقىرىلىپ قوبۇل قىلىنماي قالغان ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەنچە بېرىش، قېپقالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى، بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىدۇ. A94ZG:   
45. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قەتئىي تۈردە قوبۇل قىلىش تەرتىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا ئارزۇسى، نەتىجىسى بويىچە ئارخىپ چىقىرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنغان ھامان قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قوغدىلىپ، ئارخىپ چىقىرىش ھالىتى ئاپتوماتىك يوقىلىدۇ، ئىككىنچى قېتىم ئارخىپ چىقىرىلمايدۇ. .|iMKRq  
يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدا ئېلان قىلغان نومۇر دەرىجە پەرقى تەلىپى بويىچە شۇ مەكتەپنى بىرىنچى ئارزۇسىغا يازمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپىنى كۆرسە بولىدۇ. سانى تولمىغان مەكتەپلەر يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى تەڭشەپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ. Rd@34"O  
46. ئالىي مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغاندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، ئارخىپ ئېلىش، كۆرۈش، تەكشۈرۈش، دەسلەپكى قەدەمدە قوبۇل قىلىش، قايتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا تاماملاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپىنىڭ نورمال ئايلىنىشى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئالاقىلىشىشنى سەۋەپسىز رەت قىلغان ياكى ۋاقىتنى قەستەن ئارقىغا سوزغان ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، شۇ مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن قوبۇل قىلىش قائىدىسى بويىچە يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ، چىقىرىپ بېرىلگەن ئارخىپلارنى دەسلەپكى قەدەمدە قوبۇل قىلىنغانلىق ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاقىدار مەكتەپكە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ. Osncl5PD)  
47. ھەربىي ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى قاتارلىق ئالاھىدە ئالىي مەكتەپ (كەسىپ) لەردىن سىرت، باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىدىغان قىز-ئوغۇللار نىسبىتىنى ئۆز مەيلىچە بەلگىلىشىگە بولمايدۇ؛ چەت ئەل تىل-ئەدەبىياتى تۈرىگە تەۋە بولمىغان كەسىپلەرگە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش ئىمتىھاننىڭ چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى تىل تۈرى چەكلىمىسى قويۇشقا بولمايدۇ. ivDmPHj{  
48. ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىشلەۋاتقان ھەربىيلەرگە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ؛ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۆھپە كۆرسەتكەن (2-دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەربىيلەر ياكى چوڭ ھەربىي رايوندىن يۇقىرى (چوڭ ھەربىي رايوننىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) ئورۇنلاردىن شەرەپ نامى بېرىلىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى ئاساسىدا 20 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ. a3D ''Ra  
49. تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلەرگە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمى نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى مەكتەپ تەكشۈرۈپ قارار قىلىدۇ: $Wt0e 4YSu  
(1) نۆۋەتتە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، ئۇچۇر ئىلمى) ئولېمپىك مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر (جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئېلان قىلغان تىزىملىك ئاساس قىلىنىدۇ)؛ S`g:z b_  
(2) نۆۋەتتە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى (مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر بىئولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)، «ئەتىكى كىچىك ئالىم» مۇكاپاتلىق پائالىيىتى ياكى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كومپيۇتېردا لايىھىلەش پائالىيىتىدە 1-، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر (جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تىزىملىك ئاساس قىلىنىدۇ)؛ q-kMqnQ  
(3) نۆۋەتتە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە خەلقئارا ئىلىم-پەن ۋە قۇرۇلۇش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى ياكى خەلقئارا مۇھىت تەتقىقات تۈرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا مۇكاپاتلانغانلار (جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئېلان قىلغان تىزىملىك ئاساس قىلىنىدۇ)؛ e59P6/z  
(4) ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتلىرى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار پەرزەنتلىرى ۋە تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇھاجىرلار خىزمىتى ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئىسىملىك ئاساس قىلىنىدۇ)؛ 8w1TX [b  
(5) خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلار (ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئىسىملىك ئاساس قىلىنىدۇ). ML@-@BaN  
50. تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلەرگە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى ئاساسىدا 20 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىنى مەكتەپ تەكشۈرۈپ قارار قىلىدۇ: aDEz |>q  
(1) نۆۋەتتە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە چوڭ خەلقئارا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىپ كوللېكتىپ ياكى يەككە تۈردە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر، مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىپ يەككە تۈردە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر (قاتناشقان مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى تەرتىپ تىزىملىكى، نەتىجىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەكشۈرگەن ئىسىملىك ئاساس قىلىنىدۇ)؛ Z3jh-{0  
(2) ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئىسىملىك ئاساس قىلىنىدۇ). EC9D.afy&  
51. خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، خەنزۇ تىل-يېزىقتىكىلەرياكى خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە تىزىملاتقان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل،قىرغىز، تاجىك، شىبە، ئۆزبېك، تاتار، داغۇر، زاڭزۇ، رۇس قاتارلىق 11 مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلار (تۆۋەندە «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لار دەپ ئاتىلىدۇ) نى قوبۇل قىلىشتا ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ئېتىبار بېرىلىدۇ: ئاتا-ئانىسىدىن ھەر ئىككىسى يۇقىرىقى مىللەتلەردىن بولسا 50 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى يۇقىرىقى مىللەتلەردىن بولسا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. FyD^\6/x  
مىللىي تىل-يېزىقتىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقان ھەمدە مىللىي تىل-يېزىقتىكىلەر پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە تىزىملاتقان خەنزۇ ياكى باشقا مىللەتلەر («خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لار قاتارىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان 11 مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) دىن بولغان ئوقۇغۇچىلار (تۆۋەندە «مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن خەنزۇ» لار دەپ ئاتىلىدۇ) «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ. wkNf[>jX?  
«خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» ۋە «مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن خەنزۇ» ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرغاندا «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي (مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن خەنزۇ) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تىزىملاش جەدۋىلى» نى جەزمەن تولدۇرۇشى، ئۇنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تامغا بېسىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تەكشۈرۈشكە سۇنۇشى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى بۇلارنى بىر-بىرلەپ تەھقىقلىشى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللارنى تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈشى، شۇنداقلا تەكشۈرگۈچى ئىمزا قويۇپ مەسئۇل بولۇشى كېرەك. كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئېلىپ قېلىپ ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلايدۇ. ئەگەر ئالاقىدار ماتېرىياللارنىڭ يالغاندىن ياسالغانلىقى سېزىلسە، ئوقۇغۇچىنىڭ تىزىملىتىش، ئىمتىھان بېرىش، قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» ۋە «مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن خەنزۇ» لارنىڭ ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرلىنىدىغانلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئايرىشتا جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى تەكشۈرۈپ يوللىغان ئىسىملىك ئاساس قىلىنىدۇ. w&&uk[Gh/a  
52. «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ياكى «پىلانلىق پەرزەنتلىك بولغان ئاتا-ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرى (ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن تىزىملىك ئاساس قىلىنىدۇ) نىڭ تولدۇرغان ئارزۇسى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولسا، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى چىقىرىلىدۇ، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى مەكتەپ تەكشۈرۈپ قارار قىلىدۇ: CbPCj.MH  
(1) تولۇق كۇرس 0-تۈركۈم ۋە مەخسۇس كۇرس 0-تۈركۈمدە ئارزۇسىغا رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرغانلار؛ "s[Y$!#  
(2) تولۇق كۇرس 0-تۈركۈم ۋە مەخسۇس كۇرس 0-تۈركۈمدىن باشقا تۈركۈملەردە بىرىنچى ئارزۇسىغا رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرغانلار؛ O5}/OH|j  
(3) ئاپتونوم رايوننىڭ ئايرىم تەشكىللىگەن «ئۈچ خىل مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر» نى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنشىپ، ئارزۇسىغا رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ كەسىپلىرىنى تولدۇرغانلار. 6AS'MD%&  
ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى مەكتەپلەرگە ئارخىپ چىقىرىشتا بۇ نومۇر قوشۇپ بېرىلمەيدۇ. bpe8 `b(#  
53. ئاز سانلىق مىللەت سالاھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىل تۈرىدىكى مەكتەپلەرگە تىزىملاتقانلار بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدە ئېتىبار سىياسىتىدىن باشقا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قـوشـۇپ بـېرىلىدىغان ئېتىبار نومۇر يىغىندىسى 20 نۇمۇردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 1-z*'Ghys  
54. نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار جەزمەن مۇناسىۋەتلىك نەتىجە ۋە گۇۋاھنامىلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ قېلىشىغا سۇنۇشى كېرەك. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى نومۇر قوشۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، بېكىتىپ، ئىمزا قويۇپ جەمىئيەتكە ئېلان قىلغان (ئاساسلىق ئېلان قىلىش يوللىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە شۇ ئورۇندىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر) دىن كېيىن، «نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى» نى تولدۇرۇشى ھەمدە ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ تامغىسىنى بېسىپ، 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا يوللىشى كېرەك. يۇقىرىغا يوللانغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ئۆزگەرتىلسە ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ. قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇرلار بىردەك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئومۇمىي نەتىجىسىگە قوشۇۋېتىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ نومۇر قوشۇلۇش تۈرى، قوشۇلىدىغان نومۇرى ئېلان قىلىنمىغان بولسا، ئومۇمىي نەتىجىسىگە ئېتىبار نومۇرىنى قوشۇشقا بولمايدۇ. 1\v$8pP+  
55. ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن چېكىنگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوخشاش شارائىتتا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. تىنچ مەزگىلدە 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى ئۇرۇش مەزگىلىدە 3-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانغان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتى، 1-دەرىجىلىكدىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتى، دۆلەت بېكىتكەن 3-تۈردىكىدىن يۇقىرى جاپالىق، چەت رايونلار ۋە شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا تۇرىۋاتقانلار، ئازاتلىق ئارمىيە باش بۇسى ئايرىغان 2-تۈردىكىدىن يۇقىرى ئاراللاردا خىزمەت قىلغىنىغا 20 يىل توشقان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتى، دۆلەت بېكىتكەن 4-تۈردىكىدىن يۇقىرى جاپالىق، چەت رايونلار ياكى ئازاتلىق ئارمىيە باش بۇسى ئايرىغان ئالاھىدە تۈردىكى ئاراللاردا خىزمەت قىلغىنىغا 10 يىل توشقان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتى، ئۇچۇۋاتقان، ئۇچۇشتىن توختىغان ۋاقتى بىر يىلغا توشمىغان ياكى ئۇچۇش ئەڭ يۇقىرى يىل چېكىگە يەتكەن ھاۋا ئارمىيە ھەربىيلىرنىڭ پەرزەنتى، ھەربىي كېمىلەردە خىزمەت قىلغىنىغا 20 يىل توشقان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتى، ئالەم ئىشلىرى ۋە يادروغا مۇناسىۋەتلىك ئىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغىنىغا 15 يىل توشقان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نومۇر چېكىگە يەتسە ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. مېيىپ خەلق ساقچىلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتى، 1-دەرىجىدىن 4-دەرىجىگىچە مېيىپ خەلق ساقچىلىرىىنىڭ پەرزەنتلىرى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرسە باشقا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن ئوخشاش شارائىتتا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. :V)W?~Z7B  
56. بەدەن ئەزالىرى مېيىپ، ئەمما تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئۆزى تىزىملاتقان كەسىپنى ئۆگىنىپ كېتەلەيدىغان ھەمدە ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپكە يەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى مېيىپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشىغا بولمايدۇ. x.>E7 +  
57. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق،كانچىلىق، كۆمۈرچىلىك قاتارلىق جاپالىق كەسىپلىرىنى بىرىنچى ئارزۇ قىلغان خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپى ئوقۇغۇچى مەنبەسى يېتىشمىگەن ئەھۋالدا ئېتىبار بېرىلىپ چىقىرىلىدۇ؛ خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تىزىملىتىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن قوبۇل قىلىشتا ئۇلارغا مايىللىق سىياسىتى بېرىلىدۇ. HSt|Ua.c/h  
58. كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «2014-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» ى (م ئو [2014] 1-نومۇرلۇق ھۆججەت) ئىجرا قىلىنىدۇ. $Cu/!GA4.>  
59. ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە «مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرى» (م ئو [2013] 10-نومۇرلۇق ھۆججەت) ئىجرا قىلىنىدۇ. vBUl6EmWu  
60. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانى ۋە نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش پىلانىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ، ئەگەر قوبۇل قىلىنىپ قالسا ئالاقىدار سىياسەتلەرگە ئاساسەن مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشتىن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ۋىلايەت، ئوبلاست، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇن بىلەن نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلشىمنامىسى ئىمزالىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر كىلشىمنامە ئىمزالاشنى سەۋەبسىز رەت قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ. >$.u|a  
ئاپتونوم رايونىمىز نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش پىلانىغا داۋاملىق «ئاۋال بىرتۇتاش پىلانغا ئارخىپ چىقىرىش، ئاندىن نىشانلىق پىلانغا ئارخىپ چىقىرىش» پرىنسىپى بويىچە ئارخىپ چىقىرىدۇ. نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش پىلانى ھەم بىر تۇتاش قوبۇل قىلىش پىلانى بارمەكتەپلەرگە ئوخشاش بىر ئارزۇ (گۇرۇپپا) دا ئارخىپ چىقارغاندا، ئالدى بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بىرتۇتاش پىلاندىكى ئارزۇسىغا ئاساسەن ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، ئاندىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نىشانلىق پىلاندىكى ئارزۇسىغا ئاساسەن ئارخىپ چىقىرىلىدۇ. ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش پىلانىغا ئارخىپ چىقىرىش نومۇر سىزىقى شۇ مەكتەپنىڭ بىرتۇتاش پىلانىغا ئارخىپ چىقىرىش نومۇر سىزىقىدىن 20 نومۇر تۆۋەن بولسا بولىدۇ، ئەمما شۇ تۈركۈمنىڭ ئارخىپ چىقىرىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. بىرىنچى ئارزۇ (گۇرۇپپا) دىكى بىرتۇتاش پىلانىغا ئوقۇغۇچى مەنبەسى يېتىشمىگەن ياكى پەقەت نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش پىلانىلا بولغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىش نومۇر سىزىقى شۇ تۈركۈمنىڭ ئارخىپ چىقىرىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئوقۇغۇچى مەنبەسى يەنىلا يېتىشمىسە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، تولمىغان پىلانغا ئارزۇ تولدۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا ياكى بىرتۇتاش پىلانغا تەڭشەپ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.  ]Ll <  
نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇن ۋە ھەرقانداق ۋاسىتىچى ئاپپارات ياكى شەخسنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ. ئالىي مەكتەپ، مۇناسىۋەتلىك ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇن ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش پىلانىدىن پايدىلىنىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن دۆلەتنىڭ ھەق ئېلىش سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن دائىرىدىن سىرت ھەرقانداق ھەقلەرنى يىغىشىغا بولمايدۇ. +uPN+CgQ@  
61. ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئۇلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلار تەڭشەلگەن پىلاننى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر مەكتىپىنىڭ تەڭشەلگەن پىلانىنى ئىشلىتىشنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشى كېرەك. تەڭشەلگەن پىلان ئوقۇغۇچى سانى كۆپ، سۈپىتى ياخشى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) دە ئىشلىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قوبۇل قىلماسلىقى ھەمدە تەڭشەلگەن پىلاننى مۇۋاپىق ئىشلەتمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەڭشەلگەن پىلاندىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلاردىن قوبۇل قىلىشقا چېتىلىدىغان ھەرقانداق ھەق ئېلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. D\Y)E#%,  
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى پىلانىنى تەڭشىشى بىردەك «مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى توردا باشقۇرۇش سىستېمىسى» ئارقىلىق توردا ئىشلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى پىلانىنى تەڭشىشى چوقۇم قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئىچىدە بولۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. l< 
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالىي مەكتەپنىڭ تەڭشەلگەن پىلان سانى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشتىكى تەلىپىگە ئاساسەن، «مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى توردا باشقۇرۇش سىستېمىسى» ئارقىلىق تەكشۈرۈپ جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئوخشاش قوبۇل قىلىش تۈركۈمىگە ئارخىپ چىقىرىشتىن ئىلگىرى سىستېمىغا قوشىدۇ ھەمدە مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنىڭ نومۇر چېكى ئۈستىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ۋە نەتىجە تەرتىپى بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانى تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ. "X']_:F1a  
62. مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا ماتېماتىكا نەتىجىسىگە ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى بەلگىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ. t\2myR3  
63. خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار ئارزۇسىغا خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى ۋە «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرسا بولىدۇ. قوبۇل قىلىشتا ھەر بىر تۈركۈمدە ئالدى بىلەن ئارزۇسى بويىچە خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە ئارخىپى چىقىرىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر قوبۇل قىلىنسا، مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئارزۇسى ئەمەلدىن قالىدۇ. ئەگەر قوبۇل قىلىنمىسا، «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە تولدۇرغان ئارزۇسى بويىچە داۋاملىق ئارخىپى چىقىرىلىدۇ. CiP-Zh[gZ  
«مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن خەنزۇ» لار مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ (شۇ يىلى ئېلان قىلىنغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئاساس قىلىنىدۇ). _ED1".&#f  
64. قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئارزۇسىغا قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى ۋە «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرسا ياكى پەقەت مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنىلا تولدۇرسا بولىدۇ. پەقەت مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگىلا ئارزۇ تولدۇرغانلار قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى ۋە «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرسا بولمايدۇ، ئەگەر ئارىلاشتۇرۇپ تولدۇرسا ئارزۇسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە ۋە «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرغانلاردىن «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لارنىڭ نومۇر قوشۇش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا سىياسەت بويىچە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرغان خەنزۇلار ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان («خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» دەپ نومۇر قوشۇلىدىغان 11 مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا سىياسەت بويىچە نومۇر قوشۇلىدۇ. )Jx!VJ^Y  
قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لار پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرسا جەزمەن قوش تىل سىنىپى پىلانى بىلەن «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لار پىلانىدىكى ئارزۇنى ئايرىم-ئايرىم تولدۇرۇشى لازىم. ھەربىر تۈركۈمدە ئارخىپ چىقارغاندا، ئالدى بىلەن قوش تىل سىنىپى پىلانىدىكى ئارزۇسى بويىچە ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، قوش تىل سىنىپى پىلانىدىكى ئارزۇغا قوبۇل قىلىنماي قالسا، ئاندىن «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لار پىلانىدىكى ئارزۇسى بويىچە ئارخىپ چىقىرىلىدۇ. D<7S P,D  
ئىجتىمائىي پەن ئۇنىۋېرسال پەنلىرىدە مىللىي تىل-يېزىقتا دەرس ئۆتۈلگەن قوش تىل ئىجتىمائىي پەن سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى پەقەت مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگىلا ئارزۇ تولدۇرالايدۇ، «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ۋە قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرسا بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا تولدۇرغان ئارزۇسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. e,E;\x &  
65. تەييارلىق ئوقۇش تۈزۈمى جەھەتتە «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار»، قوش تىل سىنىپىدىكىلەرنىڭ تولۇق كۇرس ئايرىم پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇنداقلا تولۇق كۇرس ھەمكارلىق پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىنغان سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەييارلىق ئۆگىنىش ۋاقتى بىر يىل بولىدۇ؛ مىللىي تىل-يېزىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىق ئوقۇش ۋاقتى پرىنسىپ جەھەتتىن ئىككى يىل بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن خەنزۇ تىلى ۋە مەدەنىيەت دەرس نەتىجىلىرى تەييارلىقتا تەربىيەلەش تەلىپىگە يېتىپ، تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشىدىن ئۆتسە، تەييارلىقتا ئوقۇش باسقۇچىنى بىر يىل بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىق ئۆگىنىش مەزگىلى توشۇپ، بىر تۇتاش خۇلاسە ئىمتىھانى ياكى سىناقتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. yZ:|wxVY  
66. ئالىي مەكتەپلەر قوبۇل قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى (بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقانلار، كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرى بويىچە قوبۇل قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش تۈرىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللىشى ھەمدە «مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى توردا باشقۇرۇش سىستېمىسى» دا مۇناسىپ پىلاننى تولۇقلىشى ياكى تەڭشىشى لازىم. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ، قوبۇل قىلىش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن قوبۇل قىلىنغانلار تىزىملىكىنى ئۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇغۇچىلار تېزىملىكىنى ئوبدان ساقلىشى لازىم، ياخشى ساقلانماسلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئالىي مەكتەپلەر ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. mxHNK4/  
ئالىي مەكتەپلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىگە ئاساسەن، قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى تولدۇرۇپ، مەكتەپ تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن، قوبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى، تىزىمغا ئالدۇرۇشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، ياردەم سىياسىتىقاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىغا بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. )ymF: ]QC  
67. ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ۋاقتىدا قېلىپلاشقان قەغەز خالتىلىق ئارخىپ ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى، ئارخىپ مەزمۇنى تولۇق، توغرا بولۇشى كېرەك. قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئارخىپ ماتېرىيالىنى قوبۇل قىلىنغانلىق ئوقتۇرۇش قەغىزىگە ئاساسەن ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ ئالىدۇ ھەمدە ئۇنى قوبۇل قىلىنغان مەكتىپىگە ئۆزى ئېلىپ بارىدۇ. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئايرىم-ئايرىم كۈتۈۋېلىش پونكىتى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىشى، مەسلىھەت بېرىش ۋە شىكايەت قىلىش يوللىرى بىلەن تەمىنلىشى، شۇنداقلا بەلگىلىمە بويىچە قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك. ;lGa.RD[ a  
68. ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ باشلىرى باشلىنىدۇ، بارلىق (ھەرقايسى تۈركۈملەردىكى) قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى تاماملىنىدۇ. ?l,i(I  
69. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە دائىر ئۇچۇرى ھەمدە قوبۇل قىلىش جەريانىدىكى مەخپىي ساقلاشقا تېگىشلىك خىزمەت مەزمۇنلىرىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تەمىنلىگەن يول ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى ھەمدە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. IJ, ,aCj4g  
70. ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇش قەغىزىگە ئاساسەن، نوپۇس يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ ھەمدە مەكتەپ بەلگىلىگەن ۋاقىت ۋە مۇناسىۋەتلىك تەلەپ بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدۇ. قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن ۋاقتىدا تىزىمغا ئالدۇرالمايدىغانلار ئالىي مەكتەپكە يازما ئىلتىماس سۇنۇشى لازىم، ئالىي مەكتەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، تىزىملىتىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ. }VR&*UJE  
ئالىي مەكتەپلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئۆز مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدىكى قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇش قەغىزىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەر بويىچە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىدۇ. c%~'[W04\  
مەكتەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، كېچىكىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچتى دەپ قارىسا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى (ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكا نومۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) بويىچە ئايرىم-ئايرىم رەتلەپ، مەكتەپ بەلگىلىگەن نورمال تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىن كېيىنكى 20 كۈن ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا يوللىشى لازىم. w]yLdfi!  
71. كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان ئالىي مەكتەپلەر 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ئىلگىرى سىناقتا لاياقەتلىك بولۇپ قوبۇل قىلىنماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» مۇنبىرىغا يوللىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن ئىلگىرى «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» مۇنبىرىدە تەكشۈرۈپ جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشۈرۈۋېلىپ، قوبۇل قىلىش رەسمئىيىتى بېجىرىدۇ، 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئىلگىرى كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغانلاردىن قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. tzpGKhrk6  
72. ئايرىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئۇيۇشتۇرغان ئالىي مەكتەپلەر چوقۇم ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا مۇشۇ تۈردە قوبۇل قىلىنماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. Tf@t.4\  
73. بارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس قاتلىمى بويىچە نورمال ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تولۇقلاپ ۋە ئالماشتۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمايدۇ؛ قوبۇل قىلىنىپ تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئوقۇغۇچى سانى شۇ مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرس (ئالىي كەسپىي مائارىپ) ئومۇمىي پىلانىنىڭ %10دىن ئېشىپ كەتكەن رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ ئىلتىماس سۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار دائىرىسىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ۋە مۇناسىۋەتلىك قوبۇل قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، مەخسۇس كۇرس قاتلىمى بويىچە تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. -I=} SZ  
74. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە تور ئارقىلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بىلەن ئالىي مەكتەپلەر كېڭىشىپ مۇۋاپىق ھەل قىلىدۇ. (%0X\zvu/  
توققۇزىنچى، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ كەسىپلىرىگە [9?= &O#*  
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش LR)is  
75. ئىچكىرىدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ كەسىپلىرىگە تىزىملاتقان «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى» (ئادەتتىكى ۋە چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئىشچىلار تېخنىك مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر) بىردەك ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدا تىزىملىتىدۇ. 62(WZX%b  
76. ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ كەسىپلىرىگە تىزىملاتقان «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى» غا ئايرىم پىلان ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئايرىم تىزىمغا ئالىدۇ ھەمدە ئايرىم سوئال چىقىرىپ ئايرىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئايرىم قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىمتىھان پەنلىرى: تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئېنگلىز تىلى (مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ). ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى سوئال چىقىرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ توردا قەغەز تەكشۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە ئايرىم سوئال چىقىرىدۇ، ئىمتىھان قەغىزى توردا تەكشۈرۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرمەيدۇ، مەكتەپلەر قوبۇل قىلغاندىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى بىر تۇتاش تەشكىللەيدۇ، ئومۇمەن تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بىر تۇتاش تەشكىللەيدۇ، قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ,A6*EJ\w   
75-، 76-ماددىلاردىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىككى تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئارزۇ تولدۇرسا بولمايدۇ. 3C,e>zE}  
ئونىنچى، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش 6l_8Q w*5I  
77. قاتلاملار بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت، يەرلىك، ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا مەكتەپلەر قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنۇتۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە توپلانغان ئۇچۇرلار توغرا بولۇشى، ئاشكارىلاش تەرتىپى قېلىپلاشقان بولۇشى، ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىشى كېرەك. I:6xDDpZG`  
78. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى شۇنداقلا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى، قوبۇل قىلىش تەرتىپى، قوبۇل قىلىش نەتىجىسى، مەسلىھەت بېرىش ۋە ئەرز قىلىش يوللىرى، قائىدىگە خىلاپ چوڭ-چوڭ ۋەقەلەر ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى، قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئايرىم-ئايرىم ئاشكارىلىشى كېرەك. DBmcvC  
ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىنىدىغان سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، ئوقۇغان مەكتىپى (ياكى ئىدارىسى)، بەھىرلەنگەن ئېتىبار سىياسىتىنىڭ تۈرى، سالاھىيىتى، سىناق تۈرى، سىناق نەتىجىسى، لاياقەتلىك بولۇش ئۆلچىمى، قوبۇل قىلىنماقچى بولغان مەكتىپى ۋە كەسپى، قوبۇل قىلىشتا ئېتىبار بېرىلگەن نومۇر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» مۇنبىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى شۇنداقلا، ئالىي مەكتەپلەر ئېلان قىلغان ئۇچۇرلار شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلىنىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يۇقىرىغا يوللاشتىن ئىلگىرى ئاز دېگەندە 10 خىزمەت كۈنى ئاشكارىلىشى ھەمدە شۇ يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ساقلىشى كېرەك. *znCe(dd  
79. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» مۇنبىرى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا دائىر سىياسەتلەر، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىنىقىدا لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. M3z7P.\G  
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرى، پىلانى، مەسلىھەت بېرىش ۋە ئەرز قىلىش يوللىرى، قائىدىگە خىلاپ چوڭ-چوڭ ئىشلار ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى، ھەرقايسى قوبۇل قىلىش تۈركۈملىرىنىڭ كونترول نومۇر چېكى، ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرى ھەمدە مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىنىقىدا لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. [2\`Wh:%P  
ناھىيە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدا شۇ رايون، شۇ مەكتەپ بەھرىمەن بولىدىغان ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرى ھەمدە مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىنىقىدا لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. :m$%D]WY  
ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ تور پونكىتىدا شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، نىزامنامىسى، قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى ئېلان قىلىدۇ؛ شۇ مەكتەپنىڭ ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىنىقىدا لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. [\.>BK  
80. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاش قىلىش ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى، تېلېفون نومۇرى، پاش قىلىش ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن ۋە ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە ئەرز-شىكايەتلەرنى دۆلەتنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىغا دائىر بەلگىلىمىلىرى بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. Z#J{tXZc  
ئون بىرىنچى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى VR:b1XWX  
81. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ بىر تۇتاش ئىمتىھانى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىچە: 9MYt4  
(1) مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە دائىر بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، زۆرۈر بولغان تولۇقلىما بەلگىلىمىلەرنى ياكى تەپسىلىي يولغا قويۇش قائىدىلىرىنى تۈزىدۇ، ئېلان قىلىدۇ؛ fglZjT  
(2) مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بېرىدىغانلارغا ئالاقىدار پەنلەرنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىش، تەرجىمە قىلىش ۋە سوئال قەغىزى، جاۋاب كارتىسىنى بېسىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ =p7W^/c  
(3) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يىغىپ رەتلەيدۇ ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرنڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ئېلان قىلىنغان تور ئادرېسلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدۇ؛ G/ ^|oJ/G  
(4) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرىنى ھەمدە مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى ئىجرا قىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ &1u ?W%(Px  
(5) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى، رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى باھالاپ سېلىشتۇرىدۇ ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدۇ؛ 87>Qw,r  
(6) ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تىزىملاش، ئىدىيىۋى سىياسىي پەزىلىتىنى تەكشۈرۈش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئىمتىھان ئېلىش، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىش ۋە ئېلېكترونلۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇش، قوبۇل قىلىش ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ 2mT+@G  
(7) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىمتىھان ئېلىشقا دائىر ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى، تەشۋىقات خىزمىتى ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ئىشلەيدۇ؛ U&/S  
(8) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى خادىملىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ؛ T6,lk1S'=  
(9) مەمۇرى تارماقلارنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ئۆز رايونىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى داۋامىدا يۈز بەرگەن چوڭ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ تەكشۈرىدۇ؛ , XR8qi~  
(10) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. vVf!XZF  
82. شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنى قۇرۇپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ قوش رەھبەرلىكىدە ئۆز رايونىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. KWH  
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئوخشاش دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلى قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، مۇئاۋىن مۇدىرلىقى، ھەيئەتلىكىنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھەمدە باشقا ئالاقىدار تارماقلار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالىدۇ. A3$b_i@P  
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ دائىملىق ئاپپاراتى بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش داۋامىدىكى كۈندىلىك خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا زۆرۈر شىتات بېكىتىپ، مەخسۇس كادىرلار سەپلىنىشى كېرەك. puyL(ohem  
83. ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ مۇدىرى ۋە مەكتەپتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىشى ھەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خىزمەتچى خادىم سەپلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىچە: "|%fA E  
(1) مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە دائىر بەلگىلىمىلىرى، شۇنداقلا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ تولۇقلىما بەلگىلىمىلىرى ياكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئىجرا قىلىدۇ؛ CKur$$B  
(2) مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايون تەكشۈرۈپ بېكىتكەن يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆلكىلەر، كەسىپلەر بويىچە ئايرىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى تۈزىدۇ ۋە يوللايدۇ؛ l`]!)j|+  
(3) ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ؛ CYu8J@(\~g  
(4) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ CUG 
(5) ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى داۋامىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ /W>"G1)  
(6) قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قايتا تەكشۈرىدۇ؛ 0Q9OQqg m  
(7) ئۆز مەكتىپىنىڭ ئايرىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ ھەمدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش، بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش پاكىتى، بىرتەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا يوللايدۇ؛ BkeP?X  
(8) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ؛ h:NXO'  
(9) ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. &$Lm95  
ئون ئىككىنچى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىراجىتى (jG$M=q-  
84. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىراجىتى يەرلىك مائارىپ كەسپىي خىراجىتىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىراجىتى شۇ مەكتەپنىڭ كەسپىي خىراجىتىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. UXJl;M b  
85. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىش ۋە ئىمتىھان ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. ھەق ئېلىش ئۆلچىمىدە ئاپتونوم رايونلۇق باھا تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ. y|se^dn  
ئون ئۈچىنچى، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش mN el3J3  
86. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئىمتىھان خىزمەتچىلىرى، جەمئىيەتتىكى باشقا كىشلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا «دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» (مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 33-نومۇرلۇق بۇيرۇقى) ئىجرا قىلىنىدۇ. !?/bK[ P,  
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرمەيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلارنىڭ شۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ھەرقايسى پەن نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارغا مەكتەپ پۈتتۈرگەن يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرماسلىق چارىسى كۆرۈلىدۇ. \k_3IP?o=  
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش پاكىتىنى ئوقۇغۇچىنىڭ «ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپى» غا كىرگۈزۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيەتچىلىك خاتىرىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىدۇ. E 5{)d~q  
87. تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى خادىملىرىنىڭ ئىمتىھان خىزمىتى خادىمىلىق سالاھىيىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلش خىزمىتىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق بىكار قىلىدۇ ھەمدە خىزمەت ئورنىدىن ئالماشتۇرۇۋېتىش، خىزمىتىدىن ھەيدەشكە ئوخشاش پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە ئەدلىيە ئورگانلىرى ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ:  
(1) ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش سالاھىيىتىگە دائىر ئىسپات، گۇۋاھنامە، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئارخىپ قاتارلىق ماتېرىياللىرى (جۈملىدىن، سىياسەت خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپات ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار) دا كۆز بويامچىلىق قىلغانلار؛ #33RhJu5,  
(2) «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىرى» ھەرىكىتىگە يول كۆرسەتكەن، ئۇنى تەشكىللىگەن ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقانلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تەۋەلىكى ئارخىپىنى ئۇيدۇرۇپ چىققانلار ياكى ئۇنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۆتكىگەنلەر؛ 't?7.#,6O  
(3) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى شۇ يىلى مەكتەپ پۈتتۈرمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ياكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى سالاھىيىتىگە ئىگە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا يول كۆرسەتكەن، تەشكىللىگەن ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقانلار؛ 9f%y)[ \  
(4) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سورۇنى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار، خىزمەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزگەنلەر؛ d O46~  
(5) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرى، ئارزۇسى، ئىمتىھان نەتىجىسى، قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرى ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى (جۈملىدىن، كومپيۇتېرغا خاتىرىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرى) نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاشكارىلىغان، ساتقان، ئوغرىلىقچە ئالماشتۇرغان، ئۆزگەرتكەنلەر؛ ;y~{+{{Ow  
(6) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا پارا ئالغان، پارا بەرگەن، قاقتى-سوقتى قىلغانلار؛ ياكى نەپسانىيەتچىلىك بىلەن ساختىپەزلىك قىلغانلار، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلەر، بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمىغانلار ياكى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە زور زىيان پەيدا قىلغانلار؛ ~l*?D7[o  
(7) جەمئىيەتتىكى ۋاسىتىچى تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنىڭ قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلار؛ (YYj3# |  
(8) ھەرقانداق نام ۋە سەۋەب بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى ئالغانلار؛ .5Knbc  
(9) كومپيۇتېر تورىدىن پايدىلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ياكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىسى، ئۇچۇر سىستېمىسى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تور، ئۈسكۈنىلىرىگە يامان غەرەزدە ھوجۇم قىلغانلار؛ ;n} >C' :  
(10) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر باشقا ھەرىكەتلەر. fimb]C I|x  
يۇقىرىقى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان جەمئىيەتتىكى باشقا خادىملارنىڭ ئىدارىسى ياكى ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقىغا مۇشۇ ماددا بويىچە چارە كۆرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلىدۇ. (A29Z H  
88. ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا مەزكۇر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سەمىمىيىتىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئالىي مەكتەپ ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە مائارىپ مىنىستىرلىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملار ھەمدە «مائارىپ مەمۇرىي جازاسىنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى»، «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىش نىزامى» ھەمدە «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىتلىق چارىسى» قاتارلىقلار بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا چەك قويۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەمدە سالاھىيىتى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق جازالار بېرىلىدۇ؛ بەلگىلىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بەلگىلىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ۋەقەلەر ھەمدە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ ياكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ. EJZ@p7*Oj  
ئون تۆتىنچى، قوشۇمچە قائىدە co5y"yj_  
89. بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەستىقلىتىش ئارقىلىق ئايرىم ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەمدە ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭمۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى ئىجرا قىلىنىدۇ. G HD^%)T5^  
مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان خىزمىتىدە مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى ئىجرا قىلىنىدۇ. ]A p`   
90. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتسا، ئازاتلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىلىدۇ. Bwjg#1E  
91. ھەربىي قىسىملار ئۈچۈن تەربىيەلىنىدىغان دۆلەت مۇداپىئەسى تۈرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا ئالاقىدار تەلەپلەر ئىجرا قىلىنىدۇ. TWUUvj`.  
92. مەزكۇر «بەلگىلىمە» دە تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. [*<.?9n)or  
93. مەزكۇر «بەلگىلىمە» نى چۈشەندۈرۈشكە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ. {VR `;  
--------------- G+U3wF],  
مەنبە:http://124.117.250.25/1000/15544.html

tawpek 2014-04-24 01:06
ئەرىك مۇئەللىم  بولمىسا بىز تەۋىقتە گاستەكلا يۈرىيمىز دىسە ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز


查看完整版本: [-- 2014ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled