گۈلنىھال |
2014-04-16 11:49 |
قىرتاق دەرت
قىرتاق دەرت "qq$i35x W,[ RB پوۋېست |_p7vl" |.Vgk8oTl ;g?PK5rB( مۇتىللا ئەبەد قىرانى 1sg:8AA ]vf_4QW= Vyi.:lL _8 قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بولۇپ ئويلىنىپ قالدىم، راستىمنى ئېيتسام نېمىنى يېزىپ، نېمىنى يازماسلىقنى بىلەلمىدىم. ئۆزۈم ئاڭلىغان ئاشۇ ھېكايىلەرنى ئەسكە ئالغىنىمدا، يۈرىكىم ئاغرىپلا قالماي، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت گىرەلىشىپ كەتكەن روھىي دۇنيارىم ئۈنسىز تىترەيتتى. كىمگە ياش تۆكۈپ، كىمگە مەدھىيە ئوقۇشنى تاللاش مېنى ھەقىقەتەن قىينايتتى. كاللامدا توختاۋسىز پەيدا بولۇۋاتقان سوئال بەلگىسى ماڭا بىردە كۈلۈپ قارىسا، بىردە غەزەپلىنىپ قارايتتى. ھەممىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن يالغۇزلۇقتىن ۋاز كېچىپ، ئادەملەر ئارىسىغا كىرىپ باقتىم. توۋا، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن، ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىمىغان بولسام ئىشەنمەسكەنمەن. مېنى ئازابلاۋاتقان ئاچچىق ھېكايىلەرنىڭ يېنىمدىلا، مەن ۋە قوۋمىم ياشاۋاتقان رېئاللىقتا مەۋجۇتلۇقىنى ئەسلا خىيال قىلمىغانىدىم. W>!:K^8] قىشنىڭ نەچچە ئۇزاق كېچىسىنى تاڭغا ئۇلىغىنىم ئېسىمدە يوق! قولۇم ھەر بىر تىترىگەندە كۆزۈم ياش تۆكەتتى، ئاپپاق قەغەز ئۈستىدە قېلىۋاتقان داغلار ئازابنىڭ نېمىلىكىنى قايتا سۆزلەپ بەرمەكتە ئىدى. 9 D.wW * * }~LGq.H −−تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! pFd{Tdh ئۇنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىنى بۇزۇۋەتكۈم بولمىسىمۇ، شۇنداق دېمىسەم بولمايتتى، چۈنكى بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھەم ئىككىمىزنىڭ توي خاتىرە كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ مېنى قۇچاقلىشىنى، سەھەرنىڭ قىزىل شەپىقىگە قوشۇپ باغرىغا بېسىشىنى، لەۋلىرىمگە سۆيۈپ تۇرۇپ مېنى قۇتلۇقلىشىنى خالايتتىم. ئەپسۇس ئۇ كۆزىنى ئاچمىدى، تىلەكلىرىمنى ئاڭلىغۇسى يوقتەك شېرىن ئۇيقۇدا ياتاتتى. قولۇمدىكى سوۋغىنى بوينىغا ئېسىپ قويغۇمنىڭ بارلىقىنى بىلمىسىمۇ كۆزىنى ئېچىپ قويغان، ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ »بىرگە بولسۇن« دەپ قويغان بولسا، نەقەدەر خۇشال بولغان بولاتتىم - ھە! E2}X[EoBF ھەر قېتىم توي خاتىرە كۈنىمىز كەلگەندە ئۇ ئاۋۋال قۇت تىلەيتتى، ئاددىي بولسىمۇ يۈرىكىدىن چىقىرىپ سوۋغا تەقدىم قىلاتتى. بۇ ئارقىلىق مېنى خۇشال قىلىشنى، ئۆزى ئاتا قىلىۋاتقان بەختنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئويلايتتى. ئەمما بۇ قېتىم ئوخشىمايتتى. مەن سوۋغا بەرمىسەم، ئۇنى قۇتلۇقلىمىسام، ئۆزۈمنى ئادەمگەرچىلىك قىلمىغاندەك، قەرزداردەك تۇيغۇدا ئۆرتۈنۈپ قالاتتىم. ئەمەلىيەتتە ئەر - ئاياللار بىر - بىرىگە قەرزدار ئەمەس. بارلىق سوۋغاتلار پەقەت كۆڭۈل ئۈچۈنلا بېرىلىدىغان ماددىي بۇيۇم بولغاچقا، بۇنچە ئىنچىكىلەپ كېتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئادەمگە بىر خىل بەخت ۋە مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئاشۇ سوۋغات بۇيۇملىرى مېنى بۈگۈنگە قەدەر ئالداپ كەلگەنىدى. :s+?"'DP ئۇنى كۈتتۈم، شەپەق دېرىزەمدىن تاراپ كەتكۈچە كۈتتۈم. ئۇ بارلىق ئۇيقۇسىنى ئەتەي بۈگۈنگە ئېلىپ قويغاندەك، يېڭى بىر تاڭنىڭ كۈلۈپ باققىنى بىلەن ھېسابلاشماي تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. سەۋرنىڭمۇ چېكى بولىدىكەن، سوۋغىنى ياستۇق ئۈستىگە قويۇپلا ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. گەرچە بۇ ناھايىتى ئاجىز نارازىلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ چۈشىنىشىنى، كۆڭلۈمنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىشىنى ئويلايتتىم. ئۇنىڭ كەينىمدىلا كۆزىنى ئاچىدىغانلىقىغا ئىشەنسەممۇ، قايتا ياتاق ئۆيگە كىرىپ سوۋغىنى قولىغا ئېلىپ قارىغان - قارىمىغانلىقىنى يوشۇرۇن كۆزىتىشكە رايىم يوق ئىدى. مەيلى ئۇ سوۋغامدىن خۇشال بولسۇن ياكى ئارتۇقچە دەپ بىلسۇن ماڭا بەرىبىر، تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن قەرز قايتۇرغىنىمدىن نەپرەتلەنمىسىلا كۇپايىلىنەتتىم. 1Bs t| تويدىن بۇرۇن ئۇنى بەكلا چوڭ كۆرەتتىم، ياتلىق بولسام ئاشۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولۇشنى خىيال قىلاتتىم، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ چۈشمۇ كۆرگەنىدىم. چۈشنى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ دېسە كىم ئىشىنىدۇ! ئەمما مەن بۇ خىل رېئاللىقنى ئىنكار قىلغۇچىلار بىلەن زاكونلىشالايتتىم ھەم ئۇلارغا بۇ رېئاللىقنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگىنىمنى ئېيتىپ بېرەلەيتتىم. شۇنداق، مەن كۆرگەن چۈشلەر خۇددى پېشانەمگە يېزىلغان تەقدىرىمگە ئوخشاش تۇرمۇشۇمدا يۈز بېرىشكە باشلىغانىدى. ئالىي تېخنىكومنىڭ 1 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، تاسادىپىي ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. بۇ ئۇچرىشىشنى تاسادىپىي دېگەندىن كۆرە، بىر قېتىملىق مەقسەتلىك ھەم پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەن ئەقىلگە مۇۋاپىق بولسا كېرەك، چۈنكى مەن ئۇنى ئالايىتەن ئۆزۈم شەخسىي ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشنى تونۇشۇش باھانىسى قىلغانىدىم. KgYQxEbIW −−سەردار مۇئەللىم، يېزىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىسى، سەن ئىزدەيدىغان ھەم تەلىم ئېلىشنى خالايدىغان ھەقىقىي ئىقتىدارلىق ياش. 21 ئۆزۈمدىن بىر نەچچە ياش چوڭ دوستۇم ساجىدە ئۇنى ماڭا شۇنداق تونۇشتۇرغانىدى. مەن ئۇلارنىڭ ساۋاقداش ھەم يېقىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا، ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ھەم ئەگىتىپ تۇرۇپ مەقسىتىمنى قەيت قىلغانىدىم. ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى پەرەز قىلىپ بىلەلمىگەن تەقدىردىمۇ سەرداردىن باشقا ئادەمنى تەۋسىيە قىلمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتەتتى. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا سەردارنى ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى ۋە چوقۇنىدىغان ئادىمى دەپ بىلەتتى. مەن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى دەڭسەپ كۆرگەن، ئۇلار بەك يېقىن ئۆتكەندەك قىلغان بىلەن ئارىسىدا تېخى مۇھەببەت رىشتىسى باغلانمىغانىدى. PY4">~6\i −−ساجىدە ئويىڭىزنى ماڭا ئېيتتى، سىز ئويلىغان يەردىن چىقالماي، ئۈمىدىڭىزنى يەردە قويارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. RI
'}C`%v ئۇ ناھايىتى تۈزۈتلۈك ئىدى، ھەر بىر ئېغىز سۆزنى ئېھتىيات ۋە سىپايىلىق بىلەن ئېيتاتتى. مەن ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ساجىدەنىڭ ھەرچاغ ماختاشقا تەييار ئېغىزى ئېچىلغانىدى. !}mM"|< −−سەن ئۇنى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلاردىن قىلىپ تەربىيەلىيەلەيسەن، بۇ جەھەتتە تالانتىڭنىڭ بارلىقى ھەممە ئادەمگە ئايان. يېزىمىزدا سەن ئوقۇتقان بالىلار نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈۋاتمامدۇ؟ oP7)
−−ئۇ باشقا گەپ. مەن ئالىي مەكتەپنىڭ دەرسلىكىنى كۆرۈپ باقمىغان، بەزى مەسىلىلەرنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بولالماسلىقىم مۇمكىن. (O:&RAkk7 −−ھېچ ۋەقەسى يوق، ئىككىڭلار ئورتاق پىكىر يۈرگۈزسەڭلار ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلە نېمە قىلسۇن! S
{XO3 −−ئېيتماققا بەك ئاسان، بۇ قىزنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلمىدىم. =mwAbh)[7n −−سانىيە، بىز ئۇنى سانىگۈل دەپمۇ چاقىرىمىز، ساڭا بىر قانچە قېتىم گېپىنى قىلىپ بەرگەنىدىمغۇ! ئېسىم قۇرۇسۇن! سېنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپتىمەن. =yJc pj −−بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن پەرەز قىلغانىدىم، مېنى كۆرگەنلا ئادەمگە تەكرار قىلىپ بېرىشكە تونۇشتۇرمايسەن. z6qx9x|Ij −−سەردار بەك ئەقىللىق جۇمۇ! ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ. ?*q-u9s9 ساجىدەنىڭ كۆزۈمگە قاراپ كۈلۈپ ئېيتقان سۆزلىرىدىن يۈزلىرىمگە قىزىللىق تەپكەن چېغى يۈزۈم ئوت ئالغاندەك قىزىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭغا باشقىچە مەقسىتىمنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولساممۇ، ئېغىز ئېچىشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتىم. شۇ دەقىقىدە سۆز باشلىغۇدەك بولسام، تىلىم كالۋالىشىپ، كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە يوشۇرۇن ساقلىنىۋاتقان ئىچ سىرىمنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتىم ھەم ساقلىنالمايتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەردارنىڭ بىر قاراپلا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىنى بىلىۋالىدىغان، ئويلىرىنىڭ تېگىگە يېتىۋالىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىدىن گۇمان قىلالمايتتىم. N#Nc{WU'B ئۇ راستتىنلا كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغانمىدۇ؟ مېنىڭ تەكلىپىمنى رەت قىلغۇدەك، ئويلىرىمنى سۆزلەپ يۈرگۈدەك بولسا ساجىدەنىڭ ئالدىدا يەر بىلەن يەكسان بولارمەنمۇ، قىزلىق غۇرۇر يول قويمايدىغان يولنى قاراملىق بىلەن تاللىۋالغىنىم توغرا بولغانمىدۇ، دېگەنلەرنى تېزلىكتە ئويلاشقا باشلىدىم. بارغانسېرى ئويلىرىم شاخلاپ، بىر - بىرىگە چىگىلىپ قېلىۋاتاتتى. شۇ مىنۇتلاردا سەردارنىڭ قانداق ئويلىشى مۇھىم بولۇپلا قالماي، ساجىدەنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى ساقلاپ قېلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم بولۇۋاتاتتى. Ln h'y`q −−ئاكا - سىڭىل ياكى ياخشى دوستلاردىن بولساڭلارمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق، مەن ئانچە قىزغىنىپ كەتمەيمەن. ھەي سەردار، ئۆزۈمنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدىم. ئەمدى ئۇنى مېنى كۆرگەن كۆزۈڭدە كۆرۈپ، ئاتىدارچىلىق قىلىپ قويارسەن! CF_2ez1u0y ساجىدە ئېغىزىدا شۇنداق دېگىنى بىلەن كۆڭلىدە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئويلىمايتتى. قايسىبىر قىزنىڭ مۇشۇنداق كېلىشكەن، سۇباتلىق ھەم ئىقتىدارلىق يىگىتنى قولدىن چىقىرىۋېتىشكە كۆزى قىيسۇن! ئەمما ساجىدە شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر ئىدى. بۇ كۈنگە قەدەر سەردارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئويلىغان ھەم تالاي قېتىم ئۇرۇنغان، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. ساجىدە بۇ ھەقتە ماڭا سۆزلەپ بەرمىگەن، ئاشىقسىز مەشۇقلۇقى ھەققىدە دەرد ئېيتمىغان بولسىمۇ، بۇنى پەرەز قىلماق ئانچە تەس ئەمەس ئىدى. v~!_DD
au −−مېنىڭ يەنە يۇقىرىلاپ ئوقۇغۇم بار ئىدى. يېزىدىن بارغاچقىمىكىن، تەبىئىي پەنلەردە شەھەر بالىلىرىغا يېتىشەلمەيۋاتىمەن، شۇڭا سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرالمىدىم، سەردارنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالغانىدىم. ئۇ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىمنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ بولغاندەك، رەسۋا بولىدىغان ۋاقتىم كېلىپ قالغاندەك، ھەممىنى ساجىدەگە دەۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتكەنىدى. كۆزۈمنى ئېلىپ قېچىشقا ئامالسىز بولغانلىقىم سەۋەبلىك چېچىمنى بارماقلىرىمغا قايتا - قايتا چىگىپ، ماڭا تىكىلگەن كۆزلەرگە ئۈنسىز قاراپ تۇراتتىم، بۇ كۆزلەر سۆزلەشنى بىلىدىغاندەك سۆزلەۋاتاتتى. 'A/{7*, »باھانە يوللۇق ياكى يولسىز بولسۇن كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، سىز بۇ قارارنى ئەقىلگە تايىنىپ، ئىشەنچ ۋە غەيرەت بىلەن چىقارغان. ئۆزۈمنى سىزگە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىق دەپ قارىمىساممۇ، ماڭا بولغان ھېسسىياتىڭىزنى قەدىرلەيمەن. بۇ تەكلىپنى رەت قىلغۇدەك ئاساس تېخى مەندە يوق، ئەمما سىز يالغان ئېيتىۋاتىسىز، كۆڭلىڭىزدىكى سىرلارنى يوشۇرۇپ قالالايمەن، دەپ خاتا ئويلاۋاتىسىز! كۆڭلىڭىزدىكىنى يۈرەكلىك دېگەن بولسىڭىز يېقىن دوستىڭىز ساجىدەنى ئالدىمىغان، ئۇنىڭ ھەقىقىي دوستلۇق ھېسسىياتىغا داغ چۈشۈرمىگەن بولاتتىڭىز. ئەخمەق قىز، ھەممىنى يوشۇرغىلى بولغان بىلەن مۇھەببەتنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ!« FePWr7Ze كۆزلىرىم كۆزلەرگە جاۋابەن ئاستا شىۋىرلايتتى، كۆزلىرىم ئەمەس، يۈرىكىم نىدا قىلىۋاتاتتى: j{%'A »مەن قانداقمۇ ئوچۇق ئېيتالايمەن. ھەممىسى مۇشۇ ساجىدەنىڭ كاساپىتى، يۈرىكىمگە بۇ ئوتنى ئۇ ياققان. كىم ئۇنى ھە دېگەندە سىز توغرۇلۇق سۆزلەپ يۈرسۇن، قەلبىمگە مەنىۋى ئوبرازىڭىزنى تىكلەپ قويسۇن دېگەن!« PpXzWWU": −−شۇنداق كېلىشتۇق ئەمىسە، بۇ تەتىلدە ئۇنى شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەلاچى ئوقۇغۇچى قىلىۋەتكىن! _+sb~ ساجىدە ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزغانىدى. قىزلارنىڭ ئىچى نېمانداق تار كېلىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ كەتتىم. ئۇ بىزنىڭ ئۈنسىز مۇڭدىشىۋاتقىنىمىزنى بىلمەيدىغانلاردىن ئەمەس، قەلبىدىكى رەشىك ئوتى، خاراكتېرىدىكى چىدىماسلىق شۇنداق قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغىنى ئېنىق، بەلكىم مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولساممۇ، بۇ خىل سۆزلىشىشكە يول قويمىغان، يۈرەك نىدالىرىنى ئاڭلاتمىغان بولاتتىم. 0Cg}yy Oz −−قېنى تىرىشىپ باقاي! n%faD سەردارنىڭ بۇ سۆزى مېنى خۇشال قىلغانىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ تەكلىپىمنى قوبۇل كۆرگەن، مېنى رەت قىلمىغانىدى. @d&JtA Ir\P[A سەھەرنىڭ مەيىن شامىلى چاچلىرىمنى يەلپۈتەتتى، ئېغىر قەدەملىرىم تۈنۈگۈنكى يامغۇر بوشىتىپ قويغان ئېتىز قىرلىرىغا ئىز قالدۇرماقتا ئىدى. #O
RZk6e ياتاق ئۆيدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن، قولۇمنىڭ ئىشقا بارمىغىنى، كۆڭۈل ئارامىمنىڭ يوقلۇقى مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنىدى. سېرىقتال ياپراقلارغا چۈشكەن شەبنەم تامچىلىرى ماڭا ئوخشاش كۆز يېشى قىلىۋاتقاندەك سۇس پارقىراپ تۇراتتى. تالاي قىرلارنى كېسىپ ئۆتكۈچە قۇرۇپ سارغايغان ياۋا گۈللەرگە نەزەر سالدىم، پۇراقسىز قاقشال بەرگىنى ھىدلاپ كۆردۈم. باھاردا ھەممىنىڭ دىلىنى لال قىلىدىغان ياۋا گۈللەرنىڭ تېزلا خۇش پۇرىقىنى يوقاتقىنىدىن ئۆكۈندۈم. گۈللەردىن ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ شۇ گۈللەرگە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىمدىن ئۆكۈندۈم. C6?({
QB@ مەن جەزبىدارلىقىمنى يوقاتقۇدەك، ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتقۇدەك بەكمۇ قېرىپ كەتمىگەنىدىم. ئانا بولغاندىن كېيىنمۇ توي كۈنى تۇنجى كىيگەن ئەتلەس كۆڭلىكىم ئىچىگە بەدىنىم تىقىلىپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەنىلا قىز چاغلىرىمدىكى ھالىتىمنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتىم. ئۆرۈمە چاچلىرىمنى تېقىمىمغا تاشلاپ، تېخى توي قىلمىغان قىزلاردەك قاشلىرىمغا ئوسما قۇيۇپ، مەيدەمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭاتتىم. »چېچەن ئايال ئۆزىنى ئېرىگە پەردازسىز كۆرسەتمەپتۇ« دېگەندەك، زىلۋالىقىمنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، يۈزلىرىمگە تەبەسسۇم ياغدۇرۇپ، مېنى كۆزلىگەن - كۆزلىمىگەن، ۋىسالىمغا بىر رەت يېتىشنى خىيال قىلىدىغان - قىلمايدىغان يىگىتلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ كېلىۋاتاتتىم. ئەپسۇس، بارلىق تىرىشچانلىقىم ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكىمنىڭ بىلىپ - بىلمەي يوققا چىقىدىغىنىنى ئويلىمىغانىكەنمەن. dw-o71(1d بۈگۈن نېمىشقىدۇ توي كۈنى كىيگەن ئەتلەس كۆڭلەكنى كىيگۈم كېلىپ قالغىنىنى بىلمەيمەن، ساندۇقىمنىڭ تېگىدىن تەستە ئىزدەپ تاپقانىدىم. بەلكىم قولۇمدا سوۋغا، ئۇچامدا ئۇ ياقتۇرىدىغان ئەتلەس كۆڭلەك بىلەن كۆز ئالدىدا قايتا پەيدا بولۇشنى ئويلىغاندىمەن. ئۇنىڭ چۈش ئىچىدىن ئويغىنىپ، مېنى بۇرۇنقىدەك باغرىغا مەھكەم بېسىشىنى ئىستىگەندىمەن. مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىمدىكىدەك شېرىن زۇۋان سۈرمىسىمۇ، كۆڭلۈمنى ئاز - تولا ياساپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلغاندىمەن. cCuK?3V4K شۇ چاغلاردا بەختنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھېس قىلغان بولغىيمىدىم؟ ئۇنىڭ شېرىن - شېكەر سۆزلىرى بىلەن ئوتلۇق قۇچاقلاشلىرى ئەقلىمنى لال قىلىپ، بەخت ھەققىدىكى ھۆكۈمىمگە چەك قويغان، ھاياتنىڭ قەدىر - قىممىتىگە بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنغۇ! بۇ تامامەن ئۆزۈم ئويلىغان ئېھتىماللىقتىن يىراق ئەمەس، مۇھەببەت ئادەمنى قارىغۇ قىلغان يەردە، ئەقلىمنى بوغۇپ تاشلىماسمۇ! مۇھەببەتتە نېمە گۇناھ؟ يۈرىكىم كۈلگەن، قەلبىم ئوتلۇق ھېس - تۇيغۇلارغا تولغان دەملەردە سۆيگۈنىڭ ئۇلۇغ ھەم مۇقەددەسلىكىنى كۈيلىگەن ئەمەسمىدىم! #Q1
|] wu. >'v?y ھەر ئىككى كۈندە بىر رەت ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا تەكرارغا باراتتىم. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى كۆرگەچ، مېنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمغا ياردەم قىلاتتى. ئۇ كەم سۆزلەيتتى، مەن ئېغىز ئاچمىغىچە ئالدىراپ بىر نەرسە دېمەيتتى. ئۇ ئۆزىنى شۇ قەدەر تۇتۇۋالغان ئىدىكى، نەزەرىدە مەن ئىشخانىسىدا يوق ئىدىم. ئۇ مېنى مەسىلىنى يېشىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ دەپلا ئويلايتتى. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ پۈتۈن ئوي - پىكرىم ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈللۈك سۆھبەتتە بولۇش ھەققىدە باش قاتۇرۇشتا ئىدى. قەستەن گال قىرىش، يېنىك يۆتىلىشلەر كار قىلمايتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا نەقەدەر تەشنالىقىمنى ئېيتالمايدىغانلىقىمنى راستتىنلا بىلمەيتتى ياكى قەستەن بىلمەسكە سېلىۋاتاتتى. hs*n?vxp3 −−بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەس، ھەقىقىي ئاچقۇچ يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسىڭىز بولمايدۇ. مېنىڭ يېنىڭىزدا بولۇشۇم پەقەت بىر ۋاسىتە، خالاس! F2)KAIl ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچىسى، ھېچ نېمە بىلمەيدىغان، تېخى يېتىلمىگەن كىچىك بالا كۆرۈۋاتاتتى. بارا - بارا پىشىپ بېرىۋاتقان ھېسسىياتىم، شاخلاشقا باشلىغان ئويلىرىم بىلەن ھېسابلاشمايۋاتاتتى. مەن ۋاقىتنى بۇنداق ئۆتكۈزۈۋەتسەم، شېرىن خىيال بىلەن كېلىپ، قۇرۇق ئاچچىقنى يۇتۇپ قايتسام بولمايتتى. F
hyY+{% −−سىز ئېيتقان ئاچقۇچنى پەقەت قولدىن چىقىرىۋەتكۈم بولمىسىمۇ، بەزىدە ئامالسىز قالىدىكەنمەن. @;S)j!m` −−مەن ئىشەنمەيمەن، كۆزۈم ئۆزۈمنى ئالدىمايدۇ. سىزنى تۇنجى كۆرگەندىلا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلغۇدەك ناچار ئوقۇغۇچى ئەمەسلىكىڭىزنى بايقىغانمەن. N5x I;UV9' ئۇ توغرا ئېيتقانىدى. سىنىپتا ئالدىنقى ئۈچنىڭ بىرى بولۇپ ئوقۇۋاتقىنىم، تولۇق كۇرسنىڭ دەرسلىكىنى ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ بىر يەرگە ئاپىرىپ بولغىنىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى. دېمىسىمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدىغان ئىش نەدە بار؟ ئەسلىدە ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولىدىغان يەردىغۇ! سەردار مېنىڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالمىغان تەقدىردىمۇ، ئاشۇ ئەقەللىي ساۋات ئارقىلىق پەرەز قىلىپ بىلەلەيتتى. Fa #5a'}I −−مەن راستتىنلا بەزىدە قىينىلىپ قالىمەن، شۇڭا بۇ تەتىلدە... QlH[_Pi −−ھەممە ئادەمنىڭ قىينىلىدىغان ۋاقتى بار. ئەمما بۇ ۋاقىتلىق ۋە تۇراقسىز بولىدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە ئۆز ئىزىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇنى نېمىگە ئوخشاتسام بولار... /}5)[9GC سەردار ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. مەن ئۇنى بۇنداق ئاددىي ئۇقۇملارغا مىسال ئالالمايدىغان، بۇنچە ئۇزاق ئويلىنىدىغان يىگىتلەردىن سانىمايتتىم. ئۇ چۈشەندۈرۈشتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقاندەك، بىر نەرسىنى ئېيتىشنى نومۇس ھېس قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى. مېنىڭ ئېغىزىنى كوچىلىغۇم، ئاستا - ئاستا پىكىر يوللىرىغا باشلاپ كىرگۈم كېلەتتى - يۇ، جۈرئىتىم يوق ئىدى. ئۆزۈممۇ ئانچە گەپ ئۇقمايدىغان، بىرەرسى بىلەن پاراڭلىشالمايدىغان قىزلاردىن ئەمەس ئىدىم، دوستلىرىم بىلەن ئوچۇق - يورۇق، ئەركىن - ئازادە مۇڭدىشالايتتىم. ئۇلار تېخى مېنى »سەن بەك گەپدان، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلىسەن. سەن بىلەن پاراڭلاشقان ئادەم ئۆزى بىلىپ - بىلمەي ئىچ سىرلىرىنى ئېيتىپ سالىدۇ« دېيىشەتتى. مەن شۇ سەردارنىڭ ئالدىدا ئويلىرىمنى يىغالماي، دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قالاتتىم، مەنشۇنداق زۇۋانى بار، گېپى يوق گاچا بولۇپ كېتەتتىم. V[7D4r.j كۈنلەر شۇنداق جىمجىت ئۆتەتتى، سەرداردىن سۆز كۈتەتتىم، كۆزلىرىمگە قايتا بىر قارىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئۇنىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا جۈرئەتسىزلىكىمدىن ئەپسۇسلىناتتىم. بىراق ئۆز - ئۆزۈمنى ئەيىبلەش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنەتتىم - يۇ، يەنە ئۇيقۇمنى نەزەربەند قىلىدىغان خىياللارغا غەرق بولاتتىم. مەن پەقەت خىيال ئىچىدە سەردار بىلەن ھەممە گەپنى دېيىشەلەيمەن ھەم كۆزلىرىنىڭ تەكتىگە كىرىپ كېتەلەيمەن. شۇنداق، مەن ئۇنىڭ كۆزىنىڭ تەكتىگە ئەمەس، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتىم، شۇ تەتىلدىكى سۆھبەتسىز دەملەر رىشتىمىزنى باغلاپ قويغانىدى. aq(i^d ئۇ كۆڭلۈمنى ياساشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، ئويلىغىنىمنى ئۆزۈم ئېيتىپ بەرگەندەك تېپىۋالاتتى. ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلىش بىلەن ئۆزىمۇ خۇشاللىق تېپىشنى ئويلاپلا يۈرەتتى. ئەجەبا بۈگۈن ئۇ ئۆزگەرگەندىمۇ؟ ئۇنىڭ ئاشۇ خۇشاللىقنى ئۆز قولى بىلەن يوق قىلىشقا قانداق ئالاھىدە كۈچ سەۋەب بولۇۋاتقاندۇ؟ ماڭا خۇشاللىق، بەخت ئورنىغا ئازار، كۆتۈرۈپ تۈگەتكۈسىز دەرد - ئەلەم بېرىشكە رايى بارلىقىغا ئىشەنسەم، يەنە خاتالىققا يول قويغان بولارمەنمۇ؟! دېگەن سوئال يۈرىكىمنى ئاغرىتىپ، تومۇرلىرىمغا قۇرت كىرىۋالغاندەك قاتتىق قىينايتتى، كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىمنىڭ بار - يوقلۇقى ھەققىدە ئويلاندۇراتتى. tC7 4= * * zq|NltK قىزىمنىڭ ئايىغى چىققان كۈنى، سىڭلىم شەكىلە ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەنىدى. ئانامنىڭلا ئەمەس، ئىككى ئاجىزەنىڭ بەختىمۇ دەل شۇ كۈنى يوق بولغانىدى. ئاتام شەكىلەنى شەھەردىن ئېلىپ چىقىۋېتىپ ئېشەك ھارۋىسىدىن يىقىلىپ كېتىپ، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قالغانىدى. چوڭلار »بىر خۇشاللىق بىر قايغۇنى ھەمراھ قىلىپ كېلىدۇ« دېسە نېمە دەيدىكىن دەپ ئويلىغان بولغىيتتىم، ئەمدى بىلسەم، ئۇلارنىڭ دېگىنى ئۆز باشلىرىدىن ئۆتكۈزگەن ئاچچىق كەچمىشىنىڭ ھەقىقىتى ئىكەن. يىغلىغان بىلەن تەقدىرنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولسۇنمۇ؟ ناۋادا شۇنداق ئېھتىماللىق مەۋجۇت دېيىلسە، ئانامنىڭ كۈنبويى ياش Y{X%C\ تۆككىنىگە ئاتام ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە، ئۆز ھاجىتىنى ئۆزى راۋا قىلغان بولسا بولاتتى. G
P '- −−سىڭلىڭنى ماڭا يۈك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دېسەم يامان بولىدۇ، ئۇنى توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ئاچچىق تولغاق بىلەن تۇغقان ئانىغا ئوخشىماي قالىمەن. ئەمما ئۇنىڭ بەڭباشلارچە قىلىدىغان جېدىلى ئاتاڭنىڭ ئېغىرچىلىقىدىنمۇ جىق! (Hs,Tj ئانامنىڭ شەكىلەدىن قاقشىغاندەك ئېيتقان سۆزلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغانىدى. مەن شەكىلەنىڭ بەك ئەركە چوڭ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدىكى بۇ مىجەزنىڭ ئاتامدىن كەلگەنلىكىنى بىلەتتىم. كىچىكىمدە ئۇنىڭ بىلەن جېدەللىشىپ قالغۇدەك بولسام، مەيلى گۇناھ كىمدىن ئۆتمىسۇن، زىيان تارتىدىغان، تىل ئاڭلايدىغىنى يالغۇز مەن بولاتتىم. ئاتام ئۇنى ماڭا ئوخشاش قىزى ئورنىدا ئەمەس، ئۆزى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئوغلى ئورنىدا كۆرەتتى. دېگىنىنى قىلىپ بېرەتتى، ئاچ قالغان پاشىنىڭ چېقىشىغىمۇ يول قويمايتتى. 6 8Vxy −−نېمە دەيدىغانسەن! ئۇ بويىغا يېتىپ قالاي دېگەندىمۇ يەنە شۇ بالىلىقىنى قىلىۋاتامدۇ؟ "#w%sG^_ −−ئۇنى بىر دېمە، تېخىچە ئىچ كىيىمىنى ماڭا يۇيۇشقا بېرىۋاتىدۇ. سوغۇق سۇ تۇتساملا قولۇم سىرقىراپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغىنىنى بىلمىسە، كاشكى! <%=<9~e −−ئۇنى ئۆزۈڭلار يامان ئۆگىتىپ قويغان، مەكتەپتە باشقىلار يۇيۇپ بەرمىگەن بولغىيتتى؟ pxW*kS −−باشقىلار يۇيۇپ بېرىدىغانغا بىر يەرنىڭ مەلىكىسىمىدى ئۇ! يۇيۇشنى ئېغىر كۆرۈپ، يېڭىنى ئېلىپ كىيگەن گەپ. zqp>Xw −−مېنى نېمە قىل دەيسەن؟ ھېلىمۇ ھەر ھەپتىسى بۇ ئۆيگە كەلگىنىمدە، ئۇششاق ئىشنىڭ تولىلىقىدىن ئۆزۈمنى ئالالماي قالىمەن. بۇنداق دېسەم مېنى جاپادىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ، ئاتا - ئانىسى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا مىننەت قىلىۋاتىدۇ دېمىگىن! بەزىدە مەنمۇ ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ كېتىمەن. x_wWe>0 −−ئۆز قېرىندىشىڭدىن بىزار بولساڭ بولمايدۇ، قىزىم مەن تېخى ئۇنى ساڭا تاپشۇرۇشنى ئويلىغان. MXDUKh7v3 −−ماڭا!؟ مەن ئۇنى باشقۇرۇپ بولالمايمەن. -
oB=7+g ئانام ماڭا ئىشەنمەيۋاتقاندەك كۆزلىرىمگە ئۇزاق قاراپ كەتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە شەكىلەنى مەن ئادەم قىلالايتتىم ھەم ئۇنىڭغا ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆگىتەلەيتتىم. بېشىمغا تاغ غۇلاپ چۈشكەندەك، ئېغىر غەمگە پاتقىنىمدىن ئولتۇرۇپ كېتىۋاتاتتىم. ئانامنىڭ ئۆتۈنگەندەك تەلەپپۇزدا ئېيتىۋاتقان سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى، پۈتۈن خىيالىم ئامال بار ئانامنىڭ بۇ ئويىنى يوققا چىقىرىشتا قالغانىدى. ئويلايتتىم، شەكىلەنى يامان ئۆگىتىپ قويغان ئاتامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن بولسىمۇ نارازى بولسام بولمايتتى. شەكىلەنىڭ ئورۇنسىز جېدىلى بىلەن ئانامغا تايىنىۋېلىشى ئاتامنىمۇ بىزار قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ ئانامنىڭ تەلىپىنى رەت قىلماسلىقىمنى ئۆزى بىلىدىغان ئىشارەتلەر بىلەن ماڭا ئۇقتۇرماقچى بولۇۋاتاتتى. K'f2S ئاشۇ قېتىملىق سۆھبەت شەكىلەنى مېنىڭ ئۆيۈمگە بىر ئەزا قىلغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆيۈمگە ئوتتۇرا تېخنىكومنى يېڭى پۈتكۈزگەن بىر قىز ئەمەس، يەنە بىر كىچىك بالا كۆپەيگەنىدى. مېنىڭ ئۈچۈنمۇ، شەكىلە ئۈچۈنمۇ كۈنلەر تەستە ئۆتەتتى، ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگىتىشىمگە توغرا كېلىۋاتاتتى. شەكىلەنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا بۇنچە چولتىلىقىنى بۇرۇن ھېس قىلمىغان، بىرەر قېتىممۇ بايقىمىغان ئىكەنمەن. قاتتىق گەپ قىلاي دېسەم، بىر قورساقتىن چۈشكەن، بىر ئەمچەكنى ئەمگەن قېرىنداش ئىدىم. ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتەي دېسەم، تالالىق بولغاندا قىينىلىپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامغا ۋەدە بەرگىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە، قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇراتتى. %N0m $* −−يىپەك كىيىملەرنى قولۇڭدا ئۇۋىلاپ يۇيغىن! )c532
y −−تەييار كىر يۇيۇش ماشىنىسى تۇرسا، جاپا تارتىپ نېمە كەپتۇ. e&!8UYP −−بۇ كۆڭلەكنى نېمە قىلىپ قويدۇڭ؟ ئاقارتىش سۇيۇقلۇقىنى ئامال بار ئاز ئىشلەتكىن دېمىدىممۇ! Ty7)j]b"zl −−ئادەممۇ قېرىپ كېتىدىغۇ، بىرەر قۇر كىيىمنىڭ رەڭگى ئۆڭگەنگە نېمە بولاتتى. r`<x@, −−ئوتنى بەك چوڭ ئېچىۋەتمە! w
c&D[M]-/ −−دەم يېمەيۋاتسا، يەنە قاچانغىچە ساقلايمەن. ~ H/Zi
BL@ ئۇ يەنە شۇنداق ئۆز بېشىمچى قىز ئىدى. ئۇ سەۋەنلىكىگە گەپ تېپىپ بېرەتتى، بىرەر قېتىممۇ »ماقۇل ياكى بىلدىم« دېگەندەك جاۋابتا بولمايتتى. بەكرەك زوكۇنلىشىپ قالغان چاغلىرىمىزدا سەردار ئارىغا چۈشۈپ مېنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ قوياتتى. ($W%&(:/ −−ئاستا - ئاستا ئۆگەنمەمدۇ، شۇنىڭغىمۇ ئاچچىقلىنىش كېتەمدۇ؟ ئۇ تېخى ئېغىزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن كىچىك بالا تۇرسا، ئازراق يول قويسىڭىز بولمامدۇ؟ J6"GHbsO مەن ئامالسىز ئاچچىق يۇتۇشقا، ھەر ئىككەيلەننىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يول قويۇشقا مەجبۇر بولاتتىم. ئاران ئىككى ياتىقى بار ئۆيۈمدە شەكىلەنىڭ ئىچ كىيىم بىلەن ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى ئوچۇق قويۇپ، ئۇيان - بۇيان مېڭىپ يۈرۈشلىرى، ئەتىگەندىن - كەچكىچە تېلېۋىزورغا مىختەك قادىلىپ ئولتۇرۇشلىرىغا قارىساملا، سەردارنىڭ ئالدىدا نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ، ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي شۇنداق قىسىلاتتىم. شەكىلەنىڭ قاتتىق قۇلاقلىقى تۈپەيلى ھېلى ئېيتقان نەسىھەت بۇ قۇلاقتىن كىرىپ، ئۇ قۇلاقتىن چىقىپ بولاتتى. كۈنۈم شۇنداق جىلىچىلىك ئىچىدە ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ ئۆتسىمۇ چىداپ كېلىۋاتاتتىم. q- 0q: سەردار بىلەن توي قىلغان دەسلەپكى كۈنلەردە، باشقىلارنىڭ بىر ياتاق ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ياشىغانىدۇق. قىزىم بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇش ئالدىدا قەرز قىلىپ دېگۈدەك بۇ ئۆينى سېتىۋالغان ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئوردىسىدا بەختنىڭ كۈلكىسىگە تېخىمۇ چۆمۈلۈپ كېلىۋاتاتتۇق. تەرەپبال كەلگەن ئاتامنىڭ قىسمىتى، ئانامنىڭمۇ ئاغرىقچان بولۇپ قېلىشى، ئۆز ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، ئۆزى ھەم چىقىشنى خالىمايدىغان شەكىلەنى ماڭا ھەدىيە قىلغىنى تازا ئادىل بولمىسىمۇ، مەن بۇ تارتقۇلۇقتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ بولالمايتتىم. مەيلى نارازى بولاي، مەيلى يالغاندىن كۈلۈپ ئۆتەي ئاتا - ئانامغا پەرزەنتلىك، شەكىلەگە ئاچىلىق بۇرچۇم ھەم مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلمىسام بولمايتتى. p(K^Zc ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى چوڭ ئۆيگە قاترايتتىم. ئانامغا قارىشىپ بەرمىسەم، ئۆينىڭ ئېغىر - يېنىك ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ تۇرمىسام بولمايتتى. ئاتامنىڭ كېسىلى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمايۋاتقاندەك، باشتىكى بىر ئىزىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. مۇتەخەسسىسلەر ئېيتقان شۇ ۋاقىتنىڭ قاچانلاردا كېلىدىغانلىقىغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنى، ئىگەمنىڭ ئاتامغا مۆجىزە ئاتا قىلىشىنى تىلىمەكتىن باشقا چارە قالمىغانىدى. ئانامنىڭ دۇئاسى ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ بىكار كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەنسەممۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى بىلەن ئۈمىدسىزلىنىپمۇ قالاتتىم. ئاتامنىڭ قايتا ئورنىدىن تۇرغىنىنى كۆرۈش ئىستىكىمنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئوغۇل بولۇپ يارالمىغىنىمدىن ئەپسۇسلىناتتىم، كۆزلىرىمنى يوشۇرۇن ياشلاپ ئۆتۈۋاتاتتىم. 3i'
01z شەكىلە باشقا ئىشقا يارىمىسىمۇ، قىزىمغا بىر قانچە كۈن قاراشقا يارايتتى. ئۇ ئۆيدە بولغاچقىلا، سەردار ۋە قىزىمدىن خاتىرجەم ئىدىم. قاتتىق قوللۇقۇم ۋە ئەستايىدىللىقىم ئۇنىڭغا بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى. تاماقنى دېگەندەك ئوخشىتىپ قىلالمىسىمۇ، ھەرھالدا ئۆيدىكىلەرنى ئاچ قويمايتتى. ئۇنىڭ بىر ئادىتى ئادەم قوبۇل قىلالمىغۇدەك قىزىق ئىدىكى، تاماقتىن كېيىن قاچا يۇيۇشنى قەستەن ئۇنتۇپ قالاتتى. ئىككى كۈنلۈك قاچا - قۇچا ئاشخانا ئۆيگە دۆۋىلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى كۈتەتتى. شۇنداق چاغلاردا ئۆزۈمنى زورىغا تۇتۇۋېلىشنى ئويلىساممۇ تۇتۇۋالالمايتتىم، شەكىلەنى تىللاپلا كېتەتتىم. '2|P-/jU −−ئۆلگىچە ئادەم بولمايدىغان شۇم! مېنى ساياھەت قىلىپ، ئارام ئېلىپ كەتتى دەمدىكىنا؟ خۇددى شاھزادىگە ياتلىق بولىدىغاندەك تەييارغا ھەييار بولۇشتىن باشقىنى بىلمىگەن، مېنى چارچاپ ئۆلسۇن دەيسەنغۇ، شۇ!
fNfa.0s شۇنداق تىللىۋالسام ئاچچىقىم يېنىپ، قۇشتەك يەڭگىللەپ قالىدىغاندەك، ئىچىمدىكى دەردلىرىم بىر يولى چىقىپ كېتىدىغاندەك، سەردارنىڭ ھاي بېرىشىگە ئۇنىماي تىل سالاتتىم. يەنە شەكىلەنىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن، ئاتامنىڭ ئەھۋالىنى سوراپمۇ قويمىغىنىدىن ھار ئېلىپ يىغلاپمۇ كېتەتتىم. تەلىيىمگە سەردارنىڭ كۆيۈنۈشى، مېنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بار ئىكەن، بولمىغاندا تەڭقىسلىقتا تۈگۈشۈپ كەتكەن بولاتتىم. ناۋادا ئۇ ئاتا - ئانامنىڭ ئۆيىگە بېرىشىمنى چەكلىسە، شەكىلەنى ئېغىر ئالسا قانداقمۇ قىلاتتىم! ئەلھۆكمىلىللا دەپ كۆز يېشى قىلماقتىن باشقا چارە بولارمىدى؟ ياق، ئۇنداق ئاقىۋەتنى ئويلىغۇم، ھەتتا خىيال قىلغۇممۇ يوق! DiTpjk]c` ھېيتقا ئاز قېلىۋاتقان بولسىمۇ، تېخىچە سەردارنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن بازارغا بېرىشقا جابدۇنغان كۈنى ئانام مېنى تۇيۇقسىز چاقىرىتىپ كەتكەچكە، بىللە بېرىشقا ئامالسىز قالغانىدىم. سەردار ئاشۇ قېتىملىق تېلېفوندىن بىر ئاز نازارى بولغان بولسىمۇ، چىش يېرىپ بىر نەرسە دېمىگەنىدى. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتىم، شەكىلە ئۆيىمىزگە كەلگەن ئالتە ئايدىن بۇيان كۈنلىرىمىزنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى.
t%0c$c −−مەلىكەمنىڭمۇ بىر قۇر يېڭى كىيىم كىيگۈسى بار ئىدى، ئەپسۇس خانىش ئانىسى شاھ ئاتىسىنىڭ كۆزلىرىدىن چاچراۋاتقان ئوتقا قارىماي، يەنە قېچىپ كېتىدىغان بولدى - دە! $R+gA{49% چاقچاق ئارىلاش ئېيتىلغان سۆزلىرىم سەردارنى خۇشال قىلالمىدى، چىراي ئىپادىسىدىن نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمىدى. مەن ئۇنىڭ كىيىم تاللاشنى بىلمەيدىغانلىقىدىن ئەنسىرىمەيتتىم، بەلكى يالغۇز بازار ئايلىنىش بىلەن خۇشى يوقلۇقىدىن خىجالەت ھېس قىلاتتىم. 5h0Hk −−يالغۇز بارغۇڭىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن، خالىسىڭىز شەكىلە بىلەن بالىنى ھەمراھ قىلىۋېلىڭ، بولامدۇ؟ |]q{qsy −−سىز يولىڭىزدىن قالماڭ، بازارنىڭ ئىشى كېيىنچە بىر گەپ بولار! يامىنى كەلسە، بالىنى ئانامنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويارمەن. `3[W~Cq ئۇ شەكىلەنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى. خىيالىنى ئوچۇق ئېيتمىغىنى بىلەن كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى چۈشىنەتتىم. چۈنكى، شەكىلەنىڭ بەزى قىلىقلىرى ئۇنى بىزار قىلىپلا قالماي، يول يۈرۈشتىكى نايناقلىقىمۇ كۆزىگە سىغىپ كەتمەيتتى. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ كۆزۈمدە ئارتۇق گەپ قىلماي، شەكىلەنى ئۆز سىڭلىسى ئورنىدا كۆرۈپ كېلىۋاتاتتى. ''9K(p6 −−كېيىنگە ۋاقىت يوق، گېپىمنى ئاڭلاپ بۈگۈنلا بېرىپ كېلىڭلار! ||cI~qg سەردار ئادەتتە بۇيرۇق چۈشۈرۈشۈمنى خالىمايتتى، ئۆتۈنۈش بىلەن سۆزلىشىمگىمۇ يول قويمايتتى. ئىككەيلەن ئەزەلدىن بىر خىل ئازادىلىك ئىچىدە پاراڭلىشىشنى، ئويلىغانلىرىمىزنى يوشۇرماي ئېيتىشنى ياخشى كۆرەتتۇق. ئەمما، مەن بۈگۈن قائىدىمىزگە مۇخالىپ ھالدا ئۇنىڭغا بۇيرۇق چۈشۈرگەندەك تەلەپپۇزدا سۆزلەپ سالغانىدىم. سەردار بۇ قېتىم ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەندەك كۆزلىرىنى ئالايتىپ قارىمىغان ھەم بۈگۈنكى سودىنى ئەتىگە قويماسلىققا ماقۇللۇق بەرگەنىدى. مەن سەردارغا شەكىلەگىمۇ ھېيتلىق كىيىم ئېلىپ بېرىشنى ئېيتىۋاتقىنىمدا، شەكىلەنىڭ ئارىغا گەپ قىستۇرۇشى سەردارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنىدى. E −−مەن بارمايمەن، يېزنەم ماڭا قانداق كىيىم ئېلىپ بېرىشنى نېمە بىلسۇن! پۇلنى بەرسەڭلار، ئۆزۈم دوستلىرىم بىلەن بىرگە ئېلىۋالىمەن. z/5TYv)S −−توغرا دەيدۇ، مەن مودىدىن يىراق تۇغۇلغان، سېپى ئۆزىدىن سەھرالىق بولغاندىكىن، مودا قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلارغا يارىمايمەن. Wkb>JnPo −−نېمىمۇ دەيدىغانسىز، سىزنىڭمۇ كىچىك بالىلار بىلەن تەڭ بولىدىغان ۋاقتىڭىز بولىدىكەن - ھە؟ ئۇنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا قۇلاق سالماڭە!
P&c O2 سەردارغا بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ سۆزىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، شەكىلەنى قانات ئاستىغا ئالغىنى ئۈچۈن تەنە قىلسام، يەنە بىر ياقتىن شەكىلەنىڭ سۆزىدىن بىئارام بولۇۋاتقان كۆڭلىنى ياساشقا باشلىغانىدىم. ناۋادا مەن ۋاقتىدا داۋاسىنى قىلمىسام، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەسەللى بېرىپ تۇرمىسام، تەرسالىق كېسىلى تۇتۇپ قالاتتى. سەردارنى ھەممە ئادەم مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل، ئوچۇق مىجەزلىك يىگىتلەردىن دەپ تەرىپلىشىدۇ. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ خاراكتېرى خېلى يېتىلگەن، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاسانلىقچە چىگىپ قويمايدۇ. ئەمما يۇقۇملۇق كېسەلدەك ئاسان ياندۇرغىلى بولمايدىغان بىر خىل تەرسالىقى باركى، ئادەمنى تونۇشقانغا تويغۇزۇپ قوياتتى. شەكىلە يېزنىسىنىڭ تەرسا مىجەزىنى تېخى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، ئېغىزىغا كەلگەننى ئۇدۇللاپ ئېيتىپ سالغانىدى. XaU^^K −−بولدىلا، ئۆزۈم يالغۇز بارغانغا ئوغرى ئېلىپ قاچماس! قىزىمىز نەچچىنچى نومۇرلۇق ئاياغ كىيەتتى؟ K9RRY,JB سەردار بۇ قېتىم ئاسانلا ئاچچىقىدىن يانغانىدى. ئۇنىڭ بۇ باتۇرلۇقىدىن ھەيران بولمىدىم دېسەم خاتالاشقان بولاتتىم. مۇھىمى، ئۇ ئۆزىنىڭ تەرسا مىجەزىنى شەكىلەگە كۆرسىتىشنى خالىمىغان بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا شەكىلەنى بىر نەرسە دېگۈدەك بولسام، سەردارنىڭ ماڭا قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئەدەپ كېتىشىنى، مەن ئامال بار ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان تەرسا مىجەزىنىڭ تۇتۇپ قېلىشىنى يوق دېگىلى بولمايتتى. شۇڭا، مەن كۆڭلۈمدە ئۇ كەتكەندىن كېيىن، شەكىلەنى تازا بىر ئەدەپلىمىسەم دەپ ئويلىدىم، ئەمما شەكىلەنىڭ ئۇستاتلىقى بۇ خىيالىمنى يوققا چىقارغانىدى. p{0rHu[ −−قەستەن ئېيتقىنىم يوق، ھەدە! مەن سەردار ئاكام بىلەن بىللە بازار ئايلىنىشتىن ئۇيالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلگەنلەر بىر نېمە دېمىگەن بىلەن، بىلمىگەنلەر سەردار ئاكامغا تۆھمەت قىلمىسۇن دېدىم. 9~r8$,e شەكىلەنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىدىم، ئۇنىڭ ھىيلىگەرلىكىنى ئېچىپ تاشلىغۇم، ھۆرمەتسىزلىكىنى ئوت بولۇپ كۆيدۈرۈۋەتكۈم بار ئىدى. بىراق، ئۇ كۆزلەرگە قارىغانسېرى سەبىيلىكنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سايىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمىگەنىدىم. بالىلىق ماراپ تۇرغان كۆزلەر شۇنداق بولامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىغان بىلەن شەكىلەنىڭ بالىلىقىغا ئىشىنەلمەيتتىم. ئۇ ھېچنېمىنى ئويلىمايدىغان، كۆڭلىگە سان پۈكمەيدىغان قىزلىق يېشىدىن ھالقىپ بولغانىدى. نېمە دېيەلەيمەن! بىرەر ئېغىز گەپ قىلماي كېتىپ قالسام، ئۇ يەنە ھەددىدىن ئاشاتتى، يامان خۇيىنى تاشلىمايتتى، »يېزنەم ئېغىز ئاچقۇدەك بولسا، ھەدەم ئارا تۇرىدۇ« دەپ ئويلاپ، يۈگەنسىز توسۇن تايدىن قېلىشمايتتى. Jd|E
4h~( −−چاقچاق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئويلاپ سۆزلىگىن! سەردار سەن چاقچاق قىلىدىغان دوستۇڭ ئەمەس، بەلكى يېزنەڭ! ئۆزۈڭنى قونچاق ئويناپ يۈرىيدىغان، خىيالىغا كەلگەننى سۆزلىسەڭ بولىدىغان كىچىك قىز كۆرۈۋاتامسەن؟ ئېسىڭدە بولسۇن، مەيلى كىمگە گەپ قىلغىن، ئەدەپ بىلەن سۆزلەشنى، قىز بالىدا بولۇشقا تېگىشلىك شەرم - ھايانى بىلمىسەڭ بولمايدۇ! s";9G^: بۇ سۆزلىرىمدىن شەكىلە ئازراق قىزارغاندەك قىلغان بىلەن كۆڭلىدىن قوبۇل قىلمىغاندەك قىلاتتى. گەرچە نارازىلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئېيتمىغان بىلەن پەش قېقىپ كىرىپ كېتىشى شۇنداقلىقىنى ھېس قىلدۇرماي قالمايتتى. ئۇنىڭ ئىشىكنى يېپىۋېتىپ، غۇدۇراپ دېگەن گەپلىرى، ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەمنى ئويغا سالماي قالمايتتى. Yc>.P −−كەچكىچە بويۇمغا يەتكىنىمنى چىشلەپ تارتىدىكەن، يەنە ئۆيدىن چىقارماي كىچىك بالىدەك باشقۇرىدىكەن. }}d,xI شەكىلە ئەمەلىيەتنى سۆزلەۋاتاتتى. دېمىسىمۇ، ئۇ ئۆيۈمگە كەلگەندىن بۇيان سىرتقا چىقىپ باقمىغان، دوستلىرى بىلەن بازار ئايلىنىپ كۆرمىگەنىدى. سەردارنىڭ قارشى تۇرۇشى، ئۇنى قۇترىتىشى بىلەن ھېسابلىشىپ كەتمەي، قاتتىق قول باشقۇرغۇچى بولۇپ كېلىۋاتاتتىم. شەكىلەگە باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بەرمىگەنىدىم. قىزىمغا ھەمراھ بولۇپ تۆت تام ئىچىدە ئولتۇرۇش، تېلېۋىزور ئارقىلىق ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بولۇپ قالغانىدى. y3@5~ 4+ شەكىلەگە ئارتۇق سۆزلىيەلمىدىم، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشنى، پۇرسەت بېرىشنى ئويلاپ باقمىنىغىم يۈرىكىمنى ئاغرىتقانىدى. مەندە نېمە ئامال؟ ئاتامنىڭ بەختسىزلىكى يۈز بەرمىگەن، ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلمىگەن بولسا، بەلكىم ئۇ دوستلىرى بىلەن كۈلۈپ يۈرگەن، ياشلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرگەن بولار ئىدى. ئانامنىڭ سۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ھۇرۇنلۇقى مېنىڭ شۇنداق قاتتىق قول بولۇشۇمغا سەۋەبكار ئەمەسمۇ؟ ئۇنى كىم باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، مېنىڭ سىڭلىم بولۇپ تۇغۇلسۇن دېگەن؟ تۆرىلىشىدە خاتا تۆرەلگەن بولغاندىكىن، مېنىڭ قارىشىم ۋە ئەخلاق مىزانىم بويىچە چىداپ ياشىشى كېرەك! wp>L}! ئۆزۈمنى ئۆزۈم شۇنداق بەزلەپ، يۈرىكىمدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئاچچىقنى يوق قىلىشقا ئۇرۇناتتىم، شەكىلەنى كەچۈرۈش ياكى كەچۈرمەسلىكنى قارار قىلماقچى بولاتتىم. ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن ئەخلاق قارىشىنىڭ توغرا - خاتالىقى ئۈستىدە ئادىل ھۆكۈم چىقىرالمايۋاتاتتىم. سەردارنىڭ مېنى ئەيىبلىشى، شەكىلەنى قانات ئاستىغا ئېلىشى ئۇنىڭ ئاشۇ گەپلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تۆلەنگەن ئېغىر بەدەل بولدىمۇ قانداق، دەپ شىۋىرلايتتىم. مەيلى، شەكىلە قانچىلىك ئۇۋالچىلىق تارتقان بولسۇن، يېزنىسىگە ئۇنداق گەپ قىلسا، كۆزگە ئىلمىغاندەك پوزىتسىيە تۇتسا ھەرگىز بولمايتتى. %HcCe[d5l * * ]YKxJ''u ئاتام بىرئاز ئۆرە تۇرغۇدەك بولغان بولسىمۇ يەنىلا سۆزلىيەلمەيۋاتاتتى. قول ئىشارىسى ئارقىلىق مەقسىتىنى تولۇق بايان قىلالمىغانسېرى مىجەزى ئوساللىشىپ كېتەتتى. ئۆي ۋە تالانىڭ ئېغىر - يېنىك ئىشلىرى بىر ئانامغا قالغاچقا، ئەسلىدىكى جۈدەڭگۈ تۇرقى كۈندىن - كۈنگە كىچىكلەپ، مۈكچىيىپ يەرگە كىرىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. شەكىلەنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلمەسلىكى ئانامنى تېخىمۇ چارچىتىپ قويۇۋاتاتتى. مەن سەردارنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەر ھەپتىسى بىر - ئىككى كۈن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇۋاتقان، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئاز - تولا تەسەللى ئاتا قىلىۋاتقان بولساممۇ، كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ھەر ئىككىلىسىدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتاتتىم. ئانامنىڭ كۈنسايىن ئاقىرىپ كېتىۋاتقان چاچلىرى بىلەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى ئويلىسام، خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگۈم، ھاياتىنىڭ ئاخىرقىدەملىرىگە ھەمراھ بولغۇم كېلەتتى. شەكىلەنىڭ بىكۆيۈم، باشباشتاقلىقىغا قاراپ ئاچچىقتا يېرىلغۇدەك بولساممۇ، ئاتامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن چىداشقا رازى بولۇۋاتاتتىم. T8>aU −−شەكىلەدىن رەنجىمە، ئۇمۇ بىر كۈنلەردە سەندەك چوڭ بولۇپ، ھەممىنى ئويلايدىغان بولىدۇ. ئاتاڭنىڭ بۇ ھاياتىدا شۇ بىرلا غېمى بار، شەكىلە بولمىسا ئۇمۇ ياشىيالمايدۇ. a ئانامنىڭ يۈزۈمگە ئېيتىۋاتقان بۇ سۆزلىرى يۈرىكىمنى ئەزدى. ئۇ دېمىسىمۇ ئاتامنىڭ نەزەرىدە پەقەت بىر شەكىلەلا بار، مەن خەقنىڭ بالىسى ئىدىم. ئوقۇشنى قانچىلىك تەستە تاماملىغىنىم، ئاتىلىق مېھرىنىڭ قانداقلىقىنى ھېس قىلمىغىنىم ئاز كەلگەندەك، ئاناممۇ ئىككى گەپنىڭ بىرىدە شەكىلەنىڭ غېمىنى يەۋاتاتتى. ئانام چىرايىمنىڭ ئۆڭگىنىنى، كەيپىياتىمنىڭ بىردىنلا ئوساللاشقانلىقىنى ھېس قىلغان چېغى، سۆزىنىڭ داۋامىنى ئوڭشىۋالغانىدى. I)q"M]~ −−ئاتاڭنىڭ مىجەزىنى بىلىسەن، ئۇ سېنى ئەركىلىتىپ باقمىغىنى بىلەن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرىدۇ. :HkXsZ ئانامغا بۇ سۆزلىرىڭگە ئىشەنمەيمەن دېيەلمەيتتىم. بۇ دۇنيادا ئۆز بالىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغىمۇ ئىشەنمەيتتىم. ئاتام مېنى شەكىلەنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرەلمىسىمۇ، يامان كۆزىدە قارىمايتتى. cSYMnB −−ئاتاڭنىڭ ساڭا ئېيتىدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى، شەكىلە كەلگەن كۈنى دېمەكچى بولغان. قېرىشقاندەك بۇ بەختسىزلىكنىڭ ماراپ تۇرغىنىنى دېمەمدىغان، شۇ گەپلىرى قورسىقىدا قېلىپ، قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلسەڭ ئىدى، ئاتاڭدىن يەنە ئاغرىنىپ يۈرمىگەن بولاتتىڭ! [Lq9lw&
−−مەن ئاتامدىن ئاغرىنمايمەن، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يۈرىكىدىكىنى ئېيتالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. ئۇ ھەممە گەپلىرىنى دەيدىغان، ئاتىلىق مېھرى بىلەن پېشانەمگە سۆيىدىغان كۈن چوقۇم كېلىدۇ! 8t=O=l\ −−ئىلاھىم، تىلىگىنىڭ كەلسۇن، بالام! ئاللا بىز ئۈچۈن قىلغانلىرىڭنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. H! 5Ka#B ئانام ئۇزاق دۇئادىن كېيىن بېشىمنى ئىككى ئالىقىنى ئارىسىغا ئېلىپ پېشانەمگە سۆيۈپ قويغانىدى. ئۇنىڭ سۆيۈشى بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك ۋە ئوتلۇق بولمىغىنى بىلەن، شۇ قەدەر مېھىرلىك بولۇپ بىر خىل رازىمەنلىك، سۆيۈنۈش ۋە قىيالماسلىق بار ئىدى. qTRP2rH,L& −−ئەمدى يولغا چىققىن، ئۆيۈڭگە بارغۇچە كەچ قالىسەن، كۈيۈئوغۇل بالام ئەنسىرەپ كەتمىسۇن! ;<[!;8 −−ئاتامنىڭ يېنىدا يەنە بىردەم ئولتۇرۇۋالاي، ئۆيدە كەچلىك تاماق قىلىپ بېرىدىغانغا شەكىلە بار ئەمەسمۇ! G~.VW48{n ئاتام بىلەن خوشلىشىپ بولغان بولساممۇ، ئانامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداقلا كەتكۈم كەلمىگەنىدى. قول سومكامنى پېشايۋان ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان چەللىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئېسىپ قويۇپ، ئاتام ياتقان ئۆيگە كىردىم. ئاتامنىڭ كۆزلىرى ياشلانغان بولۇپ، ئانام بىلەن ھويلىدا قىلىشقان گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇ خۇددى مېنى باغرىغا باسقۇسى باردەك، غۇلاچلىرىنى كەڭ ئېچىشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئاتامنىڭ بار كۈچىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، پالەچ بولۇپ قالغان ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى جەزم قىلغىلى بولاتتى. مەن ئۆزۈمنى ئاتتىم، ئاتامنىڭ قۇچىقىغا −− بىردەم بولسىمۇ ئاتا مېھرىنى ھېس قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن قۇچاققا ئۆزۈمنى ئاتتىم. [tSv{
مەن ئۆزۈمنى ئاتامنىڭ باغرىدا ئەڭ بەختلىك قىزلاردىن سانىدىم. قەلبىمدىكى بارلىق قاراڭغۇلۇق يوقاپ، يېڭى ئاتقان تاڭدەك جۇلالىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئاتام ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈشكە ئامالسىزلىقىغا تەن بەرگۈسى يوقتەك، ھەدېگەندە بار غەيرىتىنى كۆرسىتىپ باقاتتى. مەن ئىچىمدە »ھېس قىلدىم، ئاتا! مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم« دەپ شىۋىرلىغانچە، ئاتامنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلايتتىم، پېشانەمنى ئېڭەكلىرىگە توختىماي سۈركەيتتىم، نەملەنگەن يۈزلىرىگە يۈزۈمنى ياقاتتىم. g\/|7:yB] ئان−ام قولۇمدىن تارتىۋەرمىگەن بولسا ئاتامنىڭ باغرىدىن ئايرىل−غۇم ي−وق ئىدى. بۇ ئانامنىڭ بەك كەچ قالماسلىقىمنى ئەسكەرتكىنى بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىگەنىدىم. ئۇنىڭغا مېنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىمنى چۈشەنگەن، ئۆز خاھىشىمغا قويۇۋەتكەن بولسىڭىز، مەن ئاتامنى باغرىم قانغۇچە قۇچاقلىۋالاي، بىرەر قېتىم كەچ قالغانغا سەردار مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتمەس ئىدى، دېگۈم كېلىۋاتاتتى. F?MVQ!K* سەردار بىرئاز خاپىغان كۆرۈنەتتى، كەچرەك قايتقىنىم ئۈچۈنمۇ ياكى تاماقسىز قالغىنى ئۈچۈنمۇ، ئىشىكتىن كىرگىنىمدە قاراپمۇ قويمىغانىدى. شەكىلەنىڭ بۇ كەچتە قەيەرگە قېچىپ كەتكىنىنى بىلمەيتتىم. مەلىكەم بىلەن كارى بولمىغىنى ئاز كەلگەندەك، يېزنىسىگە تاماقمۇ قىلىپ بەرمىگەنىدى. سەردارغۇ چوڭ ئادەم، بىرەر قېتىم ئاچلىققا چىداپ كېتەر، ئەمما مېھمانخانا ئۆينىڭ ئوتتۇرىدا ئاچ قورساق ئۇخلاپ قالغان مەلىكەمگە قاراپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتكەنىدى. سەردارمۇ مېنى كۆرسۇن دېگەندەك، بالىنى ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ قويمىغان، ھەتتا ئۈستىگە بىر نەرسە تاشلاپ قويۇشقىمۇ قارا بولغانىدى. (QqeMG,Y −−مۇشۇمۇ بىر ئاتىنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟ بالىغا ئازراق بولسىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىمىدىمۇ؟ −− دېدىم ئۆزۈمنى يىغىدىن تەستە تۇتۇۋېلىپ. xJ:Am>%\^ −−شۇنداق، ئاتا بولۇشنى ئاسان دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ياخشىراق ئويلىشىدىكەنمەن! L:lnm9< سەردارنىڭ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ باردەك قىلاتتى. كۆزلىرى يەنىلا مەندە ئەمەس، ئادەتتە كۆپ كۆرۈپ كەتمەيدىغان تېلېۋىزوردا ئىدى. 1uA-!T*e> −−بۈگۈن گەپلىرىڭىز بىرئاز غەلىتە تۇرامدۇ نېمە، بىرەر خاپىلىقىڭىز يوقتۇ؟ −− دېدىم مۇلايىملىق بىلەن. T?u*ey~Tv −−مەندە خاپىلىق نېمە قىلسۇن، خاپىلىقنى ئۇنتۇپ كەتكەن تۇرسام. rSW{1o' −−تەنە سۆزلىمەي، كۆڭلىڭىزدىكىنى ئۇدۇللا دېسىڭىز نېمە بولار! J(XK%e[8 −−مەندە كۆڭۈل ئۆلگەن ئوخشايدۇ. d+eb![fi سەردارنىڭ توڭ تېگىشى، قۇچىقىمدىكى مەلىكەمنىڭ سوغۇقتىن تىترىشى ۋۇجۇدۇمغا بىر سوغۇق ئېقىم باشلاپ كىرىۋاتاتتى. سەردار ھەرقانچە ئىش بولۇپ كەتسىمۇ بۇنداق قوپال مۇئامىلىدە بولۇپ باقمىغان بولغاچقىمىكىن، كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭ تەرسالىق كېسىلى تۇتۇپ قالدىمىكىن دېسەم، چىرايىدا كېسەللىك ئىپادىسى كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ مەندىن قېيىداپ قالغىنىنى، بۇ ئارقىلىق ماڭا ئاز - تولا بولسىمۇ »مېنىمۇ ئويلاپ قوي« دېگەندەك، تەنبىھ بەرگۈسى بارلىقىنى پەرەز قىلىۋاتاتتىم. u8y('\( −−كۆڭلىڭىز ئۆلگەندەك ئەمەسقۇ، كۆزلىرىڭىز ماڭا قېيىداۋاتقانلىقىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتمامدۇ. كۆزۈمگە قاراڭا، ئۇ مەندىن يۈز ئۆرىدىمىكىن، ئوبدان بىر قاراپ باقاي! ,Qe`(vU*s −−مېنىڭ كۆزۈم خائىن ئوخشايدۇ. 0~Z>}( سەردار مېنىڭدىن بۇرۇن كۈلۈۋەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭ خاپا بولۇشنى قاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى، يالغاندىن قېيىدىغان بىلەن بىردەمدىلا كۈلۈپ تاشلايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم، بۇ قېتىممۇ ئۇ مېنىڭ ئازراق ئەركىلىشىمگە تەسلىم بولغانىدى. $a>,sL&; −−شەكىلەنى بىر يەرگە ئەۋەتكەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە »شەكىلە قېنى« دەپ سورىيالمايتتىم. چۈنكى، ئۇلار ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەت تېخى ئاخىرلاشمىغان سەردارنىڭ ئوچۇق چىرايى ۋە خۇش چاقچاقلىرى شەكىلەگە نېسىۋە ئاتا قىلىدىغان كۈنلەر كەلمىگەنىدى. سەردار بۇ سوئالىمغا جاۋاب بەرگۈسى يوقتەك، مۈرىسىنى ئېتىپ قويۇپلا ئۈن چىقمىغانىدى. مەن ئۇ راستتىنلا بىلمەمدىغاندۇ ياكى ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايۋاتامدىغاندۇ دەپمۇ ئويلىدىم. تېلېفون ئۇرۇپ بېقىشنى باھانە قىلىپ، سەردارنىڭ ئېغىزىدىن ھەقىقىي گەپنى ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم. شۇڭا يانفونۇمنىڭ توكى تۈگىگەنلىكىنى ئېيتمىدىم، سەردارنىڭ »ئۆزۈڭنىڭ يانفونىچۇ« دېمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. @k>}h\w −−يانفونىڭىزنى بېرىڭا، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ باقاي! -/Pg[Lx7Pb −−مەن نەچچە رەت تېلېفون قىلدىم، ئۇ يانفونىنى ئۆيگە قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. 9&}$C]` −−نەگە چىقىپ كېتىپتۇ، بۇ كەچتە! mN?y\GB −−بىلمىدىم. ماڭا ئېيتىپ قويىدىغان ئادەممۇ ئۇ! .8Eh[yiln −−بىر نەرسە دېمىگەن بولسىڭىزلا؟ U;
-2)+ −−مېنى يەنە كونا خاماننى ئەزۋەيلىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ ?='2@@8; −−ياقەي، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن. 6mp8v`b −−بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۇنى ئالىدىغان ئوغرىنىڭ يۈرىكى ئون ئەمەس! سېرىقئاش ئەكىرىمەن، دەپ چىقىپ كەتكىنىگە خېلى بولدى. Me;XG?` ئۇ ئاخىر شەكىلەنىڭ دېرىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. مەن ئۇنىڭ بۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئاداۋەت ساقلىمايدىغانلىقىنى، ئەپۇچان، كەڭ قورساق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. 2|`7_*\ −−ئۇنى كەچۈرۈۋېتىپسىز - دە؟ P^(uS'j)+ −−ئۆزىڭىز »كىچىك بالا بىلەن تەڭ بولماڭ« دېگەندەك بىر گەپنى قىلغانغۇ دەيمەن، خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن! ":v^Y
9 سەردارنىڭ كۈلۈمسىرىشى ئۇنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك يەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى، شۇنداق بولغاچقىلا مەن ئۆزۈمنى بەختلىك ھەم تەلەيلىك ھېسابلايتتىم. ئەينى ۋاقىتتا تەشەببۇسكار بولغانلىقىم، قىزلىق غۇرۇرۇمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلانماي كېلىۋاتاتتىم. *.us IH2 −−ھە راست، ئاتىمىزنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بارمۇ؟ مەن بىللە بېرىپ كېلەي دېسەم... )7c/i+FsC سەردار سۆزىنى قاق يېرىمىدا توختىتىپ، داۋامىنى ئېيتىش - ئېيتماسلىقنى مېنىڭدىن سوراۋاتقاندەك كۆزلىرىمگە مەنىلىك قاراۋاتاتتى. ئۇنىڭ مەن بىلەن بىللە بارغۇسى بارلىقىنى، ئەمما يول قويمىغانلىقىمنى بىر دەۋالغۇسى بارلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ كۆڭلىدە مېنى ئەيىبلەش ئارقىلىق، كۈيۈئوغۇللۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىغىنى ئۈچۈن، ئاتا - ئانامنىڭ ئۆزىنى باشقىچە ئويلاپ قالغان - قالمىغانلىقىنى ئۇقۇپ باقماقچى بولۇۋاتاتتى.
- + سەردارنىڭ سۆزىنىڭ داۋامىنى ئۆزۈم ئېيتىپ بەرگىنىمدە، ئۇ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپلا قالماي، ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق دېمەكچى ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ئەقلىمنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە سۆزىنى قەستەن ئۈزۈپ قويغانلىقىنى قايتا - قايتا قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدى. ئۇنىڭ تەكەللۇپ قىلىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ، ئۆزۈمچە كۈلۈپ تاشلىغىنىمنى دېمەمدىغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ شەيتانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى سەردارنىڭ كۆڭۈل ئاياشقا بارغانسېرى ئۇستا بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا مەستلىكىمنىڭ كەلگەنلىكىدىن ئىدى. سەردارنىڭ كۈلكەمنى قانداق مەنىدە چۈشەنگەنلىكىنى بىلمىدىم. كۆزلىرىمگە قاراشلىرىدىن ھەرھالدا بۇ كۈلكەمنىڭ مەسخىرە كۈلكىسى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلگەنىدىم. مەن پەقەت ئۇنى قەستەن تەقەززا قىلىشنى، ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىمگە ئۇزاقراق قارىشىنى ئويلاپ، ئالدىراپ ئۈن چىقارمايۋاتاتتىم. Cl6P,C −−قېيىنئاتام مېنى سورىمىدىما؟ 9y'To JZ6 ئۇ كۆزلىرى ئارقىلىق گەپ ئالالمىغاندىن كېيىن، سوئال سوراشقا باشلىغانىدى. 5Vc~yM
z −−مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا، قىزىمىزنىغۇ سورىغاندۇ؟ g& ou[_A ئۇ ھەر بىر سوئالنى تاشلاپ بولۇپ كۆزلىرىمنىڭ ئىچ - ئىچىگە تىكىلەتتى. جاۋابىمنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزلىرىدىن كۆزلىرىمگە تۆكۈۋاتاتتى. FM=XoMP q −−ئاتام سىز كۆرگەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ئەسلىگە كەلمىكى بەك ئاستا بولۇۋاتىدۇ. شۇ ئانام بىچارە... J8B0H1 سەردار ھەر قېتىم ئاتام تىلغا ئېلىنسىلا كۆز يېشى قىلىدىغىنىمنى بىلىدىغان بولغاچقا، سۆزۈمنىڭ توختاپ قالغىنىنى، كۆز يېشى قىلغىنىمنى توغرا چۈشىنەتتى. مېنىڭ بۇ دۇنيادا كۆز يېشى ئارقىلىق دەردلىرىمنى تۆكۈپ بېرىدىغان ئادىمىممۇ شۇ سەردار ئىدى. bN&DotG −−ئانىمىز ھەرگىزمۇ بىچارە ئەمەس، بىز ئۇلارغا غېرىبلىق ھېس قىلدۇرمايمىز. )xL_jSyh سەردار تەسەللىگە شۇنداق ئۇستا ئىدى، كۆز ياشلىرىمنى ئالىقانلىرى بىلەن سۈرتۈپ، ئاتامنىڭ چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئانامنىڭ يەنە كۈلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك بەزلەپ قوياتتى. hh$i1n −−ئۇلار سىزدىن مىڭ مەرتىۋە رازى؟ DZ Q=Sinry −−ئەلۋەتتە رازى بولۇشى كېرەكتە، مەن دېگەن يالغۇز ئوغۇل تۇرسام! YCd[s[ −−كىم سىزنى يالغۇز ئوغۇل دەيدۇ؟ ئوغۇلدىن قېلىشقىچىلىكى يوق ئۈچ قىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! &z(E-w/S سەردار دائىم ئۆزىنى بىزنىڭ ئۆيگە »يالغۇز ئوغۇلمەن« دەپ چاقچاق قىلاتتى ھەم ئوغۇللۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. مەيلى ئاتامنىڭ، مەيلى شەكىلەنىڭ ئىشىدا بولسۇن، بىرەر قېتىم نارازى بولۇپ باقمىغانىدى. شۇڭا ئانام كۆرگەنلا ئادەمگە: »ماڭا ئاللا ئالتۇندەك بىر كۈيۈئوغۇل ئاتا قىلغان« دەپ ماختىناتتى. OWRT6R4v −−مەن كەچلىك بازارغا قاراپ باقاي، شەكىلە يەنە بىرەرسى بىلەن... _c4kj سەردارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنى ماڭا ئايان ئىدى. دېمىسىمۇ شەكىلەنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە بىرئاز ئايىغى چىقىپلا قالماي، يانفوندا سۆزلىشىشلىرىمۇ باشقىچە سىرلىقلىشىپ، بىكار بولسىلا يانفونىنى ئوينايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش يالغۇز مېنىلا ئەمەس، سەردارنىمۇ گۇمانغا سېلىپ قويۇۋاتاتتى. سەردار شەكىلەنى ئىزدەپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، قۇچىقىمدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان مەلىكەمنى ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتتۈم. E9IU,P6a بۇ ناھىيە بازىرىدا بەك چوڭ بولمىسىمۇ ئۆزىگە يارىشا خېلى قىزىيدىغان، توخۇ سۈتىدىن باشقا نەرسە تېپىلىدىغان، خېرىدارى ئۈزۈلمەي تۈن يېرىمىگىچە تاقالمايدىغان بىر كەچلىك بازار بار ئىدى. بۇ بازارنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىسەممۇ، بۇ يەردىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەننىڭ بۇ بازارغا باشقىچە مېھرى بارلىقىنى بىلەتتىم. ئۇلار ھەر كۈنى بۇ كەچلىك بازارنى بىر قۇر ئايلانمىغۇچە، كۆڭلى تارتقان بىرەر نەرسە يېيىشمىگۈچە ئۆيلىرىگە قايتىشمايتتى ياكى ئۇخلىيالمايتتى. نېمىشقىكىن، مەن بۇ بازارنى دېگەندەك ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم. سەردار زورلاپ ئېلىپ چىققان ۋاقىتلاردا، ئامال بار تېزرەك قېچىشنىڭ غېمىدە بولاتتىم. مېنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك سەردار يەرلىك ئادەملەرگە ئوخشاش، بۇ بازارنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىدى. (}W+W\. سەردار بۇ يەرگە مېنىڭدىن بۇرۇن كەلگەچكىمىكىن، ئۇنىڭ تونۇشلىرى ۋە دوست - يارەنلىرى كۆپ ئىدى. كۈندە بولمىسىمۇ ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئاشۇ بۇرادەرلىرى بىلەن كەچلىك بازارنىڭ ئاۋاتلىقىغا ھەسسە قوشۇپ تۇراتتى. بەزەن كۈنلىرى قۇرۇق قول ئۆيگە كىرگۈسى كەلمىگەندەك، سېرىقئاش ياكى قوي پاچىقى ئالغاچ كىرەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئادىتىنى ئامال بار توسۇپ تۇرۇۋاتقان، كەچلىك بازارنىڭ يېمەكلىرىگە ئىشتىھايىمنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىۋاتقان بولساممۇ، كۆڭلۈم ئۇنىمايدىكەن دېگەن باھانە بىلەن ئېغىزىمنى ئېتىپ تۇراتتى. »ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك« دېگەندەك شەكىلەمۇ بۇ كەچلىك بازارغا ئامراق چىقىپ قالغانىدى. ADTx _tE دېرىزىدىن نەچچە رەت قاراپ بولغانىدىم. سەردار بىلەن شەكىلەنىڭ كۆلەڭگىسى ھېچ كۆرۈنمەيتتى. ئۇلارنىڭ مىجەزىدىن ۋە كەچلىك بازارغا خۇمارلىقىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تېخى قايتىدىغان ۋاقتىغا يەنە بار ئىدى. چارچىغانلىقتىنمۇ ياكى ئۇلار ئېلىپ كېلىدىغان سېرىقئاشقا زوقۇمنىڭ يوقلۇقىدىنمۇ يېنىم يەر تارتىشقا باشلاۋاتاتتى. G% |$3 * * qgT~yDm ئاتامنىڭ ئۆزىنى سۇپىدىن يەرگە ئېتىلىۋېلىشى كىمنىڭ خىيالىغا كەلسۇن ! ئانامنىڭ ئەنسىز ئاۋازى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئالغانىدى. خېمىر يۇقى قولۇمنى پ−ەشتامىغا سۈرتۈپلا سەردارنىڭ بىردەم كۈتۈپ تۇرۇڭ دېگىنىگە قۇلاق سالماي، يولغا چىققىنىم ئۈچۈن مىليون قېتىم پۇشايمان قىلغاندىمەن. يېرىم يولغا كەلگەندە يانفونۇم سايراپ، تونۇش نومۇر يەنە لىپىلداشقا باشلىغاندا، يۈرىكىم ئېغىزىمغا تېخىمۇ تىقىلىپ كېتىۋاتقاندەك بولدۇم. تىترەۋاتقان قوللىرىم بىلەن ناھايىتى تەسلىكتە قوبۇللاش كۇنۇپكىسىنى باستىم. يانفوندىن مەن كۆپ ئاڭلىغان بىر ئاۋاز كېلىۋاتاتتى. u?(@hUV. −−قەيەرگە كەلدىڭىز قىزىم، ئاتىڭىز بەك قىينىلىپ كەتتى. pyvH [ كۆڭلۈم بىردىنلا پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى، چۈنكى قوشنا ئايالنىڭ ئاۋازىدىن ئاتامنىڭ تېخى ھاياتلىقىنى بىلگەنىدىم. مەن بىردەم نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي سۈكۈتكە چۆمگىنىمدىن قوشنا ئايالنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغانىدىم. يانفوندىن قايتا - قايتا »ۋەي، ۋەي!« دېگەن ئاۋاز كېلىشكە باشلىغاندا، ئېسىمنى يېغىپ جاۋاب بەرگەنىدىم. }Y}f73-| −−ئاز قالدىم، ئاتام تېخى... B0h|Y.S8%1 قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتكەن بولغاچقا، سۆزۈمنىڭ داۋامىنى يۇتۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامنىڭ ھايات - ماماتلىقىنى سوراشنىڭ ئۆزىمۇ قىيىن ھەم ئەخمىقانە سوئال ئىدى. بىردىنلا سەردارغا تېلېفون قىلىۋېتىشنى ئويلاپ قالدىم - يۇ، يانفونۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بولۇپ رايىمدىن ياندىم. قەلبىمدىكى ئەنسىزلىك بىرئاز پەسەيگەندەك قىلغان بىلەن، ئاتامنى كۆرمىگۈچە خاتىرجەم بولمايتتىم ھەم بىر قارارغا كېلەلمەيتتىم. سەردار شەكىلە بىلەن قىزىمنى ئېلىپ يولغا چىقىپ بولغان بولسا، كەينىگە قايتىپ كېتىشنى ئېيتساممۇ پايدىسى بولمايتتى. ئۇ مېنىڭ بۇ گېپىمنى ئاڭلىسا، ئەيىبلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇلار كەلسە كېلىۋەرسۇن! مۇشۇ باھانىدە ئاتام شەكىلەنى بىر قېتىم باغرىغا بېسىۋالسۇن. &d%\&fCm( ماشىنا شۇنداق ئاستا مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، شوپۇر ئۇستامنى بىر قانچە قېتىم ئالدىراتقان بولسام كېرەك، كەينى تەرەپتە ئولتۇرغان ئايالنىڭ: »بالىلىرىمىز ئۈچۈن بىزنىڭمۇ ياشىغۇمىز بار« دېگەن سۆزى ئىزادا ئۆلتۈرگەنىدى. ئۇلارغا چۈشەنچە بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيتتىم. »ئاتام تۈگەپ كەتكەن« دەيمەنمۇ ياكى »ئاتامنىڭ ھايات - ماماتىنى تېخى بىلمەيمەن« دەمدىم! نېمىلا دېمەي، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شوپۇر ئۇستامنى ئالدىرىتىشىمنى خالىمايتتى. ; _ziRy مەھەللىگە كىرىدىغان يولغا كەلگەندە سەرداردىن تېلېفون كەلدى. ئۇنىڭ قايسى يول بىلەن ماڭغىنىنى بىلمىدىم. مەندىن بۇرۇن كېلىپ بولغانىكەن. يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇشتىن توختىغان بىلەن، چىرايىمغا چىقىپ كەتكەن جىددىيچىلىك تېخى يوقالمايۋاتاتتى. مەھەللىدىكى تونۇشلارغا باش لىڭشىتىپ سالام بېرىپ، قىيا ئوچۇق تۇرغان دەرۋازا ئالدىدا بايام تېلېفون قىلغان قوشنا ئايال بىلەن ئۇچراشقانىدىم. ئۇنىڭ چىرايىدىن كۆرگىنىم مەيۈسلۈك ۋە ئەپسۇسلىنىش بولغان بولسا، ئېغىزىدىن ئاڭلىغىنىم: »قىزىم، بارچە كەلگۈلۈك ئاتا - ئانىڭىزغىلا كېلەمدىغاندۇ؟ ئۇلار زادى نېمىنى خاتا قىلغان بولغىيتتى!« دېگەن سۆزلەر بولغانىدى. مەن ئۇنىڭغا نېمە دېيەلەيمەن، شۇ دەقىقىدە پۈتۈن ئەس - يادىم تېزرەك ئاتامنىڭ دىدارىنى كۆرۈشتە تۇرسا، كاللامغا بىرەر نەرسە كەلسۇنمۇ! %Z8'h\| ئۆي ئىچىدىن ئانامنىڭ يىغا ئاۋازى ئەمەس، بىر خىل قاتتىق ئاغرىقتىن ۋايسىغان ئاۋازى كېلىۋاتاتتى. ئاتامنىڭ ئاغرىق ئازابىنىمۇ ئېغىزىدا بايان قىلالمايدىغىنى ماڭا ئايان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھالىنىڭ نىچۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھېس قىلالايتتىم. ئاتامنىڭ يېنىدا بىر قولى بىلەن بېلىنى تۇتۇپ ياتقان ئانام توختىماي ئىڭرايتتى. ئاتامنىڭ ھالى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولۇپ، ساق قولىنىمۇ كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان چېغى، ھەر قېتىمقىدەك قولىنى كۆتۈرۈپ، مېنى قارشى ئالالمىغانىدى. ئۇلارغا قاراپ بىر نېمە دېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يا كۈلۈشنى، يا يىغلاشنى قاملاشتۇرالمايدىغان ئادەمدەك تۇرۇپلا قالغانىدىم. سەردارنىڭ ئانامدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقىنى قۇلىقىمغا بەزەن كىرىپ، بەزەن كىرمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئاتام نېمە ۋەجىدىندۇر ئۆمىلەپ سۇپىنىڭ قىرىغا كەلگەن ۋە پەگاغا يىقىلىپ چۈشكەن. ئانام ئۇنى يۆلەش جەريانىدا بېلىنى ئاغرىتىۋالغانىكەن. I
6'!b/ ئاۋۋال ئاتامنىڭ ئېڭىكىگە ئېقىپ قالغان شۆلگەيلەرنى سۈرتۈۋېتىپ، ئانامنىڭ بېلىنى يەڭگىل تۇتۇپ كۆردۈم. دوختۇرلۇقتىن قىلچە خەۋىرىم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈم بار ئىدى. ئەمما بەلنىڭ قايرىلغان يېرىگە قولۇم تەگكەندە، ئانامنىڭ ئىڭراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بارلىق ئاماللار بىلەن زورىغا بېسىپ كېلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى باشقۇرالماي قالغانىدىم. ئانام يەنە مەندىن غەيرەتلىك ئىكەن، ئۇ كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ماڭا تەسەللى بەرگەنىدى. zM(-f|wVI) −−قىزىم، كۆز يېشى قىلمىغىن! يۈرىكىم ئېزىلىپ كېتىدىكەن، پېشانەڭلەر ئوچۇق، بەختىڭلار بار ئىكەن. gN2oUbf8 ئانامنىڭ تەسەللىسى كۆز يېشىمنى توختاتماقتا يوق، پۈتۈن تېنىمنى تىترىتىۋەتكەنىدى. ئاتام مېنى بىردەم ئىچىنى بوشىتىۋالسۇن دېگەنمۇ ياكى باشقا بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقانمۇ قانداق؟ كۆزلىرىنىڭ قارىچۇقىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئىشىك تەرەپكە تىكىلىپ قالغانىدى. بەلكىم شەكىلەنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ قەلبىنى ئازابلاۋاتقان، ئاتىلىق مېھرى بىلەن تولغان يۈرىكىنى قوقاس كەبى داغلاۋاتقان بولسا كېرەك! مەن سەردارغا شەكىلەنى بىللە ئېلىپ كەلمىگەنمۇ، دېگەندەك سوئال نەزەرىدە قارىدىم. D4N(FZ0~ −−شەكىلە كەلگەن، ماشىنا ئۇقۇشقىلى چىقىپ كەتتى بولغاي، −− دېدى سەردار بۇ قارىشىمنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنگەندەك. w~q ]&
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاتامنىڭ كۆز جىيەكلىرىدە ياش ئەگىشكە باشلىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئاتامنىڭ شەكىلەنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. دوختۇرخانىدا ئۈچ ئاي كۈتتۈم، ئاتامنىڭ ئەرلىكىنى ئۇنتۇغان ھالدا پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئاتا قىلغانىدىم. بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا ئۆيۈمگە قايتالمىدىم، مەلىكەمنى يۇيۇندۇرۇپمۇ قويالمىدىم. سەردارنى بىر قانچە رەت كۆرگىنىم بىلەن، ئاياللىق ناز - كەرەشمە ۋە مۇھەببەتنىڭ شېرىن دەملىرىنى ئاتا قىلالمىغانىدىم. 'd|!Hr<2 ئاشۇ قېتىملىق يىقىلىپ چۈشۈش ئاتامغا ئوڭ تارتقاندەك قىلاتتى. ئۇ تۆت ئاي بولغاندا ئاز - تولا گەپ قىلالايدىغان، مەقسىتىنى ھەجىلەپ تۇرۇپ ئۇقتۇرالايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئانامنىڭ بەل ئاغرىقىمۇ توختاپ، ئاتامنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالايدىغان ھالغا يەتكەنىدى. باشلىقىمغا يەنە تېلېفون قىلىپ، رۇخسەت ۋاقتىمنى ئۇزارتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئانامنىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرى بۇ نىيىتىمدىن ياندۇرۇپ قويغانىدى. C23p1%#1 −−قىزىم، بالىنىڭ ئاتا - ئانىغا قەرزى بار دېيىلسە شۇنچىلىك بولار. ئەمدى ئۆيۈڭگە بېرىپ، ئۆزۈڭنىڭ ئاياللىق مەجبۇرىيىتىڭنى ئادا قىلغىن! بىز سېنىڭدەك بىر قىز چوڭ قىلغىنىمىزدىن يۈز مەرتە، مىڭ مەرتە رازى. E+ |K3EJ −−توپا ئاشاڭ، ئاتۇن بوسۇن، ئامىن! xMNQT.A ئاتامنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم. ئۆيۈمدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يېڭىلىقلارغا قاراپ، شەكىلەنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنگەنىدىم. تازىلىق ئۆيىدىكى غەلىتە پۇراق يوقالغان، دۆۋىلەكلىك قاچا - قۇچا، قالايمىقان تاشلانغان ئويۇنچۇقلار كۆزگە تاشلانمايتتى. ھەممە نەرسىلەر گۈل - گۈلىگە كەلتۈرۈپ تىزىلغان بولۇپ، بەزى سەرەمجانلار ماڭا ناتونۇش ئىدى. ئىشىكنى ئۆزۈم ئاچقۇچ بىلەن ئېچىپ كىرمىگەن بولسام، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە خاتا كىرىپ قالغاندەك، ھەۋەس بىلەن باقاركەنمەن. x
/CM)!U) »ئادەم دۇئا بىلەن كۆكلەيدۇ« دېگەندەك، ئاتام شەكىلەگىمۇ دۇئا قىلغان ئوخشايدۇ! ئۇنىڭ سىپايىلىقى ۋە مۇلايىملىقى ئۇز ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشقانىدى. سەردار بىلەن ئىككەيلەننىڭ ئامراقلىقى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. ناۋادا بۇ ئۆيگە ناتونۇش ئادەم كىرىپ قالغاندەك بولسا، سەردار ئىككىمىزنى ئەمەس، ئۇلار ئىككىسىنى ئۆي ئىگىسى دەپ ئويلاپمۇ قالاتتى. سەردار يېڭى توي قىلغان چاغلاردا ماڭا شۇنداق ئامراقلىق ۋە مەستلىك بىلەن قارايتتى. مەيلى ئىشقا ماڭغاندا ياكى ئىشتىن چۈشكەندە بولسۇن، مېنى سۆيىدىغانلىقىنى ئېسىمگە سېلىشنى ئۇنتۇمايتتى. نېمىشقىكىن ئۇ مېنى شۇنداق سۆيۈپ تۇرۇپ، بىرەر قېتىممۇ گۈل سوۋغا قىلىپ باقمىغانىدى. نېمىشقا گۈل سوۋغا قىلمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: -H-U8/W C −−سىز مېنىڭ نەزەرىمدە ھەرقانداق گۈلدىن ئېسىلسىز، گۈلگە گۈل سوۋغا قىلىشتەك ئەخمەقلىقنى مەن ھەرگىزمۇ قىلمايمەن، −− دېگەنىدى. 4SUzR\ ئۇنىڭ بۇ ئويىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىسەممۇ، مېنى گۈل كۆرۈپ، ھۇزۇر ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنەتتىم ھەم ئۇنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ ئېسىل گۈللەردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشاتتىم. سەردارنىڭ قايسى گۈلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىم، مېنىڭ گۈللەرنىڭ ئېسىلى بولۇشتىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىقىم بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئۇ ھېس قىلالايتتى ھەم بۇ ھەقتە ئويلىنىپ يۈرمەيتتى، شۇنداق بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇنىڭ قايسى گۈلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سورىمايلا بىلىۋالغانىدىم. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇ بۇ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەنىدى. :tbI=NDb سەردارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن توي خاتىرە كۈنىمىز بىر ئىدى. مەن سەردارغا نېمە سوۋغا بېرىشنى قارار قىلىپ بولالماي ئولتۇرغىنىمدا، ئۇ مەن ئويلاپ باقمىغان بىر سوۋغا تەلەپ قىلغانىدى. eSIG+{;& −−سانىيە، ماڭا پەقەت بىر دەستە گۈل لازىم. ئۆزىڭىز تاللاپ دەستە تىزغان بولسىڭىز! 1tO96t^d% گۈل دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، گۈلنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغان بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەردىن ھەيران قالغانىدىم. M8:i ] ئۇنىڭ بۇ تەلىپى ھاياتلىقىمدىكى بىر قېتىملىق سىناقتەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ راست ئېيتىۋاتقان ياكى چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك، كۆزلىرىگە قاراپ بىر پەس تۇرغان بولساممۇ، يەنە گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقچاق قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى راست سۆزلەۋاتقاندەك كۈلۈپ تۇراتتى. F6J]T6Y −−قېنى، قايسى گۈللەرنى مەيلىڭىز تارتىدىكىن، بۇ يەردە مەندىن ئېسىل گۈللەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. IkmEctAU سەردارنىڭ ئۆزىنى تاللىتىش ۋە تۇيۇقسىز گۈل سوۋغا ئالغۇسى كېلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، ئەتەي تەنە قىلغانىدىم. ئويلىغىنىمدەك سەردار ئۆزى ئېيتقان تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئۆزى يېشىپ بەرگەنىدى. Px-VRANZt −−ئانامنىڭ گۈلى، ئانام ياخشى كۆرگەن گۈلنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن. بۇ بىر دەستە گۈلنى ماڭا ئەمەس، ئانامغا تەييارلاڭ! بۈگۈن ئۇنىڭ مېنى تۇغقان كۈنى! |
58HPW9 سەردارنىڭ بۇنداق ئىنچىكە ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئۇ بىر ئەركەك بولۇپلا قالماي، يەنە ماختانغۇدەك ئېسىل ئوغۇل ئىكەن. گۈللەرگە قاراپ يۈرىكىم ھاياجاندىن يايراپ كېتىۋاتاتتى. قەلبىم كۈلگەن، ھۆرمىتىم ئاشقان بۇ يىگىت مېنىڭ، پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭ ئېرىم ئىدى. m2j&0z −−ئانام قانداق گۈللەرنى ياخشى كۆرەتتى؟ q>$MqKWM −−ياۋا گۈلنى ! بىراق بۇ يەردە ئۇنداق گۈللەر يوق، ئەتىرگۈل ئالايلى. سېرىقى ئارىلىشىپ قالمىسۇن، ئانام سېرىق رەڭنى ياقتۇرمايدۇ. QqA=QTZ} −−سېرىق رەڭنى نېمىشقا ياقتۇرمايدۇ؟ h_%q`y , −−مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، ئۆزى شۇنداق دەيدىغان! LhJUoX −−ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ھال رەڭنى كۆرسەم كەيپىم ئۇچىدىغۇ تاڭ! vMT f^V ئاق ۋە قىزىل رەڭدە چىرايلىق بىر دەستە گۈل تىزىپ چىققانىدىم، سەردار رازىمەنلىك بىلەن قولۇمدىن ئېلىپ: DB/~Z −−گۈلنىڭ تىزغان گۈلى باشقىچە بولىدىكەن، ئانامنى بىر خۇش قىلىدىغان بولدىڭىز - دە! −− دېدى. 'Gy`e-yB −−سىزگىمۇ بىر دەستە تىزىپ بېرەيمۇ؟ 0q}i5%m7 −−ماڭا سىز بولسىڭىزلا كۇپايە، كەچتە شۇ گۈلنىڭ بەرگىدىن ھۇزۇر ئالاي! H;/do-W[ −−قېلىن! *w+'I*QSt~ سەردارنى ئۇرماقچى بولۇپ قولۇمنى كۆتۈرۈشۈمگە، ئۇ مېنىڭدىن چاققان كېلىپ يۈزۈمنى چىمداپ قويۇپ كۈلگىنىچە قېچىپ كەتتى. مەن قوغلاپ يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن كەينىدىن يۈگۈردۈم. سەردار مېنى يېتىشىۋالسۇن دېگەندەك، بىردە قەدىمىنى ئاستىلاتسا، بىردە ئورنىدا توختاپ قوياتتى، مەن يېقىن كەلگەندە بولسا، يەنە قەدىمىنى تېزلىتىپ، زادى تۇتۇق بەرمەيۋاتاتتى. قوغلىشىش ئۇزارغانسېرى تاتلىق چاقچاق، شېرىن كۈلكە دىللارغا يەتكەنىدى. _~ شەكىلە كەتكەندىن كېيىن، تۇرمۇشۇمنى خېلى بىر چاغلارغىچە ئىزىغا سالالمىغانىدىم. سەردارنىڭ كوت - كوت بولۇپ قېلىشى مېنى بەكرەك چارچىتىۋاتاتتى. ئۇ ھېلى »بۇ لوڭقىنى شەكىلە بۇ يەرگە قوياتتى« دېسە، ھېلى »بۇ نەرسىنىڭ ئورنى بۇ يەردە ئەمەس ئىدى« دەيتتى. ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك بەزى نەرسىلەرنى ئۆز ئورنىغا قويمىسام، »شەكىلەدەك دېتىڭىز يوقكەن، چوڭ شەھەرلەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ئويىمۇ ئۆزگىچە بولىدىكەن« دەپ غۇدۇرايتتى. مېنىڭ كۆڭۈل ئاغرىقىم ياكى باشقىچە ئويلىشىم بىلەن ھېسابلاشمايتتى. مەيلى مەن نېمىلا قىلاي، ئۇ بىر نەرسە دېمەي قانائەت ھاسىل قىلمايتتى. ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى ياخشى كۆرمىسەممۇ، سەردارغا ئامال قىلالمايۋاتاتتىم. ئۆيلەرنى ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ سەرەمجانلاشتۇرسام، ئۆزۈم بىر خىل بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. ھەر ئادەمنىڭ گۈزەللىك قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، سەردار ئۈچۈنھەممىگە چىداشقا، بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىۋاتاتتى. u]yy%@U1 −−بۇ رەسىمنى قەيەرگە قويىمەن؟ g QBS#NY تويلۇق ئۈچۈن چۈشكەن رەسىمنى ياتاق ئۆيدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، سەردارنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغانىدىم. بىر رەسىمگە، بىر ماڭا قاراپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەيۋاتقاندەك قىسقا دەقىقىلىق سۈكۈتكە پاتقانىدى. مەن ئۇنىڭ يوليورۇق بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەردەك تېخىچە ئۆرە تۇراتتىم. سەردار مېنىڭ بۇ تۇرقۇمدىن بىرئاز ئېھتىيات قىلدىمۇ ياكى ئۆزىمۇ قايتا ئويلىنىپ قالدىمۇ، ناھايىتى پەس ئاۋازدا جاۋاب بەرگەنىدى. c.>f,vtcn −−بۇ رەسىم يەنىلا ئۆز ئورنىدا تۇرسا بولغۇدەك! Xt$qjtVM −−ياتاق ئۆي مۇزېيخانىغا ئوخشاپ قالغۇدەك بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئالماشتۇرۇۋېتەيلى! v!I z&M:z سەردار تەنە قىلغىنىمنى چۈشىنەتتى. ئۇ يېڭىغا ئالماشتۇرغان ياكى بىر يولىلا باشقىلارغا بېرىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەن ئۆز قولۇم بىلەن تاللىغان، ياقتۇرۇپ سېتىۋالغان نەرسىلەر بولغاچقا، رازىلىقىمنى ئالمايلا يوق قىلىۋەتكىنىگە ئاچچىقىم بار ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا باھانە كۆرسىتىپ، »ھەممىسى مودىدىن قالغان، ئاسارئەتىقىگە ئايلىنىپ قالاي دېگەن نەرسىلەر ئىكەن. ئۆيىمىزنى مۇزېيخانىدىن زامانىۋى تۈسكە باي سارايغا ئۆزگەرتىپ قويغۇنۇم گۇناھ ئەمەستۇ؟« دېگەنلىكى ھېلىھەم ئېسىمدە ئىدى. 4Sh8w%s سەردارنىڭ ئارتۇق گەپ قىلمىغىنى بىلەن ئىچىدە ئاچچىقى كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئاچچىقنى يەڭمەكتىن، ئېغىزىنى مەھكەم يۇمۇپ تۇرماقتىن باشقا ئامالىمۇ يوق ئىدى. ئۇ شۇ دەقىقىدە يەنە نېمە دېيەلىسۇن؟ يېڭىلىققا ئىنتىلىشنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا يولى بولىدۇ ئەلۋەتتە! بۇ ئۆي يالغۇز ئۇنىڭلا ياشايدىغان ۋە ھۇزۇر ئالىدىغان شەخسىي ئارامگاھى ئەمەس، بەلكى مېنىڭمۇ ھەققىم ۋە ھوقۇقۇم بارلىقىنى ئويلىشىشى كېرەك! مەن بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ھوقۇق كۈرىشى قىلماقچى ئەمەسمەن، ئەرلەر بىلەن تەڭ تۇرۇشنىڭ بىر مۇلايىم، چېچەن ئايال ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلاردىن ئەمەس ئىدىم. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويۇشنىلا ئويلاشقانىدىم خالاس! Zh8\B)0unn توي رەسىمى ئۆز ئورنىغا ئېسىلغان بىلەن سەردارنىڭ كۆڭلى ئۆز ئورنىدا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ كەچلىك بازارغا قاترايدىغان كۈنى بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى. قەيەرلەردىندۇ دوستلىرى، ساۋاقداشلىرى كېلىپ تۇرۇۋاتاتتى. ئۇلارنى مېھمان قىلىشقا ئۆيىمىزنىڭ دەرىجىسى توشمىغىنىغا ھەيران بولمايتتىم. سەردارنىڭ ئۆزى قايتا سەرەمجانلاشتۇرغان ئۆينىڭ كەچلىك بازارغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن. ئۇ بەك كەچ قايتاتتى، قولىدا بۇرۇنقىدەك يالتىراق خالتا بولمايتتى. P[fy ياتاق ئۆيگە كىرىشى مەنئى قىلىنغاندەك، مېھمانخانىدىكى سافادا ياكى قىزىمنىڭ ياتاق ئۆيىدە تاڭ ئاتقۇزاتتى. بەزەن غەرق مەست قايتقاندا، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان ھەسەل سۈيى شىرە ئۈستىدە سوۋۇپ قالاتتىكى، قولىغا ئېلىپ قويمايتتى. مېنى قۇچاقلىغۇسى بولمىسىمۇ، ئەقلى كېسىلگەن جىسمى بىلەن ماڭا تاشلىنىپ قوياتتى. p\I3 fI0i ئاتامنىڭ سۆزلەرنى دانە - دانە ئېيتىپ، پۇتىنى سۆرەپ بولسىمۇ ماڭالىغۇدەك بولۇپ قالغىنى بىلەن سەردارنىڭ شەكىلەنى ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى ئويلاپ قېلىۋاتقىنىنىڭ نېمە باغلىنىشى بارلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيۋاتاتتىم. سەردار ھە دېگەندە: Y#): 1C1 −−ئاتىمىز ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇدەك بولۇپ قالغىلى نىكەم، شەكىلەنى يەنە قاچانغىچە ئۇ ئۆيگە باغلاپ تۇرۇشنى ئويلاۋاتىسەن؟ −− دەپ سورايتتى. G,6`:l دەسلەپتە ئۇنىڭ مېنى بىردىنلا سەنلەيدىغان بولۇپ قالغىنىغا دىققەت قىلمىغانىكەنمەن. ئۇنىڭ بۇنداق ئاتاشنى كىملەردىن ئۆگەنگىنىنى، ئۆز تاللىشىغا يات ھالدا نېمىشقا بۇنداق ئاتاشنى لايىق تاپقىنىنى بىلمىدىم. قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلىرىمىزدا ئۇنىڭدىن مېنى »سەن« دەپ ئاتاشنى ئۆتۈنگەنىدىم. بىراق، ئۇنىڭ ئۆزى بۇ پىكرىمگە قارشى چىققان ھەم »سىزنى ھۆرمەت قىلمىغاندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن« دېگەنىدى. ئەجەبا بۇ كۈنگە كەلگەندە ئۇ مېنى راستتىنلا ھۆرمەت قىلمايدىغان بولۇپ قالغانمىدۇ؟ ئايالىنى ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇنىڭ ئەخلاق مىزانىغا، ئادىمىيلىك ئۆلچىمىگە توغرا كەلمەيتتىغۇ! ^4JK4+!Zfq −−شەكىلەنى تالالىق قىلىدىغان گەپنى دەمسىز ياكى بۇ يەرگە كېلىپ قىزىمىزغا قارىسۇن دېمەكچىمۇسىز! 6qV1_M# −−ياتلىق قىلىدىغانغا تېخى بۇرۇن، يەنە ئوقۇسۇنمىكىن دەۋاتىمەن. : @gW3' −−يەنە ئوقۇتۇشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ، ئاتامنىڭ كۈنى تېخى شۇنداق تۇرسا! Jn&u | |