(@Bm2gH داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇنجى رومانى “قۇم باسقان شەھەر” نەشر قىلىنىپ 16 يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ 2 - رومانى “سالچىلار” 2012 - يىلى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يازغۇچىنىڭ تۇنجى رومانى زور شۆھرەت قازانغان بولغاچقا، ئۇ خېلىدىن بېرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت ۋە ئۈمىد نەزەرىدىكى يازغۇچى بولۇپ كەلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ 2 - رومانىنى كۆرۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن. مەنمۇ شۇ خىلدىكى تەقەززالىق تۇيغۇسى كۈچلۈك ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن “سالچىلار” رومانى نەشر قىلىنىش بىلەنلا ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئەمەلىي تەسىراتىم سۈپىتىدە قولىڭىزدىكى بۇ دەسلەپكى تەنقىدىي ماقالەمنى يېزىپ چىقتىم. مېنىڭچە بۇ رومان بايان ئۇسلۇبى، سۇژىت قۇرۇلمىسى، ئىپادىلەش شەكلى، ئىدىيەۋى خاھىشى، چىنلىق ئاساسى، پېرسوناژلار خاراكتېرىنى يارىتىشى، تىل ئىشلىتىشى، ئىجتىمائىي ۋە بەدىئىي ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەستايىدىل تەنقىدلىنىشكە تېگىشلىك رومان ئىكەن. بۇنداق دېيىش بەزىلەرگە غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. P?F:x=@'| ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، ئەدەبىيات ساھەسىگە يېڭىدىن قەدەم ئېلىپ كىرىۋاتقان ھەۋەسكار ئاپتورلارغا نىسپىي ماس كېلىدىغان، ئەمما تونۇلغان ئەدىبلەرگە ئەسلا ماس كەلمەيدىغان “ئاۋۋال ئۇتۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاندىن كەمچىلىكىنى كۆرسىتىش لازىم” دېگەن ساددا قاراشنى ياقىلايدىغان “كۆڭلى ياخشى” ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەكسىچە پىرىنسىپچىل، تەلەپچان، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ، بولۇپمۇ رومانچىلىقنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ خاتالىقلارغا نىسبەتەن تەنقىدلەش ئېڭى ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە نىسبەتەن سۈرۈشتۈرۈش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولىدۇ. 5V0=-K ئۇلارنىڭ ئومۇملاشقان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ياخشىچاقلىق، بىپەرۋالىق كەيپىياتىغا قاتتىق ئىچى پۇشىدۇ. ئۇلار سۈپەتلىك ئەسەرلەر بىلەن سۈپەتسىز ئەسەرلەرنى تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈپ ئايرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەيلى كىمنىڭ ئەسىرى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئەدەبىي ئەسەرنى تەنقىدسىز قوبۇل قىلىش ئەدەبىياتنى خارابلاشتۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇتۇقى ۋە كەمچىلىكىگە ياتىدىغان تەرەپلەرنى ئىلمىي ۋە پاكىتلىق تەھلىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار بۇ خىلدىكى ئوبزورلارنىڭ يازغۇچى - شائىرلارغا مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى، ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇشنى ئۆگىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەنمۇ ئىلگىرىلەشنى، ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشنى ئويلايدىغان ئەدىبلەر پاكىتلىق، ئىلمىي تەنقىدلەردىن يېتەرلىك نەپ ئالىدۇ. Jc+U$h4 مەن گېرمانىيە پەيلاسوپى شوپىنخاۋېرنىڭ “سىلىق - سىپايىلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئۆز مەنىسىگە ئىگە. لېكىن ئەدەبىياتتا بىر خىل ياتلاشقان ھەمدە كۆپىنچە زىيانلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ” دېگەن قارىشىنى ياقلايدىغان ئوبزورچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەتەي كۆڭۈل ياساپ، ياخشىچاقلىق قىلىپ يۈرمەي “سالچىلار” رومانى ھەققىدىكى ئەمەلىي تەسىراتىمنى پاكىتلىق، ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرمۇ بۇ رومانىنىڭ مۇقەددىمىسىدە “ئەسەرنى كىتابخانلارغا ياققۇدەك قىلىپ يېزىپ چىقالىدىممۇ - يوق؟ بىلمەيمەن” دەپ يېزىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوبيېكتىپ تەسىراتى ۋە ئىلمىي، پاكىتلىق باھاسىغا بولغان ئوچۇق كۆڭۈللۈكىنى بىلدۈرگەن. IO4 IaeM شۈبھىسىزكى، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىرەر ئەسەرنى مەدھىيەلەپ مۇئەييەنلەشتۈرسۇن ياكى تەنقىدلەپ ئىنكار قىلسۇن، سۆزىدە ئاساس بولمىغان ئوبزورچى قۇرۇق گەپ قىلىدىغان ئوبزورچى ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ ماقالەمدە يۇقىرىقى پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىشكە تىرىشتىم. تەنقىدىم توغرا بولمىغان بولسا ئىلمىي، پاكىتلىق يېزىلغان رەددىيەنى ھەر زامان قوبۇل قىلىشقا تەييارمەن. =% p"oj]: يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر “سالچىلار” رومانىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بۇ روماننى يېزىشتىكى مۇددىئاسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق يازغان: d dPJx< «سال توختاپ بۈگۈنگىچە ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتتى. ئەينى يىللاردىكى پېشقەدەم سالچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالەمدىن كەتتى. ھايات قالغانلىرىنىڭمۇ ساقاللىرىنى ئاق ئارىلاپ بەللىرى مۈكچەيدى. دەريا بويلىرىدىكى سالچىلار بېسىپ ئۆتكەن ئاياغ يوللارنى ئوت - چۆپلەر بېسىپ، توقايلاردىكى سالچىلار ياققان گۈلخانلارنىڭ كۈللىرىنى شاماللار ئۇچۇرۇپ بولدى. بارا - بارا ئىنسانلارغا ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن سال ۋە سالچىلار ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر تارىخ، بىر كەسىپ، ئوت يۈرەك ئادەملەر توغرىسىدىكى بىر داستان ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى... مەن بۇ كىتابىمنى ئەنە شۇ سالچىلار تۇرمۇشىنى يورۇتۇپ بېرىشكە بېغىشلىدىم.» wcOAyo5(n ;Cw n1N9S بۇ باياندا يازغۇچىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك مۇددىئاسى ئەكس ئەتكەن. بىرى، ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بىر تارىخ، يەنە بىرى ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بىر كەسىپ، يەنە بىرى ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بىر توپ ئوت يۈرەك ئادەملەر توغرىسىدىكى بىر داستان. ئۇنداقتا يازغۇچىنىڭ “سالچىلار” ناملىق بۇ رومانى ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان “بىر تارىخ، بىر كەسىپ ۋە بىر توپ ئوت يۈرەك ئادەملەر توغرىسىدىكى بىر داستان” بولالىغانمۇ - يوق؟ مېنىڭچە بولالمىغان. ~^eAS; بىرىنچى، تارىخىي قىممىتى جەھەتتىن باھالىساق، بۇ روماندا تارىخىي تۇيغۇ دېگەن نەرسە يوق ھېسابتا. مەن ئىككى توملۇق بۇ روماننىڭ 1 - تومىنى ئوقۇپ بولۇپمۇ، يازغۇچىنىڭ ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەت ئەھۋالىغا بولغان قارىشىنى ئىپادىلەيدىغان بىرەر ئابزاس مۇھاكىمە ياكى باياننىمۇ ئۇچرىتالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئەقەللىيسى يازغۇچىنىڭ بۇ روماندا قايسى تارىخىي دەۋرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدىم. مانا بۇنىڭدىن ئەسەردە تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىلەنمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يامۇل، چېرىك، ئامبال، دوتەي، داچەن، تومپۇر دېگەن تارىخىي ئاتالغۇلاردىن 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ قىسمەن ئىجتىمائىي، سىياسىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشسەكمۇ، ئەمما كونكرېت قايسى دەۋر ئىكەنلىكىنى پەقەتلا بىلگىلى بولمايدۇ. ئادەتتە رومان بىر تارىخىي دەۋرنى، شۇ تارىخىي دەۋردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتنى ياندىن بولسىمۇ يورۇتۇپ بېرىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى توملۇق روماننىڭ 1 - تومىدا قايسى تارىخىي دەۋر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغان بىر ئۇچۇر بار دەپ قارالسا، مۇنۇ باياننى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ: g^idS:GtX5 «1944-يىلىدىن 1946 - يىلىغىچە شوتىدا تۇرغان ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى ئەينى يىللاردا جەڭچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، بۇ ئارىشاڭنىڭ ھەر بىر كۆزى ئۈستىگە ئايرىم - ئايرىم ئۆيلەرنى ياساپ، ھەر بىر ئۆي ئىچىگە يەنە يۇيۇنىدىغان، كىيىم - كېچەك سالىدىغان بۆلۈمچىلەرنى ئايرىم - ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارىشاڭ ئەتراپىغا يەنە داۋالىنىشقا كەلگەنلەر ئۈچۈن ياتاق ئۆيلەرنى ۋە بىر مەسچىت سالغان. بىزنىڭ يولۇچىلىرىمىز بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن يىللاردا تېخى ئارىشاڭ ئەتراپىدا بۇ قۇرۇلۇشلار يوق ئىدى» (984 - بەت.) Rm RV8 WJ6 بۇ نەقىلدە تىلغا ئېلىنغان يولۇچىلار قەشقەردىن ئىلىغا قاراپ سەپەر قىلغان ئۇلاغلىق كارۋان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەسەرنىڭ باش پېرسوناژى سەمەت، يانداش پېرسوناژى قۇۋان ئەزمە بىلەن ھۈسەن بايۋەچچە بار ئىدى. بىز يۇقىرىقى ئۇچۇردىن بۇ يولۇچىلارنىڭ مۇز داۋاندىن ھالقىپ ئىلى تەۋەسىگە قەدەم باسقان مەزگىلىنى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى چاغلار ئىكەن دەپ پەرەز قىلساقمۇ، ياڭ زېڭشىن دەۋرىمۇ، جىن شۇرېن دەۋرىمۇ، شېڭ شىسەي دەۋرىمۇ ياكى گومىنداڭ دەۋرىمۇ، بۇنى ئېنىق بېكىتىشكە ئامالسىز قالىمىز. “چېرىك”، “لەشكەر” دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ شېڭ شىسەي دەۋرىدىن ئىلگىرىكى زامانلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، شېڭ شىسەي دەۋرىدىن باشلاپ “ئەسكەر”، “ساقچى” دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش ئومۇملاشقانلىقىنى نەزەرگە ئالساق، پەرىزىمىز تېخىمۇ مۈجمەللىشىپ كېتىدۇ. دېمەك، روماننىڭ 1 - تومىدىن شىنجاڭنىڭ مۇئەييەن تارىخىي دەۋرىنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يازغۇچىنىڭ بۇ روماننى “ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر تارىخ توغرىسىدىكى داستان” سۈپىتىدە يېزىپ چىقىش مۇددىئاسىغا يېقىنمۇ كېلەلمىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. Hq~ 2,#Ue ئۇنداقتا روماننىڭ 2 - تومىدىمۇ تارىخىي دەۋر توغرىسىدىكى ئېنىق ئۇچۇر يوقمۇ؟ دەپ سورالسا، بۇ سوئالغا ئۇچۇر بار، ئەمما يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىسى يوق، دەپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالدى بىلەن بىزگە يەتكەن ئۇچۇردىن سۆز ئاچساق، 2 - تومنىڭ 620 - ۋە 628 - بېتىدە ئىپادىلەنگەن ئۇچۇرلار روماندىكى تارىخىي دەۋرنى 1940 - يىللارنىڭ بېشى، يەنى شېڭ شىسەي دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىكەن دەپ پەرەز قىلىشىمىزغا ئاساس بولالايدۇ: Kq*^*vWC «قۇربانجان بۇ يەرلىك مەمەتنىياز دېگەن بايلار بىلەن بىرلىكتە پۇل چىقىرىپ مەكتەپ ياسىتىپ، مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىن ئېشىپ قالغان ياغاچلارنى بۇ دەريا بويىغا يۆتكەپ كېلىپ، يەنە ئاقسۇ، چىكىرچى دېگەن جايلاردىن ياغاچ سېتىۋېلىپ بۇ كۆۋرۈكنى سالدۇرغانىكەن. شۇ قۇربانجان بىلەن مەمەتنىياز دېگەن بايلارنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كېيىن كۈمۈش مېدال بىلەن ت−ارتۇقلىغان دېيىشىدۇ» (620 - بەت) aZ'p:9e vD(;VeW[ تېكەس ۋە موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىرىدە “قۇربانجان كۆۋرۈكى” دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ كۆۋرۈكنى قۇربانجان دېگەن باي پۇل چىقىرىپ تېكەس دەرياسىغا ياساتقانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات تۈرلۈك ماتېرىياللاردا بىردەك بولسىمۇ، ئەمما ياساتقان يىلى توغرىسىدىكى مەلۇمات بىردەك ئەمەس. “تېكەس ناھىيە تارىخ ماتېرىياللىرى”نىڭ 3 - سانىدا “1934 - يىلى ياسالغان” (51 – بەت) دەپ يېزىلغان. “ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى”نىڭ 15 - قىسمىدا “1933 - ، 1934 - يىللاردا ياسالغان” دەپ يېزىلغان. خەپىز ساتتار سالىخنىڭ “ئىلى دەرياسىنىڭ تارىختىكى سۇ قاتناش ئىشلىرى” دېگەن ماقالىسىدىمۇ “1933 - ، 1934 - يىللاردا ياسالغان” دەپ يېزىلغان. ئەمما 2012 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان “جەننەت ماكان - ئىلى” دېگەن كىتابنىڭ 451 - بېتىدە “1937 - يىلى ياسالغان” دەپ يېزىلغان. مەن بۇ تۆت مەنبەنىڭ ئىچىدە “جەننەت ماكان- ئىلى” دېگەن كىتابتىكى ئۇچۇرنى ئىشەنچلىك دەپ ھېسابلىدىم. چۈنكى ئىلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى 1933 - ۋە 1934 - يىللىرى بەك تۇراقسىز بولغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ تۈرلۈك جەڭ - جېدەللەر سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىنچىمىغان يىللار ئىدى. بۇ يىللاردا تېكەس قاتارلىق جايلاردا بايلارنىڭ بەس - بەستە مەكتەپ سېلىشى ھەم مەكتەپتىن ئاشقان ياغاچلاردىن پايدىلىنىپ كۆۋرۈك سېلىشى ئەمەلىيەتتىن يىراق ئىش ئىدى. 1934 - يىلى 8 - ئايدا شېڭ شىسەي بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ خوتەندىن باشقا جايلىرىدا نىسپىي تىنچلىق شەكىللەندۈرگەنىدى. شۇ چاغدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ، يېڭىچە مەكتەپلەرنى سېلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىلى رايونىدا 1935 - يىلىدىن باشلاپ ئەل ئىچىدىكى بايلار ۋە يۇرت كاتتىلىرى غۇلجا، سۈيدۈڭ ۋە تېكەس قاتارلىق جايلاردا پەن زاۋۇتى قۇرۇش، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش، مەكتەپ قۇرۇش ئىشلىرىنى بەس - بەستە ئېلىپ بارغان. ئۆز زامانىسىدا كاتتا ياغاچ كۆۋرۈك ھېسابلانغان “قۇربانجان كۆۋرۈكى” ئاشۇ ساخاۋەت قىزغىنلىقى ۋە قۇرۇش دولقۇنى ئەۋجىگە چىققان يىللاردىكى كەيپىياتنىڭ تۈرتكىسىدە قۇرۇلغان بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن. e' Zg F~ روماننىڭ 2 - تومىدىكى تارىخىي دەۋردىن ئۇچۇر بېرىدىغان يەنە بىر مىسال تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت: q"Xls( “ئاڭلىساق، شېڭ دۇبەن بايلارنى تۇتۇپ قاماپ، مال - مۈلكىنى تارتىۋېلىۋاتقۇدەكقۇ” (826 - بەت(. :sn}D~ ھەممىگە مەلۇمكى شېڭ شىسەينىڭ ئىلغارلىق، باراۋەرلىك، خەلقچىللىق دېگەن شوئارلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، شىنجاڭ مىقياسىدىكى ئىلغار زاتلارنى، تونۇلغان بايلارنى تۈركۈملەپ قولغا ئېلىشقا، بۇلاپ - تالاشقا، ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىشقا كىرىشكەن ۋاقتى 1938 - يىلىنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ خىل جىنايى ھەرىكەتنى باشلىغان بولسىمۇ، كۆلىمى ۋە ۋەھىمىسى ئۇنداق چوڭ بولمىغان. چۈنكى شېڭ شىسەينىڭ يېنىدا مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى سالاھىيىتىدىكى خوجىنىياز ھاجى ھەم ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى بولغان قەشقەردە تۇرۇشلۇق ماخمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدىكى 1500 كىشىلىك قوشۇنى بار ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭ كىشىلەرنى ئالدايدىغان “ئالتە بۈيۈك سىياسەت”نى چۆرۈپ تاشلىيالىشى تەس ئىدى. 1937 - يىلى ماخمۇت مۇھىتى چەت ئەلگە قاچقاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجى قاتارلىق مىڭلىغان كىشىلەرنى قولغا ئالغان. 1938 - ۋە 1939 - يىللاردا ئۇ ئاندىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بايلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قامىغان ۋە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. $OJ*Kul يۇقىرىقى ئىككى ئۇچۇر بىزنىڭ روماندىكى تارىخىي دەۋر 1940 - يىلارنىڭ باشلىرى بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. دېمەك، سەمەت باشچىلىقىدىكى قەشقەرلىك يولۇچىلار دەل مۇشۇ يىللاردا ئىلى ۋادىسىغا قەدەم قويغان. @ ئىككى توملۇق بىر ئىجتىمائىي تېمىدىكى رومان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تارىخىي دەۋرنى ئوقۇرمەنگە بۇنداق پەرەز قىلدۇرۇپ قىيناشمۇ تازا قاملاشمىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە ئەسەردە يازغۇچىنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە ئەسلا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. يازغۇچى بۇ رومانىغا تارىخ تۇيغۇسىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنداق زۆرۈرىيەتسىز پەرەزلەرگە ئىمكان قالمىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە كىيىم - كېچەك، سۆز - جۈملە، قورال - جابدۇق، كەسىپ - ۋەزىپە قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ نامى، پاسونى، شەكلى، كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى كىچىككىنە ئۇچۇرلاردىنمۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىك يۈز بېرىۋاتقان تارىخىي دەۋرنى مۇئەييەن دەرىجىدە پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن “سالچىلار” رومانىدا بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارمۇ مۈجمەل، ئارىلاش قوللىنىلغان. مەسىلەن، يازغۇچى سەمەتنى قەشقەردىكى ھەزرەت سەيلىسىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتماقچى بولغانلارنى “يامۇلنىڭ چېرىكلىرى” دەپ يازغان بولسا، غۇلجا شەھىرىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان غاپپارنى تۇتقانلارنى “ساقچى”، سوتلىغانلارنى “سوتچى” دەپ يازغان. ئوخشاش بىر يىلدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلغاندا ئىشلىتىلگەن بۇ پەرقلىق ئاتالغۇلار بىزگە قايسى تارىخىي دەۋردىن ئۇچۇر بېرىشى مۇمكىن؟ يازغۇچى رومانىدا يەنە كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان مۇنداق بىر نەچچە قۇر باياننى يازغان: Fm@GU “بۇ پۇللارنىڭ ئىچىگە شۇ زامانلاردا كىشىلەر يىپقا ئۆتكۈزۈۋېلىپ خەجلەيدىغان ئوتتۇرىسى تۆت چاسا تۆشۈك يارماق، قىزىل مىستىن قۇيۇلغان تومپۇر، كۈمۈش تەڭگىلەر، يەنە قانداقتۇر ھەر خىل رەڭدىكى قەغەز پۇللار ئارىلىشىپ كەتكەنىدى” (188 - بەت(. \/5 8# شۈبھىسىزكى، پۇل مۇئەييەن تارىخىي دەۋردىن ئۇچۇر بېرىش قىممىتى يۇقىرى ماددىي پاكىت. “سالچىلار” رومانىدا بۇ خىل ماددىي پاكىتمۇ ئەھمىيەتسىز نەرسە بولۇپ قالغان. چۈنكى شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئاپتور يۇقىرىدا بايان قىلغان مېتال پۇللار ئىستېمالدىن قالغانىدى. گېپىمىزنى پاكىت بىلەن بايان قىلساق، “شىنجاڭ پۇللىرى” دېگەن كىتابتىكى تۆۋەندىكى مەلۇماتنى نەقىل كەلتۈرۈشكە بولىدۇ: A(C3kISM $%jV%k «1931- يىلى قومۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. كۆپ ئۆتمەي 1933 - يىلى شېڭ شىسەي بىلەن ما جۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا مىلىتارىستلار ئۇرۇشى باشلىنىپ، ئۇرۇش ئوتى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، پۈتكۈل شىنجاڭ قالايمىقانلاشتى. ئۆلكە پۇلى بىلەن قەشقەر پۇلى ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن زور مىقداردا تارقىتىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۆلكە پۇلى بەكمۇ كۆپ تارقىتىلغانلىقتىن، قىممىتى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى. بازاردا كۈمۈش يارچەن، كۈمۈش قۇيمىسى، مىس پۇل، داچەن پۇل قاتارلىق مېتال پۇللار بىر مەھەل ئوبوروت ساھەسىدىن چىقىپ كېتىپ، كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى. ?{FxbDp> 1939-يىلى مالىيە مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ماۋ زېمىن پارتىيەمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىپ، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىپ، پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، سەرنى يۈەنگە (سومغا) ئۆزگەرتىش، ئۆلكە پۇلى بىلەن قەشقەر پۇلىنى يىغىۋېلىپ، ئايرىۋاشلانمايدىغان، لېكىن تولۇق زاپاس فوندى بولغان شىنجاڭ ئۆلكە پۇلىنى تارقىتىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ پۇل تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈردى.” WgY3g1C دېمەك، “سالچىلار” رومانىدا بايان قىلىنغاندەك ئۇنداق خىلمۇخىل مېتال پۇللار ۋە ھەر خىل رەڭدىكى قەغەز پۇللار ئارىلىشىپ كەتكەن ئەھۋال 1940 - يىلىنىڭ بېشىدا كۆرۈلۈشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ~"LOw_BRh روماندىكى قەشقەردىن چىققان سەمەت قاتارلىق يولۇچىلارنىڭ ئىلى تەۋەسىگە قەدەم قويغان مەزگىلىنى 1940 - يىلىنىڭ باشلىرى دەپ پەرەز قىلىشىمىزغا ئاساس بولىدىغان يەنە بىر پاكىت روماننىڭ 713 - بېتىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ پاكىت سەمەت قاراكۆل دېگەن يەردە سالچىلارغا قوشۇلۇپ، سالچىلار بىلەن تۇنجى قېتىم دەريادا ماڭغان چاغدا ۋاققاس، غوجاخۇن، جاپپار ئۈچەيلەن بىر سالنىڭ ئۈستىدە پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقاندا باش سالچى غوجاخۇن ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزدە ئۇچرايدۇ: kAAz|dhL- « - پاھ، ماۋۇ ۋاققاسنىڭمۇ قۇلىقى ئىتتىككىنا؟ - دەپ ھەيران بولۇپ ۋاققاس تەرەپكە قارىدى جاپپار. ۋاققاس ئۈنچىقماي پالاقنى تارتقىنىچە كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى. O[N{&\$ - قۇلىقى ئىتتىك، - دېدى غوجاخۇن، - بولغان ھەممە پاراڭنى ئاڭلاپ كېتىۋاتىدۇ... ھە، شۇ مۇخەممەرنىڭ دەپ بېرىشىچە، قايسى يىللىرى دەيدۇ ئەيتاۋۇر، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان زامانلاردا ئورۇسلارنىڭ پادىشاھى تۇڭگانلاردىنمۇ مەجبۇرىي ئەسكەر ئالغىلى تۇرۇپتىكەن» (317 - بەت(. *zmbo >{( ھەممىگە مەلۇمكى، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئاۋۋال 1 - دۇنيا ئۇرۇشىنى “1 - دۇنيا ئۇرۇشى” دەپ ئاتاش دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا، مەيلى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە، مەيلى ئاۋام ئىچىدە قوللىنىلمىغان ئاتالغۇ ئىدى. كىشىلەر1 - دۇنيا ئۇرۇشىنى “ياۋروپا ئۇرۇشى”، “جاھان ئۇرۇشى” دەپ ئاتىشاتتى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى 1939 - يىلى 9 - ئايدا پارتلىغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ئىككى قېتىملىق جاھان ئۇرۇشىنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن “1 - دۇنيا ئۇرۇشى”، “2 - دۇنيا ئۇرۇشى” دەپ ئاتاش بارلىققا كەلگەن. غوجاخۇن دېگەن سالچىنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن “1 - دۇنيا ئۇرۇشى” دېگەن ئاتالغۇ تەبىئىي ھالدا 1940 - يىلىدىن كېيىنكى مەزگىلنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. يازغۇچى بۇ ئاتالغۇنى ئاڭلىق ئىشلەتتىمۇ - ئاڭسىزمۇ؟ بۇ تەرىپىنى بىلمەيمەن. ئەمما يۇقىرىقى ئاتالغۇدىن بىزگە يەتكەن ۋاقىت ئۇچۇرى شۇكى، سەمەت قوشۇلغان سالچىلارنىڭ ئىلى دەرياسىدا ماڭغان ۋاقتى 1940 - يىلىدىن كېيىنگە توغرا كېلىدۇ. tV<Au يازغۇچى روماننىڭ 2 - تومىنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا “ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى”، “ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى”، “ئەخمەتجان قاسىمى”، “غېنى باتۇر”، “يېڭى ھۆكۈمەت”، “ئازادلىق”، “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى” دېگەن ئاتالغۇ ۋە ئىسىملارنى ئاندا - مۇندا تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بۇ تارىخىي ۋەقە ھەم تارىخىي شەخسلەرنى رومانىدىكى ئاساسىي پېرسوناژلار ۋە ۋەقە - ھادىسىلەر بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن باغلاشقا ئازراقمۇ ئەھمىيەت بەرمىگەن. مەسىلەن، ئىلى ۋادىسىدىكى سالچىلار ۋە ياشلىقىدا قەشقەردىن ئىلىغا چىقىپ كېيىنكى ئۆمرىنى ئىلىدا ئۆتكۈزگەن ئاساسلىق پېرسوناژ سەمەت ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى قۇۋان ھەم ھۈسەن بايۋەچچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىلىنى قاپلىغان “ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى” ئۇلارنىڭ تەقدىرى ۋە روھىيىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەن ھالەتتە يېزىلغان. ئاپتور رومانىدا بۇ شانلىق ئىنقىلابنى تۈزۈكرەك تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان، ھېلىدىن ھېلىغا، گۇچۇڭ ھارىقىنىڭ قانداق كەيپ قىلىدىغانلىقى، چوڭ كۆۋرۈكتىكى جېدەل - ماجىرا، ئەتىيازدىكى پاتقاقچىلىق، ئەھمىيىتى يوق قىزىقچىلىق، مازار ۋە بازارلارنىڭ شەكىللىنىشى دېگەندەك نەرسىلەرنى ناھايىتى تەپسىلىي يازغان. بىز شۇ قەدەر شانلىق تارىخىي ئىنقىلابقا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغان يازغۇچىدىن 20 ياشلارغا كىرگەندە ئىلى ۋادىسىغا قەدەم قويغان سەمەت نوچى 1954 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان 19 - نومۇرلۇق قارارنىڭ ئوبيېكتى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ قارارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ؟ دەپ سورىماي تۇرالمايمىز. 19- نومۇرلۇق بۇ قاراردا مۇنۇلار بەلگىلەنگەنىدى: Y H?>2u “ھەربىي خىزمەت ئۆتەش قانۇنى بويىچە، 20 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغانلىكى پۇقرالارنى ئەسكەرلىككە چاقىرىش، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇش؛ ھازىر ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قىلىش مەزگىلى بولغاچقا، 23 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پۇقرالارمۇ ئەسكەر بولۇپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش؛ مەيلى ئوفىتسېر ياكى ئەسكەر بولسۇن، ھەربىي تەرەپ ئۇلارنى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە جان سانىغا قاراپ قوشۇمچە ياردەم بېرىش.” SQEXC*08 مانا مۇشۇنداق جىددىي قانۇن بىلەن يېشى 20 لەردىن ئاشقان سەمەت نوچىنىڭ ھايات قىسمىتى پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ياش قۇرامى سەمەت بىلەن دېمەتلىك بولغان قۇۋان ئەزمە ھەم ھۈسەن بايۋەچچىلەرنىڭمۇ پۈتكۈل ئىلى ۋادىسىنى قاپلىغان ھەم 1944 - يىلى كۈزدىن 1949 - يىلى كۈزگىچە داۋام قىلغان شانلىق ئىنقىلاب مەزگىلىدە تامامەن چەتتە قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇنداق چەتتە قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئالاھىدە ئىش بارمۇ؟ ناۋادا بۇ پېرسوناژلار ئىلى ۋادىسىدىن باشقا جايلاردا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت ياكى يېزا - قىشلاقلاردا پائالىيەت قىلدۇرۇلغان بولسا، يازغۇچىنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. ئەمما ئۇلار ئىلى ۋادىسىدا پائالىيەت قىلدۇرۇلغان، ئەمەلىيەتتە يازغۇچى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ بۇ پېرسوناژلارنىڭ روھى ۋە تەقدىرىگە بولغان تەسىرىنى يېزىشنى ئېسىگە كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ھاياجانلىق سۆز - ئىبارىنىمۇ تىلغا ئالمىغان. گويا ئىلى ۋادىسىدا ئۇنداق زور ئىنقىلاب بولۇپ ئۆتمىگەندەك، ئۇنداق شانلىق تارىخ مەۋجۇت ئەمەستەك مۇئامىلە قىلغان. سەمەت قاتارلىق بۇ پېرسوناژلارنىڭ ئىلىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ۋە روماننىڭ ۋەقەلىكىنى بىۋاسىتىلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان مەزگىلگە ئۇلىغان: b]J_R"} “ئارىدىن يەنە خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى. زېمىن ئۈستىدە قانچە بورانلار كۆتۈرۈلۈپ، قانچە شىۋىرغانلار قۇتراپ، قانچە زىمىستان ئۇزاپ يەنە باھار يېتىپ كەلدى. قارلىق تاغلارنىڭ باغرىدىكى تالاي قارىغايلار قاراسلاپ يىقىلدى. تېكەس، كۈنەس، قاش دەريالىرىنىڭ خەتەرلىك ئېقىنلىرىدىن يەنە قانچە ساللار لەپەڭشىپ ئېقىپ ئۆتتى. شىددەتلىك دولقۇنلاردا قانچە سالچىلارنىڭ ساللىرى تاشلارغا ئۇرۇلۇپ، كىملەرنىڭدۇ جەسەتلىرى ئايدالالاردا قېپقالدى. شۇ نامسىز قەھرىمانلارنىڭ دولقۇنلار بىلەن ئېلىشىپ ئېقىتىپ كەلگەن ياغاچلىرى بىلەن قانچە ئايۋان - ساراي، ئىمارەتلەر ئۆرە بولدى. بىپايان چۆللەردە سانسىز ئىستۇلبىلار قەد كۆتۈردى... ]o _ Ps| ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئىدى. سالچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا قىشىچە خاڭنىڭ ئاستىدا ئىشلەپ سوغۇق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يازدا سال ھەيدەيتتى. سالچىلار ئارىسىدا >ئەمدى خاڭدا ئىشلەيدىغانلار بىلەن سال ھەيدەيدىغانلارغا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىگە بولغۇدەك، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىشلار تەشكىللىك بولارمىش...< دېگەن گەپلەر تارقىلىپ يۈرەتتى” (839 - بەت(. f}@]dF r دېمەك، يازغۇچى رومانىدا بىر پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى دەۋرىنى “ئارىدىن يەنە خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى” دەپلا يېزىپ، ئېتىبارغا ئالماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن. ياشلىق ۋە قىران چاغلىرى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان سەمەت نوچى باشلىق بىر توپ قارام، قورقۇمسىز سالچىلارنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەۋاتقان بىر روماندا، پۈتكۈل ئىلى خەلقىنىڭ تەقدىرى، روھىيىتى، تۇرمۇشى قاتارلىق نېگىزلىك تەرەپلەرگە چېتىلىپ كەتكەن بىر چوڭ مىللىي ئىنقىلابنى “ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى، بۇلبۇل يارىنى كۈتتى” دېگەندەك شەكىلدە يېزىپ ئۆتۈپ كېتىش ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟! شۈبھىسىزكى بۇ يازغۇچىنىڭ تارىخ ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئوقۇرمەندە شۈبھىلىك سوئاللارنى تۇغدۇرىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋالدا يازغۇچى “ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر تارىخ توغرىسىدىكى داستان”نى يازدىم دېيەلەمدۇ؟! 9 ناۋادا يازغۇچى رومانىدا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىغا ئالاقىدار ھېچنېمە دېمىگەنمۇ دەپ سورالسا، بۇ ھەقتە ئۇچۇر بار دەپ جاۋاب بېرىمەن. ئەمما بۇ ئۇچۇر يازغۇچىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا “ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى”دا تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان سالچىلارنىڭ سۆھبىتى تەسۋىرلەنگەندە، مۇنداقلا تىلغا ئېلىنغان: ql],Wplg “ −− ئۇكاموي! −− دەپ ياش سالچىنىڭ دولىسىغا ئۇردى قارا سىدىق دەپ ئاتىلىدىغان بىر سالچى، −− سالچى دېگەنگە مازارنىڭ لازىمى يوق، سالچى ئۆلسە يەر كەممۇ؟ پۈتۈن ئايدالا بىزنىڭ مازىرىمىز... سالچى دېگەنچۇ، ماڭا قارا، مەن ساڭا ئېيتاي، جەڭ مەيدانىدىكى جەڭچىگىلا ئوخشايدۇ، قانداق دېدىم، رەخىم ئۇستا؟ −− دەپ يېنىدىكى سالچىغا قارىدى ئۇ. رەخىم ئۇستا مىللىي ئارمىيە سېپىدە جەڭلەرگە قاتناشقان ئادەم ئىدى” (858 - بەت(. F n6>n04v ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى ھەققىدە يېزىشنى خالىمىغان يازغۇچى ئىلاجى يوق، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 1949 - يىلى ئەتىيازدا سالچىلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەم بىر نەچچە كۈن سالدا ئولتۇرۇپ سالچىلار بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ۋەقەلىكنى “ياماتۇ” دېگەن 42 - بابتا قىستۇرما ھېكايە قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ھېكايىنى جۇماق دېگەن سالچى باشقا سالچىلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھېكايىنى ئەسلەپ سۆزلەپ بېرىشىگە بىر سالچىنىڭ “يېڭى ھۆكۈمەت ياماتۇغا سالچىلار ئۈچۈن قونالغۇ سالغۇدەك” دېگەن خەۋىرى سەۋەب بولىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كونا سالچى جۇماق “ئەخمەتجان ئەپەندىمنىڭ دېگەن گەپلىرى ئەمدى ئىشقا ئاشىدىكەن - دە!” دەپ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سالچىلار بىلەن ئىلى دەرياسىدا ماڭغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. روماندا “ئازاد زامان”غا سوۋغا قىلىنغان بۇ ھېكايە سالچىلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلمايدىغان، ئۇلارنىڭ كەسپىگە شەرەپ ئاتا قىلغان، ئۇلارنى غۇرۇرلاندۇرىدىغان، ھەممىگە مەشھۇر ھېكايە ئىدى. بۇ ھېكايىنى جۇماقنىڭ باشقا سالچىلارغا ئەسلەپ بېرىشى ئوقۇرمەننى تازا قايىل قىلالمايدۇ. چۈنكى جۇماق كەسىپداشلىرىغا بۇ ھېكايىنى ئەسلەپ بەرگەن چاغ ئاپتورنىڭ يازغىنى بويىچە “ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى” بولۇپ، بۇ چاغدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىلى دەرياسىدا سالچىلار بىلەن بىللە ماڭغىنىغا تېخى بەش يىلچە ۋاقىت بولغانىدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بەش يىل ئىلگىرىكى ھەممىگە مەشھۇر بولغان بىر ۋەقەنى، بەش يىللار ئۆتكەندە كونا سالچى ئەسلەپ ھېكايە قىلىپ بەرگەن قىلىپ يېزىش بىمەنىلىك بولۇپ قالغان. }bHdU]$} يازغۇچى 20 - ئەسىر مىللىي ھاياتىمىزدىكى پاجىئەسى مىسلىسىز بولغان يەنە بىر زور ۋەقە - “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى”نىمۇ سالچىلارنىڭ ھايات قىسمەتلىرى بىلەن باغلاپ تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن. “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى”نىڭ گېپى “ھەيكەل” دېگەن بابتا، يەنى 1055 - بەتتە ئىنتايىن يۈزە تىلغا ئىلىنغان. يازغۇچى بۇ بابنىمۇ “كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى. كىملەردۇر تۇغۇلاتتى، كىملەردۇر ئالەمدىن ئۆتەتتى. ئۆلمىگەن ئادەمگە ھەر كۈنى قاراڭغۇلۇق تاراپ، يەنە يېڭى بىر تاڭ باشلىناتتى...” دەپ باشلاپ، خۇددى “ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى” دەۋرىنى تىلغا ئالماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، “ئاق ئۆي” دېگەن بابنىڭ بېشىنى “ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى. زېمىن ئۈستىدە قانچە بورانلار كۆتۈرۈلۈپ، قانچە شىۋىرغانلار قۇتراپ، قانچە زىمىستان ئۇزاپ يەنە بىر باھار يېتىپ كەلدى”، بۇ “ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئىدى” دەپ پەرۋاسىز باشلىغاندەك ئىش قىلغان. lPx4I يازغۇچى بۇ ئىككى ئالاھىدە دەۋرگە بولا - بولماس مۇئامىلە قىلغاچقا، رومانىدا يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان بىرەر ھاياجانلىق تەپسىلات، ئوقۇرمەننى ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتقا چۆمدۈرىدىغان بىرەر تىراگېدىيەلىك ۋەقە ئۇچرىمايدۇ. پۈتكۈل ئەسەر يىل بويى شاۋقۇنسىز لۆمشۈپ ئاقىدىغان بىر ئۆستەڭ لاي سۇدەك تەسىرسىز داۋام قىلىدۇ. ئىككى توملۇق بىر روماننىڭ سۇژىتىنىڭ دىراماتىك توقۇنۇشلاردىن خالىي يېزىلىشى، ئوقۇرمەننى جازالىغاندەك بىر ئىش بولغان. ھەرقانداق ئوقۇرمەن بىرەر روماننى ئوقۇغاندا بۇ روماندىكىدەك مەنىسىنىڭ تايىنى، تەپسىلات - توقۇلمىلىرىنىڭ تەبىئىيلىكى يوق زېرىكىشلىك باياننى ئوقۇشنى خالىمايدۇ. ھېچ بولمىغاندا يازغۇچىنىڭ تارىخ ۋە جەمئىيەت توغرىسىدىكى چوڭقۇر مەنىلىك بايانلىرى، كىنايە ياكى تەنقىدكە تولغان سۆز - جۈملىلىرى، كىشىنى ئويغا سالىدىغان مۇلاھىزىلىرىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. i 1 كىشىلىك ھاياتتا مۇھەببەت - نەپرەت تۇيغۇسى يوق، ياخشى - ياماننى پەرقلەندۈرگۈدەك پىرىنسىپى يوق، دوست بىلەن دۈشمەننى ئايرىغۇدەك ئىدراكى يوق، پايدا - زىياننى مۆلچەرلىگۈدەك چۈشەنچىسى يوق، چوڭ ئىش بىلەن كىچىك ئىشنى، مۇھىم ئىش بىلەن ئادەتتىكى ئىشنى ئاڭقىرالىغۇدەك دىتى يوق، ئۆزىنىڭ كۈلپەتكە تولغان تەقدىر - قىسمەتلىرىنىڭ سەۋەبىگىمۇ قىزىقمايدىغان، ھاياتنىڭ ئەرزىمەس ساختا خۇشاللىقلىرىغا ئالدىنىپ، پەقەت قورساق كويىدىلا سوكۇلداپ، كۈن چىقتى، كۈن پاتتى دەپلا ياشايدىغان بىر تۈركۈم نادان ئادەملەر بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ “سالچىلار” رومانىدا “ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى” بىلەن “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى”نى قەلەمگىمۇ ئالماي “ئايلار ئۆتتى، كۈنلەر ئۆتتى” دېگەن شەكىلدە ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشى ماڭا ئاشۇ خىلدىكى ئادەملەرنى ئەسلەتتى. مەسئۇلىيەتچان بىر ئەدىبتە يېتەرلىك تارىخ بىلىمى ۋە چوڭقۇر تارىخ تۇيغۇسى بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ. بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچى ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن مەيلى شانلىق، مەيلى تىراگېدىيەلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ قەدەر چوڭ ئىنقىلابلارغا ھەرقانداق ئەھۋالدا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلماسلىقى لازىم! يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرمۇ بۇ مىللىي پىرىنسىپنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىككى توملۇق “سالچىلار” رومانىدىكى سەمەت قاتارلىق پېرسوناژلار بۇ ئىككى ئالاھىدە دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن! k~:B3p مەن يۇقىرىقى پاكىتلىق مۇلاھىزىلىرىم ئاساسىدا شۇنداق خۇلاسە چىقىرىمەنكى، “سالچىلار” رومانىدا يۇمۇر تۇيغۇسى بولغان بىلەن تارىخ تۇيغۇسى يوق! شۇڭا بۇ رومان “ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر تارىخ توغرىسىدىكى داستان” بولۇشتىن تولىمۇ يىراق بولۇپ قالغان. wxF9lZz ئىككىنچى، كەسىپ قىممىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ روماننى “ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر كەسىپ توغرىسىدىكى داستان” بولۇشقا يېقىنلاشقان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. rW!P ~yk سالچىلىق كەسپى بۈگۈنكى كۈندە خۇددى ئوۋچىلىق كەسپىگە ئوخشاش ۋاقتى ئۆتكەن كەسىپ بولۇپ قالدى. مەن سالچىلىق كەسپى توغرۇلۇق تۇنجى قېتىم ماخمۇت مۇھەممەدنىڭ 1980 - يىللاردا يېزىلغان مەزكۇر تېمىنى ئىپادىلىگەن بىر ھېكايىسىدىن مەلۇماتقا ئېرىشكەنىدىم. كېيىن خەپىز ساتتار سالىخنىڭ “ئىلى دەرياسىنىڭ تارىختىكى قاتناش ئىشلىرى” دېگەن ماقالىسى بىلەن ئىسرائىل تۇردىنىڭ “سال ۋە سالچىلار” دېگەن ماقالىسىدىن سالچىلىق كەسپى توغرىسىدا بىر قەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئېرىشتىم. ئىسرائىل تۇردى ماقالىسىدە سالچىلىق كەسپىنىڭ قىممىتىگە بولغان قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق يازغان: Pgb<;c:4 “بالىلىق چاغلىرىمدا تەڭتۇشلىرىم بىلەن بىللە دەريا بويىغا بېرىپ، ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە توختىتىپ قويۇلغان سالنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئوينايتتۇق. ئۇ چاغلاردا سالغا پەقەت بالىلارچە قىزىقىش بىلەنلا قارايتتۇق، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە نەقەدەر جاپالىق ھەم خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق. كېيىن ھېس قىلىشىمچە قاتناش تەرەققىي قىلمىغان بۇ چاغلاردا شۇنچە كۆپ قارىغاينى پەقەت ئىككىلا ئادەمنىڭ شۇنچە يىراق جايلارغا يۆتكەپ بېرىشى پەۋقۇلئاددە زور ئىش ئىكەن. YS/{q~$t ئىنسانىيەت تارىخىدا بىر قىسىم كەشپىياتلار دەۋر خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۇ ئەمەلدىن قالىدۇ. سال دەل مۇشۇنداق بولدى. تېكەس دەرياسىدا پەيدا بولغان سال ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن مەيدانغا كېلىپ، موتورلۇق قاتناش قوراللىرى يوق، يوللار ناچار چاغلاردا ياغاچ توشۇشتا پەۋقۇلئاددە چوڭ رول ئوينىدى.” IL`5RZi1 يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر رومانىدا سالچىلىق كەسپىنىڭ جاپا - مۇشەققىتىنى، سالچىلارنىڭ تۆھپىسىنى، سالچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى، سالنىڭ قانداق تەييارلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىش ھالقىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا كېتىدىغان جابدۇقلارنى، سالچىلارنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇشەققەتلىك دەريا سەپىرىدىكى توسالغۇ، قىيىنچىلىق ۋە ئۆتەڭلەرنى، سالچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىنچىكە ھەم جانلىق يازغان. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا يازغۇچىنىڭ ئىزدىنىش، ئۆگىنىش روھى ۋە ئىپادىلەش ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ، روماننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل مۇشۇ تەرىپىدە كۆرۈلىدۇ. X,^J3Ek>O ئۈچىنچى، سالچىلار ئوبرازىنى يارىتىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ روماننى “ئوت يۈرەك ئادەملەر توغرىسىدىكى بىر داستان” دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ ئاپتور بىرىنچى مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندەك ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغان. iC$~v#2 سالچىلار تېمىسىدا بىرەر پارچە ئەمەس، تۈرلۈك ژانىرلاردا كۆپلەپ ئەسەر يېزىشقا تامامەن ئەرزىيدۇ. كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەشمۇ زۆرۈر. ئەلۋەتتە بۇنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس. ئىسرائىل تۇردىمۇ “سال ۋە سالچىلار” دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا بۇ خىل ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان: _qM'm^z5 “دەۋر تەرەققىي قىلىپ قاتناش راۋانلاشقاندىن كېيىن، سال تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بولۇپ، 1987 - يىلى ئەمەلدىن قالدى. بۇ جايدا سال پەيدا بولۇپ، بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ ئاخىر ئەمەلدىن قالغانغىچە بولغان مەزگىلدە سالچىلار نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرۈپ زور ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلدى، ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئىجادكارلىق روھى بىلەن كۆپلىگەن ئۈلگە ۋە ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى، يەنە قانچىلىغان سالچىلار سەپەردە ھادىسىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، ھايات قالغانلىرىمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر - بىرلەپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ھەقتە يازما خاتىرە بولمىغاچقا، ئاشۇ جاپاكەش سالچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرىنى يېزىپ چىقىشىم يۈزەكىي بولۇپ قالدى.” CQQX7Y\ يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ قەھرىمانلىرى بولغان سالچىلارغا بېغىشلاپ “سالچىلار” دېگەن بۇ يىرىك روماننى يېزىپ چىققانلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش. لېكىن بۇ روماننى “ئوت يۈرەك ئادەملەر توغرىسىدىكى بىر داستان” دېيىشكە بولمايدۇ. مەن ئەزەلدىن سال ۋە سالچىلارنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، سالچىلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ماتېرىياللاردىن “سالچىلىق كەسپى باتۇرلۇق، چەبدەسلىكنى تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق ۋە خەتەرلىك كەسىپ” (خەپىز ساتتار سالىخ) ئىكەنلىكىنى، “سالچىلارنىڭ ئىشى مۈشكۈل ھەم خەتەرلىك” (ئىسرائىل تۇردى) ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم. ئەمما “سالچىلار” رومانىنى ئوقۇپ، روماندىكى سەمەت قاتارلىق بىر توپ سالچىلارنىڭ “ئوت يۈرەك ئادەملەر” ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. ^pAqe8u _ بىز ئادەتتە ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئەل - ۋەتەننىڭ ھۆر - ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان دانا يولباشچىلارنى، كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن ياشاشنى ئېنىق بىلگەن ئەلپىدا ئوغلانلارنى ئوت يۈرەك ئەزىمەت دەپ بىلىمىز. شۇڭا ئەۋلادلار ئۇلارنى بىردەك ياد ئېتىدۇ، ئۇلاردىن ئىپتىخارلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىگە رەڭگارەڭ گۈلدەستىلەرنى قويىدۇ. “سالچىلار” رومانىدا تەسۋىرلەنگەن سەمەت قاتارلىق بىر توپ سالچىلار بولسا بۇنداق سۈپەتلەپ ئۇلۇغلاشقا ئەسلا شەرتى توشمايدىغان نادان ھەم ئاددىي، ھەق - ناھەق تۇيغۇسىدىن ئەسەر يوق، ھالال - ھارامنىڭ نېمىلىكىگىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان، كۆڭلىدە ھېچقانداق مۇقەددەس پىرىنسىپى يوق، دوست كىم، دۈشمەن كىم، نېمە توغرا، نېمە خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان، ساغلام بولمىغان بىمەنە ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىدە سوكۇلداپ ياشايدىغان، گالۋاڭ، ئەمما چىداملىق ئادەملەردۇر. پاكىت سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئۈزۈندىلەرنى كۆرۈپ باقايلى: R2Lq,(@- “بۇ سالچى دېگەن قىزىق خەق، يوقىلاڭ بىر ئىشلارغا ئارىلىشىپ مۇشتلىشىپمۇ كېتىمىز...” (617 - بەت(. FK;\Nce& “تاپقان پۇلنى قىمار بىلەن ھاراققا سېلىپ بېرىپ خەنزۇ بازىرىغىلا چېچىۋېتىپ يېنىپ چىقىمىز” (620 - بەت(. vUY?Eb[ “ئاڭلىمىغانمۇ، سالچى دېگەنگە بىرى ئوتۇن كەم ئەمەس، يەنە بىرى خوتۇن” (621 - بەت(. ^s_E |~U “ −− ھاي جۇماق، قېنى سۆزلە، شەھەردە نېمە گەپلەر بار؟ −− دەپ سورىدى بوۋاي، −− ئاڭلىساق، شېڭ دۇبەن بايلارنى تۇتۇپ قاماپ، مال - مۈلكىنى تارتىۋېلىۋاتقۇدەكقۇ. |C\g 3N- −− مەنمۇ شۇنداق دەپ ئاڭلىدىم، −− دېدى جۇماق، −− بىز كۈنىمىز سۇدىلا ئۆتىدىغان خەق... بۇ ھۆكۈمەت دېگىنىڭنىڭ بەزى ئىشلىرىنىچۇ خۇدا بىلمىسە... مىڭ ئويلىساڭمۇ ئەقلىڭ يەتمەيدۇ... >بولدى، قويە<لا دەيسەن...”(628 - بەت(. ;M>0, “ −− مانا، بۈگۈنكى تاماقنىڭ ئۆزى ئالدىمىزغا كەلدى، −− دېدى غوجاخۇن. GK2 IY −− نەنىڭ تامىقى؟ −− دەپ ھەيران بولۇپ ئەتراپىغا قارىدى جاپپار. QaUh+k<6 −− ئەنە ، قىرغاقتا سەكرەپ يۈرگەن ئوغلاقنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ ئاستىڭدا بىر تاغار بار... غاچچىدە چۈشۈپ ئوغلاقنى تاغارغا تىقىپ چىق. Bm;{dO −− نېمە دەيدىغانسەن، غوجاقكا؟ ... بۇ ئىگىسى بار ئوغلاقتۇ؟ g*AnrQ}P سال قىرغاققا كېلىپ توختىدى. جاپپار ئەنسىرەپ ئۇياق - بۇياققا قاراپ بولغۇچە ۋاققاس سەكرەپ چۈشۈپ ھېلىقى ئوغلاقنى قوغلاپ تۇتۇپ تاغارغا سولاپ ئېلىپ چىقتى. tt6ElP|D −− غايىبتىن كەلگەن رىزىق دېگەن شۇ، −− دېدى غوجاخۇن، −− ئۇكا، بېلىق سۇدا ئىچكەن ئەتىگەنلىك چاي بىلەن دەريانىڭ سۈيىگە قۇرۇق ناننى تۈگۈرۈپ يەپ كېتىپ بارىمىز. ياراتقان ئىگەمنىڭ بىزگىمۇ ئىچى ئاغرىدى - دە!... كەچتە قونالغۇغا چۈشكەن يەردە بىر شورپا قىلىمىز قارا، قانداق دېدىم؟ ... مۇشۇ خۇدايىمنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ھەيران بولىمەن، ئۇكا، قايسى ئىشىغا دېمەمسەن؟ بەرگەنلەرگە پاتمانلاپ بېرىدىكەن، بىزدەك بايقۇشلارغا ھېچنېمە يوق... ياراتقان ئىگەم ھەممىمىزگە ئوخشاش جان ئاتا قىلغاندىن كېيىن دۇنيادىكى نېمەتلەرنىمۇ تەڭ بەرمەمدۇ دەيمىنا... قانداق دېدىم؟” (641 -، 643 - بەتلەر(. ph<Z/wlz “بۇ سالچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئاجايىپ نوچى ئادەملەر بار. ھەممىمىز بىر بولۇپ چوڭ كۆۋرۈكتە ماڭىدىغان بولساق شەھەرنىڭ جىمى نوچىلىرى بۇلۇڭ - بۇلۇڭغا كىرىپ كېتىدۇ. k'xnl"q نېمىشقا چۆچۈيدۇ دېسەڭ، بۇ سالچى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئۇستىخىنى يوغان ئادەملەر، سەل بوزەك بولاي دەپ قالسا مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن خۇرجۇنىدا ئايپالتىسىمۇ تەييار. شۇڭا پۇچقاقلىرىمىزنى تۈرگەن پېتى دەريا تەرەپتىن چىقىپ كەلسەك سالچىلار بىلەن سەل ئازارلىشىپ قالغان دۇكاندارلارمۇ دۇكىنىنى ئېتىپ، >قارا پاچاقلار كېلىۋاتىدۇ< دەپ قېچىپ كېتىدۇ...” (871 - بەت(. k9w<0h3 “ −− گەپ جىق، −− دېدى سەمەت، −− شەھەردە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپتۇدەك. ,D [ −− ھاراق ئىچىدىغان، نەشە چېكىدىغان، قىمار ئوينايدىغان ئىشلارمۇ يوق بولىدۇ، دەمدۇ نېمە؟ −− دېدى يەنە بىرەيلەن. e-]k{_wm −− ھە، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، −− دېدى يەنە بىر سالچى، −− ئەمدى شەھەرگە كىرىپ جالاپ ئوينايدىغان، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە مۇشتلىشىدىغان ئىشلارغىمۇ يول قويمىغۇدەك. +wY3E*hU −− بۇ قانداق بولغىنى؟ ... −− دەپ ھەيران بولدى ھېلىقى گۈللۈك تاماكا خالتىسىنىڭ يىپىنى قولىغا ئورىۋالغان سالچى، −− ئۇنداق بولسا، شەھەرگە كىرگەننىڭ نېمە قىزىقى بولىدۇ؟... X6N^ −− شۇنى دېگىنە، −− دېدى بۇرۇتىنىڭ ئۇچىنى تولغاپ قۇلىقىغا ئاپىرىۋالغان شاپ بۇرۇت بىرەيلەن، −− شەھەر دېگەنگە مۇشتلىشىپ قاپاق يارىمەن، جالاپ ئوينايمەن، دەپ كىرمىسە نېمىگە كىرىدۇ؟ D@"q2 ! −− بىر - ئىككى نوچىسى، تۆت - بەش جالىپى بولمىغان شەھەرنىمۇ شەھەر دېگىلى بولامدۇ؟ \Nb6E&+ سالچىلار قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى” (886 - ،887 - بەت(. Yc"G="XP; سالچىلار رومانىدىكى يۇقىرىقى بايان ۋە دىيالوگلاردىن بىز ئەل - ۋەتەن ئىشقىدا ۋۇجۇدى ئۆرتىنىدىغان “ئوت يۈرەك ئادەملەر”نى ئەمەس، كەيپ - ساپا كوچىسىدا سوكۇلداپ ھارمايدىغان، ئەيش - ئىشرەت كويىدا ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغان ئۇچىغا چىققان نومۇسسىز، قارام، بۇزۇق ھەم ئۆكتەم بىر توپ ئەخلەتلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. 6(ju!pE` YzhZ%:8 ئەسەرنىڭ باش پېرسوناژى سەمەتمۇ ۋىجداندىن مۇستەسنا، ئىدراكى تۆۋەن. ئەخلاق ئېڭى يوق، ھاياتىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان، خام خىيالغا بېرىلىدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز بىر يارىماس بايقۇش. ئۇ 20 ياشلىرىدا تاسادىپىي بىر ۋەقە تۈپەيلى قەشقەر تەۋەسىدىكى تۇغۇلغان يۇرتىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلىدا يېرىم ئەسىردەك ياشايدۇ. مۇشۇ جەرياندا “ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىغا ئېسىلىپ يىغلاپ قالغان ئانىسى”نى بىرەر قېتىممۇ ئەستايىدىل ئەسلەپ قويمايدۇ. دېرىكىنىمۇ سۈرۈشتە قىلمايدۇ. ئانىسىنىڭ قانداق كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىدىن، ئۆلۈك - تىرىكلىكىدىن ئەنسىرەپمۇ قويمايدۇ. پەقەت بالا ۋاقتىدا مەھەللىسىدىكى كۆل بويىدا يىراقتىن كۆرگەن، ئەمما ھېچقانداق ھېسسىيات ئۆتۈشۈشى بولمىغان (قىز پۈتۈنلەي بىخەۋەر) لەيلىگۈل دېگەن بىر قىزنىڭ ئىشقىدا سۇس كۆيۈش بىلەن، ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتىشنى بىر ئۆمۈر خام خىيال قىلىپ ياشايدۇ. ئارىدىن 40 يىللار ئۆتكەندە ئۇ بالىلىقىدا يۈرىكىگە ئوت سالغان لەيلىگۈل بىلەن غۇلجا شەھىرىدە توساتتىن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئۆز - ئۆزىگە مۇنداق دەيدۇ: BaR9X ?~O$ “شۇ...شۇ... نەق ئۆزى شۇ... توۋا! −− دەيتتى سەمەت ئۆز - ئۆزىگە، −− مەن مۇشۇ ئايالنى ئۇچرىتىپ قالارمەن، دەپ ئۈمىدلىنىپ، قەشقەردىن داۋان ئاتلاپ چىقىپ ياقا - يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇپ ھازىرغىچە ئۆيلەنمەي يۈرگەن بولسام - ھە؟ ! ئەجەب مەن ئۇنى قېرىمايدىغاندەك، ھازىرغىچە شۇ سۇمبۇل چاچ، كىچىككىنە قىز ھالىتىدىلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ يۈرۈپتىمىنا...” e1[kgp سەمەتنىڭ بۇ مونولوگىدا ئىشق ئوتىدا بىر ئۆمۈر ئۆرتەنگەن بىر ئادەمنىڭ مەھرۇم بولۇش تۇيغۇسى ئىپادىلەنمىگەن، بەختىنى تاپالمىغان بىر بەختسىز ئەرنىڭ ھەسرەتلىك نىداسىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىگەن، پەقەت بەختسىزلىكىنىمۇ چۈشىنىپ يېتەلمەيدىغان بىر دەلتە ئادەمنىڭ لەقۋالارچە ئىنكاسىلا ئايان بولغان خالاس. مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەھۋالدا سەمەت دېگەن بۇ كالۋا پېرسوناژ نېمىلەرنى قىلىدۇ، دېگەندە گويا سودىسى پۈتكەن كاززاپ سودىگەرگە ئوخشاش، ئۇ ئايال (بىر ئۆمۈر ۋىسالىغا يېتىشنى ئارزۇ قىلغان خۇپىيانە ئاشىقى) ئېتىپ بەرگەن ئوخشىغان پولۇنى ئىشتىھا بىلەن يەپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسى ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ. {1#5\t>9yD روماندىكى تەپسىلات ۋە تەسۋىرلەرنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن سەمەت دېگەن بۇ پېرسوناژنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇچىغا چىققان بىر گالۋاڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. دوستى قۇۋانغا دېگەن تۆۋەندىكى گېپىدىن ئۇنىڭ مەجرۇھ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: 6i9m!YQV “ −− باينىڭ ھېلىقى خېنىمىنىڭ ئىسسىق قوينىنى تېپىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتۇدۇم دېگىنە... بوپتۇ، ئادەم دېگەن شۇ. ھېلىمۇ بولسا ئۇچراشتۇق، ئەمدى بىزدىن ئايرىلما! مانا، ماڭا ياردەمچى سالچى بولىسەن، يېڭى ھۆكۈمەت كەلدى. ئەمدى ئىشلىرىمىز ياخشىلىنىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ... ھە ھېلىقى باينىڭ خېنىمىنىڭ گېپىنى قىلە” (875 - بەت(. 8W[QV “قۇۋان، ئاڭلاپ قوي، −− دېدى ئۇ، −− ئىلىخوغا چىقىپ مېنىڭ ئۆگەنگەن ھۈنىرىمنىڭ بىرى سال ھەيدەش، يەنە بىرى ھاراق ئىچىش بولدى” (861 - بەت(. ]^8:"Ky' مەن ئىككى توملۇق بۇ روماننى ئوقۇپ، باشتىن - ئاخىر سەمەتتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتسىز ھەم گالۋاڭ پېرسوناژدا “ئوت يۈرەك ئادەم”لەردە بولىدىغان بىرەر خىسلەتنى ئۇچرىتالمىدىم. مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇنىڭ تۇرغان - پۈتكىنى بىر دۆت ئىدى، خالاس! wZE[we^Q" يازغۇچى رومانىدىكى سەمەت باشلىق بۇ بىر توپ سالچىلارنىڭ ئوبرازىنى مۇئەييەن مەقسەتتە ئەتەي شۇنداق گالۋاڭ ھەم خۇنۈك ئادەملەر قىلىپ ياراتقانمۇ؟ دەپ سوئال قويۇلسا، مېنىڭچە روماندىكى ئومۇمىي خاھىشتىن بۇنداق مەقسەتنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. يازغۇچى ئۇلاردا “ئوت يۈرەك ئادەم”لەردە بولۇشقا تېگىشلىك بىرەر خىسلەتنى نامايان قىلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن . K{x ئەجەللىك يېرى شۇكى، ئەكسىچە يازغۇچى ئۇلارنىڭ تاپتىن چىققان قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ھەم ئۇلارنىڭ چۈشكۈن ھاياتىغا ئوچۇق - ئاشكارا ھېسداشلىق قىلغان. بۇنى بىز يازغۇچىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قارىتىپ بىۋاسىتە ئېيتقان تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سۆزىدىن كۆرۈۋالالايمىز: `if* “سىز >سالچى< دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئادەملەرنى چۈشەنمەيسىز. ئۇلار قۇچاق يەتمەيدىغان ياغاچلارنى بىر - بىرىگە چېتىپ، دەھشەتلىك ئېقىنلاردا جاننى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ يۈرىدىغان ئادەملەر. ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغاندا ئاشپۇزۇللاردا كېرىلىپ ئولتۇرۇپ قورسىقىنى بولۇشىغا تويغۇزىدۇ، چۈنكى ئۇلار دەريا سۈيىدە كۈنلەپ داۋالغۇپ ئېقىپ ئىسسىق تاماق كۆرمەيدۇ، بەزىدە ئاچمۇ قالىدۇ؛ ئۇلار قانغۇچە بازار چۆرگىلەشنى، ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىشنى، غوۋغا كۆتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۈنلەپ ئادەم دىدارىنى كۆرمەيدۇ؛ بار پۇلىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ قانغۇچە ئىچىپ، ناخشا ئېيتىپ كۆڭلىنى ئاچىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ جېنى ئولجىغا قالغان جان، يەنە بىر قېتىم شەھەرگە كەلگۈچە كىم بار، كىم يوقلۇقىنى بىلمەيدۇ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۇلار قانداقتۇر بىر كوچىغا كىرىپ تونۇش بىر ئىشىكنى قېقىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر جاناننىڭ قوينىدا يېتىپ تاڭ ئاتقۇزىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۈنلەپ ئەسكى چاپاننى يېپىنىپ گۈلخان يېنىدا تۈنەپ، بىر ئايال زاتىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسسىق باغرىغا ئېلىپ قۇچاقلىشىغا تەشنا بولۇپ كېتىدۇ...” (809 - بەت( :*0k: h6g بۇ بىر ئابزاس باياندا، قىيىنچىلىقىنى پەش قىلىپ، ھەمراھسىز كۈنلىرىنى باھانە قىلىپ چۈشكۈن ھايات كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىۋالغان بىر توپ ئۆكتەم ھەم رەسۋا ئادەملەر ئاقلانغان. j9y,UT ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تۇراقسىز ھەم مۇرەككەپ بولىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن خېلى - خېلى ئادەملەرنىڭمۇ ھاياتىدا چۈشكۈنلەشكەن مەزگىللىرى بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئەمما بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر چۈشكۈن ھايات كەچۈرۈشى ئېغىر پىسخىكىلىق كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ بىر ئۆمۈر چۈشكۈن ھايات كەچۈرۈشى ئېغىر ئىجتىمائىي ئىللەت ھېسابلىنىدۇ. قانۇن ۋە ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چۈشكۈنلەشكەن ئادەملەرنىڭ ئىچى پۇشسىلا ئۆكتەملىك قىلىدىغان قىلمىشلىرى ياكى ئەخلاق جەھەتتە تاپتىن چىقىدىغان ئادەتلىرى تېگىشلىك جازالىنىدۇ، چەكلىنىدۇ ۋە ئەيىبلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇنداق قىلمىش ۋە ئادەتلەرنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش پۈتۈنلەي خاتا ! مەيلى بىر ئادەم بولسۇن ياكى بىر توپ ئادەم بولسۇن، ئىچى سىقىلسىلا كەيپ - ساپاغا ۋە ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ، تۇرمۇشىدىكى ئوڭۇشسىزلىق، كۆڭۈلسىزلىك، زېرىكىش ۋە مەنىسىزلىكنى ھەل قىلىشىنى نورمال ئەخلاق ئېڭىغا ئىگە ھەرقانداق ئادەم ۋە جەمئىيەت خوپ كۆرمەيدۇ. يازغۇچىنىڭ “سالچىلار” ناملىق بۇ رومانىدا بارلىق سالچىلار ئوبرازىنى پۈتۈنلەي چۈشكۈنلەشكەن ئادەملەر توپى سۈپىتىدە تەسۋىرلىشى، ئۇلارنىڭ ناتوغرا ھەرىكەت ۋە ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىغا ھېسداشلىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىشى ئۇنىڭ بۇ خىل چۈشكۈن روھىي ھالەتنى ئېغىر ئىجتىمائىي ئىللەت دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ,y:q]PR دېمەك، مەن “سالچىلار” رومانى ھەققىدىكى بۇ تەنقىدىي ماقالەمدە ئاساسلىقى يازغۇچىنىڭ بۇ روماننى يېزىشتىكى ئۈچ تۈرلۈك مۇددىئاسىنىڭ بىرىگە يېتىپ، ئىككىسىدە مەغلۇپ بولغانلىقىنىلا پاكىتلىق ۋە ئىلمىي يوسۇندا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. 6;*tw i پايدىلانمىلار: A5ktbj&gy< ① مەمتىمىن ھوشۇر: “سالچىلار” (ئىككى توم)، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2012 - يىلى نەشرى. kki]6_/n ② شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش - تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن: “شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى”، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995 - يىلى نەشرى. 1?E\2t&K ③ شىنجاڭ پۇللىرى رەسىملىك توپلىمىنى تۈزۈش ھەيئىتى تۈزگەن: “شىنجاڭ پۇللىرى”، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتو سۈرەت نەشرىياتى بىلەن شياڭگاڭ مەدەنىيەت - مائارىپ نەشرىياتى، 1991 - يىلى نەشر قىلىنغان. lJ}G"RTm ④ تېكەس ناھىيەلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تارىخ ماتېرىياللار ئىشخانىسى تۈزگەن: “تېكەس ناھىيە تارىخ ماتېرىياللىرى” (3)، 2008 - يىلى بېسىلغان. H# 2'\0u ⑤ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللار كومىتېتى تۈزگەن: “ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى” (51)، 2007 - يىلى بېسىلغان. x*Z"~'DI ⑥ سەۋىردىن ئۆمەر، ئابدۇللا ئاۋۇت تۈزگەن: “جەننەت ماكان - ئىلى”، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، 2012 - يىلى نەشرى. "W\ #d ⑦ ئىسرائىل تۇردى: “سال ۋە سالچىلار”، “شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى”نىڭ 2008 - يىللىق 3 - سان. *AZC{jP ⑧ خەپىز ساتتار سالىخ: “ئىلى دەرياسىنىڭ تارىختىكى سۇ قاتناش ئىشلىرى”، “شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى”نىڭ 2008 - يىللىق 3 - سان. @>X."QbE +es.V / zcIZJVYA مەنبە : تارىم ژورنىلى 2013 - يىللىق 4. - سان .$99/2[90 -PEpy3dMY
ياسىنجان510:مۇھىم تېما ئىكەن رەھمەت.داۋامىچۇ؟ (2014-04-15 23:08)