查看完整版本: [-- مىېھرىما:پولونىڭ مەخپىي سىرنى بۇلەمسىز؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> مىېھرىما:پولونىڭ مەخپىي سىرنى بۇلەمسىز؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-04-15 18:20

مىېھرىما:پولونىڭ مەخپىي سىرنى بۇلەمسىز؟

بىزنىڭ ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ئىجاد قىلغان،نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىستىمال قىلىنىش داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس،بەلكى تەمىنى تېتىپلا باققان ھەرقانداق مىللەت -تائىپىنىڭ ئىشتىيىنى ئىچىپ،بارغانسىرى ئاغزىغا سىرىق سۇ كەلتۇرىۋاتقان،مەن ئىچكىرىگە خىزمەت سەۋەبى بىلەن كەلگەن بىر ئايدىن بۇيان كۈندۈزى كۆز ئالدىمدىن،كىچىسى چۈشۈمدىن كەتمەيۋاتقان، گۆھەر دانىسىغا ئوخشاش دانە-دانە شۇ سۆيۈملۈك پولۇ بىلەن رىۋايەتلەردىكى نازىنىنلارنىڭ ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىدەك ئەۋرىشىم لەغمەننى تولا خىيال قىلىۋىرىپ(خىياللىرىم قاچانمۇ رىياللىققا ئايلىنار)،تۇيۇقسىزلا پولۇغا يۇشۇرۇنغان مەخپىي سىرلارنى بايقاپ قالدىم شۇنداقلا بۇمەخپىي سىردىن مۇنبەردىكى قىرىنداشلار نىمۇ خەۋەردارقىلىش مەقسىتىدە بۇتىمىنى يىزىۋاتىمەن. پولۇنىڭ سىرى ئۇنىڭ ئسمىغا ئەمەس بەلكى جىسمىغا يۇشۇرۇنغان بولۇپ،بۇ بىرنەچچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرلىك. يەنى،پولۇ خۇرۇچلىرىدىن سەۋزە،پىيازلار ئادەتتىكى بىنام ئېتىزلارنىڭ مەھسۇلاتى.گۈرۈچ بولسا سۇلۇق ئېتىزنىڭ مەھسۇلاتى.گۆش بولساتاغنىڭ مەھسۇلاتى.دىمەك،باغنىڭ،تاغنىڭ،سۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەريەر-ھەريەرلەردىن بىر بۆيۈك مەقسەت ئۈچۈن،يەنى بىرقازان پولۇ بولۇپ ئۇيۇشۇپ،ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا «مەن باغلىق،سەن تاغلىق» دىيىشىپ يۇرتۋازلىق قىلماستىن،بىرلىككە كىلەلىگەن.يەنە بىرتەرىپى باراۋەرلىك. بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا توي-تۈكۈن،نەزر-چىراق دىگەندەك چوڭ مىھماندارچىلىق سورۇنلىرىدا پولۇ ئەڭ ئاساسلىق تاماق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت ،ئەنئەنىلىرى بىرقەدەر تولۇقراق ساقلىنىپ قالغان جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپلەردە مىھمانلار ھىلىمۇ سۇپىغا (خىش ۋە توپا ئارقىلىق قوپۇرۇلغان ،ئۈستىگە كېگىز-گىلەم دىگەنلەر سىلىپ راسلانغان ئورۇن )باشلىنىدۇ.ئاۋۋال ئەھلى-ئىلمى ،مويسىپىتلار ،ئۇندىن كىيىن ياش قۇرامى بويىچە،كىيىن كەلگەنلەر كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر بوش ئورۇن تەرتىۋى بويىچە باي-كەمبەغەل،كادىر-دىھقان دەپ ئايرىلماستىن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ ،ئۈچ ئادەم بىر تاۋاقتىن پولۇنى «ئالسا-خوش »دىيىشىپ يەيدۇ.بىر تاۋاق ئاشنى بىرگە يىگەنلەر ئارىسىدا شۇۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھىچقانداق تەڭسىزلىك ئالامەتلىرىنى بايقىغىلى بولمايدۇ(كىيىم پەرقىدىن باشقا). ئىتتىپاقلىق. بۇ پولۇنىڭ سىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغان بىر تەرىپى .پولۇنىڭ خۇرۇچى،مىھمىنى بىرلىك بىلەن باراۋەرلىكنى ئەكس ئەتتۈردى.ئىتتىپاقلىق بولسا پولۇنى يىگەن ۋاقتتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.يەنى، بىز پولۇنى يىيىش ئۈچۈن چوقۇم بەش بارمىقىمىزنى ئورتاق ھەرىكەتلەندۈرۈپ،ھەربىر بارماققا ئوخشاش ھالەتتە كۈچ ئىشلىتىپ،«بارماق ئىتتىپاق»ىنى شەكىللەندۈرگىنىمىزدە ئاندىن تاۋاقتىكى چىچىلاڭغۇ ھالەتتىكى گۈرۈچ،سەۋزە،گۆشلەرنى ئۆزئارا جەم قىلىپ،«پولۇ ئىتتىپاقى» غا ئاساس سىلىپ ،«يىيىش »مەقسىتىمىزنى قانائەتلەندۈرەلەيمىز. دىمەك،پولۇدىن ئىبارەت بۇ بىزنىڭ بۇ ئۇيغۇر تائامى يالغۇز قورساق بىقىشتىلا ئەمەس،بىز ئۇيغۇرلارغا ئۆملۇك ،ئىتتىپاقلىق،باراۋەرلىك جەھەتتىمۇ ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن رولىنى تارىخىتىن بۇيان ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.شۇڭا بىز پولۇنىڭ بىزگە بەرگەن ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى قۇۋۋىتىدىن باشقا مەنىۋىي،روھىي جەھەتتىن بەرگەن قۇۋۋىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز،ئۇنى مەڭگۈ قەدىرلىشىمىز،داستىخانغا چېچىۋەتمەي،ئاۋايلاپ يىيىشىمىز،مىزىلىك پولۇ بىلەن بىزنى باققان ئانىمىزنى،ئاچىمىزنى،ئايالىمىزنى،ئاشپەز ئۇستاملارنى ھورمەتلىشىمىز،ئۇلارغا تەشەككۈر ئىيتىشىمىز كىرەك! پولۇنىڭ ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن ئىتتىپاقلىق،بىرلىك،ئۆملۈك روھىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىشىمىز كىرەك.
ياشىسۇن پولۇ روھى! ياشىسۇن مىززىلىك پولۇ! ئاھ پولۇ،مەن سىنى سۆيىمەن!!!
مەنبە توردۇنياسى




ياسىنجان510 2014-04-15 20:04
    ئېسىل يازما  يوللاپسىز رەھمەت.تەربىيىۋى قىممىتى يوقۇرى ئىكەن.

مىېھرىما 2014-04-15 21:44
سىزگە رەھمەت ياسىنجان !!

سىزدەك تەۋپىقداشلىرىمنى  ئازراق نەپكە ئېرىشتۈرەلىسەملا مەن  شۇنىڭغا خۇش !!

لاچىن 2014-04-15 21:55
    سىز ھىسسىياتقا بەك باي ئىكەنسىز. بىر قازان بولۇنى تەييارلايدىغان، - .دىمەك،باغنىڭ،تاغنىڭ،سۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەريەر-ھەريەرلەردىن بىر بۆيۈك مەقسەت ئۈچۈن،يەنى بىرقازان پولۇ بولۇپ ئۇيۇشۇپ،ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا «مەن باغلىق،سەن تاغلىق» دىيىشىپ يۇرتۋازلىق قىلماستىن،بىرلىككە كىلەلىگەن. دېگەن قۇرلارنى ئوقۇپ ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم.

مىېھرىما 2014-04-15 22:01
سىزمۇ تەپەككۇرغا ئاجايىپ ئۇستىكەنسىز مەن سىزگە بەكلا قايىلمەن . سىزنىڭ تىمامنى ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدۇم .

سىزگە رەھمەت  لاچىن

ھاتەھاتەم 2014-04-21 13:03
تەسسەۋۇرغا بەك بايكەنسىز.ماۋزۇنى كۆرۇپ پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى توغرىسىدا سوزلەنگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن.ئاپىرىن سىزگە

مىېھرىما 2014-04-21 13:47
سىزگە رەھمەت. بۇ تىمنى ئۆزەم يازمىغان ماڭا بەك يارغاچقا ھەممىمىز بىرلىكتە بەھرلىنەمىز دەپ يوللاپ قويغان ئىدىم!!!

ئابدۇمىجىت 2014-04-22 15:00
پولونىڭ ‹سىموۋۇللۇق› سىرىنى بىلىۋالدىم. تەسەۋۋۇرىڭىزغا قايىلمەن.

رەيھان 2014-04-23 08:52
ئاجايىپ ئىسىل تېما يوللاپسىز

گۈلنىھال 2014-04-23 10:07
ياخشى تىمىكەن !

نۇرلالە 2014-06-17 18:41
ئىسىل تېما يوللاپسىز


查看完整版本: [-- مىېھرىما:پولونىڭ مەخپىي سىرنى بۇلەمسىز؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled