kumush |
2014-04-15 12:36 |
9 يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى(سىنتاكسىس)
9 يىللىق ئالى مەكتەپ سوئالى ( سىنتاكسىس ) (2013-يىللىق) تۆۋەندە ئېيتىلغان سىنتاكسىسلىق تەھلىلەردىن توغرىسى: A.«ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل ۋە ئۇلۇغ بىل، چۈنكى سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن» دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، بۇ جۈملىدە ئوخشاش بىر سۆز باش جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە، بىقىندى جۈملىدە تولدۇرغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن. بىرىنچى جۈملىنىڭ خەۋىرى تەڭداش مۇرەككەپ مۇناسىۋەتتە باغلىنىپ كەلگەن مۇرەككەپ خەۋەردۇر. B. «بىلىم ئېلىشنى ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىل، بىلىمسىزلەرگە : ‹ بىلىم بىلەن دۇنيانىڭ قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ› دەپ نەسىھەت قىل» دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە، مەزمۇن جەھەتتىن بۇيرۇق جۈملە، جۈملە تەركىبىدىكى كۆچۈرمە جۈملە ئاپتور سۆزىنىڭ ئوتتۇرىدا كەلگەن. C. «يامانغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب بېرەلەيدىغانلار ھۆرمەتلىكتۇر» دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن تولۇق، ئىگىلىك، يېيىق ئاددىي جۈملە، مەزمۇن جەھەتتىن بايان جۈملە بولۇپ، جۈملىدە پېئىل خاراكتېرلىك ئاددىي سۆز بىرىكمىسى ئىگە ۋەزىپىسىدە كەلگەن. D. «بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ، سۆزىنى ئاڭلا، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى – ئىلىم خۇمارلىقى، كەمتەرلىكىنى ئۆگىنىپ، ئىشقا ئاشۇر» دېگەن جۈملە بەش ئاددىي جۈملىدىن تەركىب تاپقان ئارلاش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، بىرىنچى باش جۈملىدىكى سۆزلەر چىرمىشىش مۇناسىۋىتىدە، ئىككىنچى باش جۈملىدىكى سۆزلەر باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىدە باغلىنىپ كەلگەن. (2012-يىللىق) سىنتاكسىسلىق تەھلىللەردىن توغرىسى : A . «تاغ باغرىدىكى يېشىل چىمەنلەر مەيىن شامالدا ئاستا يەلپۈنمەكتە » دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن ئاددىي جۈملە بولۇپ ، جۈملىدە چىرمىشىش مۇناسۋېتىدە كەلگەن ئىككى ئىسىم ئېنىقلىغۇچى بولغان . سۈپەت بىلەن ئېنىقلانغان ئىككى ئىسىم خەۋەرگە باغلىنىپ، بىرى ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋىتىنى ، يەنە بىرى باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىنى ھاسىل قىلغان . B . «نادانغا يېقىنلاشما ، نادان كىشىدىن يىراق تۇر ،ئۇلاردىن قاچ ، چۈنكى نادانلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى تامامەن قوپالدۇر » دېگەن جۈملە تۆت ئاددىي جۈملىدىن تۈزۈلگەن تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ ، ئاۋالقى ئۈچ ئاددىي جۈملە تۈزۈلۈشىدىن يېيىق ، ئىگىلىك ، تولۇقسىز ئاددىي جۈملىدۇر. C . « ئەگەر ئاچچىقىڭ كەلسە ، ئۆزۈڭنى تۇت ، سەۋر قىل ،سەۋرلىك كىشىنىڭ ئاقىۋىتى شادلىق بولغۇسىدۇر » دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ ، ئاخىرقى جۈملىنىڭ ئىگىسى رەۋىش ، خەۋىرى پېئىلدۇر . D . « يامانغا يېقىنلاشما ، ئەي ، ئۇلۇغ ئىنسان ، دىققەت قىلغىنكى ، ئاق نەرسىگە قارا تېز يۇقىدۇ » دېگەن جۈملە ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ ، جۈملە تەركىبىدە جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەردىن قاراتما سۆز بار . بىرىنچى ئاددىي جۈملە مەزمۇن جەھەتتىن بۇيرۇق جۈملىدۇر . (2011-يىللىق) سىنتاكسىس ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى: A.‹‹ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى، زەخمەت چەكمە بولما بىئارام. تېنچلانماق لازىم قايغۇدا، قوۋناق كۈنلەر كېلىدۇ ھامان.›› دېگەن شېئىرىي پارچىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى مىسراسى مەزمۇن جەھەتتىن بايان جۈملە بولۇپ،تۈزۈلۈش جەھەتتىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىدۇر. B.‹‹ ئىدىيە،تەشەببۇس ئوخشاش بولمىسا،پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ››دېگەن جۈملە تۈزۈلۈش جەھەتتىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، باش جۈملىسى ئىگىلىك،تولۇق،يېيىق ئاددىي جۈملىدۇر. . C.‹‹ياخشىلىق بىلەن سېخىيلىق ئاتا بىلەن ئانىغا ئوخشايدۇ››دېگەن جۈملىدە ئىككى ياسالما ئىسىم تەڭداش باغلىنىشتا كېلىپ ئىگە بولغان. D.‹‹شېرىن –شېكەر سۆزلەرئادەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نابۇت قىلىدۇ.كىچىك ئىشلاردا ئۆزىنى تۇتالمىسا،چوڭ ئىشلارنى بۇزۇپ قويىدۇ››دېگەن جۈملە ئۈچ ئاددىي جۈملىدىن تۈزۈلگەن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ،كېيىنكى ئىككى ئاددىي جۈملىسى ئىگىسىز ئاددىي جۈملىدۇر. (2010- يىللىق ) جۈملە ، جۈملە بۈلەكلىرى ، جۈملىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى ( ) A. « ئاتىنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى قەھىرىتان قىش قۇچىقىدا ئۇخلاۋاتقان باھارنى ئويغاتتى » دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشى جەھەتىتىن ئاددى جۈملە ، مەزمۇن جەھەتتىن بايان جۈملىگە كىرىدۇ . B. «بىلىم _ ئەقىل چىرىغى » دىگەن جۈملە ئىگىلىك ، تۇلۇق ، يىغىق ئاددى جۈملە بۇلۇپ ، جۈملىدىكى سىزىقنىڭ قۇيۇلۇشى توغرا بولغان . C. « ئاز گەپ قىلماق _ ھىكمەتكە سەۋەپ ،ئاز يېمەك _ ساقلىققا سەۋەب » دېگەن جۈملە تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، تەركىبىدىكى ھەر ئىككى ئاددى جۈملىنىڭ ئىگىسى پىئېل سۆز تۈركۈمىگە تەۋە . D. « بالام ، ئەر كىشى ئۆز ھۈنىرىنى تاشلاپ ، ئۆزىگە تۇنۇشلۇق بولمىغان ئىشنى باشلىسا ، بۇ يولدا ئۆز مەنزىلىگە قانداقمۇ يېتەلىسۇن ؟» دېگەن جۈملە ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، جۈملە بىلەن گىراماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزدىن بىرى بار . (2009- يىللىق ) جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈملەردىن توغرىسى ( ) A. « ساۋاقداشلار ، قىيىنچىلقتا قالغانلارغا مىھىر _ مۇھەببەت يەتكۈزەيلى !» دېگەن جۈملە مەزمۇن جەھەتتىن ئۈندەش جۈملە بۇلۇپ ، جۈملىنىڭ ئىگىسى يۇشۇرۇن كەلگەن . B. « ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى » دېگەن جۈملىدە بېقىندىلىق باغلىنىشتىكى تۆت خىل مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىسى بار . C. « _ سەن ئۇستازىڭدىن نېمىنى ئۆگەندىڭ ؟ _ ئادەم بۇلۇشنى . » دېگەن دىئالوگنىڭ كېيىنكى جۈملىسى تۈزۈلۈشى جەھەتتىن تۇلۇقسىز ، ئىگلىك ، يېيىق ئاددى جۈملىدۇر . D. « قۇياش پاتسا يەنە پەيدا بۇلىدۇ ، يەرگە دان تۆكۈلسە ئۈنۈپ چىقىدۇ » دېگەن جۈملە بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، باش جۈملىسى ئاۋۋال كەلگەن . (2008- يىللىق ) تۆۋەندە بېرىلگەن پارچىلاردىكى بوش ئۇرۇنغا سۆز ۋە تىنىش بەلگىلىرىنى قايسى تەرتىپ بويىچە قويسا ، پارچىنىڭ باش _ ئاخىرى ياخشى ماسلىشىدۇ: ( ) ① « روھى سۇنغان ئادەمنى قۇتقۇزماق قىيىن ، ئۇنى يىقىلغان دەرەخنى ئۆرە قىلغاندەك تىكلەپ تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ . ، جىسىمنىڭ ئۆرە يۈرگىنى روھنىڭ ئويغانغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ ، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشاش ئادەم ئىكەنلىكىدىنمۇ گۇمانلىندۇ .» ② باھار _ ئۇ پەسىللەر گۈلزارلىقى ، قەلبلەر ئىنتىزارلىقى ، ئۇيېڭى يىل تۇيغۇلىرىدا تۇغۇلىدۇ ، ئورمانلاردا ئويغىنىپ ، قار قوينىدا بىخلىندۇ . كۈمۈشتەك جىرالاردا كۈيى بىلەن ، بىلەن تولغىنىپ ئاقىدۇ . ③ « مەن تەبىئەتنىڭ ئەركىسى يىپەك قاناتلىق سۆيگۈ يەلپۈگۈچى ! مەن يامغۇرنىڭ كۆز يېشىنى توختىتىپ زىمىننىڭ نەم ئەتلىرىنى قۇرۇتىمەن . چىرايلىق ئېچىلغان رەڭدار گۈللەرنىڭ ھىدىنى ئېلىپ ، ئىنسانلارغا ئەتىر پۇرىتىمەن . »
① ② ③
A ئەكىسچە چۈنكى سېپىلدەك يىغىسى ! ، .
B ئەلۋەتتە ھەتتا سۈرەتتەك كۈلكىسى _ ! ،
C ئەكىسچە ئەمەليەتتە تۈمۈردەك يىغىسى ، ! .
D شۇڭا ئەلۋەتتە مۇزدەك كۈلكىسى _ ، ،
(2008- يىللىق ) جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ، مورفولوگىيلىك ، سىنتاكسىسلىق تۈزۈلۈشى ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى ھۆكۈملەردىن توغرىسى : ( ) A. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ » دېگەن جۈملە مەزمۇن جەھەتتىن بايان جۈملە ، تۈزۈلۈش جەھەتتىن تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، « كۆرمىگىنىڭ ، ئۆلمىگىنىڭ » دېگەن سۆزلەر جۈملدە ئىگە ۋەزىپىسىدە كەلگەن . B.«مەن ھاياتلىقىمدىن ئىزنا قالدۇرماق بۇلۇپ ، مۇنار تىكلەۋاتاتتىم ، قىلمىشلىرىم تەرەپ – تەرەپتىن كېلىپ ئۇنى ئۆرۈۋەتتى » دېگەن جۈملە تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە . جۈملىدىكى « مۇنار تىكلەۋاتاتتىم »دېگەن سۆز ئوتتۇرسىدا يانداش باغلىنىش مۇناسىۋىتى بار . C. « تۇرمۇش لەززىتىنى ھالال ئەمگەكتىن ئىزدىمىگەن ئادەم ئاچكۆز چاشقانغا ئوخشايدۇ » دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسى بىلەن خەۋىرى كېلىشىش باغلىنىش مۇناسىۋىتىدە كەلگەن . «ئىزدىمىگەن » دېگەن سۆز ياسالما سۈپەت بۇلۇپ ، جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . D. « ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ » دېگەن جۈملە ئىگلىك ، يېيىق ئاددى جۈملە .
(2007- يىللىق ) تۆۋەندىكىلەردىن جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈملەردىن توغرىسى : ( ) A. « نامراتلىق ئىچىدە تۇرۇپمۇ نەپرەتلەنمەسلىك ناھايتى تەس . باياشادچىلىق ئىچىدە مەغرۇرلىنىشىنى ئاسانلا قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ » دېگەن جۈملە مەزمۇنىدىن بايان جۈملە ، تۈزۈلۈشىدىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىدۇر . B. « ئاي چىللىسا ، مەن قالاي ،سەن چىق ، ئايدا دوستۇم بار دەپ بىلىمەن . پەخىرلەنسە ئەللەر مۈلكىدىن ، مەن دوسىتلاردىن پەخىرلىنىمەن . » دېگەن شېئىرى پارچىنىڭ بىرىنچى مىسراسى مەزمۇنىدىن بۇيرۇق جۈملە ، تۈزۈلۈشىدىن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملىدۇر . C. « ئەقىللىق ئادەملەر يولدىن ئازمايدۇ ، چۈنكى ئەقىل ئۇنىڭ يۇلىنى يۇرۇتۇپ تۇرغان نۇرلۇق مەشئەلدۇر » دېگەن جۈملە مەزمۇنىدىن خەۋەر جۈملە بۇلۇپ ، تۈزۈلۈشىدىن تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىدۇر . D. « خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئالالمىغان ئادەمنىڭ ھەيكىلى ئالتۇندىن تىكلەنسىمۇ ، قوغۇنلۇقنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئۈنۈپ چىققان شۇمبۇيىغا ئوخشايدۇ » دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، مەزمۇنىدىن ئۈندەش جۈملىدۇر .
(2006- يىللىق ) جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى ھۆكۈملەردىن توغرىسى : ①«ۋەتەن-ئانا تەبىئەت پەرزەنتلىرىنىڭ كۆڭۈل قىرغاقلىرىنى تۇتاشتۇرغۇچى ئالتۇن كۆۋرۈك قايغۇلۇق دىللارغا شىپالىق نۇرىنى تۆككۈچى ھىدايەت قۇياشى! » دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، مەزمۇنىدىن ئۈندەش جۈملىدۇر . ② ‹‹كىمكى بەخت-ئىقباللىق، خالىس كىشىلەرنىڭ پېشىنى تۇتسا، ئۇ ئەلۋەتتە مۇراد-مەقسىتىگە يېتەر، ساخاۋەت ۋە ئامەت تاپار ›› دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، مەزمۇنىدىن بايان جۈملىدۇر . ③ ‹‹مۇۋەپپىقىيەت يولى جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئوچۇق››دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن ئاددىي جۈملە بۇلۇپ ، مەزمۇنىدىن بايان جۈملىدۇر .
④‹‹ياخشىلىقنىڭ جەلپكارلىق ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچى غايەت زور بولىدۇ. ياخشىلىقتىن ئېلھام ئالغان كىشى ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقىي پادىشاھىدۇر، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ روھىغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ›› دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، مەزمۇنىدىن بايان جۈملىدۇر . ⑤ ‹‹ئەجدادىڭدىن قالغان شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتكە سەنمۇ يېڭى ۋە مۇناسىپ شان-شەرەلەرنى قوشقىن،شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي شەرەپلىك بولىسەن›› دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، مەزمۇنىدىن بۇيرۇق جۈملىدۇر . ⑥‹‹ۋىجدان – قەلب قەسىرىدىكى ئەخلاقىي ھۆكۈمران،قەتئىي ئىرادىنىڭ قوللىشى بولمىسا، ۋىجدان ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ›› دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە بۇلۇپ ، مەزمۇنىدىن بايان جۈملىدۇر . A.①③⑥ B.①③④ C.②③⑤ D.③⑤⑥
(2005- يىللىق ) A. «بەزىلەر ئەقىل-پاراسەتنى خۇددى مال-دۇنيانى چاچقاندەك ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ» دېگەن جۈملە ھەم ئىگىلىك ئاددىي جۈملە ھەم يېيىق ئاددىي جۈملىدۇر B. كۆچۈرمە جۈملە ئاپتور سۆزىدىن كېيىن كەلگەندە، ئاپتور سۆزىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلۇپ، كۆچۈرمە جۈملە قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. C. «تېز قايتىپ كەل، گېپىمنى ئاڭلا » دېگەن جۈملە مەزمۇن جەھەتتىن بۇيرۇق جۈملە بولۇپ، شۇئار، چاقىرىق مەنىسى سۇسراق ئىپادىلەنگەن بولغاچقا،جۈملە ئاخىرىغا چېكىت قويۇلسا بولىدۇ. D.«ئادەم قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى بىلسە،شۇنچىلىك ئەركىن، قۇدرەتلىك ۋە ئەقىللىق بولىدۇ » دېگەن جۈملە بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ،باش جۈملە تەركىبىدىكى تەڭداش باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەر باغلىغۇچى ۋە تىنىش بەلگە ئارقىلىق باغلانغان.
|
|