查看完整版本: [-- [بوستان]: يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> [بوستان]: يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

bostan 2014-04-15 12:12

[بوستان]: يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار

يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار 066\zAPdH  
مۇھەممەد تۇراپ 8BS Nm  
قەدىمكى شەھەر يەكەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەشھۇر شەھەردۇر. ئۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىگە، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىگە، يەكەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. مىلادىيە 2-ئەسىردە يىپەك يولى يەكەننى كېسىپ ئۆتكەن. يەكەن بەگلىكى يىپەك يولىدىكى چوڭ بەگلىك بولۇپ ئورنى ھازىرقى يەكەن ناھىيەسىدە، كېيىن ئودۇن تەرىپىدىن قوشىۋېلىنغان. ‹‹جۇ سالنامىسى.خانلارنىڭ ئۇچرۇشىشى›› ناملىق ئەسەردە: بەگلىكنىڭ ئورنى بۈگۈنكى يەكەن ناھىيەسىدە، دەپ خاتىرلەنگەن. يەكەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دەۋردە يەكەننىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي سودا ئىشلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان ۋە ھەرقايسى بەگلىكلەردىن بۇ يەرگە كېلىپ سودا قىلىدىغان سودىگەرلەر ئالاھىدە كۆپ بولغان. +W[{UC4b  
غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ بەگلىكنىڭ ئاستانىسى يەكەن شەھىرى بولۇپ، نوپۇسى 16 مىڭ 373، ئەسكەرلىككە ياراملىق 3049 ئادىمى بار بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرى(مىلادىيە 618-907-يىللار) دە غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، يەكەن بىلەن ئىچكى رايۇنلارنىڭ سودا ئالاقىسى خېلى راۋاجلانغان. بۇ مەزگىلدە يەكەننىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى غەربىي يۇرتنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىللە ھەرقايسى ئەللەرگە چىقىرىلغان. بولۇپمۇ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە يەكەن ئىنتايىن روناق تېپىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم سودا ۋە مەدەنىيەت شەھىرىگە ئايلانغان. چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى جۇڭغار خانلىقىغا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى يەكەن خانلىقىغا تەۋە  بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا يەكەن چىڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. مىلادىيە 1679-يىلى بۇ خانلىق قوشنا ئەل جۇڭغارلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. يەكەن خانلىقى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردە گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلارنى كونتىرول قىلىپ، غەربىي يۇرتتىكى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ زور تەسىر كۆرسەتكەن. 8193d%Wb  
يەكەن 1239-يىلدىكى چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن زېمىن تالىشىش ۋە خەزىنە بۆلۈشۈۋېلىش ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان. يەرلىك تەزكىرىلەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋەيرانچىلىقتىن كېيىن مىلادىيە 1446-يىلى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان مۇھەممەد قىرالىدىن دېگەن كىشى تەرىپىدىن يەكەن شەھىرى قايتىدىن ياسىلىپ چىققان. 13-ئەسىردە ئىتالىيەلىك ساياھەتچى ماركوپولو جۇڭگوغا كېلىشىدە يەكەندىن ئۆتكەن ھەم بۇ جاينىڭ ئاۋات جاي ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن. يەكەن خانلىقى مىلادىيە 1514-يىلدىن 1678-يىلغىچە ئىنتايىن گۈللەنگەن. 4.kn , s  
تۆۋەندە مەن يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپتىكى قۇرغۇچىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. 2ss*&BR.  
سۇلتان سەئىدخان ــ مەشھۇر يەكەن خانلىقىنىڭ تۇنجى قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى سۇلتانى. سەئىدخاننىڭ قاچان، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە ماتېرىياللاردا ھەر خىل مەلۇمات بېرىلگەن. rF?QI*`Y(  
1484-يىلى تۇغۇلدى دېگەن مەلۇمات بىر قەدەر ئىشەنچلىك. چۈنكى كۆپلىگەن مەنبەلەردە سۇلتان سەئىدخان 30 يېشىدا سەئىدىيە خانلىغىنىڭ تەختىگە چىققانلىقى، 20 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ، 1533-يىلى ۋاپات بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. سۇلتان سەئىدخان 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۇنى يەكەن خانلىقىنى قۇرغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەكەننى ئاستانە قىلغانلىقى ئۈچۈن خانلىق نامىنى ‹‹يەكەن خانلىقى›› دەپ ئاتىغان. ئەمما بەزى مەنبەلەردەە: «سەئىدخان يەكەنگە كىرگەندىن كېيىن 1514-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلتاي چاقىرىپ، قۇرۇلتايدا سەئىدخان خانلىق تاجىنى كىيدى، دۆلەت نامى «سەئىدىيە دۆلىتى» دەپ ئاتالدى، يەكەن شەھىرى دۆلەتنىڭ دائىمىي پايتەختى قىلىپ بېكىتىلدى، دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكلى نۇقۇت رەڭ ئۈچ بۈرجەكلىك بايراققا ئۆزگەرتىلىپ بايراقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە «لائىلەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللە» دىگەن ئايەت ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلدى، سول تەرىپىگە دۆلەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى يېزىلدى» دەپ خاتىرلەنگەن. 3ox|Mz 
سۇلتان سەئىدخان ــ رەھىمدىل، خەلقچىل ئادەم بولغاچقا تەختكە چىققاندىن كېيىن ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ، مىرزا ئابابەكرى تەرىپىدىن قاتتىق ئازاپ-ئوقۇبەتكە يولۇققان خەلقنى خاتىرجەم قىلىپ، مىرزا ئابابەكرى بۇلاپ توپلىغان بايلىقنى خەلقكە بۆلۈپ بەرگەن. ئىجتىمائىي ئامانلىقنى قوغداپ جەمئىيەتنى خاتىرجەم قىلغان ھەم خارابىلاشقان يۇرۇت-ماكانلارنى ئاۋاتلاشتۇرغان. خەلقتىن 10 يىلغىچە(بەزى مەنبەلەردە يەتتە يىلغىچە دىيىلگەن) ئالۋاڭ-سېلىق ۋە باج ئالماي، ئۇرۇشنى راۋا كۆرمەي ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن، نەتىجىدە سەئىدىيە خانلىقى كۈنسېرى زورىيىپ نوپۇزلۇق، كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. زېمىنى يەتتەسۇ، توقماق، تىبەت، كەشمىر، قۇمۇل، بەدەخشانغىچە كېڭەيگەن. دۆلەت بىرلىككە كېلىپ خەلق ئەمىن تاپقان، ئىگىلىك گۈللىنىپ دۆلەت روناق تاپقان ۋە خەلق باياشات ئىچىدە ئۆتكەن، شۇڭا بۇ دەۋردە كىشلەر قۇمۇلدىن بەدەخشانغىچە سەپەرگە چىقسا ئوزۇق-تۈلۈك ئالماي ئۆيدىن-ئۆيگە كىرىپ مېھمان بولۇپ بارار ئىكەندۇق. K7qR  
1533-يىلى سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قوشۇن تارتىپ تىبەتنى بويسۇندۇرۇپ قايتاشىدا كېسەل تېگىپ 47 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، مىيىتى يەكەندىكى ئالتۇنلۇق مازارغا دەپىن قىلىنغان. سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن 47 يېشىغىچە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ زېمىنى كەڭ، قۇدىرەتلىك، باي سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغان. ئۇنىڭ دەۋرى ئومومەن گۇللەنگەن، تېنچ، ئاسايىشلىق دەۋرى بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققى قىلىش شارائىتى ھازىرلانغان. ,MLAW  
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان (مىلادىيە 1510-1560-يىللار) ــ يەكەن خانلىقىنىڭ تۇنجى سۇلتانى سەئىدخاننىڭ تۇنجى ئوغلى، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى. ئۇ دادىسىغا ئوخشاش قابىل، زېرەك، پاراسەتلىك، غەيۇر سەركەردە بولۇپ، دادىسى بىلەن بىللە نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ خانلىقنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. a(`"qS  
ئۇ ئادالەتپەرۋەر، خەلقچىل كىشى بولۇپ ھەم ئەلەم، ھەم قەلەم ساھەسىنىڭ ئىستىداتلىق ماھىرى، مۇزىكانتى ھەم شائىرى. ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەپ، پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ، 20 ياش ۋاقتىدىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئىقتىدارلىق ئالىمى بولۇپ تونۇلغان. ئۇ مىلادىيە 1533-يىلى دادىسى سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، دادىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ئادىل سىياسەت يۈرگۈزگەن. خانلىقنىڭ ئىلىم-مەرىپەت، ئەدەبىيات، سەنئەت، يېزا ئىگىلىك، سۇ ئىنشائاتى، بىناكارلق ئىشلىرىنى مىسلىسىز دەرىجىدە گۈللەندۈرگەن، ئابدۇرەشىدخان پارس تىلىدا سۆزلىشىش، پارس تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇلىنىشنى تەدىرجى ئازلىتىپ ئورنىغا ئۇيغۇر تىلىنى دەسسەتكەن، مەھكىمىدىن ئىدارىلارغىچە پارسچە قائىدە-يوسۇنلارنى، پارس يېزىقىدا خەت-ئالاقە قىلىشنى بىكار قىلىپ ئۇيغۇرچە قائىدە-يوسۇن ئىشلىتىشنى، ئۇيغۇر يېزىقىدا خەت-ئالاقە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، مەخسۇس تەرجىمە ئىدارلىرىنى تەسس قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئەرەپچە، پارىسچە، ئوردۇچە كىتاپلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرغان. C6tfFS3bq  
بەزى مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە: «سەئىدىيە خانلىقى پارس تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتتى، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلدى، مەدىرىسلەردە %70 دەرسلىك پارس تىلىدا ئۆتۈلدى، يەتتە سۇ، ئىسسىق كۆل ۋە ئالتە شەھەرگىچە بولغان كەڭ زېمىن سەئىدىيە خانلىقىغا مەنسۇپ بولدى» دىيىلگەن. ئۇ يەنە يېزا ئىگىلىك ۋە سۇ ئىنشائاتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قۇرغاقچىلىققا خاتىمە بەرگەن. بىناكارلىق، مېمارلىق، نەققاشلىقنى گۈللەندۈرۈپ، قەشقەر ۋە يەركەندە مەدرىس، خانقا، مەسجىد، جامە بىنا قىلغان. باغ، ئېرىق-ئۆستەك، كۆۋرۈك، كۆل ۋە بوستانلىق ئەھيا قىلىپ، جاي-جايدىكى مەدرسىنڭ سانىنى 2263 گە، مەكتەپنى 1533 گە يەتكۈزۈپ، چوڭ شەھەرلەردىن باشقا ناھىيە ۋە يېزا-قىشلاقلاردا مەھەللە مەدرسى قۇرغان. نۇرغۇن يەر، دۇكان، مېھمانساراي، تۈگمەنلەرنى بەرپا قىلىپ، كىرىمىنى مەدرىس-مەكتەپلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن. خانلىق مەدرىسلەرنىڭ چىقىمىنى ئوردا غەزىنىسىدىن ھەل قىلىپ، يەكەندىكى رەشىدىيە مەدىرىسى، يېشىل مەدرىس، جامە مەدرىسى، قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسى، ساقىيە مەدرىسلىرىنىڭ نامى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرققە تارقالغان. نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك تالىپلار قەشقەر، يەكەنگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىلىم ھېرىسمەنلىرى ئىستانبۇل، باغداد، تېھران، كابۇل، دېھلى، قازان، بۇخاراغا بېرىپ ئاۋارە بولمىسىمۇ يەكەن بىلەن قەشقەردە ئىلىم ئالايدىغان بولۇشقان. شۇڭا قەشقەر ئىلىم-پەن مەركىزىگە ئايلىنىپ «سانى بۇخارا»(ئىككىنچى بۇخارا) دىگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئەدىپلىرىدىن نۆۋبىتى، زەلىلى، نازارى، خىرقىتى، غېرىبى، سوبۇرى قاتارلىقلار يېتىشىپ چىققان. شۇ دەۋردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر «12 مۇقام»ى ئابدۇرەشىدخاننىڭ ھىمايىسىدە خانىش ئاماننىساخان ۋە قېدىرخان يەكەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەتلىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن. ئابدۇرەشىدخان ئىلىمخۇمار كىشى بولغاچقا بىلىملىك كىشلەرنى ھۆرمەتلىگەن ۋە قەدىرلىگەن. شۇڭا جاھاننىڭ ئۇ قېتىدىكى نۇرغۇنلىغان مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر ئابدۇرەشىدخاننىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ سەئىدىيەگە كېلىپ ئىلىم-مەرىپەت بىلەن شۇغۇللانغان. سۇلتان ئابدۇرېشىدخان27 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ 1560-يىلى ۋاپات بولۇپ، يەكەن ئالتۇنلۇق مازارغا دەپنە قىلىنغان. ;Q5o38(  
ئابدۇرېشىدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇكېرىمخان تەختكە ئولتۇرۇپ، ئەلنى دادىسىغا ئوخشاش ئادالەت بىلەن سوراپ، 33 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ، ھىجىرىيىنىڭ 1000-يىلى ۋاپات بولغان. >8`;SEnv  
تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇل قويۇش ئىشلىرى بارلىققا كەلدى. sa"!ckh  
يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قوشنا ئەللەرنىڭ پۇللىرىنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. چۈنكى، يەكەن خانلىقىدا دەسلەپكى مەزگىللەردە توختىماي ئۇرۇش بولۇپ تۇرغاچقا مۇقىم زېمىنى بولمىغان ۋە ئۆزى پۇل قۇيمىغان. چۈنكى يەكەن خانلىقى بىلەن ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تىل-ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئادىتى يېقىن بولغاچقا قوشنا ئەللەرنىڭ پۇللىرىنى ئىشلىتىشنى قولايلىق كۆرگەن. 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن كېيىن ئىقتىسادى گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك، ئىشلەپچىقىرىش ۋە قول سانائىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. بولۇپمۇ، كانچىلىق (ئالتۇن قازمىچىلىقى) مېتال تاۋلاش، قۇيمىچىلىق سانائىتى ئالاھىدە راۋاجلانغان ھەمدە ئالتۇن، قاشتېشى، مىس، كۈمۈش، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇن رودىلىرىنى تاۋلاش ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. ئەينى زاماندا خانلىق تەۋەسىدە ئالتۇن كۈمۈشتىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش سەنئىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتىرىلگەن بولۇپ، قېزىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر كۆپ بولغاچقا، ئالتۇندىن نازۇك ۋە نەپىس زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ئېھتىياجى يېتەرلىك قاندۇرۇلغان. ئالتۇندىن ئاساسلىق ئالتۇن تاج (خان تاجىسى)، ئالتۇن زىرە، ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن بىلەيزۈك، ئالتۇن قاداق، ئالتۇن جىيەك، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن كەمەر (زەر بىلەن زىننەتلەنگەن تاسما)، ئالتۇن بىلەن قاپلانغان قامچا ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىگەر-جابدۇق ياسالغان. مەدەنىيەت ئىشلىرى كۈنسايىن گۈللەنگەنلىكتىن، كىتاپلارنىڭ مۇقاۋى ۋە بەتلىرىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىش ئىشلىرى ئەۋج ئالغان. نوپۇس كۆپىيىپ، جەمئىيەت مۇقىملىشىپ، قاتناش راۋان بولغانلىقتىن ھەرقايسى ساھەلەر ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار سودىسى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى تەرەققىياتلارنىڭ تۈرتكىسىدە، يەكەن خانلىقى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن  مىس پۇل قۇيۇپ خانلىقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئوبروت قىلغان. ھەمدە سۇلتان سەئىدخاننىڭ نامىدا، پىرىسلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئالتۇن پۇل قۇيدۇرۇپ كەڭ دائىرىدە ئوبروت قىلغان. سۇلتان سەئىدخان نامىدىكى ئالتۇن پۇللار كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن كەڭ-كۆلەمدە تېپىلغان. 8feLhWg'P  
  مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگاننىڭ ‹‹تارىخىي رەشىدىيە›› ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ بىرىنچى بۆلۈم 356-بېتىدە يەكەن خانلىقىدىكى ھەر بىر خانلىرىنىڭ ئالتۇن پۇل قۇيغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان. چەت ئەل ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى يەكەن خانلىقىنىڭ پۇل ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان. شىنجاڭ پۇللىرى ناملىق كىتاپنىڭ كىرىش سۆزىدە: ‹‹شىمالىي سۇڭ دەۋرىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى، يۈەن دەۋرىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەكەن خانلىقى پىرىسلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ پۇل قۇيغان، پۇلغا ئەرەپ يېزىقى چۈشۈرۈلگەن››، دېيىلگەن. ‹‹بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇراسىم خاتىرىلىرى›› ناملىق خەنزۇچە كىتاپتا: يەكەن خانلىقىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش پۇلدىن باشقا يەنە شەكلى شاپتۇل مېغىزىغا ئوخشايدىغان، پىرىسلاش ئۇسۇلى بويىچە قۇيۇلغان قىزىل مىس پۇل ئوبروت قىلغانلىقى، بىر دانە قىزىل مىس پۇلنىڭ ‹‹پۇل›› دېيىلىدىغانلىقى، 50 پۇلنىڭ ‹‹بىر كۈمۈش پۇل›› بولىدىغانلىقى ۋە بىر سەر كۈمۈشكە باراۋەر بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. !,DA`Yt  
يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدا ئوبروت قىلىنغان كۈمۈش پۇللار ئىچىدە سۇلتان سەئىدخان تارقاتقان يۈرەك شەكىللىك كۈمۈش پۇل ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، پۇلنىڭ دىئامېتىرى 1.7 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ چۆرىسىگە ئارقان شەكىللىك چەمبەر بېرىلگەن. چەمبەر ئىچىگە چاغاتاي يېزىقىدا خەت چۈشۈرۈلگەن. يەكەن خانلىقىنىڭ پۇللىرىنى تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. clT[ ?8*  
بىرىنچى تۈرى: پۇلنىڭ بىر يۈزىگە گۈللۈك نەقىش، يەنە بىر يۈزىگە ئەرەپچە ‹‹قەشقەر›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. ئىككىنچى تۈرى: پۇل يۈزىگە گۈللۈك نەقىش ۋە ئەرەپچە خەت چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5.2-گىرام، ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ 6 گىرام، قېلىنلىقى ئۈچ مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئۈچىنچى تۈرى: پۇلنىڭ بىر يۈزىگە مۇكەممەل بولمىغان ئەرەپ يېزىقى، يەنە بىر يۈزىگە مۇكەممەل بولمىغان گۈللۈك نەقىش چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5.3 گىرام كېلىدۇ. بۇ تۈردىكى پۇل يەكەن خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە قۇيۇپ تارقىتىلغان دەپ قارالماقتا. تۆتىنچى تۈرى: بۇ خىل پۇلنىڭ ئېغىرلىقى 1.2 گىرامدىن 2.4 گىرامغىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 1.5 گىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ خىل پۇل پارچە پۇل بولۇپ، يەكەن خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە قۇيۇلغان قۇشۇمچە پۇل دەپ قارالماقتا. cw~-%%/  
يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئالتۇن قازمىچىلىقى ۋە ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقى، ئالتۇن ۋە مىس پۇل قۇيۇپ ئوبروت قىلىپ سودا-سېتىققا قولايلىق يارىتىلغانلىقى، بازارنىڭ ئاۋاد، سودا سېتىقنىڭ راۋان ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ باياشاد ئىكەنلىكى، شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-سەنئەتكە ماھىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 1=jwJv.^/  
پايدىلانغان ماتېرىياللار "!o|^nN,  
(1) تۇرسۇن پىداقۇلنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى›› 1995-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان يەكەن خانلىقى دەۋرىدىكى ئالتۇن قازمىچىلىقى ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار ناملىق ماقالىسى. ^QTkre  
(2) شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشر قىلغان ‹‹شىنجاڭنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋردىكى پۇل تارىخى›› ناملىق خەنزۇچە كىتاپ، 17-، 18-بەت. }pT>dbZ  
(3) ئەسەت سۇلايمان قۇتلۇق يازغان ‹‹يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار›› ناملىق كىتاپ 171-بەت. F:G Vysy  
ئاپتور: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا k=  .pcDX  
بۇ ئەسەرنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ ! 2,'%G\QT  

گۈلنىھال 2014-04-06 12:14
سىزگە ئامەت تىلەيمەن بوستان ئەپەندى . ئەسىرىڭىزنى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئوقۇشى ھەم بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشىنى سىز  شەرەپ ھېس قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى ، ئەپسۇس ... h1QrFPQnu  
W0 N*c*k  
رەنجىپسىز ( رۇخسەتسىز يوللاپسىز دەپچۇ ...)

ياسىنجان510 2014-04-06 13:55
ئەجداتلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىكەن ،تېمىڭىزنى ئالقىشلايمەن.رەھمەت.

مىېھرىما 2014-04-06 15:59
ياخشى تىما يوللاپسىز سىزگە ئامەت يار بولسۇن!

لاچىن 2014-04-06 19:04
   مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم. KJ;NcUq  
    تېمىدا- قول سانائەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن پۇل قويۇش ئىشلىرى بارلىققا كەلدى. - دەپ يېزىلىپتۇ. بىز يەكەن خانلىقى زامانىغىچە پۇل قۇيالمامدىكەنمىز؟ مەن تەتقىقاتچى ئەمەس. ئەمما بىر ئۇيغۇر. ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دەيدۇ. خوتەندىن مىستىن قۇيۇلغان  «ئات پۇل» يەنە بىرىلىرى «ما چەن» دەيدىغان پۇل تېپىلدى. تارىخى 3000 ئۈچ مىڭيىل. بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز پۇل چىقارغان ۋاقىتلاردا يەر شارىدا بەلكى باشقا مىللەتلەر پۇل چىقارغان ياكى چىقارمىغان. بۇ پۇلنىڭ 1996- يىلقى باھاسى 300 مىڭكويدىن باشلىناتتى. ھازىر بىلمەيمەن. ھازىر ئىزدېسەك قاراخانىلار خانىدانلىقىنىڭ پۇلىسىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. ئۇ دەۋىرگە 1000 يىلدىن ئاشتى. يەكەن خانلىقى دەۋرى تېخى يېقىنقى ئەھۋال. «قول سانائەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن پۇل قويۇش ئىشلىرى بارلىققا كەلدى.» دېگەنما گەپما؟ ھېي! بىز نېمە دېسە ئىشىنىۋىرىمىزما؟ "fX9bh^  
    بۇ پۇل تەتقىقاتى توغرىلىق سانجى باڭكا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن پىراپپىسورى (ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمەيمەن) مەمەت يۈسۈپ ئىسىملىك بىر پۇل تەتقىقاتچىسى بار. تىگى كەلپىنلىك بۇ كىشىنىڭ قولىدا بىزگە ئائىت نۇرغۇن پۇللار ۋە تارىخى بار. BARs1^pR4  
    ئەگەر پۇل تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغانلار بولسا بۇ كىشى بىلەن كۆرۈشىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەكبەرنىياز 2014-04-07 01:28
گۈلنىھالنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!! لاچىن قېرىندىشىمىزنىڭ دېگەنلىرىمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك !؟

گۈلنىھال 2014-04-07 11:27
لاچىن:   مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم.    تېمىدا- قول سانائەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن پۇل قويۇش ئىشلىرى بارلىققا كەلدى. - دەپ يېزىلىپ .. (2014-04-06 19:04)
XJ3 p<  
‏سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار ، ھەممىمىز مۇشۇنداق ئەستائىدىل بولغان بولساقچۇ - ھە !! MN.h,^b  
[K=M; $ iQ  
‏سىزگە رەھمەت !

bostan 2014-04-11 10:29
لاچىن:   مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم.    تېمىدا- قول سانائەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن پۇل قويۇش ئىشلىرى بارلىققا كەلدى. - دەپ يېزىلىپ .. (2014-04-06 19:04) 
9Wv}g"KY0  
تورداش لاچىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى چۇقۇم تەپسىلى ئوقۇڭ، ئاندىن ئۆزىڭىز يازغان ئىنكاسقا جاۋاپ چىقىدۇ. چۈنكى مەن ئاتايىن سىزگە جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن بۇ تورغا يېڭى ئەزا بولۇپ كىردىم. dSI 
***** RG.wu6Av  
يەكەن خانلىقى ــــ يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قوشنا ئەللەرنىڭ پۇللىرىنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. چۈنكى، يەكەن خانلىقىدا دەسلەپكى مەزگىللەردە توختىماي ئۇرۇش بولۇپ تۇرغاچقا مۇقىم زېمىنى بولمىغان ۋە ئۆزى پۇل قۇيمىغان. چۈنكى يەكەن خانلىقى بىلەن ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تىل-ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئادىتى يېقىن بولغاچقا قوشنا ئەللەرنىڭ پۇللىرىنى ئىشلىتىشنى قولايلىق كۆرگەن. 4D}hYk$eP0  
يەكەن خانلىقى 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن كېيىن ئىقتىسادى گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك، ئىشلەپچىقىرىش ۋە قول سانائىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. بولۇپمۇ، كانچىلىق (ئالتۇن قازمىچىلىقى) مېتال تاۋلاش، قۇيمىچىلىق سانائىتى ئالاھىدە راۋاجلانغان ھەمدە ئالتۇن، قاشتېشى، مىس، كۈمۈش، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇن رودىلىرىنى تاۋلاش ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. ئەينى زاماندا خانلىق تەۋەسىدە ئالتۇن كۈمۈشتىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش سەنئىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلگەن بولۇپ، قېزىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر كۆپ بولغاچقا، ئالتۇندىن نازۇك ۋە نەپىس زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ئېھتىياجى يېتەرلىك قاندۇرۇلغان. ئالتۇندىن ئاساسلىق ئالتۇن تاج (خان تاجىسى)، ئالتۇن زىرە، ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن بىلەيزۈك، ئالتۇن قاداق، ئالتۇن جىيەك، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن كەمەر)زەر بىلەن زىننەتلەنگەن تاسما)، ئالتۇن بىلەن قاپلانغان قامچا ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىگەر-جابدۇقلار ياسالغان. مەدەنىيەت ئىشلىرى كۈنسايىن گۈللەنگەنلىكتىن، كىتاپلارنىڭ مۇقاۋى ۋە بەتلىرىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىش ئىشلىرى ئەۋج ئالغان. ھەمدە نوپۇس كۆپىيىپ، جەمئىيەت مۇقىملىشىپ، قاتناش راۋان بولغانلىقتىن ھەرقايسى ساھەلەر ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار سودىسى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن يەكەن خانلىقى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مىس پۇل قۇيۇپ خانلىقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئوبروت قىلغان ۋە سۇلتان سەئىدخاننىڭ نامىدا، پىرىسلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئالتۇن پۇل قۇيدۇرۇپ كەڭ دائىرىدە ئوبروت قىلغان. سۇلتان سەئىدخان نامىدىكى ئالتۇن پۇللار كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن كەڭ-كۆلەمدە تېپىلغان.

bostan 2014-04-11 10:55
گۈلنىھال:‏سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار ، ەممىمىز مۇشۇنداق ئەستائىدىل بولغان بولساقچۇ - ھە !!‏‏سىزگە رەھمەت ! (2014-04-07 11:27) 
L9<\vJ  
تورداش گۈلنىھال يېڭى ئەزالىق سالاھىيىتىم بىلەن سىزگىمۇ جاۋاپ بىرىۋېتەي. v2I? 5?j  
***** l2kGFgc  
يەكەن خانلىقىدا دەسلەپكى مەزگىللەردە توختىماي ئۇرۇش بولۇپ تۇرغاچقا مۇقىم زېمىنى بولمىغان ۋە ئۆزى پۇل قۇيمىغان. چۈنكى يەكەن خانلىقى بىلەن ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تىل-ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئادىتى يېقىن بولغاچقا قوشنا ئەللەرنىڭ پۇللىرىنى ئىشلىتىشنى قولايلىق كۆرگەن. u>]3?ty`  
16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن كېيىن ئىقتىسادى گۈللىنىپ، كانچىلىق، مېتال تاۋلاش، قۇيمىچىلىق سانائىتى راۋاجلىنىپ ئالتۇن، قاشتېشى، مىس، كۈمۈش، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇن رودىلىرىنى تاۋلاش ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ۋە ئالتۇن-كۈمۈش زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش سەنئىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلىپ، قېزىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر كۆپ بولغاچقا، ئالتۇندىن نازۇك ۋە نەپىس زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ئېھتىياجى يېتەرلىك قاندۇرۇلغان. ئالتۇندىن ئالتۇن تاج، ئالتۇن زىرە، ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن بىلەيزۈك، ئالتۇن قاداق، ئالتۇن جىيەك، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن كەمەر(تاسما)، ئالتۇن بىلەن قاپلانغان قامچا، ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىگەر-جابدۇقلار ياسالغان. مەدەنىيەت ئىشلىرى كۈنسايىن گۈللەنگەنلىكتىن، كىتاپلارنىڭ مۇقاۋى ۋە بەتلىرىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىش ئىشلىرى ئەۋج ئالغان. نوپۇس كۆپىيىپ، جەمئىيەت مۇقىملىشىپ، قاتناش راۋان بولغانلىقتىن ھەرقايسى ساھەلەر ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار سودىسى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. T-#4hY`  
***** -r_,#LR!l  
گۈلنىھال، مانا ئەمدى سىزگە «نەق جاۋاپ»: x9AFN  
يۇقىرىقى  ئېھتىياج ۋە تەرەققىياتلارنىڭ تۈرتكىسىدە، يەكەن خانلىقى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مىس پۇل قۇيۇپ خانلىقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئوبروت قىلغان ۋە سۇلتان سەئىدخاننىڭ نامىدا، پىرىسلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئالتۇن پۇل قۇيدۇرۇپ كەڭ دائىرىدە ئوبروت قىلغان. .9J}Z^FD  
بىراق گۈلنىھال، سىز مەن يازغان بۇ ئەسەرنى رۇخسىتىمسىز يوللاپسىز ئەمەسمۇ؟ 71y{Dwya  

bostan 2014-04-11 11:18
bostan:تورداش گۈلنىھال يېڭى ئەزالىق سالاھىيىتىم بىلەن سىزگىمۇ جاۋاپ بىرىۋېتەي.*****يەكەن خانلىقىدا دەسلەپكى مەزگىللەردە توختىماي ئۇرۇش بولۇپ تۇرغ .. (2014-04-11 10:55) 
5v)^4( )  
ھە راست گۈلنىھال مەن سىزدىن بىر گەپنى سوراشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. YRlfU5  
سىز بۇ تىمىنىڭ مەنبىيى «مىراس ژورنىلى» دەپسىز، مەن بۇ ئەسەرنى مىراس ژورنىلىغا ئەۋەتكىلى 4-5 ئايدەك بولۇپ قالدى. بىراق ھازىرغىچە بۇ ئەسەرنىڭ مىراس ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغىنىنى ئۇخمىغانتىم، ھەم بۇ تىمامنى مىراس ژورنىلىدىمۇ كۆرمىگەنتىم.  `Eh>E,  
شۇڭا سىزنىڭ، بۇ تىمامنىڭ «مىراس ژورنىلى»غا بېسىلغانلىقىنى، ماڭا بۇ توردا خەۋەر قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. ~.W]x~X$  
سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەش بىلەن بىرگە، سىزدىن سوراپ باقسام: =y][j+WH  
بۇ تىما «مىراس ژورنىلى»نىڭ قانچىنچى سانىغا چىققاندۇ؟ سىزدىن شۇنى سورىماقچىدىم، ماڭا چۇقۇم جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز. سىزگە رەھمەت، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى. t(#9.b`W)  

bostan 2014-04-11 12:59
bostan:ھە راست گۈلنىھال مەن سىزدىن بىر گەپنى سوراشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.سىز بۇ تىمىنىڭ مەنبىيى «مىراس ژورنىلى» دەپسىز، مەن بۇ ئەسەرنى مىراس ژورنىلىغا .. (2014-04-11 11:18) 
{srP3ll P  
گۈلنىھال سىزگە دەيدىغان يەنە بىر گەپ ئېسىمگە كەپقالدى. ]DVr-f ~  
سىز «خاقانىيە تورى»دىكى گۈلنىھال شۇغۇ، مەن سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنى ئوقۇغان. تىمىلىرىڭىز ياخشىكەن. ?\o~P  
مەنمۇ خاقانىيە تورىنىڭ ئەزاسى، بىراق يېڭى ئەزا بولغاچقا «بوستان» نامىدا ئاران بىرنەچچە تىما يوللاپ باقتىم.

گۈلنىھال 2014-04-11 13:10
bostan:ھە راست گۈلنىھال مەن سىزدىن بىر گەپنى سوراشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.سىز بۇ تىمىنىڭ مەنبىيى «مىراس ژورنىلى» دەپسىز، مەن بۇ ئەسەرنى مىراس ژورنىلىغا .. (2014-04-11 11:18)
Gn2{C%  
بوستان ئەپەندى ياخشىمۇ سىز . ئەسىرىڭىز ياخشى بولغاچقا مەن يوللىغان . چۈنكى بۇ ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى بولغاچقا مۇشۇنداق نادىر تىمىلاردىن بىرلىكتە ھوزۇرلانساق دىگەندىن باشقا مەقسىتىم يوق ئىدى . NW[K/`-CTH  
,8 4|qI  
بۇ خاتالىق ، يەنى سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالماي يوللىغانلىق مەندە بار . بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن . :BPgDLL,  
مىراس ژورنىلى مەسىلىسىگە كەلسەك ، قولىڭىزغا تەگكەندە بىلىپ قالارسىز .

گۈلنىھال 2014-04-11 13:12
bostan:ھە راست گۈلنىھال مەن سىزدىن بىر گەپنى سوراشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.سىز بۇ تىمىنىڭ مەنبىيى «مىراس ژورنىلى» دەپسىز، مەن بۇ ئەسەرنى مىراس ژورنىلىغا .. (2014-04-11 11:18)
ft/k-64  
ئەگەر بۇ تىمىڭىزنىڭ تەۋپىق مۇنبىرىدە بولۇشىنى خالىمىسىڭىز  ، مەن ھازىرلا يوق قىلىمەن ... بۇ ئاسان ...

ozqan 2014-04-11 14:18
گۈلنىھال : بۇ تېمىنى كومپىيوتېردا ئۇرۇپ ، جاپا چېكىپ يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، بولمىسا ، بىزدەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتىمىز بەك قىس ئەھۋالدا ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇشىمىز تەسكەن ، سىزدەك تۆھپىكارلارنىڭ تاللاپ   كومپىيوتېردا  ئۇرۇپ ، تور بەتكە ئەۋەتكەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى ئۇسسۇزلۇقىمىز مەلۇم دەرىجىدە قېنىپ مېڭىۋاتىدۇ .   N-l`U(Z~P  
  مېنىڭچە  ، بوستان ئەپەندىنىڭ مەقسىتىمۇ ئۆزى يازغان ئەسەرنى كۆپچىلىك بىلەن يۈزلەشتۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى تارىخىي بىلىملەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرۇش بولسا كېرەك .  تورنىڭ ئىشتىراكچىلىرىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان زور قوشۇن ...   pS8\B  
بۇ ئەسەرنى روياپقا چىقارغان بوستان ئەپەندىنىڭ ئەجرىگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن . ھەم شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ : ئەسەرنىڭ ئوقۇرمىنىڭ كۆپ بولۇشى ھەم مۇنازىرە قوزغىشى ئەسلى بەكمۇ ياخشى ئەھۋال ...

bostan 2014-04-11 16:15
گۈلنىھال:بوستان ئەپەندى ياخشىمۇ سىز . ئەسىرىڭىز ياخشى بولغاچقا مەن يوللىغان . چۈنكى بۇ ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى بولغاچقا مۇشۇنداق نادىر تىمىلاردىن بىرلى .. (2014-04-11 13:12) 
4fL>Ou[YuX  
گۈلنىھال خانقىز، مېنىڭ ئەسىرىمنى بۇ مۇنبەرگە يوللىغىنىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. چۈنكى مەن بۇ تىمىنى «خاقانىيە تورى» غىمۇ ئۆزەم خالاپ يوللىغان ئىدىم. سىز خاقانىيە تورىنىڭ ئەزاسى بولغاچقا، بۇ تىمىنى شۇنىڭدىن ئەكەپسىز. بۇنى مەن چىكىت-پەشلىرىنىڭ... ئوخشاشلىقىغا قاراپ بىلىۋالدىم. o -x=/b  
مەن تور ئارلاۋېتىپ، خاقانىيە تورىدىكى «خاقانىيە» دېگەن ھەيۋەتلىك ئىسىمغا كۆزۈم چۈشۈپ، «خاقانىيە تورى ـــ ئىسمى-جىسمىغا خاس ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇپتىكى مىللىچە خاقانىيە بولسۇن» دەپ، خاقانىيە تورىغا يېڭى ئەزا بولۇپ، «يەكەن خانلىقىدىكى قەدىمكى پۇللار» دىگەن نادىر تېمامنى يوللاپ قويغان. بىراق خاقانىيە تورىدا بۇ تىمىغا قىزىقىدىغانلار كۆپ ئەمەستەك قىلىدۇ. O2Y1D`&5  
«ئەلدىن ئەلگە نەپ» دەپتىكەن، مەن بۇ تىمامنىڭ باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى، ھەم بۇ تىمامنىڭ باشقىلارنى «پايدىلىق ئۇچۇر-بىلىملەر» بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. /GP:W6:6z6  
مەن سىزگە «رۇخسىتىمسىز يوللاپسىز» دىيىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ ئەسىرىمنىڭ «مىراس ژورنىلى»نىڭ قانچىنچى سانىغا چىققانلىقىنى بىلىش مەقسىدىدە ئىنكاس يازغانتىم. بىراق سىزمۇ قانچىنچى سانىغا چىققىنىغا قارتا ئۇچۇر بەرمەپسىز. مىنىڭ ئاساسى مەقسىدىم شۇنى بىلىش ئۈچۈن ئىدى.

bostan 2014-04-11 17:12
گۈلنىھال خانقىز gr >>]C$  
«ئەگەر بۇ تىمىڭىزنىڭ تەۋپىق مۇنبىرىدە بولۇشىنى خالىمىسىڭىز  ، مەن ھازىرلا يوق قىلىمەن ... بۇ ئاسان ...» دىگىنىڭىزگە قارىغاندا، سىز تىمىنى يوقىتىۋېتەلەيدىغان «مۇشۇ مۇنبەرنىڭ خانقىزى ئوخشىمامسىز». M;X}v#l|XI  
مېنىڭچە بۇنداق كايىپ كىتىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوققۇ دەيمەن. ئاچچىقىڭىز يامان قىزكەنسىزغۇ، مەن ئاچچىقلانماي توغرا چۈشەنگەن يەردە سىزگە نىم بولدى ئەمدى. سىز سەۋىرچان بولۇشنى ئۆگۈنۈپ قويسىڭىز بولغىدەك جۇمۇ.

گۈلنىھال 2014-04-11 17:39
bostan:گۈلنىھال خانقىز «ئەگەر بۇ تىمىڭىزنىڭ تەۋپىق مۇنبىرىدە بولۇشىنى خالىمىسىڭىز  ، مەن ھازىرلا يوق قىلىمەن ... بۇ ئاسان ...» دىگىنىڭىزگە قارىغ .. (2014-04-11 17:12) 
K&>+ 
بولىدۇ ئەپەندى .  Oa/#2C~  
;7w4BJcq']  
سىز دىگەندەك تېخىمۇ سەۋرىچان بولۇشنى ئۈگىنەي . نەسھەتىڭىزگە رەھمەت .

گۈلنىھال 2014-04-11 19:50
bostan:گۈلنىھال خانقىز «ئەگەر بۇ تىمىڭىزنىڭ تەۋپىق مۇنبىرىدە بولۇشىنى خالىمىسىڭىز  ، مەن ھازىرلا يوق قىلىمەن ... بۇ ئاسان ...» دىگىنىڭىزگە قارىغ .. (2014-04-11 17:12) 
fs,]%g^  
مېنڭ ئەسىرىمىنى رۇخسەتسىزلا يوللاپسىز ئەمەسمۇ ؟ دەپ كايىپ ... B57MzIZi]  
پەش - چېكىتلىرىنڭمۇ ئۆزگەرمىگىنىدىن كۆچۈرگەنلىكىڭىزنى بىلۋالدىم ... دەپسىز ... v{c,>]@  
بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلماي . بىر ئەدەبىي ئەسەردە  پەش - چېكىتنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇردىغانلىقنى مەندىن  ياخشى چۈشىنىشىڭىز كېرەك ئىدى ،  پەش چېكىتلەر ئۆزگەرسە ، سۆز - جۈملىلەرنىڭ تۈس مەنىسى ... ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانسىز ... 3GVS-?  
‏ئوخشاش بىر ئەسەردە پەش - چېكىتلەرنىڭ ئوخشاش بولۇشى ئەلۋەتتە نورمال ئەھۋالدۇ ؟؟؟  توۋا ... ^ 
A-*y[/  
‏شۇنداق ، مەن مۇشۇ مۇنبەرنىڭ «خانقىزى » . KMll8X  
4];<` %  
بولدى ، ئەمدى ئارتۇق تالاشقۇم يوق ، ئەپۇ قىلىڭ ، تىمىڭىزنى ئۆچۈرۋەتتىم  .

bostan 2014-04-11 21:02
مېنىڭچە، بۇ تىمىنى ئۆچۈرۈشنىڭ ئۇنچە زۆرۈرىيىتى يوق، ھەم مېنىڭ سىزگە كايىغان يېرىم يوققۇ، بىراق ئۆچۈرۈۋېتىش سىزنىڭ قۇلىڭىزدىن كىلىدىكەن، بۇنىڭغا نىمە ئامال. مەن سىزگە بۇ تىمىنى ئۆچۈرۈشنى تەۋسىيە قىلغىنىم يوق. g)L< xN8  
تىمىنى يوق قىلىش پەقەت سىزنىڭ قارىشىڭىز بولسا كېرەك.

tawpek 2014-04-11 21:17
مەرھابا بوستان قىرىندىشىم، d\-v+'d*+  
F_.1^XM  
تەۋپىققە باسقان قەدەملىرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۆندۆم، k3CHv=U{  
!D |c2  
ئىجاد مىھنەتلىرڭىزنى تەۋپىقداشلاردىن ئايىمىغايسىز، f 
X 4CiVV  
مۇمكىن بولسا بىز تەۋپىقداشلارنى ئۇ نادىر تېمىڭىز بىلەن داۋاملىق بەھىرلەندۈرۈشنى توغرا كۆرسىڭىز ئۆز نامىڭىزدا ئىغىر كۆرمەي يوللىغان بولسىڭىز تەۋپىقداشلار ئالەمچە خۇش بولاتتۇق. sv)4e)1  
fLg :+Ue 
ئەسلى مۇنازىرە لاچىن قىرىندىشىمىز بىلەن بولغان بولسا تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولاركەنتۇق. e7r3o,!  
&$yDnSt\  
تەۋپىقتىكى بارچە دىللار ئورۇنسىز رەنجىشلەرنى تۈگىتىپ باشقىلارنىڭ ئىسىل جاۋاھىراتلىرىدىن مەنىۋىيەت دۇنياسىنى بىيىتقاچ ئۆزىنىڭ ئىسىل ئەجىرلىرىنىمۇ باشقىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشقا تەرەددۇت بولغاي. \ 0/m$V.  
JH._/I  
ئەگەر توغرا كۆرسىڭىز ئالاقىلىشايلى،  چ چ : 136257746

bostan 2014-04-11 21:47
tawpek:مەرھابا بوستان قىرىندىشىم، تەۋپىققە باسقان قەدەملىرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۆندۆم، ئىجاد مىھنەتلىرڭىزنى تەۋپىقداشلاردىن ئايىمىغايسىز، ....... (2014-04-11 21:17) 
|uI~}pSG  
مېنىڭ بۇ مۇنبەرگە كىرىشىم، لاچىن ياكى گۈلنىھال بىلەن مۇنازىرلىشىش، ۋە ياكى تالاش-تارتىش قىلىش، جىدەل تېرىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت گۈلنىھالنىڭ تىمامنىڭ ئاستىغا «مەنبىيى: مىراس ژورنىلى» دىگىنىنى كۈرۈپ، «بۇ تىما مىراس ژورنىلىنىڭ قانچىنچى سانىغا بېسىلىپتۇ» دەپ، گۈلنىھالنىڭ ئۇچۇر بىرىۋېتىشىنى كۈتكەن ئىدىم، چۈنكى مەن بۇ ئەسىرىمنىڭ مىراس ژورنىلىغا چىققىنىنى تېخى بىلمىگەنتىم. شۇڭا مەن گۈلنىھالدىن «قايسى سانغا چىقىپتۇ»، دەپ شۇنى سوراپ ئىنكاس يازغان بولساممۇ قىلچە كايىغىنىم يوق. بىراق كىم بىلسۇن، ئۇ قىز مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى چۈشەنمەي مەقسىدىمنى خاتا چۈشىنىپ تىمىنى ئۆچۈرىۋەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن مەن بۇ تىمىنى ئۆچۈرىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلغىنىم يوق.

tawpek 2014-04-11 22:04
كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمىز، مۇنبىرىمىزگە تېزىملاتقان ئەزالارنىڭ جۇغلانمىسىغا ئاساسەن ھوقوق بەلگىلەنگەن بولوپ ئۆز تېمىسىنى تەھرىرلەش ھوقوقىغا ئىگە ئەزالار گۇرپىسىنىڭ ئۇ ھوقوقىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكى بولغاچ مۇشۇنداق بولغان ئوخشايدۇ. dptfIBYc+  
WWC&-Ni  
شۇڭا ئىغىر كۆرمىسىڭىز سىز بىر يوللىغان بولسىڭىز تىخىمۇ كۆپ قىرىندىشىمىزنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇنساق دىمەكچىتىم.

قاراخان 2014-04-11 22:06
بولدى، ھەممەيلەن ئىناق ئۆتەيلى، ئۇيۇشقاق مىللەت بولايلى! ھەممىڭلارنىڭ كەڭ قورساق بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بوستان ئەپەندى، بولسا تەۋپىق دېگەندەك تىمىڭىزنى قايتا بىر قېتىم يوللاپ قويىڭە! شۇنداق قىلسىڭىز تولىمۇ خۇرسەن بولاتتىم.

tawpek 2014-04-11 22:16
مۇمكىن بولسا ئالاقىلىشايلى، ئەسەرلىرىڭىزنى تەۋپىق ئۈندىدار سۇپىمىز ئارقىلىق تىخىمۇ كۆپ قىرىنداشلىرىمىزغا سۇنساقكەن دىگەن ئۈمىتتىمەن.

bostan 2014-04-15 13:18
tawpek:مۇمكىن بولسا ئالاقىلىشايلى، ئەسەرلىرىڭىزنى تەۋپىق ئۈندىدار سۇپىمىز ئارقىلىق تىخىمۇ كۆپ قىرىنداشلىرىمىزغا سۇنساقكەن دىگەن ئۈمىتتىمەن. (2014-04-11 22:16) 
>P:U9 b  
تەۋپىق ئەپەندىم، كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم. بىراق بۇ ئەسىرىمنى ئۈندىدارغا سۇنماڭ، چۈنكى بۇ ئەسەر: يېقىندا نەشر قىلىنماقچى بولغان كىتاۋىمنىڭ ئىچىدىكى بىر تىما بولۇپ، بۇ تورغا يوللانغىنى مەزمۇنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ يېزىلغان بولغاچقا، مەزمۇنى بەك ئۇزۇن، ھەم ھازىرچە ئۈندىدارغا چىقىرىشنى ئويلاشمىدىم. شۇڭا بۇنى توغرا چۈشىنىڭ. 5#s],h  
مەن بۇ توردا يەكەن خانلىقىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بىرىش مەقسىدىدە، بۇ تىمىدىكى مەزمۇننى كىتاپتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ بېيىتىپ كەڭ دائىرىلىك قىلىپ تەسۋىرلىدىم. دىمەك بۇ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر ماتىريال ئىدى. بىراق ئۈندىدارغا چىقىرىشنى كىتاپ نەشر قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مەسلىھەتلىشەيلى.

لاچىن 2014-04-15 18:22
bostan:تورداش لاچىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى چۇقۇم تەپسىلى ئوقۇڭ، ئاندىن ئۆزىڭىز يازغان ئىنكاسقا جاۋاپ چىقىدۇ. چۈنكى مەن ئاتايىن سىزگە جاۋاپ بىرىش ئۈ .. (2014-04-11 10:29) 
n1JV)4Mv  
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم C'y2!Q /"  
    مەن ئىنكاسىمغا يازغان بولساممۇ سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن يېنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەن ئىنكاسىمدا، « مەن تەتقىقاتچى ئەمەس» دەپ يازغان ئىدىم. iR./9}Ze  
    ئەمدى ئەسلىدە سىز يازغان بۇ تارىخ قا كەلسەك، مەن تارىخچىمۇ، تەتقىقاتچىمۇ ئەمەس. ئەممما شۇنداق بولسىمۇ تارىققا ئاز- كۆپ قىزىقىپ قويىمەن. تەتقىقاتچى بوولمىساممۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەزى سەزگۈر يەرلەرگە ئۈزەمچە بەك ئەھمىيەت بىرىمەن. _yR_u+5  
    1- سەئىدىيە خانىدانلىقى باشتا باشقىلارتنىڭ پۇلىنى ئىشلەتتى دېگەن گەپ مېنىڭ ئەقلىمدىن ئۆتمەيدۇ. سەۋەپ: b=\chCRJJ  
    - ھەرقانداق بىر پادىشاھ ياكى ھۆكۈمراننىڭ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى ئۆز نامىدا ياكى ئۆز دۆلىتىنىڭ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ نامىدا پۇل چىقىرىش بولىدۇ. بۇ دېگەن كېيىن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. مەسىلەن خوجا نىياز ھاجىممۇ 1932- يىلى قەشقەر تەرەپكە كېتىۋىتىپ، ئاشۇنداق ئۇرۇش ئىچىدە بولسىمۇ كۇچا ۋە ئاقسۇلاردا مىستىن پۇل قۇيغان شارائىت يار بەرمىگەچكە ياغاچتىن قېلىپ ياساپ، ياغاچ قېلىپ بىلەن پۇل قۇيغان. بۇ پۇل ياغاچ قېلىپتا قۇيۇلغان بولغاچقا تەكشى قۇيۇلمايلا قالماستىن بەكلا سۈپەتسىز قۇيۇلغان. كېيىنچە كىشىلەر بۇ پۇلنى «قوتور تىيىن» دەپ ئاتىۋالغان. ئاقسۇ ۋە كۇچادا قۇيۇلغان بۇ پۇللارنىڭ باھاسى 90- يىللاردا ئۆلچەملىك قۇيۇلغان پۇللاردىن قىممەت ئىدى. شاڭگاڭلىق بىرسى پۇللارنى تۇنۇشتۇرۇپ يازغان بىر كىتاۋىدا بىزنى مەدىنىيەتسىز، قالاق... كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاشۇ قوتور تىيىننىڭ رەسىمىنى ئۇ كىتاۋىغا كىرگۈزۈپ ئاستىغا «مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلى» دېگەندەك خەتلەرنى يېزىپ قويغان. (تەپسىلاتىنى ئىنكاسىمدىكى مەمەت يۈسۈپ بىلىدۇ) iu*&Jz)D>  
    شۇڭا دېمەكچى بولغىنىم، خوجا نىياز ھاجىمدەك بىر ئادەم پۇلنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تۇلۇق چۈشىنىپ قىلچە سەل قارىمىغان يەردە سۇلتان سەئىدخاندەك بىر دۆلەت قۇرغان كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئىشلەتتى دېگەن گەپ يېزىلغان مەنبە، ئەسەر، تارىخ دېگەنلەرگە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. ئەمما سىزنىڭ چۈشەنچىڭىز ئۆزىڭىزگە. cN?/YkW?]  
    2- سىز يازغان تارىخىڭىزنىڭ بېشىدا، جۇ سالنامىسى،  خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دېگەندەك گەپلەر بار ئىكەن. تارىخ دېگەن مۇشۇنداق يېزىلامدا؟ دىيارىمىزدا  36 دۆلەت قۇرۇلغان يىل ياكى يىللارنى ئىشلەتسەك بولماسمۇ؟ باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى خىېلە ئوقۇپ باقتىم. ئەمما ئۇلار تارىخىنى تاڭ سۇلالە، پاڭ سۇلالە دەپ باشلىمايدىكەن. يىللارنى ئاساس قىلىدىكەن. مەن بىزنىڭ تارىخىمىزغا ھەرقانداق بانا ياكى سەۋەپ بىلەن ئاشۇنداق نەرسىلەر ئارلىشىپلا قالدى. پۈتۈن دىققىتىم بىلەن يېزىلغان ئۇ نەرسىدىن گۇمان قىلىمەن. dI%ho 
    3- بۇ بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ تارىخى بولغاچقا، گەرچە ئالىم ياكى تەتقىقاتچى بولمىساممۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. تارىخ دېگەن سەل قارىلىدىغان پەن ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ ئەزىلى ۋە ئەبەدىلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بىر پەن. تارىخ دېگننى ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئۆزى يېزىشى كېرەك. ئىنشا ئاللاھ بىزمۇ ئۆز تارىخىمىزنى باشقىلارنىڭ يالغان، ئويدۇرما، غەرەزلىك، مەقسەتلىك ۋە زەھەرلىك يازغان تارىخلىرىدىن ئايرىم ھالدا مۇستەقىل ئۆزىمىز يازىمىز. ئەنە شۇ يېزىلغان تارىخ بىزنىڭ تارىخىمىز بولىدۇ. بۇ تارىخ بىزدىن كېيىنكى نەسىللىرىمىزگە مىراس بولۇپ قالىدۇ. Sw"h!\c`  

مىېھرىما 2014-04-15 21:58
لاچىن  سىزنىڭ پىكرىڭىز ئورۇنلۇق مەنمۇ سىزنىڭ قارشىڭىزنى قوللايمەن . تارخقا چاخچاق قىلىشقا بولمايدۇ . بولۇپمۇ ھازىرقىدەك دەۋىردە ، بىز ئۇيغۇرلانىڭ تارخىنى بەكلا ئويلىنىپ يېزىش كېرەك دەپ ئويلايمەن .

bostan 2014-04-16 09:17
لاچىن:    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم    مەن ئىنكاسىمغا يازغان بولساممۇ سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن يېنە بىر قېتىم ئەس .. (2014-04-15 18:22) 
:*]#n  
تورداش لاچىن تېچلىقمۇ؟ سىز يازغان يۇقۇردىكى پىكرىڭىزگە تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. :fL7"\ pf~  
مەن 1980-يىللاردا پۇل تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد يۈسۈپ مۇئەللىم بىلەن بىللە ئىشلەپ، پۇل تەتقىقاتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان. مۇھەممەد يۈسۈپ مۇئەللىم نەشر قىلدۇرغان«شىنجاڭ تارىخىدىكى پۇللار» ناملىق كىتاپنى ئىشلەشكە مەنمۇ ھەمكارلاشقان. مەن ھازىرغىچە بولغان 30 يىل داۋامىدا، پۇل مۇئامىلە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا شىنجاڭ پۇللىرى تەتقىقاتى ئۈستىدە تولىمۇ ئەستايىدىل ئىزدەندىم. ئۆز خىراجىتىم بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ماتىريال توپلۇدۇم، تارىخچىلار ۋە يەرلىك مويسىپىتلار بىلەن ئۇچراشتىم. يەنكەن خانلىقىنىڭ پۇللىرى ھەققىدىمۇ كۆپ ئىزدەندىم. تەتقىقات نەتىجىلىرىم شىنجاڭدىكى نۇپۇزلۇق گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. پۇل تەتقىقات ماقالىلىرىمنى (يەكەن خانلىقىنىڭ پۇللىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) يېزىشتا جۇڭگوچە چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ تارىخ ئەسەرلىرىدىكى بايانلار، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارغا مۇراجەت قىلغان ئاساستا تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم. ھەرگىزمۇ بىر دەملىك قىزغىنلىق ۋە ھېسىياتقا بىرىلىپ ئۆزەم بىلگەنچە ئىش قىلغىنىم يوق. بۇ ماقالا پات ئارىدا نەشر قىلىنىدىغان «شىنجاڭدا ئوبروت قىلىنغان پۇللار» ناملىق كىتاۋىمدا بار. ئەگەر قىزىقسىڭىز بۇ كىتاۋىم نەشردىن چىققاندا ئۇقۇپ قۇيارسىز، شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ شىنجاڭ پۇللىرى تەتقىقاتىغا تۇتقان پوزىتسىيەمنى بىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

tursun 2014-04-16 10:04
تارىخى قىممىتى ۋە تەتقىق قىلىش ھەم ساقلاش قىممىتى يۇقۇرى تېمىدىن بىر نى يوللاپتىلا -o"b$[sf=Z  
مۇھەممەت تۇراپ.....بارىكاللا....بولسا شۇ پۇللارنىڭ رەسىملىرىنىمۇ كىرىشتۈرىۋەتكەن بولسىلا aBaiXv/*  
تىخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن...ئاپىرىن...!

bostan 2014-04-16 11:09
tursun:تارىخى قىممىتى ۋە تەتقىق قىلىش ھەم ساقلاش قىممىتى يۇقۇرى تېمىدىن بىر نى يوللاپتىلامۇھەممەت تۇراپ.....بارىكاللا....بولسا شۇ پۇللارنىڭ رەسىملىر .. (2014-04-16 10:04) 
i qxMTH#!  
پۇللارنىڭ رەسىمى يېقىندا نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان «شىنجاڭدا ئوبروت قىلىنغان پۇللار» دىگەن كىتاپقا چىقىدۇ، شۇڭا تورغا يوللىمىغانتىم.

bostan 2014-04-16 11:34
گۈلنىھال خانقىز، سىزدىن ئۈتۈندىغان بىر ئىش چىقىپ قالدى، بۇنى ئورۇنلاش مۇمكىن بۇلامدۇ بۇنى بىلمىدىم.   K5`*Y@  
مەن تۈنۈگۈن بۇ تورغا يوللىغان «يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان پۇللار» دىگەن تىمىنىڭ 4-ئابزاسى بىلەن 5-ئابزاسى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئارلىشىپ چاپلىنىپ قېلىپ، 4-ئابزاستىكى مەزمۇن چۈشىنىكسىز بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا مەن بۇ تىمىنى قايتا يوللاپ بەرسەم، تۈنۈگۈنكى  يوللىغىنىمنى يوقىتىپ، ئۈستىگە بۈگۈنكىنى چاپلاپ يېڭىلىلاشقا مۇمكىن بۇلامۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا قايتا يوللىۋېتەيمۇ؟ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.چۈنكى تۈنۈگۈن كومپىيوتىرىمنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ قېتىۋالغاچقا شۇنداق بولدىمىكىن. W58?t6! =  
y?r`[{L(lA  

گۈلنىھال 2014-04-16 11:40
bostan:گۈلنىھال خانقىز، سىزدىن ئۈتۈندىغان بىر ئىش چىقىپ قالدى، بۇنى ئورۇنلاش مۇمكىن بۇلامدۇ بۇنى بىلمىدىم.  مەن تۈنۈگۈن بۇ تورغا يوللىغان «يە .. (2014-04-16 11:34) 
7042?\\=  
قايتا يوللىمايسىز . ئۆزىڭىز مۇ شۇ تىمىڭىزنى ئېچىپ  ئاستىغا قارسىڭىز تەھرىرلەش دىگەن خەت بار . شۇ خەتنى باسسىڭىز تىمىڭىز كۆرىنىدۇ . ئالىي ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، ھەممىنى ئۆچۈرۈپ ، قايتا يوللىسىڭىز بولىدۇ . شۇ كۆزنەكنىڭ ئۆزىگە قايتا يوللايسىز .  ئايرىم تىما قىلىپ يوللىسىڭىز بولمايدۇ .

گۈلنىھال 2014-04-17 22:12
ئەكبەرنىياز:گۈلنىھالنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!! لاچىن قېرىندىشىمىزنىڭ دېگەنلىرىمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك !؟ (2014-04-07 01:28) 
3]9Rmx  
مەن يوللىغىنىمنى ‏ئۆچۈرۋەتتىم ئەكبەر مۇئەللىم .

ئابدۇمىجىت 2014-04-22 15:15
بۇ پۇللارنىڭ رەسىملىرى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.

رەيھان 2014-04-24 19:05
پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەنغۇ؟

aybarqin 2014-04-26 17:05
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر،بوستان مۇئەللىم.تەتقىقاتىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي !

پاراسەت 2014-04-29 17:05
ياسىنجان510:ئەجداتلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىكەن ،تېمىڭىزنى ئالقىشلايمەن.رەھمەت. (2014-04-06 13:55) 
~K3Lbd| r  
نېمىشقا مىڭ سۇلالىسىنىڭ پۇلىنى تارقاتمىغاندۇ؟

لاچىن 2014-04-29 18:15
bostan:تورداش لاچىن تېچلىقمۇ؟ سىز يازغان يۇقۇردىكى پىكرىڭىزگە تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەن 1980-يىللاردا پۇل تەتقىقاتچىسى مۇھە .. (2014-04-16 09:17) 
a-,*iK{_u  
    سىزنىڭ پوزىتسىيىڭىزنى مېنىڭ بىلىپ قېلىشىم مۇھىم ئەمەس. ئەگەر مەندىن سورىسىڭىز، ھەممىدىن بۇرۇن ھەر بىر ھەرىپكىچە دىققەت قىلىدىغان، ئادەم سىز. ئەسەر يا سىزنىڭ يازغىنىڭىزدەك چىقىشى كېرەك ياكى بولمايدىكەن بىر مەزگىل تۇرۇپ تۇرىشى كېرەك. 7lwI]/ZH*  
    مەمەت يۈسۈپنىڭ ئۇ ئىككى كىتاۋىغا ياردەملەشتىم دەپسىز. ئۇ كىتاپلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغان تەپسىلاتىنىمۇ چوقۇم ياخشى بىلىسىز. 2oahQ: }B  
    مەمەت يۈسۈپ ھازىر بارمۇ، ئەگەر بولسا مېنىڭ سالامىمنى ھىچ بولمىسا تېلىپۇندا بولسىمۇ يەتكۆزۈپ قويۇڭ. بەلكىم مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. مەن مەمەت يۈسۈپ شۇ كىتاپلىرى ئۈچۈن پۇل ئىزدەپ يۈرگەندە بىر قىسىم پۇللار بىلەن تەمىنلىگەن ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن تېخى كىچىك بالا ئىدىم. گەرچە مەن تەتقىقاتچى بولمىساممۇ، بۇ پۇللارنى مەندىن سىلە ياخشى ساقلىيالىغىدەكلا، ھەرگىزمۇ يوقۇتۇپ قويمىسلا دېگەن ئىدىم. كېيىنكى يىللاردا ئاڭلىسام مەن ئىشەنگەن پىراپپىسورىمىز مەمەت يۈسۈپ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازاردا دۇكان ئېچىپ، ئۇ پۇللارنى سېتىپتۇ. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ پوق يەۋالغاندەك بولغان ئىدىم. K*Ba;"Ugeg  
     مۇشۇ گەپنى دېسىڭىز ۋە باي ناھىيىسىدە دۇكان ئاچقان كۇچالىق ئىكەن دېسىڭىز، بەلكىم ئېسىگە ئالالىشى مۇمكىن. CXoiA"P  
    بىلمىسەممۇ ئاقساقاللىق قىلىپ دىلىڭىزنى رەنجىتىپ قويغان بولسام كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن. بۇ سىزنىڭ، مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، بىزنىڭ ئىشىمىز بولغاچقا ئويلىغانلىرىمنى يازدىم.

پاراسەت2 2014-06-20 16:14
مۇنازىرىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم.بىزدە ئىلىمخۇمارلار يەنىلا كۆپ.

قارار1 2014-07-19 17:45
پايدىلىنىش قىممىت زوركەن


查看完整版本: [-- [بوستان]: يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled